تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2961|ئىنكاس: 24

مەغفىرەت (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
357
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11418
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 17:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇپتەن نامىزىنى  ئەمدىلا ئوقۇپ بولغان مەغپىرەت، قاتتىق قېقىلغان ئېشىك ئۈنىدىن چۆچۈپ ساپما كەشنى سۆرىگىنىچە بېرىپ ئېشىكنى ئاچتى. كەيىپنىڭ كۈچىدىن ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى قالمىغان ئابدۇللا ئىلىشاڭغۇ كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ بوسۇغىدىن ئاتلىدى-دە، كارېدۇرنىڭ تېمىنى سىيلاپ يۈرۈپ ھۇجرىغا كىرۋالدى. ئۆڭى ئۆچكەن   مەغپىرەت پەرىشان ھالدا شامالدۇرغۇچنى قوزغىتىپ قويۇپ سافاغا بېرىپ ئولتۇردى. يولدىشى بىلەن بۇرۇنقىدەك  جېدەللىشپمۇ ئولتۇرمىدى. ئۇ نىمىلا دىگەن بىلەن ئابدۇللاغا بەرىبىر ئىدى. ئۇ ئاشۇ نىجىسنى ئىچكىنى ئىچكەن، قىمار ئويناپ ئۇتتۇرغىنى ئۇتتۇرغان ئىدى. مەغپىرەتنىڭ «ھايۋان!»دەپ ياقىلىرىغا ئېسىلىشلىرى  ياكى «قۇرئان»دىن ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشلىرى؛ ھېچ بولمىغاندا تىزلىنىپ تۇرۇپ « ئۆتۈنۈپ قالاي ،مېنى تالاق قىلۋەتكىن...»دەپ يالۋۇرۇشلىرى ئابدۇللاغا بەرىبىر ئىدى. ئۇ خۇددى قان چىقارماي جان ئالغۇچى يالماۋۇزدەك ،مەغپىرەتنى ئاستا-ئاستا تۈگەشتۈرۈپ تاشلىماقچى. ۋە ياكى جاھالەت قوينىدا قۇرت-قوڭغۇز بولۇپ جاننى ساقلىغۇدەك تۆشۈك بولسىلا شۈكرى دەپ ئۆتۈپ كەتمەكچى...
روھى خۇنۇكلەشكەن ئەرلەرگە نىسبەتەن ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەققى قىلچە  ئېتىۋارغا ئېلىنمايدۇ. ئېلىندى دىگەن تەغدىردىمۇ ناھايتى خۈنۈك ۋە ئاجىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھىجاب بىلەن ئورىنىپ يۈرۈشلىرىگە تەسىرلىنىپمۇ قويمايدۇ . ئەكىسچە ، «ئايەت» تۆكۈلۈپ تۇرغان لەۋلىرىگە بەتبەشرە ،مەست ھالىتىدە ئېغىزلىرىنى تەڭلەيدۇ...  ئۇلارغا سۈكۈت قىلىپ جىم ئولتۇرۇپ بېرىشمۇ ۋە ياكى ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشمۇ ، ئاشۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلۋاتقان ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى  ئىماننىڭ ،يۈرۈكىگە  قانچىلىك ئورۇنلاشقانلىقىدىكى مەسلە. ماھىيەتتە ئۇلارغا ئىككى پۇرسەت بار. بىرى سەۋىر قىلىش. يەنە بىرى چېكىنىش. كۆپۈنچە ئاياللار سەۋىر قىلىشنى تاللايدۇ. خەقلەرنىڭ ئېغىزلىرىدىكى بەخىتلىك ئائىلىسىدىن ۋە ئۇماق پەرزەنىتلىرىدىن ئايرىلىپ ، ئەرسىز ھىجران ئازابى تارتىشنى خالىمايدۇ. يولدىشىنىڭ ھىدايىتىنى تىلەپ بىر مەھەل ئوقۇلغان ھاجەت نامازلىرى ئاستا-ئاستا تاشلىنىپ قالىدۇ -دە، بارغانسىرى يولدىشىنىڭ بارچىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە كۆنۈپ كېتىشىدۇ. ۋاقتى كەلسە ئۆزلىرىدىن ئاغرىنىش ئورنىغا «ئاللاھ»تىن ئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ. «ۋاي دۇئايىمنى قۇبۇل قىلمىدى »،«ۋاي مېنى ئاشۇنداق شورپېشانە يارىتىپتىكەن...» ...
تەقۋالىق بىلەن يۈكسىلىدىغان  ، گۇناھ -مەئسىيەت( ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش) بىلەن ئاجىزلىشىدىغان ئىمان ، ئۇلار ئۈچۈن بىر ۋاق تاماق ئېتىشقا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەتسە بار، ئېتىلمىسە يوق... ئاقىۋەت ، ئۆزىنى بىر يولدىكىلەرگە ئەمەس ، ئانىسى «چەگ!» دەپ بەرگەن ياغلىقنى پۇتىدىكى پايپاقچىلىك كۆرمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇردىغان بولىۋالدۇ. «قىسقىراق كىيمەمسەن؟»،«قىسقىراق چىگمەمسەن؟»،«قىسقىراق ....» تۈمەنلىگەن قىسقىراقلار يالىڭاچلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ. قانچە يالىڭاچلانسا شۇنچە قەدىرلىندۇ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى ئادەم ئوينايدىغان ؛ ئوينىغانسىرى تېتىقسىزلىشىپ كېتىدىغان تەڭسىز تىراگىدىيەلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى بوپ چىقىدۇ.

      *                           *                                *                               *                                       *

مەغپىرەت توي قىلىپ بىر يىلنىڭ ياقى كۆزلىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يارىشا كۆرمىگەننى كۆردى. «تەقۋادار يىگىت» دەپ تەرىپلەپ بەرگەن ئابدۇللا ، ئىلىمنىڭ سۇنىقىمۇ يوق قىمارۋاز چىقتى. يولغا كىرگۈزىمەن دەپ شۇنچە ئۇرۇنسىمۇ «مېنى ئۆزەم خالىمايدىغان ئىشقا زورلىما!» دەپ كۇفرىنى تاللىۋالدى . بىر قېتىم بىر ۋاق بامدات نامىزىغا تۇرۇپ قويغان باھانە بىلەن ، ئۇنى  ناھەقسىزلا ئۇرۇپ كەتتى. مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئېرىگە ئىتائەت قىلىش مەجبۇريىتىنى ئېنىق  تونۇپ يەتكەن مەغپىرەت سەۋىر قىلدى. كېچە-كېچىلەردە تۇرۇپ يولدىشىنىڭ ئىنسابىنى تىلىدى. ئەلۋەتتە «ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان بەندىنى ، ھېچ كىم توغرا يولغا باشلىيالمايتتى». ھىدايەت تاپقان بەندە چىن تەۋبىلىرى بىلەن گويا قاراڭغۇ كېچىلەرنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرىغا ئوخشايتتى. كۆزلەر كۆرەلمىگەن بىلەن قەلىپلەر سېزىپ تۇراتتى. ھىدايەت قىلىنمىغان بەندىچۇ؟ بۇنىسى ئۆزىگە ئايان. بەزىلەر بار، ئۆزى بىلەن قېرىشىپ ھەق يولدىن قەستەنلا باش تارتىدىغان. ئۇلار خۇددى توخۇلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ .( بىر سىقىم داننى چېچىپ بەرسە ،تاتلاپ تۇرۇپ يەيدۇ. )
مومىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولغان بۇ قىز كىچىكىدىنلا ئىسلامغا ھېرىسمەن ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئىمانىدىن ۋاز كەچمىدى. خىزمەتنى قويۇپ ئاددىيغىنە ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللىدى. بۇ سەۋەپلىك قايسىدۇر بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى بولغان دادىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ تاياقمۇ يىدى. ئۆگەي ئاپىسىدىن خېلى تىل ئىشتتى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان تەقۋادار مومىسىلا ھامىي بولاتتى. ھالىغا يېتەتتى. بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىرچىلىقلارغا سەۋىر قىلشنى ئۆتۈنەتتى. ھەرگىزمۇ قاقۋاش دادىسى ۋە دىننى چۈشەنمەيدىغان ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە سەۋەپ بوپ بېرىشنى  خالىمايتتى. مۇبادا مەغپىرەت بۇ تۇرمۇشتىن ۋاز كەچسە ئۇلارنىڭ « ۋاي ،تايىنلىقكەنسەنغۇ؟! يەرگە نەچچە ئۈسۈپ يۈرگىنىڭگە قاراپ ھەرگىزمۇ تۇل قالمايدۇ دەپ يۈرۈپتىمىز تېخى!» دەپ مەسخىرە قىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ھازىرمۇ ئۇ ئاڭلاۋاتقان گەپلەر ئازمۇ ؟ « ئاغزىغا قارىسا قۇرئاندىن چۈشمەيدۇ. يولدىشىغا قارىسا دەتتىكامدىن بېرى كەلمەيدۇ...»
-يا ئاللاھ...
ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلىۋاتقان غەم ۋە ئەندىشىلەردىن كۆزلىرى بىر نۇقتىغا قادىلىپلا قالغان مەغپىرەت بىر ھازادىن كىيىن ، بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك كىتاب ئىشكابىدىن  قۇرئاننى ئالدى-دە،  تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى:

                                    «ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»

«شۈبھىسىزكى ، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن ، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن(يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن)(41)   ــــسۈرە زۇمەر

«بىز ئىنسانلارنى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز ، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرى خاتىرلەنگەن نام-ئەمەل) بار، ئۇلارغا( ساۋابنى كېمەيتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ(62).  ـــــ سۈرە مۆئمىنۇن

«يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر ، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا  لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر. ئۇلار مەغفىرەتتىن (نازۇ نېمەتلىك جەننەتلەردىكى ) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمان بولىدۇ (26).           ــ سۈرە نۇر

ئۇ قۇرئان ئوقۇۋېتىپ ئۆزى تۇيمىغان ھالدا   بىر يانغا قىيسايغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. (ئىنشائاللاھ، مۆئمىنلەرنىڭ ئۇيقۇسىغىمۇ ساۋاپ بېرىلەتتى.)
«شۈبھىسىزكى ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار(190). ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ ، ئولتۇرغاندىمۇ ، ياتقاندىمۇ ، ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگىزىدۇ.(191)                                                                                                                                ــــــــ سۈرە ئال ئىمران

                *                        *                        *                           *                            *                    *

بۇ كېچە شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى . دېرىزە تەكچىسىدىن چۈشۈۋاتقان ئاينىڭ ساغۇچ نۇرى ئۆي ئىچىنى يورىتىپ تۇراتتى. خۇددى ھىدايەتنىڭ شولىسى  كەبى  مەغفىرەتكە رەھمەت ئەيلەپ ، ئابدۇللاغا لەنەت ئوقۇۋاتقاندەك...
سۈبھى كۈلدى. سائەتتىن چىقۋاتقان ئەزان ئاۋازى مەغپىرەتنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇردى. سافادىن تۇرۇپ بامدات نامىزىغا تاھارەت ئېلىشقا ماڭدى. بىر ھازادىن كىيىن  جايناماز سېلىپ بامدات نامىزىغا تۇردى. سۈرىلەرنى ئوقۇۋاتقان تىل ، تىترەۋاتقان يۈرەك ۋە ئاللاھقا يۈزلىنۋاتقان روھىدىن ھالقىپ سىرغىۋاتقان ئىسسىق ياشلىرى زاڭاقلىرىنى بويلاپ جاينامازغا چۈشمەكتە ئىدى. ھالبۇكى ئاللاھ ئالدىدا يىغلىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ خۇرسەنلىككە كىرەتتى. بەندە ھېچ كىمگە دىيەلمىگەن سىرلىرىنى ۋە ئاشكارلاشقا خالىمايدىغان پىغانلىرىنى ياراتقان رەببى ئالدىدا دەۋالسا، سىرداشسا ... قانغۇچە يىغلىۋالسا روھى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. بۇ سەۋەپلىك «ئاللاھ ، ئۆزى ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقان كۆزلەرگە دوۋزاق ئوتىنى ھارام »قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايتتى.   ئۇ  ئالقانلىرىنى كەڭرى ئېچىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى...  شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلفۇن ئۇنى چۆچىتۋەتتى. تېلفۇن تۇرۇپكىسىدىن دادىسىنىڭ سوغۇققىنا  ئاۋازى ئاڭلاندى:
- موماڭ قازا قىلدى، تېز كەل!
-...
مەغپىرەت تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى . بۇ گەپلەر راسىتمىدۇ ؟ تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ساپ-ساقلا ...
-كىمكەن؟ نىمە قاراپ تۇرۇپ كەتتىڭىز؟
مەغپىرەت ئېسىنى يىغىپ ، ئىختىيارسىز پاڭڭىدە  يىغلىۋەتتى. ئۈنىنى قويۋەتمەي دىسىمۇ ئۆزىنى تۇتالمىدى . «ۋاي جېنىم موما! پەرىشتەم موما ...» ...
ئابدۇللا مومىسىنىڭ قازا قىلغىنىنى چۈشەندى بولغاي ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلماقچى بولغاندەك :
- بولدى سەۋىر قىلىڭ، ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز. بولدى يىغلىماڭ ...،-دەپ تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى.
خۇددىنى يوقىتىپ قوياي دىگەن مەغپىرەت ئابدۇللانىڭ  ئېيتقانلىرىغا  پارتىلاپلا كەتتى:
- سەنمۇ سەۋىر دىگەننى بىلدىكەنسەن ھە؟! تېخى ئۆلۈمنىمۇ بىلدىكەنسەن! ئۇنداق ئادەم ئاشۇ رەھمەتلىك ھايات چېغىدا بىرەر قېتىم ئالدىغا ئادەمدەك بېرىپ باققان بولساڭ ئىدى!
مەغپىرەتنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار سۇدەك سىرغىپ چۈشەتتى.  ئابدۇللا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭغا كىرىشىپلا قالدى:
-مەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ زېرىككەن ئوخشىمامسەن؟ سەنلا ئادەم، سېنىڭدىن باشقىسى ھايۋانمىكەن؟!
مەغپىرەتنىڭ سەۋرى توشتى. سۇنمايدىغان كوزا بارمۇ؟  ئۇ قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئەجەبا ،ئۇنىڭ ئابدۇللا بىلەن بىللە ئۆتىشى ساۋاب دەپتىرىگە خاتېرلىنەمدۇ-يوق؟ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ھىدايەت شەھرىگە مېڭىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدەك رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاپ پەرىشتىلىرىنى دەتالاشقا سالدىغان رىۋايەتكە ئوخشاپ قالامدۇ قانداق؟ مانا بۈگۈن،  تەقۋادار مومىسىمۇ كەتتى. دىمەك ئۇنىڭ تارتىشقۇدەك ھېچ نىمىسى قالمىدى. دىلى رەنجىپ يامانلاپ بارسا باغرىغا باسقۇدەك ئاپىسى ، كۈلۈمسىرەپ ئالدىغا چىققۇدەك دادىسى...  سەۋىرنى تەۋسىيە قىپ تۇرىدىغان مومىسىمۇ يوق. پەقەت تىكەنلەر ئارىسىغا يادىدا يوق ئۈنۈپ قالغان ئەتتىرگۈلدەك بىر ئۆزىلا قالدى...
- ھايۋان؟ ھايۋانمۇ سەندىن ياخشى! سەن ئىچكەن ئۇ نىمىنى ئېشەكمۇ پۇراپ بېقىپ سەسكىنىدۇ. سەن ئوينىغان قىمارنى قايسى ھايۋاننىڭ ئوينىغىنى كۆرگەنىدىڭ؟ ئېشەكنى خىت دىسە ماڭىدۇ . ھوت تېررر دىسە توختايدۇ. ئەگەر توختىمىسا قامچا يىيىشىنى بىلىدۇ. ئەمما سەنچۇ؟ سەن ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدىغىنىڭنى قىلىسەن؟
- بولدى قىل! ھېلى بىكار كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن!
مەغپىرەت قورقۇپ قالمىدى. ئادەتتە بەزى ئەركەكلەرنىڭ، ئايالى ئالدىدا  گەپتە يېڭىلىپ قالغۇدەك بولسىلا شاپلىقىنى كۆتۈردىغىنىنى  بىلەتتى. خۇددى ئەرلەرنىڭلا غورۇرى بولۇپ ، ئاياللارنىڭ بولمىغاندەك تاياققا زورلاش كۆپ سالماقنى ئىگەللەيتتى.
- مەن سېنىڭ ئۇرىشىڭدىن قورقۇپ قالمايمەن. دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق! ئويلاپ باقە؟ سەن ئاشۇ چىرايلىق ئىسمىڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟ سەن «ئاللاھنىڭ قۇلى» دەپ چاقىرىلىشقا لايىقمۇ؟
-ئېي! مانا ئەمسە،تويە!
مەغپىرەتنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا تۆمۈرچىنىڭ بازغىنىدەك قاتتىق شاپلاق يۇمران ئىڭەكلىرىدىن ئوت چىقىرۋەتتى. مەغپىرەت «سۇبھانەللاھ» دەپ پىچىرلاپ ئۆزىنى ئارانلا  تۇتىۋالدى.  تىڭزىپ كەتكەن يۈزلىرىنى سىيلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى. ۋە كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنى  چاقناپ تۇرغان  ئابدۇللانىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇلايىملىق بىلەن:
- ئابدۇللا، كۆرۈۋاتقانسەن؟ بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز پەقەت ئوخشىمايدۇ. بىر-بىرىمىزنى ئۇنداق خارلىمايلى. مېنىڭ خاتا  بولسا ئاللاھ مېنى كەچۈرسۇن، سېنىڭ خاتا  بولسا ئاللاھ سېنى كەچۈرسۇن. مېنىڭ خېتىمنى بەرگىن. ئاللاھ نامىدىن ساڭا يالۋۇراي...
مەغپىرەتنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى. شۇ دەقىقىدە ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلدى. دىمىقى ئاچچىق بولۇپ يەنە سۆزلەشكە نەپىسى يېتىشمىدى. بۇنىڭدىن ئارتۇق ۋە يېقىملىق سۆز نەدە؟ جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ياتلىق بولغان قىزلارغا قارايدىغان بولسا، ئېرىدىن تاياق ئەمەس، كۈنلەپ بولسىمۇ كۈجە-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىۋالىدۇ. ھەپتە ئۆتمەيلا بىرەر قۇر كىيىم بەدىلىگە يېنىپ كېلىشىدۇ. خۇددى ئۇلارنىڭ  نىكاھى ،پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغاندەكلا.
-ئالدىراپ خېتىمنى ئالىمەن دىگىنىڭ بىلەن، ئەتىلا كېلىۋالارسەن ھەقاچان؟!
-ئىنشائاللاھ  قايتىپ كەلمەيمەن. ماڭا بەندە ئىگە بولمىسا ئۈستۈمدىكى ئاللاھ ئىگە بولىدۇ.
مەغپىرەتنىڭ سۆزلىرى ئابدۇللاغا تەسىر قىلدى بولغاي قارىداپ كەتكەن چىرايى ئاقىرىشقا باشلىدى. بۇندىن بۇرۇن نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەندە ، ئۇ ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنىدى .«سەندەك خۇدانى تونۇيدىغان چىرايلىق قىزنى  قويىۋېتىپ ساراڭ ئەمەس بىرى !» دەپلا تۇرۇۋالاتتى. بۇ قېتىم ئۇنداق دېمىدى. بەلكىم ، ئۆزىنىڭ مەغپىرەت بىلەن ھەقىقەتەن ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىغا؛ يا ئۆزى ،يا مەغپىرەتنى خۇشال قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتتىمۇ چىرايىغا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ:
- راسىتنى ئېيتسام سىزنى ئۈچ تالاق قىلغۇم يوق. خۇدانىڭ بىر كۈنلىرىدە مەنمۇ تۆۋبە قىلسام نىكاھىمىز قوشۇلۇپ قالار. كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرگەن يەرلىرىم كۆپ. مېنى كەچۈرۈڭ. خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھىممۇ كۆپ. مېنىڭ ھەققىمدە دۇئا قىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ. بوپتۇ،  سىزنى تالاق قىلدىم.
ئابدۇللا مۇشۇ گەپلەرنى قىپ بولۇپلا كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى مەغپىرەتنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك چوڭ-چوڭ چامداپ  سىرتقا چىقىپ كەتتى.
-ئاللاھقا شۈكرى،-دېدى مەغپىرەت چامادانغا كىيىملىرىنى سالغاچ،- ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغايسەن،بۈگۈن، سەن ئەڭ بىزار بولغان سۆزنى دىگۈزۈپ سالدىم. مېنى كەچۈر رەببىم.

                   *               *                 *                     *                   *                  *                 *

ھازىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدە رەھمەتلىكنىڭ ھاياتىدىكى ئاز بولمىغان پەزىلەتلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئۆلۈم -بەزىلەر ئۈچۈن بارچىكى دەرت-ئەلەمنىڭ ئاخىرقى چېكى. ئۇلار شۇنداق دەپ ئويلىغانلىقلىرى ئۈچۈن، ھاياتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلارغا ئۇچىرسىلا ئۆلىۋېلىپ ھەممىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىشىدۇ. ئەمەليەتتە ئۇلار ئازدۇرغۇچى شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكىنىنى بەك كېچىكىپ بىلىدۇ. ھاياتلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىشىپ ھاياتىدا قەدرىنى قىلالمىغانلىقلىرىغا ئاھ ئۇرشىدۇ. ئەمما ئۆلگەنلەر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ياش تۆكىۋاتقىنىنى كۆرەلمەيدۇ. ئەمەليەتتە، ئۇلارنىڭمۇ بىر كۆرگۈسى ، ئىچىگە پاتمايۋاتقان پۇشايمانلىرىنى قېنىپ-قېنىپ ئاڭلىۋالغۇسى كېلەتتى.ئەگەر ئاڭلاشقا قادىر بولسا ئىدى، دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارا «ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش » مودىغا ئايلىناتتى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار  چوڭلارنىڭ بەس-بەستە ئۆلۋالغانلىقلىرىنى كۆرۈپ ، ئاغزىدىكى ئەمچەكنى چىقىرۋېتىپ ئاشلىق ئېلان قىپ بولسىمۇ   ئۆلۈۋالاتتى. ئەمما ، ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئىنساننىڭ ئاشۇ ئاجىزلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆلۈمنى، قەبرە ئازابىنى (تىرىكلەر بىلەلەيدىغان ھالەتتە) ئاشكارا قىلمىدى. ئۇنىڭغا ۋاقت بېكىتمىدى. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھلىرىنى تەندىن جۇدا قىلىپ ئەرىشكە ئەپچىقىپ كەتتى.

بىچارە مەغپىرەت جىنازا كەينىدىن قاراپ قېتىپلا قالدى.  دادىسى ئۇنىڭ   چامدانىنى كۆرۈپلا ئەرۋاھى ئۇچقان ئىدى. خۇددى مۇشۇنداق بولىشىنى ئاللىبۇرۇن بىلدىغاندەك (ئۇنداق قىلالمايدىغۇ) ئون نەچچە تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدا ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاپ  كەتتى. ئەڭ سۆيۈملۈك مومىسىنىڭ ھازىسدىمۇ خاتىرجەم تۇرغىلى قويمىدى.
« نىمىشقا كەلدىڭ؟ ناماز ئوقۇغانلارنىڭ ئاجىرشىشى مودا بولۋېتىپتىمۇ؟ خىزمىتى يوق خوتۇن خەقنىڭ ھامان بىر كۈنى خارلىندىغانلىقىنى بىلەتتىم زادى!»
ئۆيگە كىرسە ئۆيدە، تالاغا چىقسا تالادا ئېيتىلۋاتقان تەنبىھلەردىن مەغپىرەتنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى. شۇنچە كەڭرى جاھانمۇ تار تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەمما ئۆزىنىڭ ھەق يولدا ئىكەنلىكىگە ئاغرىنىشقا قەتئىي بولمايتتى. دادىسىنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر ياخشى كۆردىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. كىچىك چاغلىرىدا ھېچ كىمنىڭ دادىسى پىكاپقا چىقىرىپ شەھەر ئايلاندۇرمىسا ، ئۇنىڭ دادىسى ئايلاندۇرغان. ۋاقتى يەتسىلا باغچىلارغا ئەكىرىپ قانغۇچە ئويناتقان. «ئاپىسىدىن كىچىك قالدى، كۆڭلى سۇنۇپ قالمىسۇن..»دەپ بىرەر ئېغىزمۇ قاتتىق گەپ قىپ باقمىغان ئىدى.  مەغپىرەتنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى ئانىسىدىنلا كۆرەتتى. ھە دېسىلا «قىزىمنى بەك خوراپىي تەربىيلەپ قويدۇڭ ئاپا » دەپ ئاغرىنىپ يۈرەتتى... ئەمدى نىمىلا دىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ. كەتكەنلەر كەتتى، قايتىپ كەلمەيدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ، تىرىكلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن گۈزەل ئەسلىمىلىرىلا يىگانە قالىدۇ. يىلدىن- يىلغا ئۇنتۇلۇشقا باشلايدۇ. قەبرىلەرمۇ كونىرايدۇ، ئاچچىق توپىغا ئايلىنىپ ھۈركىيدۇ...

«كەچ قويغان خۇدايىم ، ئاچ قويماپتۇ» دىگەندەك، غېرىبلارنىڭ دەردىنى يەنىلا ياراتقان ئېگىسى قىلىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا ئۆزى رەھمەت ئەيلەيدۇ . جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنى سەھرادىكى دىخان ئاكام ئوبدان چۈشىنىدۇ. بۇ ئالەم - ئۇ ئالەمنىڭ زىرائەتگاھى. بۇ دۇنيادا نىمىنى تېرىساڭ، قانچىلىك ئىشلىسەڭ ، ئىشلىگىنىڭنىڭ ھوسۇلىنى ئاخىرەتتە شۇنچىلىك ئالىسەن. بۇ ھاشار ئىشلىگەنگە ئوخشىمايدۇ. ئۆز ئىختىيارىڭ، رازىلىقىڭ ۋە كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن ئىشلەيسەن. ئىشلىگەنچە خۇرسەن بولۇپ ئىشلەيسەن...
دادىسىنىڭ  ئۆيىدە تۇرۋاتقان مەغپىرەت تولىمۇ بىئارام بولدى. قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرسىدا پەپىلىنىپ چوڭ بولغان قىزغا نىسبەتەن ،باشقىلارنىڭ قاچا-قۇچىلارنى تاراڭشىتىپ قويىشىمۇ ، ئېشىكنى بار كۈچى بىلەن «جالاققىدە!» قىپ يېپىشىمۇ كۆڭلىگە كېلىدۇ. ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆگەي سىڭلىسىنىڭ دېسكۇ مۇزىكىلىرىنى بولۇشىغا قويۇۋېلىپ ئاللىقانداق غىلجىڭشىپ يۈرۈشلىرىگە غىڭ-پىڭ قىلالمايدۇ. ھەتتاكى  ، سافا ئۈستىدە پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان تاغىل مۆشۈكنى «پەش!» دەپمۇ قوغلىيالمايدۇ.
ئۇنداقتا ، ئۇ كىم؟ بۇلارنىڭ مالىيىمۇ؟  ياق، ياق... ئۇ مالاي بولغان بولسا كۆڭلىگە كېلىپمۇ ئولتۇرمايتتى.

بىر جۈمە كۈنى مەغپىرەت سەي-كۆكتات سېتىۋالغىلى بازارغا چىقتى. پىيادىلەر كوچىسىدا كېتىۋېتىپ بىرسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئارقىغا بۇرۇلدى. دەرۋەقە،ئېنىستۇتتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئابىدە ئون نەچچە مىتىر يىراقلىقتا مەغپىرەتكە قاراپ  يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئابىدەنى كۆرۈش بىلەن تەڭلا مەغپىرەتنىڭ چىرايى يامغۇردىن كىيىنكى قۇياش نۇرىدەك پاللىدە يورۇپ كەتتى. ئابىدە ئۇنىڭ ھەم ساۋاقدىشى ھەم دىنى قېرىندىشى ئىدى. كۆرۈشمىگىنىگە خېلى ئايلار بولغانىدى.
ئابىدە مەغپىرەت بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ  سۇلغۇن چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران بولدى.
- ۋاي قېرىندىشىم ، ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
مەغىپىرەت مېيغىدا كۈلۈپ قويۇپ :
-ياقەي ، ھېچ ئىش يوق. ئۆتكەنكى ھەپتىدە مومام تۈگەپ قالدى. شۇڭلاشقا كۆڭلۈم يېرىم.
ئابىدە مەغپىرەتنىڭ ئاجىرشىپ كەتكىنىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغانىدى. شۇڭا ئۇدۇل دەۋەردى.
-ئاڭلىسام ئاجىرشىپ كېتىپسەن.
مەغپىرەت ھەيران بوپ :
- ساڭا كىم دېدى؟
ئابىدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
-قاچانغىچە يوشۇراي دىگەنىدىڭ؟
-مەنغۇ يوشۇراي دىمىدىم، تېزلا ئۇقۇپ بولغىنىڭغا ھەيران قېلۋاتىمەن.
- ۋاي ئاداش، قايسى كۈنى ھەرەمباغنىڭ ئالدىدا كېتىپ باراتتىم. تۇيۇقسىزلا بىر نىمە بىلىكىمنى كاپلا قىلىپ تۇتمامدۇ ،«ۋايجان!» دەپلا توۋلىۋەتتىم.
- ئۇ كىمكەن؟ ،- مەغپىرەت ئالدىراپ سورىدى.
- ۋاي كىم بولاتتى ، ئابدۇللاكەن. غىڭلا مەس. ئۆزىچىلا« مەن مەغپىرەتكە يۈز كېلەلمەيمەن. كۆرسىڭىز ئېيتىپ قويۇڭ . ..مەن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن....»دىگەندەك نۇرغۇن گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماقۇل دەپلا قۇتۇلدۇم . كۆرمەمدىغان بۇ كېلىشمەسلىكنى؟!
-تېتىقسىز...
-يۈرە ئاداش،ئاۋۇ سۆگەت تۈۋىدە بىر دەم سايىدايلى. ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار.
ئۇلار ئازراق مېڭىپلا تۆت كوچىنىڭ ئۈستۈنكى قېتىدا سايسىسى چۈشۈپ تۇرغان مانتا سۆگەتنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇشتى.  ئىيۇننىڭ كۈچلۈك ئاپتىپى ئاتەش زىمىننى جېنىنىڭ بارىچە قىززىتۋاتاتتى. تۆت كوچىنىڭ ئوڭ بېقىندىكى ناۋاي ئۇستاممۇ ئاسما مايكا بىلەن يەڭلىك كۆتۈرۈپ يۈرۈيتتى.
ئابىدە مەغپىرەتنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشقا چىققان  بولۇپ ھازىر بۇدرۇققىنە بىر ئوغلى بار ئىدى. يولدىشى قاسساپلىق ھۈنىرى بار قارىم  يىگىت .  ھال كۈنىمۇ ياخشى ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئابىدەنى بەخىتلىك دىيىشكە تامامەن بولاتتى.
-ئوغلۇڭ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدىمۇ؟
-ئاللاھقا شۈكرى.
مەغپىرەت بىر تال سۆگەت يوپۇرمىقىنى ئويناپ تىمتاس ئولتۇردى. ئابىدە ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىغا قىزىقاتتى ھەم ئىچى ئاغرىيتتى. دەردىگە دەرمان بولۇشنى ئويلايتتى.
-مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئەلىنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ،-دەپ سورىدى ئابىدە مەغپىرەتنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ. مەغپىرەت بۇ سۇئالنىڭ سورىلىپ قېلىشىدىن شۇنچە ئەنسىرگەنىدى. ھەر قېتىم ئەلىنىڭ گېپى چىقسىلا ئۆزىنى ئەلىگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتى.
-كۆردۈم. ئۇ ھازىر ئىچكىردىمىكىن. ئىككى  يىلدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىدىم.
ئابىدە مەغپىرەتنىڭ ئەلى توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەي يۈرگىنىگە ئىشەنمەي:
-راسىت كۆرمىدىڭ؟
مەغپىرەت ھەيران بولۇپ:
- ئەمسە، يالغاندىن كۆردۈم دەمتىم؟ سەن كۆرگەن ئوخشىمامسەن؟
-كۆردۈم! ،-دېدى ئابىدە مەغپىرەتنىڭ دولىسىنى ئۇرۇپ،- ئۇنى كۆرسەڭ تەستە تونۇيسەن. تولىمۇ بىلىملىك ۋە ئۆزىنى تۇتىۋالغان قارىم بوپتۇ.
-نىمە؟! ،- مەغپىرەت ھاياجىنىنى باسالماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،- ماشائاللاھ، بۇ گەپلىرىڭ راسىتمۇ؟
-ھى..ھى..ھى... قارا خۇش بوپ كەتكىنىڭگە ! ئۇ مەندىن ئەھۋال سورىمايلا سېنى سوراپ كەتتى. ئاجىرشىپ كەتكىنىڭنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولدى. يېنىڭدا تېلىفۇن بولمىغاچ ئۆزىنىڭ نۇمۇرىنى يېزىپ بەردى. سەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن.
-كۆرۈشكۈم يوق.
-نىمىشقا؟
-خىجىل بولمامدىم؟ بىز بىر-بىرىمىزگە مەھرەممۇ بولالمايمىز بەرىبىر.
- سىلەر بۇرۇن ئاشىق -مەشۇق بولساڭلار، ھازىر بىر دىندىكى قېرىنداش. ئىلگىرى سەن ئۇنىڭ ئىمانىغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى بولسىمۇ ئىشىنىپ قوي قېرىندىشىم.
-مەن...
شۇ ئەسنادا ئابىدەنىڭ يان تېلىفۇنى سايراپ كەتتى .
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم؟ تېشلىقمۇ ئاپا، ھە ، مەن ھازىر ..ھە، ھە،  ماقۇل . ھازىرلا بارىمەن. بولىدۇ . ئاللاھقا ئامانەت!
ئۇلار بىر -بىرىگە قىيمىغان ھالدا  خوشلاشتى. بۈگۈن ئابىدەنى ئۇچراتقان مەغپىرەتنىڭ كۆڭلى ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپلا كەتتى. قېرىنداشلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان دىندا ، ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ئەسرالىشىپ تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق خۇرسەنلىك بولمىسا كېرەك؟ نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ ، ئەلىنىڭ خەۋرىنى ئۇقتى . تېلىفۇن قىلىپ ئولتۇرمىسىمۇ ھېلىقى قەغەز پارچىسىنى جىلباپنىڭ يانچۇقىغا سالدى. كۆرۈڭە مانا، بەزى بىر ئىشلار بەندىگە مۈشكۈل بولغان بىلەن ،«ئاللاھقا ئاسان». گاھىدا باشقىلارنىڭ تەغدىرىگە بالدۇر ھۆكۈم چىقىرۋېتىشمۇ نادامەتكە باشلاپ قويىدۇ. ئەمدى، مەغپىرەت ئەلىنى ئىزدەرمۇ ياكى ئەلى مەغپىرەتنى ئىزدەرمۇ؟ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى يېنىپ-يېنىپ ئۆچۈپ قالغان  مۇھەببەت يالقۇنلىرىنىڭ بىرەر تال چوغى ساقلىنىپ قالغان بولغىيتىمۇ؟  مەغپىرەت شۇلارنى ئويلاپ دادسى تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى تۇيماي قالدى.
قات-قات بىنالار ئارىسىدىكى كاللىنى قاپاق قىلدىغان ۋاڭ-چۇڭلار ئىچىدىن  غۇۋا ئاڭلىنۋاتقان ئەزان ئاۋازى مەغفىرەتنى نامازغا ئالدىراتتى.

             *                    *                       *                       *                           *                          *
كىچىككىنە ھۇجرا تومۇز ئىسسىقنىڭ ھاررىتىدە ھاممامدەك دىمىق بوپكەتكەنىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھارارەتلەر دوزاقتىن كېلىۋاتاتتى. دوزاقنىڭ بىر قېتىم تىنىپ قويغىنىغا يەرشارى بۇنچىلىك قىززىپ كەتسە، ئىككى قېتىم تىنسا قايناپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بىزگە ئوخشاش مۆتىدىل بەلباغدا ياشاۋاتقانلار ھېلىتىن ۋايسىغىلى تۇرساق، ھەج مەسۇمىدا بارچىكى ئىشتىياقى ۋە سېغىنىشى بىلەن بۈيۈك ئىسلامنىڭ مەركىزى بولغان شەھىرى ھەرەمدە  ھەج تاۋاپ قىلۋاتقان ھاجىلار قانداق قىلۋاتقاندۇ؟ پەرىز ئەمەلىنىڭ كامالىي ئادا بولىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ شۇئارىغا ئاۋاز قوشۋاتقانمىدۇ ياكى يوغان قاچىنى كۆتۈرشىۋېلىپ ئەرەب مۇلازىمەتچىلەرگە «قېتىق بەر، قېتىق!» دەپ ھۈرپىيۋاتقانمىدۇ؟
مەغپىرەت جىلبابنى يەڭگۈشلىگەچ يانچۇقىدىكى ئەلىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ قايتا -قايتا ئوقۇپ قويدى. قايسى كۈنى ئابىدە ئۇنىڭ تويى توغرىسىدا ھېچ نەرسە دىمىدى. ھە راسىت، ئۇ توي قىلغانمىدۇ؟  
ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئەينەك ئالدىدا بىر پەس خىيالغا چۆمدى.« توي قىلسا قىلغاندۇ؟ ئۇمۇ يىگىت بولغاندىكىن.  يىگىت بولغاندىمۇ بەزى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان ئالىيجاناب قىزنىڭ دەردىدە  بىر مۇنچە قورساق كۆپۈكىگە قالغان يىگىت بولغاندىكىن. »
مەغپىرەتنىڭ ئىچى تىتىلدىدى. ئەجابا ئۇ ئەلىنى ياخشى كۆرمەمتى؟
«ئىسمىڭىز مەغپىرەتمۇ؟ مەنىلىك ئىسىمكەن. «ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى»دىن ئايرىپ ئېلىنغان ئۈزۈندىكەن -دە؟»  ئەلى بۇ گەپلەرنى قىلغاندا مەغپىرەت تولىمۇ خۇش بولغانىدى. ئەلى ئاقكۆڭۈل ، مەيدانى ئوچۇق يىگىت ئىدى. تىل ماھرىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ  سىنىپداشلىرى «ناتىق » دەپ ماختايىتتى. ئۇمۇ مەغپىرەتتەك دادىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان دىلى سۇنۇقلاردىن بولغاچقا ، باشقىلار ئالدىدا چوڭچىلىق قىلىشنى خالىمايتتى. ئۆزى شوخراق بولسىمۇ ، ئىمانى بار قىزلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى. بولۇپمۇ مەغپىرەتنى جېنىنى تىكىپ قوغدايتتى. مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇپ باقمىدى. كۆزلىرىگە تىكلىپ قاراشتىنمۇ ئەيمىندى. ئەمما يۈرۈكىدىكى ئىشىق ئوتى دائىما قىيناپ ئۆتتى. ئۇنىڭ مەغپىرەتتەك دىيانەتلىك قىزغا يولۇققىنى خۇدانىڭ شاپائىتى. ئەتراپىمىزدا، پاك ، بىغۇبار ...ھايا  بۇلىقىدىن سۇ ئىچۋاتقان ۋە ئىچكەن سۇغا چۇشلۇق قەدرىنى قىلۋاتقانلار قانچىلىك؟  يادىدا يوق ئىچىپ قويۇپ ، ئاقىۋەتتە ئاشۇ بۇلاققا ھاقارەت كەلتۈرۋاتقانلارمۇ چىقىۋاتمامدۇ؟
بۇنداقلار ئۇسساپ كەتسىمۇ بۇلاققا يېقىنلىشىشتىن باش تارتىپ ؛ سۇ ئىچكەنلەرگە ھەسەت قىلىشىپ  كۈن ئۆتكۈزدىغانلارغا ئويۇن بوپ بېرىدۇ. « ۋاي قارا، ئاۋۇ نىمە دۈم يېتىپ ئىچۋاتىدۇ! ئاۋۇسى ئىچىپ بولۇپلا  قۇسقىلى تۇرۇپتۇ! » دىگەندەك پىتنىلەرگە قالدىغانلارمۇ كۆپۈيۋاتمامدۇ؟

مەغپىرەت ئەلى بىلەن بىر شەھەردىن بولغانلىقىغا ئەمەس، ئۇنىڭ  دۇنيا قارىشىنىڭ ساپلىقىغا قول قويدى. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇنى تولا خىيال قىلدىغان بوپ قالدى-يۇ، ساۋاقداشلارنىڭ ئېغىزلىرىدا «يۈرۈۋېتىپتۇ» دىگەندەك ئېغىۋالارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى تارتىپ يۈردى. توغرا، شەرىئەت مۇھەببەتتىن خالىي ئەمەس. يەرشارىدىكى بارچە ئىنسانلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى مۇھەببەت «ئاللاھ»تەرەپتىن كەلگەن . شۇ سەۋەپلىك خىلمۇ-خىل مىللەت ۋە ئېرق شۇ مۇھەببەت ۋە ھېسداشلىق سايىسى ئاستىدا  ئۆز ئارا دوستلۇقنى ئورناتقان . بۇ ئارقىلىق بىر -بىرىنىڭ مەدەنيىتىنى ، تىلىنى ۋە ئېتقادىنى چۈشىنىپ يەتكەن.
ئەلى مەغپىرەتنىڭ ئۆزىنى تارتىپ يۈرگەنلىكىگە خاپا بولۇش تۈگۈل ، خۇشال بولدى. كۆڭلىدە مەكتەپ پۈتكەندە ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشىدۇ دەپ خىيالى يۈرىۋەردى.
ئاقىۋەت، تەغدىر ئۇنىڭ رايىغا باقمىدى. ھەممىسىگە ئەلىنىڭ ئاپىسى سەۋەپچى بولدى . ساپساق  كىرگەن ئادەمنى ،ئەقلىنى يوقاتقۇچە مەس قىلىپ چىقىرۋېتىدىغان ھارام تىجارىتى  ئەلىنىڭ ئارزۇلىرىنى بىتچىت قىلۋەتتى. بالا بولسىغۇ ئۇرۇپ تۈزەتسە؛ ئانا بولغان ئادەمنى قانداق قىلغۇلۇق؟  گەپ قىپ بولغۇچە « سەن شۇمنى دەپ ، شۇنداق ئىشنى قىلدىم!» دەپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويسىچۇ؟  نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ دىگەن ئانا. ساراڭ بولامدۇ-ساق بولامدۇ ئەلىنى يىمەي يىدۈرۈپ ، كىيمەي كىيدۈرۈپ ؛ يېتىملىكنى بىلىندۈرمەي چوڭ قىلىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتقان ئانا!
بىر قېتىمدا بەش بارماقنى ئېغىزغا سالغىلى بولمىغاندەك ، ھەممە ئىشقا بىر جەريان كېتىدۇ. يازغۇچى چېغىدا بىرەر روماننى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە ئاي، ھەتتا نەچچە يىل سەرىپ قىلىشى  مۇقەررەرغۇ؟  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قەۋمىگە دەيدىغان گېپىنى دەۋېلىپلا « نىمە قىلساڭ قىل!» دەپ يامانلاپ كەتكەنمۇ ؟ ياق، ياق...مەككە پەتھى بولغانغا قەدەر مەككە خەلقىگە پۇرسەت بەرگەن. مەككىگە پەتھى قىلىپ كىرگەندە بولسا قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ كاللا كېسىش ئورنىغا ، گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇپ ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى تىكلىگەن...
مەغپىرەت ئەلىدىن ئىشەنچىسىنى ئۈزدى . ئۇنىڭغا مومىسىنىڭ « ھەقىنى چۈشەنگەن بىر مۇسلىمە قىزنىڭ ھاراق ساتىدىغان بىر خوتۇننى «ئاپا» دەپ چاقىرمىقى دۇرۇس ئەمەس» دىگەن نەسىھىتى بەكرەك تەسىر قىلدى. ئەلۋەتتە، بىر مۇسۇلمان قىزنىڭ تويى ، بىر قانچىلىغان ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ھىدايەت بوسۇغىسىدىكى مۇسلىمەلەرنىڭ تەغدىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن -دە؟!
ئەلىنىڭ مۇھەببىتدىن ، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى غالىپ كەلدى. ئەلىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ۋە  «ئاللاھ»نى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىلىرى جاۋاپسىز قالدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئەلى بۇ شەھەردىن غايىب بولدى. نەچچە ئايدىن كىيىن  باشقىلاردىن  « ئەلى ئىچكىرىدە بىر خەنزۇ خوجايىننىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋېتىپتۇ» دىگەندەك  خەۋەرلەر كەلدى. مەغپىرەت ئۇ كۈنلەرنى شۇنداق تەستە ئۆتكۈزدى. ھەر نامىزىدا ئەلىنىڭ بەختىنى تىلىدى.

ۋەھالە، ئۇ كۆز ئالدىدا يەنە پەيدا بولدى. يەنە كېلىپ تولىمۇ قاملاشمىغان چاغدا پەيدا بولدى.    بەلكىم مەغىپىرەت كۆرۈشمەيمەن دەپقۇ قۇتۇلار. ئەمما ئالقانچىلىك شەھەردە ئۇچراپ قالمايدۇ دىگىلى بولامندۇ؟ قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ؛ ھەر بىر ئىبادىتىگە نارازلىقتىن باشقا جاۋاپ كەلمەيدىغان دادىسىنىڭ ئۆيىدە قانچىلىك تۇرالايدىغانلىقى ئۆزىگە نامەلۇم. ئۇنىڭ ئەمدى ئابدۇللا توغۇرلۇق ھېچ نىمىلەرنى ئويلىغۇسى ؛ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆرەپ كىرگۈسى يوق.  ئۇ ئۆزى ئاشۇ يولنى تاللىدى . ئەمدىچۇ؟   بۇياقتىن  ئاجرىشىپ ئىددەت تۇتماي تۇرۇپلا باشقا بىرىگە تېگىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۈچ ئاي ئون كۈننى توشقۇزىشى كېرەك-تە؟
ۋاي ، ئۇ نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىكىنە؟ سەۋزىدىن بىخەۋەر، گۈرۈچنىڭ دەم يەپ كەتكىنى قىززىق!

          *                     *                       *                           *                        *                           *
ھەر خىل ۋەقەلەرگە تويۇنغان تاھىر -زۆھرە قەبرىسىگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممسىنى «مۇھەببەت ئىزدەپ كەلگەنلەر» دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايتتى. خۇددى ئاشۇ خاتېرە تاشنىڭ تۆۋىندىكى بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرغان مەرۋايىتتەك سۇلارنى زۆھرەنىڭ يېشى دەپ ئېيتقىلى بولمىغاندەك. بەزىلەر تاماشا قىلغىلى ؛ بەزىلەر كۈچىدىن قالغان مۇھەببىتىنى دەس تۇرغۇزۇش ئىستىكىدە ؛ يەنە بەزىلەر  ئاشۇ ئۆتكەن تارىخقا شاھىد بولۇپ بىرەر پارچە رەسىمگە چۈشىۋالغىلى ...كەلگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلارنىڭ قايتقاندىن كىيىنكى تەسراتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى « ئەجەپ ئېگىزدا ئۆلەپتىكەن ، چىقىپ بولغۇچە يۈرۈكۈم پۇلاڭلاپ قالدى» دىسە، بەزىلىرى« بەك كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق جېنىم، مۇمكىن بولسا يەنە ئەپچىقىپ كەلسىڭىز» دىيشى ، يەنە بەزىلىرى « ئەستا، ئون كوي خەجلىگەنگە چۇشلۇق تۈزۈك تارتماپتا بۇ سۆرەتنى!» دەپ ئولتۇرىشىمۇ  مۇمكىن.
ئەلى ، ئابىدە ۋە مەغپىرەتكە نىسبەتەن بۇ جاي ئانچە ناتونۇش ئەمەس. سۆزلەشكۈدەك جاي تاپالمىغان ئەلى ئابىدەنىڭ بالىسىنى ئويناتقاچ ، مەغپىرەت بىلەن ياندىشىپ ماڭدى. بىر دەمدىن كىيىن  ئابىدە بالىسىنى ئويناتقان كىشى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈردى. ئەلى بۇرۇنقىدىن سەمىرىپ قالغاندەكمۇ تۇراتتى. بۇغداي ئۆڭ چىرايى ئاقىرىپ ، ئېڭەكلىرىنى بويلاپ چىققان شالاڭ ، ئەمما رەتلىك ساقاللىرى ئۇنى تولىمۇ سالاپەتلىك  قىلىپ كۆرسىتىپ قويغانىدى. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى شوخلۇقىنى ئېغىر -بېسىقلىق ئىگەللىگەندەك ؛قىزلارنىڭ كۆزىنى يەيدىغان قارچۇقلىرىنى تارتىنچاقلىق ئالغاندەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي ماڭاتتى. پات-پات ئابىدەنىڭ بالىسغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قوياتتى. ئەلى ئالدى بىلەن ئارقا راۋاقتىكى كىشىلەر توپىدىن يىراقراق بىر ئورۇندۇققا  بېرىپ  مەغپىرەتنىڭ ئولتۇردىغان يېرىگە قولىدىكى بىر پارچە گېزىتنى سېلىپ بەردى.
- ئۇزاق بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى،- ئەلى ئاۋال سۆز باشلىدى. مەغپىرەت بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ جاۋابەن:
-شۇنداق،  ئۇزاق بوپتۇ. نەچچە يىلدىن ياقى نەلەردە يۈردىڭىز؟
-بولدى ، سەن دەۋېرشەيلىچۇ؟ نەلەردە يۈردۈڭ دىگىنە بىر.
مەغفىرەت يېنىك تەبەسسۇم قىلدى. بۇرۇنقى چاغلىرى بولغان بولسا «ساراڭ!»دېۋەتكەن بولاتتى.
-ھە، نەلەردە يۈردۈڭ؟
ئەلى كۈلكە ئارىلاش:
-گۇاڭجۇغا قوغۇن ئاپىرىپ كەلگەچ  ئۇ يەرنىڭمۇ ئېمى-جېمىسىنى بىلىۋالدىم. خەنزۇچىنى بىلدىغانلارغا ئىچكىرىدە جان باقماق ئوڭايكەن. شۇ يەردە بىر مەھەل تۇرۇپ قالدىم. سەنچۇ؟ ئاجىرشىپ كېتىپسەن.
-شۇنداق.
-بۇنى ئاللاھنىڭ سىنقى دەپ بىلگىن . ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىسىنى ھەر-خىل سىناقلار بىلەن سىناپ تۇرىدۇ. سىنالماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرگىلى بولمايدۇ. «ئەلۋەتتە، بىر مۈشكۈلات كەيندىن بىر ئاسانچىلىق بار» . «بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋىر قىلغانلار جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ» دىگەن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بار. سەۋىر قىل...
مەغپىرەت ئەلىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەردىن تەسىرلەندى ۋە ھەيران قالدى . ئاللاھنىڭ كارامەتلىرى نىمىدىگەن كۆپ!  بۇمۇ ئاللاھنىڭ بىر نېئمىتى. ئەگەر شۇ ۋاقتىدا مەغپىرەت ئەلىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ توي قىلغان بولسا ئەلىنىڭ ئېتقاتىدا بۇنچىلىك ئۆزگىرىشلەر بولمىغان بولاتتى. ئۇ شۇ ھېلىقى  ھەجىۋىي قوشاقلار بىلەن قىزلارنى كۈلدۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئەلى بوپ قېلىۋېرەتتى. «مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماپتۇ» دىگەندەك ،گاھىدا  مۇساپىرچىلىق يارىشىپمۇ قالىدۇ.
-گەپ قىلماي ئولتۇرسەنغۇ؟
ئەلى مەغپىرەتنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ :
- توي قىلدىڭمۇ ؟،-دەپ سورىدى. ئەلى  بۇ سۇئالنىڭ سورىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك :
-ياق. كۆڭلۈمدىكىدەك قىز ئۇچرىمايۋاتىدۇ ،- دېۋەتتى. ئارىنى جىمجىتلىق قاپلىدى. ئۇ دەۋاتقان «كۆڭۈلدىكىدەك قىز مەغپىرەتمىدۇ؟ ياق ..ياق. ئەلىدەك يۈزى ئېچىلمىغان يىگىتلەر ئاسانلىقچە  بىر قېتىم ئەردىن چىققان ئاياللارغا ئېتۋار بېرىپ كەتمەيدۇ. ئېتىۋارغا ئالغان تەغدىردىمۇ ئايالىنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۆزى بىلەن بۇرۇنقى يولدىشىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرشىدىن بىزار بولىشىدۇ. »
-ئاللاھ خالىسا ئۇ قىزمۇ چىقىپ قالار. سېنىڭ بەختىڭنى تىلەيمەن.
ئەلى تەمتىرەپ قالدى. گەپنى قەيەردىن باشلاش توغۇرسىدا بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ:
- رەھمەت! مەن سېنىڭ ئىشلىرىڭنى ئاڭلىدىم. ئىمانسىز  كىشى بىلەن بىرگە ئۆتېۋېرىپ سېنىمۇ ئىماندىن يېنىپ كېتەرمىكىن دەپ قورققاندىم . يەنىلا ئۆز شەيتىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىپ تۇرۇپسەن. دىسەم-دىمىسەم ، سېنىڭدەك غەيرىتى بار قىزلارنى ئەمدى ئۇچرىتالماسلىقىم مۇمكىن. بۇنداق دىسەم، توي قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۆزۈڭنى تۆۋەن كۆرۈۋالمىغىن. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەن باشقىلارنىڭ پىتنە- پاساتلىرىغا پەرۋا قىلمايمەن. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 25 يېشىدا ، يولدىشى تۈگەپ كەتكەن 40 ياشلىق ھەزرىتى خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)نى ئەمرىگە ئالغان.
مەغپىرەتنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇشقا باشلىدى. بۇ سۆزلەرنى رەھمەتلىك مومىسى بىر ئاڭلىۋالغان بولسا ھە؟ «ئاللاھ بەختىڭنى بېرىپتۇ قىزىم!» دەپ پېشانىلىرىگە سۆيمەمتى؟ «ياشا ئوغلۇم! سېنى خاتا چۈشەنگەن مەندەك ئەقلى يوق قېرىنى كەچۈر» دىمەسمىدى؟ ئۇ ئەمدى ئەلىگە نىمە دەر؟ ماقۇل دىگىنى بىلەن ئەلىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئېغىزىغا ئالماي شەرىئەت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ؟  
- جىممىدە بوپ كەتتىڭغۇ؟ نىمىدىن ئەنسىرەۋاتىسەن؟  نىمىلا گەپ بولسا كۆڭلۈڭدىكىنى دىگىن.
مەغپىرەت بىر ئاز ئويلىنۋېلىپ :
- ئەڭ ياخشىسى  بۇ پىلانىڭدىن ۋاز كەچ. ئويلاپ باق، مەن  ياخشى بولاي ۋەياكى يامان ، بىر قېتىم تۇرمۇشلۇق بولدۇم. سەن بەلكىم مېنىڭ چىرايىمنى كۆزلەۋاتقانسەن..
-نىمە؟! چىراي؟ توۋا دىگىن !
ئەلى ئالاقىزادە بوپ كەتتى . مېڭىسىدە گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلىگەندەك بولدى.
-توختا، گېپىمنى ئازغاشتۇرۋەتمە ،- دېدى مەغپىرەت سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپ ،- چىراي دىگەن ئىككىنجى مەسلە. سەن ئايال بولغۇچىنىڭ دىيانىتىنى ۋە ئىلمىگە يارىشا ئەمىلىنى تاللىغىن. ئۇ ئايال سېنىڭ ئىتائىتىڭگە بويسۇندىغان ۋە ئېرى ئالدىدىكى مەجبۇريەتلىرىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان بولسۇن. مېنى ئەمدى   «ھەمشىرىلەر»دىكى ،روھى ساغلام ، ئىمانى يۈكسەك  «ئايبۇلاق»قا ئوخشاتما.  ئۆتمۈش تەكرارلانمايدۇ...  مېنىڭغۇ ماڭا ئىگە بولغۇدەك بىرەر قېرىندىشىمنىڭ ھامىيسىغا بەكمۇ ئېرىشكۈم بار. ئەمما، ئۆزۈمنى ئويلاپ سېنىڭ بەخىتڭگە ئولتۇرغۇم يوق.
-گېپىڭ تۈگىدىمۇ؟
-تۈگىدى.
- ئۇ قىز دەل سەن!
-ياق! ئوبدان ئويلان.
- مەن ساڭا ، بۇرۇنقى ئىشلارنى تىلغا ئالماسلىققا ۋە شەرىئەت ئىچىدە ھامىي بولۇشقا  ۋەدە بېرەي.
- ئالدىراپ كېتىۋاتىسەن...
ئەلى چۈشەندۈرۈپ بولالمىغانچە ، مەغپىرەت جاھىللىق قىلاتتى. ئوغلىنىڭ ئوينشىغا قارىغاچ ئۇلارغا زەن سېلىۋاتقان ئابىدە «ئۇرۇشۇپ قالمىغىيدى» دەپ ساراسىمىگە چۈشۈۋاتاتتى. ئەلى راستىنلا  ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمىدۇ؟  ئۇنداق نىيەت قىلغان ئادەم نىمىشقا «ئۇنىڭدىن باشقا قىز تېپىلمايدىغاندەك »  ۋەدىلەرنى  بېرىپ  يۈرۈيدۇ؟ ئۆزىنىڭ قەددى-قامىتى ۋە ئىلىمىگە يارىشا ، مەغپىرەتتىنمۇ ياش ،توي قىلمىغان قىزلارنى  ئۇچرىتالايتىغۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭ شەيتانى مۇھەببىتى  مەغپىرەت ئالدىدا  چاندۇرماي رىياخورلۇق قىلۋاتقانمىدۇ؟  ئەلىچۇ؟ ئۇ ھازىر نىملەرنى ئويلىدى؟  گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرا-چىقارمايلا ماقۇل دەيدۇ ھەقاچان دەپ ، چۆچۈرنى خام ساناپ كەلگەن قارىچاق ، تۇيۇقسىز تولىمۇ ئوسال ھالەتتە قالغانلىقىدىن ئۆكۈنۋاتامدۇ؟ ياق، ياق...ئەلى ئۇنداق ئۈمۈدسىز كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۆزگەردى. نىمىنىڭ توغرا،نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
- ماڭا قارا مەغپىرەت ،- دەپ گەپ باشلىدى ئەلى ،- مەن ئىلگىرىكى ئىماننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئەلى ئەمەس. سەن بىلەن نىكاھلىنىشىم ماڭا بىر قانچە تەرەپتىن ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن (ئىنشائاللاھ).  رەسۇلىللاھنىڭ سۈنئىتىنى بىجىرىمەن. ئىنشائاللاھ ، بىر مۇكەممەل ئىسلامىي ئائىلە قۇرىمەن. قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىندىشىمغا ھامىي بولىمەن.  دىمەك، بىر تەننىڭ بىر يېرى زەخمىلەنسە ئاغرىق ھەممە يەرگە تارقىغاندەك، ئۆز ئارا- ھەمدەمدە بولمىغان قېرىنداشلىقنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟
ئەركەكلەر ئۆز ئاجىزەلىرى ئۈچۈن قول قوشتۇرۇپ تۇرماي ئۇلارنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىسا، ئۇلارغا ئىچى ئاغرىسا ، ئاسرىسا جەمىيەت  قالايمىقان بوپ كېتەرمۇ؟ قايسى قانۇندا،« ئاجراشقانلارنى ، توي قىپ باقمىغانلار ئېلىشقا بولمايدۇ » دەپ چەكلەپتىكەن؟
ئەلىنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاساسى بار ئىدى. قارايدىغان بولساق  ،كۈنسىرى كۆپۈيۋاتقان ئاجىرشىش ھەق -تەلەپ دېلولىرى سوتچىلارنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ جەمىيەتنىڭ تەرتىپگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. يېتىم بولۋاتقان بىگۇناھ سەبىيلەر،  رەھىمسىز  ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مېھرىگە تەلمۈرۈشمەكتە! ئەرلەر «يېڭى خوتۇن تېپىش» بىلەن ، ئاياللار « ئەركىن ھايات» ئۈچۈن رېستۇران-قاۋاقلارغا چاپماقتا، يۈگۈرمەكتە، ئۆملىمەكتە ، قونماقتا!  ئۆڭلىرىدە، چۈشلىرىدە «قاۋاق! قاۋاق!» دەپ توۋلاشماقتا! ئەنە ئاشۇ ئاياللارغا ئىگە بولغۇدەك ئەرلەرنىڭ پايانى ئۇچۇپ كەتتىمۇ؟ (بۇ توغۇرلۇق گەپ بولۇنسا ھەركىم، نۇرمۇھەممەت  ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك سادالىرىنى ئەسلىمەي قالمايدۇ)  مەيدىگە ئۇرالايدىغان ، ئۇرغاندىمۇ ئەرلىك غورۇرى بىلەن «گۈپ-گۈپ!» ئۇرالايدىغان ئەركەكلەرلا ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. مىللەتنى سۆكۈش ئورنىغا ، سۆيدىغان بولىدۇ. ..

گۈزەل  شەھەر، تاتلىق  مەنزىرىلەر.  روھىنى  ئۇرغۇتىدىغان  كەچمىشلەر ،  كەلگۈسىلەر!  (مۇشۇنداق يېزىپلا ، ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن)

ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ  مۇھەببەت ، ئەقىدە ۋە چىن ۋاپانىڭ شاھىدى بولغان  «تاھىر-زۆھرە» لەردىن  ئايرىلىپ ، ھايات  پەلسەپەسىدەك  ئېگىز-پەس  ياسالغان  پەلەمپەيلەردىن  چۈشمەكتە.  مىسلىسىز  شادلىق  ۋە  غايىۋى  ئەندىشىلەر  بىلەن  چۈشمەكتە.   كۆز  ئالدىدىكى  سۇنايلىنىپ  ياتقان  ۋە  كۈتۈپ  تۇرۋاتقان  ئاللىقانداق  تەغدىر  قىسمەتلەرگە     تەن    بېرىپ   چۈشمەكتە ...    ئۆزلىرىنى   ھەق   يولغا  باشلىغان  «ئاللاھ» قا   شۈكۈرلەر  ئېيتىشپ  چۈشمەكتە...
- تويۇڭلار قاچان؟،-دەپ سورىدى ئابىدە چاقچاق قىلىپ .
-بۇياقنىڭ ئىددىتى توشقاندا ! ، -دېدى ئەلى مەغپىرەتنى تېرىكسۇن دەپ.
-....
ئەمەليەتتە، مەغپىرەتنىڭ يۈرۈكى كۈلمەكتە ، قەلبى نۇرلانماقتا ، روھى خاتىرجەملىككە تويۇنغانىدى.  ئىچىدە « ئەي قىز، ھىدايەتلىك قەدەملىرىڭنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك، مۇۋاپىقىيەتلىك قەدەملىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك بولىشىنى تىلەيمەن ...» دىگەن گەپلەرنى پىچىرلاۋاتاتتى.


                                         «تۈگىدى»














ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11425
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
787
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 20:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-8 17:07):
  تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويىدىغان بولدۇم. كەچۇرگەيسىز!

UID
11425
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
787
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 20:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەتە ئۇيغۇر شائىرى، جامائەت ئەربابى ئەلىشىر نەۋائى تۇغۇلغىلى توپتوغرا 571 يىل بولىدىكەن(ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ھىراتتا تۇغۇلغان. 1501-يىلى 1- ئاينىڭ 3-كۈنى شۇ شەھەردە ۋاپات بولغان). ئەلىشىر نەۋائى توغرىسىدىكى ماتېرىياللىرى كۆپرەك بولغان تورداشلار شائىرىمىز توغرۇلۇق تېما يوللاپ قويارسىلەر!

UID
29028
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 20:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ھېكايىدەك بولغىلى بولغان بولسا

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
197
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6081
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 23:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ  بەختىنى  بەرسۇن .

UID
17909
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
485
تىزىملاتقان
2011-12-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 02:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممىزگە ئمان ئنساپ ئاتا قلىسۇن . ئامن

UID
8075
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 13:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئولتۇرشىمدىلا كۇزۇمنى مىت قىلماي ئوقوپ تۇگىتىۋەتتىم

UID
10479
يازما
87
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2130
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 13:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ھىكايىلەرنى يېزىپ قويىدۇ جۇمۇ بۇ ئۈرۈكجىنىكام

UID
8653
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2011-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 14:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ھىكايە بوپتۇ ،ئاللا ھەممىمىزگە تەۋپىق-ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!

UID
28251
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 16:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى ئۇقۇپ دىلىم پاللىدە يورۇپ كۈڭلۈم ۋىللىدە ئېچىلىپ كەتتى.
ئۇلۇغ ئاللا جىمى بەندىسىگە ھىدايەت قىلسۇن!!!...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش