كۆرۈش: 6376|ئىنكاس: 14

تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 16:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى
تۇردى توختى

مەكتەپلىرىمىزدە نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۇقۇغۇچىغا تەربىيە قىلىش جەريانىدا ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكشىپ، مەلۇم دەرىجىگە بارغانلىغىدىن ئىبارەت داستانلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەسكىلىكى، گەپ يىمەيدىغانلىغى، ئۇقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكلىرى...قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى قۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ سۇسلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ‹‹ھەقىقەت››نى بىر-بىرىمىزگە ‹‹ ھال-مۇڭ›› قىلىشىپ، ئۈزىمىزنىڭكىنى توغرا قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكىرى توپلاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مايىللىغىنى قوزغايمىز.
ئۇقۇغۇچى ماھىيىتىدىن قارىغاندا ئۇ بىر بالا، بالا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بەزى ئىشلارنى بالىلىق ھىسىياتى بىلەن بەك ئويلىنىپ كەتمەيلا سادىر قىلىپ قۇيۇدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇقۇغۇچىلارغا بالىلىرىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە قىلىپ،مىھرىمىزنى ئۇنىڭ كوڭلى بىلەن بىرلەشتۈرەلىسەك،ھەم شۇ ئاساسىدا ئۇنى تەسىرلەندۈرۈپ،ئۈزىمىزنىڭ پىكىر يۈلىنىشىگە مايىل قىلالىساق،چۇقۇم بىزنىڭ تەربىيەمىزنىڭ ئۈنىمى شۇ چاغنىڭ ئۈزىدە ئۈزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى كۈرۈش مۈمكىن بولمايلا قالماي ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچى ئوترىسىدا بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىكتەك ئېغىر پىسخىكىلىق مەسىلە كىلىپ چىقىپ،ئۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ تەربىيەنى قۇبۇل قىلىپ،داۋاملىق ياخشى ئۈگىنىشىگە،ئۇقۇتقۇچىنىڭ پۈتۈن زىھنى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا تەلىم بىرىپ،تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى كۈرۈشكە بىۋاستە تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىپ،ھەر ئىككىلا تەرەپتە پاسسىپ،ئىنكاس،پاسسىپ تەسىرلەرنى شەكىللەندۇرۇدۇ.بۇنداق تەسىر،ئىنكاسلارنىڭ ئادەم ئېڭىدا ساقلىنىپ تۇرۇش ۋاختى بىر قەدەر ئۇزۈن بۇلۇپ.بۇ ھال ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشتىن سىرت،ئۇقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتىكى ئوبىرازىنىڭ تىكلىنىشىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتىقاندا تەربىيەنىڭ تەسىرى.ئۈنىمىنىڭ قانداق بۇلۇشى ئۇقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇلۇدۇ.ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئىنۋىرسال ساپاسى يۇقىرى بۇلۇپ،قايىل قىلىش كۈچى، كۈچلۈك بولسا تەربىيەنىڭ ئۈنىمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە ‹‹قۇرۇق قاپاق››نى كولدۇرلىتىدىغان ئۇقۇتقۇچى بولسا ئۇنىڭ تەربىيەسىنىڭ ئۈنىمىنى كۈرۈش ناھايتى تەس بۇلۇدۇ.
تەربىيەنىڭ ئۈنىمى –ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىغا بەرگەن تەربىيەسىنىڭ قېتىم سانىغا ئەمەس،بەلكى تەربىيە بىرىشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ئورۇنسىز،ئۈنىمسىز تەربىيە بىرىشتىن قەتتئى ساقلىنىش كېرەك.تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى تەكىتلىگەندە يەنە-ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەتلىك بۇلۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇقۇغۇچىنىڭ‹‹بالىلىقى››دىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.بىز تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى تەكىتلىگەندە چۇقۇم ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ‹‹بالىلىققى››دىن ئىبارەت ئالاھىدىلىگىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەكىتلەش بىلەن ئۇنىڭ ‹‹بالىلىق›› ئالاھىدىلىگىنى(تەبىيەتىنى) ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرەلىسەك ئوخشاشلا تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.بىز ئۇقۇغۇچىغا ئەخلاقى-پەزىلەتلىك بۇلۇش مەسىلىسىنىلا تەكىتلەپ،ئۇنىڭ بالىلىق خارەكتىرىگە كۆڭۈل بىلمىسەك بىزنىڭ تەربىيەمىز بىر تەرەپلىمىلىك تەربىيە بۇلۇپ قالغان بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ھەقىقى ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
ئۇقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيە بىرىش بىلەن ئۇلارنىڭ ‹‹بالىلىق››خارەكتىرىگە ھۆرمەت قىلىپ تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۇچۈن ئۇقۇتقۇچى بەلگۈلۈك ساپاغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك.
ئۇقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى-ئادەتتە تۈۋەندىكىدە ئۈچ تۈرلۈك يىتىشتۈرمە ئىقدىدار ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ.بىرى ئۇقۇتقۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشىلىك ئىجدىمائى(جەمىيەت)ساپا، بۇ ئۈزىنى نورمال چاغلايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىتىشتۈرۈشكە تىگىشلىك بولغان ئادەم بۇلۇش ساپاسى،يەنە بىرسى بولسا تەلىم-تەربىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرگەن كەسپىي ئەخلاق ساپاسى،ئۈچۈنچىسى بولسا-كەسپىي بىلىم سەۋىياسى(ساپاسى) بۇلۇپ مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك ساپا ھازىرلانغاندىلا  ئۇقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان بولىدۇ.
ئىجدىمائى ساپا-كىشىلەرنىڭ ياشاش جەريانىدا ئىجدىمائى بىلىمى(جەمىيەت بىلىمى) بىلەن ئىنسانى مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن ئادىمىيلىك پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان ، ئادەم بۇلۇش ئىقدىدار ساپاسىدىن  ئىبارەت.
كەسپىي ئەخلاق ساپاسى-ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ماسلىشىپ،مەكتەپ ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا ۋۇجۇدىنى بېغىشلاش ساساپاسى بۇلۇپ،ئۇ ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىنى ئۈزىگە يادىرو قىلغان ھالدا ئۇقۇتقۇچىنىڭ خارەكتىر(ئوبىرازى)نى نامايەن قىلىدىغان ساپا.
بىلىم سەۋىيەسى ساپاسى-ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ كەڭلىگى،ئۇنى ئەمىليەتكە تەتبىقلاش ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى،بىلىمىنىڭ يېڭىلىنىش دېرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى ئىپادىلەنگەن زامان قارىشى ساپاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىلىم قۇرۇلمىسى ساپاسىدىن ئىبارەت.
يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك ساپانىڭ ئورگانىك بىرلىشىپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىدە ئەكىس ئىتىش-ئەتمەسلىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەن بۇلۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى ھالقا بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار بۇ ئۈچ جەھەتتىكى ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ،پىسخىكىسىدا يېڭىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھازىرلىنىشى لازىم.
تۈۋەندە تەربىيەنىڭ ئۈنىمى ۋە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى مەسىلىسىدە كونكىرىتىنى تەرەپلەرنى ئوترىغا قۇيۇپ،كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1.تەربىيەنىڭ ئۈنىمى
تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش مەسىلىسى بولسا كونكىرىتىنى قىلىپ ئېيتىقاندا تۈۋەندىكى ئىككى ئاساسى مەسىلىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىشى بىلەن زىچ باغلانغان بۇلۇدۇ،بۇنىڭ بىرسى تەربىيە ئۇسۇلى يەنە بىرسى تەربىيەدىكى تاكتىكا مەسىلىسى.
ئۇقۇتقۇچىلار تەربىيەنىڭ تاكتىكىسى مەسىلىسىدە تۈۋەندىكىدە ئاجزىلىقلارغا قەتتىئى يول قويماسىلىغى لازىم.
1) سورۇنغا دىققەت قىلىش-بۇ دىگەنلىك ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەتراپىدىكى كەيپىيەت ۋە ئۇقۇغۇچىنىڭ شۇ ۋاختىدىكى نۇمۇس تۇيغىسى مەسىلىسىگە ئىتىبار بىرشىنى كۆرسىتىدۇ.سورۇن شۇ چاغدا ئۇقۇغۇچىغا تەربىيە بىرىشكە شەرت ھازىرلىمىغان بولسا بۇنداق تەربىيەدىن ۋاز كىچىپ،سورۇننى يوتكەش،ھەرگىزمۇ تەربىيە بىرىش شارايىتى ھازىرلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ تەربىيەنى بىرىشتەك خاتالىققا يول قويماسلىغىمىز كېرەك.
2)ئۇبىكىتىنىڭ ئىندىۋىداللىقىغا دىققەت قىلىش-ئۇقۇغۇچىنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيەنىڭ ئۇسۇلى ۋە مەزمۇننى تەكشەش كېرەك،ھەرگىزمۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ خارەكتىرىدىكى كەمچىلىك ۋە باشقا ئالاھىدە ئالاھىدىلىكلىرىنى پەش قىلىپ تەربىيە بەرمەسلىك كېرەك.بۇ خىلدىكى تەربىيەنى بىرىپ كۆڭۈل يارىسى تاپقاندىن بەرمىگەن ئەۋزەل.
3)ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە تەگمەسلىك-ھەرقانداق ئادەمدا ئىززەت-ھۆرمەت تۇيغۇسى بۇلۇدۇ.ئۇقۇغۇچىدا بۇ خىل تۈيغۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلۇدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىغا تەربىيە بىرگەندە ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تىغ كېلىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىك،بۇلۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق ساۋەنلىكنى زادىلا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تىرشىش لازىم.بۇنداق بولمىغاندا ئۇقۇغۇچىمۇ سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنى قايرىپ قۇيۇدۇ.
4)ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە جەمەتىنى تارتىپ چىقىپ تەربىيە بىرىشتى قەتتىئى ساقلىنىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا ئۇقۇغۇچىدا تېبىئى ھالدا ئۇقۇتقۇچى بىلەن ‹‹جان تىكىپ ئېلىشىش››تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ-دە ‹‹چاپىقىنى ئالىمەن دەپ ،قارىغۇ قىپتۇ››دىگەندەك ھادىسە كۈرۈلىدۇ.
5)ئۇقۇغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق-ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەخپىيىتى بولىدۇ.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹غۇرۇرى››كۈچلۈك(چۇنكى غۇرۇرغا ھىسىياتى ئارىلىشىپ كاتكەن ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرىۋاتقان دەۋرى بولغاچ) بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تەربىيە بەردىم دەپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلاپ غۇرۇرىغا تەكسەك،تەربىيەنىڭ ئۈنىمى بولمايلا قالماي ئىككى تەرەپ ئوترىسىدا مەڭگۈلۈك ئاداۋەت قېلىشى،ئېغىر بولغاندا  تەربىيەنىڭ ئۈنىمى-ئۇقۇغۇچىنى ھاياتىدىن ۋاز كىچىشكە ئۈندىشىمۇ مۇمكىن.
6)مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا چالۋاخاپ كىتىشتىن قەتتىئى ساقلىنىش لازىم.تەربىيە بىرىش توغرا كەلگەندە مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى سەۋرىچانلىق بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ‹‹كىسەلگە قاراپ،دورا بىرىش››كېرەك.سىنىپقا كىرە-كىرمەيلا چالۋاخاپ سۆزلەشكە باشلىساق بۇ تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى بولمايلا قالماي،سىنىپتا ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئوبىرازىمۇ،باللىنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىمۇ قالمايدۇ.
7)ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىستىقبالىغا باھا بىرىشتىن ساقلىنىش –بەزى ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا ھۈكۈملىرىنى چىقىرىپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ بىر ياراماس ئادەم بۇلۇپ چىقىدىغانلىغىنى ‹‹پەش›› قىلىدۇ.بۇ دەل ئۇقۇغۇچىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ، بىپەرۋا ھالەتكە يۈزلەندۈرىدۇ.نەتىچىدە سىز تەربىيىنىڭ ئەكىسى ئۈنىمىگە ئىرشىسىز.
8)ئۇقۇغۇچىنى مەنسىتمەسلىكتىن قەتتىئى ساقلىنىش-سىز ئالدىڭىزدىكى ئۇبىكىتنى ئادەم ھىساۋىدا كۆرمەي ئۇنىڭغا تەربىيە بەرسىڭىز،ئۇنىڭ نەزىرىدە سىزمۇ ئوخشاشلا ئادەم ھىساپلانمايسىز.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلىدىن ساقلىنىپ،تەربىيە جەريانىدىكى باراۋەرلىكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇقۇغۇچىغا ھىس قىلدۇرۇش لازىم.
ئۇقۇتقۇچىلار يۇقىردىكى مەسىلىلەردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتۈرىش نىشانىغا يىتىشتە ئۇسۇل جەھەتتىن تۈۋەندىكى نوقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
1)ئۇقۇغۇچىغا كۈيۈنۈش-ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيۈنۈپ،ئۇلارغا مىھرىنى ھەقىقى بېرەلىسە ،ھەرقانداق ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىنىڭ بۇ يۈكسەك پەزىلىتىدىن تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.بۇنداق بولغاندا ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچىلار بىر گەۋدىلىشىپ،بىر-بولمىسا يەنە بىرى ئۇنى سېغىنىدىغان ياخشى  بولغان‹‹ئاتا-بالىلق،ئانا بالىلق››كەيپىقيات شەكىللىنىدۇ.
2)ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولىشى كېرەك.بۇنداق بولغاندا ساۋاقداشلارغا ئادىل،باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ،مەسىلىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تۈپ نوقتىسىدىن ھەل قىلىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قايىللىق تۇيغىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا بىزنىڭ تەربىيەرىمىزنىڭ ئۈنىمىمۇ بولمايدۇ.
3)مەسىلىلەرگە يولۇققاندا،ئېغىر-بېسىق سەۋرىچان بۇلۇش،ئالدىراپ خۇلاسسە چىقىرىۋەتمەسلىك لازىم.بۇنداق ئەھۋالدا پىكىر ئېلىش دائىرىمىزنى كەڭەيتىپ،مەسىلىنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى يەكۈنلىگەندىن كىيىن ئۇمۇمى يۈزلۈك خۇلاسسە چىقىرىشقا ئۆتۈش كېرەك.يەڭگىللىك قىلىش مەسىلىنىڭ ھەل بۇلۇشتىكى توغرىلىق نىسپىتىنى تۈۋەنلىتىپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ قايىل بۇلۇش،قۇبۇل قىلىش ھالىتىگە كىرىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
4)ئۇقۇغۇچىغا ئىشىنىش-ئۇقۇغۇچىغا ئىشىنىش مەسىلىسى ئۇقۇغۇچىنىڭ كولىدىكى ئوبىرازىمىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىز ئۇنىڭغا ئىشەنسەك ،ئۇمۇ بىزگە ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈزىنىڭ ھەقىقى بىر دوستى ۋە ئىستىقپالىنىڭ ئۈمۇتى ئىكەنلىگىمىزگە ئىشىنىدۇ.
5)ئۇقۇغۇچىلارنى قوغداش-ئۇقۇغچىلارغا ئىگە بۇلۇپ،ئۇنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن قوغدىساق ،ئۇقۇغۇچىغا نىسپەتەن  بىر روھى تۈۋرۈكلۈك ئوبىرازىمىز نامايەن بۇلۇدۇ.ئۇقۇغۇچىغا بىخەتەرلىك تۇيغىسى بېرەلەيمىز.شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلاردا ئۇقۇتقۇچىسىنى ‹‹چوڭ بىلىش››پىسخىكىسىنى يىتىلدۈرەلەيمىز.بۇنىڭدىن ئۇقۇغۇچىغا نىسپەتەن پەرۋاسىز بولىشىمىزنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئەھۋاللىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
6)ئۇقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش-ئىنسان تەبىيىتىدىن قارىغاندا ئادەملەر شەخسىيەتچى بۇلۇپ،ئۇنىڭدا شان-شەرەپ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ.بىز تەربىيە جەريانىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ،ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرگەندە- ،تەربىيە بىلەن ئىلھام بىرىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۇرۇپ تەربىيلەشنى ئىشقا ئاشۇرساق، تەربىيەنىڭ ئۈنىمى يۇقىرى بولىدۇ.
7)تەسىرلەندۈرۈپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش –تەسىرلەندۈرۈپ تەربىيلەش ئۇقۇغۇچىنىڭ جەمەتى،مەھەللىسى،مىللىتى،دۆلىتىدىن چىققان بىر قىسىم مۇناۋۋەر كىشىلەر،پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى بىلدۈرۈپ،ئۇقۇغۇچى پەخىرلىشى تۇيغۇسى ۋە نۇمۇس تۇيغىسىنى ھاسىل قىلىپ،ئۈزى قىلغان ئىشتىن ئۆكىنىدىغان،شۇنداق ئىشنى قايتا قىلسا يۇقارقىلارغا يۈز كەلەلمەيدىغاندەك پىسخىكىنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۇقۇغۇچىدا ۋىجدان،بۇرۇچ تۇيغۇسى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىش لازىم.
يۇقىردىكى تاكتىكىلىق ۋە ئۇسۇل جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىساق تەربىيەنىڭ ئۈنىمىگە ئىرىشمىكىمىز تەس ئەمەس.
2.ئۇقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى
يۇقارقىلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ،تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز دەيدىكەنمىز،ئۇقۇتقۇچىلار تۈۋەندىكى ھەر تەرەپلەمە ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ،تەربىيەگە ماسلىشى ئىختىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.
1)ئۇقۇتقۇچى جەمىيەتنى چۈشىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۈزىدىكى ماكان ۋە زامان ئېڭىنى توغرا يىتىلدۈرىشى.ماكان جەھەتتىكى ياشاش شارايىتى بىلەن زامان جەھەتتىكى تىزلىك ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى توغرا تۇنۇپ يەتەلەيدىغان دەۋرى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇقۇغۇچىلارغا دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش تەربىيەسى بەرەلەيدىغان ئىقدىدارنى ھازىرلاش لازىم.
2) كىشلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش،ھەم بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بۇلۇش ئىختىدارنى يىتىلدۈرش لازىم.ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ ھۆيلىسى مەسىنىيىتىكە كۆپ ئۇچرايدىغان كىشىلەر بولغانلىغى ئۈچۈن كىشىلەر بىلەن كىشىلەر،كىشىلەر بىلەن جەمىيەت ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشتا كۆپىنچە مەكتەپ مەدىنىيىتى پىرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ،كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قۇيۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى بولغان ئادەم كىشىلىك مۇناسىۋەتتە مەكتەپ ئىچىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇقۇغۇچىلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئۇ جەمىيەتتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چۈكەليدىغان بۇلۇشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا ئۇقۇغۇچىلارغا ئادەم بۇلۇشنىڭ توغرا يۇلىنى كۆرسۈتۈپ بېرىش جەھەتتىن بەلگۈلۈك نەتىچىگە ئىرشەلەيدۇ.
3)ئۇقۇتقۇچىلاردا يۈكسەك ئادىمىلىك پەزىلەت بۇلۇشى كېرەك.ئۇقۇتقۇچى ئادىميلىك ئەخلاقىنى يوقاتسا ئۇقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ،مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى زۇلمەت باسىدۇ.
4)ئۈزىنى بىلىش،ئۈزىنى ھۆرمەت قىلىش تۇيغىسى بۇلۇش كېرەك.ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىنى بىلىش تۇيغىسىنى يىتىلدۈرۋالسا ئۈزىنىڭ كىم ئۈچۈن،نىمە ئۈچۈن،كىمنى تەربىلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەسئۇليىتىنى ئېنىق تۇنۇپ يېتىدۇ.ئۈزىنى ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنى يىتىلدۇرۋالسا شۇ ئاساستا باشقىلارنى ۋە ئۇقۇغۇچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇرۇچنى ئادا قىلىپ،ئۈزىنىڭ  ئۇلار ئالدىدىكى ھۆرمەتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.چۈنكى بىزدە‹‹ھۆرمەت قىلساڭ،ھۆرمەت تاپارسەن››دىگەن ھىكىمەت بار.
5)ئۆز كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى-ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۇيۈدىغان قەلىب بولمىسا ئۇقۇتقۇچى مەڭگۈ ياخشى ئۇقۇتقۇچى بولالمايدۇ.كەسپىنى قىزغىن سۈيۈش ئەمىليەتتە مائارىپ ئىشلىرى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈش ئاساسىدا بولىدۇ.بۇ نوقتىدىن كەسپىنى سۇيۇش مەسىلىسىنىڭ ئۇقۇتقۇچى ساپاسىنىڭ يادىروسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن بىر تەخىرسىزلىكتۇر.
6)بىلىم سەۋىيىسى-بۇ جەھەتتە ئۇقۇتقۇچى كەسپىي بىلىملەرگە پۇختا بۇلۇش بىلەن بىرگە بىلىمنى يېڭىلاپ،بىلىمنىڭ كونىراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى،ئۈگەنگەن نەزىريەۋى بىلىملەرنى ئەمىليەت بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان،شۇ ئاساستا ئۇقۇغۇچىغا نەپ بېرەلەيدىغان ئاسى بىلىم ۋە ئاساسى ئىقدىدار ساپاسىنى ھازىرلاشى كېرەك.قابۇليەتسىز ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئالدىدا ھۆرمىتى بولمايدۇ.
7)ئۇقۇتقۇچىنىڭ خارەكتىر-پەزىلىتى ياخشى بۇلىشى كېرەك.ئۇقۇتقۇچى تىرىككەك،چېچىلاڭغۇ،يالغانچى،لەۋزىدە تۇرمايدىغان،قۇسۇر ئىزدەشكە ئامراق،باشقىلارنىڭ ئارامسىزلىقىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئىچى تار بۇلۇپ قالسا،بۇنداق ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى،كەسپىي ئەخلاقى بىلەن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش پەزىلىتى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلالماي،بۇرۇقتۇملۇقنىڭ ئىچىدە يۈرۈيدۇ.بۇنداق ئۇقۇتقۇچىدىن ئۇقۇغۇچىلار بىزار.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىنىڭ خارەكتىر پەزىلىتىنى يىتەكلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.
ئۇقۇتقۇچىلاردا يۇقارقى ساپالار ھازىرلانسا ئۇقۇتقۇچىنىڭ  كەسپى ساپسى ۋە ئادەم بۇلۇش ساپسى بىر قەدەر گەۋدىلىك تەرەققى قىلغان بۇلۇدۇ.
***                     ***                   ***             ***
يىغىنچاقلاپ ئېيتىقاندا تەربىيەنىڭ ئۈنىمى تەربىيە بىرشىتىكى ئۇسۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپلا قالماي يەنە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىغىمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇلۇدۇ.
(ئۆز يازمام)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

ۋىجدانلىق ئادەم

UID
2695
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
285
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 20:06:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى خەت نۇسخسىنى ئىشلەتكەن خەتلەر توغرا ئەمەسقۇ.

UID
3644
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 21:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ،ئوقۇتقۇچى ساپاسىنىڭ موھىملىقىنى ناھايىتى ئەتراپلىق شەرھىلەپسىز. بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،سىز ئوتتۇرغا قويغا ‹‹ ئۈچ خىل ساپا›› ئىنتايىن موھىم. كونىلاردا:‹‹ ئوقۇغۇچىغا بىر ئۇچۇم سۇ بىرىش ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولۇش كېرەك.›› دەيدۇ. بۇ دەل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئونۋىرسال بولغان پەن-مەدەنىيەت ساپاغا ئىگە بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. يەنە:‹‹ ئوقۇتقۇچى ئۆز ھەركىتى ئارقلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك.›› دەيدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاق ساپاسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەم بىلىم بەرگۈچى ھەم ئادەم تەربىيىلىگۈچى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى يورۇتسا، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى ئارقىلىق ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگۈتىدۇ. دېمەك ئوقۇتقۇچى ‹‹ رامكا ››ئىچىدىكى ئادەم. بۇمۇ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ جاپالىق بولۇشىنىڭ بىر تەرىپى بولسا كېرەك. ئەۋلاتلار ئۈچۈن ھەممىمىز تىرىشچانلىق كۆرسۈتەيلى!   بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 12:48:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ماقالىلەرنى تولا كۆرمەن.گېزىتتا،مائارىپ ژورناللىرىدا لىكىن ئادەمنىڭ قىزىقشىنى تارتالمايدۇ.كونا گەپ كونا مۇقام.ئوخشاش تەكرار پىكىر.  

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 13:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
soygum يوللىغان ۋاقتى  2012-1-26 12:48
مۇشۇنداق ماقالىلەرنى تولا كۆرمەن.گېزىتتا،مائارىپ ژور ...

سىزگە شۇنداق كونا تۇيۇلغان ئىشلار بەزىلەرگە يېڭىلىق بۇلىشىمۇ مۇمكىن

UID
3644
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 20:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ھەممە ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتقان،قىززىقىشىنى قوزغىغان بولسا، مائارىپىمىز....

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 00:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ئىنكارە، ئاخىرنى دېمەمسىز گەپنىڭ ،خۇددى تېلفون ئۈزلۈپ گەپنىڭ ئاخىرى قېلىپ قالغاندەك نېمانداق چېكىت چىكىتكەن ئۇ،
ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دەيدىغان گەپ يوقما؟ ھە دېسلا ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەلەپ، بېسىم، يەنە قانداقتۇر ئىقتىدارلار بولسا مۇلازىمەت تۈرلىرى دەيدىغان بىر نەزەرىيەنى چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ  ئىشلىرنى قىلشىپ بەرسە دېمەپسىلەر، مەنغۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەس،لىكىن  ئەتىگىنى ھەممىدن ئوقۇتقۇچلارنىڭ ئىدارىغا ئالدراپ كېتىۋاتقانلىقنى ئۇلارنىڭ چىراينىڭ سەل بىچارلىشپ قالغانلىقنى كۆرمەن،15 يىل ئاۋالقى ئۇستازىمنى كۆردۇم دەۋرگە ماسلاشمىغان كيىم كېچكى بىلەن قوڭالتاق ۋىلىسپتى تېخىچە بار ئىكەن سىلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ،،ئادەم ئەمەس باشقا نەرسە بولسۇن دەيدىغان  ئوخشىمامسلەر؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 00:50):
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستى دەمسلەر؟ئۇلارغا روھى كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك

UID
16845
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
303
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 02:51:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇر مەنبەئەسىنىڭ كۆپ خىللىشى ،جەمىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەلبى تەسىرىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىشى ۋە ئائىلىلەرنىڭ بالا تەربىيەلەش ئېڭىنىڭ دەۋىر بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالماسلىغى تۈپەيلى ،تەبىئىكى  نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەر مەيدانغا كەلىۋاتىدۇ . شۇڭا مائارىپىمىزدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر بارغانچە يوقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ .بۇ ماقالىدە بەزى تەرەپلەر ھەرھالدا ئىنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ .لىكىن بەزى قاراشلارنىڭ نەزىريەۋى ئاساسىي يېتەرلىك بولماپتۇ .مەسىلەن ،ئوقۇتقۇچىلاردا ئۈچ خىل ساپا بولىشى تەكىتلىنىپتۇ.بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلى  ئىلمىي ئەمەس .نەزىريە جەھەتتىن بىز مۇنداق تۆت خىل ساپانىڭ بولىشى تەلەپ قىلىمىز .
1.كەسپىي ئەخلاق ساپاسى ---ئۇ ئوقۇتقۇچىدا مائارىپنى سۆيۇش ،ئوقۇغۇچىنى سۆيۈش ،مەكتەپنى سۆيۈش ۋە ئۆز كەسپىنى سۆيۈشىدىن ئىبارەت  ئوتلۇق يۈرەكنىڭ بولىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2.مەدەنىي پەننى ساپاسى ----ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەرلىك كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولىشى ،مائارىپنىڭ ئاساسىي نەزىريەلىرىنى پۇختا بىلىشى ،مائارىپ تەتقىقات ئاساسىي بىلىمىگە ئىگە بولىشى ۋە ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كەسپى بىلىملەرنى پۇختا بىلىشى  قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ .
3.كەسپىي قابىلىيەت ساپاسى ---ئۇ ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق چوڭقۇر چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ بولىشى ،ئىدىيە ئەخلاق تەربىيەسى ئىلىپ بارالايدىغان قابىيىتىنىڭ بولىشى ،ئۆزى ئۆتىۋاتقان دەرىسنىڭ دەرىس ئۆلچىمى ۋە دەرىسلىك سېستىمىسىنى ئۆزىنىڭ بەش قولىنى بىلگەندەك بىلىش قابىلىيىتىنىڭ بولىشىنى ،دەرىسخانە ئوقۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بولىشى ،دەرىستىن سېرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش قابىلىيىتىنىڭ بولىشى ،ئۆزىنىڭ ھەر بىر سائەتلىك دەرىسىنى ئوپراتسىيە (تەتقىق )قىلىش قابىلىيىتىڭ بولىشىنى كۆرسىتىدۇ.
4.پىسىخىك ساپاسى----ئۇ بىرىنچىدىن ،ئوقۇتقۇچىدا بىلىم ئېلىش ئىستىگىنىڭ بولىشى ،ئۆتكۈر كۈزۈتۈش ئىقتىدارىنىڭ بولىشى ،ئۆز ھېسىياتىنى كونتۇرۇل قىلىشقا ماھىر بولۇش،ئالدىراپ تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىۋالماسلىق ،جانلىق تەپەككۈر ئىقتىدارىنىڭ بولىشى،مول تەسەۋۇرغا ئىگە بولۇش قاتارلىقلاردىن تەركىپن تاپقان بىلىش جەريانىدىكى پىسخىك ساپالارنى ھازىرلىشىنى ؛ ئىكىنچىدىن ،ئوقۇتقۇچى ھېسىيات جەريانىدىكى خۇشخۇي،سەمىمى،ئاقىلانە،كەڭ قورساق ،ئۆزىنى تۇتىۋالغان بولۇش،ھېسىداشلىق قىلىدىغان، ھەققانى،ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىك ساپاغا ئىگە بولىشىنى؛ ئۈچۈنچىدىن ،ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ(ھەر خىل ئىدىيە ،ھەر خىل خارەكتىر ،ھەر خىل ئىدراكى سەۋىيىسى ،ھەر خىل قىزىقىش)  بىلىش جەھەتتىكى پەرىقلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشىنى؛ تۆىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار يەككىسىنىڭ بىلىش جەھەتتىكى پەرىقلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشىنى؛بەشىنچىدىن ،ئۆزىنى بىلىشتىكى  پەرىقلەرنى توغرا  بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇش دىن ئىبارەت تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مېنىڭ يازغانلىرىم نەزىريەگە ئايلانغان بىلىملەر .ھىچ بولمىغاندا جوڭگۇچە نەزىريەلەر .مۇبادا ،ھەر بىريەكۈنىڭىزگە مۇشۇ جۈملىلەرنىڭ ئىچىدىن دەلىللەرنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز ،تېمىڭىز كېشىنى تېخىممىۇ قايىل قىلارلىق بولار ئىدى.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 11:21:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewelgha
ياخشىمۇ سىز؟
پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزدىن سۈيۈندىم.
سىز ئوترىغا قويغان ئۇقۇتقۇچىلاردىكى پىسخىك ساپا بىلەن مەسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قابۇليەت ساپاسى،ماقالىدىكى ئۇقۇتقۇچىلار يىتىشتۇرۇشكە تىگىشلىك ئىجدىمەئى ساپا كاتىگۈرىيەسىدە ئېنىق ئىپادىسىنى تاپقان.بۇنىڭدا ئوترىغا قويۇلغان ئادىمىيلىك پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە پىسخىكىلىق پەزىلىتىگە قارتىلغان،ئادەم بۇلۇش ئىقدىدارى كىشىلەرنىڭ قابۇليىتىگە قارتىغان.
تۋەندىكى مەزمۇننى يەنە بىر ئۇقۇپ كۆرىشىڭىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن
_____________
ئىجدىمائى ساپا-كىشىلەرنىڭ ياشاش جەريانىدا ئىجدىمائى بىلىمى(جەمىيەت بىلىمى) بىلەن ئىنسانى مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن ئادىمىيلىك پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان ، ئادەم بۇلۇش ئىقدىدار ساپاسىدىن  ئىبارەت.
سالامەت بۇلۇڭ!

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 15:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مائارىپچى ۋە ئاتا -ئانىلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بىر ياخشى يازما دىسەم ئارتۇق كەتمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش