ئوسمانىي زامانىسىدىكى تەسەۋۋۇف
ئەكرام ئىشىم –(تەتقىقات يازغۇچىسى)
ئاق دېڭىز ، بالقان مەدەنىيەت مۇھىتلىرىدا يېتىلگەن ئوسمانىيچە ياشاش ئۇسلۇبى ئوتتۇرا ئەسىردىن ھازىرقى زامانغا قەدەر داۋاملاشقان ئېمپراتورلۇق جۇغراپىيىسىدىكى بىر- بىرىدىن پەرقلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت بەيگىسىگە چۈشۈشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن مەنىۋىيەتنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر. بۇ ياشاش ئۇسلۇبى مۇسۇلمان تۈرك ئېلىمىنتىنىڭ يادرولۇقىدىكى كۆپ مەدەنىيەتلەرنىڭ يۇغۇرىلىشىدىن شەكىللەنگەن. بۇ ياشاش ئۇسلۇبىنىڭ ئەڭ يادرو ماھىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇنى تەشكىل قىلىدىغان زېھنىيەت دۇنياسىدىكى ئاساسى ئامىللارنى بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. دۆلەت بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە سىياسى، جامائەت ئارىسىدىكى تەرتىپلەرنى ساقلاشتا دىنى تۈسكە ئىگە بولغان بۇ ئاساسى ئامىل تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىدۇر.
12- ئەسىردىن كېيىن ئاناتولىيىدە ئۆز قىممىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتى مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ۋە كۆچمەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە نامايەن بولسا ، بىر- بىرىگە ئوخشاپ كەتمەيدىغان تۇرمۇش ئۇسلۇپلىرىنىڭ قىممەت سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان ۋە ئىنسانى كامىللىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىۋەتكەن. سالجۇقلار ۋە بەيلىكلەر زامانىسىغىچە راۋاجلانغان بۇ ئەخلاق سېستىمىسىدا ئۆزئارا پەرقلىق ئۈچ تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ تەسىرى بولغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرىنچىسى: ئىبىن ئەرەبىنى مەنبە قىلغان ۋەبدەتى ۋۇجۇد پىكرى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ ئاشىق ۋە ۋۇجۇد مەركەز چۈشەنچىسى، ئۈچىنچىسى بولسا سەيياھ دەرۋىشلىرىنىڭ باتىنى خۇسۇسىيىتىدىكى سىرلىقلىقتۇر.
ئوسمانىيلاردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاناتولىيە جۇغراپىيىسىدە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئاخلاقىنىڭ قېلىپلىرىنىڭ ئىچىگە چۈشىدىغان بىر ھايات ئۇسلۇبىنى بەرگەن بۇ ئۈچ پەرقلىق تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسى 14- ئەسىرنىڭ بېشىغا قەدەر بەزى ۋاقىتلاردا بىر- بىرىگە پاراللېل، بەزى ۋاقىتلاردا كىرىشكەن ھالدا ئىنسانلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.ئوسمانى دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا مەزكۇر سىياسى ئورگاننىڭ ئۆزىدە شەرققە خاس بەزى چۈشەنچە سېستىمىلىرى بار ئىدى. ئوسمانىي زامانىسىدا تەسەۋۋۇپنىڭ تەرىقەتلەرنىڭ ۋاستىسىدا تەجەللى ئېتىشى ياكى ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئوسمانىنىڭ شەرققە خاس مىراسلىرى بىلەن باغلىنىشلىق. ئەگەر بۇ مىراسنىڭ ئەسلى ئۆزىنى قولىمىزغا ئالساق ۋە شۇ مىراس بىلەن ئوسمانىدىكى خاسلىقلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنساق ئاقمايدۇ.
ئەندەلۇستىن كەلگەن ۋەھدەتىل ۋۇجۇد چۈشەنچىسى ئىبىن ئەرەبىنىڭ قىلغان ساياھەتلىرى داۋامىدا پىشىپ يېتىلگەن. ئوخشاش ۋاقىتتا مەزكۇر چۈشەنچە مەغرىپتە باغدادتىن خۇراسانغىچە بولغان كەڭ ئىسلام جۇغراپىيىسىىدە شەرق بىلەن غەرب دۇنياسى ئارىسىدىكى تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت پىكىر ئۆتۈشمە قانىلىنى شەكىللەندۈردى. ئىبىن ئەرەبىنىڭ 1204- يىلى غىياسىددىن كەيخۇسراۋنىڭ ئۇستازى شەيخ مەجدەددىن ئىسھاقنىڭ تەكلىپى بىلەن مالاتياغا كېلىشى ۋە كونيا، قەيسەرى، سىۋاس، ئەرزۇرۇمدەك جايلارنى زىيارەت قىلىپ قاراشلىرىنى يېيىشى، ئوسمانىدىن بۇرۇنقى تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار ئىچىدە دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان نۇقتىدۇر. ئۇندىن باشقا بۇ دەۋردە مەيدانغا چىققان ۋەبدەتى ۋۇجۇد چۈشەنچىسى پەقەت تەسەۋۋۇپ زېھنىيىتىدە يىلتىز تارتىپلا قالماي ، شۇ ۋاقىتتىكى ئوسمانى مائارىپ سىستېمىسىدىكى مەدرىسلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھەم تەسىر كۆرسەتكەن. ئوسمانىي ياشاش ئۇسلۇبى شەرىئەت نۇقتىسىدىن تەرتىپكە سالىدىغان مەدرىسلەر تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىگە ئىشىكىنى تاقاشتىن بۇرۇن مەزكۇر مەدەنىيەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. ئوسمانىلارنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى پىكىر دۇنياسىنى ۋە تەبىئى ھالدا بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ياشاش ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئاستىدا ئىبىن ئەرەبىنىڭ شاگىرتى سەدىردىن كونېۋى سېستىمىلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد چۈشەنچىسىنى كۆرىمىز. بۇ چۈشەنچە يېڭى پىلاتونىزىم پەلسەپەسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن باشقا بىر خىل كۆرۈنۈش –سۈپەتتىكى ۋارىيانتىدۇر. 13- ئەسىردە سالجۇق تۈركلىرىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ ھاسىل بولىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان بۇ پىكىر سېستىمىسى بىر ياندىن مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئاشىق ۋە ۋۇجۇد مەركەز چۈشەنچىسىنىڭ مەۋجۇدلۇق مۇھىتىنى تەمىن ئەتسە يەنە بىر تەرەپتىن مۇئەييەدەددىن جەندى، سادەددىن سەئىد پەرغانى ۋە مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئابدۇررەززاق كاشانى بىلەن داۋۇدى قەيسەرىنىڭ ۋاستىسىدا ئوسمانى مەدرىس مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى قۇرۇلمىلىرىغا سىڭىپ يەرلەشتى . بۇ ئېقىم كېيىن يەنە شەيخ بەدرەددىننىڭ فىقھ ئىلمى مۇھىتىغا سىڭىپ كەتكەن دەسلەپكى زامان ئوسمانى ئىلمىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكۈسى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننى مەنبە قىلغان ئىلمى ئەنئەنىنىڭ ئاناتولىيىدىكى ئىپادىسى بولغان مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسى 13- ئەسىردە ئىبن ئەرەبىنىڭ ئېقىمىغا ئارىلاشمىغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ ، 14- ئەسىرگە كەلگەندە مەسنەۋىدە جەۋھەرلەنگەن مەۋلانىنىڭ چۈشەنچىسى سەدىردىن كونېۋى سېستىمىلاشتۇرغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد پىكرىگە قوشۇۋېتىلىپ ئوسمانى دەۋرىدىكى تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇلدى.
ئىبن ئەرەبى ۋە كونېۋى زېھنىيىتىنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ يېزىلغان مەسنەۋى شەرھىيلىرى ئوسمانى تەسەۋۋۇپ ھاياتىدا كۈچلۈك بىر ئەنئەنە ھاسىل قىلىپ ساپ مەسنەۋىگە ئائىت مىستىك تونۇشلارنىڭ يوق بولىشىنى ۋە ئاشۇ شەكىلدە مەسنەۋىلىكنىڭ كۆزىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنداق كۆزىتىشنى ئەكسىگە ئۆرىسەكمۇ يەنىلا توغرا بولىۋېرىدۇ. يەنى ئىبن ئەرەبىنىڭ «فۇسۇسۇل ھىكەم» دىگەن كىتابىنى مەسنەۋى يادرولىقىدىكى زېھنىيەت بىلەن چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشلار بولغان. بۇ ئىككى خىل كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى ئېتىبارغا ئالىدىغان بولساق ئالەم بىلەن تەڭرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق ۋە تەسىرچانلىق مۇناسىۋىتىدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش بىر مىتودتا ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ئانالىز نۇقتىسىنىڭ دەۋرگە ماس بولغان شەكىلدە ئاشۇ زامانغا ئۇيغۇن بولغان مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى ھاسىل قىلىپ ئاشۇ زېمىنغا يەرلەشكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز. ئاخىرىدا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا دەسلەپكى دەۋر ئوسمانى ئىلمىيەت دۇنياسى ۋە بۇ ئىلمىيەت دۇنياسىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئىنسانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇپ ھاياتىنى ئىبن ئەرەبى ۋە مەۋلانە يادرولىقىدىكى زېھنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە قۇتۇپلىرى ئارقىلىق بىنا قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.
ئوسمانىدىن بۇرۇنقى تەسەۋۋۇپ ھاياتى شۈبھىسىزكى ، ئاناتولىيىدە كۈچلىنىپ بالقانغا قەدەر تەرەققى قىلغان باتىنى زۇمرە ئىدىئولوگىيىسى ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەنئەنىسى بىلەن خۇراساننى مەركەز قىلغان مالامەت چۈشەنچىسىنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان يەسەۋىلىكنىڭ بىر ياندىن ئاناتولىيە سىرتىدىكى سىياسەتنىڭ شەكىللىنىشىگە زېمى ھازىرلىغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن كۆچمەن تۈركمەنلەر ئارىسىدا باتىنى خاسلىقىدىكى بىر ھايات ئۇسلۇبىغا يول ئاچقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە مەلۇم بولغان بىر ھەقىقەتتۇر. فۇئاد كۆپرۈلۈ تەرىپىدىن باتىنى خۇسۇسىيىتى تەكىتلەنگەن بۇ ھەرىكەت ، بولۇپمۇ ئاناتولىيە قەلەندەرى، ۋەفائى، ھەيدەرى ئىسىملىك تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرىنىڭ ۋەكىللىكىدىكى تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىلىرى بىلەن بىرلىكتە پاراللېل تەرەققى قىلدى ۋە بۇ تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرى بىلەن ئىچ- ئىچىگە كىرىشىپ راۋاجلاندى. بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى يەسەۋىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا باتىنى خۇسۇسىيەتتىكى تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئوسمانى ھاياتىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىدۇر.
قەلەندەرلىك تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئوسمانىدىن بۇرۇنقى زامانلاردا مۇقىم ئولتۇرۇپ ياشايدىغانلار بىلەن كۆچمەنلەر ئارىسىدا ئورتاق بىر قىممەت قارىشى ھاسىل قىلغانلىقى بۇ ئىككى خىل تۇرمۇش شەكلىنىڭ خاس ئىمكانلىرى نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىمدۇر. سەيياھ دەرۋىشلىرى ئاساسى گەۋدىسى بولغان بۇ تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش بىر زېمىندا بولغان ۋەفائىلىك ۋە ھەيدەرلىك بىلەن بىرلىكتە 1240 -يىلى ئوتتۇرىغا چىققان باباي ھەرىكىتىنى ھازىرلىشى ، كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە داۋام قىلغان بىر تارىخىي راۋاجغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئوسمانى بەيلىكى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن دىققەتنى تارتىدىغان« ئابدالانى رۇم» نامى14- ئەسىردە يىلتىز تارتقان باتىنى مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قەلەندەرلىك ئېقىمىغا قويغان يەنە بىر ئىسىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئوتمان بابانىڭ كىشىلىكىدە بۇ زېھنىيەتنىڭ تەپتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان زەپەر ئەخلاقى ، سىياسى كۈچ، جىھاد مەجبۇرىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھالدا دەسلەپكى ئوسمانى جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى ھەمدە بۇ دەۋرنىڭ خاسلىقى ھېسابىدا تونۇيدىغان مەركەز ۋە مۇھىت مەدەنىيىتى ئارىسىدا مۇستەھكەم ئۇلاشما شەكىللەندۈرگەن. 14- ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن، ئوسمانى بەيلىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن ئېمپىراتورلۇق قۇرۇلمىسىغا ئۆتۈش داۋامىدا بۇ ئۈچ ئاساسى تەسەۋۋۇپ ھەرىكىتى جەمئىيەتنىڭ پەرقلىق تەبىقىلىرىدە ئۆزىگە خاس ۋە ئوخشىمىغان قىممەت سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ ئىستانبۇلنىڭ فەتھ قىلىنىشىغىچە بولغان زاماندا بۇرسانى مەركەز قىلغان مەدرىس مەدەنىيىتى ئىبن ئەرەبى ئېقىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇردى. ئوسمانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدرىس مۇدەررىسى داۋۇد قەيسەرى بىلەن بىرىنچى شەيخۇلئىسلام موللا فەنارى بۇ تەسەۋۋۇپنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى ۋەكىللىرىدۇر. قۇتبىددىن ئىزنىكى ۋە يازىجىزادە مەھمەت بىجان فەنارىنىڭ شاگىرتلىرىدۇر. يازىجىزادە مەھمەت بىجان ئەينى زاماندا ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد چۈشەنچىسىنى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئارىسىغا تارقىتىپلا قالماي ، بەلكى يەنە كەڭ خەلق ئاممىسىغا يايغانلىقى تەرەپتىنمۇ مەشھۇردۇر. يەنە بىر تەرەپتىن شۇ زاماندىكى تەشكىلچانلىقتا بىردىن بىر بولغان مەۋلىۋىلىك بۇرسا ۋە ئېدىرنەدىكى پائالىيەتلىرىنى 16- ئەسىرگىچە ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە راۋاجلاندۇرغان. ئابدالانى رۇم تەسەۋۋۇپ ئېقىمىغا كەلسەك ئوسمانىلارنىڭ سىياسى ھۆكۈمرانلىقى خانىدانلىق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان زاماندا مەزكۇر ئېقىمنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئاۋام ۋە يۇقىرى تەبىقە مەدەنىيىتىنى باتىنىغا مايىل زەپەر روھى بىلەن يۇغۇرۇپ ئوسمانى بەيلىكىنىڭ سىياسى نوپۇزىنى ھەر تەرەپكە كېڭەيتىشتە بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىمىز لازىم.
ئوسمانى بەيلىكىنىڭ قۇرۇلىشىدىن ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشىغىچە قەدەر بولغان زاماننىڭ تەسەۋۋۇپ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىكى مىستىك مەدەنىيەتنىڭ بىر ئېدىئولوگىيە بولۇشتىن چىقىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىق بىر نىشان بىلەن قۇرۇلغان دىنى مۇھىتنىڭ ئىمكانلىقلىرى ئاستىدا پاساھەتكە يېتىشىشىدۇر. 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن سىياسى ھۆكۈمدارلار بىلەن ئاۋام پۇقرا ئوتتۇرىسىدا ساغلام بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ مۇشۇ مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدا تەسەۋۋۇپ ھاياتىنى داۋام قىلغان قۇرۇلمىلار تەرىقەتلەردۇر. تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنىڭ تەرىقەتلىشىشى ئارقىسىدا كۈندىلىك ھاياتتا مەيدانغا كەلگەن كوللېكتىپلاشما مايىللىقىنى ئىككى نۇقتىدىن تونۇش مۇمكىن. بىرىنچىسى ، دۆلەت بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېھتىياجى قۇرۇلغان بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولدى . ئىككىنچىسى بولسا ئاۋامنىڭ ئىچكى جەھەتتىن تەشكىلاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ئوخشىمىغان قاتلاملىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى قولايلاشتۇرۇش ئىمكانىنى ياراتتى. بۇ مۇھىتتا ئوسمانىلارنىڭ سىياسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاۋام ھوقۇقى ۋە جەمئىيەت ھاياتىنىڭ تەرتىپلىنىشى ئىستانبۇلنىڭ فەتھ قىلىنىشىغىچە قەدەر زامان ئىچىدە تەرىقەتچىلەرنى مەسلىھەتچى ئورنىدا كۆرگەن. مەۋلىۋىلىكتىن باشقا 15- ئەسىردە ئىجتىمائى ھاياتنى شەكىللەندۈرگۈچى تارىخى ئامىللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرىدىن بايرامىيە، ھالۋەتىيە، زەينىيە، نەقشىبەندىيەلەرنى ساناش مۇمكىن. پۈتۈن مىستىك قۇرۇلمىلارنىڭ ئەڭ ئاستىدا ئوسمانىنىڭ تەسەۋۋۇپ ھاياتىنى 17- ئەسىرگە قەدەر يېتىشتۈرگەن خۇراسان مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئىزلىرىنى كۆرەلەيمىز.
تىپىك بىر كۆچمەن تەرىقىتى كىملىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ، ئەمما ئوتتۇرا ئاناتولىيە شەھەرلىرىدىكى سەنئەتكار تەبىقىسىنى تەشكىلات ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش داۋامىدا يىلتىزى مەلامەت بولغان فۇتۇۋەت ئەنئەنىسىنى كۈندىلىك ھاياتنىڭ تۈۋرۈك ئاساسى نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلگەن بايرامىيە تەرىقىتى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن پەرقلىق ئىككى مىستىك پىكىر ئۇسلۇبىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئوسمانى تەسەۋۋۇپ ھاياتىغا كەڭ دائىرىلىك بىر تەسىر بەرگەن. تەرىقەتنىڭ بۇ كەڭ دائىرىلىك تەسىرىنىڭ تېگىدە سىياسى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان شەرئى ھۆكۈملەرگە ئاساسلانغان سۈننى ئېتىقاد قۇرۇلمىسى بىلەن بۇنىڭ قارشى تەرىپىدە ئورۇن ئالغان مەلامەت يىلتىزلىق باتىنى مايىللىق ئورتاق مەۋجۇدتۇر. ھاجى بايرامى ۋەلىنىڭ 1429- يىلى ۋاپات بولىشى بىلەن تەرىقەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بۇ ئىككى تەرەپ ئايرىلىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بىرى كىلاسسىك بايرامىيە تەرىقىتى دەپ تونۇلۇپ ئاكشەمسەددىن ۋە شاگىرتى ئىبراھىم تەننۇرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاناتولىيەدىن ئىستانبۇلغىچە سوزۇلغان يەرلەردە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بايازىد ئىككى زامانىسىدا رەسمى گەۋدىگە كەلگەن شەيخۇلئىسلاملىق ماقامىغا يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە مۇشۇ يول بويىچە ئىجتىمائى ھاياتنى تەرتىپكە سالىدىغان مەدرىس تەرىقەت دىئالوگىنى جانلىق تۇتۇش تىرىشچانلىقى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزى قىسمىدۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دىئالوگلارنىڭ ئاساسچىسى شەيخۇلئىسلام ئەبۇس سۇئۇد ئەپەندىنىڭ دادىسى ۋە شۇ زاماننىڭ سەردارى بولغان بايرامى تەننۇرى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولغان مۇھىددىن ئىسكىلىدۇر.
كىلاسسىك بايرامىيەنىڭ فاتىھ سۇلتان مەھمەد دەۋرىدە مەيدانغا كەلتۈرگەن تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسى ئوسمانىيەنىڭ(نىزامى ئالەم) قارىشىنىڭ مىستىك ئاساسى قارىشىنى سالسا ، تەرىقەتنىڭ باشقا شاخچىسى بولغان مەلامىيە ھەر تەرىقەت ئېقىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەركىن ئىپادە قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان ئىجتىمائى مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلغان. پىچاقچى ئۆمەر بوۋاي بىلەن باشلىنىپ ئوسمانىيەنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئىسمائىل مەشۇك ئىسىملىك شەخسنىڭ تراگېدىيىلىك ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان بىر تېلىۋىزىيە فىلىمىدە ئەكس ئەتكەن دىنى سىياسى ۋەقەلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەسكىرى تەبىقىسى بىلەن سەنئەتكار – تىجارەتچىلەر توپى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەشكىللىك ئۇيۇشما ھالىتىدە تۇرغان مەدەنىيەت قۇتۇبىدا بولىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
ئىستانبۇل فەتھ قىلىنىشتىن بۇرۇن ئاناتولىيەدە راۋاجلانغان ۋە دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاماسيا بىلەن توكاتقا ئوخشاش يەرلەردە تەشكىللىك ھالغا ئۆتكەن ھالۋەتىيە گويا بايرامىيەگە ئوخشاش بىر خىل مەدەنىيەت ئۈستىدە پائالىيەت قىلدى. پەقەت تەرىقەتنى تۇتۇپ تۇرغان گۇرۇپپىنىڭ ئۆز ئىچىدە ئائىلە تەشكىلى قۇرۇلمىسىنىڭ بولىشى بايرامىيەنىڭكىدىن پەرقلىق. ھالۋەتىيە خۇراساننى مەركەز قىلغان تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاناتولىيىدىكى راۋاجى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققان جەمالىزادە ئائىلىسى ئۆزىنىڭ تەربىيلىگەن شەيخ- دەرۋىشلىرى ۋە ئۆلىما- ئالىملىرى ئارقىلىق كەڭ تەسىرلىك تور شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئاناتولىيە سىياسى ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدا سانغا چىقىدىغان كۈچ بولالىغان. ھالۋەتىيەنىڭ مىسالى بىزگە تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئۆز ئىچىدە يېتىشىپ چىققان رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۆزىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر كۈچكە ساھىب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۈچ (تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ) فاتىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شاھزادىلەر ئارىسىدىكى كۈرەشتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەندى ۋە بۇ كۈچنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغان بايازىد ئىككىنىڭ تەختكە چىقىشى بولدى.
ھالۋىرتسىيەنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ باراۋەر تەرەققى قىلغان يەنە بىر خۇراسان مەركەزلىك تەسەۋۋۇپ ئېقىمى نەقشىبەندىيە ۋەكىللىكىدە بولدى. بۇ تەرىقەتنىڭ تارىخى ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ يەردە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان نۇقتا نەقشىبەندىيەنى ئاناتولىيىگە ئېلىپ كىرىپ تۈرك تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىدىكى بىر قانچە غوللۇق تەركىبلىرىدىن بىرى قىلىپ چىققان شەخسىيەت ئافرارلىكتۇر.
ماۋارەئۇننەھر خۇراسان مەدەنىيەت قوينىدا تەكىتلىنىپ چىقىپ 15- ئەسىردە ئابدۇللا ئىلاھىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاناتولىيە ، بالقانلاردا يېيىلغان نەقشى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدنىڭ شەرھىيلىرىنى سىڭدۈرگەن. بۇ يەردە بىز ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى خۇراسان نەقشى دەپ ئاتاۋاتقان مەزكۇر تەسەۋۋۇپ ئېقىمى قۇۋۋەت ئالغان ئانا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسىنىڭ مەلامەت ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ شەكىلگە كىرگەنلىكىنى تەكىتلىشىمىز زۆرۈر. نەقشىبەندىيەنىڭ ئىبىن ئەرەبىگە تۇتىشىدىغان مىستىك يىلتىزى بار. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خۇراسان مەلامەتى مەدەنىيىتى كەسپلەر ئۇيۇشمىسى ئەخلاقى بولغاچقا نەقشىبەندىيە ئوتتۇرا تەبىقە كىشىلىرىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان. نەقشىبەندىيىدىكى ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد چۈشەنچىسى ئۇنى ئوسمانى ئىلمىيەت ئالىمىدە ئۆز ئېتىبارى بولغان بىر قۇرۇلما قىلىپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى ئۆز تەسىر دائىرىسىدىكى جۇغراپىيەدە ئاۋام بىلەن سىياسى ھۆكۈمدار ئارىسىدا ۋاستىچىلىق رول ئوينىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرگەن.
ئىستانبۇلنىڭ فەتھ قىلىنىشى بىلەن باشلانغان يېڭى دەۋر ئوسمانى ھاياتىنى بۇرۇنقىدىن كۆپ كەڭرى بىر مەۋجۇدلۇق بوشلۇقىغا ئېلىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇپ چىقىشى ۋە بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئېمپىرىيىگە خاس مودىلىغا كەلتۈرۈلۈش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. دۆلەتنىڭ ئېمپىرىيىلىك ھالىتىگە ئۆتۈشۈنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىكى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش بولدى. چوڭ- كىچىك كۈچ ساھىبلىرى پادىشاھنىڭ ئەتراپىغى ئۇيۇشتى ۋە بۇ شەكىلدە كۈچلۈك بىر سىياسى قۇرۇلما ھاسىل قىلىندى. ھاكىمىيەتنىڭ مەركەزلىشىشى دىمەك بۇرۇنقى دەۋرلەردە قوللىنىلغان ھوقۇقنىڭ تارقاقلىق زامانىنىڭ ئاياغلىشىشى دىمەكتۇر. فاتىھ يۈرگۈزگەن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ھەربىرى نوپۇزلۇق ئائىلىلەر تۇتۇپ تۇرغان تەرىقەتلەر ھاكىمىيەت سېستىمىسىنىڭ ئىچىگە ئېلىنمىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن مىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھېچبىرى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانى تاپالمىغان. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى دۆلەت بيۇروكراتسىيىسىنىڭ بېشىدا تۇرغان ئىنسان تىپىنىڭ خاسلىقى بىلەن ئالاقىدار يەنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى دۆلەت بيوگراتسىيىسىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىنساننىڭ مەدرىسلەردە يېتىشىپ چىقىشىدىن ئۇلارنىڭ تەرىقەتچىلەر ئالدىغا ئۆتۈشىدىن بولىدۇ. شۇڭا فاتىھ دەۋرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئالاھىدىلىكىنى دەرۋىشلەر ئەمەس بەلكى ئۆلىما- ئالىملار بەلگىلىدى.
فاتىھ سۇلتان دەۋرىنى دۆلەت بىلەن تەرىقەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرمەك تەستۇر. بۇنى پەقەت ئوسمانىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئەنئەنىسى نۇقتىسىدىن قائىدە- تۈزۈمگە مۇخالىپ بولغان ئىجرالارنىڭ يۈرگۈزۈلگەن بىر دەۋرى دەپ ئېيتىش مۇمكىن. كېيىن تەختكە چىققان بايازىد ئىككى ئاخىرىدا تەرىقەتلەرگە قارشى بۇ سىياسەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە بۇ تەشكىلاتلار ئىستانبۇلغا كىرىپ پائالىيەتلىرىنى ئەركىن- ئازادە داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى. بايازىد ئىككىنىڭ بۇ تېمىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ مەقسىتى تەرىقەتنى دۆلەت سېستىمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنى ئىچىگە ئېلىپ جەمئىيەتنى مۇشۇ تەرىقەتلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشتۇر. بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئوسمانىيەنىڭ سافەۋى جېڭى بىلەن ئاناتولىيەدە مەيدانغان كەلگەن ئەلىۋى يەنى شىئە تەرىقەتلىرى ئارىسىدىكى جېدەل- ماجىرانى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان ۋە ئىنتايىن چوڭ كۆلەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بەكتاشلىقىنىڭ دۆلەتنىڭ كونترولى ئاستىغا كىرگۈزۈلىشىدۇر. بۇ مەقسەت بىلەن دىمەتئوكادىن ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن بالىم سۇلتان تەرىقەتنى يېڭى ئاساسلار رامكىسىدا قايتا تەشكىللىدى ، ئۆزىمۇ بايازىد ئىككىنىڭ ئەمرى بىلەن كىر شەھىرىدىكى ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئاستانىسىنىڭ شەيخى بولدى. بالىم سۇلتاننىڭ بەكتاشىلىقنى تەرتىپكە سېلىپ مەيدانغا كەلتۈرگەن ۋە بىر بىرى بىلەن يېقىن بولغان ئىككى ئاساسى تۈۋرۈكى باردۇر . بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ، مۇجەررەدلىك ئەركانىدۇر. بۇ ئەركانغا ئاساسلانغاندا تەرىقەتنىڭ بېشىدا تۇرۇپ يېتەكلەيدىغان كىشى ئۆيلەنمەسلىكى ياكى بالىسى بولماسلىقى لازىم. بۇ قائىدە نەتىجىسىدە تەرىقەت ئەنئەنىۋى ئائىلىنى مەركەز قىلغان بىر باشقۇرۇلۇش شەكلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىرىلغان. ئىككىنچىسى بولسا تەرىقەتچىلەرنىڭ بېشى ھايات بولغان شەيخ – مۇرتلار ئىچىدە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلىنىشى كېرەك. بەكتاشلىقىنىڭ 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېڭى بىر مىستىك تەشكىلات بولۇپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بۇ سىياسەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ زور ئەسلى مۇۋەپپەقىيەت شۇكى تەرىقەت ئوسمانى ئېمپىراتورلۇقىنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر قىسمىغا سىڭىپ كىرىپ دۆلەت مېخانىزىمىنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىدۇر. مۇجەررەدلىك ئەركانىنىڭ قوللىنىشىنىڭ نىيەت قىلىنغان مەقسەتلىرىنىڭ بىرىمۇ مانا مۇشۇ دۆلەت تەرىقەت پۈتۈنلىكىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتۇر. بايازىد ئىككى دەۋرىدىن ئېتىبارەن تەسەۋۋۇپ ھاياتى ئۆزىنىڭ نورمال راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىردى. ئىستانبۇلنىڭ ئېمپىراتورلۇقنىڭ پايتەختى بولىشى سەۋەبىدىن پايتەخت سىرتىدا پائالىيەت قىلىدىغان تەرىقەتلەر ئۈچۈن بىر ئىلمىيەت ئوچىقى دەپ تونۇلىشى تەبىئىدۇر. شۇڭا نۇرغۇنلىغان مىستىك تەشكىلاتلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستانبۇلغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىنى قۇرۇپ شەھەرنىڭ مەھەللە بىرلىكىدە ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. مەسىلەن: مەۋلىۋىلىك 1446- يىلىدا گالاتا مەۋلىۋىخانىسىدە، ھالۋەتىلىك كوچام ئۇستافا پاشا دەرگاھىدا، بايرامىلىق يەۋسى بابا تەكەسىدە، نەقشىلىك بولسا ئەمىر ئەھمەد بۇخارانىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن قۇرغان تەرىقەت مەركەزلىرىدە پائالىيەت قىلىپ مىستىك مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى.
تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىنىڭ كىلاسسىك مەزگىلىدىكى ئوسمانى كۈندىلىك ھاياتى ئىچىدىكى ئورنىغا كەلسەك ئاناتولىيە تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇرتقىسىنى ھاسىل قىلغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد تونۇشى مۇشۇ مەزگىلدە پىكرى ئۆتكۈر تەرىقەت ئەھلىنىڭ قەلەملىرى بىلەن شەرھىيلەندى. 16- ئەسىردە ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدنى يادرو قىلغان تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرغان ئەھلى تەسەۋۋۇپ ئارىسىدا بابا نىمەتۇللا، لارەندەلى ئالائىددىن ئەپەندى، باھائىددىن زادە ئەپەندى، ئەھمەد ساربان، شەيخ ئۇفتادە، جامالىدىن ئىسھاق كارامانى، سۇنبۇل سىنان، ئىبراھىم گۈلشەنى، سوفيالى بالى ئەپەندى، قاراباش رامازان ئەپەندى ۋە شەيخ نۇرىدىن زادىگە ئوخشاش نەقشىبەندىيە، بايرامىيە، مەلامىيە ۋە ھالۋەتىيەگە مەنسۇپ كىشىلەر بار ئىدى. ئىبن ئەرەبى بىلەن بىرلىكتە مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ تەسىرىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىم. مەسنەۋى مەدەنىيىتى ئەتراپىغا يىغىلغان ئەھلى تەسەۋۋۇپلار ئارىسىدا نەقشىبەندىيەدىن ئەھمەد بۇخارى، گۈلشەنىيەدىن ھەسەن زەرىفى ئەپەندى، ھالۋەتىيەدىن شەمسىدىن ئەھمەد سىۋاسى قاتارلىقلار بار. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ئوسمانى تەسەۋۋۇپ ھاياتىغا روھ بەرگەن ئىككى مۇھىم مەنبەنىڭ يەنى ئىبن ئەرەبى بىلەن مەۋلىۋىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان چۈشەنچە سېستىمىسىنىڭ ئوخشىمىغان قۇرۇلمىدىكى تەرىقەتلەر ئارىسىدا باغلىغۇچى بىر مەدەنىيەت تۈگۈنى ھاسىل قىلغانلىقىدۇر. بولۇپمۇ بۇ تۈگۈن 16- ئەسىردىن ئېتىبارەن مەۋلىۋىيە، نەقشىبەندىيە ۋە مەلامىيە ئارىسىدا ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت پەيدا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 18- ئەسىردە يېتىشكەن مۇتەپەككۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت ئاساسى سېلىندى. بۇ مەنىۋىيەت زېمىنى مەيدانغا چىقارغان ئەڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇپ 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پائالىيەت قىلغان ئابىد چەلەبى بىلەن باشلانغانلىقىنى ئېنىق ئېيتالايمىز. ئارسلان مەۋلانا نەسەبىگە تەئەللۇق ئابىد چەلەبىنىڭ ئەينى زاماندا ئابدۇللا ئىلاھىدىن نەقشى ئىجازىتىنى ئېلىشى ، خۇراسان مەنبەلىك تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قوشۇلما ھالەتتە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئابىد چەلەبى بىلەن باشلانغان مەۋلىۋى- نەقشىنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرۇلىشى ئۆزگىچە بىر يول دىيىشكە بولىدۇ. مۇرشىدى ئابدۇللا ئىلاھىنىڭ شەيخ بەدرەدىنگە ئائىت مەشھۇر ۋارىداتنى شەرھىيلىگەن نەقشى ئادىمى بولىشى بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ بىرلەشكەن ھالىغا مەلۇم مەنىدىن خۇراسان مەنبەلىك مەلامەتنىڭمۇ بۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بايرامى مەلامىيەلەردىن سالىھ ئابدۇللا 17- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يېزىلغان مەسنەۋى شەرھىيسى بىلەن بۇ تەسەۋۋۇپ بىرلەشمىسىگە يېڭى بىر قۇتۇپ كەلتۈردى. مەۋلىۋى، نەقشى ۋە مەلامى تەسەۋۋۇپ ئەھلىلىرى ئارىسىدىكى بۇ مەدەنىيەت ئۆتۈشۈشلىرى 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سالىھ ئابدۇللانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان لالىزادە ئابدۇلباقى ئەپەندى تەرىپىدىن بۇ قېتىم ئوسمانى ئىمپىراتورلىقىغا شەيخ مۇراد بۇخارىنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەقشىبەندىيەنىڭ مۇجەددىيە شاخچىسى ئاساس قىلىپ ئېلىنىپ يېڭىدىن تەرتىپلەندى. بۇ تەسەۋۋۇپ ھەرىكىتى ئۆزىمۇ مەلامى بولغان سادرازام نەۋشەھىرلى داماد ئىبراھىم پاشانىڭ ھىمايىسىدە بىر يەرگە كەلگەن رەئىسۇل قۇتتاب مۇستاپا ئەپەندى ، ئەھمەد ئارىفى پاشا، دەفتەردار سارى مەھمەد پاشاغا ئوخشاش دۆلەت ئادەملىرى بىلەن مەھمەد راشىد، مۇستافا سامى، ئوسمانزادە تائىب، ھەبەشىزادە راھىمى، ئەھمەد نەدىم ئەپەندىگە ئوخشاش تارىخچى ۋە شائىرلار ئىنتايىن ساغلام بىر مەدەنىيەتنى بەرپا قىلدى.
بۇ يەردە بىر قىزىقارلىق بىر ئىشنى كۆرىمىز. تەسەۋۋۇپ ھاياتى ئىچىدە ئوتتۇرا تەبىقىدىن ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن نەقشىبەندىيە ۋە مەلامىيەگە ئوخشاش ئىككى پەرقلىق تەشكىللەنمە ئۇسلۇبىغا ۋەكىل بولغان بۇ ئىككى تەرىقەتنىڭ ئوسمانىنىڭ يۇقىرى تەبىقە مەدەنىيەت دۇنياسىدا ئۆزىنى قانداق ئىپادە قىلغانلىقى مەسىلىسىدۇر. نەقشىبەندىيە نۇقتىسىدىن بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى تەرىقەتنىڭ مۇجەددىيە تارمىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ يېشىمىگە باغلىقتۇر. نەقشىبەندىيەنىڭ ھىندى تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ئىچىدە ھاسىل قىلغان بىر تارمىقى بولغان مۇجەددىيە ھەرىكىتى ئىمام رەببانى دىگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئەھمەد سىر ھىندى تەرىپىدىن خۇراسان نەقشىلىكىنىڭ ۋەكىللىكىدىكى ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ئېقىمىغا قارشى بىر جاۋاب سۈپىتىدە قۇرۇلدى. ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدنىڭ ئورنىغا سىر ھىندى تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلغان ۋەھدەتى شۇبۇت چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان بۇ ھەرىكەت زېھنىيەت ئېتىبارى بىلەن سەلىفىچىدۇر. ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىگە قايتىشنى نىشان قىلغان بۇ ھەرىكەت ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق پوزىتسىيە ئوسمانىنىڭ ئىلمىيەت ساھەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ يۇقىرى تەبىقىنىڭ قوللىنىشىدىن نەقشىبەندىيە مەدرىسكە قاراپ ئالغا سىلجىدى. نەتىجىدە، بىيوروكرات ھاكىمىيەت ئىچىدە كەڭ بىر قوللىغۇچىلار توپىنى پەيدا قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن مۇجەددىيەنى ئوسمانى مەدەنىيىتىگە ئېلىپ كىرگەن شەيخ مۇراد بۇخارى يىلتىزى مەلامەت ئېقىمى بولغان خۇراسان نەقشىلىكىنىڭمۇ تەسىرى ئىچىدىدۇر. بۇ تەسىر كېيىن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندە مەلامى ياندىشى شەيخۇلئىسلام پاشماكچىزادە ئەلى ئەپەندىگە باغلىنىپ مۇجەددى مالىمى ئىتتىپاقى بىلەن نەتىجىلىنىش بىلەن بىر مەدەنىيەتكە ئايلاندى. مەلامەلىك بولسا سارى ئابدۇللادىن ئېتىبارەن ئوسمانى بىيوروكرات ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە مەۋجۇد بىر مىستىك كىملىك بىلەن مەيدانغا چىقتى. لالىزادە ئابدۇلباقى ئەپەندى، پاشماكچىزادە ئەلى ئەپەندى، شەھىد ئەلى پاشا، ۋە داماد ئىبراھىم پاشاغا ئوخشاش مەلامى مايىللىرى ئوسمانى ھاكىمىيىتىدە قازىلىق، شەيخۇلئىسلاملىق ۋە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىلىرىدە ئولتۇرغان. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى مەلامى تەشكىلى ئورگىنى شەيخ ، دەرۋىشلەر ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇپ بىر جەمئىيەت كىملىكى يانى تەرىقەتنىڭ كۈندىلىك ھايات ئىچىدىكى تېگىشلىك ئورنىنى بەرپا قىلغان.
ئوسمانى تەسەۋۋۇپ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچى سۈپىتىدە 17- ئەسىردىكى تەرەققىياتلارنى يېقىندىن كۆزىتىش لازىم. بۇ دەۋرنىڭ مۇھىملىقى ھەم تەرىقەتچىلەر مەيدانى ھەم تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىگە قارشى راۋاجلانغان دىنى ئەھكاملارنى يېڭىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە كۈندىلىك ھايات ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن نۇقتىدىنمۇ مۇھىم.
17- ئەسىرگە قەدەر ئوسمانى تەسەۋۋۇپ مەدەنىيىتىنى بەلگىلىگەن ئاساسى تەرىقەتلەرنىڭ خۇراسان مەنبەلىك بولىشىغا قارشى بۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئەرەب مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە قادىرىيە، رىفائىيە ۋە سادىيەنىڭ ئوسمانى شەھەر ھاياتىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇلاردىن قادىرىيە خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىلا يەنى 15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەشرەپ ئوغلى رۇمى تەرىپىدىن ئاناتولىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە بۇرسا بىلەن ئىزناكتا يېيىلىپ تارالغان. لېكىن بۇ تەرىقەت خېلى كېيىن – 17- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسمائىل رۇمى تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئۇلاشتۇرۇلغان. مۇشۇنىڭدەك رىفائىلىك 13- 14- ئەسىرلەردە ئاناتولىيە بىلەن بالقان جۇغراپىيىسىدە ئېرىشكەن نوپۇزى 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەيخ مۇھەممەد ھەدادىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېمپىراتورلۇقنىڭ مەركىزىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. سادىلىك بولسا 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇل ۋەفائى شامى ۋە ئابدۇسالام شەيبانى تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا يەرلەشتۈرۈلگەن. بۇ تەرىقەتلەرنى 18- ئەسىردە بەدەۋىيە ۋە شازەلىيە ئېقىملىرى ئېلىپ ماڭغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەرەب مەدەنىيەت ساھەسىگە ۋەكىل بولغان تەرىقەتلەرنىڭ ئالدىدا ئاناتولىيىگە ئارقىدىن ئىستانبۇلغا كېلىشلىرى ئىمپىراتورلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ پايتەخت سىرتىدىكى رايونلاردا ئىجرا قىلغان سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىق. ئىسلام بايرىقى ئاستىدا پەرقلىق مىللەتلەرنى بىر دۆلەت ئىچىگە ئالغان ئوسمانى جۇغراپىيىسى دۆلەتنىڭ مەدەنى ۋە سىياسى ئالاقىسى ساھەسىدە تەرىقەتلەرنىڭ كەڭ يېيىلغان تەشكىلى ئاپاراتلىرىدىن پايدىلىنىشتا مۈشكۈل ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. ئىمپىراتورلۇقنىڭ چېگرىسى ئىچىدە ھەممىدىن كۆپ ساياھەت قىلىدىغان تەرىقەت دەرۋىشلىرى بولىشى بۇ زورلۇقلارنىڭ ئاساسى سەۋەبىدۇر. دەرۋىشلەرنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە شۇ تەرىقەت دەرۋىشلىرى ئىكەنلىكى ئىمپىراتورلۇقنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈندىلىك ھاياتقا سىڭدۈرۈش تېمىسىدا مۇشۇ قىسىمغا ئالاھىدە نوپۇز بەرگەن.مەسىلەن: ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان بىلەن ئوسمانى ئىمپىراتورلۇقىنىڭ تارىخ بويىچە داۋاملاشقان مەدەنى ئالاقىسىنى قۇرغانلار دەل نەقشىبەندىيە دەرۋىشلىرىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان رولنى قادىرىيە، رىفائىيە، سادىيە ، بەدەۋىيەۋە شەزالىيە دەرۋىشلىرى ئالغان ۋە بۇ تەرىقەت ئەزالىرى ئەرەپ ۋىلايەتلىرى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدىكى مەدەنى ئالاقىنىڭ كۆۋرۈكچىلىرى بولۇپ باشقا ھەرىكەتچان سودىگەر سىنىپىغا ئوخشاش ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن.
مەنبە: تۈركچە «ئوسمانلى جەمىيىتى» ناملىق كىتابنىڭ [ئوسمانى زامانىسدىكى تەسەۋۋۇف] ناملىك بابى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-6 12:04