كۆرۈش: 4274|ئىنكاس: 25

مومامنىڭ دۇئاسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 13:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مومامنىڭ دۇئاسى

      جاينامازدا دۇئادا ئولتۇرغان مومامنىڭ كۆزلىرىدە لىغىر-لىغىر ياش، لەۋلىرى تىتىرەيدۇ: جېنىم مومام باللىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارننىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن قوللىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، ئوغۇللىرىغا قەد، قىزلىرىغا بەخت تىلەيدۇ. ئاندىن روھلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھتىن ئۆزىگە ۋە باللىرىغان، قىرىنداشلىرىغا مەغفىرەت تىلەيدۇ. يۇرتنىڭ ئامانلقى ئۈچۈن، بارىلىق مۆئمىنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.  
مومام لوندون، نيويوركنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغنى كوپىراتسىيە چاغلىرىدا قانداق تاغار يۈدگىنى، ئاچلىقنى قانداق يەڭگەنلىكى، چۆچۈرىدەك باللىرى ئۈچۈن قانچىلىك جان قاققانلىقى، بۈگۈن ئەنە شۇ چۆجىلىرىنىڭ قولىدىن ئىش چىقىپ، بالا-چاقىلىق بولۇپ ئەتراپىنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرغىنى ئۈچۈن ياراتقۇچىغا بولغان چەكسىز ھەمدۇ-سانالىرى، مۇقەددەس مەككىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر...
*******
-ناننى پۈتۈن يېسە بولمايدۇ بالام، باغرى پۈتۈن بولۇپ مېھىرسىز بولۇپ قالىدۇ ئادەم دەيدۇ مومام.
-ئاشنى بۆلۈپ ئىچمەڭ بالام، ئۇرۇغ-تۇغقانلار بۆلۈنۈپ كېتىدۇ- دەيدۇ مومام.
مومام نەزەرىيەلەرنى بىلمەيدۇ. ئەمما «يېرىلىڭ تېشىم» بىلەن قىرىنداشلىق مېھىر ئالدىدا قاتتىق تاشنىڭمۇ يېرىلىدىغنىنى، قىرىنداشلارغا يۈرىكى ھامان ئېچىق تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان ئىدى مومام. جېنىم مومام مانا مۇشۇنداق ئاددى سۆزلىرى بىلەن قەلبىمىزگە قىرىنداشلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى سىڭدۈرۈپ كەلگەن.
*******
-ناماز شامدىن كېيىن ئىشىك ئوچۇق قالمىسۇن جېنىم قىزىم، دۈشمەنلەرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدۇ.
-دۈشمەننىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالسا نېمە بولىدۇ؟
-ئۇرۇش – جىدەل بولىدۇ، يۇرتتا بەرىكەت بولمايدۇ بالام –دەيتتى موما.
******
-قىز بالا دېگەن سەھەر تۇرىدىغان جېنىم قىزىم، سەھەر تۇرۇپ يەرنىڭ يۈزىنى ئاچسا پەرىشتىلەر كىلىپ سىزگە دۇئا قىلىدۇ، قىيامەتتە ھەم يۈزى ئېچىلغان يەر كەبى يۈزىڭىز پارلاپ تۇرىدۇ قىزىم-دەيتتى مومام.
******
-جېنىم بالام، بېشىغا رومال ئارتماي چىقسا يۇلتۇز يالىۋالىدۇ بېشىڭىزنى، تاز بولۇپ قالىدۇ.
-كۈندۈزى يۇلتۇز يوققۇ موما.
-جېنىم بالام، خۇدا ياراتقان يۇلتۇز كۈندۈزىمۇ بار، كۈن بەك يورۇق بولغاچقا كۆرۈنمەيدۇ-دەيتتى مومام.
******
-كىر ھەرگىزمۇ قونۇپ قالمىسۇن، قانچىلىك يىغقان بولسىڭىز ھەممىنى يۇيۇۋىتىڭ، كىرنى ياندۇرۇپ ئەكىرىپ كەتسە بولمايدۇ؟
-نېمە بولىدۇ؟
-ئۆيگە كىرگەن ئەلچى يېنىپ كېتىدۇ.
-ئەتىسى يۇيسىچۇ؟
-بولمايدۇ، پاكىز يۇيۇپ كىر يۇيغان جاينى پاكىز تازىلاڭ. كىر قونسا قىز قىرى قىز بولۇپ قالىدۇ.
- قىزىم، قىز-ئاياللار كېيىمىنى ئۆگىزىگە يايماڭ. خەق كۆرسە يامان بولىدۇ.
-نېمە بولىدۇ موما، تىزرەك قۇرۇمامدۇ؟
- خەق كۆرسە سۆز-چۆچەك بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن قېزىم، ئىچ كىيىملىرىڭىز ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالمىسۇن، قىز بالا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ.
*******
-بىسمىللاھ، دەپ قازان بېشىغا ئۆتۈڭ. خۇدايىم بەرگەن ھالال يىمەكنى ھارام قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
-قانداق؟
-ۋايساپ، غۇدۇراپ تاماق قىلمايدىغان. ھەر قەدەمدە بىسمىللاھ دەپ بەرىكەت تىلەڭ قىزىم.
*****
-جېنىم بالام، تاماقنىڭ پاكىز يەڭ، بالىڭىز پۇچۇق بولۇپ قالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز چېنىنىڭ تىگىنى يالاپ يەۋىتىدىكەنمىش. تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقارمايدىغان. تاماق يەپ بولۇپ ئاۋازلىق كىكەرمەيدىغان، قورساقنى سىيلاپ تويغىنىنى بىلدۈرمەڭ.
*******
-قىز بالا زىيادە ياسانمايدىغان قىزىم، ھەممە چىرايلىق يېرىڭىزنى يۆگەڭ، چېچىڭىز ئوچۇق قالمىسۇن. چاچلىرىڭىز زىننىتىڭىز قىزىم، ئۇنى خالىغانچە تاماشا قىلغۇرۇش گۇناھ، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئوت ئەشۇ ئوچۇق قالغان چاچتىن تۇتۇشىدۇ-دەيتتى مومام.
-نېمىشقا چىرايلىقلىقىمنى خەقتىن يوشۇرىمەن مومام. مەھەللىمىزدىكى قىزلار چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىدىغۇ قىزىم.
-جېنىم قىزىم. ھويلىدىكى گۈلنى كۆردىڭىزمۇ قىزىم، رىشاتكىلار بىلەن ئوراپ قويغاچ پورەككىدە ئېچىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنى مانا سىزدەك بىر پەرۋىشكار كۈندە سۇغۇرىدۇ. يول بويىدىكى  گۈللەرنى كىم ئۈزگىسى كەلسە ئۈزىدۇ، تاشلىۋىتىدۇ، چەيلىنىدۇ. سىز دېگەن ئېگىسى بار گۈل قىزىم، ھەممىگە ئۆزىنى كۆرسىتىش ياخشى ئەمەس، كېيىن سىزنى پەرۋىش قىلىدىغان، تاماشا قىلىدىغان ئېگىڭىزگە كۆرسىتىسىز.  
******
پەرىشتە مومام مىللەت تارىخىنى بىلمەيدۇ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كىملىكىنى، قىلغان ئىشلىرىنى بىلمەيدۇ. شىڭ شىسەينىڭ كىملىكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كىملكىنى بىلمەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇد قەشىقىرىلەرنى بىلمەيدۇ. بىراق، ئادەم ئاتام زامانىسىن ھازىرغىچە ھەممە ھىكايەتنى سۆزلەيدۇ، سۇلايمەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ قالپىقىنىڭ سىھرىنى، مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ھاسىسىنى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى يىپىدىن يېڭىنىسىغىچە سۆزلەيدۇ.
باغرىدا ئۆرتەۋاتقان تەشۋىشتىن ياپراقتەك تىتىرەيدۇ مومام. نەۋرىلىرىنىڭ ئىنسابى ئۈچۈن، ئەۋلاد پۇشتىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشى ئۈچۈن ياراتقۇچىغا يېلىنىپ تىلەيدۇ. «مۇسۇلمان تۇرۇپ خەقتىن ھېيقماي كوچىغا چىقىۋالىدىغان ئىشنى قىلماڭ قىزىم، ئۇيغۇر تۇرۇپ دوپپىسىدىن نومۇس قىلىدىغان، غىتىنى چىڭ قىستۇرۇپ تۇرىدىغان غىتمەك ئىشتانلارنى كەيمە ئوغلۇم» دەيدۇ مومام. ئۆزىنى بارغانسىرى ماغدۇرسىز ھېس قىلىۋاتقان مومام كۈن-تۈنىنى دۇئا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، باللىرى، قىرنداشلىرى، قولۇم-قوشنىلىرى، يۇرتداشلىرى، مىللىتى، مۇسۇلمان مۆئمىنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ ...


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28892
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 13:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتكە سازاۋەر مومىلارنىڭ دوئاسىنى ئولوغ ئاللاھ ئىجابەت قىلغاي.

UID
25168
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 18:31:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئۇلۇغ،پاساھەتلىك سۆزلەر ھە!

UID
13089
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
291
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:19:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى دۇالارنى  بوۋا- مومىزدىنلا  كۈتۈپ تۇرماي ياشلارمۇ ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئىش ھەرىكەتتە ئەمەل قىلساق قادىر ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا  بەرىكەت ئىككى دۇنيالىق مۇكاپات بېرىدۇ بىزمۇ  بوۋا - موما ،ئاتا - ئانا ،ئۇرۇق - تۇققان قېرىنداشلارغا يۇرتىمىزغا بەخىت تىلەپ ئاللا تائالاھقا دۇا قىلايلى.ئاللاھۇمە رەببىنا ئاتىنا فىدۇنيا ھەسەنەتەن ۋە فىل ئاخرەتى  ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار. ئامىن ...

UID
13089
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
291
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇئانى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ قىلىمىز.

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 13:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    « دۇئا بىلەن ئەر كۆكىرەر ، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر » دىگەن ئىكەن كونىلار ........
تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم ، بىزگىغۇ شۇ مېھرىبان مومىلىرىمىز دۇئا قىلىۋېتىپتۇ، ئاللاھ بىزدىنمۇ نەۋرىلىرىمىزگە ، يۇرتقا ، قەۋمىمىزگەشۇنداق دۇئا قىلغۇدەك ئىمان ، ئېتىقاتنى  ئايرىمىسۇن ، دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولغۇدەك شەرمىي - ھايانى ئايرىمىسۇن . مانا مۇشۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان تېمىنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ ، ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى مۇكەممەل ئائىلە كۆز قارىشىنى  شەكىللەندۈرگەن . بۇ مۇكەممەللىك تارىخنىڭ تالاي سىناقلىرىدا تاۋلىنىپ ، سىناقتىن ئۆتۈپ ۋايىغا يەتكەن ، بۇگۈنگە ئۇلاشقان .  
   ئەپسۇسكى ، مۇشۇ كۈنلەردە قوللىرىنى دۇئاغا كۆتىرەلەيدىغان ، كۆتۇرگەن بىلەنمۇ نىمىلەرنى تىلىشى لازىملىقىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بىلەلەيدىغان مومىلىرىمىز ئازلاپ كەتتى . بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلىرىمىزدىن بەرىكەت يۈز ئۆرىۋاتقاندۇ ........
   « سۈمەييە » ، راست ئۆز مومىڭىزنى يازغاندۇرسىز ۋەياكى شۇنداق مومىلارنى يازغاندۇرسىز ، مەيلى كىمنى يازماڭ  موماينىڭ دۇئاسىدىكى مەنىۋى يۈكسەكلىكتىن سۆيۈندۈم ، ئەگەر ئۆز مومىڭز بولسا تىلىكىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ ، ئۇ قەۋمى ئۈچۈن بۇ دۇئانىمۇ قوشۇپ قويسۇن : « قەۋمىمنىڭ كىشىلىرى ئاچلىق ئىچىدە بەردەملىكىنى تاپسۇنكى ، توقلۇق ئىچىدە زەيپانىلىشىپ  كەيمىسۇن » ........


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-8 15:30):
كەچۈرۈڭلار ئەزىزلەر ،« كەتمىسۇن » ،« كەيمىسۇن» بولۇپ قاپتۇ ........

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 14:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2012-2-8 13:54
« دۇئا بىلەن ئەر كۆكىرەر ، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر » ...

راستىنلا مومامنى يازدىم. يازسام چىقىۋىرىدۇ...

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 17:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسەن، بوۋا-مومام يۈزى كۆرمىگەچكە (مەن 3 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن قازا قىپ بوپتىكەن) ...باشقىلارنىڭ چوڭ دادا- ئانىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇنىنى كۆرسەم قاراپلا قالىمەن.

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 19:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مومىڭىزنىڭ ئۆمرىنى زىيادە قىلغاي! نېمە دېگەن ئىسىل دۇردانىلەر... ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ - دىيانەت ئاتا قىلغاي!
  ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە خەلق ئىدۇق، ئەپسۇس، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل گۈزەللىكلەردىن يىراقلاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە قىزلار قوغلىشىۋاتقان گۈزەللىك موشۇ ئەدەپ-ئەخلاقلارنىڭ كەينىدە ئىدى؛ ئوغۇللار ئارزۇ قىلغان سۇباتلىق قەلىب پاكلىقىدا ئىدى ... نۇرغۇنلىغان يات مىللەت كىشىلىرىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەرىپلەرنى ئاڭلاپ  قالىمىز، ئىنچىكىلەپ كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ چىرايلىق دېگىنى قانداقتۇر گۈزەللىك قوغلىشىپ يات مىللەتلەرگە ئوخشاپ قالغان قىزلار بولماستىن بەلكى، تەبئىي گۈزەللىكىنى شەرم-ھايا ئاساسىدا پىنھاندا ساقلىيالىغان، ئۆز قەۋمىگە خاس كىيىنىپ، گۈزەللىكىگە سىرلىق تۈس بىرەلىگەن قىزلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

UID
18729
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-16
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 20:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاممۇ  شۇنداق  دەيدىغان       زەن  سالماپتكەنمەن     ھەي  ئىسست  .........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش