- ھوقۇقى
 - 1
 - يازما
 - 38
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 105
 - تىزىملاتقان
 - 2009-3-28
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2011-11-26
  
 
 
 
- UID
 - 1584
 - يازما
 - 38
 - تېما
 - 1
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 105
 - تىزىملاتقان
 - 2009-3-28
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2011-11-26
 - توردا
 - 0 سائەت
  
 | 
                                                         ئازغۇن خاتىرە  
                                                             ھېكايە 
                                                       ماھىرە مۇختەر 
 
[ئېلزات بىلەمسەن سېى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن] نازىيە خاتىرسىگە شۇ قۇرلارنى يازدى ئەمما ناھايتى تېزلىك بىىلەن خاتىرسىنى يېپىۋەتتى، ئۇ بۇ خەتلەرنى كىمدۇر بىرىنىڭ كۈرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك قىلاتتى. 
ـ نىم بولدۇڭ نازىيە؟ - ئېلزات بەدىنى يېرىم قايرىغىنىچە باياتىن بېرى كىتاپتىن بېشىنى كۈرۈرمەي ئولتۇرغان نازىيەدىن سورىدى. 
ـ يېچ نىمە.ـ نازىيە شۇنداق دەپ خاتىرنى چىڭ سىقىمدىۋلغىنىنى سەزمەي قالدى. ئەمما بۇ ھالەت ئېلزاتنىڭ كۈزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ئۇ شىلىق قىلىپ نازىيەنىڭ قۇلىدىكى خاتىرنى تارتىۋلدى - دە ، سىرىتقا قاچتى. 
ـ ھەي، توختا ئېلزات - نازىيە بىر ئاز جىددىيلىشپ قالغان بۇلۇپ خاتىرىنى ئېلىۋلماقچى  بۇلاتتى. 
ـ رەنجىپ قالىمەن ئېلزات  ـ نازىيە چىرايغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتى. 
ـ رەنجىيە سەن رەنجىسەڭ بەك ئۇماق بوپ كىتىسەن - ئېلزات نازىيەنى جىلە قىلغىنىدىن خۇشال بۇلۇپ قېنىپ - قېنىپ كۈلەتتى. گايدا خۇشاللىقتىنمۇ چامباشچىلارنىمۇ دوراپ قۇياتتى. 
ـ بولدى قېچىۋە قوغلىماپتىمەن سېنى - نازىيەنىڭ گىپىنى ئېلزات چۈشەندىمۇ چۈشەنمىدىمۇ  
ـ مۇشۇنداق قوغلاۋەرسەڭ ھامان بىر كۈنى تۇتىۋلىسەن دېدى. 
نازىيەنىڭ جىمىپ قالىنىنى كۆرگەن ئېلزات نازىيەنىڭ يېنىغا كېلىپ - كېلە نازىيە مۇشۇ نۆۋۋەت تۇتىۋلساڭ راسلا بېرىمەن. - نازىيە بار كۈچىنى يىغىپ يۈگۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى تۇتالمىدى 
ـ بولدى، بەرمىسەڭ بەرمە ئەمدى نازىيە راسلا بەتىنىپ قالدى - ساڭا بېرىۋەتتىم كېچىچە ئۇخلىماي ئوقۇ،ـ نازىيە شۇنداق دەپ ئارقىسا ئۆرۈلۈپ كەتمەكچى بولدى. 
ـ توختىغىنە تاتلىق ئېلزات كېلىپلا نازىيە بىلىكىگە ئېسىلىۋالدى 
نازىيەنىڭ چىرايلىق قاتلىق قاپاقلىرى تۈرۈلگەن بۇلۇپ راسلا خاپا بولۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. - خاپا بولدۇڭمۇ تاتلىق ؟ 
ـ تاتلىق دىمە مېنى  
ـ بۇلىدۇ تاتلىق بۇلىدۇ، ئەمما سېنى تاتلىق دىمىسەم كىمنى تاتلىق دەيمەن، يېچ كىم سەندەك تاتلىق بولمىسا 
ـ ساراڭ ـ. نازىيەنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى يەنە بۇرۇمقىدەك شوخ ھالىتىگە قايىتقاندا 
ـ سېنىڭ مۇشۇ تاتلىق كۈلكەڭنى دىمىسەم ئاللىقاچان نىگارەنى كەلتۈرۋالاتتىم مەن 
نازىيە ئېلزات مېنى ياخش كۈرىدۇ دەپ ئويلايتى. ئەمما نىم ئۈچۈندۇر بۇ گومۇشنىڭ چىش يېرىپ گەپ قىلمايدىغنىغا بەزىدە ئاچچىقى كەپمۇ قالاتتى. 
ـ بارمامسەن - نازىيە ئېلزاتنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئالماقچى ئىدى. ئەمما ئېلزاتنىڭ گەپ قىلمايدىغىنىغا كۈزى يەتكەن نازىيە ئارىدىكى بۇرۇختۇمچىلىقنى پەسەتمەكچى بۇلۇپ - سەت - دېدى. 
ـ مەن سەت بولسام مېنى ياخشى كۈرۈپ قالماستىڭ - ئېلزاتنىڭ سۈزىنى ئاڭلغان نازىيە ئۈزى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ - كىم سېنى ياخشى كۈرىدىكەن سەت مەتو - نازىيە شۇنداق دىگەچ ئېلزاتىنىڭ قۇلىدىكى خاتىرە دەپتەرنى ئېلىۋالدى - سېنى ياخشى كۆرۈگىچە دېدى نازىيە قۇلىدىكى خاتىرە دەپتەرگە قارىغىنىچە - مۇشۇ خاتىرە دەپتەرنى ياخشى كۈرۈپ قالارمەن مەن |   
 
  
 |