ئەتلەسمۇ ياكى ئىكاتمۇ ؟
(ئەلكۈيى تورى مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى)

ئادەتتە بىرەر يات مىللەت ئادەملىرى بىزدىن مىللىي ئالاھىدىلىكىمىز توغرىسىدا سوراپ كىيىم توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ قالغاندا بىز ئىنتايىن راۋانلا «ئەتلەس»نى كۆرسىتىپ بېرىمىز،بۇ ئەتلەس بۇخىل رەختنىڭ كىينىش ئۇسلۇبى سۈپىتىدە بىزنىڭ كاللىمىزدا مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنىڭ بىر كىچىك تارمىقى سۈپىتىدە ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىنىش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان خېلى كۆپلىگەن ماركىلار مەيدانغا چىقتى ئانچە-مۇنچە نەتىجىلەرمۇ قولغا كەلتۈرۈلگەن بولدى.
خېلى ئۇزۇننىڭ ياقى دۇنيا مودا كىيىم ساھەسىدىكى داڭلىقلارنىڭ ئەتلەسكە كۆزى چۈشكەنلىكى، نۇرغۇنلارنىڭ لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ يۈرۈشلۈك كىيىملەرنى چىقارغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدۇق.بۇنىڭدىن ھەيران قېلىش زوقلىنىشلار بولغاندىن كېيىن زادى قايسى داڭلىق لايىھىلىگۈچىنىڭ ئەتلەسنى ئىشلىتىپ چىرايلىق كۆينەكلەرنى تىكىۋەتكەنلىكىنى بىر كۆرۈپ باققىمىز كېلىپ قالدى؛ لېكىن تورغا ئەتلەسنى لاتىنچە ئۇنداق بۇنداق قىلىپ يېزىپ بېقىپ ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيمىز ،شۇنىڭدىن كىيىن بۇ قۇرۇق پاراڭكەندە دەپ ئىزدەشتىن يالتىيىپ قالدۇق،لېكىن ئەسلىدە تېخىمۇ ئېتىشىپ باقساق «ikatئىكات»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل رەختىنىڭ بىزنىڭ ئەتلەسگە خېلىلا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپ قالىمىز .ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدەپ كۆرسەك ئۇنىڭ راستىنلا ئەتلەس ئىكەنلىكىنى لېكىن ئەتلەسگە ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆرىۋالىمىز، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى تېپىپ كۆرۈپ باقساق ۋىكىپىدىيە مۇنداق دېيىلگەن:
« ئىكات دۇنيادىكى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ئورتاق كىينىش ئۇسلۇبى. ئۇھەمدە قەدىمىي توقۇمچىلىق تىخنىكىلىرىنىڭ بىرسى. ئىكات ھېندونىزىيە تىلىدىكى سۆز بولۇپ باغلاش دېگەن مەنىدە مەركىزىي ئاسيا ھەم ،جەنۇبىي ئامېرىكىدا ،ئارگىنىتىنا،بولۋىيە،ئىكۋاتور،گۋاتېمالا،مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇخىل بوياش تېخنىكىسى ئورتاق..
19-ئەسردە يىپەك يولىدىكى بۇخارا ھەم سەمەرقەنت ئۆزىنىڭ ئېسىل يىپىكى ئىكات بىلەن داڭ چىقارغان..ئىكات بوياش تىخنىكىسى يەنە ئىسپانىيەنىڭ مالوركادىمۇ مەۋجۇد.
ھېندىستان،ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن شەرقىي جەنۇبىي ئاسيا ئەللىرى يەنە مەسلەن كامبودژا،فىلىپپىن،بىرما،تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىكات كىيىشى ئۇزۇن تارىخقا تارىخىغا ئىگە.
2011-يىلى ھېندونىيزىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرنىڭ ئىكات توقۇش تېخنىكىسى ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى».
بۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ؛ چۈنكى بىز ئۆزبەكلەرنىڭ بىز بىلەن ئوخشاش ئەتلەس توقۇش تېخنىكىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ لېكىن ھېندونىزىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ جەنۇبىي ئامېرىكا ھەم ياۋروپادىمۇ بۇ خىل تېخنىكىنىڭ بولۇشى قارىماققا ھەيران قالارلىق ھەم قىزىقارلىق ئىش!
ئەمەلىيەتتە ھازىر خەلقئارادا ئورتاق ئىتراپ قىلىدىغان ئىكات بىر خىل توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى بوياشى تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى ئۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،كۆپلىگەن مىللەت دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولسىمۇ لېكىن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغىنى ھېندونىزىيە ئىكاتى ھەم ئۆزبىكىستان ئىكاتى ،ئۆزبەكىستان ئىكاتى بىز بىلىدىغان ئەتلەس شۇ .ئۆزبىكسىتانلىقلارمۇ ئۇنى ئۆزى ئەتلەس دەپ ئاتىغان بىلەن بەزى رەسمىي ئىشلاردا ئىكات دەيدۇ.
كىشنى كۆڭلىنى سەل غەش قىلىدىغان بىر يېرى ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھېچ يەردە تىلغا ئالماسلىقى ،بۇ دەسلەپتە ئەتلەستىن كىيىم لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەيى قىلغانلىقى ھەمدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەسچىلىكىمىزنىڭ بىر كىچىك دائىرىدە چەكلىنىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كەلگۈسىدە ئەتلەس تېخىمۇ كۆپلەپ تارقىلىشى ھەم چوڭ-كىچىك ماركىدا ئۇنىڭدىن كىيىم-كىچەك ھەم ھەرخىل بۇيۇملار كۆپلەپ ياسىلىشى، كېيىنچە رايونىمىزغا ئۇ ئىكات نامى بىلەن كىرىپ كېلىشى مۇمكىن.شۇ ۋاقتتا بىز ئۇنىڭ «چەتئەلنىڭ ماۋۇ ماركىسىدىكى ئىكات كۆينەك »دېگىنىمىزدە كىچىكىمىزدىن كۆرۈپ كەلگەن بۇ رەڭلىك رەختتىن تىكىلگەن زامانىۋى كىيىملەردىن خۇشال بولۇشىمىز، لېكىن ئۇنىڭ يەنىلا ئۆز ئۇستىلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىقمىغانلىقىغا كۆڭلىمىز يېرىم بولۇشى مۇمكىن.
ۋىكىپىدىيە تورى قاتارلىقلارنىڭ ئېنىقلىمىسى ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، مودا ساھەسىدىنىڭ ئەتلەسگە بولغان چۈشەنچىسىمۇ يېڭىلىنىدۇ،بىز ئۇلارنىڭ ئەتلەسنى ئىكات دەۋالغانلىقىغا ۋە ياكى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا بىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىغا ماي تارتىپ يۈرسەك كەلگۈسدە ئۇيغۇرلار ئەتلەسنى ئىكات دېسە ئىكات دەيدىغان ئىش يۈز بەرسە يۈر بېرىدىكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەتلەسنى تاشلاپ قويدى دەپ قاقشاشلار كۆپ بولۇنغان ؛ شۇ ۋاقتتا كىشىلەر ئەتلەسنى بىر مىللىي ئالاھىدىلىك خۇسۇسىيىتىنى كۆپرەك تەكىتلەپ ئەتلەسنىڭ گۈزەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقت قىلىپ قويغان ،ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيادىكى باشقا مىللەت خانىم قىزلىرىغا ئوخشاش ياشاش مۇھىتى،تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئانىلىرىمىزدىن كۆپ پەرقلىنىمىز،پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى ياسىنىش ھازىرقى بىزگە ماس كەلمەيدۇ،ئەتلەس ئىلگىرى گۈزەللىك ئېقىمى ئىدى، ھازىرمۇ بولالايدۇ. لېكىن بۇنىڭدا يالغۇز ئۇنىڭ مىللىي كىينىش ئۇسلۇبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كار قىلمايدۇ،ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك ،دۇنيادىكى داڭلىق لايىھىلىگۈچى ،تىككۈچىلەرنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەتلەس نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ئۆزىنى جۇلالاندۇردى، ئۇيغۇر توقۇمىچىلار، لايىھىلىگۈچىلەرگە تاشلانغان ۋەزىپە ئېغىر،ئۇلار بۇ قەدىمىي ئۇسلۇبتا ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى نامايان قىلىش كېرەك،شۇندىلا بىزنىڭ ئەتلىسىمىز ئەل ئىچىدە ئەسلىي نامىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا دۇنيادىكى ئىكاتلار چوڭ ئائىلىسدە «ئۆزبەك ئىكاتى»،«ھېندونىزىيە ئىكاتى»غا ئوخشاش ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋالىلداپ تۇرالايدۇ.
مودا ۋە ئەتلەس(ئىكات)

2005-يىلى ئوسكار دېلا رېنتا تۇنجى قېتىم ئۆزبەك ئىكاتى(ئەتلەس)دىن ئىلھام ئېلىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىشلەتگەن ئۇنىڭدىن كىين گۇچى،جۇۋايىس ۋان نوتىن قاتارلىق ماركىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىكات(ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ)نى ئۆزلىرىنىڭ كىيملىرىدە ئىشلىتىشكە باشلىدى.2009-يىلى ھەم 2010-يىلى ئەتلەس يەنە بىر قېتىم مودا كىيىم ساھەسىدە ئېقىمغا ئايلاندى خېلى كۆپ ماركىلار ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن كىيملىرىنى ئېلان قىلدى،ئۇنىڭدىن باشقا ئەتلەستىن ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملار كەينى-كەينىدىن كىشىلەر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.


ھېندونىزىيە ئىكاتى

2005-يىلى ئوسكار دېلا رېنتا

مىسسونى 2006 كۈز

نايىم خان 2008 كۈز


گۇچى 2010 ياز-كۈز

بالىنسىياگا 2007 كۈز

ئامانى 2007 كۈز

جېننى كەيىن 2008 ئەتىياز

پروئېنزا سۋاۋلىر 2011







جۇۋايىس ۋان نوتىن 2010 ئەتىياز-ياز



ئوسكار دېلا رېنتا

ھېندىستانلىقلارنىڭ ئىكات رەخت كىيمى

(قارىماققا ئاددىيلا كۆرۈنىدىغان بۇ ئاياغنىڭ باھاسى 3800يۈەن)







ھەرخىل ئىكات بۇيۇملار
چولپانلار (ئىكات)ئەتلەس كىيىگەندە

داڭلىق مودىل ھەيدى كلۇم
بېيونسى

ۋىكتورىيە بىكھام

كرستىن ستىيۇۋۇرت (ئىكات بۇ خىل رەختنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

رېيچىل بىلسون

روسىيەلىك داڭلىق مودىل ساشا پۋوۋاروۋا

ئاشۋاريا راي

بىپاشا باسۇ
پەرىس خىلتون

نىكى خىلتون

شىۋىتسىيەلىك مودىل فىرىدا گۇستاۋسون

جەنىيىرىي جونىس

ئەلكۈيى تورى بۇ ئىككى پارچە سۈرەت توغرۇلۇق كىچىككىنە چۈشەندۈرۈش بېرىپ قويۇش كېرەك دەپ قارايدۇ: ئىلگىرى بەزى تورداشلار بۇنى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ دەپ پەخىرلىنىپ تورلاردا تارقىتىپ يۈرگەن ،ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتتىكى كىيملەر ئۆزبىكىستان پرېزدېنتى كەرىموۋنىڭ ھەممىگە يېتىشلىك،چېىپلغاق قىزى گۈلنارا كەرىموۋانىڭ نامىدىكى ماركا «گۈلى»نىڭ كىيملىرى،كەرىموۋنىڭ قىزىنىڭ ماركىسىنى «تالىشىش»....ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنچە پەخرلىك ئىش ئەمەس،ھەم بىزنىڭ مىجەزىمىزگىمۇ ياتمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېمىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن باشقا تور بېكەت،مەتبۇئات،بلوگ ،مۇنبەرلەردە يۆتكەپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.مىكرو بلوگلاردا تارقاتقاندا ئەسلى ئادرېسىنى ئەلكۈيى تورىدىن ئېنىق قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.