- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 366
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- UID
- 12992
- يازما
- 366
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- توردا
- 80 سائەت
|
بۇ تېما 2009 يىلى 4- ئاينىڭ 22-كۈنى يوللىنىپتىكەن ، مانا بۈگۈن 2012 يىلىغا قەدەم قويدۇق . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى تېما دىگەن گەپ ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە باش بەتكە چىقىپ قاپتۇ . يېڭىدىن ئىنكاس يېزىلغان بولسا كېرەك . بۇ ئەھۋال بىزگە شۇنداق بىر رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ . يەنى ، ئەلكۈيى شۇنچە داڭلىق مۇنبەرلەرنىڭ قاتارىدا تۇرغان تۇرۇقلۇق 80 مىڭدىن ئوشۇق ئەزاسى بار بىر مۇنبەر تۇرۇپ يوللىنىۋاتقان ، تەستىقلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ شۇنچە ئازلىقى بىزدەك ئەلكۈيىنىڭ ھېرىسمەنلىرىنىڭ ئالدىدىكى بىر سوئال بەلگىسى بولۇپ قالدى . مەن بىلىدىغان باشقا داڭلىق مۇنبەرلەردە گەرچە ئەلكۈيىدىكىدەك ئەزاسى بۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ ئەزالىرىنىڭ يوللاۋاتقان يېڭى تېمىلىرىنىڭ سانى ئەلكۈيىدىكىدىن كۆپ بولۇۋاتىدۇ ، بۇ بىز ئەلكۈيىدىكى تورمەنلەرنى خىجىل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر . ئىشەنمىسەڭلەر ، ئىزدىنىش ياكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكى قاتارلىق چوڭ مۇنبەرلەرغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، جىنىم قېرىنداشلار ، باغداش مۇنبىرىگىلا قاراپ بېقىڭلار ، تېمىلىرىنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتى ئەلكۈيىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر . ھالبۇكى بىز ئەلكۈيىدىن بەك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىمىز ، تىخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىز تورمەنلەر ئەلكۈيىنىڭ مىكرو بىلوگىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆردۇق ۋە بۇنىڭدىن بەكمۇ پەخىرلەندۇق . بۇ تورنى گۈللەندۇرۇش يالغۇز ئەلكۈيى تور ئىشخانىسىدىكى خادىملارنىڭ ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭلا ئىشى ئەمەس . ھەربىر ئەلكۈيى ھېرىسمەنلىرى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئاندىن ئەلكۈيىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ پارلاق مەنزىلىنى كۈتۈۋالالايمىز . شۇڭا قېرىنداشلار ھەممىمىز بىر نىيەت ، بىز مەقسەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار باشلىق بارلىق ئەلكۈيى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ سۆيۈملۈك تورىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرەيلى ، تېخىمۇ پارلاق مەنزىلگە يول ئالايلى . بۇ مېنىڭ ھەممىڭىزلاردىن كۈتىدىغان زور ئۈمىدىم . ئالغا قېرىنداشلار ، ئەلكۈيى ئۈچۈن ، گۈزەل ئەتە ئۈچۈن ئالغا ! |
|