كۆرۈش: 3867|ئىنكاس: 11

ئاياللىق ھىممەت ۋە قىممەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 22:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                           ئاياللىق ھىممەت ۋە قىممەت
                                                                  ئاينۇر دولقۇن
      ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە بولۇنۇۋاتقان گەپ-سۆزلەر تالاي، ئاياللىق نازاكەت ۋە مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا ئۇلاردىكى پەزلى-مەرھەممەتنىڭ سۇسلاپ يوقاپ كېتىۋاتقىنىدىن قاقشاشلار دوقمۇش-دوقمۇشلاردا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. قىسقىغىنە يېرىم ئەسىردە بولۇۋاتقان ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە رولىدىكى ئۆزگىرىش ئەرلەرنىلا ئەمەس، ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى. «قازان بېشى»دىن جەمئىيەتتىكى خىلمۇ-خىل «مۇنبەر»لەرگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئاياللار ئۆزىنىڭ نازۇك تەبىئىتىگە ماس كەلمىگەن بىسىم ۋە كىرزىسلارغا دۇچ كەلدى. جاھان ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۇچقۇر قەدىمى ئەڭ چەت رايۇنلاردا، ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىللەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىمۇ نېسىۋىسىز قالدۇرمىدى. بىزمۇ ھەم ئۆزلۈكسىز يېڭىلىققا ئېنتىلگۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تېركىشىۋاتقان بىر توپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،  ھەر خىل مىدىيە ۋە ۋاستىلەر ئىلىپ كەلگەن غايەت زور ئۇچۇر «بوھرانى»غا دۇچ كەلدۇق. تور، تېلىۋوزۇرلاردىكى خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ئېقىملار ھېچبىر تەييارلىق ۋە پەرقلەندۈرۈپ تاللاش ئۆلچىمىنى تولۇق ھازىرلىيالمىغان بىز ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز ئۈچۈن چوڭ سوئال ۋە كەسكىن زىددىيەت-كىرزىسلەرنى ئالدىمىزغا تاشلىدى.بۇنىڭغا ئەگىشىپ «جاھاندارچىلىق سەنئىتى»، «مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى»، «بېيىش يولى» ...دېگەندەك كىتابلار قايتا-قايتا بېلىسىپ ھەممىنىڭ قولىدىكى ئەتىۋارلىق كىتابلارغا ئايلاندى. ئۆزگە ئېتىقاد، ئۆزگە مەدەنىيەت ئىدىيىسى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ ئەسەرلەردىكى ئىدىيەلەر قارا-قويۇق قوبۇل قىلىندى. مانا مۇشۇنداق رەڭگارەڭلىك ئىچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى زادى قانداق مەسلىلەرگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق پوزتسىيەدە بولۇۋاتىدۇ ۋە قانداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىۋاتىدۇ؟ ئاياللار ھەققىدىكى ئەپسۇسلۇق يازمىلار ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە باش چايقاشلار نېمە ۋەجىدىن؟
ئايال كىم؟
ئايال-بىراۋنىڭ جۈپتى ھالالى، بىراۋنىڭ مېھرىبان ئانىسى، سۆيۈملۈك  قىزى، قەدىردان ئاچىسى، ئوماق سىڭلىسى، پەرىشتە سۈپەت مومىسى. دۇنيادىكى جىمى ئىزگۈلۈك ۋە بۈيۈكلۈك ئايال بىلەندۇر. ھاياتنىڭ ھالاۋىتى ۋە ھالاكىتىگىمۇ دەل ئايال سەۋەپچى، ئۇلارنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىسە، بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ. ئۇلار ھەققىدە تالاي يازمىلار يېزىلدى، يەنە يېزىش ئارتۇقچىلىقمۇ؟ نېمىنى يېزىش كىرەك؟ يازغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟
«ئاناڭ قاياققا كەتتى؟- زەردە بىلەن سورايدۇ ئەركەك.
مەن سەھەردە بارىمەن، ئانام ئۆيدە بولۇپ تۇرسۇن!- جىكىلەيدۇ تالالىق قىلىنغان قىز.
ئانا! سىز نەدە؟- ئۆيدە ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدۇ گۆدەك»
ئايال بىلەن ئەرلەر پۈتۈنلەنگەن، دۇنيا دۇنيا بولۇپ تۇرغان. ئايال ئۆيدە بولمىسا بۇ كەملىكتىن، بۇ يېرىملىقتىن، بۇ خۈنۈكلۈكتىن مەيۈسلەنگەن ئەرنىڭ يۈرىكى مۇڭلىنىپ قالىدۇ. دۇنياغا رەڭ، ئۆيگە گۈل، بالىلارغا مېھىر، جۈپتىگە ئۆمرىنى بېرىۋاتقان ئايالنى تىللاش، ئۇنى ئەڭ بەتبەشىرە سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىش، ھەتتاكى زەردە-تەئەددى بىلەن دۈشكەلەپ ياپراقتەك جىسمىنى غال-غال تېتىرىش، روھىدىكى گۈزەل بېغىنى خانىۋەيران قىلىش ئايالسىزلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.  ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆز تەبىئىتى ۋە خۇلقىدىن يىراقلىشىش سەۋەبلىك بولۇۋاتقان ئايالسىزلىققا كىم ئىگە؟ ئەرلەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىش قاقشاشلار ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تالىق، بەس! بىز ئۆزگىنى قويۇپ ئۆزىمىزگە كىلەيلى.

1.        ئاياللار ۋە مەسئۇلىيەت
ھەر قانداق بىر ئىنسان تۇغۇلۇشى بىلەنلا بىر قاتار سالاھىيەتلەرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇ ئاۋال ئادەم، ئۆز توپىنىڭ بىر ئەزاسى، ئائىلىۋى نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتى، بىر تۇغقان قىرىنداشلىرىنىڭ، ئاكا-ئاچىسى ۋە ياكى ئېنى-سىڭلىسى... چوڭ بولغانسىرى ئاتا-ئانا، كىلىن، كۈيئوغۇل.... دېگەندەك.  دېمەك، بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىمىز بىلەن تەڭلا ئائىلە، جەمئىيەت ۋە يۇرت-مىللەت بىزگە بىر قاتار كىملىكلەرنى ئاتا قىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتنى زىممىمىزگە يۈكلەيدۇ. ئاياللار ئۆزى ئەركە بولۇپ ئۆسكەن تۇپرىقىدىن، ئانا باغرىدىن ئايرىلىپ كىلنلىك، ئاياللىق دەۋرىنى كۈتۈۋالغان دەقىقىدىن باشلاپ، ئائىلىۋى مەجبۇرىيەت- ئاياللىق، ئانىلىق ئۇنىڭ ياخشى ئادا قىلىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئائىلىنى ئاۋۇندۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئانىلىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت
ئانا بولۇش بۈيۈك بىر نېمەت ۋە تەڭداشسىز شەرەپتۇر. بۇنداق شاراپەتكە مۇناسىپ بولغۇچىلار پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئاياللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا سازاۋەر بولالايدۇ. بىر ئانا بالىسىنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ، تىرىكلىكنىڭ قۇۋۋىتى بولغان سۈتى بىلەن ئۇنى تويدۇرىدۇ، قۇچىقىدا ئۆستۈرىدۇ، سۆيۈملۈك يۈرەك پارىسىنىڭ راھىتى ئۈچۈن شېرىن ئۇيقۇلىرىدىن، پۈتۈن تنچلىقىدىن كىچىدۇ، ئۇنىڭ تەربىيىسى ھەم بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكمىگە جاپاسى، قىلمىغان پىداكارلىقى قالمايدۇ، ھاياتنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىگە قەدەر ئۇنى سۆيىدۇ. شۇڭا ئانىلار ھەممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۇلۇغلىنىشىغا نائىل بولدى. شۇنداقلا، «ئانا»دىن ئىبارەت بۇ ئىبارە ئوخشىمىغان قەۋم، توپلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ۋەزىندە مۇقەددەسلىكنىڭ، مەۋجۇتلۇقنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلدى. «ئانا تىل»، «ئانا يۇرت»، «ئانا ۋەتەن»، «ئانا دەريا» دېگەندەك سۆزلەردە «ئانا» سۆزى تىل، ۋەتەن، يۇرت ۋە ھاياتلىقنىڭ سۈپىتى ئورنىدا ئىشلىتىلىپ، «ئانا»نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە «ئانا» بولغۇچىلارغا تۇغۇش ۋە بىقىپ چوڭ قىلىشتىن باشقا يەنە بالىنى ئۆز ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، كىملىكىنى بىلىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغدايدىغان، ئۆز خەلقى ئۈچۈن بارىنى ئاتايدىغان پەرزەنت قىلىپ تەربىيەلىيەلىگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئانا ھېسابلىنىدۇ. قىرغىز خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن قازاق شائىرى مۇختار شاخانوفنىڭ سۆھبىتىدىن تەشكىل تاپقان «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى» ناملىق كىتابتا، ئانا ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان مۇنداق مىسرالار بار:  
تەقدىرىڭنى يىلتىسىزلىق ئىللىتىگە تاشلىما!
ھەر كىشىدە ئۆز ئانىسىدىن ھەم باشقا
يۆلەك بولۇپ يۆلەيدىغان ئارقىدىن-
بولۇشى كىرەك كۈچ قۇدرەتلىك تۆت ئانا.
تۇغۇلغان يەر-تۈپ قوزۇقى بايرىقى،
ئانا تىلى-سېتىلماس زور بايلىقى.
ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەت تېرىكى،
قەدىمىگە ھەم كۈچ بىرەر مادارى
يەنە ئانا تارىخى،
ئەسلىمەك تەس دەرت-ھەسرەتلىك بولسىمۇ،
كۈيلىرىدە تۆت ئانىغا زەررە سۆيگۈ قاتمىغان
بەندىلەرنىڭ بىشى قايدا قالمىغان؟!
تۆت ئانىسىنى قوغدىمىغان ئەللەرنىڭ،
ھېچقاچاندا قۇد يۇلتۇزى يانمىغان.
خاسىيەتلىك بۇ تۆت ئانا-تەقدىرىڭنىڭ تېنىقى،
تۆت ئانىچۈن بولغان كۈرەش، كۈرەشلەرنىڭ ئۇلۇغى. 5-بەت.
يۇقارقى مىسرالاردىن كۆرەلەيمىزكى، تۇغۇلغان زىمىنى، ئانا تىلى، ئۆرپ ئادىتى ۋە تارىخىنى ئۆزىنى تۇغقان ئانا بىلەن تەڭ قاتاردا قويۇپ تۆت ئانا دەپ ئاتايدۇ ۋە مۇشۇ تۆت ئانىنى قوغدىمىغان ئەلنىڭ ھېچقاچان قۇت يۇلتۇزى يانمايدۇ، دېگەن ھۆكۈمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەرھەق! يۇقارقى ھۆكۈملەردىكى ھەممىسى ئانىغا تۇتاشقان، ئانىنى سەۋەب قىلغان. مەرھەمەتلىك نىسىۋە، مېھرى ئوت پەرزەنت ئانا ۋۇجۇدىدىن ئورۇن ئالغاندىن تارتىپ ئانا بوينىغا نۇرغۇن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئارتىلغان بولىدۇ. بالىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ئۆز بەدىنى ۋە ئىدىيىسىگە كىرىۋاتقان ھەر نەرسىگە ياخشى قاراۋۇللۇق قىلىش ۋە ھەر تىنىقتا ھالاللىقنى ئىستەپ، ئۆز پارىسى ئۈچۈن ياخشى تىلەك ۋە دۇئا قىلىش ئانىلىق پەزىلەتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدۇر. بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئۇنى ھالال يېمەكلىك بىلەن رىزىقلاندۇرۇش، ئۆز سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۆز پەزلى ۋە مەرھەممىتى بىلەن پەرزەنت قەلبىگە مۇھەببەت ۋە ئىتىقاد ئۇرۇقىنى چېچىش، كىملىكىنى ياخشى تونۇتۇش ۋە زۆرۈر تەربىيەتلىرىنى بېرىش ئانا تەرىپىدىن بىۋاستە ئىجرا قىلىنغان ۋە تاماملانغان بولىدۇ. خوش، بۇھەقتىكى تالاي گەپ-سۆزلەر، يازمىلار ۋە جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن ئىزىم-ئىقىملاردىن گاڭگىراپ قىلىش، ھەممىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىش، بالىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى ماددى ئىھتىياجىنى ئويلىشىش، كىيىنكى تەربىيەنى يەسلى ۋە مەكتەپلەرگە ئارتىپ، ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقنى تونۇماسلىق ۋە ئادا قىلماسلىق بىزدىكى خىلىلا ئومۇملىشىپ قالغان ھادىسە دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز. شەھەرلەردىلا ئەمەس، يېزىلاردىمۇ يەسلىلەرنىڭ ئومۇملىشىشى كەڭ مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم. ئەمما، «بالا يەسلىگە بېرىپ قۇلاق خىلى تىنچىدى» دېگەن ئانىلار باللىرىنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ ئۆزىنى قايسى سۆز، قايسى تىلدا چاقىرۋاتقىنىنى ئاڭقىرالىدىمۇ؟ مەكتەپ مائارىپى بىر تۈپ كۆچەتنىڭ تۈۋىگە ئوغۇت بېرىش بىلەن ئۇنىڭ باراقسان ئۆسۈشىگە سەۋەب قىلماقدۇر. ئەمما باللىرى ئۈچۈن باغۋەن ھېسابلانغان ئانا بۇ كۆچەتكە چۈشكەن «قۇرت»لارنى بايقىشى ۋە يوقىتىشى، ئۆز مېھرى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى ئېسىل دۇردانىلەر بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇشى، بۇ كۆچەتنىڭ ياخشى ساغلام مېۋە بېرىشى ئۈچۈن ھەرۋاقىت كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇشى لازىم! ئانىلار باللىرىنى ئەڭ داڭلىق يەسلىلەرگە ئاپىرىپ، ئەڭ ياخشى مەكتەپلەر ۋە تەربىيلەش مەركەزلىرىدە، تىل ۋە سەنئەت جەھەتتىن تەربىيلەپ. ئەڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپ، بالا غېمىدە ھاردۇق يەتسىمۇ، بىز بۇ ئانىنى لاياقەتلىك ئانا دېيەلمەيمىز. چۈنكى، بالىنىڭ ھەقىقىي بىر ئادەم بولۇپ يېتىلىشى مەكتەپ مائارىپى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاددى جەريان ئەمەس، بەلكى كىچىكىدىن بالىلاردا بىر مەنىۋى توغان ياساش، ھەر زامان ھەر جايدا ئوخشىمىغان «مەدەنىيەت» كەلكۈنلىرى كەلگەندىمۇ، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى چىڭ قوغداپ تۇرالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئانىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى.
مىسال: ئۆتكەن يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنغان كۈنى چۈشتە  سەنشىخاڭزىدىكى بىر ئاشخانىغا تاماققا كىردىم. ئاشخانا ئىچىدە ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەنمۇ بىر بوش ئورۇندۇققا ئارانلا جايلاشتىم، جايلاشتىم-يۇ، تىزلا قۇلىقىم ئۇدۇلۇمدىكى قىز بىلەن ئانىنىڭ پارىڭىغا چۈشتى.
-قارىڭە ئۈستى بېشىڭىزغا. تۈنۈگۈن چېچىڭىزنى بۈدرە قىلدۇرۇپ، يۈزىڭىزنى تۈزۈك بىر ئۇۋۇلىتىپ قوياي دېسەم ئۇنىمىدىڭىز. ھەممە ئادەم باللىرىنى ساقلاپ ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدا تۇرىدىغان تۇرسا، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكتىڭىز. قارىڭە ماۋۇ ئۇچىڭىزدىكى مەكتەپ فورمىسىغا. 12 يىل كىيىپ قانمىدىڭىز ھە بۇ بىر نېمىنى...
-بولدى قىلىڭە ئاپا، مەن ئىمتىھان بەرگىلى كىرەمدىمەن ياكى مودىل تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرەمدىمەن؟ تاماقنى يېگىلى قويسىڭىز نېمە بولار؟! مەندىن خىجىل بولغان بولسىڭىز كەلمەڭ. مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئۆزۈم بارالايمەن ئۆيگە.
-شۇنداقمۇ؟ ئۆزىڭىزچە مۇنداقلا چوڭ بوپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟ ئەمسە تاماقنى يەپ، ئىمتىھاننى ئوبدان بېرىڭ.
قېنىق گىرىم قىلىپ ياشلاردەك مودا ياسىنىۋالغان بۇ ئايال قىزىغا قاراپ لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە «ۋاي توۋا، سۈتۈمنى ئېمىپ چووڭ بولۇپ، ئەمدى گېپىمنى بىر تىيىن قىلىدىغۇ توۋا. ھازىرقى بالىلارغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ» دېگىنىچە توختىماي سايراۋاتقان تىلفۇنىنى قۇلىقىغا يېقىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بۇ قىز ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كىيگەن، چېچىنى ئىگىز بىر بوغۇپ، كۆزەينەك تاقىۋالغان ئىدى. ئىچىمدە بۇ قىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم ۋە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەچ، كونىلارنىڭ «سادىن نار تۇغۇلۇپتۇ» دېگەن تەمسىلى ئېسىمدىن كەچتى. بىز تاماق يىگەچ پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ دەرسلىك كىتابنىلا ئەمەس، مەدەنىيەت ۋە نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مەسلىلەرگە ئائىت دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى كۆپ ئوقۇيدىغان، ئوچۇق پىكىرلىك، ئۆزىگە خاس مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە ئىدى. ئالىي مەكتەپ نەتىجىسى ئىلان قىلىنغاندا ئۇلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بۇقىزنىڭ رەسىمىنىڭ شەرەپ تاختىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن سىز نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئانىغا ئىچىمدە ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. باللىرى بىلەن پاراڭلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە باللىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلارنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئۇنى توغرا يوللار بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بالىلارغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش داۋامىدا ئۇلاردا ھەققانىيەت كۆز قارىشى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى ئۆزىنى بىلىدىغان ۋە تونۇيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بالىلاردىن قىلىپ تەربىيلەش ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار يالغۇز مېھىر مۇھەببەت بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشى ۋە تېرىشىشى كىرەك.
ئاياللىق بۇرچ
ئاياللار ئاياللىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ، تۇرمۇشتا تاۋلىنىش، ئۆز بەختىنى يارىتىش، يەنىمۇ مۇكەممەلىككە ئىنتىلىش ئۈچۈن ھايات مۇساپىسىدىكى يېڭى بىر دۇنياغا قەدەم ئالىدۇ. ئاياللىق ساداقەت، ئەرلەرگە غۇرۇر-ئىشەنچ، شىجائەت ئاتا قىلسا، پاك سۆيگۈ ۋە سەمىمىي مېھر- مۇھەببەت ئۇلارغا مەڭگۈلۈك تەلپۈنۈش ۋە ئاتەش يۈرەك بىغىشلايدۇ. ئاياللار چىۋەر قوللىرى بىلەن ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ۋاقتىدا قىلىدۇ، كىرلەر يۇيۇلۇپ، تاماقلار ئېتىلگەن، ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا قويۇلۇپ، پاكىز ۋە ئازادە ئۆي ھەر بىر كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلىغاندا، ئايالنىڭ ئۆز مۇھەببىتى ۋە خۇش پېئىلى بىلەن ئۆز جۆرىسى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇشلىرىدىن ھەر بىر كىشى ئاياللىق سالاپەت ۋە گۈزەل قەلبنى كۆرەلەيدۇ.
ئائىلىنىڭ ھەقىقىي تۈۋرۈكى ئايالدۇر، چۈنكى ئەرلەر مىجەز-خۇلق ۋە تەربىيە جەھەتتە ئاياللاردىن باشقا ھېچكىمگە بويسۇنمايدۇ، ھەتتا يۇقىرى مەكتەپلەردە، ئالىي پىكىرلىك ئادەملەرنىڭ  ئالدىدا ئىلىم ئالغۇچىلارمۇ ئانىلىرىدىن ئالغان تەربىيە بىلەن ياشايدۇ ۋە بۇ تەربىيىنى ئاخىرقى كۈنلىرىگە قەدەر ئېسىدە ساقلايدۇ. شۇڭا ئايال ئاۋال ياخشى بىر ئايال بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغاندا ئاندىن ياخشى ئانا بولالايدۇ. ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن ياخشى ئادا قىلىش، سەۋرچان، كەڭ قورساق بولۇپ، مېھىر - مۇھەببىتىنى ئائىلىسىگە، ئائىلە ئەزالىرىغا ۋە ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىغا ئىشلىتىش ئاياللىق سۈپەتلىرىنىڭ ئاساسى ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ تىركىشىشلىرى ئۇلارنى ئۆز تەبىئىتىدىن يىراقلاشتۇرۋەتتى. «ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا كوچىغا چىقىۋالغان ئاياللارنىڭ ئەمدى يۈرەك پارىلىرىنى مېھرى بىلەن سۇغۇرۇشقا، ئەرلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ سۆيگۈ بېرىشكە ۋاقتى چىقمايدىغان بولدى. بالا قۇپقۇرۇق چوڭ بولدى. ئۇنىڭ قەلب چوڭقۇرلىرىغا ئانا باغرىنىڭ ھارارىتى، ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇ ۋە روھنىڭ نۇرى يېتىپ بارالمىدى.
ئايال-كومپىيۇتېر ئالدىدا ئالدىراش،
ئايال-سىياسىي مۇنبەرلەردە ئالدىراش،
ئايال-تېلىۋۇزۇر ئىكرانى ئالدىدا ئالدىراش،
ئايال-قەھۋەخانىدا ئالدىراش،
ئايال-تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىلەن ئالدىراش،»  مانا مۇشۇنداق بىر قاتار سەۋەبلەر ئاياللارنى بارا-بارا ئائىلىدىن تارتىپ چىقاردى. ئاياللار بىرىگە بەكرەك ئېغىپ يەنە بىرىنىڭ غېرىبسىنىشىغا يول قويسا، بەلكىم بىز كۆزگە ئىلمىغان كىچىككىنە ئىشلار ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: تاماق ئېتىشنى ئالايلى: بۈگۈنكى كۈندە، تىز تاماقخانىلارنىڭ ، ئۆچىرەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ  كۆپىيىشى ھەممە جايدا نورما ئەھۋال بولۇپ قالدى. خىزمەت ياكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىز بولۇشى سەۋەبلىك ناگان-ناگاندا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بۇنداق «تالا تامىقى»نىڭ ئۆي تامىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ھېچكىمگە غەيرى تۇيۇلماس بولدى. ئۆي تامىقى ئېلىپ كىلىدىغان مېھىر ۋە ساغلاملىققا پايدىلىق ھالال تەم، قۇۋۋەتنى ئۆيدىكى پاكىز، تۈجۈبىلەپ ئېتىلگەن تاماقلا بېرەلەيدۇ.
ئەگەر ئاياللار گۈزەل خۇلقلىق بولسا، پۈتۈن ئائىلىنىڭ راھىتىدۇر، ئەگەردە ئەخلاقسىز بولسا، پۈتۈن ئائىلىنى خاراب قىلغۇسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللار ئائىلە، خىزمەت ۋە تۈرلۈك كىشلىك مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدا قىستىلىپ ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەي ئاۋارە. ئەمما، شۇ نەرسە ئەستە بولۇش كىرەككى، كۆپرەك ۋاقتىنى ئائىلىگە بېغىشلاش ھەر بىر ئائىلە بەختنىڭ مەنبەسى. ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ئېرىشكەن ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك، دۇرۇس ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

ئايال بولغان كىشى ئۆز ئائىلىسىدە جۆرىسى ۋە باللىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىسى ئالدىدا پەرزەنتلىك، كىلىنلىك بۇرچلىرىنى ئادا قىلمىقى، تۈرلۈك كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە بېرىش-كىلىشلەرنى دەل ۋاقتىدا، جايى-جايىدا ئورۇنلاشتۇرماق ئاساسن ئەمەس. ئايال بولغان كىشى ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتە يالغۇز ئېرى ۋە باللىرى بىلەنلا بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشنى بىلىشى، ئائىلىنىڭ ئىگىلىكىنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدە تەدبىر-چارىلەرنى ئىزلىشى كىرەك. چۈنكى، ئايال قولى ۋە تەبىئىتى پۈتكۈل جاھاننى گۈل بىلەن پۈركەندۈرۈشكە قادىر. ئاياللار ئائىلىدە يەنە ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى كىرەك. مەسىلەن: تاماق ئېتىشكە ئائىت نۇرغۇن رىسالە خاراكتىرلىك كىتابلار ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. ھەر كۈنلۈكى لەڭمەن، گاڭپەن بىلەنلا تەكرار تاماقلىنىش ئەمەس، ئاياللار ئۆز ھۈنىرى ۋە تەبىئىتىنى نامايان قىلىدىغان خىلمۇ-خىل تاماقلىرى بىلەنمۇ ئۆزگىچە يېڭىلىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ. تاماق ئۈستىلىدىكى رەڭگارەڭ، ئوخشىغان تاماقلار بىلەن  بېشىغا ياغلىق ئارتىپ، پەرتۇق تارتقان ھالدا ئېرى ۋە باللىرىى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇۋاتقان ئاياللار ئائىلە ۋە ئەرلەر ئۈچۈن ھوللىۋۇد چولپانلىرىدىن نەچچە ھەسسە گۈزەلدۇر. نۆۋىتى كەلگەندە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق سالامەتلىك قائىدىلىرىدىن ۋە بىمارنى قانداق كۈتۈش نىزاملىرىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار بولۇش ئاياللار ئۈچۈن پايدىلىق. بالىلار ئاغرىسا ئانىلارنىڭ پۈتۈن زېھنى شۇلاردا بولۇپ، ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ، ياخشى غىزا بىلەن دورىنى بىرلىكتە بېرىپ كىسەلگە سەۋەب قىلىدۇ. چوڭلارنى ياكى ھەمراھىنى ئەپچىللىك بىلەن كۈتۈش ئايال يۈزىنى ھەر يەردە يورۇق قىلىدۇ. ئاياللار ياخشى كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشى، ئائىلىسى ۋە پەرزەنتى ئۈچۈن زۆرۈر بىلىملارنى تولۇقلاپ ئۆگىنىپ تۇرۇشى كىرەك. ئاياللىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت ھەققىدە كۆپ سۆزلىمەيمىز، چۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە، پەقەت قالغىنى «تەلتۆكۈس ئەمەل»لا خالاس.

2- ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە تەربىيلىنىش مەسلىسى
تەربىيلىنىش دېگەندە نۇرغۇن كىشىلەر دەرھال مەكتەپ مائارىپىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىمىز جاھان گۈلىستاننىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارى سۈپىتىدە دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغان ئاياللارنى قانداق قىلىپ ھەقىقىي «باغۋەن» قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەسلىسىنى كۆرسىتىدۇ. گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرۈپ، بوران ئۇچۇپ تۇرغان كۆلبىلەرنىمۇ ئۆز مېھرى ۋە چېۋەر قولى بىلەن گۈلزارلىققا، ئېتىزلىقتىكى چامغۇرنى تومۇردىكى قۇۋۋەتكە، غېرىبانە كۆڭۈلنى بەخت تۇيغۇسى قاپلىغان مۇھەببەتلىك خانىگە ئايلاندۇرۇش ئايالنىڭ تەربىيلىنىشى  سەۋەبلىك مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان تەربىيىلىنىش كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز قىز ياكى ئايالغا ئۇنىڭ بارىلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە شۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەتراپلىق تەربىيەنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق يوللىرى كۆپ كىتاب ئوقۇش ۋە دانا كىشىلەر ھەمسۆھبەتتە بولۇشتۇر.
نۆۋەتتە زۆرۈر بولۇۋاتقىنى ئاياللار ۋە ئانىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەش مەسلىسىدۇر. يەنى، ھەر بىر ئايال پەزىلەت ۋە مىجەزە جەھەتتە يۇقاردا ئېيتقىنىمىزدەك بىر قاتار شەرتلەرنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە تارىخ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، شۇنداقلا نۆۋاتتىكى جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر كەسىپنى پىششىق ئىگىلەپ شۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كىرەك. «بوياق بىلەن بويىغۇچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئېچىڭنى». بىلىم كىشى تەبىئىتىگە مۇلايىملىق ۋە خۇشخۇيلۇق بېغىشلاپ، كىشىگە راھەت ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت ئالدىدا بىمالال، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇش، ياش چوڭايسىمۇ ئەمما بارغانسىرى جۇشقۇن ۋە خۇشال ياشاشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەربىيلىنىش زۆرۈر.
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلە ئېڭى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلگەن. گەرچە بىر قىسىم كۆز-قاراشلار فىئوداللىق خۇراپاتلىق دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاياللاردىكى چىدام – غەيرەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاشۇرۇپ تۇراتتى. «ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن» دېگەن ئىدىيەدە بارىنى ئائىلىگە باغلاپ ۋە ئائىلىگە بېغىشلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئۇسۇلدا ئۆزىنى تەربىيلەۋاتىدۇ ۋە ئائىلىسىنىڭ كۆكلىشى ئۈچۈن سەۋەب قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەممە جىددى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكىللىرىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئاياللار ئائىلىدىن كەڭ جەمئىيەتكە يۈزلەندى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن تېرىشىدىغان بولدى. ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان يۇقىرى ئۇنۋانلىق ئانىلارنى بارغانسىرى كۆپەيتتى. ئەمما، باللىرىمىزنى تەربىيلىگۈچى ئانىلىرىمىز بىر قىسىم نەرسىلەرنى بىلىشتىن يىراق. تەربىيىلىنىش مەسلىسىنى تەكسۈرۈپ ئانالىز قىلىش تېخى كونكېرىتلاشقىنى ۋە ھەر بىر ھالقىلارغىچە كىڭەيتىلگىنى يوق. شۇندىمۇ، بىر قىز ياكى ئايالنى يالغۇز مەكتەپ تەربىيىسىگە ياكى ئۆز ئەركىگە قويۇۋاتمەستىن، ئۇنىڭ شېرىن مېۋە بېرىشى ئۈچۈن سەۋەب قىلماقلى زۆرۈر. ھەر بىر ئايال ۋە ئانا ئۆزى ۋە كەلگۈسىدىكى ئايال بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزىنى خۇشتەبىئەت ۋە ئەپچىل ھۈنەر بىلەن قوراللاندۇرۇشى لازىم.
ئاياللار ۋاقتىنى نېمە ئىشلار ئۈچۈن سەر قىلىۋاتىدۇ؟
بۇ سوئالنى ھەر بىر ئايال بولغۇچى ئۆزىگە قويۇپ جاۋاب بېرىپ باقسا بولىدۇ. بىر كۈندىكى 24 سائەتنىڭ 8 سائىتىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلسىمۇ، ۋە ياكى ئۆيدىكى بالا بېقىش، باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، ئاياللار ئۆز ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىكار چاغلىرىدا نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ تېلىۋوزۇر كۆرىدۇ، ئۆي تازىلايدۇ، كىر يۇيىدۇ، تاماق ئېتىدۇ، باللىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىتىدۇ، گېرىم قىلىدۇ، دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، ھەر خىل ئادەمگەرچىلىكنىڭ ھۆددىسىن چىقىدۇ، ھەر خىل ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياسىتىش ئورۇنلىرىغا قاترايدۇ، قاتار چاي ۋە دوستلار يېغىلىشى ئۆتكۈزىدۇ، مەرىكىلەرگە بارىدۇ، بازار ئايلىنىدۇ، سودا قىلىدۇ، ئۆي بېزەيدۇ. بۇيدە شۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلەش كىرەككى، نەچچە ئون تۈمەنلەپ پۇل خەجلەپ ئۆيلىرىنى زىننەتلەۋاتقانلارنىڭ ئۆيىنىڭ بىرەر بۇلۇڭىدا كىتاب جازىسى بولۇشنىڭ ئورنىغا تەكچە-تەكچىلەردە قىممەت باھالىق فار-فۇر بويۇملارنىڭ، تېخى گاھىلىرىدا ئېسىل ھاراقلارنىڭ كۆزنى غەلەت قىلىپ تۇرۇشلىرى بىزنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىر قانچە ئايالنىڭ بىر يەرگە كەلگەندىكى ھەمسۆھبىتى ئەرلەر، يېڭى چىققان مودا كېيىملەر، چاچ پاسۇنلىرى، گېرىم بويۇملىرى، ئۆينى قانداق زىننەتلەش ۋە قانداق ئۆي جازىلىرىنىڭ بارلىقىنى تېما قىلغان بولۇپ، ماددىيەتتىن ھالقىپ مەنىۋىيەتكە ئۆتەلمىگەن بۇ خىل پۈچەكلىك ئاياللار ۋاقتىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئېلىپ كىتىدۇ.  ئىشلارنى بۇنداق بىر-بىرلەپ يېزىپ كەلسەك بىر تالاي؟ خوش، ئۇلار مۇشۇ جىددىيچىلىك ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەمدۇ؟ كىتاب ئوقۇمدۇ؟ ئوقۇسا قانداق كىتابلارنى ئوقۇيدۇ؟  
ئاياللار ۋە كىتاب
ياخشى كىتاب خىلۋەتتە سىرداش، يالغۇزلۇقتا دوست، ھەسرەتلەرگە مەلھەم بەرگۈچىدۇر. ئاياللار ئۆز باللىرىنى تەربىيلەشكە لازىم بولىدىغان زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشى، بالىسىنى ئەنئەنە، دۇنيا ۋە ئۆزى ھەققىدىكى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كىرەك. مەسىلەن ئالايلۇق، ھەر بىر بالا تۇغۇلۇشىدىن چۆچەك خۇمار كىلىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاق ئەللەي ناخشىسى بىلەن يېغىسىدىن توختىغان بولسا، ئەشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭغا مۇڭلۇق ئاۋاز ۋە خۇشخۇي چىراي بىلەن ھىكايە سۆزلەپ بېرىش باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلىرى چۆچەك بىلىشى، بىلگەن چۆچەكلىرىنى باللىرىغا سڭىشلىك، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان سەنئەتلىك ئىقتىدار بولۇش كىرەك. ھازىرقى ئانىلارغا بىر جەدۋەل تارقىتىپ قانچىلىك چۆچەك بىلىسىز، يېزىپ بېقىڭ دېسە، ئوتتۇرىچە نەتىجىسى قانچە چىقار؟
ھازىر بازار تېپىۋاتقان غەربنىڭ جاھاندارچىلىق توغرىسىدىكى كىتاب ۋە تەلىماتلاردىكى ئاساسلىق نۇقتىنەزەرلەرنىڭ بىرى «ئۆزىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ، جۆرىڭىزگە يېڭىلىق ھېس قىلدۇرۇشقا تېرىشىڭ». بۇ بىزنىڭ ئاياللىرىمىزدا قايسى ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى؟ كېيىم كېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، زىبۇ-زىننەتلىرىنى ۋە سومكا-ئاياغلىرىنى كېيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ يېڭىلاپ تۇرۇش، چاچ نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ پەردازخانا، سەتىراشخانىلارنى بېيىتىش، ئۆي جاھازىلىرىنى، پەردىلىرىنى ئالماشتۇرۇش.... قاتارلىق ماددىيەتكە يېپىشقان مۇشۇنداق بىر قاتار ئىشلارغا مەركەزلەشتى. يېڭىلاش ئۆزگەرتىشمۇ؟ دۇرۇس، ئاياللار ئۆز ۋاقتىنى ئۆزىنى يېڭىلاشقا ئىشلىتىشى لازىم . يەنى باللىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى، ئۆزىمىز ۋە ئېتىقاد، مەدەنىيىتىمىزگە ماس كىلىدىغان بالا تەربىيلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇش، يېڭى ھۈنەر-تېخنىكىلارنى ئېگىلىش... قاتارلىقلارنى ئىگىلەش بىلەن ئۆزى ۋە ئىدىيىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى كۆپ ئەۋزەلدۇر. كىتابلار كۆپ، ئەمما ھەممە ئادەم چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارمۇ بار. يەنى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئائىت دېگەندەك. ئاياللار دەل مۇشۇنىڭغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى، ئىدىيىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى كىرەك. بۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى نىشانى ۋە غايىسىنى تىكلەش ۋە كۆرەش قىلىشى ئۈچۈن ياخشى رىغبەت ۋە كۈچ بولالايدۇ.

3. ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە ياشاش نىشانى
ئاياللار ئەزەلدىن ھېسسىي تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم ئائىلىنى بىردىنبىر نىشانى قىلىپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك، سۆيۈنىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دەۋر ۋە جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ رولى ۋە ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ بارىدۇ. بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلىيەتچان ئايال، لاياقەتلىك ئانا ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە كەسىپى ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ،  ئۆز ھاياتىغا قىممەت يارىتالايدىغان بىر تۈركۈم «ئاياللار قوشۇنى»غا مۇھتاج. ئەلۋەتتە، سىرىتتا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەپ، ئائىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە يۈكلىرىنى ئۈستىگە ئىلىش ئاياللارنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ. بۇ يەردە دەۋاتقان كەسىپ ھەرگىزمۇ نوقۇل ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشنى مەقسەت قىلىپلا «كۈننى كەچ قىلىۋاتقان» ئىش ئەمەس بەلكى، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشەنچ ۋە كۆپ تەرەپلىمە ساپا ھازىرلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن ئىبارەت.
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرگىزمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزىگىلا تايىنىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشىش دېگەنلىك بولماستىن بەلكە ئاياللارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن، پىكىر ۋە كۆز-قاراشتىكى مۇستەقىل مەيدان ۋە ئۆزىگە يارىشا تۇتقان يولىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە مۇنداق بىر ھىكايەتنى دەپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. بىر ئادەم 10 ياشلار ئەتراپىدىكى نەۋرىسىنى ئىلىپ، ئىشكىنى يىتلەپ بازارغا مېڭىپتۇ. باشتا بۇلار ھەر ئىككىسى ئىشەككە مېنىپ سەپىرىنى داۋام قىپتۇ. كۆرگۈچىلەر: بۇلار نېمىدېگەن رەھىمىسىز، ئورۇق ئىشككە ئىككى ئادەم مېنىۋالغىنىنى دېيىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي دەرھال چۈشۈپ، نەۋرىسىنى مىندۈرۈپ ئىشكنى يېتىلەپ مېڭىپتۇ. كۆرگۈچىلەر: بۇ بالىنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى، بوۋىسىنى ماڭدۇرۇپ ئۆزى ئىشەككە مېنىۋالغىنىنى دەپتۇ. بوۋاي دەرھال نەۋرىسىنى چۈشۈرۋىتىپ ئۆزى مېنىپتۇ. كۆرگۈچىلەر: مۇشۇنداقمۇ تاشيۈرەك ئادەم بولامدۇ، ئۆزى ئىشەككە مېنىۋىلىپ كىچىككىنە بالىنى پىيادە ماڭغۇزغىنىنى قارىمامدىغان، دېيىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان  بوۋاي ئىككىسى ئىشەككە مېنمەستىن پىيادە مېڭىپتۇ. بۇنى كۆرگۈچىلەر: ۋاي جاساندا مۇشۇنداقمۇ ئەخمەقلەر بولامدۇ، ئىشىكى تۇرۇپ مېنىۋالماي پىيادە مېڭىشقىنىنى دېيىشىپتۇ...
ھىكايەتتى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇلارنىڭ قىلغىنى ھەممىسى ئۆزىگە توغرا. بىراق ھەر بىر ئادەمدە ئۆزىگە خاس مەيدان ۋە قىممەت قاراش بولۇشى كىرەك. ئاياللارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە مۇستەقىل بولالماسلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يا ئۆزىگە ، يا ئۆزگىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە بولۇپ قالىدۇ. دەۋرىمىزنى مودا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئالمىشىۋاتقان دەۋر دېيىشكە بولىدۇ. ھېلى كورىيە، ھېلى تۈركىيە....دېگەن تەرەپلەرنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرى مودىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي مودا ئالمىشىدۇ-دە، ھەممىنى تىگشىپ دېگۈدەك سېتىۋالغان نەرسىلەر تىزلا قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز ھەر قايسى جەھەتلەردىن تېرىشچان، چىدامچان. بىراق، ئۇلاردىكى ئىدىيە بېقىنىشى ئۆزىنىڭ يولىنى يوقىتىپ خەقنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينايدىغان. خۇددى مايمۇنننىڭ تاغدىن چۈشكىنىگە ئوخشاش ھوسۇلسىز كۈنگە قالىدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پەقەت ماددىيەت جەھەتتىكى جەنلىق ئىپادىسى بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل بىر ھايات نىشانى، ئۆگىنىدىغان ۋە قىممەت يارىتىدىغان كەسپى ياكى قىزىقىشى بولۇشى كىرەك. غايىسى بار ئاياللارنىڭ ئېنىق نىشان ۋە مەقسىتى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى كۆڭلىگە ئايان، باشقىلارنىڭ كۆز قارشى ئالدىدا ئاسانلا تەۋرىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم ئىرادىگە مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە. ئۇلاردا دەل مۇستەھكەم ئىرادە بولغاچقىلا، ئاخىرىدا ئەجرىگە تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، مودا قوغلاشمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلايدۇ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ نۇرلاندۇرالايدۇ.
جالالىدىن رۇمىيدىن مۇنداق بىر ھىكايەت بار.
بىرسى: «بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئۇنتۇپتىمەن» دېدى. مەۋلانا جالالىدىن رۇمى بۇيرۇدىكى: دۇنيادا ئۇنتۇلماس بىر نەرسە بار. ئەگەر ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى ئۇنتۇمىساڭ قورقمىساڭمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بىر پادىشاھ مەلۇم ئىش ئۈچۈن سېنى يېزىغا ئەۋەتتى. سەن تاپشۇرۇلغان ئىسنى قىلماي، باشقا يۈز تۈرلۈك ئىشنى ئادا قىلساڭمۇ ھېچ ئىش قىلمىغان بولىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان بۇ دۇنياغا بىر ئىش ئۈچۈن كەلگەن: غايە بىردۇر. ئەگەر ئۇنى قىلمىسا ھېچ ئىش قىلمىغان ھېسابلىنىدۇ. دېمەككى، ھاياتتىكى بىر نىشان بولۇش ۋە شۇ نىشان ئۈچۈن تېرىشىش كىرەك. ئادەم يارىتىلغان چاغدىلا ئۇننىڭغا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش ۋە شۇنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشمۇ ئاجايىپ ئۇلۇغۋار نىشان. بۇندىن باشقا ھەر بىر ئايالنىڭ ھاياتىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، توغرا، پايدىلىق، مۇقىم بولغان بىر نىشانى بولۇشى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشىشى كىرەك. نۆۋەتتىكى ئاياللىرىمىزنىڭ كۈنلىرىنى پاخاللاشتۇرۇپ، مەنىسىزلىككە تولدۇرۋاتقىنىمۇ دەل ئاياللىرىمىزدىكى نىشانسىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان بولۇشى ئېنىق.  
مەكتىۋىمىزدە ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئالىيە ئىسىملىك بىر ھەدىمىز بار. يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك بىر قاتار مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچلىرىنى ئىنتايىن ياخشى ئادا قىلىپ، كەسىپنىمۇ تېرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەممىمىزنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلانغان. قارىسىڭىز ھەرگىزمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى، يەسلى يېشىدىكى بىر قىزى بار دېگەنلەرنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمەي، «سىز توي قىلغانمۇ» دەپ سوراپ قالىسىز. بۇ خىل گۈزەللىك ھەرگىزمۇ گېرىم ۋە ھۆسىن تۈزەشلەردىن ئەمەس، ئاددى-ساددا، خۇشپېئىللىق ۋە كۆرگەنلا ئادەمنىڭ قەلبىگە باھارنى سىڭدۈرۋىتىدىغان مۇلايىم، چىن كۈلكىسىدىن كەلگەن. مېنى تولا ئۆيگە تاماق يېيىشىكە تەكلىپ قىلىدىغان ھەم بىز سىردىشىپ ئۆتەتتۇق. تامىقىنىڭ تەمى ننەچچە كۈنلەرگىچە ئېغىزىمدىن كەتمەي، يەنە بىر تېتىشقا تەقەززا بولۇپ قالاتتى. ئوقۇش شۇنچە ئالدىراش، بىسىم ئېغىر، ئائىلە ئىشلىرى كۆپ بولسىمۇ، ساۋاقداشلار ئارا يېغىلىش بولسىمۇ ھېچقاچان ئۆيدە تاماق ئېتىشنى ئۇنتۇمايتى. گاھى چاغلىرى تاماقنى تەييارلاپ قويۇپ يېغىلىشىمىزغا باراتتى-دە، قائىدىسى بويىچە بىردەم ئەھمىيەتلىك پاراڭ قىلىپ بېرىپ ئۆيىگە ئالدىرايتى. كەسىپتىكى ئەستايىدىللىقى، تېرىشچانلىقىدىن ھەممىمىز ھەيران قالاتتۇق. ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن بولۇپ، چەت ئەل تىلىدىكى پەرزەنت تەربىيلەش ۋە مەدەنىيەت، تارىخقا ئائىت نۇررغۇن كىتابلارنى ئوقۇيتى ۋە ئەمەلىيىتىدە ئىشلىتەتتى، بىزگىمۇ سۆزلەپ بېرەتتى. بۇلارنىڭ ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىكى ئاددى سەرەمجان ئائىلە ئەزالىرىدىكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئوردا-قەسىرلەردىكى سەلتەنەتنىمۇ ھەسەتكە سالاتتى. بۇ ھەدىمىنىڭ ئاياللىق، ئانىلىق، كىلىنلىك، پەرزەنتلىك، دوستلۇق، قىرىنداشلىق، ئوقۇغۇچىلىق بۇرچلىرىنى ئادا قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە تەرەققىياتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تىنماي ئويلىنىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنىمەن. دېمەك، بىز ئۈچۈن ئاياللارنى غايە ۋە نىشان جەھەتتە تەربىيلەش ۋە توغرا نىشانغا يېتەكلەش ناھايىتى مۇھىم.

4.        ئاياللاردىكى گۈزەللىك ئېڭى
ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى، گېرىم بويۇملىرى ئىلانلىرىنى ڭ تىلۋۇزۇر-تورلارنى قاپلىشى ئاياللىرىمىزنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ ھەر قانداق دەۋردىكىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما گۈزەللىك دېگەن زادى نېمە؟ گۈزەللىك ئىككى خىل بولۇپ، بىرى زاھىرى-سىرتقى گۈزەللىك، يەنە بىرى باتىنى – ئىچكى گۈزەللىكتۇر. گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە ئۇلۇغلاش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ھەر بىر ھالقىغا سېڭىپ كەتكەن. ئۇنداقتا گۈزەللىك زادى قانداق چۈشىنىلىپ كەلدى؟ مەيلى خەلقىمىز ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسىمى بولغان ماقال-تەمسىل ياكى دىداكتىك ئەسەرلىرىمىز، قىسسە-داستانلىرىمىزدا بولسۇن تاشقى گۈزەللىكتىن بەكرەك ئىچكى گۈزەللىك ۋە خۇلق-مىجەزگە ئەھمىيەت بېرىلگىنىنى، شۇنداقلا ئۇنى يۈكسەك گۈزەللىك سۈپىتىدە تونۇپ كەلگىنىنى بىلەلەيمىز. «قۇتادغۇبىلىك»تىمۇ ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياللارغا ئۆيلىنىشى توغۇرلۇق توختالغاندىمۇ ئاياللارنىڭ دىيانىتى، ئېتىقادى شۇنداقلا ئىچكى گۈزەللىكلىرىنى ئاساس قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىراق بۈگۈنچۇ؟
ئەرلىرىگە گۈزەل كۆرۈنۈش، دوست-دۈشمەنلىرىنىڭ «كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ ياشاش» ئۈچۈن يۈز، قول، بويۇنلىرىنى ئاق قىزىل بوياقلاردا بوياپ، چاچنى خىلمۇ-خىل رەڭ ۋە غەلىتە شەكىللەردە ياساپ، بوياقلارغا ئالدىنىدۇ. تەربىيەلىك ئەرلەر چۈشىنىدىغان، شۇنداقلا بىز تەكىتلەيدىغان گۈزەللىك ھەرگىزمۇ بۇ ئەمەس. بەلكى ھايا-نومۇسلۇق، پاكىز، پاك، ئىلىمگە ھېرىس ۋە تېرىشچان، ياخشى تەبىئەتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.
ھايا ۋە نومۇس گۈزەللىكنىڭ گۈلتاجىسى
ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان، ئىنسانىي تە بىئەتنىڭ جېنى بولغان ئەڭ بېغۇبار، ئەڭ يۈكسەك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك بىر روھىي كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ نومۇستۇر. نومۇس ئىنسانغا مەنىۋى گۈزەللىك بېغىشلايدىغان  ئەڭگۈشتەر. ئايال كىشى نومۇس كۈچى بىلەن ئۆز ھەركىتى، سۆزى ۋە تەبىئىتىنى نازارەت قىلىپ ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. مۇلايىم، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش، ئۆزگىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنىڭ نام-شەرىپى ۋە ئورنىنى قوغداش نومۇسنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى سۈپىتىدە ھەممىنىڭ دىلىنى رام قىلىدۇ. تەقى-تۇرقى شۇنچە گۈزەل بولسىمۇ، ئەمما كوچىلاردا سېغىزنى قاسىلدىتىپ چايناپ ماڭىدىغان، قانداقتۇر كىملەر بىلەن تىللىشىۋاتقان، تېلېفۇندا ھاياسىز سۆزلەر ياكى سەت تىللار بىلەن گەپ قىلىۋاتقان، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ياكى غېرىب-مىسكىنلەرگە مېھىربانلىق قىلىشنىڭ ئەكسىچە چىراي پۈرۈشتۈرۈپ مېڭىشلار ئۇلارنىڭ ھۆسنى چىرايىنى بىر پۇللۇق قىلىپ قويىدۇ. بىراق، ھازىر ھايا ۋە نومۇسنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كىشەن ۋە قالاقلىق دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. بۇنداقلار نومۇسنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشەنمىگەنلەردۇر. ھايا ۋە نومۇس ھەرگىزمۇ ھەممە يەردە قىزىرىپ، تارتىنىپ، قورقۇنچاقلىق بىلەن بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرۇش ئەمەس بەلكى يامان خۇي ۋە ئىشلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىش، ئۆزگىلەرنى چەتكە ئېلىش، گېزى كەلگەندە ئۆز ئىززىتى ۋە غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن كەسكىن جەڭ قىلىشتۇر.   
پاكىزلىق ۋە پاكلىق گۈزەللىكىنىڭ قانىتى.
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن پاكىزلىقنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن قاراپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن «يامان بولىدۇ»لارغىمۇ مۇشۇنداق پاكىزلىق ۋە تازلىق چۈشەنچىسى سىڭىپ كەتكەن. تەربىيىلىك ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۈستىۋاشلىرىنى دائىم پاكىز تۇتۇپ يۈرگىنىگە ئوخشاش، ئۆي ئىچىنىمۇ پاكىز-رەتلىك تۇتىدۇ. ئۆي ۋە ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.  ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە روھىنى پاكىز تۇتۇشى ، ئېرى  ۋە باللىرىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز تۇتۇشى، ئۆي جابدۇقلىرىنى پاكىز تۇتۇشى، ئۆي ۋە تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى پاكىز تۇتۇشىدەك بىر قاتار تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇلارنى تەڭ ئادا قىلغان ئاياللار ھەقىقىي گۈزەل ئاياللاردىن سانىلىدۇ.
ئۆزىنى گۈلدەك ياساپ كوچىغا چىققان ئاياللارنىڭ تۆشۈكىگە قارىسا كۆڭلى ئېلىشىپ قالىدۇ گاھىدا، شۇڭا، كونىلارنىڭ «خېنىمنىڭ قېشىغا قارىماي، تاۋىقىنىڭ تېشىغا قاراڭ» دېگىنى بىكار ئېيتىلغان ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇنى تۈزەش تەس ئەمەس، مۇھىمى ئايالنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە روھىنى مۇشۇنداق پاكىزلىقنى چۈشىنىدىغان، پاكىزلىقنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاشىنا قىلىشتۇر. ئۆزى مودىللاردەك ياسىنىۋىلىپ، مىڭ يېرىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرغان بالىسىنى يېتىلەپ يۈرگەن، ئۆمۈر يولدىشىنىڭ كېيىملىرىنى بەدبۇي پۇرىتىپ، ئاق كۆينەكتىن قارا كۆينەككە ئالماشتۇرغان ئاياللار تەبىئىتىنى دۇرۇسلىمىقى، ھەر نەرسىدە پاكىز ۋە ھالاللىقنى ئىختىيار قىلمىقى زۆرۈر. پاكىزلىق ئاياللىق ھىممەتنىڭ نۇرانە ئىپادىسى.
ساغلام ئاياللار ئەڭ گۈزەل ئاياللاردۇر
قايسىدۇر بىر ماتىريالدىن «ساغلام ئاياللار ئەڭ گۈزەل ئاياللاردۇر» دېگەن قۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم. ھەقىقەتكى، «ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» بولىدۇ. ساپ ئەقىل ساپ روھىيەتنىڭ مەنبەسى، ساپ روھىيەت بار گۈزەللىكنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىقى ھازىرقى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال. بۇنىڭغا كۆپ تەرەپلىمە ئامىللار سەۋەب بولسىمۇ، بىراق، شۇنداق بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كىسەلنىڭ تۈرلىرى كۆپ، سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ تەجرىبە ئارقىلىق بەزىلىرىنىڭ سەۋەبلىرى باردۇر. كىسەللىك سەۋەبلىرىدىن مۇمكىنقەدەر ساقلانماسلىق سالامەتلىك نېمەتلىرىگە قىلىنغان خىيانەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار سالامەتلىككە زىيان قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئالاھىدە ساقلىنىدۇ. بەزى ئاغرىقلارنى داۋالاشنىڭ مۇھىم قائىدىلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆڭلى يۇمشاق، شەپقەتلىك بولغاچقا، كېسەلنى ئوبدان، مۇلايىملىق بىلەن كۈتۈشنى بىلىدۇ. نېمىنى يەپ، نېمىنى يېمەسلىكنى بىلىدۇ. ئاياللىرىمىزنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئۈستىدە ئازراق توختالماي بولمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئىستىمال ئادەتلىرىمىزدە ۋە خاھىشلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر كۈنسىرى ئېغىرلاپ  بېرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمالارنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىدىن پايدىلىنىش ئۈچن مۇنۇ 6 خىل شەرت ھازىرلىنىشى كىرەك. بىرىنجى شەرت، ئىھتىياج. ئوزۇقلىنىشتا بەدەننىڭ ئىھتىياجىنى ئاساس قىلىمىز. ئىككىنجى شەرت، ئوزۇقلۇقلار سان ۋە سۈپەتتە تەلەپكە لايىق بولۇشى كىرەك. مىقداردىن ئارتۇق ياكى كەم غىزالىنىشى سالامەتلىككە پايدىسىز. ئۈچىنجى شەرت: ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەش لازىم. تۆتىنجى شەرت، ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك. بەشىنجى شەرت، شەكىلگە دىققەت قىلىش كىرەك. يەنى ، شەكىل ئۆزگەرتىلسە تاماقنىڭ تەبىئىتى، ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: قورۇلغان گۆش سۇدا پۇشۇرۇلغان گۆشكە قارىغاندا تەبىئىتى تېخىمۇ ئىسسىق بولۇپ، مىزاجنى ئىسسىققا ئۆزگەرتىدۇ. ئالتىنجى شەرت، ئادەت مەسلىسى. چۈنكى ھەرىكەت داۋاملاشسا ئادەتكە، ئادەت تەبىئەتكە ئايلىنىدۇ.
تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەر ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق، كەچتە كۆپ تاماق يېيىش، يېمەك-ئىچمەككە  زورلاش، ھەممىنى ئارلاشتۇرۇپ يېيىشتەك بىر قاتار ناچار ئادەتلەر ھەممەيلەنگە ئومۇملاشتى. رىستوران مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى سالامەتلىك ۋە ئائىلە ئورنىغا خىلىلا ئېغىر كىرزىسلەرنى ئىلىپ كەلدى. رىستۇران تاماقلىرىنى تەييارلاشتا بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت. يەنى بەزى بىر قىسىىم خۇرۇچ ۋە تەركىبلەرنى زىيادە قوشۇش؛ رىستۇران تاماقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك تاماقلار بولۇپ، زىيادە مايلىق، ئاچچىق تاماقلار، ئاچچىقسۇ-لازىلارنى خۇرۇچ قىلغان ھەر خىل لەڭپۇڭلار، سوغۇق سەيلەر ئاياللارنىڭ ئاساسلىق تاماق تۈرىگە ئايلاندى. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاياللاردىكى سەمىرىپ كىتىش ۋە سالامەتلىكتە ئېغىر مەسىلە چىقىش ھادىسىلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭغا يانداش ھالدا ناتوغرا ھالدىكى ئورۇقلاش، ھۆسن تۈزىتىش... تەك ئەگەشمە خاتالىقلار ئاياللار سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان يەنە بىر ئامىلدۇر.
يېمەك-ئىچمەك بەدىنىمىزگە قۇۋۋەت ئاتا قىلىپلا قالماي، قانغا ئايلىنىپ بىزنىڭ تەبىئىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال پاكىز، ھالال يېمەكلىكلەرنى توغرا ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىش ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىن يېتىلدۈرۈش  تولىمۇ مۇھىم .
ئاياللار ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەپ ئىسلاھ قىلىشى زۆرۈر. ‹ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە، ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار ئۆز-ئۆزىگە خوجا، مىللەتنىڭ نۇرلۇق  كىلەچىكىنى يارىتالايدىغان، ئېتىقادلىق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ›



مەنبە: يېڭى قاشتىشى ژورنىلى 2011-يىللىق 4-سانى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
21427
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 17:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر،
سىز ھېكايە يازسىڭىز بولاتتى. بۇ ماقالىدىن ئوبدانراق ئۈنۈمى بولار ئىدى.

ماقالىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
444
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13945
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 18:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ماقالىكەن  ، قەلىمىڭىزگە بارىكاللا ... قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.   بۇ ماقالىنى  ھەربىر قىز-ئاياللىرىمىز  ئوقۇپ چىقسا بولغۇدەك...   

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 18:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 17:19
ئاينۇر،
سىز ھېكايە يازسىڭىز بولاتتى. بۇ ماقالىدىن ئوب ...

رەھمەت. ئۇنىمۇ يازىمەن. ژانىر ئىچىدە ئۆزۈمنى چەكلىۋالمىسامكەن دەيمەن ھازىرچە.

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 22:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەنتۇق.لىكن بۇنچە كۆپ نەرسىنى ژورنالدا ئوقۇساقمۇ توردا ئوقۇپ بولالمايمىزكەن،
شۇ ئاتلاپ ئوقۇش شەكلىى ۋە مېغزلىق ئوقۇش شەكلى بىلەن ئوقۇپ ‹تۈگەتتىم›.

مېنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى قاراشلىرىم

  ئاياللارنىڭ كيىم كېچەككىگە سەپ سالماسلىق ئەرلەردىكى خاتالىق،ئايالىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىم كىيگەندە ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قالغلى تاس قالدىم. ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ تار كىيملەرنى كېيشگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك، ئايالى ئەمەس قىزلىرنىڭ كىيم كېچەككىگە ئارلىششتىن نۇمۇس قىلماي ئوچۇقتىن ئوچوق ئارلشىش كېرەك.چۈنكى ئاياللارنىڭ كىيم كېچەكنى زىيادە تاللىشى غەيرى ئېنتلىشنى كەلتۇرۇشى مۇمكىن،
ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ھەر قاچان ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇردىغانلىقنى بىلگەندلا ئەرلەرنىڭ سۆيىشى ۋە قوللىشغا ئېرشەلەيدۇ، ئېرى بىلەن تەڭ تۇرغان ئايال ناچار بولۇشى تەبىئىي
ئەرلەر ئۆزلىرنىڭ سۈپىتىنى يەنى قاراملىقنى،قەھىرىنى، ئېغىر بېسقىلىقىنى،ئەپۇچانلىقنى،كەڭ قورساقلىقنى،كەم سۆزلۈكىنى ساقلاپ قالمىغاندا ئاياللىرىغا ھەقىقى ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلارنى باشقۇرۇش قوغداش رولىنى ئۆتەلمەيدۇ، بەلكى ئاياللار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىندۇ،ئەرلىك غورۇرىنى يوقتىدۇ، ئەسىلىدە ھەرقانداق ئايال زاتىنى  رايىش قىلىغلى بولىدۇ ،گەپ ئەرلەردە


UID
3254
يازما
98
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2529
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 00:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتى ياخشى تىمىكەن بۇ . رەھمەت !
  بۇ تىمىمۇ «رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» تىمىسىدەك ئاۋات تىمىغا ئايلانغۇسى ! ھەممىمىز ئەستايىدىل ئىنكاس يازايلى ! مۇشۇ باھانىدا بىز ئاياللار ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەيلى !
  مەن ئۆچ كۆرىدىغان ئاياللار :
1.ئۆيىدە قەستەن تاماق ئەتمەيدىغان ئاياللار
2. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا باقماي ، قۇرسىقىغا ياخشى  يىمىسىمۇ ، گىرىم ، كىيىم كىچەككە زىيادە بېرىلىدىغان ئاياللار
3. توي تۈكۈن ، قاتار چاي ، مېڭىش تۇرۇشقا ئامراق ئاياللار
4.ئېرىنى قوللىمايدىغان ئاياللار
5. بالا تۇغۇشنىلا بىلىپ ، ئاتا ئانىسىغا تاشلاپ بېرىدىغان ئاياللار
6. بەدخەش ئاياللار
7. ........................

   قالغانلىرىنى كىيىن يازاي ، يادىمغا دەرھال كەلتۈرەلمەيۋاتىمەن .  

UID
3330
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
595
تىزىملاتقان
2010-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-12
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 00:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن. تۇرمۇشتا نىمىلەرنى قىلىش، نىمىلەرنى قىلماسلىقنى ئەينەن سۆزلەپ بىرىپتۇ، ماقالە يازغان يازغۇچىغا، ھەم مۇنبەر دە بۇنداق ياخشى يازما بىلەن ئۇچراشتۇرۇش پۇرستىگە ئېگە قىلغان تېما ئېگىسىگە رەھمەت! خېلى تەستە ئۇقۇپ تۈگەتتىم، كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەت ئۇرۇشمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن! جاپا چىكىپسىز!

UID
5242
يازما
89
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1889
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 17:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار كۆپرەك كىتاب ئۇقۇسىكەن

UID
26846
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 19:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ.ھەممىمىز تىرىشايلى . ئانا بۇمماق بەك ئۇلۇخ ئىش

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 19:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
guldurmama يوللىغان ۋاقتى  2012-1-30 17:25
ئاياللار كۆپرەك كىتاب ئۇقۇسىكەن

ئەرلرمۇ ئوقۇسۇن، بولمىسا كىتابنىڭ قەدرىنى چۈشەنمەيدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش