كۆرۈش: 1860|ئىنكاس: 10

تىكلىگەن ئىگىلىكنى تۇتۇپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 18:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكلىگەن ئىگىلىكنى تۇتۇپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم
مۇھەممەدتۇرسۇن دولقۇن
ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى بارغانسىرى كۆپ خىللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم  كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق چىقىش يولى تاپماقچى ۋە تەرەققىي قىلماقچى بولۇشىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈنەرلىك ئىش. ئەمما، شۇنى بىلىش كىرەككى ئىگىلىك تىكلىمەك ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. بىراق تىكلىگەن ئىگىلىكنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇش ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. زادى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلار ئارىسدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە، ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان، سىتىراتىگىيلىك پىلان، سىستىمىلق تۈزۈم ۋە قائىدە، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ۋە سەمىمىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىقلارنىڭ ئەتراپلىق بولغان-بولمىغانلقىغا چېتىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ۋە يېڭىلا ئىش باشلىغان ياشلىرىمىز ئۈچۈن بىر قانچە تەكلىپلىرىمىزنى پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز.
                          نىشاننى بەلگىلەپ، ئاندىن ھەرىكەتلىنىڭ.
سىز ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى ئېنىق بىكىتىپ، بۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن ماس كىلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى دەڭسەپ، ئىشلىرىڭىزنىڭ قەدەم-باسقۇچىلىرىنى بىكىتىڭ. بەزىلەر مەلۇم بىر ئىش ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپلا، ياكى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ ئالدىراپ ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ ۋە باشلىۋىلىپ، يېرىم يولدا قالىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنى بايقاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ زادى قايسى كەسىپ ئارقىلىق ئىقتىساد يارىتالايدىغىنىڭىزنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىقتىساد يارىتشنى ھەم شۇ ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قىممەت يارىتىشنى بىلىڭ. نىشاننى بىكىتكەندىن كېيىن، بازار ئەھۋالى، تەمنلەش ۋە ئىھتىياج.. دېگەنلەرنى ئويلاشقان ئاساستا، ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان ۋە ئىستىراتىگىيەلىك تەدبىر تۈزۈپ چىقىڭ.  چۈنكى «پىلانسىزنىڭ ئاتقان ئوقى نىشانسىز».
                          ئۆزىڭىزنى توختىماي تەربىيلەپ تۇرۇڭ.
سىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشىڭىز ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىۋىرسال ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇشڭىز كىرەك.  سىز ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدا سىز تۇرۇۋاتقان يەردىكى شارائىت ۋە بازارنىلا ئەمەس، خەلقئارادا قانداق يېڭىلقلار بار، قانداق يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئىجادلار بارلىققا كىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى ۋە ئىھتىياجى قايسى يۆلىنىشتە كىتىۋاتىدۇ، ئىستىمالچىلارنى قانداق يىتەكلەش، مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلات سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تۇرۇشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىۋىرىسال قابىلىيىتىڭىز ۋە پەزىلىتىڭىز، تەدبىركارلىقىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ھۆرمىتىگە ئېرىشىشىڭىز كىرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتى ياكى ئەخلاق-پەزىلىتى ئېتىراپ قىلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. زەربىگە ئۇچرايدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ زەربە ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىشىمىز، يامان نىيەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپىنچە ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدار جەھەتتىكى بىقوۋۇللىقىمىزدىن بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار بىزنىڭ قانداق ئادەم بولغانلىقىمىز ياكى قىلغان ئىشىمىزنىڭ قانداقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئومۇمەن ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق بولالمىغانلىق سەۋەبتىندۇر.
                           قول ئاستىڭىزدىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ.
قول ئاستىڭىزدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى بايقاش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشقا سەھنە ھازىرلاش، ئۇلارغا سەمىمىي، خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم. سىزگە ئەڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى ھەرگىزمۇ بۇ مەندىن تۆۋەن ياكى قول ئاستىمدا ئىشلەيدۇ، بۇنى مەن بىقىۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇدا مۇئامىلىدە بولسىڭىزلا، مەغلۇبىيىتىڭىزنىڭ باشلانمىسى شۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇلار بولغاچقا سىز ئورنىڭىزدا تۇرالاۋاتىسىز، ئەگەر ياخشى مۇئامىلە ۋە ئادىل تەمىنات بىلەن ئۇنى تۇتۇپ قالالىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ كۈچىڭىز ۋە پۇت-قولىڭىز. شۇڭا، ئۇلارغا باراۋاەر، سەۋرىچان، مۇلايىم بولۇشنى بىلىش نىشانغا يىتىشكە پايدىلىق. شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا، ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى بىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. مېنىڭچە قابىللارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن كۆڭۈلنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. پۇل بىرىش بىلەن بىللە ئۇلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلغاندا سىزگە سادىقلىق بىلەن ئىشلەيدۇ. مانا بۇ  ئۈنۈملۈك باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچ.
                                 پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىگە دىققەت قىلىڭ.
شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى،  ئاكتىپ پوزىتسىيە ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ. سىز ئىگىلىك تىكلىگەن ئىكەنسىز ئوخشىمىغان ساھە ۋە ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىسىز. بۇ جەرياندا سىز ماھىر دىپلومات بولۇشىڭىز كىرەك. ھەمكارلىشىش ئۇتۇق قازىنىشىڭىزدىكى تېخىمۇ مۇھىم يول. بۇ جەرياندا سىزنىڭ پوزىتسىيەرىڭىز ۋە مۇئامىلىڭىز ھەمكارلىشىشقا ئىنتايىن تەسىر كۆسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا سىزنىڭ ئىزلارغا تۇتۇۋاتقان پوزتسىيەرىڭىز ھەممىدىن مۇھىم. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تۈرلۈك-تۈمەن قىلتاق، توزاقلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ھەر قانداق يەردە ئۆزى بىر ئىش قىلالمايدىغان، لىكىن ئىش قىلسىڭىز يولىڭىزغا پۇتلىشىۋالىدىغان، بىر بالداق ئۆرلىشىڭىزگىمۇ توسالغۇلۇق قىلىدىغانلار بار. يەنە خىلى بىر قىسىم كىشىلەر بار كۈچ بىلەن ئۈزۈپ كىتىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە، ھەتتا تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. يەنە بەزى ھەسەتخورلار باركى، ئۇلار سېنىڭ يول تېپىپ كېتىۋاتقىنىڭنى كۆرسە ئامال بار سىزنى پۇتلاپ، تەس كۈنگە قويىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ ئەنە شۇنداق نا ئەھلىلىك قىلىشىنى توسۇپ قالالمايمىز. بىراق تەلەپنى ئۆزىمىزگە قويۇپ، ئۇ ناكەسلەرنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز، ئىدىيە ئۆلچىمىمىزنى تۆۋەنلىتىپ قويماسلىقىمىز كىرەك. تېنىمسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ئاكتىپ كىشىلەرنىڭ پىشىنى تۇتۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە تەڭ ئىلگىرلەڭ.
                                              ھەمكارلىق غايەت زور كۈچ
كونىلاردا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن گەپ بار. دېمەككى ئېگىلىك تىكلەش يولىدا ھەمكارلىق مۇقەررەر مېڭىشقا تېگىشلىك يول. كىچىك مەنىدىن ئېيتقاندا سىز قول ئاستىڭىزدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىگىلىكىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىسىز. چوڭ مەنىدىن ئېيتقاندا. ئىگىلىك تىكلەش يولىدا باشقا كەسىپداش ياكى شىركەت-كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش بولىدۇ. ھەمكارلىشىش ئۆزىگە مەنپەئەت بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مەڭگۈ ئاقىلانە تاللاش. ھەمكارلىق ئادەمنى پايدا-مەنپەئەتكە، ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا قانداق ھەمكارلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قايسى يوسۇندا داۋام قىلىشنى بىلىش ئىگىلىكنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم باسىدىغان يول. شۇڭا ھەمكارلىقتا سەمىمىي ۋە ئادىل بولۇش، زىيادە شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىق تولىمۇ مۇھىم.  مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان بىرلىك يوق، ھەمكارلىق بىر خىل نەپ ئېلىش ئۇسۇلىدۇر. شەرت-شارائىتتا ئۆزگىرىش بولغاندا، بۇ خىل ئۇسۇلمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12035
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1304
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 21:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن، ئىگىلىك تىكلەش تىرىشچانلىققا ، ئىرادىگە باغلىق بولسا، تىكلىگەن ئىگىلىكنى تۇتۇپ تۇرۇش، ئەقىل پاراسەتكە باغلىق، ئۇنداقتا ، سىزنىڭچە قايسىسى مۇھىمكىن؟

UID
13836
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
259
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 00:55:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hanim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-16 21:55
مەن ئويلايمەن، ئىگىلىك تىكلەش تىرىشچانلىققا ، ئىرادىگ ...

سىزمۇ تازا بىر سوئال سورىدىڭىزدە؟ مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچمىز بىزدىن « بىلىم مۇھىممۇ-پۇل مۇھىممۇ؟» دېگەن سوئالىنى قويغان ئىدى؟
دەرسخانىدا پۇل-بىلىم توغرىسىدا مۇنازىرە بولغان ئىدى.
تورداشلار قېنى سىلەرنىڭ كۆز-قارشىڭلارنى ئاڭلاپ باققۇم بار؟
زادى  بىلىم مۇھىممۇ - پۇل مۇھىممۇ؟

باھا سۆز

shadbag  مەنچە بىلىم بولوش بىلەن بىرگە پۇل ھەممىدىن موھىم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 04:51:32

UID
12035
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1304
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 14:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىسى مۇھىم، بىلىم بولمىسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، پۇل خەجلەش ئۈچۈنمۇ بىلىم كىرەك، پۇل بولمىسا بىلىم ئېلىش تەس بولۇپ قالدى، بۇ مېنىڭ قارىشىم.

UID
20051
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 15:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە پۇل مۇھىم.ھازىر قى جەميەتتە ،پۇل بولمىسا ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ.ئۇقۇش ئۈچۈنمۇ پۇل بولمىسا بولمايدۇ............

UID
24469
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 23:09:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنداق گەپ ئاڭلىغان ... بىز پۇلنى قەلبىمىزدە ئەمەس ، قولىمىزدا تۇتىشىمىز كېرەك !! پۇلغا توغرا مۇئامىلە قىلىش لازىم....

باھا سۆز

shadbag  مەن سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزدىن بەك رازى بولدۇم  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 04:52:43

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 23:34:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىلىم  مۇھىم  ،بىلىم بولعاندا پۇل   ئوزى كىلىدۇ ، پۇل بۇلۇپ  بىلىم بولمىسا پۇلنى تۇتۇپ تۇرعىلىمۇ بولمايدۇ .  بىر پۇلدار مىنى  شىرىكلىشىپ ،ئاكسىيەگە  مەبلەع سالساق ، ئوزىنىڭ 10مىلىيون مەبلەع سالىدىعانلىقىنى ، پايدا -زىيانعا 2--8ئولۇش بۇيىچە ئىگە  بۇلىدىعانلىقنى ئىيتقان ئىدى .  دىمەك  بىلىم بىلەن پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ ،  پۇل بىلەن ماھارەت ئىگىلىگىلى بولعان بىلەن  بىلىم تاپماق  ئاسان ئەمەس .

UID
29837
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 18:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توغرا،بىرئىشنى باشلاش ئاسان لېكىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرماق قىيىن!

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 19:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن. لىكىن بەكلا ئابىستىراكىت بولۇپ قاپتۇ، ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرغا قويغان بولسا تېخىمۇ ياخىشى بولغان بولاتتى. مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ دىيارىمىزدىكى بىر  داڭلىق كارخانچىنى  ئېسىمگە ئالدىم.

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 16:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
intizar786 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-17 00:55
سىزمۇ تازا بىر سوئال سورىدىڭىزدە؟ مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇ ...

   مېنڭچە بۇنداق سېلىشتۇرۇش ئاقىلانىلىق ئەمەس ، مەيلى كىم ئۈچۈن بولسۇن پۇلمۇ مۇھىم ، بىلىممۇ مۇھىم . بۇ قانداقتۇر بىلىم ئۈچۈن پۇلدىن ۋاز كېچىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىدىغان دەۋر ئەمەس . ئەكسىچە ھازىرقى دەۋردە پۇل بىزنى ياخشى ئۈگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . باشلانغۇچ مەكتىپ ئىككىجى يىللىقىدا « تۆگە بىلەن ئۆچكە » دىگەن  بىر دەرس بولىدىغان ، شۇنىڭدا تۆگە بىلەن ئۆچكە  « زادى پاكار بولغان ياخشىمۇ ، ئىگىزمۇ ؟ » دىگەن مەسىلىنى تالىشىپ قالىدىغان ، بۇ خۇددى شۇنىڭدەكلا گەپ بولىدۇ شۇ ........

باھا سۆز

gulqi.  راست دەيسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 16:48:48
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش