كۆرۈش: 3299|ئىنكاس: 13

سىزئەقىل - پاراسىتىڭىزنى قانچىلىك ئىشلىتىۋاتىسىز      تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!  قەۋەت تالىشىشنى باشلاش2012-1-13 23:57  قەۋەت تالىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش:2012-6-23 23:57 

UID
22789
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 03:07:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          سىزئەقىل - پاراسىتىڭىزنى قانچىلىك ئىشلىتىۋاتىسىز                                             

بىز ئنساللارنىڭ  ھايۋانلار  بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى  ئەڭ چوڭ  پەرقىمىز  بولسا،ئاڭلىق،ئەقىل-پاراسەتلىك بولغىنىمىزدا.ئۇنداقتا  سىز ئەقىل-پاراسىتىڭىزنى قانچىلىك  ئىشلىتىۋاتىسىز ؟قانچىلىك  پايدىلىنىۋاتىسىز؟

بەلكىم سىز بۇ سوئاللارغا يۈزەكىلا جاۋاپ بېرىشىڭىز،ياكى ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ كاللا ئشلىتىشىمىز يوقدىيەرلىك، خالاس.شۇنچە داڭلىق ئالىم ،ئىجادىيەتچىنىڭ ،ئەقىل-پاراسىتىمۇ 10 پىرسەنت ئشلىگەن يەردە ،بىزنىڭكىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟!

سىزنىڭچە شۇ ئالىملىرىمىزنىڭ،شۇ ئىجادىيەتچىللىرىمىزنىڭ،شۇمەشھۇر يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئالاھىدەئىقتىدارى بارمىدۇ؟ئۇلارنى تەڭرى ئالاھىدە ياراتقانمىدۇ؟...

مىنىڭچە بۇ قاراش خاتا،پەقەت سىزنىڭ ھەممىلا يېرىڭىز بىجىرىم بولىدىكەن،شۇلاردابولغان ئىقتىدار،تەپەككۇر،ئەقىل-پاراسەت،سىزدىمۇ بۇلىدۇ ،ئەلۋەتتە. سىز پەقەت ئۆزىڭىزدىكى شۇ قابىلىيەتنى تونىيالىسىڭىز ،شۇنى ئىشلىتىشنى بىلسىڭىز،تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز،ئەقىل- پاراسەت سىزنىمۇ ئاشۇ ئۇلۇغلىرىمىزدەك كۆككە كۆتۇرگەن بولاتتى.

ئۇنداق بولسا ،ئەقىل-پاراسەتنى  قانداق ئىشلىتىمىز؟ئۇنى ئىشلىتىش شۇنچە ئوڭايمۇ؟

ياق ،ياق،ئۇنى ئىشلىتىشمۇ،ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس.  ئاددى بولغان بولسا،دۇنيادىكى ھەممىلاكىشى ئالىم،تەتقىقاتچى،ئىنژىنىر، دوكتۇر، بوپكەتمەسمىدى؟ئۇ بىزدىن ئېغىر ئەقلى ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ،ھەم بىدىن شەيئلەرگەبولغان سەزگۇرلۇك،ئىنچىكىلىك ،ئىزدىنىشچانلىق روھى،ۋە شۇنداقلا  جاپاغا چىداش روھىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

بوۋام ماڭا مۇنداق بىرھىكايىنى  سۆزلەپ بەرگەن ئىدى؛

بۇرۇن بىر پادىشاھنىڭ  بىر  جۇپ قوشكىزەك ئوغلى بولغان ئىكەن.بىركۇنى ۋەزىر پادىشاھقا  ،خەلىقنىڭ بەزىبىر قارنىيەت ئەمەلدارلار سەۋەپلىك، ئېغىر  كۈنلەرگە قالغانلىقىنى، تىزدىن بىرئادەم تېپىپ  ،خەلىق ئارسىغا ئەۋەتىپ ،تىڭتىڭلاپ بېقىشى  توغرىسىدا  تەكلىپ بېرىپتۇ.پادىشاھ ئۇيان ئويلۇنۇپ،بۇيان ئويلۇنۇپ،ئاخىرى قوشكىزەك باللىرىنى  مۇۋاپىق كۆرۇپتۇ.ۋەئۇلارغا ،بۇ ئىشنى  ھەل قىلىدىغان ياخشى  ئامال تېپىپ كەلسە،شۇنى ئۆزىنىڭ  ۋارىسى  قىلىدىغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ.بالىلارمۇ قوشۇلۇپ ،يولغا  چىقىپتۇ.

ئۇلارنىڭ  بۇ تېخى تۇنجى سەپرى بولغاچقا، بىر بىرىدىن زادىلا ئايرىلماي  مېڭىپتۇ.ئنىسى  كوچىدا  بولىۋاتقان  ،كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ ،ئالاھىدە كۈزۈتۈپ مېڭىپتۇ،ئاكىسى بولساچوڭ ئىشلارغىلا  كۆڭۈل بۆلۈپ ،كىچىك ئىشلار بىلان كارى بولماپتۇ.

ئاخىرى تەشكۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ ،ئۇلار  ئوردىغا  قايتىپتۇ.ۋە بىر پارچىدىن  دوكىلات يېزىپ، ئەتىسى پادىشھنىڭ  ھوزۇرىغا كىرىپتى.كىچىك ئوغلىنىڭ يازغانلىرى  ،خاننى  قايىل قىپتۇ،لىكىن  چوڭ ئوغلىنىڭ بەكلا يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭبىلەن  خان  ۋارىسلىق ئورۇننى  كىچىك  ئوغلىغا  بېرىپتۇ. ئاكىسى  ھەيران بولۇپ سوراپتۇ؛

ــــ  ئىنىم ، بىز بۇ  بىر  ئايلىق ساياھەت چەريانىدا  زادىلا  ئايرىلمىغان  تۇرساق ،سىنىڭ  ھىسقىلغىنىڭ  قانداق قىلىپ  مىنىڭكىدىن ياخشى  چىقتى ؟،ـــــ  دەپتۇ.ئىنىسى؛

بۇ پەقەت مىنىڭ ئىشلارغابەك  ئىنچىكە قارىغىنىمدا ،خەلىق  ئاممىسىغا چوڭقۇر  چۆكۇپ  ،يۇزبەرگەن ئىشلار ئۇستىدە  كۆپ مۇلاھىزە  يۇرگۇزگەنلىكىمدە،ــــ دەپتۇ.

دىمەك ئادەم،ئەقىل پاراسەت ئىشلىتىشكە ماھىر،ئەستايىدىل، ئىنچىكە ،تىرىشچان بولىدىكەن،ئۇ كىشى  باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش  بىر  ئىشتىن،باشقىلارغا قارىغاندا  ئالاھىدە بولغان يەكۈن چىقىرالايدۇ،كۆزلىگەن نىشانىغا يىتەلەيدۇ.شۇڭا  دوسلار  ئەقىل- پاراسىتىمىزنى ئىشلىتىپ تۇرايلى،ھەرگىزمۇ ئەقىل- پاراسەتنىڭ ئاچقۇچىنى داتلاشتۇرۇپ   قويمايلى.ئەقىل پاراسەت  ئىشكىمىزنى  مەڭگۈلۈك  قۇلۇپلىۋەتمەيلى.بىز تىرىشىدىكەنمىز،ئەقىل -پاراسىتىمىزنى  ئشلىتىدىكەنمىز،بىزمۇ تارىخ  ئاسمىنىدىكى  چاقنىغان يۇلتۇز بولالايمىز.

ئاپتۇرى ھەققىدە[مەن ،ئاتۇش شەھرىدىكى تۇلۇق  ئوتتۇرا  ئوقۇغۇچىسى ،مۇنىرە.ئابدىكىرىم بولىمەن.بۇ مىنىڭ تۇنجى ئەسىرىم ئىدى .شۇڭا بارلق ئاكا-ھەدىللىرمنىڭ،تەكلىپ بېرىشىنى سورايمەن.]

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 10:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېڭىپتۇ،ئاكىسى بولساچوڭ ئىشلارغىلا  كۆڭۈل بۆلۈپ ،كىچىك ئىشلار بىلان كارى بولماپتۇ.
.............................................................................................................................
    چوڭ شاھزادە ھازىر بولعان بولسا ئەڭ مىنەۋۋەر  رەھبىرى كادىر  بولاتتىكەنتۇق . چۇنكى دەۋرىمىز دەل مۇشۇنداق چوڭ ئىشلارنى تۇتىدىعانلارعا مۇھتاج .

UID
26048
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 14:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىپسىز   ئەمما مەسلىنىڭ ماھىتنى تاپالماپسىز   تخمۇ تىرىشىڭ

باھا سۆز

مۇنىرە.ئاتۇش  رەھمەت ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگىنىڭلەرگە.چۇقۇم تىرىشىمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 21:39:00

يېڭى يۇلتۇز

ياشىسۇن نۆل !

UID
18828
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 21:36:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىچاقنى ئىشلەتمىسىىڭىز داتلىشىدۇ ، تەپەككۈر قىلىپ تۇرمىسىڭىز كاللىڭىز داتلىشىپ مېنىڭ ئىسمىمدەك بولۇپ قالىسىز ... خۇلاسە شۇكى تەپەككۈر ئىنساننىڭ ئادىتىگە ئايلانىسىلا بولدى ، ئۇنى پىرسەنگە ئايرىپ ھېساپلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . دەرسىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ ھە !

UID
22789
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 23:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
6579
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
208
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 10:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىڭلىم، ئالدى بىلەن قۇرامداش ياكى ئېنى سىڭىللىرىڭىزغا سوۋغا قىلىنغان بۇ تىمىڭىز بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بوپتۇ. تۇنجى ئەسىرىڭىزنىڭ بۇنداق ياخشى مۇھاكىمە بىلەن باشلانغىنىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. قۇرۇلما ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قويۇلغان ئۆلچەمگە لايىق بولۇپتۇ.
   مېنىڭچە ئەقىل مىڭىدە بولمايدۇ، بەلكى قەلىبتە بولىدۇ. مىڭە پەقەت شۇ ئەقىلنىڭ ھەركىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردىغان ئەزا. قەلىب دىگەننىڭ ئورنى زادى نە؟! قەلىب يۈرەكتە. قاننىڭ تازا بولىشى ئەقىلگە تەسىر قىلىدۇ. يىمەكلىك قاننىڭ تازا بولىشىغا تەسىر قىلىدىغان بىرلەمچى ئامىل.  

UID
26048
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-قەۋەتتە: ياخشى يىزپسىز ئىككمىزنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاشكەن

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل  پاراسەت دىگەن نىمە ؟..قانداق قارار  چىقارغاندا  ئاندىن  ئاقىل  پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلغان بولىمىز ؟
بۇ تېما ئىگىسىدىن سورالغان  سۇئال ئەمەس خالىغانلار  جاراپ بېرىپ باقسا بولىدۇ

UID
26739
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 18:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم يازمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، تۇنجى ئەسىرىڭىزنىڭ  مۇۋەپىقىيەتلىك چىققىنىنى  تەبىرىكلەيمەن، تىخىمۇ تىرىشىڭ، بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۇشنى خالايمىز.

UID
22789
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 01:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا ھەدىللىرىمنىڭ،مىنى قوللىغانلىرىغا ۋەماڭا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى  بەرگىنىگە  رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش