كۆرۈش: 3984|ئىنكاس: 10

ئەھمەد كامال ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13497
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
387
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 20:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتىكى ئوقۇتقۇچىسى-تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال ھەققىدەرائىلە ئابدۇۋاھىد قەشقەرى[1]

قىسقىچە مەزمۇنى: مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوقۇرمەنلەرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتىكى تۈركىيەلىك ئوقۇتقۇچىسى ئەھمەد كامال ھەققىدىمۇ مەلۇماتلارغا ئىگە قىلدى. ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى ماتېرىياللاردا ئەھمەد كامال بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تولىمۇ يىتەرسىز ياكى بەزىلىرى توغرا ئەمەس. بىز بۇ ماقالىدە ئەھمەد كامالنىڭ ئوز قەلىمى بىلەن يازغان 9 كىتابى ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3 كىتابى ھەمدە ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى بايان قىلغان 1 كىتابىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى، ھايات ھىكايىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايۇنى ۋە چىن چېگىرىسى ئىچىدە تۇرغان 7 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كۆرگەن بىلگەنلىرىدىن ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولىدىغان بەزى قىسىملىرىنى، كىچىك تېمىلارغا بۆلۈپ بايان قىلىمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى، ئەھمەد كامال، ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى

مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرمىگە قامالغان ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ 1937- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى سەھەردە ياۋاغ تۈرمىسىدە مەۋلانوپ ۋە قادىر ھاجىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئوت قويۇلۇپ كويدۇرىۋېتىلىش ۋەقەسى[2] ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەر ئىچىدە خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن بىلىنگەنلىرىدىن پەقەت بىرى ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن قۇربان بولۇپ ئارىدىن 46 يىل ئوتكەندىن كېيىن، يەنى 1981- يىلى تۇنجى قېتىم «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 3- سانىدا بېسىلغان مىرئەخمەد سېيىتنىڭ «شائىر تەۋپىق»[3] ئىسىملىك ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى. بۇ ماقالىنىڭ ئىلان قىلىنىشىدىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتى ۋە مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلار مەيدانغا چىقتى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى بىر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى[4]. شېئىرلىرىمۇ ئايرىم بىر توپلام قىلىپ نەشىر قىلىندى[5]. مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوقۇرمەنلەرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىش ئىزلىرى، دەۋرىنىڭ سىياسى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇ دەۋرنىڭ مىللىي مائارىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، ۋاقتىنى، جۇملىدىن ياشلىقىنىڭ يەتتە يىلغا يېقىن قىسمىنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان تۈركىيەلىك ئوقۇتقۇچى ئەھمەد كامال ھەققىدىمۇ مەلۇماتلارغا ئىگە قىلدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى، ۋەتىنىمىزدىكى ماتېرياللاردا ئەھمەد كامال بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تولىمۇ يېتەرسىز ياكى بەزىلىرى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئەھمەد كامال ھەققىدە ئۇنىڭ «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى»دە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى، كېيىن يېڭى مەكتەپلەرنىڭ دۈشمىنى بولغان ئومەر باي، ئاخۇنباي قاتارلىقلارنىڭ قوتراتقۇلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيەگە قايتۇرۇلماقچى بولىۋاتقاندا، ئاتۇش تېجەنلىك تەرەققىپەرۋەر سودىگەر قۇناجىم (قۇربان ھاجىم)نىڭ تېجەندىكى ئاق مەيدانغا ئۈچ سىنىپلىق بىر مەكتەپ سالدۇرغانلىقى ۋە بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغانلىقى بىلىنمەكتە[6]. يەنە بەزىلەر باھاۋۇدۇن باينىڭ ئوز تەسىر كۈچىدىن پايدىلىپ، ئەھمەد كامالنى ياڭ زىڭ شىڭنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشىگە ياردەم قىلغان، دەپ يازغان[7]. بۇ ماتېرىياللاردا ئەھمەد كامالنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، بېشىدىن ئوتكۇزگەن قىيىن كۈنلەر، تۈركىيەگە قانداق قايتقانلىقى توغرىلىق تەپسىلى ئۇچۇر يوق. بەزى ئۇچۇرلار توغرا ئەمەس. چۈنكى ئەھمەد كامال ئاتۇشقا 1914- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى يېتىپ كەلگەن. ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ ئاتۇشقا كەلگەن ۋاقتى 1907- يىلى دەپ بىلىنىدۇ[8]. «ئۆمۈر داستانى»دا «تۈركىيەدىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش مەكتىپى ئېچىش ئىككى قېتىم بولغان. بىرىنجى قېتىملىقى 1880- يىللىرى، يەنە بىر قېتىملىقى 1910- يىلى ئېچىلغان» دەپ يېزىلغان[9]. بۇ مەزمۇنلاردىن ئەھمەد كامالنىڭ 1910- يىلى ئاتۇشقا كەلگەنلىكىنى چۈشۈنۈشمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، مەرھۇم تارىخچى ۋە يازغۇچى خېۋىر تومۇر ئەپەندى «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئەسىرىدە: «…قەشقەرنىڭ دوتىيى خاتىرجەم بولالماي ئەھمەد كامال ئەپەندىنى قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ئىبەرتىپ بەرگەن»[10]، دەپ يازغان. ئەسلىدە ئەھمەد كامال ئۈرۈمچىگە چېرىكلەرنىڭ نازارىتىدە ئاتقا مىنىپ بارغان.
ئەھمەد كامال ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مائارىپ ئىسلاھاتىدا مەلۇم دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان كىشىدۇر. سەيپىدىن ئەزىزى: «1934-1935 يىللىرى ئاتۇشتا مۇھەممەت ئېلى ئەپەندى (تەۋپىق) دىگەن ئادەم باشچىلىقىدا ئىككىنجى قېتىملىق چوڭ مائارىپ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇتۇقى، بىرىنجىسىنىڭكىدىن چوڭ بولدى. لېكىن شۇ بىرىنجىسى بولغىنى ئۈچۈن، شۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئىككىنجىسى بولالىدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئاشۇ بىرىنجى قېتىملىق مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى ئالغان ياكى تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەملەر ئىدى.»، دەپ يازغان[11]. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بىرىنجى قېتىملىق مائارىپ ھەرىكىتى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان مائارىپ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئەھمەد كامالنىڭمۇ بولغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقى، [12]ئەھمەد كامالنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئىسلاھاتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەھمەد كامالنىڭ ئاتۇشقا كېلىشى، ئۇنىڭ تاللىشى ياكى قارارى بولماستىن بەلكى تۈركىيە زىيالىلىرىدىن زىيا گۆكئالپ ۋە تەلەت پاشا(گېنېرال)نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئىدى. بىراق ئەھمەد كامال ۋەتىنىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش جەريانىدا پەقەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قىلغان خىزمەتلىرىگە سىڭدۇرگەن ئەجرى، كەسپىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە ھۆرمىتى، ئېسىل ئەخلاق پەزىلىيىتى، قابىلىيىتى ئارقىلىق ياشلارغا ئۈلگە بولغان، ۋەتەنسۆيەر زىيالىلارنىڭ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ ۋە ئىلىمگە تەشنا بالىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.
ئەھمەد كامال ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى تارتقان. بۇ تەپسىلاتلارنىڭ بىلىنىشى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ۋە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈچۈن ھاياتىنى پېدا قىلىشتىن قورقمىغان بىر تۈركنىڭ قەلىمىدىن چۈشۈنىشىمىز نوقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەھمەد كامالنىڭ ۋەتىنىمىزگە كېلىشتىن بۇرۇن ۋە تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدىن جەمىئى 9 كىتاپ نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاپلار ھازىر تۈركىيەدە ساقلىنىۋاتىدۇ. ئوسمان تۈرك دۆلىتى دەۋىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوسمانلىچە (كونا ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا) يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ بەزىلىرىنى باشقىلار ھازىرقى تۈركىيە تۇركچىسىگە (لاتىن يېزىقىغا) ئايلاندۇرۇپ نەشىر قىلدۇرغان. ئەھمەد كامالنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە 3 كىتاپ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتۇش، قەشقەر، كۇچا، ئۇرۇمچى ۋە شاڭخەيدە تۇرغان مەزگىللىرى ۋە بۇ شەھەرلەر ئارىسىدىكى سەپىرىدىن تارتىپ ئستانبۇلغا كېلىشىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 7 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كىتاب، ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى ھاياتىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان.
بىز بۇ ماقالىدە ئەھمەد كامالنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان 9 كىتابى ئىچىدە مۇشۇ 4 كىتاپتىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى، ھايات ھىكايىسىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ 7 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كۆرگەن- بىلگەنلىرىدىن ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولىدىغان بەزى قىسىملىرىنى كىچىك تېمىلارغا بۆلۈپ بايان قىلىمىز.

1.ئەھمەد كامالنىڭ ئەسەرلىرى

ئەھمەد كامالنىڭ ئەسەرلىرى ۋە بۇ ئەسەرلەرنىڭ تۈركىيەدىكى قايسى كۈتۈپخانىلاردا ساقلىنىۋاتلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مۇنداق:
1) «مۇفاسسال مەئىس جەزىرەسىنىڭ تارىخى»، رودوس، 1327 (مىلادىيە 1911)، ئاپوللون مەتبەئەسى، 26 بەت. ئوسمانلىچە (ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا)؛
بۇ ئەسەر، ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى، ئادنان ئۆتۈكەن كۈتۈپخانىسى، سەيفەتتىن ئۆزئەگە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
2)«مىللىي قىرائەت»، ئىستانبۇل، 1331 ( مىلادى 1915)، ئىسلامىي كىتاپخانا، 77 بەت. ئوسمانلىچە؛
بۇ ئەسەر، مىللىي كۈتۈپخانا ۋە ئادنان ئۆتۈكەن كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
3)«ئۆچلۈك تۇيغۇلىرى»، ئىستانبۇل، 1331 (1915)، مەھمۇد ئەپەندى مەتبەئەسى، 16 بەت. ئوسمانلىچە؛
بۇ ئەسەر، ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى، سەيفەتتىن ئۆزئەگە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
4) «ۋەتەن بالىلىرىغا ئەللەي ناخشىسى»، ئىستانبۇل، 1331 (1915)، 16 بەت. ئوسمانلىچە؛
بۇ ئەسەر، ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
5)«ئىسپوراد ئاراللىرى ۋە قىسقىچە تارىخى»، نەشىر قىلغۇچى: ئارىف ھىكمەت، 1331 (1915)، 55 بەت، ئوسمانلىچە، سەيفەتتىن ئۆزئەگە، فاتىھ مىللەت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى كۇتۇپخانىسى ۋە ئاتاتۈرك كىتاپلىقىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
بۇ ئەسەرنى دوكتور جامالەتتىن تاشقىران لاتىن يېزىقى بىلەن تەييارلاپ، ئەسلى نۇسخىسى بىلەن بىللە 1996- يىلى ئەنقەرەدە، ھەربىي ئىشلار باش قۇماندانلىقى نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان.
6)«چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى»[13]، ئىزمىر، 1341 (1925) مەرىپەت مەتبەئەسى، 236 بەت، ئوسمانلىچە
بۇ ئەسەر 1920-يىلى يېزىلغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ھەجمى ئەڭ چوڭ ئەسىرىدۇر. بۇ ئەسەردە، يازغۇچىنىڭ قەشقەردىكى يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى بايان قىلىنىپلا قالماستىن يەنە قەشقەرنىڭ، كۇچارنىڭ، ئۇرۇمچىنىڭ ئەنئەنىلىرى، ئۆرپ ئادەتلىرى، جۇغراپىيىسى، تارىخى ھەققىدىمۇ مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن.
بىرىنجى شەخىسنىڭ ئاغزىدىن بايان قىلىنغان بۇ ئەسەرنى، نەجدەت ئۆكلەم «70 يىل ئەۋۋەلقى چىن تۇركىستانى- ئەھمەد كامالنىڭ خەتەرگە يولۇققان چاغلىرى» دېگەن نام بىلەن، ئۇچىنجى شەخىسنىڭ ئاغزىدىن بايان قىلىنغان ئەسەرگە ئۆزگەرتىپ، بەزى يەرلىرىنى قىسقارتىپ، 1984- يىلى ئىزمىردە 131 بەت قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ن. ئەھمەت ئۆزئالپ، 1996- يىلى 10- ئايدا ئىستانبۇلدىكى كىتابخانا نەشرىياتىدا لاتىن يېزىقى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان. ن ئەھمەت ئۆزئالپنىڭ ھازىرلىغان لاتىنچە نۇسخىسى ئىستانبۇل بەيازىت كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
7)«شاڭخەي خاتىرلىرى»، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، قەدەر نەشرىياتى، 116 بەت
بۇ كىتاپتا 15 پارچە رەسىم بار. ئەھمەد كامالنىڭ شاڭخەيدىكى ھاياتى ۋە ئىستانبۇلغا كەلگىچە بولغان سەپەر سەرگۇزەشتىسى بايان قىلىنغان. شاڭخەيدىكى ياپونلار ۋە تۇڭگانلارغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ 5-45 بەتلىرىدىن باشقا مەزمۇنلار، 1955 – يىلى نەشىر قىلىنغان «تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر» ماۋزۇلۇق كىتابىغا كىرگۇزۇلگەن.
«تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر»، زارىف ئىش مەتبەئەسى، ئستانبۇل، 1955 – يىلى ، 236 بەت
بۇ ئەسەردە بىر خەرىتە، 24 پارچە رەسىم بار.
9)« بىر يىتىم بالىنىڭ ھاياتى»، ئىستانبۇل، 1962، ھاملە مەتبەئەسى، 40 بەت.
بۇ ئەسەر 1912-يىلى يېزىلغان بولۇپ، يېرىم ئەسىردىن كېيىن نەشىر قىلىنغان. شۇڭا بۇ ئەسەر سايىسىدە ئەھمەد كامالنىڭ بالىلىق، ياشلىق دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلەلىدۇق. شاڭخەيدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان ماتېرىيال بولمىغاچقا، ۋاپاتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەپسىلاتلارنى بىلەلمىدۇق.
دوكتور ئەھمەت گېدىكلى، «چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى» ۋە «شاڭخەي خاتىرىلىرى» ناملىق ئىككى كىتاپنى لاتىن يېزىقى بىلەن بىر كىتاپ قىلىپ تەييارلاپ، 1997 – يىلى ئستانبۇلدا ئۆتۈكەن نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتاپقا يەنە «تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر» ناملىق كىتاپنىڭ مەزمۇنلىرى ئىچىدىن، ئالدىنقى ئىككى كىتاپقا كىرگۈزۈلمىگەن قىسىملارمۇ قوشۇلغان. ئەھمەد كامالنىڭ كىتاپلىرىنى قايتا نەشىر قىلدۇرغانلارنىڭ ئىچىدە دوكتور يۈسۈپ گېدىكلىنىڭ ئەمگىكى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان. چۈنكى گېدىكلى ھازىر قوللىنىلمايدىغان ياكى كۆپ قوللىنىلمايدىغان ئوسمانلىچە سۆزلەر (ئوسمانلىچىدە قوللىنىلغان ئەرەپچە ۋە پارىسچە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى)نى ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىدىكى قوللىنىلىش شەكلىگە ئۆرۈپ، تىرناق ئىچىدە بەرگەن. يىل، ئاي، كۈنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئېنىق بولمىغان يەرلەرگە چۈشەندۈرۈش بەرگەن. بەزى سۆزلەر، شەخىس ئىسىملىرى، يەر جاي ناملىرى، ۋەقەلەر توغرىسىدىمۇ قوشۇمچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
بۇلاردىن باشقا، ئەھمەد كامال ئاتۇشتا شىپىگراف بىلەن «ئۇلۇغ دىن رىسالىسى» ماۋزۇلۇق كىتابىنى باسقان. «نادان دادا، قاتىل ئوغۇل» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنمىغان، ئەمما ئوقۇغۇچىلىرى سەھنىدە ئورۇنلىغان. ئۇرۇمچىدە 2 يىل زىنداندا ياتقان ۋاقىتىدا، 6 ئاي داۋاملاشقان «يېڭى ھايات» ناملىق گېزىت چىقارغان. تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 2 ماقالىسى «تۈرك مەدەنىيىتى» ناملىق ژورنال (1964- يىل، 5- ئايلىق، 19- سان ۋە 1968- يىل 9- ئايلىق 71- سانى)دا بېسىلغان. بۇ ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى، نەشىر قىلىنغان كىتاپلىرىدىكىنىڭ تەكرارىدۇر.

2.ئۇيغۇرلار ۋە چىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى
ئەھمەد كامالنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە 3 كىتاب ئۇيغۇرلار ۋە چىن بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزى جايلىرى كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە، بەزى جايلىرى ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، ئوسمانلىچە سۆزلەر ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلگەن. ئەسلىدە بۇ ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان ۋاقىتتا، تۈركىيەدە تىلنى ئاددىلاشتۈرۈش ئېقىمى خېلى كۈچەيگەن بولۇپ، يازغۇچىلار ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلەرنىڭ ئورنىغا تۈركچە سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما ئەھمەد كامال چەتئەلدە (ئۇيغۇر دىيارى ۋە چىندە) بولغاچقا ئەسەرلىرىدە ئەرەپچە، پارىسچە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەن، بۇ ئەھۋال ئەسەرنىڭ تىلىنىڭ ئېغىر بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1955 – يىلى نەشىر قىلىنغان «تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر» ناملىق ئەسىرى، باشقا ئىككى ئەسىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولغاچقا، نەشىر قىلىنىش ۋاقتى خېلى كېيىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەسەردىمۇ ناھايىتى كۆپ ئوسمانلىچە سۆزلەر بار.
1. ئوخشاش بىر سۆزنى پەرقلىق يەردە ياكى پەرقلىق كىتاپتا، پەرقلىق ھەرپ بىلەن يازغان. مەسىلەن: دوتەي/توتەي، كاردەش/كارداش، ئۇرۇمچى/ ئۇرىمچى/ئۈرۈمچى
2. ئوسمانلىچىدە ك، گ تاۋۇشلىرى كەف (ك) بىلەن يېزىلغاچقا، لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىنكى نەشىرلىرىدە «كۇچار»نى «گۇچار» شەكلىدە يازغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. يەنە ئوسمانلىچەدە بىر تاۋۇشنى 2 قېتىم تەلەپپۇز قىلىش ئۈچۈن، ئۇ تاۋۇشنىڭ ئۈستىگە شەددە ( ّ) ئىشارىتى قويىلىشى كېرەك. ئەھمەد كامال بۇ ئىشارەتلەرنى ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى قويمىغاچقا، كېيىنكى نەشرىدە داموللام، كىتابىنىڭ ھەممە يېرىدە داملام (ن. ئەھمەت ئۆزئالپ) دەپ يېزىلغان. «ئايكۆل» بولسا «ئايگۆل» دەپ يېزىلغان. ئې ۋە ئى تاۋۇشلىرى يە (ى) بىلەن ئىپادىلەنگەچكە «مىڭو» دەپ ئوقۇشى كېرەك بولغان سۆز «مېڭو» دەپ ئوقۇلغان ۋە مۇشۇنداق يېزىلغان. بۇ ئەھۋال قايتا نەشىر قىلغانلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزدەنمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ۋە چىن ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ تازا چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئۇيغۇرلار بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىنى يازغاندا، سۆزلەرنى تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن ئىپادىلىمەستىن، ئۇيغۇرچە قانداق ئىشلىتىلگەن بولسا شۇ پېتى يازغان. مەسىلەن: خوش ئەمىسە، بىزدىن رازى بولسىلا، تىچ ئامان قايتىپ كىلەسىز. ئۇيغۇرچە ماقال تەمسىللەرنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن: «بازاردا مىڭ كىشى كۆڭۈلدە بىر كىشى».
4. تۈركىيە تۈركچىسىدە ئىشلىتىلمەيدىغان ياكى ئىشلىتىلسىمۇ پەرقلىق مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى جۈملە ئىچىدە قوللانغان. مەسىلەن: خىجىل، شاگىرتلىرىم، ئوقۇماق ۋە ئوقۇتماق، ئاداش، قول، ئۈزۈلمەك.
5. ئەسەرلىرىدە خەنزۇچە سۆزلەرمۇ خېلى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلگەن. بۇ سۆزلەر ئاساسەن يەر-جاي ناملىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنۋانلىرى بولۇپ، كېيىنكى نەشىرلەردە نەشىرگە تەييارلىغانلارنىڭ بۇ خەنزۇچە ئىسىملەرنى توغرا ئوقۇشتا قىينالغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. مەسىلەن: پۇجاڭزانى بۇجاڭزا، گۇەنزە (تاماقخانا)نى كۇەنزە دەپ يازغان.

3. ئەھمەد كامالنىڭ ھاياتى

ئەھمەد كامال 1889- يىلى ئارالغا جايلاشقان رودوس شەھرىدە تۇغۇلغان. شۇڭا ئۇ كېيىنچە رودوسلۇق ئەھمەد كامال دەپمۇ ئاتالغان. ئاپىسىنىڭ ئىسمى زەكىيە، دادىسىنىڭ ئىسمى يۈسۈپ، جەمەتىنىڭ ئىسمى ھەبىبزادە. بۇ سەۋەپتىن يازغان كىتاپلىرىنىڭ بەزىلىرىدە يازغۇچى ئىسمى «ھەبىبزادە ئەھمەد كامال» دەپ يېزىلغان. پامىلىسى ئىلكئۇل بولۇپ، يەنە بەزى ئەسەرلىرىدە يازغۇچى ئىسمى «ئەھمەد كامال ئىلكئۇل» دەپ يېزىلغان. ئەھمەد كامال، بىر قىز 3 ئوغۇل جەمئى 4 بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى[14]. ھەدىسىنىڭ ئىسمى خەنسە، ئاكىلىرىنىڭ ئىسمى سۇلايمان فۇئات ۋە ھامدى[15]. دادىسى يۈسۈپ ئەپەندى، مۇغلا شەھرى كۆيجىغىز رايۇنىغا باغلىق داليان مەھەللىسىدە تىجارەت قىلىدىغان كىشى ئىدى. دادىسى مىجەز خۇلقىنىڭ ياخشىلىقى، ياردەمسۆيەرلىكى نەتىجىسىدە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر كىشى ئىدى[16]. ئەھمەد 2 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۇلارنى رودوستىن يېنىغا ئەكىلىۋالغان. پۈتۈن ئائىلە بۇ يەردە بەخىتلىك ۋە ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈشكە باشلىغان. ئەھمەد 5 ياش ۋاقتىدا دادىسى ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن رودوسقا بېرىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئەھمەتنىمۇ يېنىغا ئېلىۋالغان. دېڭىزدىكى سەپەر جەريانىدا ناھايىتى شىددەتلىك بوران چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستى بېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن. يۈسۈپ ئەپەندى ئەھمەتنى ئاياپ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئەھمەتكە يېپىپ قويغان ۋە ئۆزى قاتتىق توڭلاپ كەتكەن. ئۇلار رودوسقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈسۈپ ئەپەندى دىر-دىر تىترەشكە باشلىغان. ئوغلى ئەھمەتنى يېنىغا چاقىرىپ: «ئوغلۇم سەن چوڭ بولىسەن، ئادەم بولىسەن، ئائىلەڭ ۋە يۇرتۇڭ سەندىن پەخىرلىنىدۇ»، دېگەن. ئۇ شۇ كۇنى كېچىسى ۋاپات بولغان. [17]بۇ ۋاقىتتا ئۇلار دادىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىكەن. دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئەھمەتنى باشقا يەرگە يۆتكىگەن ۋە دادىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان. ئەمما ئەھمەد بولغان ئەھۋالنى ھېس قىلغان ۋە كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپ كۆپ يىغلىغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئۇ دادىسىنىڭ يوقلىقىنى ھەر زامان ھېس قىلغان… دادىسى رەھمەتلىك ئەتراپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىدىغان ۋە ھۆرمەتلىنىدىغان كىشى بولغاچقا، تۇنۇش بىلىشلىرى ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم قىلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرغان. دادىسىنىڭ 40 نەزىرى بولغان كۈنى ئوسمان ئاكا ئىسىملىك بىر كىشى ئەھمەتكە سېغىلىۋاتقان 2 ئىنەك سوۋغا قىلغان.
ئىككى يىلدىن كېيىن ئانىسى زەكىيە خانىم 4 بالىنى ئېلىپ رودوسقا قايتقان. 7 ياشقا كىرگەن ئەھمەت رودوستا سۈلەيمانىيە مەدرىسىنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىغان. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغاچقا 10 ياش ۋاقتىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەن. [18]ئۇ زامانلاردا رودوس بىر سۈرگۈن ئارىلى بولۇپ، تۈركىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغان ۋىجدانى ۋە تەۋفىق ئەپەندىلەر رودوستا تۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئەھمەد ئاكىسى سۇلايمان فۇئاتنىڭ تەۋىسىيەىسى بىلەن بۇ كىشىلەردىن مەخسۇس دەرس ئالغان. ئۇ ئەدىبى ۋە تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان. ئاكىسىنىڭ «تەفەييۈز كۈتۈپخانىسى» ناملىق بىر كىتاپ دۇكىنى ئېچىشى، ئۇنىڭ ئوقۇش ھەۋىسىگە قولايلىق ياراتقان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەلىپى بۇيىچە پوچتىخانىدىن چەتئەل گېزىتلىرىنى ئېلىش ۋە تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئاكىسىنىڭ كىتاب دۇكىنىدا ئىشلىگەن، مىسىردا نەشىر قىلىنىدىغان «ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات»، «شۇرا» ناملىق گېزىتلەرنى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ گېزىتلەرنى سېتىش ئىشلىرىنى قىلغان.
ئەھمەد 16 ياشقا كىرگەندە ئاپىسى تەرەپتىن نەۋرە ئاكىسى بولغان ئەلى نازمى ئەپەندى ئەدلىيەگە كاندىدات كاتىپ قىلىپ ئىشقا ئالغان. ئۇ بۇ يەردە 2 يىل ئىشلىگەن. ئەدلىيەدە خىزمەتچى خادىم بولۇپ ئۆمۈر بۇيى ئىشلەشنى خالىمىغان ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن. سۆمبەكى ئىسىملىك ئارالدا ئوقۇتقۇچىغا ئىھتىياج بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئىمتاھانغا قاتناشقان ۋە ئىمتاھاندىن ئۆتكەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇ 18 ياشتا ئىدى. [19]ئۇ بۇ ئارالدا پەقەت مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىلا ئەمەس، ئەسكەرلەرگىمۇ دەرس بەرگەن. مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن باش ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئوستۇرۇلگەن. 1908- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۇنى تۈركىيەدە مەشرۇتىيەت ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات جەمىئىيىتىنىڭ مەزكۇر ئارالدىكى ۋەكىلى بولغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى مىللىي ھىس تۇيغۇ بىلەن تەربىيىلەپ چىقىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ ئەھۋال تۈركلەرنى خوشال قىلسا، گرېتسىيىلىكلەرنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغىغان. [20]چۈنكى ئارالدا ھەم تۈركلەر ھەم گرېتسىيەلىكلەر ياشايتتى. 1909- يىلى مېئىس ئارىلىغا باش مۇئەللىم بولۇپ يۆتكەلگەن. بۇ يەردە تارىخ دەرسى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن بىرگە ۋەقىپلەرنىڭ مال- مۇلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىمۇ قىلغان. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتى، مۇشۇ ئارالدا باشلانغان. تۇنجى كىتابى بولغان «مېئىس ئارىلىنىڭ تارىخى» مۇشۇ مەزگىللەردە نەشىر قىلىنغان. ئىزمىر شەھرىدە چىقىدىغان «ئاھاڭ» ناملىق گېزىتكە، «ئاراللار مەكتۇپى» ماۋزۇلۇق چاتما ماقالىلار يازغان. بۇ مەزگىللەردە ئەھمەد كامالنىڭ ئاكىسى سۇلايمان فۇئات، رودوستا «ئاپتاپ» ناملىق ھەپتىلىك گېزىت نەشىر قىلىشقا باشلىغان. ئەھمەد كامال بۇ گېزىتنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى[21].
ئەھمەد كامال 1911- يىلىنىڭ يازلىق تەتىلىنى ئىستانبۇلدا ئوتكۇزگەن. ئىستانبۇلدا جەمىئى 20 كۈن تۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا سىركەجى رايۇنىدا رودوسلۇق يۇرتداشلىرى بىلەن ۋە زامانىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرى بىلەن تۇنۇشقان، ئىستانبۇلنىڭ تارىخى يەرلىرىنى، جامىلىرىنى، كۆرگەزمىخانىلىرىنى، ئاكىسىنىڭ دائىم رودوسقا كىتاب ئەۋەتكۈزىدىغان كىتاب دۇكىنىنى زىيارەت قىلغان. نەتىجىدە ئىستانبۇل ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلغان. رودوسقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئائىلىسىنى ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە قارار بەرگەن. [22]ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ قارارىغا قوشۇلغان. ئەھمەد كامال ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كېلىشتىن ئاۋال مەئىس ئارىلىغا قايتىپ بارغان. بۇ دەل ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ترابلۇسگارپ ئارىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن مەنتەشە ئادالارى ناملىق 12 ئارالنى بېسىۋالغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن. ئاناتولىيەگە 2250 كىلومىتىر كېلىدىغان مېئىس ئارىلىنىمۇ بېسىۋېلىش ئىھتىمالى يوقۇرى ئىدى. ئەھمەد كامال بىر دوستى بىلەن يۇنانلىقلارنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىزمىر ئارقىلىك ئىستانبۇلغا كەلگەن. رودوستىكى ئانىسى بىلەن ھەدىسى فەتھىيە ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلگەن[23].
ئىستانبۇلدا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن مائارىپ نازارىتىگە ئىلتىماس قىلغان ئەھمەد كامال، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاقساراي رايۇنىدىكى «رەھبەرى ئىتتىھادى ئوسمانى» ناملىق مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركچە ۋە تارىخ دەرسلىرىنى بېرىشكە باشلىغان. «مەكتەپلىك» ئىسىملىك گېزىتتە شېئىرلىرى بېسىلغان. ئۆزى «ئاپتاپ» ناملىق ئەدىبى ژورنالنى چىقارغان. ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ پىكىرلىرىنى يايىدىغان «ھەقىقەت» گېزىتىدە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا زىيا گۆكئالپ بىلەن تونۇشقان. زىيا گۆكئالپ تۈرك مىللىي روھىنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسچىسى ئىدى. بۇ كىشى ئەھمەد كامالنىڭ مىللىي روھىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئەھمەد كامال تىرىشچانلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە قابىلىيىتى ئارقىلىق «ھىلالى ئوسمانى» گېزىتىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرى مۇدىرى بولغان. گېزىتتىكى ئىشلىرىنىڭ بەك ئالدىراش بولىشى سەۋەپلىك، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن كېيىنچە ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات جەمىئىيىتىنىڭ بەشىكتاش رايۇنىدىكى مەكتىپىدە تەكرار تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى خىزمىتىنى باشلىغان. كېيىنچە بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىر ۋەكىلى بولغان. بۇ مەكتەپ زامانىنىڭ ئەڭ ئىلغار مەكتەپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەنۋەر پاشا(گېنىرال) گېرمانىيەدىن ئەكەلدۈرگەن. قىسقىسى ئەھمەد كامال، مۇھىم ئىشلارنى قىلىدىغان، ئىشەنچلىك ۋە تونۇلغان بىر كىشى بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇرلاردىن مۇسابايلار ئائىلىسىدىن بولغان ئۇبۇل ھەسەن ئەپەندى قاتارلىقلار ھەجدىن قايتىش يولىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن مەسئۇت سابىرى بايقۇزى، تۇرسۇن ھەسەن، سابىت قاتارلىقلار ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتاتتى. بۇ ياشلار ئەھمەد كامال بىلەنمۇ تۇنۇشاتتى. بۇ ھاجىلارغا ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ياشلاردىن مۇسابايلارنىڭ تۇققانلىرىدىن بولغان سابىت ئەپەندى ۋە تىبابەت كەسپىدە ئوقۇۋاتقان غۇلجىلىق مەسئۇت سابىرى ئەپەندىلەر ھەمرا بولۇپ، ئۇلارنى ئايلاندۇرغان. بىر كۇنى تەلەت پاشا ئەھمەد كامالغا، ئۇبۇل ھەسەن ھاجىنى چاقىرتقان. سۆھبەت جەريانىدا تەلەت پاشا ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قەشقەرگە بىر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇبۇل ھەسەن ھاجى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچىغا ئىھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ دەرھال ماقۇل بولغان. ئەتىسى تەلەت پاشا ئەھمەد كامالغا، ئۇيغۇر ھاجىلارنى ئەدىرنە شەھرىگە باشلاپ بېرىپ، بۇلغارلارنىڭ تۈركلەرگە قانداق زۇلۇم سالغانلىقىنى زىيارەت قىلدۇرۇشنى ئېيتقان. ئەھمەد كامال ئۇبۇل ھەسەن ھاجى، مەسئۇت سابىرى ئەپەندى ۋە سابىت ئەپەندىلەرنى باشلاپ ئەدىرنىگە بارغان. ئەدىرنە ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ھاجى ئادىل ئەپەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەدىرنەدە 3 كۇن تۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇرۇش مەيدانلىرى، خاراپ بولغان يېزا-كەنتلەر ۋە ئۇ يەردىكى خەلقلەرنى، بۇلغارلار ئاتا- ئانىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن يېتىم بالىلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئستانبۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەلەت پاشا ئۇبۇل ھەسەن ھاجىغا مۇنداق دىگەن: «كۆرگەنسىلەر، دۈشمەنلەر پۇرسەت تاپسا تۈركلەرگە قانداق زۇلۇملارنى سالىدۇ… بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەھمەد كامالنى سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلارغا ئەۋەتىمىز. سىز ئۇنىڭغا ئىگە بولۇڭ ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىڭ.» [24]
ئەھمەد كامال ئۆزىنىڭ پىكرى ئېلىنمىغان بۇ قارارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇزىدىنمۇ بەكرەك قابىلىيەتلىك ياشلارنىڭ ئەۋەتىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. تەلەت پاشا: «بىزگە بىلىملا ئەمەس مىللىي ھىس تۇيغۇمۇ لازىم… بۇ مەسىلە مەركەزدە قارارلاشتۇرۇلدى. زىيا گۆكئالپ ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز سىزنى ئۇيغۇن كۆردۇق. بۇ قېرىنداش دىيارلارغا غايە ۋە ئىدىيال يولىدا بىرىنجى قېتىم سىز كىتىۋاتىسىز. بۇ ئۆز ئاتا دىيارلارنى قاپلىغان جاھالەت بۇلۇتلىرىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، ھەممىمىزنىڭ مىللىي بۇرچى. كېرەك بولغاندا ھىچ ئىككىلەنمەستىن جېنىڭىزنى پىدا قىلىڭ. سىزنىڭ جاسارىتىڭىز كىيىنكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ جاسارەت ئاتا قىلىدۇ.» دېگەن ۋە ئەتىسى ئاتۇشقا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. [25]ئەھمەد كامال زىيا گۆكئالپ بىلەن كۆرۈشكەندە، زىيا گۆكئالپ ئۇنىڭغا: «ئوغلۇم، بۇ يول ناھايىتى خەتەرلىكتەك كۆرۇنسىمۇ، ئەمما نەتىجىسىدە جەننەتكە بارىسەن. غايە مۇقەددەستۇر. بۇ نۇرلۇق توپراقلارغا ۋە پەرىشتە كەبى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا ساق- سالامەت يېتىپ بېرىشىڭغا تىلەكداشمەن. ھەر يەردە ۋە ھەر ئىشتا نەپسىڭگە بىرىلمە. ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغىن. نىيىتى ۋە مىجەز خۇلقى ياخشى بولغان بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ۋاقىتلىرىڭدا سۆزلىرىڭ دۇرۇس، كۆڭلۈڭ پاكىز بولسۇن. سەن بۇ مەملىكەتكە كۆڭۈل ئوۋلاشقا كىتىۋاتىسەن. گۈزەل ئەخلاقىڭ، ياخشى مىجەز خۇلقۇڭ سىنىڭ قورالىڭ بولسۇن. قىلماقچى بولغان ئىشىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن، ئاۋال خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشۇڭ لازىم. سەن چاچىدىغان ئۇرۇقلاردىن كېيىنچە ھاياتلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مول ھۇسۇل بېرىدىغان مەھسۇلات يېتىشىدۇ. تارىخ بۇلارنى يىغىدۇ ۋە سىلەرگە بەخىت-سائادەت، شان-شەرەپ ھىس قىلدۇرىدىغان تۇيغۇلارنى خاتىرىلەيدۇ….»دىگەن. [26]
ئەھمەد كامال 1914- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۇنى ئابدۇقادىر ئەپەندى، مۇساباي ئائىلىسىدىن بولغان ئۇبۇل ھەسەن ھاجى، باھاۋۇدۇنباينىڭ كۈيئوغلى ئابدۇرەھىم ئەپەندى، نۇسىرەتتىن ھاجى، ھاجىلاردىن بىرىنىڭ ئوغلى بولغان رەئۇف قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستانبۇلدىن قەشقەرگە بېرىش ئۈچۈن ئودېسساغا ماڭغان رۇس پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىققان. دادىسىدىن يېتىم قالغاندىن بۇيان يېنىدىن ھىچ ئايرىلمىغان ئانىسى پاراخوتنىڭ پەلەمپىيىگىچە كېلىپ كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان. بۇ مەزگىللەردە ئەھمەد كامال نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلىشقا پۇتۇشۇپ قويغان ئىدى.
ئەھمەد كامال ۋە بىللە ماڭغان كىشىلەر ئودېسسادىن كېيىن خاركوۋ ۋە سامارا ئارقىلىق ئورېنبۇرگقا، ئۇ يەردىن كابىلساي، تاشكەنت، قوقان، مەرغىلان، ئەندىجان ئارقىلىق ئوشقا، ئۇ يەردىن 1914- يىلى 3-ئاينىڭ 14- كۈنى ئاتۇشقا بارغان. [27]ئىستانبۇلدىن ئاتۇشقىچە بولغان سەپەر 27 كۈن داۋام قىلغان. ئۇ زامانلاردا ئاتۇش، مەمۇرى جەھەتتىن تېخى ئايرىم شەھەر بولمىغان، قەشقەرگە تەۋە ئىدى. ئۇلار ئاتۇشقا كېلىپلا باھاۋۇدۇن باينىڭ ئۆيىگە چۈشكەن.





1914- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاتۇشتا « دارۈلمۇئەللىمىنى ئىتتىھات» ناملىق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپى ئېچىلىپ، ئەھمەد كامال مەكتەپ مۈدىرى بولغان. بۇ مەكتەپنىڭ چىقىملىرى، يېزىلاردىكى مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرى باج تەرىقىسىدە بېرىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بولغان. بۇ ئىشقا زۇنۇن ئاخۇن مەسئۇل بولغان. بۇ مەكتەپكە 3 سىنىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدىغان، بۇ ئوقۇغۇچىلار مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقانلاردىن ياكى ئاتۇشتىكى 15 ياشتىن يۇقۇرى بالىلاردىن تەركىپ تاپىدىغان بولغان. شەھەردىن كېلىدىغان بالىلار ئۈچۈنمۇ سان ئايرىلغان. باھاۋۇدۇن باينىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىدىغان ياتاقلىرىمۇ ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا زامانغا لايىق ئىلىم-پەن ئوگىتىلگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن مەدرىسلەردە ئەرەپچە ۋە پارىسچىنى ياخشى ئوگەنگەن ھەم بۇ مەكتەپتە ئۇسۇلى جەدىت ئىلمىنىمۇ ياخشى ئوگەنگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 27 كىشىنى ئايرىپ، ئۇلارغا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك مەخسۇس دەرسلەرنى بەرگەن. ئۇلارغا يەنە تەنتەربىيە، شېئىر، نۇتۇق بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن. [28]بۇ ئوقۇغۇچىلار 2 يىل تەربىيىلەنگەندىن كېيىن 2 يىل مەجبۇرىي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى قىلىدىغانغا ۋەدە بەرگەن. ئوقۇ- ئوقۇتۇش مەزگىلىدە ئايدا بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلققە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
ئۆمەر باي قاتارلىقلار بۇ مەكتەپنىڭ دىندىن چىققانلىقىنى، ئۇسۇلى جەدىت مائارىپىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، پۇتۇن قەشقەردە پىتنە- ئىغۋا بىلەن خەلقنى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئىشەندۇرۇشكە تىرىشقان بولسىمۇ، قەشقەر ياشلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن.
ئەھمەد كامال ئىستانبۇلدىكى ئىش بانكىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ھاياتى زەنگەر ئەپەندى ئارقىلىق بىر شىپىگراپ ماشىنىسى ئەكەلدۈرگەن. بۇ ماشىنا بىلەن مەكتەپنىڭ دەرس كىتاپلىرى ۋە «ئۇلۇغ دىن» ناملىق كىتاپ بېسىلغان.
يېڭى مەكتەپنى بىلىمگە تەشنا ياشلارنىڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەر خەلقنىڭ قوللىشى، ئەھمەد كامالنىڭ خەلق تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى نادان ئىنسانلىرىمىزنى بىئارام قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەھمەد كامالنى قەشقەردىكى رۇس ۋە ئىنگلىز كونسۇللىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە «تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن بىر ئىسيانچى»، دەپ چاققان. [29]
ئەپسۇسلىنارلىقى، نادانلارنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى تەسىرسىز قالمىغان. مەكتەپتە دەرس باشلاپ 2 ئايدىن كىيىن ئوقۇغۇچىلاردىن 20 ياشلىق مەھمۇد، سېلىم موللانىڭ تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئۆگىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقى ئالەمنىڭ نەپرەتلىك قاراشلىرى ئىچىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمىگەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئەھمەد كامالغا بىلدۈرگەن. ئەھمەد كامال سېلىم ئاخۇنغا مەكتەپنىڭ دەرس پروگراممىلىرىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرىگە ھەممەيلەندىن بەكرەك ۋە ھەر زامان ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بىر مەكتۈپ يازغان، 2 كۇندىن كېيىن شەھەردىكى ئىسلام جەمىئىيىتىدە نۇتۇق سۆزلىشى كېرەكلىگى بىلدۈرۈلگەن بىر تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ كۈنى ئەھمەد كامال قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى، زامانىۋىلىشىش ئۈچۈن يېڭى مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان يېڭىچە مائارىپنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەن. سېلىم ئاخۇن كىيىن سۆز ئېلىپ بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەھمەد كامال بىر ياندىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا، بىر ياندىن مىللىي مۇناپىقلارغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەن، ئۇلارنى ئويغۇتۇشقا تىرىشقان. بۇ جەرياندا باھاۋۇدۇنباي، نەۋرۇززادە ھاجى ئالى قاتارلىقلار يېڭى مائارىپنى ۋە ئەھمەت كامالنى ھەر دائىم قوللىغان.
ئالتە ئايدىن كېيىن، يەنى 1914- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەھمەد كامال ئۆزى يازغان «نادان ئاتا، قاتىل ئوغۇل» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەييارلاتقۇزۇپ، سەھنىدە قويغۇزغان. سەھنە قىلىپ ھازىرلانغان جاي، ئەسلىدە مەسچىتتىن مەكتەپكە ئوزگەرتىلگەن مەيدان بولۇپ، ئېپىزوتنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن سەھنىنىڭ بېزىلىشى كېرەك بولغانلىقتىن، بۇ شەكىلدە بېزەلسە جائىز بولىدىغانلىقىنى باش قازى ئېيتقاندىن كېيىن سەھنە بېزەلگەن. تاماشىبىنلار خەلق ئاممىسى ئىدى. ئەمما بۇنى پۇرسەت بىلگەن سېلىم موللا بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن بەرگەن سۆزىنى دەرھال ئۇنۇتۇپ «ئستانبۇللۇق ئەپەندى مەسچىتكە رەسىم ئاستى» دەپ ھەممە يەردە غۇل-غۇلا قوزغاشقا كىرىشكەن. سېلىم موللا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى: «يېڭى مەكتەپنىڭ دەرس كىتاپلىرىدا رەسىم بار ئىكەن، بالىلار ناماز ئوقۇمايدىكەن، قوللىرىنى بېشىغا كۆتۈرۈپ سالام بېرىدىكەن، بۇلار كېرەكسىز بەدەن ھەرىكەتلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېساپ ۋە جۇغراپىيە ئوقۇتىدىكەن، شۇڭا بۇ مەكتەپ چوقۇم ئىتىۋېتىلىشى كېرەك» دەپ يۈرگەن. بۇ كۆز- قاراشلارغا باش قازى بىتەرەپ مۇئامىلە قىلغان بولسا، مەھمۇد ئاخۇن داموللام بىلەن ئابدۇقادىر داموللام قارشى چىققان ۋە بۇ يېڭى مائارىپ چىرىغىنىڭ ئۇچۇرۇۋېتىلمەسلىگى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەمما خەلق نادان بولغاچقا بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان. مەكتەپتە ئاران شەھەردىن كەلگەن 15 ئوقۇغۇچى قالغان. بۇ ئەھۋال يۇرت چوڭلىرىدىن بولغان باھاۋۇدۇنباي، ئېكساقتىكى ئابدۇقادىر ھاجىم، جەمىئىيەتى ئىسلامىيەنىڭ ۋەكىلى ۋە كاتىپى زۇنۇن ئاخۇن قاتارلىق ۋەتەنسۆيەرلەرنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانچىلغان. ئۇلار دەرھال بىر تەدبىر قوللۇنۇش كېرەكىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئىتىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن مەھەللە ۋە يېزىلارغا ئېلان ئەۋەتىپ، تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن 60 بالىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، دەرس ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان. رەزىل مەقسىدىگە يېتەلمىگەن خائىنلار بۇ قېتىم ھۆكۈمەتكە: «باھاۋۇدۇنباي ئىسيان كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەسكەر تەييارلاۋاتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچى باشلىقى باھاۋۇدۇنباينى چاقىرىپ، مەكتەپ نىقابى ئاستىدا سىياسى ئىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەھمەد كامالنىڭ بۇ يۇرتتىن كەتكۇزىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. باھاۋۇدۇنباي، چىن بىلەن تۈركىيەنىڭ چېگرىداش خوشنا ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دىگەن: «بىر تۈركىيەلىكنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىدىن نىمە چىقاتتى؟… 14- 15 ياشتىكى 50-60 بالىنىڭ بۇ يۇرتنى باشقۇرۇش ھۇقۇقىنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئەندىشىلىنىشكە باشلىغان بىر ھۆكۈمەت، بۇ مەملىكەتنى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن قانداق ساقلايدۇ؟ ئەھمەد كامالغا مەن ئىگە، مەن مەسئۇل. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى مەيداندا. بىز جاھالەتتىن بىزار بولدۇق. ئەگەر سىز مائارىپ ئىشلىرىنى توختۇتۇشنى خالىسىڭىز، توختۇتۇڭ. ئەمما بىر ھۆكۈمەت پۇقرالىرىنى نادانلىقتا قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلماس. بۇ مەسىلىدە بۇرۇن سىز بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقان. ئەمدى بولسا بىر قانچە نادان ھەسەتخورنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ ۋەدىڭىزدىن ۋاز كەچمەكچى بولىۋاتىسىز. ناھايىتى ئۆكۈندۈم….». بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ساقچى باشلىقى باۋۇدۇنباينى چاقىرىپ، شىكايەت قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، يېڭى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويىلىدىغانلىغىنى، ئەمما سىياسى مەسىلىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئارىلىشىپ قالماسلىقىنى، بۇرۇن باھاۋۇدۇنباي ئىلتىماس قىلغان بىر دوختۇر ۋە بىر ئوقۇتقۇچى ئېلىش ھەمدە بىر دوختۇرخانا ئېچىش تەلىپىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى، مەكتەپ چىقىملىرىنى خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىشىنى ۋە ھۆكۈمەتتىن ماددىي ياردەم تەلەپ قىلماسلىقىنى، بۇ ئىشلارغا باۋۇدۇنباينىڭ مەسئۇل بولىشىنى ئېيتىپ، بۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۈھۈر بېسىلغان 6 ماددىلىق ئىمتىيازنامىنى بەرگەن. بۇ ئىمتىيازنامىنىڭ بېرىلىشى بىلەن خائىنلارنىڭ زۇۋانى ۋاقىتلىق بولسىمۇ بېسىققان.
ئەھمەد كامال ئېكساقتا ئېچىلغان يېڭى مەكتەپلەرگە نۇرى مائارىف، مەنبائۇل ئىرفان، مۇسابايېۋلار مەكتىپى، تەرەققىيات مەكتىپى، نەجمى ھىلال مەكتىپى، جەمىئىيەت مەكتىپى دىگەن ئىسىملارنى قويۇپ مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكىلىرىنى ئاسقان. ئەھمەد كامال شىپىگىراپ بىلەن باسقان «ئۇلۇغ دىن رىسالىسى» ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان باياننامە، خىتاپنامىلەرنى خەلقنىڭ ئوقۇپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن 4-5 كۇندە بىر تارقاتقان. بۇ ئىشلارغا تاشكەنتلىك شائىر زارىف فېرىدقارى ئەپەندى كۆپ ياردەم قىلغان.
ئۆمەر ئاخۇنباي قاتارلىقلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە پىتنە- پاساتلىرى سەۋەبىدىن شەھەردىكى جەمىئىيەتى ئىسلامىيە ئىتىۋېتىلگەن.
1908- يىلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەتكەن ياشلاردىن تۇرسۇن ئەپەندى، دوختۇر مەسئۇت سابىرى (مەسئۇت ئەپەندى تۈركىيەگە 1904-يىلى 9 – ئاينىڭ 15- كۇنى كەلگەن)، ئابدۇراخمان شادى، ھەسەن، ئەخمەت نېجاتى، كامال بەدرى قاتارلىقلار 1914- يىلى كۈزدە قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئېكساقتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە يەنە تۈركىيەلىك 5 كىشى كەلگەن. بۇلار : ھۈسەيىن ئەمرۇللاھ، سېلىم سامى، ئادىل ھىكمەت، ئىبراھىم، ھۈسەيىن. بۇ كىشىلەر 5 ئايدىن كېيىن، يەنى 1915- يىلى باھاردا ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتىش ئۈچۈن ئاتۇشتىن ئايرىلغان.
ئاتۇشتىكى دارۈلمۇئەللىمىن توغرىلىق قەشقەردىكى كونسۇللارنىڭ شىكايەتلىرىگە ئۆمەر ئاخۇنباينىڭ قۇتراتقۇلىقى قوشۇلۇپ بۇ يېڭى مەكتەپكە ھۆكۈمەتنىڭ يەنە دىققىتى قوزغالغان. شۇنداق بولسىمۇ يازلىق تەتىلدىن بۇرۇن 27 ئوقۇغۇچى مىڭلىغان خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئىمتىھان بېرىپ ۋە لاياقەتلىك بولۇپ، باھاۋۇدۇنباي قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئالدىدا ۋەتەن ۋە خەلققە خىزمەت قىلىشقا قەسەم ئىچىپ دىپلوملىرىنى ئالغان. يازلىق تەتىلدە بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۈچۈن قەشقەردە بىر مەكتەپ ئېچىش مەسىلىسى قارارلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئەھمەد كامال ۋە باشقىلارنىڭ ئىئانىسى بىلەن پۇل توپلانغان. ۋېلىخان ۋە باشقا ئاخۇنلار ھەر قانچە قارشى تۇرۇپ باققان بولسىمۇ ئاخىرى جانانكوچادىكى رەھمەتلىك رۇزى ئاخۇن باينىڭ قوروسىنىڭ مەكتەپ قىلىنىشى قارارلاشتۇرۇلغان. ئوقۇتقۇچىلىققا قاسىم سىدىق بىلەن ئوسمان شۈكرۈ بەلگىلەنگەن. ئوقۇغۇچى ئېلىش ئىشلىرىمۇ باشلانغان. يىغىلغان پۇلنىڭ زايا بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە پۇل ئاساسىدا مەكتەپ ئۈچۈن كىرىم قىلىش مەخسىتىدە ئەھمەد كامالنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر دۇكان ئېچىش قارار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆستەڭ بۇيى دىگەن جايدا بىر دۇكان ئىجارىگە ئېلىنىپ، جەمىئىيەتى ئىسلامىيەنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بىر تەپتىش ۋە نازارەت قىلىش ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، دۇكانغا مال سېلىنىپ تىجارەت باشلىغان. ئەپسۇسكى ئۆمەر ئاخۇنباي، ۋېلى ئاخۇن بىلەن مۇسا ئاخۇن، جەمىئىيەتى ئىسلامىيەنىڭ شانىغا داغ تەككۈزىدىغان پىتنە- پاساتلىرىنى دەۋاملاشتۇرغان. ھەتتا رۇس كونسۇلىغا بۇ ئىشنى توختۇتۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلغان. ئەھمەد كامال بۇ ۋېلى ئاخۇن ۋە مۇسا ئاخۇن بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇلار ئەسلىدە جەمىئىيەتى ئىسلامىيەنىڭ باشلىقلىرى بولغان ھاجى ئالى ۋە يۈسۈپ ئاخۇنغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. ئەھمەد كامال، مىللەتنىڭ يۇرۇقلۇققا چىقىشى ۋە خەلقنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن شەخسى ئاداۋەتلىرىنىڭ ئۇنۇتۇلۇشى كېرەكلىگىنى، خەلقنىڭ ئالدىدا كېيىن خائىن، دەپ ئاتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن خەلققە پايدىلىق ئىشلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىنى ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا چۈشەندۈرگەن. ئېچىنارلىقى، ئۇلار نادان پىكىرلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن ۋە «مەكتەپتە تارىخ، جۇغراپىيە ئوقۇتۇلمىسۇن، ئوقۇغۇچىلار سەللە يۆگەپ ئۇزۇن چەكمەن چاپان كىيسۇن، مىللىي تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگەن ناخشا- مارشلار مەكتەپ پروگراممىسىدىن چىقىرىلسۇن، ئوقۇتۇش پەقەتلا ئەرەپچە ۋە دىن بىلەن چەكلەنسۇن»، دېگەندەك پىكىرلىرىنى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئەسلىدە بۇ جاھالەتلىك پىكىرلەرنىڭ يۈشۈرۈن تەشۋىقاتچىسى ئۆمەر ئاخۇنباي ئىدى. بۇ خۇراپى پىكىرلەرگە قارشى بولغان باھاۋۇدۇنباي، بالىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھامىسى يەنە بىرى مىللىي مۇناپىق بولغان بۇ ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان. بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈلگەن. بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىر- بىرىگە قارشى پىكىردە بولىشىنىڭ ۋە بۇ ئىككى كىشىنى قوللايدىغان خەلقنىڭمۇ بىر- بىرىگە قارشى ئىككى سەپكە ئۆتىشىنىڭ نىگىزلىق سەۋەپچىسى يېڭى مەكتەپ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھۆكۈمەت ئېمىن باي، نۇرۇز باينىڭ ئوغلى ھاجى مەھمەت ئالى، يۈسۈپ ئاخۇن، ئابدۇكەرىم خان، سىدىق ئاخۇن، مەھمۇتخان، شەمسەددىن داموللا، ئەھمەد كامال قاتارلىقلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ، سوراققا تارتقان. بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتى، قەشقەردىكى ياشلارنىڭ بۇ توپراقلارنى باشقۇرۇش ھۇقۇقىنى ھۆكۈمەتتىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز ئارا ۋەدە قىلىشىپ، بىر دەپتەرگە ئىمزا قويىشى ئىمىش. شۇڭا سوراققا تارتىلغان ھەر-بىر كىشىدىن بۇ دەپتەر سورالغان. يۈسۈپ ئەپەندى سوراقچىغا مۇنداق دىگەن: «بىز پەقەت مەكتەپ ئاچتۇق. باشقا بىر نەرسە بىلمەيمىز. خەلقنىڭ نادان ۋە بىلىمسىز قېلىشىنى ئارزۇ قىلساڭلار، بىز مەكتەپنى تاقىۋېتەيلى. ئەمما بىلىمسىز خەلقتىن كېلىپ چىقىدىغان جىنايەت ۋە باشقا يامان ئىشلارنى سىزمۇ سۈرۈشتە قىلماڭ…». ئابدۇكېرىمخان، قادى كىلان ھەزرەتلىرىنىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسى رەھمەتلىك، ياقۇپخان بەدەۋلەت ئۆلگەندىن كىيىن ئۇ ياساتقان ھېيتگاھ جامىسىنىڭ بۇتخانىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە چىدىماي، بىر جۈمە كۈنى جامىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ كىرىپ، ئىچىدىكى بۇتلارنى پارچىلاپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت چىرىكلىرىدىن 400 دەررە تاياق يىگەن ئىكەن. بۇ سوراقتا ئابدۇكېرىم خانمۇ دادىسىغا ئوخشاش 400 دەررە تاياق يىگەن. سىدىق ئاخۇن بىلەن مەخمۇد خان 300 دەررە تاياق بىلەن جازالانغان. ئەھمەد كامالنىڭ جىنايىتى، ئوقۇغۇچىلارغا قىسقا كىيىم كىيگۈزگەنلىكى، ياشلارغا ھۆرمەتسىزلىك ئۆگەتكەنلىكى، ئىسلام خەيىر جەمىئىيىتى قۇرۇپ قەشقەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بۇزغانلىقى بولغان. ساقچى باشلىقىنىڭ ئەمىرى بىلەن بۇ كىشىلەر زىندانغا تاشلانغان. تېشىدا 500-600 كىشى توپلۇنۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكەن. ئەتىسى ئەھمەد كامالدىن باشقىلىرى مىللىي ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىغا دائىر تىل خەت يېزىپ بېرىپ زىنداندىن چىققان.
ئەھمەد كامال زىنداندىكى كۈنلەردە، ھەر كۈنى 50-60 كىشى ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ، ئۇنى يوقلاپ تۇرغان. ئەڭ كۆپ مانتا ئەكىلىشكەن. بۇ مانتىلارنى يەپ تۈگىتەلمىگەچكە ئىسراپ بولمىسۇن دەپ بىر مانتىنى 4 داچەندىن ساتقان. سېيىت ھاجىم ۋە ئەخمەتجان بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان. مانتىدىن كىرگەن كىرىمگە قەلەم ۋە دەپتەر ئېلىپ، ئەھمەت كامالنى يوقلاپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋە مەھەللىدىكى بالىلارغا تارقىتىپ بەرگەن. كىشىلەر ئەھمەد كامالنى يوقلاپ ئەكەلگەن ئۈزۈم، قوغۇنلارنى زىنداننىڭ ئالدىغا دۆۋىلىۋەتكەن. ساقچى باشلىقى بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ، ئەھمەد كامالغا زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىقنى بۇيرىغان.[30]
ئۇ زامانلاردا چىن بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلمىغاچقا، چىن چېگرىسى ئىچىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىغا تۈركىيىگە ۋاكالىتەن گېرمانىيە كونسۇلى ئىگە بولاتتى. شۇڭا ئەھمەد كامال ئۆزىنىڭ ناھەق زىندانغا تاشلانغانلىقىنى تېلېگرامما ئارقىلىق بېيجىڭدىكى گېرمانىيە كونسولخانىسىغا بىلدۈرگەن. كونسولخانىدىن ئۈرۈمچىدىكى گېنىرالغا بۇ مەسىلە ھەققىدە تېلېگرامما كەلگەن. زىندانغا تاشلىنىپ 75- كۇنى باھاۋۇدۇنباينىڭ كاپالەتلىك قىلىشى بىلەن، شەھەردىن سىرتقا چىقماسلىق ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، مەكتەپ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولماسلىق شەرتى ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەن. 3 ئايدىن بېرى ئىشىكلىرى ئېتىكلىك تۇرغان مەكتەپ قايتىدىن ئېچىلغان.
1915- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۇنى يارباغدا قەشقەردىكى 114 مەھەللىنىڭ يۇرت چوڭلىرى، باھاۋۇدۇنباي قاتارلىق ۋەتەنسۆيەرلەر، ساقچى باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ قوشىلىشى بىلەن، ھىلالىيە ۋە رېشادىيە ناملىق ئىككى مەكتەپ داغ-دۇغىلىق ئېچىلغان. مىللىي خائىنلار كوچىلارغا چىقالماس بولغان.
7-8 ئايدىن كېيىن، يەنى 1916- يىلى يازدا 3 نەپەر گېرمانىيىلىك ئافغانىستان ئارقىلىق قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىگە كەلگەن. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت ۋە ئىنگىلىز، رۇس كونسۇللىرى جىددىلىشىپ قالغان. تەقىپ ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئەھمەد كامالنىڭ «گېرمانلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى» نى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنى يېرىم كىچىدە تۇتۇپ ئەكەتكەن. ساقچىخانىدا ساقچى باشلىقى ئۇنىڭغا:«سىزنى رۇسلار تۇتۇپ ئەكەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز سىزنى شەھەردە تازا ياخشى قوغدىيالمايمىز دەپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ قوغداشنى مۇۋاپىق كۆردۇق»، دەپ چۇشەندۇرگەن. ئەھمەد كامال نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئاخىرى ئۇنىڭغا زىندانغا تاشلىنىدىغانلىقىنى ئۇچۇق بىلدۈرگەن. [31]
بۇ ئەھمەد كامالنىڭ 2- قېتىم زىندانغا تاشلىنىشى ئىدى. بۇ قېتىممۇ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش يالغۇز كامىرغا سولانغان. ئالدىنقى قېتىمقىدىن پەرقى، يېنىدىكى قەلەم ۋە قەغەز مۇسادىرە قىلىنغان، خەلق بىلەن كۆرۈشۈش مەنئى قىلىنغان. بىر كۈنى ئەھمەد كامال بىر كىشى بىلەن كۈرۈشكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېنىدا پوستا تۇرۇۋاتقان 30 ئەسكەر ئىچىدە يۈسۈپ بىلەن قادىر قوللىرىغا 200 دەررىدىن تاياق يىگەن.
ئارىدىن 20 كۇن ئۆتكەندىن كېيىن، قەشقەردىن 60 چىرىك بىلەن بىللە بېيجىڭغا يوللانغان گېرمانلارنىڭ كۇچاردىن يولغا چىققانلىق خەۋىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تېلېگرامما بىلەن بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد كامال زىندانغا سولانغىنىنىڭ 21- كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
1917- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۇنى ھۈسەيىن مۇساباينىڭ قېيناتىسى، تەرجىمان مەھمۇت بەگ، ئەھمەد كامالنىڭ ۋالى تەرىپىدىن چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەھمەد كامال، ۋالى ۋە ساقچى باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەندە، ۋالى قەشقەردىكى رۇس ۋە ئىنگلىز كونسۇللىرىنىڭ بېيجىڭدىكى كونسولخانىلىرىغا تېلېگرامما يوللىغانلىقىنى، بېيجىڭدىكى كونسۇللارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ نازىرلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەر قانداق تەلىپىنى قوبۇل قىلغۇزىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن ئەھمەد كامالنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە قەشقەردىكى كىشىلەرنىڭ راھىتى ۋە ھۇزۇرى ئۈچۈن 20 كۈنلۈك ئۇزاقلىقتىكى كۇچارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يولغا چىقىش تەييارلىقى ئۈچۈن 4 كۈن مۆھلەت بېرىلگەن. قەشقەردىن سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ ئۆمەر باينىڭ ھۆكۈمەتكە بەرگەن تەكلىپى نەتىجىسىدە ئەمىلىلەشكەنلىكى ئىشەنچلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئەھمەد كامالغا بىلدۈرۈلگەن.
ئەھمەد كامال كۇچارغا مېڭىش ئالدىدا ئۆزىگە خالىس ياردەم قىلغان كۆڭلى يېقىن كىشىلەرنى بىردىن- بىردىن زىيارەت قىلىپ ۋىدالاشقان. باۋۇدۇنباي: «خەت يېزىشىپ تۇرايلى، نەدە بولساق ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ھەر قانداق زۇلمەت كېچىنىڭ بىر كۈندۈزى بولىدۇ…» دەپ كۆز ياشلىرىنى تۈكۈپ خوشلاشقان. ئەھمەد كامال ئوقۇغۇچىلار، ياشلار، يۇرت چوڭلىرى، ئاتا-ئانىلار بولۇپ ناھايىتى كۆپ كىشىنىڭ ئۇزۇتۇشى بىلەن 2 چىرىكنىڭ ھەمرالىقىدا ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن پەيتۇنىغا ئولتۇرۇپ كۇچارغا قاراپ يولغا چىققان. خەلق ئۇنى دورغابەگ سارىيىدىن دۆلەتباغقىچە ئۇزۇتۇپ كەلگەن. ياش شائىر سابىر ئەپەندى قاتارلىق بىرنەچچەيلەن، مارالبېشىغىچە بولغان مۇساپىدە ئەھمەد كامالغا ئاتلىق ھەمرا بولغان. ئەھمەد كامال پەيزىۋات، مارالبېشى، ئاقسۇ، ئاقسۇ كونىشەھەر، قارايۇلغۇن، باي، قىزىللارنى بېسىپ ئۆتۈپ كۇچارغا كەلگەن. يولدا ھەر چۈشكەن يېرىدە ئىلغار پىكىرلىك ۋەتەنسۆيەرلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان، قۇنالغۇلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئەھمەد كامال ئۇلار بىلەن ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرى ئېچىش ھەققىدە پىكىرلەشكەن.



كۇچارغا كەلگەندىن كېيىنكى 15- كۇنىدە، كۇچاردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەھمەد كامالغا ئۈرۈمچىدىكى گېنېرالدىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە تېلېگرامما كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەتىسى 3 كىشىنىڭ نازارىتىدە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئاتلىق يولغا چىققان ۋە بۈگۈر، كورلا، قاراشەھەر، توقسۇن، داۋانچىڭلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۈرۈمچىگە كېلىپلا يامۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە دەرھال زىندانغا تاشلانغان.
زىنداندا ئەھمەد كامالغا نىغمەت ئىسىملىك تۇرپانلىق بىر كىشى تەرجمانلىققا تەيىنلەنگەن. ئەھمەد كامال ۋالىنىڭ مەخسۇس كاتىپى ئەيۈپ ئىسىملىك 20 ياشلاردىكى بىر يىگىت بىلەن تۇنۇشقان. ئەيۇپ ئۇنىڭ زىنداندىكى شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۇچۇن كۆپ كۇچ سەرپ قىلغان. تەرجىمان نىغمەت ئوغلى مەھمەت ئىمىننى ئەھمەد كامالنىڭ خىزمىتىگە بەرگەن.
ئەھمەد كامال ئەيۈپ ۋە بۇرھان شېھىدىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كىيىن «يېڭى ھايات» ناملىق گېزىت چىقىرىشقا باشلىغان. ئەھمەد كامالنىڭ زىنداندا قىلىۋاتقان بۇ مەخپى ئىشىنىڭ داۋام قىلالىشى ئۈچۈن گېزىتنىڭ مۇھەررىرى قەلەم، مەتبەئەسى بەشبارماق، چىقىرىلىدىغان يەر ۋىران (خاراپ، كۆڭلى يېرىم دىگەن مەنىدە) دەپ يېزىلغان. گېزىت ئەھمەد كامال تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، كەرىمخان ئارقىلىق بۇرھان شېھىدىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. يەنخەندە (ھازىرقى رۇس كۇلۇبى ئەتراپى) شىپىگراف ماشىنىسى بىلەن كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغان. بۇ گېزىت ئۇرۇمچىدىن باشقا قەشقەر، كۇچا، ئاقسۇ، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرگىچە تارقىتىلىپ، يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى ئۈچۈن تەشۋىقات ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. گېزىتنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىبىرىيەدىكى تۈرك ئەسىرلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىپ، بۇ رايۇنلارغا كەلگەنلىكى ھەققىدە گەپ سۆزلەر تارقىتىلغان. تەرجىماننىڭ ئوغلى 10 ياشلىق مەھمەت ئىمىن گېزىتنىڭ زىنداندىن تاشقىرىغا چىقىرىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ گېزىت 6 ئايدىن كېيىن توختىتىلغان. بۇرھان شېھىدى بۇنىڭغا ئۇلاپلا «تۇران» ناملىق گېزىت چىقىرىپ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان. ئەمما 2 ئايدىن كىيىن بۇ گېزىتمۇ توختىتىلغان. [32]
بۇ مەزگىللەردە، ئاسىيا قىتئەسىدە جۈملىدىن چىندە تۇرىۋاتقان گېرمانىيە ۋە تۈركىيە پۇقرالىرى ۋەتەنلىرىگە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن شاڭخەيگە ئەۋەتىلىشكە باشلىغان ئىدى. ئەھمەد كامالمۇ شاڭخەيگە ئەۋەتىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ياڭ گېنېرالغا ئىلتىماس سۇنغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇرۇمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى مۆتىۋەرلەر، يۇرت چوڭلىرى، ئۇرۇمچىدە تۇرىۋاتقان غەربى تۈركىستانلىق ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېپىل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئەھمەد كامالنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بىر نەتىجە چىقمىغان. ئەھمەد كامال ھاياتتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ، ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشقا باشلىغان كۇنلەردە، يەنى ئۇنىڭ سۇنغان ئىلتىماسىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ شاڭخەيگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد كامالنى زىنداندىن قاچۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان ياپۇنىيەلىك كانىكونىڭ پىلانى سۇغا چىلاشقان.
ئەھمەد كامال ئۇرۇمچىدىكى 2 يىللىق زىندان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 4 ئەسكەرنىڭ ھەمرالىغىدا شاڭخەيگە ئەۋەتىلگەن. بۇ 4 ئەسكەرنىڭ بىرى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بۇ يەردىكى ئەسكەرلەرگە تەلىم- تەربىيە بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ھازىر ۋەزىپىسىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ ماڭغان شاڭشاۋ ئىدى.



يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، كۇچاردىكى نىزامەتتىن ئاخۇن، تۇققانلىرىنىڭ قىزى بولغان 9 ياشلىق رۇشەننى ئەھمەد كامالغا قوشۇپ ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئۇرۇمچىگە ئەكەلدۈرگەن. تەرجىمان 12 ياشلىق ئوغلى مەھمەت ئىمىننىمۇ تۈركىيەدە ئوقۇتۇش مەخسىتى بىلەن ئەھمەد كامالغا قوشۇپ قويماقچى بولغان. يەنە مىللىي خائىنلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىشى سەۋەبىدىن رۇشەننى يېنىغا ئېلىش ئىمكانى بولمىغان. مەھمەت ئىمىننى يېنىدا ئېلىپ ماڭغان. دەل يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، ئەيۈپ ئەپەندى بىر بولاقنى مىرسالىھ ئەپەندىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەھمەد كامالغا بەرگەن ۋە: «يولدا سىزگە جان جىگەر ئاداش بولىدۇ»، دىگەن. بۇ، ئىچىگە ئوق سېلىنغان بېلگىيە تاپانچىسى بولۇپ، ھەقىقەتەن شاڭخەيگە ماڭغان يولدا، يەنى لۇنتۇن بىلەن ۋەيتەن ئارىسىدىكى يولدا كېچىسى باندىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قۇتۇلۇپ قېلىشىدا بۇ تاپانچا مۇھىم رول ئوينىغان. چۈنكى باندىتلارنىڭ قۇرالى قىلىچ بولغاچقا، ئەھمەد كامالنىڭ تاپانچىسىدىن چىققان ئوق بىلەن پىتىراپ قېچىپ كېتىشكەن. ئەھمەد كامال ئەسەرلىرىدە مەھمەت ئىمىىننى تىلغا ئالغاندا ھەر زامان «ئوغلۇم مەھمەت ئىمىن»، دەپ يازغان. مەھمەت ئىمىن خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلگەچكە، شاڭخەيگە ماڭغان يولدا ئەھمەد كامالغا كۆپ ياردەمچى بولغان.[33]
ئەھمەد كامال ئۈرۈمچىدىن چىققاندىن كېيىن گۇچۇڭدا مىرمەخسۇت ئەپەندى، ئەخمەت قارى ھاجىم، ئىسلام بابالار بىلەن گۇچۇڭدا ئېچىلىدىغان يېڭى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچلىقىغا قەشقەر دارۈلمۇئەللىمىنى ئىتتىھاتنى پۇتتۇرگەن غۇلجىلىق ھۈسەيىن ھۈسنۈ ئەپەندىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مائاشى مەسىلىسىنى (مائاشى بىر سەر 16 قۇرۇش) قارارلاشتۇرغان. قۇمۇلدا شاھ ئەخمەت، ھۇكۇمەت خىزمەتچىسى ئىبراھىم ئەبۇلبارى ئەپەندىلەر بىلەن يېڭى مائارىپ ھەققىدە كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ تەلىپى بىلەن يېڭى مەكتەپنىڭ پروگىرامىسى ۋە نىزامنامىلىرىنى تەييارلىغان.
ئەھمەد كامال قاتارلىقلار شاڭخەيگە ماڭغان يولدا تاماقتىن كۆپ قىينالغان. ئارىدا 4-5 كۈن قاتتىق نان يىگەن، 2 كۈنگىچە ئاچ قالغان ۋاقتلىرى بولغان. ھەر-بىر شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىغا بارغاندا بۇنىڭدىن كېيىن بارىدىغان يېرى ئۈچۈن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، خەت ئېلىپ ماڭغان. ئەسكەرلەرنىڭ يېمەك- ئىچمىكىدىن تارتىپ بارلىق چىقىملارنى ئەھمەد كامال ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار بەزىدە ئاتقا مىنىپ، بەزىدە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئاخىرىدا پويىز بىلەن دېگەندەك 5 ئاي مېڭىپ خەنكوغا يېتىپ كەلگەندە ئەھمەد كامالنىڭ گېلى ئاغرىپ، قىززىپ كەتكەن. خەنكودا ھەم ئىنگىلىزلەرنىڭ ھەم ياپۇنلارنىڭ دوختۇرخانىلىرى بار بولۇپ، ئەھمەد كامال ھۆكۈمەتتىن ۋە گوللاندىيە كونسۇلخانىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ، خەنكودا تۇرىۋاتقان شاملىق سېلىم بەكنىڭ ھەمرالىقىدا ياپۇنلارنىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان. خەنكودىن شاڭخەيگە پاراخوت بىلەن بارغان. 1920- يىلى 2- ئايدا شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن. [34]كەلگەن كۈنى تۇركىيىلىك ئادىل ھىكمەت قاتارلىق 5 كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قونغان ۋە 6 يىلدىن بېرى ئېلىنمىغان ساقىلىنى بۇ يەردە ئالغان[35]. چۈنكى قەشقەردە ئۇ زامانلاردا بېشىغا سەللە يۆگىمىگەن، ئۇزۇن چاپان كەيمىگەن ۋە ساقال قويمىغان كىشىنىڭ سۆزىنىڭ ئىتىبارى بولمايتتى[36]. ئەھمەد كامال شاڭخەيگە كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، قولىدىكى يول خېتىنى تاپشۇرغىلى بارغاندا، چەتئەللىكلەرنى قامايدىغان زىندانغا تاشلانغان. ئەمما بۇ زىنداندا سېيىت ھەمزە ئىسىملىك بىر چەتئەللىكتىن باشقىلىرى يەرلىك جىنايەتچىلەر ئىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن گوللاندىيە كونسۇلخانىسىنىڭ باش كاتىپى كېلىپ ئەھمەد كامالنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ كامىرىنى ئالماشتۇرغۇزغان. چۈنكى بۇ مەزگىللەردە تۈركىيە پۇقرالىرىغا گوللاندىيە كونسۇلخانىسى ئىگە بولاتتى. زىنداندا ئەھمەد كامالنىڭ نازارەتچىسى بولغان گۇندىپاي تۇڭگان مالىن ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلغان. كېيىنچە ئەھمەد كامال مالىن ۋە باشقا بىر گۇندىپاينىڭ ھەمرالىقىدا بەزى كۈنلىرى سىرتقا چىقىپ شەھەرنى ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. گوللاندىيە كونسۇلخانىسىدىن ۋە يۇرتداشلىرى بولۇپ ئۇنى يوقلاپ تۇرۇدىغانلار كەم بولمىغان. ئەمما ئەھمەد كامال، ئۆلمەستىن بۇرۇن ۋەتىنىگە قايتىپ كىتەلمەسلىگىدىن ھەر دائىم ئەنسىرىگەن. ئەھمەد كامال زىندانغا تاشلىنىپ بىر ئايدىن كىيىن گوللاندىيە كونسۇلخانىسىنىڭ باش كاتىپىغا بەزىدە تالا تۈزگە چىقىش توغرۇلۇق ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. باش كاتىپ ئەھمەد كامالنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئەھمەد كامالنىڭ نامىدىن بىر ئىلتىماس يېزىپ ئۇنىڭغا قول قويدۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن. ئەتىسى گوللاندىيە كونسۇلخانىسىدىن بىر دوختۇر كىلىپ تەكشۇرۇپ، ئۇنى گۇنيىلى رايۇنىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغان ۋە دوختۇرخانا ئۇنىڭغا 10 كۇن ياتاقتا يېتىش ئىسپاتى يېزىپ بەرگەن. ئەھمەد كامال كېسەل ئەمەس تۇرۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان ۋە يېنىدا ئۇنى كۈزەتچىلىك قىلىپ تۇرىۋاتقان قوراللىق ئەسكەر بىلەن خىزمەتچى ئايالدىن بىئارام بولۇپ، سىقىلىپ، ھەقىقەتەن ئاغرىپ قېلىپ، 15 كۈندىن كىيىن دوختۇرخانىدىن زىندانغا قايتقان. ئەمما ئىستىگىنىگە ئېرىشكەن. ھەپتىدە 2 قېتىم بىر ساقچىنىڭ مۇھاپىزىتىدە سىرتقا چىقىپ، ئاخشام قايتىش رۇخسىتى ئالغان. 4 ئايدىن كېيىن گوللاندىيە كونسۇلخانىسىنىڭ سايىسىدە ئاخشام 8 دە زىندانغا قايتىش شەرتى بىلەن ھەر كۈنى بىر گۇندىپاينىڭ ھەمرالىقىدا شەھەرنىڭ خالىغان جايلىرىغا بېرىش رۇخسىتىنى ئالغان. [37]ئەھمەد كامال زىندانغا تاشلىنىپ 6 ئايدىن كېيىن تۈركىيىلىك ئادىل ھىكمەت ئەپەندى كېلىپ گوللاندىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۇزگەن. بۇ ئۇقتۇرۇشتا، چىڭداۋدا ياپۇنلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان گېرمانلارنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ياپۇنىيەنىڭ ناۋكاۋمارو ناملىق پاراخوتىنىڭ يولغا چىقىدىغانلىقى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ مۇشۇ پاراخوت بىلەن گېرمانىيە ئارقىلىق تۈركىيىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. چىڭداۋ 1898- يىلى گېرمانلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولۇپ، 1914- يىلى ياپونلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. 1922- يىلى چىنغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ئەسىرلەر، ياپونلار چىڭداۋنى بېسىۋالغاندا ئەسىر ئېلىنغان گېرمانىيەلىكلەر ئىدى[38].
ئەھمەد كامال كىتاپلىرىدا شاڭخەيدىكى زىنداندىن ئازات بولىشىدا كىمنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. پەقەت تۇركىيىگە قايتىش خەۋىرىنىڭ ئادىل ھىكمەت تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەنلىكىنى يازغان. ئادىل ھىكمەت قاتارلىق 5 كىشى 1914- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۇنى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە 6 ئاي تۇرغان بولۇپ، ئىنگلىز ۋە رۇسلارنىڭ ئىشپىيۇنلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى كۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئىشپىيون يۈسۈپ ئاخۇن ۋە ھاجى رامازاننىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغاندىن كىيىن قەشقەردىن كېتىشكە قارار بەرگەن. ئافغانىستانغا بېرىش ئۈچۈن يولدا ئاتلىق كىتىۋاتقاندا رۇسلارغا ئەسىر چۈشكەن. 1916- يىلى 8- ئايدا قېچىپ ئىلى ئالتاي رايۇنىغا كەلگەن. 1917- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۇنى خوتەندىن يولغا چىقىپ، 1918- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شاڭخەيگە كەلگەن. 1921- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۇنى ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن. جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 1928- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۇنىدىن 10- ئاينىڭ 16- كۇنىگىچە بولغان سانلىرىدا «ئاسيادا بەش تۈرك» ماۋزۇلۇق خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئوسمانلىچە بېسىلغان بۇ خاتىرىلەرنى دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى 1998-يىلى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن كىتاپ شەكلىدە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى قوشۇپ تەييارلاپ، ئۆتۈكەن نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان. 1999- يىلى بۇ كىتاپنىڭ 2- باسمىسى نەشىر قىلىنغان. ئادىل ھىكمەت ئەپەندى بۇ ئەسىرىدە ئەھمەد كامال ھەققىدە تەنقىدى كۆز قاراشلىرىنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شاڭخەيدە زىنداندا ياتقانلىقىدىن دەسلەپتە خەۋىرى بولمىغانلىقىنى، كېيىن گوللاندىيە كونسۇلخانىسىدىن كەلگەن خەت ئارقىلىق خەۋەردار بولغانلىقىنى، ئەھمەد كامال ھەر ھالدا «ھەددىدىن تاشقىرى ۋەتەنپەرۋەر» بىر كىشى بولسىمۇ، بۇ ۋەتەندىشىنى يات ئەللەردە زىنداندا تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىماي، گوللاندىيە كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس قىلىپ ئۇنى زىنداندىن چىقارغانلىقىنى، ئەھمەد كامالنىڭ باي بىر كىشى ئىكەنلكىنى، بۇرۇن مائاش تەكلىپ قىلسىمۇ قۇبۇل قىلمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ زىنداندىن چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭغا مائاش تەرىقىسىدە پۇل بەرگەنلىكىنى يازغان[39].
ئەھمەد كامال ياپۇنلارنىڭ پاراخوتى بىلەن ئاۋال ھامبۇرگقا بارغان. ئۇ يەردىن رېشىتپاشا ناملىق پاراخوت بىلەن 1920- يىلى 6-ئاينىڭ 18- كۇنى تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ 6 يىل 4 ئاي ئىچىدە ئائىلەسىدىكىلەر بىلەن خەۋەرلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. بۇ سەۋەپتىن ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى كۆرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلەلمىگەن.
تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتى توغرىلىق تەپسىلى ئۇچۇرلار يوق. ئۇ تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن، يازغان ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 1966- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ۋاپات بولغان. ۋاپاتى توغرىلىق ئادۋۇكات ئىلھان مۇساباينىڭ[40] «تۈرك دۇنياسى» ژورنىلىدا بىر ماقالىسى بېسىلغان[41].

4.ئەھمەد كامالنىڭ كۆرگەن- بىلگەنلىرىدىن بەزىلىرى

ئەھمەد كامال قەشقەردە يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن يۇرت چوڭلىرىدىن باھاۋۇدۇنباي بىلەن كۆرۈشكەندە، باھاۋۇدۇنباي ھەم ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن ناھايىتى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەكتەپنىڭ چىقىملىرىنى يىغىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن «جەمىئىيەتى خەيرىيەيى ئىسلامىيە» (ئىسلام خەير – ساخاۋەت جەمىئىيىتى) قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئۆمەر ئاخۇنباي بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆمەر ئاخۇنباي ياردەم قىلىشنى رەت قىلغان. (ياردەم قىلماسلىق بىلەن توختاپ قالمىغانلىقىنى، مەكتەپنى تاقاتقۇزۇپ ئەھمەد كامالنى كەتكۇزۈۋېتىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، خەير-ساخاۋەت جەمىئىيىتىنى تاقاتقۇزۇۋەتكەنلىكىنى، ئەھمەد كامالنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانىمىزدا يازغان ئىدۇق.) باھاۋۇدۇنباي خەلق ئىچىدىكى شۆھرىتى، مال – مۈلكى ئۆمەر ئاخۇنباينىڭكىدىن يۈز، ھەتتا مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرۇپمۇ، «ئەگەر ئۆمەر ئاخۇنباي قەشقەردە ئېچىلىدىغان يېڭى مەكتەپنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىسە، مەن ئۇنىڭ ئېغىلىدىكى ئېتىنىڭ تىزەكلىرىنى تازىلايمەن» دېگەن. [42]ئۆمەر باينىڭ يېڭى مەكتەپنى قوللىمىغانلىقى، ھەتتا جاھالەت ۋە نادانلىق بېسىپ كەتكەن مۇھىتتىن مىڭ تەسلىكتە يېتىشىپ چىققان 8-10 زىيالىنى زىندانغا تاشلىغۇزۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلغانلىقى، ئورېنبۇرگتا چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 1916- يىل 6- ئاينىڭ 7- كۇنىدىكى 2037- نۇمۇرلۇق سانىدا، تاتار ئەدىپ نۇشىرېۋان پاۋۇشېف تەرىپىدىن «قەشقەردە نەشرى مائارىپ جەمىئىيىتى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا يەنە باھاۋۇدۇنباي، قەشقەردە تۇنجى قېتىم ئېچىلىدىغان دارۇلمۇئەللىمىنى ئىتتىھاتنى ئۆمەر باينىڭ باشقۇرۇشىغا بىرىش ھەققىدە نۇرغۇن غەيرەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۆمەر باينىڭ مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بۇ خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغانلىقى يېزىلغان[43].
يازغۇچى، مۇساباي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خەلققە ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئۆمەر باينىڭ رۇس كونسۇلى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇلارغا نىسبەتەن قانچىلىك مەرت قانچىلىك سېخى ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلغان: «رۇس كۇنسۇلىغا بىر زىياپەت بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم بەش يۈز ئالتۇن رۇبلى خەجلەيدۇ. ۋالى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ئۈچۈن مىڭ رۇبلىلىق ئالتۇن سائەت ۋە نەچچە مىڭ رۇبلىلىق ھەدىيە ئالىدۇ. بۇ پۇللارنى خەجلەپ نىمىگە ئېرىشىدۇ؟ مەرىپەتپەرۋەر ئىنسانلارنى ئۇرغۇزۇش ۋە زىندانغا تاشلىغۇزۇش…” [44]بۇنىڭدىن باشقا، ئۆمەر ئاخۇنباينىڭ بەرگەن زىياپىتى ھەققىدە توختالغان. ئۆمەر باي، خەلقنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن داغدۇغىلىق بىر زىياپەت بەرگەن. 1916- يىلى 6- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ زىياپەتتە (ئەھمەت كامال بۇ زىياپەتنى ”توي“ دەپ ئىپادىلىگەن) ھۆكۈمەتنىڭ ئۇششاق- چوڭ ئەمەلدار ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى مىھمان قىلىنغان. ئۆمەر باي گەرچە يېڭى مەكتەپنى دىنسىزلىق بىلەن ئەيىپلەپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مىھمانلار توڭگۇز گۆشى، ھاراق قاتارلىق ئىسلام دىنىدە ھارام دەپ بىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن مىھمان قىلىنغان. خەنسۇ خىزمەتچىلەرگە ئون مىڭ سەرلىك سوغا سالام تارقاتقان. ئۆمەر باينىڭ ئائىلىسىدىكى 44 جان بۇ مال مۈلۈكنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەن. ئۆمەر باي خەلقىگە خائىنلىق قىلىپلا قالماستىن، ئوز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەققىنىمۇ يىگەن. يۇەنشىكەينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 1916- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى قەشقەردە 21 پارچە توپ ئېتىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر باينىڭ خەجلىگەن پۇللىرى بىكارغا كەتكەن. چۈنكى يۇەنشىكەينىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالمىشىشى سەۋەپلىك يېڭى كەلگەن ئەمەلدارغا يەنە سوغا سالام ۋە زىياپەت بېرىشى كېرەك بولغان[45].
ئەھمەد كامال قەشقەرنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «قەشقەر شەھرىدە 114 مەھەللە، 108 جامى بار. بۇ جامىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ھېيىتگاھ جامىسىدۇر. داڭلىق مەدرىسىدىن 15 ى بار. خانلىق مەدرىسى، قازاق مەدرىسى، ئاخۇن ھاجى مەدرىسى، ۋاڭلىق مەدرىسى، مۆھتەرەم باھاۋۇدۇنباي مەدرىسى، گەنجە ھاجى مەدرىسى، دورغا باي مەدرىسى، ناجى ھاكىم باي مەدرىسى، لايپەشتاخ مەدرىسى، ھېيىتگاھ مەدرىسى، ئوردا ئالدى مەدرىسى قاتارلىقلار. بۇ مەدرىسلەرنىڭ ھەر بىرىدە ئەڭ ئاز 200 شاگىرت (ئوقۇغۇچى) ئوقۇيدۇ. ئەمما دەرس پروگراممىلىرى سەۋەپلىك، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنەلمەيدۇ. ياۋرۇپادىكى مەكتەپلەردە 15 يىل ئوقۇغانلار، رەسمىي يېتىشىپ چىقىدۇ. لېكىن بۇ مەدرىسلەردە 20 يىل ئوقۇپمۇ ئىسمىنى تۈزۈك يازالمايدىغانلار بار. بۇ مەدرىسلەرنىڭ چىقىملىرىنى ۋەقپىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ چىقىملار بىلەن 200 يېڭى مەكتەپ ئاچقىلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى زاماننىڭ بىلىم تېخنىكىسى بىلەن تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. قەشقەرنىڭ ئاجايىپ ئەقىللىق ۋە چىچەن بالىلىرى مۇشۇنداق مائارىپ سېستىمىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوقۇتۇپ قويمىغان. ئەگەر ئۇلار زامانىۋى بىلىم ئوقۇتىلىدىغان مائارىپ سېستىمىسىدا تەربىيىلەنسە، ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانچىلىك چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىدىن ھىچكىم گۇمان قىلمايدۇ»[46].
ئەھمەد كامال قەشقەردە زىندانغا سولانغان ۋاقىتتا خەلق ئاممىسى ئۇنى يىمەك- ئىچمەك بىلەن يوقلاپ تۇرغان. بۇنىڭغا چىدىيالمىغان ئۆمەر باي ساقچىدىن بىرسىگە پارا بىرىپ ساقچى مۇدىرىگە شىكايەت قىلدۇرغان. ساقچى مۇدىرى بۇ ساقچىنى مۇنداق دەپ ئېيىپلىغان: «ئەسكى ئادەملەر ئىكەنسىلەر. زىيارەت قىلغىلى كەلگەن ئۆزەڭلەرنىڭ ئادىمىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىشنى خالايدىكەنسىلەر. مۇشۇنداق ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆز- ئارا جاسۇسلۇق قىلىدىكەنسىلەر….»[47]
يازغۇچى ئۈرۈمچىدە زىندانغا تاشلانغاندىن كېيىن ئۆز تەسىراتلىرىنى مۇنداق دەپ يازغان: «بىرنەچچە مىڭ كىشى سولانغان بۇ زىنداندا مەھبۇسلارنىڭ پەرىشان ھاللىرى ئىنساننىڭ يۈرىگىنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئىدى. ئاچلىقتىن ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم كىشىلەر بىر بۇلۇڭدا ئىڭراۋاتقان، يەنە بىر قىسمى بولسا بىر- بىرى بىلەن سەۋەپلىك- سەۋەپسىز مۇشتلۇشۇپ قانلىق مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ كىشىلەرنى ئورىۋالغان تاماشىچىلارنىڭ بەزىدە ماختاشلىرى، بەزىدە تەنقىتلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ مەنزىرە، بۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ سەۋىيەسىنى ۋە روھى ھالىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن يېتەتتى. مەن قورسىقىم ئاچ ھالدا، قامالغان كامىرنىڭ دەرىزىسىدىن ئۇلارنى كۆرۈپ تۇراتتىم…»[48]
ئەھمەد كامال ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ماڭغاندا خەنكودىن ئۆتكەن. ئۇ خەنكوغا چۈشكەندىكى تەسىراتىنى مۇنداق يازغان: «خەنكونىڭ ناھايىتى مۇنتىزىم ۋوگزالىغا چىققان ۋاقتىمىزدا، پۈتۈن بىنالارنىڭ ئىشىكلىرىدە ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە خەتلەر كۆرۈندى. بۇ يېزىقلار مېھمانخانىلار، رەسمىي ئىدارە جەمىئىيەتلەر ۋە شەخسىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئىنگلىز ۋە فرانسۇزلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىدى بۇ يېزىقلار…»[49]
ئەھمەد كامال شاڭخەيدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى مۇنداق دەپ يازغان: «بىر چىنلىق ياۋرۇپالىقلار ئايلىنىدىغان باغچىغا كىرەلمەيدۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ بىر نەرسە سېتىۋالىدىغان دۇكانلىرىدىن ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىملىرى كىيىگلىك شەكىلدە كىرىپ بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ تىياتىرخانا ۋە كىنوخانىسىدا ئولتۇرالمايدۇ. ھەممە يەردە ھاقارەتكە دۇچار بولغان بۇ بىچارە خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر قاتلىمىدىكى كىشىلەر، چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ ھەقسىز ۋە يۈرەكنى داغلايدىغان مۇئامىلىسىدىن بىزار بولماقتا. شۇڭا چوڭقۇر ئىنتىقام تۇيغۇسى بار. ئەمما كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك تەشكىلات قۇرغان ياۋرۇپالىقلارنىڭ خەلقنى بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان نازۇك ئىش ھەركەتلىرى ئۇلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىگە دەخلى قىلماقتا… چەتئەللىكلەر شاڭخەيدە ئۆزلىرىنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان رايۇنلىرىغا شۇنىڭغا يارىشا نام بەرگەن. ئىنگلىز مەھەللىسىگە خەنسوچە يىڭگو دىفاڭ، فرانسۇز مەھەللىسىگە فاگو دىفاڭ، ياپون مەھەللىسىگە رىبېن دىفاڭ، ئامېرىكا مەھەللىسىگە مېيگو دىفاڭ، گېرمان مەھەللىسىگە دېگو دىفاڭ دەپ نام بېرىلگەن. چەتئەللىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاكىم بولغان رايۇنلىرىنى ئۇ قەدەر كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرۈپ تەييارلاپتۇكى، ئىنگلىز مەھەللىسىدىكى ھەشەمەتلىك باغچە لوندوندىمۇ يوق، كەڭ ئازادە ماگىزىنلارنىڭ ئوخشىشى بەلكى ياۋرۇپادىمۇ يوق. بۇ، چىنلىقلارنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر، چىننىڭ جەنۇبىدا، ئىنگلىزلەر نۇپۇزلۇق بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ غايىسى بۇيىچە ئوقۇتۇلغان ياشلار شاڭخەيدە ئىنگلىزلەر ئۈچۈن ئىشلىمەكتە. شىمالدا ياپونلارنىڭ تەلىم- تەربىيىسى بىلەن يېتىشكەن ياشلار بولسا ياپونلارنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىمەكتە. ئامېرىكىلىقلار دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ كىشىلەرنى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. گېرمانلار چىڭداۋدا بىر ياندىن چىنلىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ياپۇنلارغا قارشى قوللانماقتا… خەنكو، شاڭخەي، نەنجىڭ، تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ياپونلار نۇپۇزلۇق بولۇپ، چىنلىقلارغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئاسىيادىكى ياۋرۇپالىقلارغا قارشى نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقارماقتا… [50]ئىتالىيەلىكلەرنىڭ شاڭخەيدىكى يىدالى دىفاڭ دېگەن يەر ئانچە تەرەققى قىلمىغان، خۇددى چىنلىقلارنىڭ مەھەللىسىدەكلا كۆرۈنىدۇ. ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ھىچ نۇپۇزى يوق[51]. بىر چىنلىق ياۋرۇپالىقلارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان كېچىلىك قۇلۇپلىرىدا ئولتۇرالمايدۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەھەللىسىدىن ئۆي ئىجارىگە ئالالمايدۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ مۇنچىسىغا كىرەلمەيدۇ. ھەممە يەردە خۇددى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەردەك ئىشلىتىلىدۇ…»[52]

پايدىلانغان ماتېرياللار :
ئادىل ھىكمەت ئەپەندى «ئاسيادا بەش تۈرك»، نەشىرگە تەييارلىغۇچى دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، 1999، ئىستانبۇل، 2- باسمىسى
ئەھمەد كامال ئىلكئۇل «بىر يىتىم بالىنىڭ ھاياتى»، ئىستانبۇل، 1962- يىل
ئەھمەد كامال ئىلكئۇل «شاڭخەي خاتىرىلىرى»، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، قەدەر نەشرىياتى
ئەھمەد كامال ئىلكئۇل «تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر» زارىف ئىش مەتبەئەسى، ئىستانبۇل، 1955
ھابىبزادە ئەھمەد كامال «چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى»، ئىزمىر، 1341 (1925) مەرىپەت مەتبەئەسى،
ئىبراھىم ئالىپ تېكىن مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل
ئىلھان مۇساباي «ئەھمەد كامال ئىلكئۇلنىڭ ئارقىسىدىن»، تۈرك دۈنياسى، 1966- يىل 2- 3- سان
مىرئەخمەت سېيىت «شائىر تەۋپىق»، بۇلاق مەجمۇئەسى، 3- سان
مىرئەخمەت سېيىت، يالقۇن روزى، ئابلىكىم زوردۇن، مەمتىلى ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 1997- يىل، ئۇرۇمچى
سەيپىدىن ئەزىزى «ئۆمۈر داستانى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1990-يىل، 1- قىسىم
خېۋىر تومۇر «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»

ئىزاھاتلار:
[1]ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئېنستىتوتى دوكتور ئوقۇغۇچىسى،
ئېلخەت:railekasgarli@hotmail.com
[2]مىرئەخمەت سېيىت، يالقۇن رۇزى، ئابلىكىم زوردۇن، مەمتىلى ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، 1997- يىل، ئۇرۇمچى، 382. بەت
[3]مىرئەخمەت سېيىت، «شائىر تەۋپىق»، بۇلاق مەجمۇئەسى، 3. سان
[4]مىرئەخمەت سېيىت، يالقۇن روزى، ئابلىكىم زۇردۇن، مەمتىلى ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1997- يىل، ئۇرۇمچى
[5]ئىبراھىم ئالىپ تېكىن، مەمتىلى ئەپەندى شىئىرلىرى، شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى، 2000-يىل
[6]مىرئەخمەت سېيىت، يالقۇن روزى، ئابلىكىم زۇردۇن، مەمتىلى ئەپەندى، 33-38 بەتلەر
[7]مەمتىلى ئەپەندى، 46- بەت
[8]مەمتىلى ئەپەندى، 33- بەت
[9]سەيپىدىن ئەزىزى، ئۆمۇر داستانى، 1- قىسىم، 144- بەت
[10]خېۋىر تومۇر، ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە، 189- بەت
[11]ئۆمۇر داستانى، 1- قىسىم، 148- بەت
[12]مەمتىلى ئەپەندى، 39-بەت
[13]تۈركىستان ئىسمىنىڭ مەنىسى ۋە چۇشەندۇرۇشى ئۇچۇن قاراڭ: مەمتىلى ئەپەندى، 107- بەت
[41]ئەھمەد كامال ئىلكۇل، «بىر يىتىم بالىنىڭ ھاياتى»، ئىستانبۇل، 1962- يىل، 3. 12. 26- بەت
[15]ئەھمەد كامال ئىلكۇل، «شاڭخەي خاتىرىلىرى»، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، قەدەر نەشرىياتى 115- بەت؛ «تۈركىستان ۋە جۇڭگۇ يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر» زارىف ئىش مەتبەئەسى، ئىستانبۇل، 1955، 235- بەت
[16]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى، 3- بەت
[17]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 5. 8. 9- بەتلەر
[18]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 17- بەت
[19]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 20-25. بەتلەر
[20]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 25-29. بەتلەر
[21]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 31-33. بەتلەر
[22]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 34-37. بەتلەر
[23]بىر يىتىمنىڭ ھاياتى ، 39. بەت
[24]ئەھمەت كامال ئىلكۇل، تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر، ئىستانبۇل زارىف ئىش مەتبەئەسى، 1955- يىل، 19-20-21- بەتلەر
[25]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 22،23. بەت
[26]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 23. بەت
[27]ئەھمەت كامالنىڭ كىتاپلىرىدا بۇ ۋاقىت، 1913- دەپ يېزىلغان. در. يۇسۇف گەدىكلى، تەتقىقات ئارقىلىق توغرا ۋاقىتنىڭ 1914- ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. در. يۇسۇف گەدىكلىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە مەنتىقلىق كەلگىنى ئۈچۈن، بىزمۇ 1914- يىلى دەپ ئالدۇق.
[28]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 52. 53. بەت
[29]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 54. بەت
[30]ھابىبزادە ئەھمەد كامال، چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى، ئىزمىر، 1341 (1925) مەرىپەت مەتبەئەسى، 55-64 -بەتلەر
[31]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 73-75- بەتلەر
[32]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 112-114- بەتلەر
[33]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 210-212- بەتلەر
[34]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 230 -بەت
[35]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 235 -بەت
[36]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر، 51 -بەت
[37]شاڭخەي خاتىرىلىرى، ئىستانبۇل، 5-45 -بەتلەر
[38]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 169 -بەت
[39]ئادىل ھىكمەت بەي، “ئاسيادا بەش تۇرك” ، نەشىرگە تەييارلىغان دوكتور يۇسۇف گېدىكلى، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، 1999 –يىلى، ئىستانبۇل، 2- باسمىسى، 117، 452 -بەت
[40]ئىلھان مۇساباي، قەشقەردە ئەھمەت كامالغا جۈملىدىن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا كۆپ ياردەم قىلغان باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ئاكىسى ھۈسەيىن مۇساباينىڭ ئوغلى بولۇپ، 1914- 2- 12 -كۇنى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1970- 3- 2-كۇنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ۋاپاتى ھەققىدە، تۇرك دۇنياسى ژورنىلىنىڭ 16- سانىدا، تۈرك مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 90 -سانىدا ماقالە بېسىلغان. ئىلھان مۇساباي، ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى كوپ ماقالىلەرنىڭ يازغۇچىسىدۇر.
[41]ئىلھان مۇساباي، «ئەھمەد كامال ئىلكۇلنىڭ ئارقىسىدىن»، تۈرك دۈنياسى، 1966 -يىل 2- 3- سان
[42]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى، 30 -31- بەت
[43]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى، 71 -بەت
[44]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى، 44 -بەت
[45]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 82 -83 -بەت
[46]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 28 -29 -بەت
[47]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى ، 64 -65 -بەت
[48]تۈركىستان ۋە چىن يوللىرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرىلەر ، 103 -بەت
[49]چىن تۈركىستان خاتىرىلىرى، 219 -بەت
[50]شاڭخەي خاتىرىلىرى، ئىستانبۇل،1939- يىلى، قەدەر نەشرىياتى، 7-12 -بەتلەر
[51]شاڭخەي خاتىرىلىرى، ئىستانبۇل، 32 -بەت
[52]شاڭخەي خاتىرىلىرى، ئىستانبۇل، 39- بەت

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 00:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل تىما ئىكەن. كوپتن-كۆپ رەھمەت. ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ماتىريال قىلىپ ساقلىۋالدىم.

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەد كامالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ،ئاقارتىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى  ئۇنتۇپ قالمىساق بولغۇدەك .بۇ تېمىنى ئوقۇپ خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم.
ئەھمەد كامالنىڭ دىيارىمىزدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان يىللىرى ئاجايىپ يىللار ئىكەندۇق.مۇساباي،باھاۋۇدۇن بايدەك مەرىپەتپەرۋەر ئسىل كىشىلىرىمىز مىللەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئاخسا ،ئۆمەر بايدەك مۇناپىق،خائىنلار مىللەتنى نادانلىقتا قالدۇرۇش ئۈچۈن« مەرىپەتپەرۋەر ئىنسانلارنى ئۇرغۇزۇش ۋە زىندانغا تاشلىغۇزۇش…»« ھۆكۈمەتنىڭ ئۇششاق- چوڭ ئەمەلدار ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى مىھمان قىلىنغان»بۇ خىل سېلىشتۇرمىلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ بار.ئويلىسا كىشىنىڭ ئىچى ئاچچىق بولىدۇ.

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇغۇدەك،ئىنكاس يازغۇدەك ئادەمنىڭ يوقلىغى كىشىنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدۇ

UID
4823
يازما
42
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1092
تىزىملاتقان
2010-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 22:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەت كامال ئۇيغۇرلارنىڭ  ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۈچ چىقارغان ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيلىگەن بولسىمۇ ،ئاقىۋەتتە سىتالىن شىڭ سىسەي دىگەن جاللاتنڭ قولى ئۇلارنى  قىرىپ تاشلىدى .

مىنىڭ بىلشىمچە، قەشقەردە قولغا ئېلنىپ ياۋاغ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن 300 دەك ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىلار  تۈركچىلىك ئىدىيسىنى قۇبۇل قىغانلىقى ،ياكى شۇلارنىڭ تەسىرگە ئۇچىرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى .
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12613
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 16:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەت كامال ئەپەندىنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ .

UID
6226
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1715
تىزىملاتقان
2010-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 17:59:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەد كامال قەشقەردىن قايتقاندىن كېيىن 5 كىتاپ يازغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئىككىسى قەشقەر ھەققىدە.
ئۇ كىشى ھەسەتخور ئۆمەر باينىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 10:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر باي گەرچە يېڭى مەكتەپنى دىنسىزلىق بىلەن ئەيىپلەپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مىھمانلار توڭگۇز گۆشى، ھاراق قاتارلىق ئىسلام دىنىدە ھارام دەپ بىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن مىھمان قىلىنغان.
ئىككى يۈزلىمە مۇناپىق !!  نىجىس توڭگۇز!!
بۇ پۇللارنى خەجلەپ نىمىگە ئېرىشىدۇ؟ مەرىپەتپەرۋەر ئىنسانلارنى ئۇرغۇزۇش ۋە زىندانغا تاشلىغۇزۇش…


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-11 11:22):
سېپى ئۆزىدىن غالچا ،خائىن ، ئەشەددىي مۇناپىق.

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مانتىلارنى يەپ تۈگىتەلمىگەچكە ئىسراپ بولمىسۇن دەپ بىر مانتىنى 4 داچەندىن ساتقان

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:17:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ زۇلمەت ، ئېغىر كۈنلەردە ئەھمەد كامال قاتارلىقلار كۆرمىگەننى كۆردى، نى نى جاپالارنى تارتىشتى، نۇرغۇن كۈلپەتلەرگە يولۇقتى، يەنە چىداپ ئىشىنى توختاتمىدى .جېنى تۆمۈركەن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش