كۆرۈش: 10713|ئىنكاس: 34

قورقۇنچلۇق تېپىشماقلار     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 16:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. تەلەي
ئىككى ئاغىنەم بىلەن توردا تونۇشقان ئۈچ قىز بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم. پۈتۈشۈپ قويغان تاماقخانىغا كىرىپ، ئالدىن دېيىشكەن ئورۇندا قىزلارنى كۆردۇق. «سىلەر رەسىمىڭدىكىلەردىنمۇ چىرايلىق ئىكەنسىلەر» دېدىم ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. «يەنە بىر قىز قېنى؟ ئۇ كەلمەپتىغۇ؟» دەپ سورىدى بىر ئاغىنەم
«ئۇنىڭ مىجەزى يوق، شۇڭا كېلەلمىدى. بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى » دەپ جاۋاب بەردى ئوماق ئۇزۇن چاچلىق قىز. دېمەك ئۈچىمىزدىن بىرسىمىز يالغۇز قالىدىكەنمىزدە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. قىززىقچى ئاغىنىلىرىم ھەرخىل يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈردى. خوشال خورام تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن موتوسىكلىت بىلەن ئايلىنىشقا ماڭدۇق. ئىككى ئاغىنەم ئارقىسىغا بىردىن قىزنى مىنگەشتۈرۈپ ئالدىمدا ئۇچقاندەك چېپىشقا باشلىدى. يالغۇز قالغىنىمدىن زەردەم قايناپ تۇرغاندا،  ئالدىمدىكى ئاغىنەمنىڭ موتوسىكلىتىغا مىنگەشكەن قىز قىزىل چىراققا توختىغاندا  ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ئىككى قولى ئاغىنەمنىڭ بېلىدىن مەھكەم تۇتقان ئىدى:
«ھەجەب ناخۇش كۆرىنىسىزغۇ؟ قىز قالمىدى دەپمۇ؟»
« ياقەي» دېدىم كۈلۈمسىرەپ. يېشىل چىراق يېنىپ موتوسىكلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ يەنە ماڭدۇق. ئۇ قىز گازىر يۈزلۈك، ئاپپاق بولۇپ، كۈلۈمسىرىگەندە سەدەپتەك چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  كەينى تەرەپتىن قارىغاندا بېلىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ئوخشاشلا چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ياندىن قارىسىمۇ چوقۇم چىرايلىق بۇ قىز. شۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى دە، دەرھال موتوسىكلىتنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپ ئۇچقاندەك مىنىپ كەتتىم.

سۇئال: «مەن» نېمىشقا ئارقىغا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟


2. ھاجەتكە چىقىش
گۈزەلنۇر ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيتى. بىې قېتىم تەتىلدە ياتىقىدىكى ھەممە قىزلار ئۆيلىرىگە كېتىپ، گۈزەلنۇر يالغۇزلا قالغان ئىدى.
ئۇ كۈنى گۈزەلنۇر يېرىم كېچىدە ھاجەتكە چىقماقچى بولۇپ ئويغىنىپ كەتتى، بىراق يالغۇز چىقىشتىن قورقۇپ يېنىدىكى كارىۋاتتىكى قىزنى چاقىرىپ بىللە چىقتى، ئەمما ھاجەتخانىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. نېمىشقا؟

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28274
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-25
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 17:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چۈشما؟

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 17:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق، چۈش ئەمەس، لوگىكىلىق ئانالىز قىلىپ، لوگىكىغا چۈشمىگەن يەرلىرىنى تېپىپ چىقىسىز.

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 17:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك
بىر قارىغۇ بىر قانچە ئاغىنىسىگە بىلەن تاغقا چىقىپتۇ. يېرىم يولدا ۋەقەگە ئۇچراپ بىر تاغ ئۆڭكۈرىدە پاناھلىنىپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن يەيدىغان ئوزۇقى قالماپتۇ. قارىغۇنىڭ ئاغىنىلىرى « ئاداش نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەر بىرىمىز بىردىن قولىمىزنى كېسىپ ، شۇنى ئوزۇق قىلدۇق، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى» دەپتۇ.  قارىغۇ ماقۇل بولۇپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتقازغۇچى ئەترەت تەرىپىدىن بايقىلىپ قۇتۇلدۇرىۋېلىنىپتۇ. نەچچە ئايدىن كېيىن قارىغۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بوپتۇ. ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپتۇ. ئۇلار تورتقا شام يېقىپ چاۋاك چالغىنىچە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپتۇ. ئەمانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ . نېمىشقا؟

UID
6654
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
467
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.ئالدىدىكى ئادەمنى بېلىدىن مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان قىز قانداق ئارقىغا بۇرۇلالايدۇ ،بۇ بالا ئۇنىڭ جىنلىغىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن .

2.ھاجەتكە چىقىش:
گۈزەلنۇرنىڭ ياتىغىدىكى ھەممە قىز تەتىلدە كەتكەن تۇرسا ،ئۇ ھاجەتكە باشلاپ چىققان قىز كىم بولدى ئەمدى ، راست ئويلىسا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ .

3.تۇغۇلغان كۈن
ئاغىنىلىرىنىڭ  ئۇنى ھەممىمىز بىردىن قولىمىزنى كېسىپ شۇنى ئۇزۇقلۇق قىلدۇق دەپ  ئۆزىنى ئالدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان ، بىر قولى يوق ئادەم قانداقمۇ چاۋاك چالالىسۇن .

UID
14392
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
156
تىزىملاتقان
2011-8-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 19:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راستىنلا بەك قورقۇنۇشلۇق تىپىشماق ئىكەن

UID
21373
يازما
80
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 22:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا قورقۇنۇچلۇق ئىكەن..............

UID
18563
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-18
توردا
99 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 00:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋايجان.....1-سىنى چۈشەنمىدىمغۇ....قالغىنى چۈشۈنۈشلۈك بولدى،،،موتۇسىكىلىتتا  ولتۇرسىمۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغىلى بۇلىدۇغۇ،،

UID
25736
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-14
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 02:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازېنېن،نېڭ بەرگەن جاۋابېغا قوشولېمەن ....دوروس جاۋاپكەن

UID
5684
يازما
218
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5469
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 17:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ لوگىكىدىن پەقەتلا خەۋىرىم يوقتى....شۇڭا بىلەلمىدىمۇ يا........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش