- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 92
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- UID
- 1231
- يازما
- 92
- تېما
- 79
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- توردا
- 0 سائەت
|

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى : بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي شىمالىدا بولۇپ ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ، تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان . شەرقىي تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ، جەنۇبى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەربىي شىمال قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ .بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بورتالا شەھىرى ، جىڭ ناھىيىسى ۋە ئارىشاڭ ناھىيىسى قارايدۇ . ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بورتالا شەھىرىدە . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 439مىڭ 600بولۇپ ئاساسلىقى موڭغۇل ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان .
تەبىئىي بايلىقى : بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئېگىز ، ئوتتۇرىسى پەس بولۇپ ، شىمالى قىسمى ئالاتاۋ تېغى جەنۇبى قىسمى كۆكۈرچىن تېغى ، بولخىنۇر تېغى ئوتتۇرا قىسمى بورتالا دەرياسى ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى ، سۇ بايلىقىدىن ئۆتۈكسەر دەرياسى ، بورتالا دەرياسى قاتارلىق دەريالار ۋە سايرام كۆلى ، ئېبنۇر كۆلى ، قاتارلىق كۆللەر بار . ئالاتاۋ ئېغىزى داڭلىق بوران ئېغىزى بولۇپ ،يىللىق ئوتتۇرچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ھەر كۋادرات مېتىر يەرگە 2600كىلوۋات سائەت توغرا كېلىدۇ . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۇز ، پېرلىت ، مەرمەر تاش ، پىلاتىنا، گلاۋبېر تۇزى قاتارلىقلار بار .ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن 36 خىلى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 1–دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن يىلپىز تاغ ئۆچكىسى ، قۇندۇز سېرىق، بۈركۈت قاتارلىقلار . دۆلەت 2–دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قوڭۇر ئېيىق ، سۇ بۇلغۇنى ، تايغان بۇغا ، ئاق قۇ قاتارلىقلار بار . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ھايۋان شىمال سەمەندەرى بار . ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن چۈچۈكبۇيا ، چاكاندا ، جىغان ، تاغ لەيلىسى ، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىق 414خىلى بار . بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.0،يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 170.8 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1512.6 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 160كۈن .
ئىگىلىك ئىقتىسادى : بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كېۋەز ، ئالقاتلارنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ سورتلۇق پاختا ،ئالقات ئېكسپورت قىلىشىدىكى مۇھىم بازالارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن شېكەرچىلىك ، پاختا توقۇمىچىلىق ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ، خىمىيە سانائىتى ، دورىگەرلىك ، تۇزچىلىق ، ئاشلىق –ماي ئىشلەپچىقىرىش ، رېمونتچىلىق ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، خىمىيىۋى ئوغۇت، ھاراق ، تېرە –يۇڭ پىششىقلاش قاتارلىقلار بار . يېزا –ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پاختا ، ئالقات ، شال ، بۇغداي ، كۆممىقوناق ، قىچا ، قىزىلچا ۋە تۈرلۈك مېۋە – چېۋىلەر بار .بۇنىڭ ئىچىدە پاختا بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئېكسپورتتىن تاشقى پېرېۋوت يارىتىشىدىكى ئەلا مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى . چارۋىچىلىقتا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ، ئات ، كالا ،تۆگە ئاساس قىلىنغان بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈش بازىلىرىنىڭ بىرى . يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالقات ئەڭ داڭلىق بولۇپ ،دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا مەشھۇر.
قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى :بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئاسىيا – ياۋروپا 2–چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ جۇڭگوغا كىرىدىغان دەرۋازىسى بولۇپ ،دۆلەت يولى 312–لىنيىسى ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى شەرقتىن مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدۇ .غەربتىن ئالاتاۋ ئېغىزى پورتى ئارقىلىق قازاقىستانغا تۇتىشىدۇ . ئالاتاۋ ئېغىزى پورتى دۆلەت 1–دەرىجىلىك پورت بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ سودا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان پورتى . بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتلاق ئېكلوگىيىلىك ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى كۆپ ، بايلىقى كەڭ ، چارۋىسى مول بولغان ، ئەتراپىنى تاغ ، ئورمانلار قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاغدىكى مەرۋايىت –سايرام كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ، خىلمۇخىل قىياپەتتىكى تاش قاتمىلار مەنزىرە رايونى ، قىشتا ئىسسىق ، يازدا سالقىن بولىدىغان ئارىشاڭ ساناتورىيىسى –ئارىشات ئارشىڭى . دۆلەت دەرىجىلىك سۆكسۆكلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ، شىمال سەمەندەرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى بار |
|