مەكتەپ مۇدىرى بولۇش شۇنچە ئاسانمۇ
(ھونساك)
يېزىمىزدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ مەكتەپكە مەكتەپ مۇدىرى بولۇش كويىدا يۈرگەنلەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا دەپ يۈرگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ھازىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ناھايىتى ئاسانمىش.ئۇلار مەكتەپ مۇدىرى بولسا يىغىنلارغا قاتنىشىپ،مەكتەپتە يىغىننى قاتۇرۇپ ئېچىپ،ئوقۇتقۇچىلارغا سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىپ،يۈرىكىنى مىجىپ كېچىككەن،خىزمەت تاشلىغان،ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىغانلاردىن پۇل تۇتۇپ ئوقۇتقۇچى دىگەننى يۈگۈرۈك بايتالدەك قىلىۋېتەرمىش.مەكتەپكە يۇقىرىدىن بېرىدىغان پۇل كۆپ بولغاچقا پۇلنى بولىشىغا خەجلەپ يىغىلىش،ئولتۇرۇشلارغا چىرايلىق خانىملارنى ئاپىرىپ باشلىقلار بىلەن‹‹چىقىشىۋالسا››بىر مەكتەپ دىگەننى چىمچىلقىدا باشقۇرارمىش...بۇ گەپلەر راست بولسۇن ياكى ئۆسەك سۆز بولسۇن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مەكتەپ،مەكتەپ مۇدىرى،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيتى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم.
لۇشۇن ئەپەندى‹‹دوراپ مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىق يېزا ئىتلىرىنىڭ بىر-بىرسىنى دوراپ ھاۋشىشىغا ئوخشاش›› دىگەن ئىكەن.دەرۋەقە يېزا ئىتلىرى يىراقتا قاۋىغان ئىتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇ ئىتنىڭ نىمە مەقسەتتە قاۋىغانلىقىنى بىلمەستىن مەقسەتسىز ھالدا قاۋاپ قويىشىدۇ.لىكىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇش يېزا ئىتلىرىنىڭ قاۋاپ قويغىنىغا ئوخشاش باشقىلارنى دوراپ مۇدىرلىق ئورنىغا ئىگە بولسىلا قىلغىنى بولىدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
دۆلىتىمىزنىڭ جۈملىدىن رايونىمىزنىڭ ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ سىياسى ،كەسپى ساپاسى ۋە باشقۇرۇش ساپاسىغا قويىلىدىغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ .بولۇپمۇ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن دەرىسلىكلەر يېڭىلىنىپ مەكتەپ تەلىم-تەربىيسى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىغا يېڭىچە ئىجادى مەزمۇنلار قوشۇلغاچقا بۇنداق ‹‹قاۋىغان ئىتنى دوراپ قاۋايدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى›› نۆۋەتتىكى رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا ھامان بىر كۈنى گېلىغا سۆڭەك تۇرۇپ قېلىپ قاۋىيالماس بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.مائارىپى ئەمدىلا تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان نامرات ريۇنلاردا‹‹ھوقۇق››ياكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن ئىككى-تۆت تال پۇلغا كۆز قىزارتىپ مەكتەپ مۇدىرى بولۇشنى تالىشىدىغانلار مەكتەپ ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەتەن،مىللەت،خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى تۈپتىن چۈشەنمەيدىغان ۋە ھېس قىلمايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ بۇنداق كىشىلەر مەكتەپتە بىر تۈركۈم ‹‹نوپۇس››نىلا يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ خالاس.
بىر مەكتەپكە مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىق قانداقتۇر بىر چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولغانلىق بولماستىن ئەكسىچە شۇ مەكتەپ جۈملىدىن شۇ يۇرت خەلقىنىڭ كەلگۈسىدىكى تارىخى تەقدىرىگە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىق بولىدۇ.ئەگەربۇنى ھوقۇق دېيىشكە توغرا كەلسە ھېچقانداق كەسىپتىكىلەرگە بېرىلمىگەن،پەقەت ئوقۇتقۇچىلارغىلا بېرىلگەن كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ھوقۇقى دەپ چۈشىنىش كېرەك.شۇنداق بولغان ئىكەن مەكتەپ مۇدىرىدا ھوقۇق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرەلەيدىغان مۇكەممەل ئىتىقاد ۋە ئەقىدە بولغاندىلا ئاندىن خەلقنىڭ تارىخى تەقدىرىگە مەسئۇل بولالايدۇ.بۇ خىل ئىتىقاد ۋە ئەقىدىنى بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولغان ھوقۇقپەرەسلىك،بۇيرۇقۋازلىق ۋە پۇلپەرەسلىك بىلەن تۇرغۇزغىنى بولمايدۇ. ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش،مىللىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئادىمىلىك مەكتەپ مۇدېرىنىڭ ۋىجدانىغا ئايلانغاندىلا ئۇلۇغۋار روھ ۋە ئىتىقاد ئاستىدىكى ئالغا ئىنتىلىش روھى مەكتەپكە ھەر مىنۇت جۇشقۇن ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ تۇرالايدۇ.مانا مۇشۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆزىدە مول بولغان بىلىم ساپاسى يىتىلدۈرۈشكە ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە قاتارلىق بىلىملەرنى پىششىق بىلىدۇ. ئۆتكۈر پىكىرلىك، نۇتۇقى راۋان،ئاممىۋى يىغىن ۋە تەتقىقات يىغىنلىرىدا مائارىپ ۋە مەكتىۋىنىڭ مائارىپى ھەققىدە مۇپەسسەل پىكىر ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدۇ.بايقاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ مەكتەپ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلغان ھالدا نۆۋەتتىكى مائارىپ ئىددىيسى،مائارىپ تەرەققىياتىنى رىئالنى تەھلىل قىلىپ ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى ئىقتىدارىغا قاراپ مۇناسىپ ئشقا قويۇشنى بىلىدۇ.‹‹مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئاساس، باشقا خىزمەتلەر ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ››دىگەن قاراشنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى بولالىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.مەكتەپ خىزمىتىدە ھەر ۋاقىت ئىزدىنىپ يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرىدۇ.مەكتەپنى تۈزۈملىرى مۇكەممەل،خىزمەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان،دەرس ۋاقتى زايا قىلىنمىغان،ئارخىپلار تولۇق ئىشلەنگەن،ھەممە ئادەم مەكتەپ مۇدېرى نېمە دېسە شەرتسىز بوي سۇنىدىغان،ئەمما ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسى تۆۋەن بولغان ‹‹باشقۇرۇش تىپىدىكى مەكتەپ››تىن ھەممە ئادەم يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان،مەكتەپتىكى جانسىز ۋە جانلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەمىمىسى يېڭىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان‹‹تەتقىقات تىپىدىكى مەكتەپ››بەرپا قىلالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مەكتەپنىڭ يۇرت ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى رېستۇرانلاردا ياكى باشقىلارغا خوشامەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەس ئەمەلى نەتىجىسى ئارقىلىق تىكلەيدۇ.
يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغىنى خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىدا يۇقۇردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئىددىيە ۋە كەسپى ساپا يىتەرسىز ئەھۋالدا يەنىلا ‹‹باشقۇرۇش تىپىدىكى مەكتەپ مۇدىرى›› بولۇپ ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ ھوكۈمدار ئورۇندا مەيدىسىنى كىرىپ ياشىغاچقا بەزى كىشىلەرگە بۇئىش ئىنتايىن ئاسان،ساۋادى بارلا ئادەم قىلالايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغان.مانا مۇشۇنداق‹‹قارا قورساق سەكە››لەرنىڭ كاساپىتىدىن بەزى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلار مەۋجۇت.21-ئەسىردىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئالتە يىل ئوقۇپ ساۋاتسىز قالغان ئوقۇغۇچى بار دىيىلسە بۇ خۇددى دەريا بويىدا سۇغا پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ قالغاندەك ئىش بولىدۇ. مانا بۇخىل ئۆلۈمدە ‹‹مەكتەپنى چىمچىلىقىدا باشقۇرىدىغان›› نوچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان جاۋاپكارلىقى بولىدۇ.
سىز مەيلى كىم بولۇڭ ھوقۇق ۋە پۇلىغا قارۇغۇلارچە قىزىقىپ مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولسىڭىزئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىپ مەكتەپكە،جەمىيەتكە،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزگە يۈزكېلەلمىگىدەك ئەھۋالدا بولسىڭىز بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈڭ.ئەگەر يېڭىدىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇش خىيالىدا بولغان بولسىڭىز بۇ خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ .ئۇنىڭدىن كۆرە سىزنىڭ بىرەر ئىدارىغا دەرۋازىۋەن بولغىنىڭىز تۈزۈك.چۈنكى دەرۋازىۋەنلىكنى دوراپ قىلغىلى بولىدۇ ،خۇددى كېچىدە قاۋىغان ئىتقا ئوخشاشلا...
شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى 2011-يىل 5-سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-19 10:51
|