كۆرۈش: 6133|ئىنكاس: 26

ئاخشام ئۆيگە قايتتىڭىزمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 12:56:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاخشام ئۆيگە قايتتىڭىزمۇ



ھاياتنىڭ رەھىمسىز قەدەملىرى كىملەرنى بالىدىن ئانىغا، دادىغا ئايلاندۇرمىدى؟
سىز ئۆيگە قايتمىدىڭىز.
ئۆيىڭىزدە بوۋاق بارمۇ؟ ئۇنىڭ قانچىلىك جاپاسى بارلىقى، قانچىلىك يىغلايدىغىنى، ئانىنىڭ تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز، كۈنلەرنى ئارامسىز ئۆتكۈزۋاتقىنىنى كۆرەمسىز؟  بۇنى قويۇپ تۇرايلى، ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بىرەر كىچىك بالىنىڭ يىغلاپ قەغىش قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىڭىزدە قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ ئېنىقكى بالىنىڭ يېغىسىنىڭ تىزرەك توختىشىنى ئۈمىد قىلىسىز، بىزار بولىسىز، ئىچ ئاغرىتىسىز، ئەگەر ئانا ياكى دادا بالىغا قاتتىق تەگسە ئۇنى ئەيىبلەيسىز! ئاتا-ئانا بالىلار ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىدۇ، بالىلار ئاتا-ئانا ئۈچۈن شۇ قەدەر قەدىرلىككى، ئۇلار ئۆز يۈرەك پارىسى ئۈچۈن مىڭ جېنى بولسىمۇ تەسەددۇق قىلىشقا رازى.

سىز ئۆمىلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئاتا-ئانا سىزگە قاراپ خۇشاللىقىنى باسالمايدۇ، تېم-تېم ماڭغانلىرىڭىزدا ئالقىشلاپ چاۋاك چالىدۇ، يۈگۈرۈپ يېقىلىپ كەتكىنىڭىزدە ياش تۆكىدۇ، ئەمدىلا تىلىڭىز چىققىنىدا ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيا ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، مەكتەپكە كىرگەنلىرىڭىزدە پۈتۈن غېمى سىزنىڭ ياخشى ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن غەم يەيدۇ. ئۆي سېتىۋىلىشتا قەيەردىكى مەكتەپ ئەڭ ياخشى، باللىرىمغا يېقىنمۇ دەپ ئويلىشىدۇ. ئانىڭىز ھەر كۈنى سىزدىن نېمە تاماق يېگۈڭىز بارلىقىنى سورايدۇ، دادىڭىز شۇنچە جاپادا تاپقان پۇللىرىنى سىز ئۈچۈن سېخيلارچە ئىشلىتىدۇ-يۇ، ئۆزىنىڭ ئايىغىنى رەت-رەت يامىتىپ كېيىدۇ.

سىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپلا چوڭ بولۇپ كېتىسىز. يېيىشىڭىز، كېيىشىڭىز، مېڭىشىڭىز، تۇرىشىڭىز ھەممىسىنى ئائىلىڭىز قامدايدۇ-يۇ، سىز «چوڭ بولۇپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىگە بولۇپ كېتىسىز». ئۇلارنىڭ گەپلىرى خاتادەك، دەۋرگە ماس كەلمەيدىغاندەك تۇيۇلىدۇ، سىلەرنىڭ كومپىيۇتىر، تور، ئويۇنچۇق، سورۇنلارغا ۋە ھەر خىل ئويۇنلارغا بولغان قىزىقىشىڭلارنى باشتا كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش دەپ سۈپەتلەيسىلەر، بۇ قىزىقىش بارا-بارا قويۇقلىشىپ ئىنسانىي غۇرۇر، ئىرادە، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئىلىمنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ بارىدۇ. ئەنسىرىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ تەنىبىھىگە باشقا بالىلارغا قاراپ باقە، دېگەندەك سۆزلەر ۋە ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن تاقابىل تۇرىسىلەر.

ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ، بۇ يۈكتىن قۇتۇلغىنىڭلار ئۈچۈن خۇشال ھالدا ساۋاقداشلار يېغىلىشىنى باشلايسىلەر. مۇھەببەت يۈرىكىڭلارنى پۇچۇلاپ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ تۇرىدۇ. سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئۈچۈن قاتىراپ تاپىنى تىشىلگەن ئاتىلار، ئانىلارنىڭ بويىنىمۇ قىسىلىپ، تاپقان-تەرگىنى يانچۇقلارغا چۈشۈپ، سىزنىڭ قوناق شېخىدەك قەددىڭىزنى ھەممىنىڭ ئالدىدا رۇسلىماقچى بولىدۇ.

ئالىي مەكتەپكە يول ئالدىڭىز، مۇستەقىل بولدىڭىز، ئۆيدىن ئايرىلدىڭىز. يۈزلەپ- مىڭلاپ سوملار يانچۇقتا توم، ئەمما ئەتراپقا قارىسىڭىز خەقنىڭ تېخىمۇ توم. پۇلنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىسىز-يۇ، پۇلنىڭ قانداق كېلىۋاتقىنىنى ئويلاشمايسىز...

مەكتەپتىكى دەرسلەر بىسىم تۇيۇلدى. بىسىم زېرىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، زېرىكىش ئۆگەنمەسلىكنى، ئۆگەنمەسلىك ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك، بۇ ئوقۇش پۈتتۈرەلمەسلىكنى، بۇ خىزمەت تاپالماسلىقنى ۋە قارىماققا يارىماسلىقنى، بۇ قىز دوستىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى....

دېمەك سىز چۈشكۈنلۈك ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبلىك، كىچىك دەپ كۆزگە ئىلمىغان ئىشلار تۈپەيلى بۇنچە چوڭ يوقىتىش كېلىپ چىققىنىنى ھېس قىلالمىدىڭىز. بۇنداق كىچىك ئىشلار ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەچكە ئۆزگەرتەلمىدىڭىز! ئۆزىڭىزدەك ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىگىنىنى كۆردىڭىز، نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقىنى، بىل گايتىس، روكفىللىرلارنى مىسال قىلىپ ئۆزىڭىزمۇ قالتىس ئىش قىلىۋىتىدىغىنىڭىزنى جاكارلىدىڭىز، ئىش باشلىدىڭىز.... ئەمما قايسى ئىش ئاسان؟ يىمەك، ئوينىماق، تەييارغا ھەييار بولماقلا ئاسان...
تەنبىھلەر ۋەجىدىن ئۆيگە قايتمىدىڭىز...

ئۆيگە قايتمىدىڭىز!
بىچارە ئانا جاينامازدا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ، بىچارە دادا تاشلىغان تاماكىنى يەنە قولىغا ئېلىپ ئاچچىق شورايدۇ، قېقىلىپ يۆتىلىدۇ...
كېچە، كۆزلەر ئۇيقۇدا ئەمەس تەلمۈرۈشتە. كۈتۈشتە، ئېتىك تېلىفۇننىڭ ئېچىلىپ قىلىشىنى كۈتۈپ قارچۇقلار ئاقىدۇ. بىر كېچىدىلا زەبەردەست ئاتىنىڭ بەللىرى مۈكچىيىپ، قەددى پۈكۈلىدۇ. قېنى، سىز نەدە؟ قەيەرلەردە يۈرۈيسىز؟
ئۆيگە قايتىڭ!
  
سىز ئۆيگە قايتمىدىڭىز!
ئايالىڭىز ھەر تېۋىش ئاڭلانسا ئىشىك يېنىغا يۈگۈرەپ، باللىرىڭىز دادىسىنىڭ ھىدىنىڭ ئۆيگە تارقىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئېھتىمال سىز خىزمەت  بىلەن ئالدىراش. ئويلاڭ، خىزمەت ئائىلىڭىزدىن مۇھىممۇ؟ خىزمەت بار ئارمانلىرىڭىزنى يۈدگەن ئوماق پەرزەنتىڭىزنىڭ مېھىرىڭىزگە تەشنا يۈرىكىنى مۇھەببەتكە تولدۇرۇشتىن مۇھىممۇ؟ خىزمەت سىز كېچە-كۈندۈز ئىشقىدا كۆيۈپ، مىڭ بىر جاپادا ئەمرىڭىزگە ئالغان ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بارچە تۇيغۇلىرىدىن مۇھىممۇ؟

سىز ئۆيگە قايتمىدىڭىز!
ئىھتىمال بىرەر جان جىگەر دوستىڭىز ۋە ياكى ئۈلپەتداشلىرىڭىز سىزنى تۇتۇپ قالدى، پاراڭ ۋە ئۇ-بۇ پىلانلار بىلەن بولۇپ قالدىڭلار. سىز ئۆيىڭىزگە قايتماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى پايخان قىلىپ، ئائىلىدىكى كۇرسىڭىزنىڭ چۈشۈرگەن بولدىڭىز. ئاغىنىلىرىڭىز ئائىلىدىن مۇھىممۇ؟

سىز ئۆيگە قايتمىدىڭىز!
ئېھتىمال ئايالىڭىزدىن رەنجىگەنسىز ۋە ياكى باشقا كۆڭۈل خۇشلۇقلىرىڭىز ئۈچۈن ئۆيگە قايتىشنى ئۇنتۇغانسىز. ئۆيگە قايتماسلىقنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان كۆڭۈل يارىسىنى قانداق داۋالىغۇلۇق. قانداق تۈگەتكۈلۈك؟ بۇ ھايات ئەگرى-توقايلىققا تولغان، سىز بىر ئۆينىڭ ئۈستىڭىزگە ئالغان  ئادەم ھەممىنى يېڭەلەيسىز!ئۆيگە قايتىڭ.

ئاخشام ئۆيگە قايتتىڭىزمۇ؟
سىز شۇ قەدەر بەختلىكسىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ تەڭ ناشتا قىلىشىپ ئولتۇردىڭىز. ئەگەر ئاخشام ئۆيگە قايتماي، بۈگۈن ئەتىگىنى ئۆيىڭىز ئالدىدا ئەزىزلىرىڭىزنىڭ ماتىمى بولسا .... ئاھ خۇدا ساقلىسۇن.

سىز شۇ قەدەر بەختلىكسىز. باللىرىڭىز سىزگە ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئايالىڭىز سىز بولغىنىڭىزدىن خاتىرجەم. ئەگەر ئاخشام ئۆيگە قايتماي، بالىڭىز دوختۇرخانىدا ياكى ئايالىڭىز بىرەر ئىشقا ئۇچراپ قالسا...

كىم كېتىشىنى، قاچان كېتىشىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ بۇ دۇنيادا . شۇڭا ئۆيگە قايتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
ئاخشام ئۆيگە قايتتىڭىزمۇ؟ ئەزىزلىرىڭىزگە كۈلۈپ بېقىپ ئۇلارغا مۇھەببەت بىرەلىدىڭىزمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-9 15:26  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
26399
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 13:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ، ئۆيگە قاتمىغانلارمۇ ئاخىرى ئۆينىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ قايتىدۇ، بىراق بەزىلەر تولىمۇ كېچىكىپ قايتقان بولىدۇ.....

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 14:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنى ھەقىقەتەن ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىپسىز، دىلتارىمىزنى چەككۈدەك بۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ يېزىشنى ئۈمۈد قىلىمىز. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

UID
28222
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 14:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي دىگەن بۇ سۆزنى ھازىر نۇرغۇن كىشلەر قۇنالغۇغا ئايلاندۇرۋالدى ،پەقەت كىرگىلى يەر تاپالمىغاندىلا ئاندىن قايتىپ كىلىشىدۇ ،ياكى مەجبۇرى ھاللاردا ئۆزىنى ئائىلىگە ئۆيگە قايتىشقا زورلاپ ئاندىن قايتىپ كىلىشىدۇ .ئۇلار پەقەت ئۆزىنى ئائىلىنى ،ئۆينى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ ئاتا-ئانىلىرىنى ئۇ دۇنياغا ۋاقىتسىز ئۆزىتىپ ،بالىلىرىنى تىرىك يىتىم قىلىپ ،ئايالىنى ياشلا تۇل قىلىپ ....................ئش قىلىپ ھەممنى ۋەيران قىلىپ بولغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىللىق بىر ئائىلىسى ،مىھرىبان ئاتا-ئانىسى ،كۈيۈمچان ئايالى ،تىلى چۈچۈك ئەقىللىق باللىرى بولغىنى پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەسكە ئالىدۇ .!ئەپسۇس ئۇلار بۇ ۋاقىتتا تۇلىمۇ كىچىككەن ،ھەممىدىن ..........ھەمىمىدىن  ئاللىبۇرۇن ئايرىلغان بۇلىدۇ !
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئۆي ھەرگىزمۇ پەقەت قۇنالغۇلا ئەمەس ،سىز مەجبۇرى ئۆزىڭىزنى زورلاپ قايتىدىغان جايمۇ ئەمەس ،سىز ئۇنىڭغا قانچە كۈيۈنسىڭىز ،يۈرەك قېنىڭىزنى قانچە كۆپ سەرىپ قىلسىڭىز سىزنى شۇنچە ئەزىز قىلىدۇ .ئەكىسچە بولغاندا لالما ئىتتىن بەتتەر كۈنگە قېلىشىڭىز مۇقەررەر...............!

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 14:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تاگور   قاتتىق يامعۇر ياققان بىركۇنى  ئىشىگى ئالدىدا  ئولتۇرسا  باشقىلار ، يامعۇر يىعىۋاتسا  نىمە ئۇچۇن ئويگە كىرمەي  ئولتۇردىڭىز دىسە ، تاگور  ئويدىكى يامعۇر تالادىكى يامعۇردىن  كۇچلۇك ئىكەن  ،دىگەن . دىمەك  ئويدە كۇندە يامعۇر ياعسا  بىز ئەرلەر  ئويگە  قايتالمايمىز .

كۆيۈمچان ئەزا

ئالدىڭىزغا ماڭغ

UID
2171
يازما
79
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
2830
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-24
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 14:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىمنىڭ ھەر ئاخشىمى شۇنداق ئۆيگە قايۇتقىسى بار ، شۇنداق ئىللىق ئۇ ئائىلە ، بالىلىرى بىلەن بىللە تاماق يىيىش ، بىللە خۇش ئولتۇرۇش.

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 16:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
维医医生 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-9 14:16
تۇرمۇشنى ھەقىقەتەن ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىپسىز، د ...

رەھمەت!

UID
15299
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 17:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇمەييە ياخشىمۇ سىز ، بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ، تۇرمۇشنى شۇنداق ياخشى سۈرەتلەپ بېرىپسىز ،

     بولۇپمۇ يىقىنقى يىللاردا تولا دىجۇرنى تۇرۇپ ، يولداشلىرىمىز كۈندە ئاران بىر كۈن قونالايدىغان بولۇپ كەتتى ،
      ................................  بۇ يىللاردىن بەك زېرىكتىم ،   ..........................  ئەنسىزچىلىكتىنمۇ زېرىكتىم

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 17:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئاينۇر دولقۇنمۇ ؟................................
سىزنىڭ  تىلى يەڭگىل ھىكايىلىرىڭىز بەك ياخشى چىققان ..قابىلييىتىڭىزنى  ئىجتىمائى تېمىلاردا ئەمەس شۇ جەھەتتە ئىپادىلىشىڭىزنى  ئۈمىت قىلىمەن .ئاللاھ ئامانلىق بەرسۇن ،،ئوقۇشىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن

UID
26124
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 19:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا دىجۇرنى تۇرمايدىغان دېھقانلار ياخشى جۇمۇ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش