تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 12291|ئىنكاس: 54

قانۇن ئالدىدىكى قىز (پوۋسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10718
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1284
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 00:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ئالدىدىكى ئايال

(پوۋسىت)

(1)
قۇياش غەرىپكە قاراپ قىيسايغان ۋاقىت ئىدى.  كىشلەر تەرىپىدىن ‹‹دىھقان بازىرى›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چوڭ بازار كەچ كىرىشى بىلەن يەنە باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى. سوغۇققا مايىل كۈز شامىلى ماشىنا چاقىلىرى، ئىشەك ھارۋىسىنىڭ، مۇتۇسىكىلىتىنىڭ چاقىلىرىدىن چىققان توپا-چاڭلارنى ئۇچۇرتاتتى. ھەپتىدە بىر قىتىم بولدىغان بۇ چوڭ بازار جىقراق پۇل تىپىۋىلىشنى مەقسەت قىلغان نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى مۇراد –مەقستىگە يەتكۈزۈپ پىتىۋاتقان قۇياشقا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى قاينام-تاشقىنلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ سول تەرىپىدىن جاي ئالغان كىرىمئاخۇن قولىغا يىرىملاشقان قۇغۇننى ئىلىۋىلىپ بازارنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى قىسقىغىنا پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي خىرىدارلارنى كۆپرەك چاقىرىپ ئازراقمۇ بولسا قوغۇنلىرىنى سىتىپ چىقىرىپ ئۆيگە يەڭگىلرەك قايتىش كويىدا جىنىنىڭ بىرىچە توۋلىماقتا ئىدى.
--ئالە خىرىدار، قوغۇن ئەرزان بولۇپ كەتتى، تاللىۋىلىشىڭ ئىككى كوي، تىتىمىسا پۇل ئالمايمەن.
ئۇ شۇنداق دىگەچ ئالدىغا كەلگەن ھەر خىرىدارغا قوغۇنىنىڭ تەمىىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقىستىدە قولىدىكى قۇغۇندىن ئالغانچىلىق تىلىپ سۇناتتى. خىرىدارلار كىرىمئاخۇن سۇنغان قوغۇن تىلىمىنى ئىلىپ تىتىپ باققاندىن كىيىن ئاندىن ئالدىدىكى قوغۇن دۆۋىسىدىن قوغۇن تاللاشقا باشلايتى. بۇ تولىمۇ ئادىل ۋە ھەققانىي سودا ئىدى. ساتارمەن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مىلىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى بىلەن خىرىدارنى تەمىنلەيدىغان، خىرىدار تاللاپ سىتىۋالدىغان ،خالمىسا ئالمايدىغان سودا مۇشۇ دىھقان بازىرى ۋە دىھقانلار ئارىسىدىن باشقا ھەرقانداق يەردە بولۇشى مومكىن ئەمەس ئىدى. كىرىمئاخۇن بارلىق ئوي خىيالى  بىلەن خىرىدار چاقىرماقتا ۋە كەلگەن خىرىدارلارغا تىتىپ بىقىش ئۈچۈن قوغۇن تىلماقتا ئىدى. قوغۇنلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن  ياكى خىرىدارلار ئۆيلىرىگە قايتىش ئالدىدا ئۆيدىكىلەرگە ئاپىرىپ بازار قىلىپ بىرىش مەقسىدىتىدىمۇ ئەيتاۋۇر خىرىدارلار خىلىلا كۆپىيىپ قالغان ئىدى. شۇ ئەسنادا كىرىمئاخۇن ئۆزى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان   چوكانغا دىققەت قىلىپ قالدى.بۇ چوكان يىنىك قەدەملەر بىلەن پەقەت قوغۇن دۆۋىسى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. بىر چوكاننىڭ قولىدا كۆزگە ئالاھىدە چىلىقىپ تۇرىدىغان يىشىل رەڭلىك مودا قول سومكىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.ئۇ چوكان سىمىزغىنە كەلگەن بولۇپ، يارىشىملىق قىلىپ كىينىۋالغان بولۇپ دىھقان بازىرىنىڭ چاڭ-توپىلىق ھاۋاسى بۇ چوكاننىڭ جەلىپ قىلارلىق سىرىتقى كۆرنىشىگە ھىچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىگەندەك قىلاتتى،‹‹بازاردىن قۇرۇق قول قايىتساڭ ئىرىڭدىن موشىت يەيسەن ئاخىرىدا چىرايلىق بودەك، تاتلىق قوغۇنلىرىمدىن بىرنى بولسىمۇ ئىلىپ كەتكىن ›› دەپ ئويلىدى كىرىمئاخۇن ئىچىدە بوغۇزىغا كەلگەن تۈكۈركىنى يۈتىۋىتىپ. كىرىمئاخۇن قاتتىق ئاۋاز بىلەن خىرىدار چاقىرىش بىلەن بىرگە بۇ  ئايالدىن بىر قانچە قەدەم يىراقتا ئوخشاش يۆنىلىشتە كىلىۋاتقان يىگىرمە نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى چىچىنى قىزىل بويىۋالغان يەنە بىر ئايالغىمۇ دىققەت قىلىپ قالدى.  بۇ ئايال ئالدىنقى چوكانغا ئوخشاش رەڭدە سومكا كۆتۈرۋالغان ئىدى.كىرىمئاخۇن قوغۇنلىرىنى ماختاپ سىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىدىكى نۇرغۇنلىغان خىرىدارلادىن كۆرە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئالدىغا كەلگەن بۇ ئىككى ئايالغا بەكرەك دىققىنى ئاغدۇردى. چۈنكى قوغۇن سىتىۋىلىشقا كەلگەن بۇ ئىككى ئايالدىن باشقىلىرى ئەرلەر ئىدى.چىرايلىق چوكان قوغۇن دۆۋىسىگە يىقىنلاپ كەلگەن ھامان كىرىمئاخۇن قولىدىكى قوغۇننى ئىلگىركىگە  قارىغاندا چوڭراق قىلىپ تىلىپ ئۇنىڭغا سۈندى:
--تىتىپ باقسىلا، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان قوغۇن، ئالمىسىلىمۇ مەيلى،  پەقەت تىتىپ باقمىسلا خاپا بولۇپ قالىمەن.
چوكان چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتتى. شاپ بۇرۇت پۇرسەتنى چىڭ تۇتماقچى بولغاندەك يىرىم تىلىم قوغۇننى ئۇنىڭغا سۇندى ئاندىن قانداق  ئىنكاس بىلدۈرەركىن دىگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى. چىرايلىق چوكان قوغۇننى ئاستا ۋە ئىھتىيات بىلەن چىشلەپ يىمەكتە ئىدى،‹‹چىرايلىقنىڭ ئىشىمۇ چىرايلىق بولىدۇ دە، بىكارلىق قوغۇن دەپ شالاپشىتىپ يەپ كىتىدىغانلارنى جىق كۆرگەنمەن››دەپ ئويلىدى كىرىمئاخۇن  چوكانغا بولغان قىزىقىشىنى يۇشۇرۇلماي. كىرىمئاخۇن شۇنداق ئويلىغانچە قوغۇن دۆۋىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ خىرىدارلاردىن پۇل ئىلۋاتقان ئايالىغا قارىدى، ئايالىنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەركەتلىرى يەنىلا چاققان ئىدى.  ‹‹نىمىلا دىگەن بىلەن ماڭا ھەقىقى ۋاپادار بولدىغىنى يەنىلا مۇشۇ جاپا چىكىشكە رازى بولدىغان ئايالىم، ھالال نىكاھلاپ ئالغان ئايالىم، تەڭرىم شەيتاننىڭ ئىزىقتۇرۇشىدىن يىراق قىلغايسەن››،كىرىمئاخۇن شۇلارنى ئويلغاندىن كىيىن يەنە ئاۋازىنى قويىۋىتىپ خىرىدار چاقىرىدى:
--كىلە خىرىدار، قوغۇن ئەرزان بولۇپ كەتتى، تاللىۋىلشىڭ ئىككى كوي تاتلىق بولمىسا پۇل ئالمايمەن.
بۇ چاغدا چوكان قولىدكى قوغۇن تىلىمنى يەپ بولغان ئىدى، ئەمدى بۇ ئۆزى يىگەن ئەشۇ يىرىم تىلىم قوغۇننىڭ ھۆرمىتىدىندىمۇ  قوغۇن تاللاشقا تۇتۇنماقچى بولغاندەك قىلاتتى.ئۇ قوغۇن تاللىماقچى بولۇپ قولىدىكى سومكىسىنى قوغۇنلارنىڭ دۇمىلاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قوغۇن دۆۋىسىنىڭ ئەتراپىغا تىزىپ قويغان پىششىق خىش پارچىسى ئۈستىگە قويۇپ قولىنى سارغىيىپ پىشقان بىر تال قوغۇنغا سۇندى. ئۇ بىر دانە قوغۇننى تاللىغان ئىدى،كىرىمئاخۇن چوكاننىڭ تەلىپى بىلەن قوغۇننى سۇلياۋ خالتىغا سىلىپ بەردى.  چوكان قوغۇننى يەردە قويۇپ، سومكىنى كۆتۈرۈپلا ھەيران بولغان ۋە جىددىيلەشكەن ھالدا سومكىنىڭ ئوڭ- سول تەرەپلىرىدىكىى يان يانچۇقىغا قولنى سالدى،سومكىدا پۇل تۈگەل ھىچقانداق نەرسە يۇق ئىدى. ئۇ بار ئاۋازى بىلەن  ۋاقىرىۋەتتى.
--ۋاي خۇدايىم، پۇل، مىلىمنى ئوغىرى ئاپتۇ ،ھۈ،،ھۈ
چوكاننىڭ ئىچىنىشلىق نالىسى بىلەن ھەممەيلەن قولىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. كىرىمئاخۇنمۇ شۇئان نىمە ئىش ئىكەنلگىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىكى قوغۇن ۋە پىچاقنى قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئايالنىڭ يىغىسى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلغان ئىدى.  دىيىشىچە ئۇنىڭ سومكىىسدا بىر نەچچە يۈز يۈەن پۇل بىلەن يىگىرمە نەچچە مىڭ يۈەن قىممىىدىكى ئالتۇن زىبۇ –زىننەتلىرى بار ئىكەن. چىرايلىق ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ياش دىگەن تاراملاپ چۈشمەكتە ئىدى. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرىتىپ قاراپ تۇرۇشنىڭ ھىچقانداق پايدسى يۇقلىقىنى بىلىشتىمۇ ياكى كەچ كىرىپ قىلىۋاتقان بولغاچقىمۇ  چوكانغا بازار ساقچىخانىسغا بىرىپ دىلو مەلۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىگىنى ئىيتىپ قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا كىرىشىپ كىتىشىتى. بىراق مۇشۇ تاپتا چوكان نىمە قىلىشنى بىلمىگەندەك يەنە شۇ ئورنىدا يىشىنى سۈرتۈپ مودا سومكىسىغا قارىغاندا تۇراتتى. كىرىمئاخۇننىڭ چوكانغا قاراۋىرىپ تاقىتى توشىتى:
-- بۇ يەردە يىغلاپ تۇرسىڭىز ئوغىرى نەرسىلىرىڭىزنى ئەكىلىپ بەرمەيدۇ، بىرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلمامسىز؟
چوكان نىمە دىيىشنى بىلەلەلمەي بىر دەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئاندىن ئىغىز ئاچتى:
قەيەردىكى ساقچىغا دىسەم بولار، تىپىپ بىرەمۇ ؟
كىرىمئاخۇننىڭ ئايالى ئىرىنىڭ   چوكانغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى كۈتمەيلا ئىرىگە دىدى:
---كىرىماخۇن سىلى بىرىپ بۇ ئايالغا بازار ساقچىخانىسىنى كۆرسىتىپ قويۇپ كىلىڭلا، بۇ ھىچ ئىش قىلمىغاندىن ياخشى ، خۇدايىم بۇيرىسا بۇ بىچارنىڭ پۇل-ماللىرى چىقىپمۇ قالار،
كىرىمئاخۇن ئايالنىڭ گپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قولىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ ‹‹يۈرسىلە››دىگەندەك   چوكاننىڭ يىنىغا باردى. چوكان كىرىمئاخۇننىڭ ئايالىغا رەھمەت ئىيتىپ ئۇنىڭ كەينىگە ئەگەشتى، قىپقالغانلار بولسا ‹‹ئىسىت، قانداق يامان ئوغرى ئىلىۋالغاندۇ، چىرايلىق ئايالكەندۇق،،›› دىيىشكىنىچە بىشىنى سىلكىگەنچە ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا مەشخۇل بولۇشتى. قوياش غەرىپكە قاراپ تىخىمۇ قىيسايماقتا ئىدى، بازارچىلار ئۆيلىرىنى مەنزىل قىلغان قەدەملىرىنى تىزلەتمەكتە ئىدى. چوڭ بازارنىڭ ئۈستىدە چاڭ-توزان ئۇچۇپ يۈرەتتى.
      چوكان بىلەن كىرىمئاخۇننىڭ  يول باشلىشى بىلەن بازارنىڭ چىتىغا جايلاشقان ساقچى ئىشلىرى ئىشخانسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ۋاقىت ئاللىقاچان بىر يەرگە بىرىپ قالغان بولغاچقىمىكىن ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئىتىكلىك ئىدى. ئۇلار ئاللىقاچان ئىشتىن چۈشۈپ بولغان ئىدى.
--ساقچىلار ئىشتىن چۈشۈپ بوپتۇ—دىدى كىرىمئاخۇن چوكانغا ئىچ ئاغىرىتقان ھالدا، شۇ تاپتا  چوكاننىڭ كۆزدىكى ياش بىرى-بىرىنى قوغلىشىپ تۆكۈلمەكتە ئىدى.كىرىمئاخۇننىڭ چوكانغا قاراپ ھەقىقەتەن كۆڭلى يىرىم بولدى.ئۇنىڭ چوكاننى دەسلەپ كۆرگەندىكى قىزغىن ۋە بەڭباش ھىسياتىنىڭ ئورنىنى ئەمدى ھىسداشلىق تۇيغۇسى ئىگەللىگەن ئىدى.
-- ساقچىلار ئىشتىن چۈشۈپ كىتىپتۇ-دىدى ئۇ  چوكاننىڭ نىمە قىلشىنى بىلەلمەي بىئىلاچ تۇرۇپ قالغان ھالىتىنى كۆرۈپ ،- ئەمدى رايۇنغا مەسئۇل ساقچىخانىغا بىرىپ دىلو مەلۇم قىلساق بولىدۇ.
--ماقۇل، سىلىنى بەكلا  مالال قىلىدىغان بولدۇم مەن  -- دىدى چوكان تولىمۇ قىسىنچىلىق بىلەن، شۇ تاپتا چوكان ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قوياي دەپلا قالغان ئىدى. ئەلۋەتتە يىگىرمە مىڭ يۈەن دىگەن ئاز ئەمەستە، ئۇ  مۇشۇ زىبۇ-زىننەتلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن  قانچىلىك جاپا چەكمىگەن،ئۇنىڭ ئىرى  ھە دىسە تاپقان پۇلىغا ئاغىينلىرى بىلەن يەپ ئىچىپ ، قىمار ئويناپ يوق قىلاتتى، ئۇ مۇشۇنداق قىلسام ئاندىن مۇقىم بىساتىم بولدىكەن دەپ يىققان پۇللىرىغا ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئالغان ھەم بۇلارنى ھىچقاچان يىنىدىن ئايرىغان ئەمەس ئىدى. ئۇ ئالمادىس بىشىمغا بىرەر كۈن كىلىپ قالسا ئىشلىتىمەن دەپ كۆڭلى خاتىرجەم يۈرەتتى، بىراق بۈگۈن ئۇنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى قۇچاقلاپ كەلگەن گۈزەل ئارمىنى نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى، بىر قارا قول ئۇنىڭغا تۇيدۇرماي ئۇنىڭ سومكىسىدىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئىلىۋالغان ئىدى.
كىرىمئاخۇن مۇشۇ تاپتا ئۇ چىرايلىق چوكاننى تىززەك ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئويلايتى. چوكان كىرىمئاخۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يىنىك  يىنىك بىر نەپەس ئالدى. بىشغا كەلگەن بۇ دىشۋارچىلىق سەۋەبىدىن يۈرىگى سۇ بولۇپ كەتكەن بۇ چوكان باشقىلاردىن نۇمۇس قىلمىسا مۇشۇنداق باشقا كۈن چۈشكەندە يارىدىم قولىنى سۇنغان بۇ ئەرنى خۇددى ئۆز قىرىنشىدەك مەھكەم قۇچاقلاپ راسا بىرنى يىغلىۋالغۇسى كەلگەن ئىدى. لىكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايتى، ئۇنىڭ قارا ۋە يۇغان بىر جۇپ كۆزى لىققىدە ياشقا تولغان ئىدى.
چوكان تىز-تىز قەدەم ئىلىپ كىرىمئاخۇنغا ياندىشىپ ماڭدى.
-- ساقچىلارغا مەلۇم قىلساق تاپالارمۇ؟--دىدى چوكان كۆڭلىدىكى ئويلىغانلىرى ئۇدۇللا ئىيتىپ.
--- مىنىڭچە چوقۇم تاپالايدۇ –دىدى كىرىمئاخۇن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ. لىكىن كىرىمئاخۇننىڭ قارىشىچە ھارىزقى ئەڭ ئاقىلانە ئىش پەقەت دىلونى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئىدى. ئالتۇنلارنىڭ تىپىلىشغا ئۇنىڭ پەقەتلا ئىشەنچى يوق ئىدى، خەقنىڭ قولىدىكى سومكىنىڭ ئىچىدىن بىر مۇنچە مالىنى سومكا ئىگىسىگە تۇيدۇرماي ئالالىغان ئىكەن بۇنداق يانچۇقىچى ساقچىنىڭ قولىغا ئۇنچە ئاسان چۈشمەيتى.لىكىن تۇرۇپلا كىرىمئاخۇننىڭ چوكانغا ئازراق ئاچچىقى كەلدى، ئۇ نىمە قىلاتتى ئۇ نەرسىلەرنى سومكىغا سىلىپ بازارمۇ –بازار كۆتۈرۈپ يۈرۈپ. بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ ئىرى ئۇقسا بۇ چىرايلىق چوكاننى قانداق قىلىۋىتەر ئەمدى. بۇگۈن كەچ بۇ ئايال مەزلۇم كىشى بولغانغا بىر تويىدىغان بولدى. بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆز خاتالىقىنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، ھە دىسە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئازرۇ-ھەۋىسىنى، مەنپەتىنى، شان-شەرىپىنى ئويلاش ئاقىۋەتتە ئىرىشمەكچى بولغانلرىدىنمۇ ئارتۇق نەرسىلەرنى يۇقۇتۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مانا ماۋۇ قاباقباش خوتۇن بۇنىڭ ياخشى مىسالى.
ئۇ ئىككىسى تىزلا رايۇن ساقچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. كىرىمئاخۇن ساقچىخانا قوراسىغا كىرگەندىن كىيىن ئىككىلەنمەي بىر قەۋەتلىك بىنانىڭ بىر يۈرۈش ئىشخانا بىناسىنىڭ سول تەرەپتىكى بىرىنچى ئىشخانىنىڭ ئالدىغا باردى. ئىشكنىڭ ئالدىدا بىر مۇتۇسىكلىت توختۇتۇلغان بولۇپ، ئىشكىمۇ قىيا ئوچۇق ئىدى. ئىشخانا ئىچىدە ياش بىر ساقچى كومپىيۇتىردا بىر ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇراتتى، كىرىمئاخۇن  ياش ساقچىنى كۆرگەندىن كىيىن بىر قانچە قەدەم يىراقتا نىمە قىلىشنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرغان چوكاننى كىلىشكە شەرەتلىدى.  چوكان قەدىمىنى  جىددى بىسىپ ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى. ئۇلار ئىشىك ئالدىدا نىمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى، ياش ساقچى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك تەرەپكە قارىدى، ۋە خۇشياقمىغان ۋە يىقىمسىز ھالەتتە سورىدى:
-- ئىش بارمىدى؟
--شۇنداق، ئىش بولمىسا كەلمەيىتۇق دىدى كىرىمئاخۇن  ياش ساقچىنى مەنسىتمەي.
--ئىشڭلار بولسا ئەتە كىلىڭلار ---دىدى ياش ساقچى يەنىلا ئىلگىركى تەلەپپۇزى بىلەن ، قارىغاندا ئۇ شاپ بۇرۇتنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پۇزۇتسىيىسىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىگەندەك قىلاتتى.
--دىلو مەلۇم قىلغىلى كەلگەن، ئەتىگە قالساق جىنايەتچى تىخىمۇ يىراققا قىچىپ كىتىپ تۇتۇپ كىلىشتە بەك جۇۋاپ كىتەرسىلەرمىكىن ؟
--نىمە ئىش يۈز بەردى؟-دەپ سورىدى ياش ساقچى يەنىلا خۇش ياقمىغان ھالەتتە.قارىماققا ئۇنىڭ كۈمپىيۇتىردا قىلىۋاتقان ئىشلىرى بەكرەك مۇھىمدەك قىلاتتى. بىراق كۆز ئالدىدا دىلو  مەلۇم قىلىمەن دەپ تۇرغان بۇ ئۈچ ئادەمنى يۇلغا سىلىش ئۈنىڭغا نىسپەتەن كىچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان يەنە بىر ئىش ئىدى.
--ئىشخانىغا كىرىڭلار—دىدى ئەمدى ياش ساقچى بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتىدا. ياش ساقچىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆزگىرىشلەر كىرىمئاخۇننىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. كىرىمئاخۇن  ئەزەلدىن بۇنداق فۇرما كىيۋالغان كىشلەرنى پەقەتلا ياقتۇرمايتى. شۇڭىلاشقىمۇ ياش ساقچىنىڭ چىراي ئىپادىلىرىگە قىلچىلىك پىسەنىت قىلمىدى.
-- ئەمدى مىنىڭ سىلىگە قىلىپ بىرەلەيدىغان ئشىممۇ تۈگىدى، باشقا ئىشلارنى ساقچىغا دىسىڭىز بولىدۇ، خوش مەن ماڭاي
         --رەھمەت،سىلىنى كۆپ مالال قىلىدىم،ئىشلىرىدىن قويدۇم ...
چوكان ساقچى ئىشخانىسى ئالدىدا شاپ بۇرۇتقا كۆپ گەپ قىلالمىدى.  لىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. بۇ ياش چوكاننىڭ كىرىمئاخۇنغا بولغان مىننەتدارلىق يېشى ئىدى. كىرىمئاخۇن ئۇلۇغ بىر ئىشنى قىلىپ تۈگەتكەندەك شۈنچىلىك روھلۇق ھالدا كەينىگە بۇرۇلدى. شۇ تاپتا ئۇ رىئاللىق ئالدىدا  گەرچە ئاددى بىر دىھقان بولسىمۇ لىكىن ئاجىزلارغا ،ئۆزى بىلەن تەقدىرداشلارغا قىرىنداشلىق ئىللىق قولىنى سۇنالايدىغان، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەت قىلغان ئىدى. ئۇ دىھقان ئىدى، ئەگەر ئادەمنىڭ توپراقتىن يارىتىلغانلىقى راسىت بولسا بۇ دىھقان ئەنە شۇ ئادەم يارىتىلغان توپراقغا ئەڭ يىقىن تۇرىدىغان، كۈنبويى توپراق بىلەن ئارلىشىدىغان ئادەم ئىدى، ئۇنىڭغا ئادەمدىكى ئەسلى ماھىيەت ساقلىنىپ قالغان ئىدى.كىرىمئاخۇن كىتىپ قالغاندىن كىيىن چوكان ياش ساقچى كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ۋەقەنى جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 00:21):
داۋامى بار.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1456
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2009-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 10:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەقەززا بىز. ۋاقتىدا يوللاپ تۇرارسىز.

UID
5821
يازما
88
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2368
تىزىملاتقان
2010-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 13:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى..........................................................

UID
8075
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 13:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى كۇتۇپ كۆزىمىز 8 بوپ كىتىدىغان بولدى .

UID
10718
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1284
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 20:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ناملىق پوۋېىستنىڭ داۋامى

(2)
جىنايى ئىشلار رازۋىتكا ئەتىرىنىڭ باشلىقى  باھادىر يارىدەمچىسى ئىقبال بىلەن بىر قاتىللىق دىلوسىنىڭ  ماتىرىياللىرىنى رەتلەۋاتاتتى.
--باھادىر ئاكا دىدى – ئىقبال ئۇنىڭغا قولىدىكى دىلو ماتىرىيالىنى ئارخىپ خالتىسىغا سىلىپ بولغاندىن كىيىن –يانغۇن بۇ دىلونى ئۈنۈملۈك پاش قىلىشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ۋاستە بولدى، بولمىغان بولسا يەنە قاچانغىچە دىلونى پاش قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرەر ئىدۇق. مىنىڭچە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق بىر كىشى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، لىكىن كىشلەر شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا يانغۇننىڭ ئەڭ ياخشسىنى ئىشلەتسە بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، يۈز بەرگەن دىلولاردىكى تەجىربىلىرىمدىن قارىغاندا مەيىلى ئوغۇرلۇق دىلولىرى بولسۇن ياكى بولاڭچىلىق ،قاتىللىق دىلولىرى بولسۇن ئادەتتە جىنايەت گۇماندارلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ پۇل مالغا يارايدىغان ھەممە نەرسىسىنى قويماي ئىلىپ ماڭىدىكەن، ئەلۋەتتە يانغۇنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ دىلونىڭ پاش قىلىشىمىزدا ناھايتىى قىممەتلىك بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
-- شۇنداق-دىدى باھادىر ئىقبالنىڭ سۆزىنىڭ ئاڭلاپ كۆلۈپ قويۇپ—بۇ قىتىمقى دىلونى پا ش قىلىشىمىزدا يانغۇننىڭ ئوينىغان رولى ناھايتى چوڭ بولدى، بىراق يانغۇننىڭ جىنايەت گۇماندارى تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ جىنايەت گۇماندارى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى دىلو پاش قىلىشتىكى بىردىنبىر يىپ ئۇچى دىيىشكە بولمايدۇ، بىز كۆپ تەرەپلىمە ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك، بىزنىڭ كاللىمىز جىنايەت گۇماندارىدىن بەكرەك ئۆتكۈر بولۇشى كىرەك،ھەر قانداق  بىر جىنايەتچى ھەر قانداق بىر ئەھۋالدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن نەق مەيداندا  ياكى  جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كيىن ئۆزى بىلىپ بىلمەي  ئەجەللىك بىر خاتالىق سادىر قىلىدۇ، بۇ خاتالىق ئاددى كۆز بىلەن كۆرۈپ يىتەلەيدىغان خاتالىق بولۇشىمۇ ياكى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرۈپ يىتەلەيدىغان خاتالىق بولۇشىمۇ مومكىن ئىشقىلىپ بۇنداق  خاتالىق ئاقىۋەتتە  بىزنىڭ سېزىش ئىقتىدارىمىزنى، دىلونى پاش قىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ قانداق ئىكەنلگىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ قىتىمقى قاتىللىق دىلوسىدا قاتىل زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ تىلغۇنىنى ئىلىۋىلىپ تىلغۇن كارتىسىنى تاشلىۋەتكەن،ئۇ مۇشۇنى ئۆزىنى يۇشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارىغان. بىراق ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئاقىۋەتتە ئۇنى قانۇننىڭ تۇرىغا چۈشۈشىگە سەۋەپ بولغان.
     ئىقبال  باھادىرغا قايىل بولغان ھالدا بىشنى لىڭىشتىپ ئۇنىڭ پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە تۇساتتىن بىر ئىش ئېسىگە كىلىپ  باھادىرغا ئىيىتتى:
--ھە راسىت باھادىر ئاكا، بۈگۈن سەھەردىلا يىڭشەھەر رايۇنلۇق ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى بىر ئوغۇرلۇق دىلوسىنىڭ يۈز بەرگەنلىك ئەھۋالى توغىرىسىدا دىلو قوبۇل قىلىش ماتىرىيالى ئىلىپ كەلگەن ئىكەن.
ئىقبال شۇنداق دىگەچ ئۈستىلىنىڭ تارتىمىسىدىن دىلو ئارخىپ خالتىسىنى چىقاردى. باھادىر قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ تولىمۇ ئەستايىدىل ھالدا  سورىدى:
--   قاچان يۈز بەرگەن دىلو ئىكەن، قانداق دىلو ئىكەن.
----- ئوغۇلۇق دىلوسى ئىكەن، تۈنۈگۈن يەكشەنبە بازاردا يۈز بىرىپتۇ، بىر ئايالنىڭ سومكىسىدىكى 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىن ئارتۇق ئالتۇن-زىبۇ زىننەتلەرنى ھەم باشقا پۇل پىچەكلەرنى ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ. دىھقان ئايال ئىكەن، ھازىر دىھقانلار باي بولۇپ كەتكەنمۇ نىمە، بىر دىھقان ئايال قورىقماي يىگىرمە مىڭ يۈەنلىك ئالتۇنلىرىنى بازاردا كۆتۈرۈپ يۈرسە.
--سومكىسىنىمۇ بىللە ئوغۇرلاپتقمۇ ياكى سومكىىنىڭ ئىچىدىن ئىلىۋاپتىمۇ ؟
--سومكىسىنى ئالمىغان ئوخشايدۇ، سومكا بار ئىكەن، بىراق سومكىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر يوقمىش، دىيىشىچە سومكىدىكى ھىلىقى ئايالغا تەۋە ھەممە نەرسىنى ئوغۇرلاپ ئىلپ كىتىپتۇ.
--بۇ  تولىمۇ غەلىتە ئىش بوپتۇ، بەكلا چۈشىنىكسىز، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنى كىم قوبۇل قىلغان ئىكەن. قارىغاندا سىزمۇ دىلو ماتىرىيالنى كۆرۈپ باقمىغان ئوخشايسىز شۇنداقمۇ ؟ سورىدى باھادىر ئىقبالنىڭ تازا  راۋان بولمىغان بايانى ئاڭلىغاندىن كىيىن .
--ياق، ئۇقۇپ چىققان ئىدىم لىكىن  خاتىرە بەكلا كەم يىزىلىپتۇ، ئاددىيسى سومكىدىن نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان ۋاقىت ئورۇن دىگەنلەرمۇ، سومكىنىڭ كىسىلگەن ياكى كىسىلمىگەنلىكى قاتارلىقلارمۇ  يىزىلماپتۇ، مەن پەقەت دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئادرىس بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى بىلەن ئەھۋاللىشىپ دىلوغا يىڭى باشتىن كىرىشىپ كەتسەك بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.
---- دىلونى كىم قوبۇل قىلغان ئىكەن .
--كىم يازاتتى، يەنە شۇ ئۆزىنى ئالەمدە بىر چاغلايدىغان ئابلەت بولمامدۇ، يازغان خىتى ئۆمۈچۈكنىڭ پاچىقىغا ئوخشايدۇ، يازغان نەرسىلىرىدىن ھىچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ مەن دىگەن ساقچى دەپ گىدىيىپ يۈرىيدۇ.
- بولدى بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قولىمىزدىكى قاتىللىق دىلوسىنى تۈپلەپ تەپتىش مەھكىمىسىگە قولغا ئىلىشقا يەتكۈزۈپ بىرىپ ،قولىڭىزدىكى ئوغۇرلۇق دىلوسىنى ئوبدانراق كۆرۈپ بىقىڭ، چۈشەنمىگەن تەرەپلەر بولسا ئابلەتكە تىلغۇن قىلىپ سوراڭ،  دىلو قوبۇل قىلىش رەسمىيتىنى بىجىرمەي تۇرۇڭ، چۈشتىن كىيىن بىرىپ ئۆزىمىز ئەھۋال ئىگەللەپ باقايلى،ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن باشقا رەسمىيەتلەرنى بىجىرسەك بولىدۇ، بۇنىڭ يالغاندىن دىلو مەلۇم قىلىش ئىكەنلىگىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
--بولىدۇ،مەن تىزلا بىر تەرەپ قىلاي.
ئىقبال ئىشقا كىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باھادىر ئىشخانىدىن چىقتى. ئۇ سەھەردە ئىچىلغان جىددى يىغىن سەۋەپلىك  ئەتتىگەنلىك تامىقىنى يىيەلمىگەن ئىدى.شۇڭىلاشقا ئۇ سىرىتقا چىقىپ بىر قاچا ئۇگىرە ئىچىمەكچى بولدى . ئۇنىڭ قۇرسىقى ھەقىقەتەن ئىچىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قولىدىكى قاتىللىق دىلوسىنى پاش قىلىپ نەچچە يۈز كىلومىتىر يولنى  بىسىپ قوشنا ۋىلايەتتىن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ كىلىپ  دىلونىڭ ماتىرىياللرىنى ئىشلەپ تۈگەتكەن ئىدى، يەنە بىر پارچە دىلو كەلدى. بۇنىمۇ چوقۇم ئىشلەش كىرەك ئىدى، ئۇ گەرچە بۇ دىلونىڭ يالغاندىن مەلۇم قىلىنغان دىلو ئىگەنلىگىگە گۇمان قىلسىمۇ بىراق ئۇ پەقەت ئۇنىڭ شەخسي خىيالىلا ئىدى.ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ سەخسىي خىيالىنى رىئال مەسىللەرنىڭ ئۈستىگە قويىۋالمايتى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ دەردىنى ئۇ چۈشىنەتتى. چۈنكى بۇ يەردە جنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر توپ نامەرتلەر ئىدى، ئۇلار پەقەت ياۋاشلارنى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلاتتى. ياۋاشلار، بوزەكلەر، ئاجىزلار ھەققانىيەتكە ، ھىسىداشلىققا ، مىھىر-مۇھەببەتكە بەكرەك مۇھتاج ئىدى.باھادىر ئەشۇ ئاجىزلارغا، ياۋاشلارغا، بوزەكلەرگە ئۇلار مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنى بىرىشكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشاتتى.  باھادىر  ئۇچۈن ساقچىلىق خىزمىتى جان باقىدىغان ، ئىش ھەققى ئالدىغان، خىزمەت كىيمى بىلەن باشقىلارنى ساراسىمگە سالىدىغان، نەپ ئۈچۈن ئىگە-چاقىسى يۇقلارنى مۇزلۇق ئۆيگە سولاپ قويدىغان خىزمەت ئەمەس ئىدى.
باھادىر ئاشخاندىن چىققاندىن كىيىن ئۇدۇل ئىدارىغا قاراپ ماڭدى. بىر چىنە ئۆگرىنى ئىچىپ ئۇنىڭ پۇت-قولىغا خىلى ماغدۇر كىرىپ قالغان ئىدى. باھادىر ئىشخانىغا كىردى ،ئىقبال ئىشخانىدا كۆرىنمەيتى. قارىغاندا ئۇ ئاللىقاچان دىلونى تەپتىش مەھكىمىسگە يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن مىڭىپ بولغاندەك قىلاتتى. باھادىر ئۇرۇندىقىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇقۇماي يۇغلشىپ قالغان گىزىتلەرنى ئالدىغا قويدى ۋە ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپ بار دىققىنى بىلەن گىزىت كۆرۈشكە باشلىدى.
ئىقبال چۈشلۈك تاماق ۋاقىتىغا ئۈلگۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ئۇ باھادىرنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەت ئەھۋالىدىن ئۇنىڭغا چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن يەنە نىمە ئۇرۇنلاشتۇرۇش باركىن دىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدى. باھادىرنىڭ قولىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە گىېزىت قالغان ئىدى. ئۇ سائىتىگە قارىدى، ۋاقىت توشاي دىگەن ئىدى.  شۇڭىلاشقا ئۇ قولىدىكى ئەمدىلا ئالغان گىزىتنى ئورنىغا قويۇپ ئۇرنىدىن تۇردى ۋە ئوقوپ بولغانلىرىنى رەتلىك قاتلاپ ئىلىپ كىتاپ جازىسىنىڭ ئۈسىتىدىكى رەتلىك بسىلغان گىزىتلەر ئۈستىگە قويدى.
-- ئىككىمىز چۈشلۈك تامىقىىمىزنى تىزرەك يەپ ماڭايلى، دىھقان خەقنى ئەسلىدە بىر بولسا تاڭ سەھەردە، بىر بولسا گۇگۇم چۈشكەندە ئاندىن ئۆيسىدىن تاپقىلى بولىدۇ، قىنى بىرىپ باقايلى، ھىچبولمىسا چۈشلۈك تاماققا كىرىپ قالغاندا تىپىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.
--تىخى تۈنۈگۈن بىر مۇنچە نەرسىسىنى يۇقىتىۋىتىپ بۈگۈن يۈرىگى ئاغىرىپ ئىتىزغا چىقماي ياتقاندۇ ياكى بولمىسا ئىرىدىن بۇلدى دىگۇچە موشىت يەپ كۆكىرىپ ياتتىمۇ تىخى—دىدى ئىقبال كۈلۈپ تۇرۇپ.
--بۇنى يۇق دىگىلى بولمايدۇ، زىيان كىملەر ئۈچۈن ئاچچىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىھقان خەق ئۈچۈن ھىلىغۇ يىگىرمە مىڭ يۈەن ئىكەن 2000 يۈەن يۇقىلىپ كەتسىمۇ ئازلا قالىدۇ ئۇلارنىڭ بىر يىللىق تاپقان تەرگىنى يوق بولۇپ كەتكىلى. ئىشقىلىپ مۇشۇ دىھقان دىگەننى ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ پاناھىدا ساقلىسۇن. جاپانى ئەڭ تارتىدىغانلار شۇ تۇرۇپ ئاخىرىدا ھىچنىمىگە ئىرشەلمەيدىغانلارمۇ شۇ ئەمەسمۇ، ھەر نىمە بولسا دۆلەتتىن يىزا ئىگىلىك بىجىنى كۆتۈرىۋەتتى، بولمىسا تىخمۇ تەس بولاتتى ئۇلارنىڭ كۈنى، بولدى ماڭايلى.كىيىن قالمايلى يەنە، قۇرما يىزىسى شۇنداقمۇ ،
--شۇنداق،بىر سائەتتە بىرىپ بۇلارمىزمىكىن
--تىزرەك بولۇڭ، ماشىنىنى ئىلىپ چىقىڭ.
ئىقبال ماشىننى ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ سەھەردىكىدىن تىخىمۇ روھلۇق كۆرىنەتتى. چۈنكى باھادىرنىڭ ئىيىتقىنى بويىچە ئۇ قىيىنچىلىىققا ئۇچىرىغان يەنە بىر قىرىندىشىنىڭ دەرىت-ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە، ئۇلارغا قانۇن ئارقىلىق يارىدەم بىرىشقا ماڭغان ئىدى. ئاددى ئىنسان سۈپىتىدە ئۆزىگە ئوخشاش ئاددىي ئىنسانلارنىڭ ھاجىتىىدىن چىقىش ھەقىقەتەنمۇ بارىكاللا ئىيتىشقا ، تەھسىن ئوقۇشقا مۇناسىپ ئىش . ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەممەيلەن  تەقدىرداش، ھەمنەپەس . ھامان بىر كۈن بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆلۈمىنى  ئۇزىتىدىغانلار يەنە شۇ بىز. شۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ھىچقانداق پەرىقى يۇق ئىكەنلگىنى ھىس قىلىپ يىتىدۇ.
باھادىرنىڭ ياردەمچىسى ئىقبال پۇسكام ناھىيسىدىن ئىدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن مەكىتتە خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئىزچىل ھالدا باھادىرنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە ئىشلەپ كىلىۋاتاتتى. ئۇ باھادىرنى قاتتىق ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇ گەپ –سۆز ۋە ھەركەتتە باھادىرنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلاتتى. ئۇنىڭ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئىرىشكەن نەتىجىلىرى باھادىرنىڭ تەربىيلىشى بىلەن بولغان ئىدى.
ئىككىسى ماشىنا بىلەن ئىدارە قۇراسىدىن چىقتى. ئىقبال باھادىرغا قارىدى. باھادىرنىڭ چىرايىدىن بىرخىل جىددىيلىك ۋە ئەستايىدىللىق چىقىپ تۇراتتى. ئىقبالنىڭ قۇرسىقى ئىچىپ كەتكەن ئىدى. لىكىن ئۇ باھادىرغا چىش يىرىپ گەپ قىلمىدى، ئۇ باھادىرنىڭ بۇنداق ئىشلارغا سەل قارىمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى باھادىر ئەزەلدىن تاماققا قاتتىق دىققەت قىلاتتى. ئۇ تاماققا دىققەت قىلىش سالامەتلىكىنى ئاسراشتىكى مۇھىم ئامىل، بىر خەلق ساقچسى ئالدى بىلەن جىسمانى جەھەتتە چوقۇم ساغلام بولۇشى كىرەك. شۇندىلا ئۇنىڭ كاللىسىى سەگەك، ھەركىتى چاققان بولىدۇ، خەلىقى قۇغداش بۇرچىنى ھەقىقى ئورۇندىيالايدۇ دەپ قارايتى. ئۇ ئىقبالدىنمۇ  شۇنداق تەلەپ قىلاتتى.
ماشىنا تىزلا  ناھىيە پاسىلىدىن چىقىپ  قوش كۆۋرۈكتىن ئۆتتى. قۇش كۆۋرۇكنىڭ شىمال تەرىپى يانتاق يىزىسىغا تەۋە ئىدى.يىزا يولى كەڭ ۋە سىلىق بولۇپ، ماشىنا بىر خىل سۈرئەت بىلەن كىتىپ باراتتى. مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئۇلار يانتاق يىزىسىغا بىر قانچە مىنۇتتىلا يىتىپ بىرىپ بولاتتى.
ئۇلار چۈشلۈك تاماقنى يانتاق يىزىسىدا يېدى.ئۇلار تاماقتىن كيىن يەنە يۈرۈپ كەتتى. يىزا يولى كەڭرى ھەم تەكشى ئىدى. ماشىنا بىر خىل تىز سۈرئەتتە غۇيۇلداپ ماڭماقتا ئىدى.  ئۇلار ناھايتى تىزلا تۈمەنتال يىزىسىغا يىتىپ باردى، ئەمدى كىيىنكى  يىزا دەل قۇرما يىزىىسى ئىدى ، بىراق قۇرما يىزىسى ناھىيدىن ئەڭ يىراق، دائىرسى بەكمۇ كەڭرى ئىدى. تۈمەنتال  يىزىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يولنىڭ ئىككى تەرپىدىكى ئۇرمانلار شالاڭشىشقا باشلىدى. بەلكى كۆزگە  بەكرەك چىلىقىدىغىنى قويۇق ۋە ئىگىز ئۆسكەن قۇمۇشلۇق ئىدى.
ئۇلار قۇرما يىزىغا كەلگەندىن كىيىن يىزىلىق ساقچىخانىغا كىرىپ نۆۋەتچى ساقچى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە  ساقچىخانىدىن بىر نەپەر ئامانلىق خادىمنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ئايالنىڭ ئادىرسىتىكى ئورنىنى تىپشقا ياردەملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلىۋالدى.
--پەخىرنىسا تۈرەك، مەن ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلىمەن، ئۇ مىنىڭ بىلەن بىر كەنىت ، ئۆيى يىراق ئەمەس—دىدى ئامانلىق خادىمى ماشىنغا چىققاندىن كىيىن باھادىرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى توغىرىسىدا سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ،--ئاڭلىساق تۈنۈگۈن ناھىيە بازىرىدا ئۇنىڭ ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئوغىرى ئىلىۋاپتۇ. ئىرى دىگەن تازا نامەرت بىر نىمە، ئۇ ئايالغا بىر گەلگۈلۈك كەپتۇ بۇ قىتىم ،بولمىسا ئۆيىدە گىپىنى گەپ قىلىپ يۈرەتتى  ئۇ ئايال.
ئىقبال ئامانلىق خادىمىنىڭ كۆرسىتشى بىلەن ماشىنىنى يىزا مەركىزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر كىچىك مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى يوغان دەۋازىلىق بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاتتى.  ئۇلار ماشىندىن چۈشكەندىن كىيىن باھادىر ئامانلىق خادىمىغا دىدى:
--سىزنى مالال قىلىدۇق، ئالدىراش ئىشڭىز بولسا قايتىپ كەتىسڭىز بولىدۇ، بولمىسا بىز بىلەن بىللە كىرىڭ . ئىش تۈگىگەندە ئاپىرىپ قويايلى.
--بولدى، باھادىر ئاكا، مەن سىلەرگە دەخلى قىلماي، مەن يەنە قىلىدىغان ئىشلار بار ئىدى، مەن قايىتقاچ تۇراي،ئارلىقممۇ يىراق ئەمەس.
ئامانلىق ساقلاش خادىمى باھادىرلار بىلەن خۇشلىشىپ كەيىنىگە ياندى.
باھادىر بىلەن ئىقبال ئىككىسى پەخىرنىسا ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى. ئۆينىڭ دەۋازىسى تۈمۈردىن چىرايلىق ياسالغان بولۇپ، خىلىلا ئىشلەنگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.دەرۋاازا ئىچىدىن ئىتىكلىك ئىدى.ئىقبال  باھادىرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن مۇشتۇمى بىلەن ئىشكىنى ئۇردى. دەم ئۆتمەي ئوي ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ ‹‹ كىم ›› دىگەن جانسىز ئاۋازى ئاڭلاندى.  ئىقبال ‹‹ بىز ساقچى، پەخىرنىسا ئىسىملىك ئايالنى ئىزلەپ كەلگەن ›› دىدى ئۈنلۈك ئاۋازدا.  ئىقبالنىڭ گىپى تۈگەپ ئۇزاق ئۆتمەي شاراقلىغان ئاۋاز بىلەن دەرۋازا ئىچىلىدى. دەرۋازىنى ئاچقۇچى 12-13 ياشلاردىكى قىز ئىدى.
-پەخىرنىسا تۈرەك ئۆيدە بارمۇ؟
--بار، مەن چاقىراي، قىز شۇنداق دەپلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىرىپ كەتتى. باھادىر بىلەن ئىقبال پەخىرنىسانى تاپالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى.  بىر قانچە مىنۇتتىن كىيىن تولا يىغلاپ كۆزى ئىششىپ كەتكەن پەخىرنىسا سەپكۈنلۈك قىز بىلەن دەرۋازد ئالدىغا چىقتى.ئۇلار ئاددىي سالام-سائەتتىن كىيىن ئىقبال  ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كىلشتىكى مۇددىئاسىنى ئىيىتتى.
--ئۆيگە كىرەيلى دىدى – پەخىرنىسا ئىسىملىك بۇ ئايال دەرۋازا ئالدىدا تۇرىۋىرىشتىن خىجىل بولۇپ
-- يولدىشىڭىز بارمۇ؟--  دەپ سورىدى باھادىر ئۇنىڭدىن.
--يوق، ئىشىم بار  دەپ ئەتتىگەن چىقىپ كەتكەن.
--ئۇنداق بولسا ئۆيىڭىزگە كىرمەيلى، بولدى، ماشىنىغا چىقىڭ ، ماشىندا پاراڭلىشايلى.
پەخىرنىسا ۋە كىچىك قىز باھادىرلارنىڭ تەلىپى بويىچە ماشىنىغا چىقتى.ئۇلار جاي ئىلىشۋالغاندىن كىيىن ئىقبالمۇ قولىغا خاتىرە ۋە قەلەمنى ئالدى.  سۇئال سوراش باشلىنىشتىن ئىلگىرى باھادىر ئايالغا ئىيتتى:
--بىز جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار رازۋىتكا ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى، ئىسمىم باھادىر، بۇياقنىڭ ئىسمى ئىقبال ،بۈگۈن ئەتتىگەندە سىز مەلۇم قىلغان ئۇغۇرلۇق دىلوسى ھەققىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ بىقىش ئۈچۈن كەلدۇق. شۇڭا سىز ھەقىقىي ئەھۋالنى بىزگە ئىيتىپ بىرىڭ.
--بولىدۇ --، دىدى پەخىرنىسا يەنە كۆڭلى بۇزۇلۇپ. ئۇ مۇشۇ قىتىمقى ئوغۇرلۇق تۈپەيلى ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىدىن، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىققا بۇلغان ئارمانلىرىدىن بىراقلا مەھرۇم بولغان ئىدى. ئۇ يۇقاتقانلىرىغا قايتا ئىرىششىكە ئىشەنچى بولمىسىمۇ لىكىن ساقچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشكى تۈۋىگىچە كەلگەنلىكىدىن ھەقىقەتەن مەمنۇن بولدى  ۋە سۇس ئۈمىدگە تولدى. پەخىرنىسا بولغان ئىشلارنى ئىيتىپ بەردى. ئەلۋەتتە پەخىرنىسا شۇ كۈنى تاكى قوغۇن ئالغۇچە بولغان جەرياندا زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يىنىدا ئىكەنلكىگە ئىشەنچى كامىل ئىدى.ئۆزىنىڭ قانداقسىمۇ بۇ نەرسىلەرنى ئوغىرىنىڭ ئىلىپ كەتكەنلىكىگە ھەيىران ئىدى.
--سومكىنىڭ رەڭگى قانداق ئىدى؟--سورىدى باھادىر ئايالىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھەيران بولۇپ.
--كۆك رەڭلىك سومكا ئىدى. تىخى ئۇنى يولدۇشۇم ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەكىلىپ بەرگەن. بۈگۈن ئۇنى ئىشلەتكەن ئىدىم، ئىنىق ئىىسىمدە مەن ھەممە نەرسىلىرىمنى سومكىنىڭ ئوتتۇرا يانچۇقىىغا سالغان، ئون نەچچە يۈەننىلا يان يانچۇققا سالغان، ئەتتىگەندىن بۇيان شۇ پارچە پۇللارنى ئىشلەتكەن، ئوتتۇرا ئىغىزنى تىخى ئاچمىغان ئىدىم ، مىنىڭ پەقەتلا ئەقلىم سىغمىدى.
--سومكىدا يەنە نىمىلەر بار ئىدى؟
-- شۇ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىم، ۋە پۇل سىلىىنغان پورتىمال ، پورتىمالدا 370 يۈەن بار ئىدى،
--بۈگۈن سىز قانداق ئادەملەر بىلەن ئۇچراشتىڭىز، بىرەر يەردە ئوزاقراق تۇرۇپ قالغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
-- يۈرىتداشلىرىم بىلەن بازاردا ئوچىرشىپ قالغان، بىراق سالام-سائەتتىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ يولىمىزغا راۋان بولدۇق، چۈشتە  ئاشىخانىدا تاماق يىدىم شۇ ۋاقىتتىمۇ مەن سومكامنى يىنىمدا قويغان، ئاشخانىدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا مەن سومكىنى ئىچىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرگە قارىغان. مەن قوغۇن ئالغىلى بارغان چىغىمدا ئاندىن بۇ نەرسىلەرنىڭ يۇقلىقىنى بىلدىم.
--سىز بىرەرسىنى ئىلىۋالدىمىكىن دەپ گۇمان قىلامسىز، مەسلەن ئىيتايلى، سىزگە ئۇزاقراق ئەگىشىپ ماڭغان بىرەرسى بارمىدى، يىنىڭىزدا بىرەرسى ئوزاقراق ماڭغان دىگەندەك—دىدى  ئىقبال ئالدىراپ باھادىرنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتمەيلا.
     --ياق، ،مەن قانچە قىلساممۇ بۇنى كاللامغا ئىلىپ كىلەلمەيمەن.
--سومكىنىڭ بىرەر ئەسۋاپتا تىلىنغان ياكى كىسىلگەن يىرى بارمۇ؟
--يوق، ئۇنداق يەرلىرى يوق.
--يولدىشڭىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بارمۇ ؟
--بار .
--ئۇنداقتا –دىدى باھادىر بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن،--  سىز راستىنلا ئۆزىڭىزنىڭ ئالتۇن-زىبۇ زىننەتلىرىڭىزنىڭ يۇقالغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلاپ بىرەلەيسىز؟
باياتتىن بىرى گەرچە باھادىر پەخىرنىسانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ھىسىداشلىق قىلغان بولسىمۇ لىكىن سومكىدىكى نەرسىلەرنىڭ يۇقالغانلىق جەريانى تولىمۇ غەلىتە ئىدى. پەخىرنىسانىڭ ئىيىتقىنىغا قارىغاندىمۇ سومكىغا قارىتىلغان ئوغۇرلۇقنىڭ يۈز بىرىش مۈمكىنچىلىكى يۇق دىيەرلىك ئىدى.
--سىز مىلىڭىزنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلگەن دەيدىغان گۇۋاچىلاردىن بىر قانچىسى بار دەپ قارامسىز؟دەپ سورىدى
- مەن قۇغۇن سىتىۋالماقچى بولغان ئادەم ماڭا بەكلا يارىدەم قىلغان، ئۇ ماڭا گۇۋاھچى بولالايدۇ.
--ئۇنى تونۇمسىز؟
--ياق، ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ، قەيەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن،پەقەت قوغۇن ساتىدىغان يىرىنىلا بىلىمەن.
--سىز نەسىلىرىڭىزنى  شۇ ئادەم  ئىلىۋالدى دەپ قارىمامسىز؟
--ياق، ياق، ئۇ مىنىڭ يىنمغىمۇ كەلمىگەن تۇرسا، قانداقسىگە شۇنداق بولىدۇ.
ئەمدى سورايدىغان ئىشلارمۇ تۈگەپ قالغاندەك قىلاتتى. باھادىر پەخىرنىسادىن ئۇنىڭ سومكىسىنى ئىلىپ چىقىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى.پەخىرنىسا ماشىندىن چۈشكەندىن كىيىن ئىقبال باھادىردىن سورىدى:
--باھادىر ئاكا، مىنىڭ ئويلىشىمچە ھىلىقى قۇغۇن ساتىدىغان ئادەم پەخىرنىسانىڭ نەرسىلىرىنى ئىلىۋالمىغان تەقدىردىمۇ لىكىن پەخىرنىسانىڭ ئەتراپىغا كەلگەن بىرەرسىنى بىلگەن ياكى دىققەت قىلغان بولۇشى مومكىن، مىنىڭچە شۇ ئادەمدىن ئەھۋال ئىگەللەپ باقساق بولارمىكىن؟
--ئەلۋەتتە ،كۆپ ئادەم يەردە باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىلىۋىلىش ئاسان چۈشىدۇ، لىكىن بۇنداق ئۇغۇرلۇقنى بىر ئادەم كۆرمىسە يەنە بىر ئادەمنىڭ كۆرىدىغانلىقىنى ئىنىق، بىراق سومكا ئىتىك ھالەتتە يەنى كىلپ سومكىنىڭ ئىگىسى بۇنى قەتئىي جەزىملەشتۈرگەن تۇرسا،بۇنى قانداق ئادەم ئىلىۋالالايدۇ،مەن تىخىچە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن.لىكىن سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزمۇ توغرا، يىڭى بىر گۇۋاھچى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن دىلونىڭ پاش بولۇشى ئۈچۈن يىڭى بىر قەدەم بىسىلىدۇ.
ئىقبالنىڭ پىكىرى بىلەن ئۇلار قۇغۇنچىنى ئىزلەيدىغان بولدى، ئىقبالنىڭ بۇنىڭغا ئامالى بار ئىدى. پەخىرنىسا سومكىنى ئىلىپ چىققاندىن كىيىن ئىقبال ئۇنىڭغا يەكشەنبە بازارغا ئۆزلىرى بىلەن بىللە بىرىپ قوغۇنچى ئولتۇرغان ئورۇننى كۆرسىتىپ قويۇشنى سورىدى. ئىقبال بۇ ھەقتە كۆڭلىدە ئاللىقاچان پىلان سۇقۇپ بولغان ئىدى، ئۇ پەخىرنىسا بىلەن بىللە بىرىپ يەكشەنبە بازاردىكى قۇغۇنچى دىھقاننى ئورنىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن بازار باشقۇرغۇچىدىن شۇ كۈنلۈك بازار باشقۇرۇش ئارخىپىنى ئاختۇرسىلا ھەممە قۇغۇنچى دىھقاننىڭ ئادىرىسى مانا مەن دەپ چىقاتتى.
ئۇلار شۇ پىلاننى تۈزىۋاتقىنىداباھادىرنىڭ يانغۇنى سايراپ كەتتى. باھادىر تىلغۇننى ئالدى. ئۇ قارىشى تەرەپكە ئىدارىغا ھازىرلا بارىدىغانلىقىنى ئىيتىپ تىلغۇننى قويدى.
--قارىغاندا ئەمدى قىزىلئاۋات يىزىسىغا بارمىساقمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ؟
--قانداق دەيسىز؟ --سورىدى ئىقبال قىزىقسىنىپ،
--بىر دىھقاننىڭ ئىدارىغا كەلگىنىگە خىلى ئۇزاق بوپتۇ،ئۇ تۇنۇگۈن يۈز بەرگەن ئوغۇرلۇق دىلوسى سەۋەپلىك مىنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن.
--ئۆزىنى مەلۇم قىلغىلى كەلمىگەندۇ ھە، باھادىر ئاكا—دىىدى ئىقبال بىر خىل گۇمانلىق تۇيغۇدا، ئۇ شۇ سۆزنى ئىيىتقان شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئۆز تۇيغۇسىنىڭ راسىت چىقىپ قىلىشنى  شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىپ قالدى. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇلار ئىككىسى بىر بىچارە مەزلۈمنىڭ دەرىت-ئەلىمىنى يەڭگىللەتكەن بولاتتى.
--ئۇنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، بىراق مىنىڭچە بۇ ئىشلار ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
ئىككىسى تىزلا ئىدارىسىگە يىتىپ كەلدى. ئىدارە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا دىجۇرنى خادىمى ۋە  قىرىق ياشلارغا بىرىپ قالغان دىھقان سۈپەت بىرىسى تۇراتتى. باھادىر ئۆزىنى ئىزلەپ كەلگۈچىنىڭ ئەشۇ كىشى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ قەدەم ئالدى. ئىككىسى قول ئىلىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ئىقبال ئۇنىڭغا دىدى:
-- تۈنۈگۈن دىھقان بازىرىدا يۈز بەرگەن ئىش توغىرسىدا ئىزلەپ كەلدىڭىزمۇ؟
---شۇنداق، شۇنداق، تۈنۈگۈن مەن ئۇ مەزلۇمنى يىڭشەھەر ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ كىتىپ قالغان ئىدىم، بىلگەن بولسام مۇشۇ يەرگىلا ئەكىلىپ قوياركەنمەن.
باھادىر ئۇنى ئىشخانىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىدى. ئۇنىڭ كىلىشى ئەمدى باھادىر بىلەن ئىقبالنىڭ يولىنى قىسقارىتقان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ناتۇنۇش كىشىنىڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئالاھىيتەن يىراق يىزىدىن كىلىشى دىلونىڭ پاش بولۇش مۈمكىنچىلىكىنى ئىنىقلا يۇقىرى كۆتۈرەتتى.ئىقبال قولىغا قەلەم ۋە خاتىرە دەپتەر ئىلىپ سۆھبەت قالدۇرشقا تەييار بولغاندىن كىيىن باھادىر ئۇنىڭدىن سۇئالنى باشلىۋەتتى.
        ---ئىسسىمىم كىرىم دىدى ئۇ باھادىرنىڭ سۇرىغان سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ—ئۇ ئايال بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يۇق، ئەگەر بار دىيىلسە ئىككىمىز بىر يۈرتنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلەر، ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، مەن ئاساسلىقى دىقانچىلىق قىلىمەن. بۇ يەرگە كىلىشتىكى مەقسىتىم، مەن ئۇ ئايالىنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويغان، ئايال كىشى ئەمەسمۇ، بىر ئەر تۇرۇپ كۆز ئالدىڭدا بىر مەزلۇم كىشى ئۇۋاللىققا ئۇچراپ كۆز يىشى قىلىپ تۇرسا ئادەم چىدىمايدىكەن، مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە بۇ ئىشنى قاتتىق ئويلاندىم. مەن ئۆزۈمنى دىلو يۈز بەرگەن مەيداندا بار دەپ قاراپ سىلەرگە پايدىلىق بىرەر ئىغىر گەپ قىلىپ بىرەرمەنمكىن دەپ كەلدىم، مەن قايسى گەپنىڭ سىلەرگە پايدىلىق ئىكەنلگىنى بىلمەيمەن بىراق سىلەر سورىساڭلار مەن كۆرگەن، بىلگەنلىرىمنى دەپ بىرەي دىگەن ئۈمىدتە كەلگەن.‹‹ كالىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىرقىرايدۇ›› دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟
        كىرىمنىڭ سۆزىىدىن خاتىرە قالدۇرىمەن دەپ قەلەم تۇتۇپ ئولتۇرغان ئىقبال تولىمۇ ھەيران بولغان ھالدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇئان ئوغۇرلۇق ،ھەتتا ھىچقانداق جىنايەت يۈز بەرمەيدىغان، مىھىر-مۇھەببەتتىن باشقا ھىچنىمە يوق بىر مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتى.ئۇ كۆز ئالدىدا گەپ قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئاددى بىر دىھقان ئىگەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قالغان ئىدى. ئىقبالنىڭ ۋىجدان تارازىسىدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ چاققىچە قىلىپ يۈرگەن خىزمەت نەتىجىلىرى ئەشۇ ئاددى بىر دىھقاننىڭ ئىغىزىدىن چىققان ‹‹ كالىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىرقىرايدۇ ›› دىگەن ھىكىمەتلىك سۆزى ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى.  ئىقبال ھاياجان بىلەن باھادىرغا قارىدى. باھادىر بىر خىل سالماقلىق بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە كىرىمگە قاراپ تۇراتتى.  
--بەك ياخشى ئويلاپسىز--،دىدى باھادىر ئۇنىڭغا خۇددى يىقىن ئۇرۇق-تۇققانلاردەك مۇئامىلە قىلىپ.—ئەلۋەتتە سىزنىڭ ھەر بىر ئىغىر گىپىڭىزنىڭ ،گۇۋاھلىقىڭىزنىڭ بىرگە نىسپەتەن ناھايتى چوڭ ئەھمىيتى بار.
--مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەپ ئويلايمەن—دىدى كىرىم ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا سالماقلىق بىلەن.
---سىز ئايالىنىڭ نەرسىسىنى كىم ئوغۇرلىۋالدىكىن دەپ قارايسىز؟
--ئۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىش تەس، مەن خىرىدار كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدىم.
--بىرەر گۇمانلىق بىرەرسىنى كۆرگەندەك قىلغان تەرەپلەر بار؟ مەسلەن پەخىرنىسا دىگەن ئايالغا يىقىن قىستىپ تۇرغان
--قوغۇننىڭ ئەتراپىدا كىشلەر كۆپ. قىستىلىشىپ تۇرغان بولغاچقا بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيدىكەنمەن.
--سىز پەخىرنىسانى كۆرگەن ۋە ئۇنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويغانغىچە بولغان جەرياندا بىرەر گۇمانلىق ئىش بايقىدىڭىزمۇ؟
--ياق.
باھادىر بىلەن ئىقبال  بىر-ببىرىگە قاراشتى، كىرىم ئۇلارغا ھىچقانداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئىنىقلا چىقىپ تۇراتتى. لىكىن كىرىم ئۇلارغا ياشاشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى ئۈچۈنمىكىن ئۇلار يەنىلا كىرىمدىن مەمنۇن بولۇپ قالغان ئىدى.
--كىرىمئاخۇن سىزنىڭ ئالايىتەن بىزنى ئىزلەپ كەلگەنلىڭىزگە رەھمەت، بىز دىلونى ئامال بار تىز سۈرئەتتە پاش قىلىمىز، شۇ ۋاقىتتا دىلونىڭ ئەھۋالىدىن سىزنى خەۋەردار قىلىمىز.
--رەھمەت دىمەڭلار، سىلەرگە ھىچنىمە دەپ بىرەلمىدىم. كىرىم بىشىنى چايقىغان ھالدا مىڭىش ئۈچۈن تەمشىلىپ ئورندىن تۇردى ۋە باھادىرنىڭ يىنىدىكى كىرىسلو ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان پەخىرنىسانىڭ يىشىل رەڭلىك سومكىسى كۆردى ۋە بىر نەرسىنى ئەسلىمەكچى بولغاندەك دەقىق تۇرۇپلا قالدى. باھادىر كىرىمدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا دىدى:
--قانداق ،دەيىدىغان بىرەر گەپنى ئونتۇپ قاپسىزمۇ؟
--بۇ سومكا كىمنىڭ؟--دىدى كىرىم پەخىرنىسانىڭ سومكىسىنى كۆرسىتىپ
--بۇ شۇ نەرسىلىرىنى ئوغىرىغا بەرگەن پەخىرنىسا دىگەن ئايالىنىڭ سومكىسى، كۆرگەن بولغىيدىڭىز؟
--ئەمدى ئويلاپ باقسام، مەن مۇشۇنداق سومكا كۆتۈرگەن يەنە بىر ئايالنى كۆرگەندەك قىلغان، ئۇ ئايال بىلەن پەخىرنىسانىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، مەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش سومكا كۆتۈۋالغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ھەتتا كۆڭلى يىقىن دوسىتلار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، ئۇ ئايالمۇ قوغۇننىڭ يىنغا كەلگەندەك قىلغان، لىكىن كىيىن قەيەرگە كىتىپ قالدى بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
--ئۇ قانداقراق ئايال ئىكەن، ئىسىڭىزدە بارمۇ؟
-- خىلىلا قاملاشقان ئايال، بويى ئىگىز، چىرايى ئاققا مايىل،چىچىنى بويىۋالغاندەك قىلغان؟
-- كۆپ تەرەپلىرى ئىسڭىزدە قاپتۇ جۇمۇ،  قارىغاندا خىلى زەن سىلىپ دىققەت قىلىپتىكەنسىز ھە--دىدى باھادىر كىرىمگە چاقچاق قلىپ.
--ياق، ياق، ئىسىمدە قالغىنى شۇ ئىكەن.
شۇنىڭدىن كىيىن كىرىم باھادىرلار بىلەن خۇشلىشىپ ئىككىسىنىڭ بىللە تاماق يىيىش تەكلىپىنى سىلىققىنە رەت قىلىپ  ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئۇ يەنىمۇ كىيىن قالسا يىزىغا قاتنايدىغان ئاپتۇمۇبىللار توختاپ قالاتتى.



داۋامى بار.

UID
10718
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1284
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 20:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار، پوۋسىتنىڭ داۋامىنى ئايرىم تىما شەكلىدە يوللاپ ساپتىمەن. تەستىقلىماڭلار. ئەسلى يازمىنىڭ داۋامىغا ئىنكاس شەكلىدىمۇ يوللاپ قويدۇم.

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 21:35:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەم شۇ قانۇن ئالدىدا تۇرىدۇ. ماۋزۇ سەل غەلىتىمۇ قانداق؟

UID
4121
يازما
190
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5800
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز، بارىكاللا. مەنمۇ قانۇن خادىمى. خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا مەنمۇ نۇرغۇن ئېسىل ئادەملەرگە يولۇققان. سىز مىنىڭ ئويلىغانلىرىمنى يازىدىغاندەكلا. ھارمىغايسىز.

UID
21068
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 00:15:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي داۋامىچۇ؟؟؟؟؟

UID
10723
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2011-4-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 15:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش