تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1303|ئىنكاس: 7

كىتابخان   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22028
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-1
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 00:42:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىتابخان

ئادىل تۇنىياز
كىم سەن ئۆزۈڭ؟
سۇدەك يېقىن،تۇزدەك ناتونۇش.
مەن ئالدىڭدا سىرسىز يالىڭاچ،
ئارىمىزدا قورقۇش،قورۇنۇش،
كىتابىمنى بىسمىللا دەپ ئاچ.

خالىغانچە قىلايلى قىياس
چىراينى بىر-بىرىمىزنىڭ.
سۇ ئاستىدا ماڭغاندەك تىمتاس
دېڭىزدىكى بۇ كوچا بىزنىڭ.

كىتابخان،
شېئىرىمدا ئۈزگەن بېلىقسەن،
تۈندىكى چاچتەك گۈزەل،سىرلىقسەن.
ئوقۇساڭ گەر لوپا ئەينەكتە
قۇيرۇقلۇق مەن يا كۆپ قىرلىق مەن.

كىتابخان،
بوش لوڭقىدەك بوش ۋاقتىڭغا
سال بىر تۇتام مۇشۇ گۈلۈمنى،
سويارسەنمۇ مېنى پىيازدەك؟
سورارسەنمۇ كۆككە كۈلۈمنى؟
تىغ ئىزى بار سۈكۈتلىرىمدە،
ۋاقىت قاقاچ تۇرغان يېرىمدە،
يەر ئاغزىدا سۆڭەكلىرىمىز،
ئېرىمەكتە تاشلار جىممىدە.

ئۇيغۇرنىڭ بۇ غېرىپ شائىرى
ئىزدەيدۇ ئۆز كىتابخانىنى.

دەرتمەن بولساڭ شېئىرىمنى ئال،
سېنىڭ دەردىڭ بولالماس ياماق.
ئوغرى بولساڭ،ئوقۇشتىن ئاۋۋال،
مەن كەپ قالدىم، قاچ پالاق-پالاق.
ئەگەر قاتىل بولساڭ كىتابخان،
چىقىرىپ قوي پۇخادىن مېنى.
مالال قىلما ئەي ئەزىز مېھمان،
جاينامازدا بولسام مەن تېخى
ھىلال ئايلىق شېئىرىمدىكى.
ئەمدى بىردەم ياپ كىتابىمنى
كەتكەن بولسا كۆزۈڭ ئېچىشىپ،
بىر قاشلىغۇم كەلدى مېنىڭمۇ،
ئېغىزمىنىم شېرىن قىچىشىپ.

ئەي كىتابخان سۆيىمەن سېنى
يامغۇردىكى قاقشال تېرەكتەك
دېرىسىز ئۆيدىكى نۇردەك،
قۇملۇقتىكى يېشىل ئۇيغۇردەك.
كېتىۋاتقان بولساڭ رەستىدە
مىغىلدىغان كىشىلەر ئارا،
مەن كەينىڭدە، كەينىڭگە قارا.
سەن ئەينەككە قارىغان بولساڭ
مەن بوش ئادەم ئەينەكتە تۇرغان،
بوشلۇقۇمغا تولدۇر ئۆزۈڭنى.
مەن بىر ئەما كىتابىمدىكى
ئەپقاچمىغىن زىنھار كۆزۈڭنى.

سۆيىمەن، ئەي ئايال كىتابخان
سېنىڭ ھەر خىل چاچ پاسونۇڭنى،
قارا رەڭلىك ھىجاپ-تونۇڭنى،
شېئىرىمنى ئوقۇغاندىكى
شىۋىرلىشىڭ، نەپەسلىرىڭنى،
يىگىرمىگە توشمىغان بولساڭ
ئاھ تېخىمۇ سۆيىمەن سېنى...

شېئىرىمدىكى خورما تۈۋىدە
ئەي يولۇچى سايىداۋاتقان،
بۇرا ئەمدى ئاتنىڭ بېشىنى
بۇلاق بۇلدۇقلىغان مىسراغا.

شېئىر بەلكىم دېڭىز بويىدا
ماڭغان تەنھا ئادەم ئاتىنىڭ
تاشقا ئايلىنىپ بولغان پۇت ئىزى.

شېئىر تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ
دېرىمىزدە تۇرغان يۇلتۇزى.
شېئىر-يۇلۇپ تاشلانغان بىر تىل،
شېئىر-قۇمدا ماڭغان كۆك توغراق،
شېئىر-ئۇچقان قۇشنىڭ يىلتىزى.
ئاھ، شېئر،مەن يازغان شېئىرلار
تەكلىماكان قۇمى ئاستىدا
ئوچۇق تۇرغان تىلسىمات شەھەر،
مەن بۇ يەردە ئەرۋاھتەك يالغۇز
سەن قېنى،ئەي كىتابخانىم،كەل!

بىر تۈپ دەرەخنىڭ قەبرىسى نەدە؟
قۇرۇق ياغاچ راۋاب ئەمەسمۇ؟!
ئاق قەغەزدە مۇردىسىز قەبرەم
يوقلاپ قويساڭ ساۋاب ئەمەسمۇ؟
يۇلتۇزلارنىڭ گۈمبىزىدە بىز،
يەردىكى ئىز- بۇ ئۆچمەس خەلق.
ئەي شېئىرنى سۆيگەن ئىنسانلار
ئوقۇڭلار بىز بولماستا غەرق...

*****    ****  *****   *****
كىم سەن ئۆزۈڭ؟
سۇدەك يېقىن، تۇزدەك ناتونۇش،
قويۇۋەتكىن مېنى، كىتابخان
مەن كىتابقا سولانغان بىر قۇش.



         شائىرنىڭ << دېڭىزدىكى كوچا >> ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
14498
يازما
153
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
843
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
220 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 11:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا

ئادىل تۇنىياز

بازارنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ،
يات ئادەم ياتنى ئۆز بىلىدۇ،
كوچا ئەمس سامانيولى بۇ
تىرىكنى قىچقارساڭ ئۆلۈك كېلىدۇ.
دۈشمىنىم بەزدى ،غېرىبلىق ئەزدى،
قۇلۇڭنى بەر،ئەي ياقا يۇرتللۇق،
يوقتىن كەلگەن يوققا قايتارمىز،
يوقاتقىنىمىز بولىدۇ قۇتلۇق.
ئۇيغۇر بۇلۇپ چىقتىم چەتئەلگە
ئۆتتى گويا بىز كۈندە يۈز يىل
كەچۈرمەيمەن دوستۇم قىيامەتكىچە
دۈشمىنىم رەنجىتكەن بولسا ئەپۇ قىل.
ئات يايلى ئۆچتى سارغۇچ بەتلەردىن
باتۇرلۇق كۆچتى قىلىچلىق ئەردىن.
ئۆلگەن كۆرەلمەس ئۆلتۈرگىچىنى
ناماردلەر مەرلەردىن ئالار ئۆچىنى.
روھىمىزدا تاج خوراز تاجىدەق،
يېڭىلدۇق بۈگۈنكى دۇنيا مېكىيانىدۇر.
ئەسىرلەر بويىغا يەتتى بىر -بىرلەپ،
لېكىن ھەي قىزلار قېرىماس ئۇيغۇر.
ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا مەغرۇر
دەرەخلەردە مۇڭ،ئۆيلەردە قەبرە.
قاتقان يەرلەردە قۇترايدۇ شەھۋەت،
قاقشال سۈكۈتلەر گوياكى نەرە.
ئۇيغۇر بۇلۇپ كوچىغا چىقتىم
غەمزىسى يات،ھۆل قىزىق بازار.
ئۇيغۇر بولغۇم كەلدى مىڭ قېتىم
مۇھەببىتىم بۇلدۇقلاپ ئاقار.


باھا سۆز

kitabpurux  بۇ كوچىنىڭ نېنىنىلا يەپ، ھەسەل چايلىرىنى ئاز ئوتلاپتىمەن جۇما، ئەمدى ئاس...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 14:25:45
ArislanMemet  روھىمىزدا تاج خوراز تاجىدەق،؟؟؟؟؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 22:39:54

UID
27250
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-15
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 19:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ئەپەندىم.مەن ‹‹ئەلكۈيى›› مۇنبىرگە بىر نەچچە قېتىم ئەسەر يوللىغان بولساممۇ ھازىرغىچە بىرسىمۇ ئېلان قىلىنمىدى. مەن يوللىيالمىدىممۇ ياكى ياخشى يازالمىدىممۇ بىلمىدىم.باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمنىمۇ يوللاپ باقتىم. بۇ قانداق ئىش جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

UID
17664
يازما
194
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
764
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 22:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم      ھۆرمەتلىك  ئادىل تۇنىياز ئەپەندى ياخشمۇسىز ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز  باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسىەرلىرىدىن بەلگىلىك پەرىقلىنىپ تۇرىدىكەن ،       بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكىن    چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟

UID
11266
يازما
58
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1768
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 16:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغۇچى ئادىل تۇنىياز ئەمەس .
ئادىل تۇنىيازنىڭ نەچچە ئون پارچە ئەسىرى فىرانسۇز، نىمىس ، ياكى ئىنگىلىز تىللىرىدىكى ئەسەرلەر بولغان بولسا ھەربىرى ئۈچۈن بىر ياكى بىرقانچە تەتقىقات كىتاۋى يېزىلغان بۇلاتتى .
مەسىلەن ، يەر يېغى  ، سۈۋەرەككە مەدھىيە ، قەشقەردىكى يەرشارى ، ئۆمۈچۈك ناخشىلىرى قاتارلىقلار .
بۇ مۆھتىرەم قەلەم ساھىبىنىڭ تېنىنىڭ ، قەلبىنىڭ روھىيەت ئالىمىنىڭ مەڭگۈ ساغلام بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن
تىلەيمەن . شۇنداقلا ئائىلىسىگە زور بەخت ، خاتىرجەملىك يار بولغاي .

UID
30922
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 21:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ گويا بىر سۈزۈك بۇلاق ئىچىپ ئىچىپ قانمايدىغان....شۇ تورخانىلاردا خەجلىگەن پۇلنى يىغىپ بىرەر كىتاپ سىتېۋىلېپ ئوقۇساق،كىتاپ ساقلايدىغان ئادەتنى يىتېلدۈرسەك نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى  ....

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
624
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
624
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-6
توردا
230 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 21:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mikman يوللىغان ۋاقتى  2012-2-16 22:03
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم      ھۆرمەتلىك  ئادىل تۇنىياز ئەپەن ...

بۇ سۇئالىڭىزغا مەن ئادىل تۇنىياز ئورنىدا ئاقساقاللىق قىلىپ جاۋاپ بېرىپ قوياي، چۈنكى ئادىل تۇنىيازدا ئىتقاد بار. ئاللاھنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغان.

UID
18865
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 21:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش