تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4974|ئىنكاس: 26

بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى ھەققىدە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12209
يازما
41
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1121
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 19:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى ھەققىدە



جۇڭگو تارىخلېرىدە تاڭ سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك بىر خانلىق سۈپىتىدە<<بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى>>دەپ ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.دۆلەت ئىچىدە مۇتلەق كۆپ سانلىق تارىخ ھەۋەسكارلېرىمۇ تاڭ سۇلالىسىنى جۇڭگو تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى دۇنيا تارىخىدىمۇ ئەڭ قۇدرەتلىك بۈيۈك خانلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈدۇ. پېقىرمۇ ئۆزەمنىڭ تارىختىكى تامچە چۈشەنچىلېرىمگە ئاساسەن<<بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى>>نىڭ زادى قايسى دەرىجىدە بۈيۈكلىكى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتتىم،تورداشلارنىڭ تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بىۋاستە ياردەم بېرىشى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ.مىلادى617-يىلى سۈي سۇلالىسىنىڭ تەييۈەن ئايمىقىنىڭ ھال سوراش ئامبىلى،سىيانپىي نەسلىدىن بولغان لى يۈەن ئۆز قولى بىلەن نامە يېزىپ،ليۇ ۋېنجۇڭ دېگەن ئادەمنى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى قاغانى ئىشبارا قاغانغا ئالاھىدە سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ،سۈي سۇلالىسى خانلىقىغا بىللە ھۇجۇم قىلىشنى،ئولجىغا چۈشكەن قىز_يىگىت(قاۋۇل ئەمگەك كۈچلېرىنى كۆزدە تۇتۇدۇ)لەرنى ۋە بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش،قاشتېشى،يىپەك-كىمخاپ قاتارلىق قىممەت باھالىق بويۇملارنى ئىشبارا قاغانغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەكلىپ بېرىدۇ.بۇ چاغدا سۈي سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى ليۇ جۇۋۇ،لياڭ شىدۇ،گوزىخې،ھەتتا ئەينى زاماندا  ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسىنى زىلزىلىگە سالغان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ باشلىقى دۇجيەندې قاتارلىق قوزغۇلاڭچى گۇرۇھلارنىڭ بارلىق ئاتامانلېرىمۇ  كەينى-كەينىدىن ئىشبارا قاغانغا بېقىندىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ،قوزغۇلاڭچىلار ھەتتا شەرقىي كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ ئۆزلېرىنى قوللۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،ئۆزلېرى تۇتۇۋالغان سۈي سۇلالىسىنىڭ خاقانى سۈي ياڭدىنىڭ خانىشى شياۋخوۋنى ئىشبارا قاغانغا تەقدىم قىلىپ كۆكتۈرك خانلىقىدىن مەدەت تىلەيدۇ.

ئىشبارا قاغان ئەتىراپلىق ئويلاشقاندىن كېيىن ئاخىرى لى يۈەننى نۇقتىلىق يۆلەپ يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ،ھەمدە لى يۈەنگە<<ئىشبارا قاغانغا باش ئۇرۇپ قاغاننى ئىززەتلەش ۋە بېقىندىلىق قائىدىسىنى بۇزماسلىق>>ھەققىدە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ،لى يۈەن ئىشبارا قاغاننىڭ بۇ تەلىپىگە جان دەپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈدۇ.شۇندىن كېيىن ئىشبارا قاغان لى يۈەنگە ئات ۋە تۇغ تەغدىم قىلىدۇ،دېھقانلار قوزغۇلاڭچىلېرىنىڭ ئاتامانلېرىدىن ليۇجۇۋۇغا <<دېڭ ياڭ قاغان>>،لياڭ شىدۇغا<<ئىش بىلەرمەن تەڭرىقۇت>> ۋە <<دادۇ بىلگە قاغان>>،گوزىخېغا <<ئۆرى شات>>،جاڭ چاڭسۇنغا <<قېرى تېكىن>>دېگەن شەرەپ ئۇنۋانلېرىنى بېرىدۇ.شۇنداق قىلىپ مىلادى617-يىلى6-ئايداشەرقىي كۆكتۈركلەرنىڭ كۈچلۈك ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن لى يۈەن 30مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن سۈي سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش ئۇرۇشىغا يۈرەكلىك ئاتلىنىپ چىقىدۇ،ھەمدە 618-يىلى5-ئايدا سۈي سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ،چاڭئەن(بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىدىكى شىئەن شەھىرى)نى پايتەخت قىلغان بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

لى يۈەن زامانىلېرىدا تاڭ سۇلالىسى باشتىن-ئاخىر شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىدۇ، لى يۈەن سىيانپىلارنىڭ توقبات نەسلىدىن بولغاچقا،تاڭ سۇلالىسى تۈركلەر تەرىپىدىن<<تاۋغاچ خانلىقى>>دەپ ئاتىلىدۇ.چۈنكى سىيانپىلار،يەنى سىيانپىلار تەۋە بولغان توڭغۇس تىپىدىكى(شەرقىي شىمال تەرەپلەردىكى)خەلقلەر قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەسلىدە تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ،كېيىنچە(مىلادىيە47-يىلى ھونلار ئىككىنچى قېتىم شىمال،جەنۇپ دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ،شىمالىي ھونلار91-يىلى غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن) ئۇلار تۈركلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئايرىم بىر يول بىلەن ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىپ،تىل ۋە ئۆرپ- ئادەت جەھەتتىن تۈركلەردىن پەرقلىق بىر خەلققە ئايلانغان ئىدى.شۇڭا،تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنى<<تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى>>دىگەن مەنىدە تۈركچە<<تاۋغاچ خانلىقى>>دەپ ئاتىغان.شۇندىن باشلاپ<<تاۋغاچ>>دىگەن بۇ ناممۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى كۆرسۈتىدىغان ئورتاق نام بولۇپ قالغان.لى يۈەن تۈركلەرنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئىگە بولۇپ ئۆز خانلىقىنى تىكلىگەچكە،ئىشبارا قاغانغا ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ھەددى- ھىساپسىز سوۋغا- سالاملارنى بېرىدۇ،ئىشبارا قاغان قۇتلۇق تېگىننى تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتكەندە،لى يۈەن تەيجى ئوردىسىدا ئالاھىدە توققۇز قەبىلىنىڭ نەغمىسىنى ئورۇنلاتقۇزۇپ،قۇتلۇق تېگىننى ھەشەمەتلىك زىياپەت بېرىپ كۈتىۋالىدۇ.تاڭ پادىشاھى لى يۈەننىڭ تۈركلەرگە تۆۋەنچىلىك بىلەن چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى ئەلۋەتتە تېگىشلىك ئىدى.619-يىلى ئىشبارا قاغان ۋاپات بولىدۇ،ئورنىغا ئىنىسى ئېلتەبىر شاد تەختكە چىقىپ،چۇرلۇق قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ئىشبارا قاغاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،ئوردىدا ئۈچ كۈن خىزمەت توختۇتۇپ ماتەم بىلدۈرۈدۇ(بۇ خۇددى بايراقنى يېرىم چۈشۈرگەنگە باراۋەر كېلەتتى)،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاڭ سۇلالىسى ئالاھىدە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئىشبارا قاغانغا ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،يەنە شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا 30مىڭ توپ كىمخاپ ھەدىيە قىلىدۇ.چۇرلۇق قاغان پەقەت بىر يىللا تەختتە ئولتۇرۇپ620-يىلى ۋاپات بولىدۇ،ئورنىغا ئىنىسى باغادۇر شاد تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ،ئېلىك قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى چۇرلۇق قاغاننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،خۇددى ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش چۇرلۇق قاغاننىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ئاتاپ سوۋغا- سالام ئەۋەتىدۇ.



چۇرلۇق قاغان ھايات ۋاقتىدا ئىلگىرىكى سۈي سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى سىيانپىلاردىن بولغان ياڭ جىڭداۋنى(سۈي سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلارمۇ سىيانپىلارنىڭ يۈيۋېن قەبىلىسى بولۇپ،بىراق ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن خەنزۇلۇشۇپ كەتكەن ئىدى)دىڭشياڭ ئايمىقى(ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدە)نىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلەپ،سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا تۈركلەرگە قېچىپ كېلىۋالغان ئون مىڭغا يېقىن قەۋمنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،شۇ ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىنى چەكلەپ تۇرۇش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى.لېكىن كېيىنچە بۇ ئايماقنىڭ بىر مۇنچە سانغۇنلېرى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىغىدىن غەزەپلەنگەن ئېلىك قاغان621-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىدۇ،621-يىلىدىن626-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك قوشۇنلېرى سەددىچىن سېپىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ جەمئىي33ئايمىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ.بۇ ئايماقلارنىڭ كونكرت ئورنى ھازىرقى سەنشى،خېبىي،شەنشى،گەنسۇ،نىڭشىيا،چىڭخەي،سىچۈەن،خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە بولۇپ،ھازىرقى چوڭ-چوڭ شەھەرلەردىن بېيجىڭ،تەييۈەن،لەنجۇ،تىيەنشۈي،ۋۇۋېي،ئەنياڭ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى شەھەرلەر يۇقارقى33 ئايماقلارنىڭ ھازىرقى ئورۇنلېرىغا توغرا كېلىدۇ.تۈركلەرنىڭ كەلكۈندەك كەلگەن كۈچلۈك ھۇجۇمىدىن ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان تاڭ سۇلالىسى،622-يىلى4-ئايدا تۈركلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ،ئېلىك قاغانغا پارا بېرىدۇ ۋە  مەلىكە ياتلىق قىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىدۇ(قارىغاندا تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەدىپىنى ئۇلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە بېرەيلى دىگەن ئوخشايدۇ).624-يىلى تۈرك قوشۇنلېرى شەنشىنىڭ گۈەنجۇڭ ئەتىراپى(ھازىرقى شەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى)غا قىستاپ كېلىپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە تەھدىت سالىدۇ.تاڭ سۇلالىسى بىر مەھەل پايتەختنى يۆتكىمەكچىمۇ بولۇپ ئاخىرى پادىشاھ لى يۈەننىڭ ئوغلى لى شىمىننىڭ كۈچەپ توسۇشى بىلەن توختاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى ھە دەپ مەلىكە ياتلىق قىلىپ،قۇدۇلۇشۇش ئارقىلىق تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ،ئەمما ئۇرۇشنى تۈپتىن توختۇتۇپ قېلىشقا قادىر بولالمايدۇ.626-يىلى8-ئايدا تۈرك قوشۇنلېرى ھازىرقى شەنشىنىڭ ۋۇگۇڭ ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ،تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەن تۈركلەرنىڭ بىر ھۇجۇمى بىلەنلا قولغا كېلىش گىردابىغا كېلىپ قالىدۇ،بۇ چاغدا لى يۈەننىڭ ئوغلى لى شىمىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ،ئۇ ئۆز سەلتەنەتىنىڭ مانا مۇشۇنداق گۇمران بولۇپ كېتىش پەيتىدە،شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسى بويىغا كېلىپ كۆۋرۈك بېشىدا بوز ئات ئۆلتۈرۈپ،تۈركلەر بىلەن ئۆزئارا دوستلۇق ئەھدىنامىىسى تۈزەپ يارىشىدۇ(يارىشىش ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسى قانچىلىك بەدەل تۆلىدى بۇ ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس)،شۇندىن كېيىن تۈركلەرمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.



بۇ قېتىم پايتەخت چاڭئەننىڭ سۈلھى ئارقىلىق ئامان قېلىش ۋەقەسىنى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى مۇنداق خاتىرىلەيدۇ:

<<626-يىلى8-ئايدا ئېلىك قاغان100مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇن بىلەن ۋۇگۇڭ(شەنشىنىڭ ۋۇگۇڭ ناھىيەسى)غا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ پايتەختكە تەھدىت سالدى.ئارقىدىنلا يەنە گاۋلىڭ(شۇ چاغدىكى پايتەخت چاڭئەننىڭ شەرقىي شىمالىغا70چاقىرىم كېلىدىغان جايدا)غا ھۇجۇم قىلىپ كىردى،ئېلىك قاغان داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ شىمالىغا كەلگەندە،ئۆزىنىڭ يېقىنى دەشت سىيلاقنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى.بۇ ۋاقىتتا تەيزۇڭ(لى شىمىن)تەختكە چىققان بولۇپ،ئۇنى ئەيىبلەپ<مەن بىلەن سېنىڭ قاغانىڭ كۆپلەپ ئالتۇن ۋە كىمخاپ ھەدىيە قىلغانىدۇق،كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغىلى بولمايدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق سېنىڭ قاغانىڭ ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ،قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلدى،مەن بۇنىڭدىن ئاھانەت قىلماسمەنمۇ!سەن گەرچە رۇڭلاردىن بولساڭمۇ،ئادەمگەرچىلىكىڭ بار تۇرۇقلۇق(تۈركلەرنى"رۇڭ"دەپمۇ ئاتىغان،بۇ يەردە  تۈركلەرنى ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغان مەدەنىيەتسىزلەر دىمەكچى)يەنە قانداقسىگە ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ،كۈچۈڭنى پەش قىلىدىغانسەن!>>دەپ،سىيلاقنى ھەپسىگە ئېلىپ،يېنىڭ ئاتلىنىپلا شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىگە كېلىپ،دەريانى ئارىلىق قالدۇرۇپ،ئېلىك بىلەن سۆزلۈشۈپ،ئۇنى ئەھدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلىدى.ئېلىك كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن قاتتىق ھەيران قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشقا قوشۇنلېرىمۇ داۋاملىق يېتىپ كەلگەچكە،ھەممە يەرنى تۇغ-ئەلەملەر قاپلاپ كەتكەنىدى.ئېلىك قاغان سىيلاقنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى،يەنە كېلىپ تاڭ تەيزۇڭنىڭ يېنىكلا ئاتلىنىپ كەلگەنلىكىنى،قوشۇنلارنىڭ قىياپىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ،سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلدى،ھەمدە بوز ئات ئۆلتۈرۈپ(ۋەقەنى بۇنچىلىك تۈزەپ يازغاندىن كېيىن،ئەسلىدە بۇ يەردە ئېلىك قاغان قورققىنىدىن ئۆزى مىنىپ كەلگەن بوز ئاتنى ئۆلتۈرۈپ،كېيىن ئۆزى باشقىلارنىڭ ئاتلېرىغا مىنگىشىپ كەتتى دەپ ئالغان بولسا تېخىمۇ ئەينەن چىقاتتى)قەسەم قىلدى،ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئەھدىنامە تۈزدى،تۈركلەر قوشۇنلېرىنى چېكىندۈرۈپ كەتتى.9-ئايدا ئېلىك قاغان3مىڭ تۇياق ئات،10مىڭ دانە قوي تەقدىم قىلدى،تاڭ تەيزۇڭ ئېلىك قاغان تەقدىم قىلغان ئاتلارنى قوبۇل قىلماي،ئۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بۇلاپ كەتكەن ئاھالىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى ئەمىر قىلدى.>>(<<تۈرك تارىخى>>شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2002-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى).مان مۇشۇ بىر ئابزاس خاتىرىنىڭ ئۆزىلا بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانچىلىك مەردانە ۋە جاسارەتلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقىنى تولۇق ئىساپاتلاپ بېرەلەيدۇ!

كۆكتۈرك خانلىقى ئەسلىدە552-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھىرىيىتىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان بىر پۈتۈن خانلىق ئىدى. <<كۆكتۈرك>>دىگەن بۇ نام <<تەڭرىنىڭ تۈركلېرى>>دېگەن مەنىدە بولۇپ،مەزكۇر خانلىقمۇ<<تەڭرى تۈركلېرىنىڭ خانلىقى>>دېگەن مەنىدە<<كۆكتۈرك خانلىقى>>دەپ ئاتالغان. كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىنگان تاغلېرى(ھازىرقى شەرقىي شىمالدىكى كىچىك ھىنگان تېغى ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى)دىن باشلاپ غەرپتە ھازىرقى تۈركمەنىستانغىچە(كاسپىي دېڭىزىغىچە)،شىمالدا بايقال كۆلى(ھازىر روسىيە تەۋەلىكىدە) ۋە ئانىساي(يەنسەي)دەرياسى(ھازىر روسىيە تەۋەلىكىدە)دىن باشلاپ جەنۇپتا سەددىچىنگىچە بولغان بىپايان زېمىننى ئۆز خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزگەن قۇدرەتلىك خانلىق ئىدى.



583-يىلىغا كەلگەندە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا تەسىر دائىرە تالىشىپ قانلىق بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ.ئەسلىدە581-يىلى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى تابار قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئورنىغا كېڭەش ئارقىلىق قاغاننىڭ جىيەنى شۈتۈك(ئىشپارا قاغان) خانلىققا چىقىدۇ،ئۇ خانلىققا چىققاندىن كېيىن ئۆزىدىن تەخت ۋارىسلىغىنى تالاشقان ئۇرۇغ-تۇققانلېرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن،ھەرقايسى ئۇرۇغ-تۇغقانلېرىغا ۋە بەزى ئاقسۆڭەكلەرگە زېمىن بۆلۈپ بېرىدۇ.ياللۇغ تېكىنگە تۇغلا دەريا ۋادىسىدىكى جايلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ ئىشپارا قاغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان قاغان ئىدى؛ئۆتۈكەن تاغلېرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى دالۇبيەنگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<ئاپا قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ؛ئىستېمى قاغاننىڭ ئوغلى جىيەنكۆلگە بۇرۇنقى ئويسۇنلار زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<تاردۇش قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ؛ياللۇغ تېكىنگە قاراشلىق جايلارنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى تاتابىي(كۈمۈش)،خىتاي،شى،تاتار رايونلېرىنى بىر تۇغقان ئىنىسى چۆرۈكۆلگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<تۆلۈش قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ،بۇلار شتۈك قاغان مەزگىلىدىكى<<بەش قاغانلىق>>دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇندىن باشقا ھازىرقى تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى بۇغدا تېغىنىڭ ئەتىراپىدا يەنە<<تارماق قاغان>>،تارباغاتاي تاغلېرىنىڭ ئەتراپىدا<<كىچىك قاغان>>قاتارلىق سۇيۇرغاللىقلارمۇ بار ئىدى،تۇرپان ئويمانلىقىدا قاڭقى قەبىلىلېرى قۇرغان خانلىقمۇ بار ئىدى.مانا مۇشۇ ئۇرۇغ-تۇققانلار بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزئارا زىدىيەتلىشىپ583-يىلىغا كەلگەندە ئىشبارە قاغان،ياللۇغ تېكىن ۋە تۆلىش قاغان بىر تەرەپ بولۇپ<<شەرقىي تۈرك قاغانلىقى>>؛ئاپا قاغان،تاردۇش قاغان،تارمان قاغان ۋە كىچىك قاغانلار بىر تەرەپ بولۇپ<<غەربىي تۈرك قاغانلىقى>>دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.ئىككى قاغانلىقنىڭ چېگرىسى ئالتاي تاغلېرىدىن ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاراتۈرك ناھىيەسى بولىدۇ.ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ،ئىككى قاغانلىق ئوتتۇرسىدا ئۇزۇن مەزگىل قانلىق ئۇرۇشلار داۋام قىلىدۇ.



620-يىلىدىن كېيىن شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ھەر قايسى قەبىلىلەر ھوقوق ۋە زېمىن تالىشىپ،خانلىقنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئۇرۇش قوزغاشقا باشلايدۇ.627-يىلىغا كەلگەندە ئۇرخۇن،سېلىنگا ۋە تۇغلا دەريا ۋادىلېرى(ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا)دىكى ئۇيغۇر قەبىلىسى(ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا باراۋەر ئۇقۇم ئەمەس،بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قەبىلە ئىتپاقىنىڭ سىياسى نامى) شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا قارىشى ئۇرۇش قوزغاپ،تۇغلا دەريا ۋادىسىدا <<تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى>>(توققۇز ئوغۇز خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى تىكلەيدۇ(توققۇز ئۇيغۇرلار ياغلاقار،قۇرتارغار،دېرېمار،بايىرسىق،ئادىز(ئابدال)،قاسار،قۇۋلاس(قۇۋۇنلاس)،ئوۋۇغار(ياغما)،سابارۆ(سارورغۇر)قاتارلىق توققۇز ئۇرۇقتىن تەشكىللەنگەن،ياغلاقار ئۇرۇقى بولسا بۇ توققۇز ئۇرۇقنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.توققۇز ئوغۇزلار بولسا يۇقۇرىقى توققۇز ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر،بارغۇت،قۇۋۇن،بايىرقۇ،توڭرا،ئىزگىل،چەۋۈك،باسمىل،قارلۇق قاتارلىق توققۇز قەبىلە ئىتپاقىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى).ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ قوزغۇلاڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سىر-تاردۇش(تۈركلەرنىڭ سىر ۋە تاردۇش قەبىلىلېرىنىڭ بىرلەشمە ئىتپاقى)قەبىلىلېرىمۇ628-يىلى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ،شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيىتىگە قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈدۇ،ھەمدە شىددەت بىلەن كۈچۈيۈپ شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ پايتەختى ئۆتۈكەن تېغىنى ئىگەللەپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانلىق تىكلەيدۇ،بۇ چاغدا قاغانلىقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاتابى(كۈمۈش)،قىتان قەبىلىلېرى(توڭغۇز تىل سېستىمىسىدىكى سىيانپى قەبىلىلېرى)مۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىۋالىدۇ.ئەمىلىيەتتە شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى628-يىلىلا خانلىق تەۋەسىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قوزغۇلاڭلېرى نەتىجىسىدە ئاللىقاچان يىمىرىلىپ بولغان ئىدى.ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان ئېلىك قاغان ئۆز جەمەتىدىكى قالدۇق قەبىلىلەرنى باشلاپ،تاشقى موڭغۇلىيەدىن ئۇدۇل ئۆز ۋاقتىدىكى دىڭشياڭ قەلئەسىگە چۈشكۈن قىلىدۇ.دېڭشياڭ قەلئەسىنىڭ ئورنى ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجۇ شەھىرى ئورنىدا بولۇپ،سەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ،تۇپرىغى مۇنبەت،ھاۋاسى مۆتىدىل،ئەينى زاماندا ئۇ تۈركلەرنىڭ سېپىل ئىچىگە جايلاشقان بىر ئالاھىدە قەلئەسى ئىدى.ئېلىك قاغاننىڭ مەزكۇر قەلئەگە كېلىشتىكى مەقسىدىمۇ سەددىچىن ئىچىگە كىرىپ،سېپىلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ سىر-تاردۇشلارنىڭ داۋاملىق قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرگەچ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،سىر-تاردۇش ۋە توققۇز ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ،ھالاك بولغان خانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى.ئېلىك قاغاننىڭ سەددىچىن ئىچىگە چۈشكۈن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تاڭ سۇلالىسى،مانا شۇ چاغدىلا ئاخىرى بىر قېتىم بولسىمۇ غەيرەتكە كېلىپ يېرىم كېچىدە دىڭشياڭ قەلئەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش بىلەن بىرگە،يەنە قايتا-قايتا ئادەم ئەۋەتىپ ئىچىدىن پارچىلاش ھىيلىسىنى ئىشقا سالىدۇ،نەتىجىدە قاغاننىڭ بىر مۇنچە يېقىنلېرى(كاڭ سۇمىي،سۈي سۇلالىسىنىڭ سابىق خانىشى سۇ خانىش ۋە سۈي سۇلالىسىنىڭ سابىق شاھزادىسى ياڭ جىدوۋ قاتارلىقلار)تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ،ئېلىك قاغان چوغاي تېغىغا چېكىنىدۇ.تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلېرى20كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈگىنى ئېلىپ ئېلىك قاغاننى قوغلاپ بارىدۇ.بۇ چاغدا ئېلىك قاغان ۋە ئۇنىڭ ئادەملېرى يەنىمۇ شىمالغا قاراپ چېكىنىشكە ئامالسىز ئىدى،چۈنكى ئۇ جايلاردىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ئۇيغۇر ۋە سىر- تاردۇش قەبىلىلېرى ئىگەللىۋالغان،ئۇلار بارسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولاتتى.چىقىش يولى قالمىغان ئېلىك قاغان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىلېرى ئاخىرى لىڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى نىڭشيا ئۆلكىسىنىڭ دۇجۇڭ شەھىرى)دا تۇرۇشلۇق كىچىك قاغان سۇنۇش(ئىلگىرىكى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانلېرىدىن بىرى بولغان بومىن قاغاننىڭ ئاپا بىر قېرىندىشى)نىڭ يېنىغا پاناھ تىلەپ بارىدۇ.ھەر تەرەپتىن جىددىي خىرىسقا ئۇچراۋاتقان كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خان جەمەتى بولغان ئاشىنا ئۇرۇقلېرى،ئالدىغىمۇ ۋە كەينىگىمۇ چېكىنەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،شۇنداق ئەھۋالدا ئاشىنا جەمەتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى كۈنلېرىنى چىقىش قىلغان سۇنىش قاغان ئېلىك قاغاننى تاڭ سۇلالىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ،تاڭ سۇلالىسى بولسا ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ<<تۇرمۇشتا كاپالەت بېرىپ،ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ تۇرۇدۇ.>>شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى تارىخىغا630-يىلى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنى يوقاتتى دەپ پۈتۈلىدۇ.چۆللۈكنىڭ شىمالى(سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتى)دا سىر-تاردۇش خانلىقى بىلەن تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى بىر- بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزئارا تىركىشىدۇ،سىر-تاردۇش خانلىقى بىر مەزگىل كۈچۈيۈپ641-يىلى300مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇلاردىن مەلىكە تەلەپ قىلىدۇ،645-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. 646-يىلى تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇر ۋە سىر-تاردۇش قەبىلىلېرىنىڭ قوزغۇلاڭلېرى تۈپەيلىدىن ھاكىمىيت بېشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ بىر قىسمى غەربىي يۇرتقا(شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزدە تۇتۇدۇ)،ئۆز قېرىنداشلېرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ.بىر قىسمى بولسا تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلىدۇ(تارىخىي كىتاپلاردا100مىڭغا يېقىن ئادەم دەپ خاتىرىلەنگەن."بەيئەت قىلدى"دېگەنلىك ئۇرۇشتا قورال تاشلاپ تەسلىم بولدى دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى ئۆزئارا كېلىشىش ئارقىلىق قارىشى تەرەپنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈش دېگەنلىكتۇر).ئەينى زاماندا تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقى رەھبەرلىك قىلغان، خان جەمەتىگە يېقىن بىر قىسىم قەبىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ سېپىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۋېلىپ،ھالاك بولغان خانلىقنى قايتا تىكلەشنى ئارزۇ قىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە ۋاقىتلىق بەيئەت قىلغان ئىدى.بۇ نۇقتىنى تاڭ سۇلالىسىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى،بۇ توغرىدا جۇڭگو تارىخىدا مۇنداق بايانلار بار:<<...630-يىلى2-ئايدا لى جىڭ ئېلىكنى چوغاي تېغىدا يەنە قايتا مەغلۇپ قىلدى،ئېلىك بىر قانچە ئون مىڭ قالدۇق قەۋمىنى ئېلىپ تېمۇر تېغىغا قېچىپ بېرىۋالدى(بۇ چاغلاردا سىر-تاردۇشلار بەلكىم بۇ جايلارغا تېخى تولۇق بېسىپ كىرىپ بولالمىغان بولسا كېرەك.)بۇنىڭ بىلەن ئۇ تاڭ قوشۇنلېرىغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي،دەشت سىيلاقنى تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتىپ گۇناھىنى يۇيۇپ،قەۋملېرىنى ئېلىپ بەيئەت قىلىپ،ئۆزى ئوردىنى تاۋاپ قىلىشنى خالايدىغانلىغىنى بىلدۈردى.ئەمىلىيەتتە بۇ ياردەمگە كېلىدىغان ئەسكەرلېرىنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ،كۈزدە ئوتلاقلار كۆكۈرۈپ،ئات سەمىرگەندە،چۆللۈكنىڭ شىمالىغا بېرىپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلىش ئىدى.>> تاڭ سۇلالىسى ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالى يوق ئىدى،چۈنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلگەن،ئەمما يەنىلا بەلگىلىك كۈچكە ئىگە ئەشۇ بىر تۈركۈم تۈركلەرنى ئۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈنلەي باش ئەگدۈرۈشكە قۇربى يەتمەيتتى.



تاڭ ئوردىسدا ئۆزلېرىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا تۈركلېرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە جىددىي تالاش-تارتىش بولىدۇ.بەزى ئوردا ۋەزىرلېرى ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ مۇنقەرز بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،<<ئۇلارنىڭ زېمىنلېرىنى بۆلۈپ،قەبىلىلېرىنى پارچىلاپ،تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى تاڭ سۇلالىسىغا رام قىلىپ كونتىرول قىلىش>>،يەنى ئۇلارنىڭ يايلاقلېرىنى ئىگەللەپ،قەبىلە تەشكىلىنى تارقىتۋېتىپ،كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ چېگرىدا قايتا ئاپەت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ؛يەنە بەزىلېرى بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى خەنزۇلۇشۇشقا مەجبۇرلاپ،<<ئۇلارنى خۇاڭخېنىڭ جەنۇبىدىكى يەنجۇ ئايمىقى(ھازىرقى شەندۇڭ)بىلەن يۇجۇ ئايمىقى(خېنەننىڭ جۇڭيۈەن رايونى)ئارىلىقىدىكى جايلارغا يۆتكەپ،قەبىلىلېرىنى بۆلۈپ،ئايماق،ناھىيەلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ،تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەندە،غۇز قاراقچىلېرىنى دېھقانغا ئايلاندۇرغىلى،سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى تۈركلەرنى مەڭگۈگە يوقاتقىلى بولىدۇ>>دەپ تەشەببۇس قىلدى،يەنە بەزىلېرى بولسا<<بەيئەت قىلغان  تۈركلەرنى سەددىچىن ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ بارلىق قەبىلىلېرىنى ساقلاپ قېلىپ،ئۆرپ-ئادەتلېرىنى ئۆزگەرتمەي شۇ پېتى يول قويۇپ،بوش يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرساق،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۈچۈن دالدا قىلغىلى بولىدۇ>>دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تاڭ سۇلالىسى ئۆزىگە بەيئەت قىلغان تۈركلەرنى، ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شۈنيى ناھىيەسىدىن ھازىرقى گەنسۇنىڭ چىڭياڭ ناھىيەسىگىچىلىك بولغان سەددىچىن ئىچىدىكى بوش جايلاردا شۇن،يۇ،خۇا،چاڭدىن ئىبارەت تۆت ئايماق تەسىس قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.شۇنداق قىلىپ بۇ تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا ئۇرۇقىغا ئەگەشكەن تۈركلەر،تاڭ سۇلالىسىنىڭ سىتىراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سېپىل ئىچىدە<<قالقان>>بولۇپ تۇردى.تاڭ سۇلالىسى<<ھەر بىر بەيئەت قىلغۇچى تۈرك ئاقسۆڭەكلېرىگە بەش توپ نەرسە-كېرەك،بىر ياقىلىقتىن تون ھەدىيە قىلىپ،قەبىلە ئاقساقاللېرىغا چوڭ ئەمەل،يۇقۇرى تەمىنات،كۆپ مىقداردا ئاشلىق بەردى.>>تاڭ سۇلالىسى يەنە ئادەتتىكى تۈرك چارۋىچىلېرىغىمۇ ئوخشاشلا غەمخورلۇق ۋە مەلۇم ئېتىبارلارنى بەرگەنىدى.<<تاڭ سۇلالىسى بەيئەت قىلغان تۈركلەرگە قارىتا مانا مۇشۇنداق ئېتىبار بەرگەنىدى،ھالبۇكى بەزى غەرپ ئالىملېرى(تومسېنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى)جوڭگو تارىخىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى چۈشەنمەي،كۆپىنچە ئۆزىنىڭ سوبېكتىپ خاھىشىغا تايىنىپلا:<دۆلىتىدىن ئايرىلىپ جەنۇپقا كۆچكەن تۈركلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلى يۇرتلېرىغا قايتتى،قېلىپ قالغان قىسمىنىڭ ئەھۋالى بولسا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى>دەيدىغان سەپسەتەلەرنى تەرغىپ قىلىشقانىدى،شۇڭا بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.>> (<<تۈرك تارىخى>>174-بەت،2002-يىلى1-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.)

شۇ چاغدا ئاشىنا ئۇرۇقى باشچىلىقىدا تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان تۈركلەر توغۇرلۇق،كۈل تىگىن ئابىدىسىدىمۇ مۇنداق بايانلار بار:<<... بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تابغاچ خەلقى بىلەن ياراشتىم.تابغاچلار ئالتۇن،كۈمۈش،يىپەكنى ۋە يىپەكلىك رەختلەرنى بىزگە ئاسانلا بېرىدۇ.تابغاچ خەلقىنىڭ سۆزلېرى تاتلىق،يىپەك رەختلېرىمۇ يۇمشاق ئىكەن.تاتلىق سۆزلەر،يۇمشاق رەختلەر بىلەن ئالداپ،يىراقلاردا ياشايدىغان خەلقلەرنى مۇشۇنداقچە ئۆزلېرىگە يېقىنلاشتۇرۇدىكەن.بۇ خەلقلەر يېقىنلاشقاندىن كېيىن،تابغاچلار ئاندىن قۇتراتقۇلۇقلېرىنى،ھىيلە-مىكىرلېرىنى ئويلايدىكەن.ياخشى،ئەقىللىق كىشىلەرنى،ياخشى،جەسۇر كىشىلەرنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويۇدىكەن؛يەنە بىر تەرەپتىن بىر كىشى خاتالاشسا،ئۇنىڭ ئۇرۇقى،خەلقى،ھەتتا بۆشۈكتىكىسىنىمۇ ئاياپ قويمايدىكەن.تابغاچلارنىڭ چۈچۈك سۆزلېرىگە ئىشىنىپ ۋە يۇمشاق يىپەك رەختلېرىگە ئالدىنىپ،ئەي تۈرك خەلقى،كۆپلەلپ ئۆلدۈڭ!ئەي تۈرك خەلقى ئۆلۈسەن!جەنۇپتا چۇغاي تاغلېرىغا ۋە تۆگۈلتۈن تۈزلەڭلىكىدە ئولتۇراقلىشايلى دېسەڭ،ئەي تۈرك خەلقى ئۆلۈسەن!ئۇ يەردە يامان نىيەتلىكلەر شۇنداق ئەقىل كۆرسۈتىدىكەن:"تابغاچلار،بىر خەلق يىراقتا ياشىغان بولسا،ناچار سوۋغاتلارنى بېرىدۇ،يېقىندا ياشىغان بولسا،ئېسىل سوۋغاتلارنى بېرىدۇ"دەپ شۇنداق ئەقىل كۆرسۈتىدىكەن.ئەي نادان كىشىلەر،بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ،تابغاچلارغا يېقىن بېرىۋېلىپ،كۆپلەپ ئۆلدۈڭلار.ئۇ يەرگە بارساڭ،ئەي تۈرك خەلقى،ئۆلۈسەن!

ئۆتۈكەن تاغلېرىدا ئولتۇرۇپ بۇ يەردىن تابغاچقا ۋە باشقا ئەللەرگە كارۋان ئەۋەتسەڭ،ھېچقانداق دەردىڭ بولمايدۇ.ئۆتۈكەن تاغلېرىدا ئولتۇرساڭ،مەڭگۈ دۆلەت ئىگىسى بولۇپ ھۆكۈم سۈرىسەن.ئەي تۈرك خەلقى،سەن توق كۆزلۈكسەن،ئاچلىقنى،توقلۇقنى ئويلىمايسەن؛بىر تويساڭ،ئاچ قالىدىغىنىڭنى پەقەت ئويلىمايسەن.مۇشۇنداق بولغانلىقىڭ ئۈچۈن،سېنى بېقىپ توق قىلغان خاقانلېرىڭنىڭ سۆزلېرىنى ئاڭلىماي ۋە مەقسىدىنى چۈشەنمەي،ھەر تەرەپكە پىتراپ كەتتىڭ،ئۇ يەرلەردە ۋەيران بولدۇڭ ۋە تۈگەشتىڭ.ئۇ يەرلەردە بىر ئاماللار بىلەن ساق قالغانلېرىڭلارمۇ ھەر دائىم مىسكىن ۋە دەرمانسىز يۈرۈۋاتقان ئىدىڭلار.>>(<<ئۇرخۇن ئابىدىلېرى>>تالات تەكىن﹝تۈركىيە﹞،مىللەتلەر نەشىرياتى،2009-يىل3-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى،41-،43-بەت.)

ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۆز ۋاقتىدا كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى كۈل تىگىنمۇ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ بەيئەت قىلغان تۈركلەرگە قارىتا قوللانغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلېرىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ!



<<تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە تاڭ تەيزۇڭ(لى شىمىن)يولغا قويغان ھەمراھ بولۇپ دەپنە قىلىش تۈزۈمىدىمۇ ئەكس ئېتىلگەنىدى.تاڭ تەيزۇڭ 636-يىلى ئۆزىنىڭ قەبرىستانلىقىنى جاۋلىڭدا قۇرۇشقا باشلىغانىدى.قەبرىستانلىق قۇرۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە،يەنە<خىزمەت كۆرسۈتۈپ ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن چارە بولۇشقان>ياكى<خاننىڭ ئىشلېرىغا يار يۆلەك بولغان>لار ئۆلگەندىن كېيىن ھەمراھ بولۇپ دەپنە قىلىنسا بولىدۇ(جاۋلىڭ قەبرىستانلىقىدىكى باغچىنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىناتتى)دەپ بەلگىلەنگەنىدى.بۇ فېئوداللىق دەۋردىكى ئىنتايىن زور بىر خىل شان-شەرەپ ئىدى.بۇنداق ھەمراھ بولۇپ دەپنە قىلىش تۈزۈمى ئەينى ۋاقىتتا تۈركلەرگىمۇ ماس كېلەتتى.شۇڭا،كېيىن تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان تۈرك ئاقسۆڭەكلېرىدىن،مەسىلەن،ئاشىنا شىر،ئاشنا سادىق،چۈبە غالى،دەشت سىيلاق،ئاشنا سىماۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەندىن كېيىن جاۋلىڭ قەبرىستانلىقىدىكى باغچىنىڭ ئىچىگە ھەمراھ قىلىنىپ دەپنە قىلىنغانىدى.بولۇپمۇ ئاشنا شىر تاڭ تەيزۇڭنىڭ سىڭلىسى خېڭ ياڭ مەلىكىنى ئەمرىگە ئالغانلىقى ھەمدە جېنگۈەن يىللېرىدا كۈسەن بېگىنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ ھەمراھ قىلىنىپ ياسالغان قەبرىسى كۆكئارت تېغىغا تەقلىد قىلىنىپ،شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تۆھپىلېرىگە مەدھىيە ئوقۇلغانىدى.>>(<<تۈرك تارىخى>>175-176-بەت،2002-يىلى1-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.)



تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا تۈرك(بۇ يەردە ئايرىم ساندىكىلېرى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ)ئاقسۆڭەكلېرىنىڭ تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلېرىگە قارىتا يەنە تۆۋەندىكىدەكمۇ بايانلار بار:<<640-يىلى لى شىمىن زور كۈچ بىلەن قۇجۇنى،قاغان بۇغدا شەھىرىنى بېسىۋالدى.بۇ ئىشقا تاڭ سۇلالىسىغا ياللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىببىي قەبىلىسىدىن چىققان سانغۇن كىببى خەلى تۈرك-تاۋغاچ ئارىلاشما قوشۇنلېرىنى ئىشقا سالدى.ئۇلار لۈكچۈندىن(ھازىرقى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى)جەڭ ئېچىپ بېشبالىق(ھازىرقى سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ناھىيەسى)قىچە باردى.كىببى خەلى632-يىلى تاۋغاچقا تەسلىم بولغان بولۇپ،676-يىلى ئۆلگۈچە بولغان44يىل ئىچىدە ئۇ ئانا مەركىزىي ئاسىيادا بىھىساپ قان تۆكتى.644-يىلى ئاسىنا شەن يۈز مىڭ كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن بىلەن قارا شەھەر(ئاگنى)نى،648-يىلى كۈسەن،قەشقەر،خوتەن شەھەرلېرىنى ئىگەللىدى.ئاسىنا شەن(ئاسىنا چورا)ئەسلى ئىشبارا قاغاننىڭ قېرىندىشى چۇرلۇق قاغاننىڭ ئوغلى بولۇپ،636-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغاندىن655-يىلى ئۆلگۈچە بولغان29يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيا تۇپرىقىدا نەچچە تۈمەن كىشىنىڭ قېنىنى تۆكتى.تارىم بوستانلىقىدىكى قارا شەھەر640-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان بولسىمۇ،648-يىلى ئىسيان كۆتەردى.كۈسەن خانى سۇۋارنا پوسپا(ئالتۇن چېچەك خان)تاڭ سۇلالىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە نارازى بولۇپ،ئولپان تۆلەشنى رەت قىلىپ،قارا شەھەرنىڭ ئىسيانىغا قاتناشتى.ئېلىك قاغاننىڭ ئىنىسى636-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغان ئاسىنا شىر قوشۇن باشلاپ،بۇ قارىشىلىق ئىسيانلېرىنى باستۇرۇپ،11مىڭ كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ،بەش شەھەرنى چۆلگە ئايلاندۇرۋەتتى.تاڭ تەيزۇڭ ئۆلگەندە<ساداقەتمەن>ئاسىنا شىر ئۆزىن ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ قەبرىسىدە مۇھاپىزەتچى ئەرۋاھ بولدى.>>(<<قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>>،2002-يىلى3-ئاي،ئۇيغۇرچە1-نەشرى.)



سەددىچىننىڭ تۈۋىدىكى بوش جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان ئەشۇ بىر قىسىم تۈركلەر،ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى چىقتى.ئەينى چاغدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمىر نۆۋكىرى كوشاد ۋە قاباغۇرلار باشچىلىقىدا40دىن ئارتۇق تۈرك639-يىلى تاڭ تەيزۇڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ،مەقسىدى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن ئاتلىق شىمالدا خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ،ئۆز قەبىلىسىدىكىلەرنى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى تۈركلەرنى خۇڭخېنىڭ جەنۇبى(سېپىلنىڭ سىرتى)دا تۇرغۇزۇشنى،ئۇلار بىلەن پايتەختنىڭ ئارىلىقىنىڭ بەكلا يېقىن بولۇشىنى كۆپلەپ پايدىسىز دەپ ھىساپلىدى.شۇ يىلى تاڭ تەيزۇڭ ئوڭ قانات قوشۇن بېگى باش سانغۇن،خۇاجۇ ئايماق تۇتۇقى،خۇەيخۇا ئىنانچىخانى لى سىماۋ(ئاشنا سىماۋ،لى فامىلىسى ھەدىيە قىلىنغان)نى ئېل بىلگە قاغان قىلىپ تەيىنلەپ،دۇمباق ۋە تۇغ ھەدىيە قىلىپ،خۇاڭخېنىڭ جەنۇبىدىكى(سېپىل ئىچىدىكى)ئايماقلاردىكى بارلىق تۈركلەرنى ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ،بۇرۇنقى جايلېرى(چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى جايلا)غا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ،ئەۋلاددىن-ئەۋلاد مۇداپىئەدە تۇرۇپ،قۇرۇلنى قوغداشنى بۇيرۇيدۇ.لېكىن بەيئەت قىلغان تۈركلەر چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سىر-تاردۇش قەبىلىلېرىدىن ئۆزلېرىگە زىيان يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،سېپىلدىن چىقىشقا ئۇنىمايدۇ(ئۇلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىپ سەددىچىن سېپىلى ئىچىگە كىرىۋېلىشىمۇ،ئەمىلىيەتتە سىر-تاردۇشلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئىدى).بىر قاتار كېلىشتۈرۈشلەر ئارقىلىق بەيئەتچى تۈركلەر ئاخىرى سېپىلدىن چىقىپ،641-يىلى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل خېلىنگىر ناھىيەسىدە بارىگاھ قۇرۇدۇ،تۈركلەرنىڭ سېپىلدىن چىقىپ كېتىشكە قوشۇلغانلىقىدىن قالتىس خوشال بولغان تاڭ تەيزۇڭ <<شەخسەن ئۆزى زىياپەت ئويۇشتۇرۇپ،ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ>>(<<تۈرك تارىخى>>178-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2002-يىلى1-ئاي، ئۇيغۇرچە 1-نەشرى).شۇ يىلى11-ئاي قىشتا سىر-تاردۇشلار دېگەندەك ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ،چېكىنگەن بەيئەتچى تۈركلەر سەددىچىننىڭ ئىچىگە چېكىنىپ كىرىپ ھازىرقى سەنشىنىڭ شۇشيەن ناھىيەسىدىكى سۇجۇ ئايمىقىغا بارىدۇ.644-يىلى بۇ بىر تۈركۈم تۈركلەر يەنە ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن ئوردوس يايلىقى(خېتاۋمۇ دىيىلىدۇ،ئۇ خۇددى ھازىرقى نىڭشىيا بىلەن شەنشىنىڭ بوينىغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇققا ئوخشايدۇ.بۇ يەر ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا بولۇپ باۋتۇ شەھىرى،ئېردوس شەھىرى،باياننۇر شەھىرى ۋە ۋۇخەي شەھەرلېرى جايلاشقان.ئورنى خۇڭخې دەرياسىنىڭ نىڭشيادىن چىقىپ شەنشىگە قويۇلغان بۆلۈكىنىڭ دەل سىرتىغا ھەم سەددىچىننىڭ سىرتىغا توغرا كىلىدۇ)غا كۆچۈپ كېتىدۇ،لى سىماۋ(ئاشنا سىماۋ)بولسا ئۆز قېرىنداشلېرىدىن ئايرىلىپ پەقەت بىر ئۆزىلا يەككە-يىگانە ھالدا تاڭ ئوردىسىغا تەلپۈنۈپ كېتىدۇ.



646-يىلى سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇرغان،ھەمدە660-661-يىللېرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرا رايونلېرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىتا جۇڭگو تارىخىدا يەنە مۇنداق بايانلار بار:<<تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى646-يىلى سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇردى،بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىمۇ زور قوشۇن ئەۋەتىپ،سىر-تاردۇش خانلىقىنىڭ ئۆتىكەن تېغىدىكى ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇنىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ،30مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تۇتقۇن قىلدى.توققۇز ئوغۇز ۋە توققۇز ئۇيغۇر خانلىقىمۇ تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولدى.>>جۇڭگو مەنبەلېرىدە خاتىرلىنىشىچە تاڭ سۇلالىسى بۇ يەرلەردە تۇتۇق مەھكىمە قۇرۇپتىكەن.لېكىن تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە زادى قانداق قىلىپ ئاسانلا<<ئەل>>بولۇپ كەتكەنلىكى،ھازىرچە تارىخىي ماتىرىياللاردا تەپسىلى تىلغا ئېلىنمىغان.

جۇڭگو تارىخدا تاڭ سۇلالىسى 659-يىلى غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىنى ھالاك قىلغان دەپ خاتىرىلەنگەن،تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

غەربىي كۆكتۈركلەرنىڭ زېمىنى غەرپتە كاسپىي دېڭىزى،شەرقتە ئالتاي تېغىغىچە بولۇپ،دەسلەپكى ئوردىسى كۇچانىڭ شىمالىدىكى يۇلتۇز تېغىدا ئىدى.ئۇلار619-يىلى ئوردىنى شاشقا(ھازىرقى تاشكەنتنىڭ شىمالىدىكى مىڭبۇلاق) كۆچۈرۈدۇ،شاش شىمالىي ئوردا بولۇپ يازلىق ئوردا ئىدى،قىشلىق ئوردىسى جەنۇپتا بولۇپ ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ئەتىراپىدا ئىدى.



628-يىلى غەربىي كۆكتۈركلەرنىڭ قاغانى تۈن يابغۇ قاغان تاغىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ،تاغىسى تەختنى ئېلىپ ئۆزىنى باغادۇر كۆل بىلگە قاغان دەپ ئاتايدۇ.بۇنىڭغا خەلق قايىل بولمايدۇ ۋە تۈن يابغۇ قاغاننىڭ ئوغلىنى ئىشبارا ئىز يابغۇ قاغان قىلىپ تىكلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن كۆل بىلگە قاغان بىلەن ئىز يابغۇ قاغان ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ،پۇرسەتتىن پايدىلانغان ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بىر قىسىم بەگلىكلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېۋىرغول(قۇمۇل)بەگلىكى ئەڭ دەسلەپ بولۇپ مۇستەقىل بولۇۋالىدۇ.630-يىلى ئىز يابغۇ قاغان كۆلبىلگە قاغاننى ئۆلتۈرۈپ غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.ئىز يابغۇ قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئورنىغا نىشۇ تەختكە چىقىپ تۇغلۇق قاغان(تاردۇش قاغان)دەپ ئاتىلىدۇ.634-يىلى تۇغلۇق قاغان ۋاپات بولۇپ،ئورنىغا ئىنىسى تۇڭئاشاد تەختكە چىقىپ ئىشبارا ئېلتىرىش قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.غەربىي كۆكتۈركلەرنىڭ ئەسلىدە ئون چوڭ قەبىلىسى بولۇپ،سۇياب دەرياسى(قازاقىستاندىكى بالقاش كۆلىنىڭ كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى چۇ دەرياسى)نىڭ شەرقىدىكى بەش قەبىلە سول ئوق بەش تۇغلۇقلار،سۇياب دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بەش قەبىلە ئوڭ ئوق بەش ساداقلىقلار دەپ ئاتىلىپ،ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئون ئوق دەپ ئاتىلاتتى.ئېلتىرىش قاغان ئەنە شۇ ئون ئوق قەبىلىسىنى قايتا تەرتىپكە سالىمەن دەپ ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن638-يىلى غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىدا ئېلتىرىش قاغان بىلەن يەنە بىر ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغان تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ.ئىككى قاغان بىر-بىرىگە قارىشى ئۇرۇش قىلىپ كۆپلىگەن تۈركلەرنىڭ قېنىنىڭ بىھۇدە تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىككى قاغان سۈلھى ھاسىل قىلىپ غەربىي كۆكتۈرك زېمىنىنى ئىككىگە ئايرىپ بۆلۈشىۋالىدۇ.ئىلى دەرياسىنىڭ غەربى ئېلتىرىش قاغانغا،شەرقى ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغانغا مەنسۇپ بولىدۇ.



639-يىلى ئېلتىرىش قاغان ۋاپات بولۇپ،ئورنىغا ئوغلى بوپ تېكىن تەختكە چىقىپ ئېل بىلگە ئىشبارا يابغۇ قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ چاغدا ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغان،يابغۇ قاغانغا قارىشى ئۇرۇش ئېچىپ،ئۇنىڭ ئىلكىدىكى ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى نۇرغۇنلىغان بەگلىكلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ.641-يىلى ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغان،يابغۇ قاغاننى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ تەختىنى ئىگەللەيدۇ.ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغان ئۆز ھوقوق ۋە زېمىنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ،بارغانسېرى ئاچكۆز بولۇپ كېتىدۇ.ئەسلىدە تۈركلەرنىڭ قائىدىسىدە ئۇرۇشتا ئولجا چۈشكەن ماددى غەنىيمەتلەر سانغۇن ۋە ئەسكەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىناتتى؛ئولجا چۈشكەن ئادەم بولسا دۆلەتكە تەۋە بولۇشى كېرەك ئىدى.لېكىن ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغان ئۇرۇشتا ئولجا چۈشكەن بارلىق غەنىيمەتلەرنى ئۆز نەپسىگە تارتىدۇ،ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئەلنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.نارازى بولغانلار قاغانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ،قاغان ئىسفىجاپ(تاشكەنتنىڭ شەرقىي شىمالىدا)شەھىرىگە بېكىنۋالىدۇ.كۆكتۈرك ئېلى ئىلگىرىكى باغادۇر كۆل بىلگە قاغاننىڭ ئوغلىنى ئېل بىلگە شىگۈي قاغان قىلىپ تىكلەيدۇ،شىگۈي قاغان تەختكە چىققاندىن كېيىن تۇغلۇق قاغانغا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ،تۇغلۇق قاغان تۇخرى بەگلىكىگە قېچىپ كېتىدۇ.تۇغلۇق قاغان ئەينى يىللېرى ئاشىنا قۇلنى يابغۇ قىلىپ تەيىنلەپ،ئۇنىڭغا تالاس دەرياسى بويىدىكى چىگىل،چۈمۈل،قۇس،قارلۇق ۋە بەش ساداقلىقلارنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى بەرگەن ئىدى،شىگۈي قاغان ئەنە شۇ ئاشىنا قۇلغا ھۇجۇم قىلىدۇ.ئاشىنا قۇل648-يىلى 4-ئايدا قول ئاستىدىكى بىر قانچە مىڭ ئۆيلۈكنى باشلاپ بېشبالىققا بېرىۋالىدۇ.649-يىلى ئاشىنا قۇل غەربىي تۈركلەرنىڭ بىر قىسىم تارقىلىپ كەتكەن قەبىلىلېرىنى يىغىپ تېزدىن زورۇيۇشقا باشلايدۇ ۋە تۇرپان ھەم بېشبالىقنى ئىگەللىۋالىدۇ.651-يىلى باھاردا تاڭ گاۋزۇ ئەلچى ئەۋەتىپ،ئاشىنا قۇلدىن ئالاھىدە ھال سوراپ ئۆز يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،ھەمدە ئاشىنا قۇلنىڭ ئوغلىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ تەنتەنىلىك كۈتىۋالىدۇ.بۇ چاغدا ئاشىنا قۇل شېگۈي قاغاننى مەغلۇپ قىلىپ پۈتۈن غەربىي كۆكتۈرك زېمىنىنى قايتىدىن ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ بولغان ئىدى.

653-يىلى ئىلگىرىكى تۇغلۇق قاغان تۇخرى بەگلىگىدە ۋاپات بولىدۇ،ئۇنىڭ ئوغلى ئۈنچە يابغۇ ئىلگىرى ئاشىنا قۇل بىلەن كونا ئاداۋىتى بار ئىدى،شۇڭا ئۈنچە يابغۇ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن،بەش ساداقلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ،ھەمدە ئاشىنا قۇلغا قارىشى ئۇرۇش ئېچىپ قىسمەن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈدۇ.بۇنى ئاڭلىغان تاڭ سۇلالىسى 655-يىلى11-ئاي قەھرىتان قىشتا ھاۋانى سوغۇق دېمەستىن،ئۈنچە يابغۇغا قاغان دېگەن ئۇنۋاننى بېرىشكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ.ئەمما ئەلچىلەر ئاشىنا قۇلنىڭ قوشۇنلېرى تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ ئىلاجىسىز كەينىگە قايتىپ كېتىدۇ.

657-يىلى باشلاپ تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقى غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى مالىمانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ،تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ئىلگىرىكى تۈرك قوشۇنلېرى بىلەن بىرلىكتە غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىغا قارىشى ئۇرۇش باشلايدۇ،ئاشىنا قۇل مەغلۇپ بولىدۇ،659-يىلى ئۈنچە يابغۇمۇ قوش دەرياسى(ھازىرقى بۆرتالا دەرياسى)بويىدىكى جەڭدە قۇربان بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىمۇ ئاياغلىشىدۇ.جۇڭگو تارىخىي ماتىرىياللېرىدا قەيت قىلىنىشىچە،بۇ يەرلەرگە تۈركلەر باشلىق بولغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان تۇتۇق مەھكىمىلېرى قۇرۇلغان ئىكەن.



بىر پۈتۈن كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي كۆكتۈرك قاغانلىقلېرىغا پارچىلىنىشى ۋە ئاخىرىدا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھالاك بولۇشىغا قارىتا<<كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى>>دا يەنە تۆۋەندىكىدەك بايانلار بار:



<<...

ئۇندىن كېيىن ئىنىلېرى ھۆكۈمدار بولۇپتۇ شۈبھىسىز،ئوغۇللېرى ھۆكۈمدار بولۇپتۇ شۈبھىسىز.ئۇندىن كېيىن ئىنىلېرى ئاكىلېرىدەك يارىتىلماپتۇ شۈبھىسىز،ئوغۇللېرى ئاتىلېرىدەك يارىتىلماپتۇ شۈبھىسىز.ئەقىلسىز خاقانلار تەختتە ئولتۇرۇپتۇ،ئەسكى خاقانلار تەختتە ئولتۇرۇپتۇ شۈبھىسىز.ئۇلارنىڭ قوماندانلېرىمۇ ئەقىلسىز ئىكەن شۈبھىسىز،ئەسكى ئىكەن شۈبھىسىز.بەگلېرى ۋە خەلقى ئىتائەتچان بولمىغانلىقى ئۈچۈن،تابغاچ خەلقى ھىيلىگەر ۋە ساختىپەز بولغانلىقى ئۈچۈن،ئالدامچى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئىنىلېرى بىلەن ئاكىلېرىنى،بەگلەر بىلەن خەلقنى دۈشمەنلەشتۈرۈپ كۈشكۈرتكەنلىكى ئۈچۈن،تۈرك خەلقى قۇرغان دۆلىتىنى قولدىن چىقىرىپتۇ،تەختتىكى خاقانىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ.بۇ سەۋەپتىن تابغاچ خەلقىگە،بەگ بولۇشقا لايىق ئوغۇللېرى قۇل،خېنىم بولۇشقا لايىق قىزلېرى دېدەك بولدى.تۈرك بەگلېرى تۈرك ئۇنۋانلېرىنى تاشلىدى؛تابغاچلارنىڭ خىزمىتىدىكى تۈرك بەگلېرى تابغاچ ئۇنۋانلېرىنى ئېلىپ تابغاچ خاقانىغا بېقىنىپتۇ،ئەللىك يىل خىزمەت قىپتۇ.شەرقتە_كۈن چىقىشتا،بۈكلى خاقانىغىچە،غەرپتە تۆمۈر قوۋۇققىچە سەپەر قىپتۇ؛تابغاچ خاقانى ئۈچۈن مۇشۇنداق قوشۇن تارتىپ ئەللەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ.

تۈرك ئاۋام پۇقرالېرى شۇنداق دەپتۇ:"دۆلەت ئىگىسى بىر خەلق ئىدۇق،دۆلىتىمىز ئەمدى قېنى؟كىم ئۈچۈن ئىستىلا قىلىۋاتىمىز؟خاقان ئىگىسى بىر خەلق ئىدۇق،خاقانىمىز نەدە؟قايسى خاقانغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز؟"شۇنداق دەپ تابغاچ خەلقىگە دۈشمەن بولۇپتۇ.دۈشمەن بولۇپتۇ-يۇ،لېكىن ئۆزلېرىنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللىنەلمەپتۇ،يەنە تابغاچلارغا بېقىنىپتۇ.تابغاچ خاقانى ئۇلارنىڭ شۇنچە خىزمەت قىلغىنىنى ئويلىماستىن"تۈرك خەلقىنى ئۆلتۈرەي،نەسلىنى قۇرۇتاي"دەپتۇ.تۈرك خەلقى يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.>> (<<ئۇرخۇن ئابىدىلېرى>>تالات تەكىن﹝تۈركىيە﹞،مىللەتلەر نەشىرياتى،2009-يىل3-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى،47-،49-بەت.)



679-يىلى بۇرۇنقى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى ئېلىك قاغاننىڭ ئەۋلادى بولغان قۇتلۇق، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ چوغاي تاغلېرىدا ئارانلا70ئادىمى بىلەن كۆكتۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلەش قوزغۇلىڭى كۆتۈرۈپ،قاراقۇرۇم شەھىرى(ئىچكى موڭغۇلدىكى ۋۇچۈەن ناھىيەسى)نى بېسىۋېلىپ،بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ،تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئۆتۈكەن تېغىدىكى قارارگاھىنى قايتۇرۋېلىپ،تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىگەنلىكىنى جاكارلاپ ئۆزىنى ئېلتەرىش قاغان دەپ ئاتايدۇ.بۇ خانلىق تارىختا كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقى دەپ ئاتالدى.

ئېلتەرىش قاغان دانىشمەن ۋەزىر تۇنيۇقۇقنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئالدى بىلەن جەنۇپقا ئەسكەر تارتىپ،سەددىچىن ئەتىراپىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى تازىلايدۇ.شۇندىن كېيىن ئېلتەرمىش قاغان679-يىلىدىن691-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۆت ئەتىراپتىكى تاۋغاچ،قىتان،تاتابى،تاتار،ئۇيغۇر،قىرغىز ۋە غەربىي تېلى قاتارلىقلارغا47قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ،ئىلگىرىكى شەرقىي كۆكتۈرك قاغانلىقى دەۋرىدىكى زېمىننى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈدۇ(تاڭ سۇلالسى تارىخىدا شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي كۆكتۈرك زېمىنىدا جەمئىي13-14دەك تۇتۇق مەھكىمە ۋە ئوبلاستلارنى،غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىدا45تۇتۇق مەھكىمە ۋە115ئوبلاست قۇرغانلىقىنى ئىسىملېرى بىلەن خاتىرىگە ئېلىپ ساناپ بېرىدۇ،ئەمما كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقى مەيدانغا كېلىپ زېمىننى قايتا بىرلىككە ئېلىپ كەلگەن شۇ جەريانلېرىنى بايان قىلغاندا،ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسى قۇرغان تۇتۇق مەھكىمىلەر توغۇرلۇق بىر ئازمۇ مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ،خۇددى شۇنداق بىر تۇتۇق مەھكىمىلەر ئەزەلدىن مەۋجۇد بولۇپ باقمىغاندەك).

691-يىلى ئېلتەرمىش قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ئىنىسى مويۇنچۈر تەختكە چىقىدۇ.693-يىلى مويۇنچۈر قاغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى لىڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى نىڭشىيانىڭ لىڭۋۇ شەھىرى بولۇپ،سېپىلنىڭ ئىچىدە،يەنى سېپىلنىڭ چىقىش ئېغىزىغا توغرا كېلىدۇ،تارىختا ھەربىي ۋە سودا ئىشلېرىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆتەڭ بولغان)نى ھۇجۇم بىلەن ئالىدۇ.695-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ خاقانىچەسى ۋۇزېتىئەن مويۇنچۈر قاغانغا<<ئىناق كۆچمەن قاغان>>،<<ئەلگە تۆھپىكار قاغان>>دىگەندەك ئۇنۋانلارنى بېرىپ،ئۆزلېرىنىڭ كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقىغا تولىمۇ يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.697-يىلى مويۇنچۈر قاغان تاڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ،ھازىرقى خېبىي،شەنشى،سەنشى،نىڭشىيا،گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ شىمالىدىكى ئالتە ئوبلاستنى ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە100مىڭ خو ئاشلىق،ئۈچ مىڭ دانە دېھقانچىلىق سايمانلېرى،نەچچە تۈمەن جىڭ تۆمۈر بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولۇپ،كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقىغا ئالتە ئوبلاستنى سۆزسىز بۆلۈپ بېرىدۇ ۋە100مىڭ پاتمان ئاشلىق،50مىڭ توپ تاۋار-دۇردۇن،ئۈچ مىڭ دانە دېھقانچىلىق قورال-سايمىنى،40مىڭ جىڭ تۆمۈر بېرىدۇ،698-يىلى جاۋجۇ ئايمىقى(ھازىرقى خېبىينىڭ نىڭجىن ناھىيەسى)بىلەن دىڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى خېبىينىڭ دىڭشىيەن ناھىيەسى)غا ھۇجۇم قىلىپ شۇ بىر قېتىمدىلا تاڭ سۇلالىىسنىڭ80-90مىڭغىچە ئەمگەك كۈچىنى ھەيدەپ كېتىدۇ.مويۇنچۈر قاغان يەنە699-يىلىدىن715-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ھازىرقى جىمسارغىچە بولغان ئارىلىقلارنى قاغانلىقنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ،تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ88يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇدۇ،ھەمدە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىنى پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.نەتىجىدە،كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقى،ئىلگىرىكى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىدا400مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە كۈچلۈك خانلىق بولۇپ قالىدۇ.

كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقى ئۆزىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلىدە،خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە تەخت ماجىراسى يۈز بېرىدۇ. 716-يىلىغا كەلگەندە مويۇنچۈر قاغان ئۆلتۈرىلىدۇ،ئۇنىڭ ئوغلى بېيكۆل تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.نەتىجىدە قۇتلۇق ئېلتەرمىش قاغان ئەۋلادى بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى مويۇنچۈر ئەۋلادى ئوتتۇرسىدا كەسكىن قانلىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ،ئاخىرىدا ئېلتەرمىش ئەۋلادى بىلگە قاغان(بۆگۆ)تەختكە چىقىدۇ.بىلگە قاغان تەختكە چىققاندىن كېيىن،ئالدى بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىتپاق تۈزگەن نۇرغۇنلىغان تۈرك قەبىلىلېرىنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتكۈزىدۇ.ئىنىسى كۆلتېگىننى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىپ ئۇ يەرلەردە نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ غەربىي كۆكتۈرلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈدۇ،ھەتتا تاشكەنت ئەتىراپىدا ئەرەپ قوشۇنلېرى بىلەن جەڭ قىلىدۇ.718-719-يىللېرى ئالتاي تاغلېرىنىڭ غەربىدىكى قارلۇقلارنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرىدۇ.مىلادى720-يىلى بېشبالىق ئەتىراپىدىكى باسمىل قەبىلىسىنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇپ،كەينىدىنلا ھازىرقى گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋۇۋىي،جاڭيى رايونلېرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالىدۇ.721-يىلى شەرقىي شىمالىي تەرەپتىكى قىتانلارنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرىدۇ.727-يىلىغا كەلگەندە كۈچلۈك كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچى ئالدىدا،بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى تۈرك قاغانلىقىغا ھەر يىلى بېرىدىغان يىپەكنىڭ سانىنى140مىڭ توپقا كۆپەيتىدۇ.734-يىلى بىلگە قاغان ئۆز ۋەزىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ،تاڭ شۈەنزۇڭ تۈركلەرگە ئەمەلدار ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈرۈدۇ،ھەمدە بىلگە قاغانغا ئاتاپ بۇتخانا ياساپ،مەڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە خېتىنى ئويۇش ئۈچۈن ئۇستا ئەۋەتىدۇ. (<<بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى>>).شۇنىڭدىن باشلاپ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئوردىسىدا يەنە تەخت تالىشىپ ئىچكى قىرغىنچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.ئوردىدىكى بۇ قالايماقانچىلىقلاردىن پايدىلانغان ئۇيغۇر،قارلۇق،باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر742-يىلى قاغانلىققا قارىشى بىرلىشىپ قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ.742-يىلىدىكى قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە ئالدى بىلەن باسمىل قەبىلىسى تەختكە ئولتۇرۇپ باسمىل،قارلۇق ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ بىرلەشمە خانلىقىنى قۇرۇدۇ.745-يىلى ئۇيغۇر قەبىلىسى قورال كۈچى ئارقىلىق تەخت ھوقوقىنى باسمىل قەبىلىسىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرىدۇ.

كۆكتۈرك خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بىز يەنە ئا.مۇھەمەتئىمىننىڭ تۆۋەندىكى بايانلېرىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز:



<<گەرچە19يىل ئۈزۈلۈش بولسىمۇ ئاسىنا تۈركلېرى قۇرغان كۆكتۈرك__ سىر(شۇ چاغدىكى پۈتكۈل تۈرك ئاھالىسى"سىر"دەپ ئاتالغان) قاغانلىقى175يىل داۋام قىلدى.ئۇ جۇجان قۇلدارلىقىغا قارشى تۆمۈرچى قۇللارنىڭ ئازادلىق مەقسىتىدىكى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىدى،ئاخىرى يەنە بىر تۈركىي تۈركۈم بولغان توققۇز ئوغۇز-ئۇيغۇر(تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىر مىللەت بولۇپ،<<بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى>>دا<<توققۇز ئوغۇزلار مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئىدى>>دەپ كۆرسىتىلگەن،يەنە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئۇنۋېرستىتىنىڭ پىرافىسورى لىن گەن ئەپەندىمۇ<<تۈركلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مىللەت بولۇپ،ھەر ئىككىلىسى تۆلەس ئىتپاقىنىڭ بىر تارمىقى دەپ كۆرسەتكەن)قاغانلىقى تەرىپىدىن شەكلەن مۇنقەرز قىلىنسىمۇ،مەزمۇنەن يەنە داۋاملاشتۇرۇلدى.تاڭ- تابغاچ سۇلالىسى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان- تەرى ھىسابىغا قانچە ھىيلە ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەن بولمىسۇن،كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ راۋان ئېقىنىنى پەقەت19يىل ئۈزۈپ قويۇپ،ھېچقانداق تارىخىي تاپاۋەتكە ئېرىشەلمەي،ئەكسىچە ئىچكى جەھەتتە ئەنلۇشەن-شى سىمىن قوزغۇلۇڭى،تاشقى جەھەتتە تىبەت ئىستىلاسىدا پايتەختنى ئارقا-ئارقىدىن قولدىن بېرىپ قويۇشتەك قىسمەتكە دۇچ كەلدى.

كۆكتۈرك قاغانلىقى ئەزەلدىن تاڭ ئېمپىرىيەسىنى ئۆزىگە مۇستەملىكە قىلىپ،ئۇنىڭ زېمىنىنى،خەلقىنى ئىلكىدىن تارتىۋېلىشتەك نىيەتتە بولغان ئەمەس(شۇنداق قىلىۋېلىشقا تامامەن كۈچى يېتەتتى)ھەم تاكتىكا تۈزگەن ئەمەس،ئۇ ئۈچ خىل ئۇرۇش بىلەن تاڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى.ئۇلار:تارتتۇرۇپ قويغان ئەسلى ئانا زېمىنلېرىنى قايتۇرۋېلىش،بىرەر نارازىلىقنى ئىپادىلەپ قىسمەن جازا ھۇجۇمى قىلىش،ئات-تاۋار سودىسىنى بېكىنمە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.بۇنداق ئۇرۇشلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە مىللىي تۈركۈملېرى خالىي بولالىغان ئەمەس.كۆكتۈركلەر ھەربىي ھىيلە_ مەسىلەن،كېچىلىك ھۇجۇم،قاچقان بولۇۋېلىپ مۆكتۈرمە قوشۇننىڭ مۇھاسىرىسىگە ئېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا تىپىك سىياسىي-دېپلوماتىيە(ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاش،ئالتۇن-كۈمۈش سوۋغا قىلىش،مەلىكە ياتلىق قىلىش)لىك جاسوسلۇق،ئىغۋا ھىيلىسى قوللانغان ئەمەس.(<<قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>>،543-544-545-بەتلەر.)



745-يىلى ئۇيغۇر قەبىلىسى ئۆز ئىتپاقدىشى باسمىللارنىڭ قولىدىن ھوقوقنى تارتىۋېلىپ،كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ پايتەختى ئۆتىكەن تېغىدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلەيدۇ(يەنە بىر ئىتپاقدىشى قارلۇقلار ئىدى)،بۇ خانلىق تارىختا يەنە توققۇز ئوغۇز خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا،خانلىقنىڭ زېمىنى تىبەت ۋە ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىغىغا ئۇچراۋاتقان ئىدى.تىبەتلەر634-يىلىدىن باشلاپلا ھازىرقى چىڭخەي(كۆكنۇر)دا ئولتۇرۇشلۇق تويۇھۇن(سىيانپىلارنىڭ بىر ئۇرۇقى)لارغا ھۇجۇم قىلىپ بۇ جايلارنى بېسىۋېلىشنى مەقسەد قىلغان ئىدى(ئەينى دەۋرلەردە ۋە شۇ دەۋرلەردىن بۇرۇن چىڭخەي تۈركلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىگىدە ئىدى).663-يىلىغا كەلگەندە تىبەتلەر چىڭخەينى بېسىۋالىدۇ،تويۇھۇنلار گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈدۇ.شۇندىن باشلاپ تىبەتلەر تۈرك زېمىنلېرىغا قارىتا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلايدۇ.بۇ چاغدا ئەرەبلەرمۇ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بايرىقى ئاستىدا667-يىلى ئامۇ دەريانىڭ جەنۇبى ۋە پامىر تاغلېرىنىڭ غەربىدىكى جايلارنى بېسىۋالىدۇ(ھازىرقى تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلار).674-يىلى ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەلىكىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ.ئەرەبلەر 750-يىلىغىچە  بولغان ئارىلىقتا تۈركلەر بىلەن بىر قاتار كەسكىن ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ،ئاخىرقى ھىساپتا تۈركلەرگە قاراشلىق بولغان ھازىرقى تۈركمەنىستان،ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق زېمىنلارنى بېسىۋالىدۇ.

ئىچكى قالايماقانچىلىق ئەۋجىگە چىققان،چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلېرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈركلەر زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كەلگەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،يەنىلا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر تۇتاش سېستىمىلىق ھاكىمىيەت ئاپاراتلېرىنى تىكلەپ،ئۆزىگە تەۋە جايلارغا ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.لېكىن،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان قارلۇق قەبىلىسى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىسى ئۇزاق ئۆتمەي بىر-بىرىدىن ئۈستۈلۈك تالىشىپ،ئۆزئارا كۈرەش قىلىشقا باشلايدۇ.نەتىجىدە قارلۇقلارنىڭ ئۆتىكەن تاغلېرى ئەتىراپىدىكى ئۇرۇقلېرى ئۇيغۇر خانلىقىغا بېقىنغاندىن باشقا،غەربىي قارلۇقلار ئەسلىدىكى ئالتاي،تارباغاتاي تاغلېرىنىڭ غەربىدىكى زېمىنىدىن تەدرىجى تۈركەش خانلىقىنىڭ زېمىنىغا،يەنى ھازىرقى تالاس(قازاقىستاندا) ۋە چۇ دەريالېرىنىڭ ۋادىلېرىغا كۆچۈپ كېلىپ،سۇياپ(بۈگۈنكى بۈگۈر) ۋە تالاس شەھەرلېرىنى ئىگەللەيدۇ. قارلۇق قەبىلىسى تۈركەش خانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن،بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىشى كۈرەش قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇر ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرگەن ئەرەب ئىستىلاچىلېرىغا قارىشى ئۇرۇش قىلىدۇ.قارلۇقلار مىلادى 757-يىلى باشلاپ ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىشى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى باشلاپ،ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالتاي،تارباغاتاي تاغلېرى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا بولغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلېرىنى توسۇپ،ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ناھايىتى كۈچلۈك بىر سىياسىي كۈچكە ئايلىنىدۇ.قارلۇقلار766-يىلىغا كەلگەندە شەرقتە ئالتاي تاغلېرى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى،شىمالدا بالقاش كۆلى،غەرپتە ئارال كۆلىنىڭ شەرقى،جەنۇپتا غەربىي تەڭرىتاغلېرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىنلارنى ئاساس قىلىپ،بالاساغۇن(ھازىرقى چۇ دەريا ۋادىسىدىكى توقماق شەھىرىنىڭ يېنىدا)شەھىرىنى مەركەز قىلغان زور قارلۇق خانلىقىنى تىكلەيدۇ.مىلادى806-يىلى قارلۇق خانلىقى ئۇيغۇر ۋە تۈبۈتلەر بىلەن بىرلىشىپ،سىر دەريانىڭ غەربىگىچە كېڭىيىپ كەلگەن ئەرەب ئىستىلاچىلېرىغا قارىشى شىددەتلىك ئۇرۇش باشلايدۇ.نەتىجىدە ئەرەب ئىستىلاچىلېرى قارلۇق خانلىقى بىلەن ئۇرۇش توختۇتۇپ،سۈلھ تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئىسلام دىنىنى قورال كۈچى بىلەن ئەمەس،بەلكى تېنچ ئۆزگەرتىش يولى ئارقىلىق تارقىتىش سىياسىتىنى قوللۇنىدۇ.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى بولسا ئىلگىرىكى ھون ۋە كۆكتۈرك خانىدانلىقلېرىنىڭ زېمىنى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ،غەرپتە ئۆز قېرىنداشلېرى قارلۇق خانلىقىنىڭ زېمىنى بىلەن ئالتاي تاغلېرىنى چېگرا قىلىپ ئايرىلىپ تۇرغان بولسا،شەرقتە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېرگۇنا دەريا(چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدا) ۋادىسىغىچە،جەنۇپتا گوبى چۆللىكىگىچە،شىمالدا بايقال كۆلىگىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئاساسىي كۈچىنى ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىتىپ سۇ ئىشلېرىنى،بولۇپمۇ تاشقى سودىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇردى.دېمكۇراتىيەنى كەڭ-كۆلەمدە يولغا قويۇپ،ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ خانلىققا باج-سېلىق تاپشۇرۇش ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئىشلېرىدىن باشقا ئىشلېرىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى.بۇنىڭ بىلەن خانلىق ئىچىدە چوڭ ئۇرۇشلار يۈز بەرمىدى،ئىگىلىك تېزدىن ئەسلىگە كەلدى.تاشقى سودىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان ئات،يىپەك ۋە چاي سودىسى ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان ئىدى.ئۇيغۇر خانلىقى ھەر يىلى بىر قانچە تۈمەن ئاتنى تاڭ سۇلالىسىگە ھەيدەپ بېرىپ،ھەر بىر ئاتقا40توپ يىپەك تېگىشىپ كېلەتتى. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھەر يىلى تاڭ سۇلالىسى چېگرىسىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن100مىڭ ئات ھەيدەپ بېرىپ،ئۇنڭغا تۆت مىليون توپ يىپەك تېگىشىپ،مەزكۇر يىپەكلەرنى ئۆز دۆلىتىدە بازارغا سالغاندىن باشقا يەنە يىپەك يولى ئارقىلىق غەرپكە ئاپىرىپ بازارغا سالاتتى،تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىم يىپەك قەرزدار بولۇپ قالاتتى.چاڭئەنلىك ھەر مەن باي دىگەن خەنزۇ سودىگەرلەرمۇ دائىم ئۇيغۇر(ئۇ چاغدا تۈركلەر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى بىلەن<<ئۇيغۇر>> دەپلا ئاتىلاتتى) سودىگەرلەردىن ئۆسۈمگە قەرز ئېلىپ،ئۆز سودىسىنى كېڭەيتىپ يۈرۈشتۈرىدىغان بولۇپ قالغان.ھەتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ لى شىن ناملىق بىر ھەربىي قوماندانى بىر ئۇيغۇر سودىگىرىدىن11مىڭ 400تىزىق پۇل قەرز ئېلىپ قايتۇرالماي قېلىپ،تاڭ سۇلالىسىنى نومۇستا قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن خان بۇ ئىشنى ئۆزى بىۋاستە بۇيرۇق بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ،ھەمدە ئالاھىدە يارلىق چۈشۈرۈپ تابغاچلارنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن پۇل قەرز ئېلىش ئىشلېرىنى چەكلەيدۇ.

ئاتقا يىپەك ئالماشتۇرۇش سودىسىدا ئاخىرى تاڭ سۇلالىسى چىدىماسلىق قىلىپ،ئۇيغۇر سودىگەرلېرىدىن ئېغىر باج ئالىدىغان بولۇۋالىدۇ.مەسىلەن،چېچەن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر سودىگەر چاڭئەن شەھىرىگە بىر قېتىمدا10دانە ئات ھەيدەپ كېلىپ سودا قىلماقچى بولغاندا،تاڭ خاقانى تاڭ دەيزۇڭ:<<ئاتنىڭ باھاسىغا قاراپ باج ئېلىش،بۇ يەردىكى پۇقرالارنى قاقشاتماسلىق،باجنى پەقەت خەزىنىگە تاپشۇرۇش،10مىڭ ئاتتىن پەقەت6مىڭ ئاتنىلا بازاردا سېتىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك>>دېگەن بىر يارلىق چىقارغانىدى.ئۇزاق ئۆتمەي ئېلتېكىن بۇقا قاغان خاقان تاڭ دەيزۇڭنىڭ يۈەن شۇ دېگەن بىر ئەمەلدارىغا ئەلچى ئەۋەتىپ<<بىزنىڭ ئېلىمىزدىكىلەر سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا،پەقەت مەنلا ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستۇم... سىلەر بىزنىڭ ئات سودىمىزدا بىر مىليون800مىڭ توپ يىپەككە قەرزدار.ئۇنى دەرھال قايتۇرۇڭلار>>دەپ خەت يازغان ۋە سودىگەر چېچەندىن باج ھىسابىدا ئېلىۋالغان100مىڭ توپ مال،100مىڭ سەر ئالتۇن كۈمۈشنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەرھال چېچەنگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى بۇيرىغان،تاڭ سۇلالىسىمۇ ئارتۇقچە گەپ-سۆزدە بولماي قايتۇرۇپ بەرگەن.



تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈرك قان سېستىمىسىدىن بولغان ھەربىي قوماندانلېرىدىن ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈم 755-يىلى قىشتا150مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ،تاڭ ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئاتلىنىدۇ ۋە ئۈچ ئاي ئىچىدىلا لوياڭ(بۈگۈنكى خېنەندە) شەھىرىنى ئالىدۇ.شۇندىن كېيىن ئۆڭلۈك ھېچ كۈچىمەيلا تاڭ سۇلالىسىنىڭ200مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىپ چاڭئەننى بېسىۋالىدۇ.قورقۇپ كەتكەن تاڭ ئوردىسىدىكىلەر 756-يىلى ھاپىلا-شاپىلا پايتەختنى تاشلاپ سىچۈەنگە قاراپ قاچىدۇ. ئۇرۇشقا ماجالى قالمىغان تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم بېرىشنى ئۆتىنىپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ.ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى مويۇنچۈر قاغان ئۆڭلۈكنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىگەللەپ،ئۆزلېرىگە كەلگۈسىدە خەۋپ يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى قارار قىلىدۇ.ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا خۇددى تاڭ سۇلالىسى دەسلەپ قۇرۇلغان چاغدىكىگە ئوخشاش<<شەھەر قايتۇرۋېلىنغاندىن كېيىن يەر-زېمىن بىلەن پۇقرالار تاڭ سۇلالىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ،ئالتۇن-كۈمۈش،تاۋار-دۇردۇنلار ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولىدۇ>>دەپ كېلىشىم تۈزۈلۈدۇ. مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئنىسى يابغۇ تېكىن757-يىلى كۈزدە پەقەت تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قالدۇق قوشۇنلېرىنى ئەگەشتۈرۈپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي پايتەختى  چاڭئەننى،قىشتا شەرقىي پايتەختى پايتەختى لوياڭنى قايتۇرىۋالىدۇ،ئۆڭلۈكنىڭ ھەربىي سانغۇنى سۆيگۈم تەسلىم بولىدۇ.



تارىخنامىلەردە خاتىرلىنىشىچە،تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلېرى شەرقىي ئاستانە لوياڭ قايتۇرۋېلىنىش ھارپىسىدا،يوڭ ۋاڭ بېگى لى شې(كېيىنكى پادىشاھ تاڭ دېزۇڭ،762-يىللېرى تەختكە چىققان)تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلېرىنىڭ ئالىي قوماندانى قىلىپ تەيىنلەنگەندە،قوشۇن بىلەن شەنجۇ ئايمىقى(ھازىرقى خېنەننىڭ سەنمىنشيا شەھىرى)گە بارغانىدى،ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇنلېرى بولسا شەنجۇ ئايمىقىنىڭ شىمالى(ھازىرقى خېبىي)دا تۇرغانىدى،يوڭ ۋاڭ بېگى قول ئاستىدىكى يۆزىئاڭ،لى جىن،ۋېي جۇ،ۋېي شياۋخۇا قاتارلىق ئون نەچچە ئادەمنى ئېلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانىغا كۆرۈنۈش قىلغىلى بارىدۇ.قاغان يوڭ ۋاڭ بېگىنى بىللە ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ،ئەمما پادىشاھ بولۇش ئالدىدا تۇرغان لى شې(شۇ چاغدىكى يوڭ ۋاڭ بېگى)نېمە ئۈچۈندۇر ئۇسۇل ئويناشقا چۈشمەي تۇرۇۋالىدۇ.قاغان بۇ ئىشقا خاپا بولغاندا،يۆزىئاڭ ئۇسۇل ئوينىسا رەسىم-قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ دېگەندە،ئۇيغۇرلارنىڭ سانغۇنى چۈبە ئۇسۇل ئوينىشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالغان،بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان،چۈبە يۆزىئاڭ قاتارلىق تۆت ئادەمنىڭ ھەر بىرىنى يۈز قامچىدىن ساۋاپ چىققان،ۋېي جۇ بىلەن ۋېي شياۋخۇانىڭ جاراھىتى ئېغىر بولغاچقا،بىر كېچىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن؛يوڭ ۋاڭ بېگى لى شى قوغلاپ چىقىرىلغان.

تاڭ سۇلالىسى شەرقىي ئاستانە لوياڭ قايتۇرۋېلىنغاندىن كېيىن،يابغۇ تېكىنگە ئەمرى مىمار،سادىق ئادىل پادىشاھ دېگەن ئوتۇغاتلار(قارشى تەرەپكە ئالاھىدە يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا شۇنداق ئوتۇغات ناملارنى بېرىشىدۇ)نى بېرىپ،ئۇيغۇرلارغا ھەر يىلى20مىڭ توپ يىپەك رەخت بېرىشكە پۈتۈشتى.شۇنىڭدىن كېيىن تاڭ خاقانى ئۆزىنىڭ كەنجى قىزى نىگۇ مەلىكىنى مۇيۇنچۇر قاغانغا ياتلىق قىلىدۇ،ھەمدە مۇيۇنچۇر قاغانغا تۆھپىكار بىلگە قاغان دەپ ئوتۇغات نامى بېرىدۇ.759-يىلى4-ئايدا مۇيۇنچۇر قاغان ۋاپات بولۇپ،ئورنىغا ئىككىنچى ئوغلى ئېل تېگىن تەختكە چىقىپ بۆكە قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.تاڭ پادىشاھى بۆكە قاغانغا ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان دەپ ئوتۇغات نامى بېرىپ،ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىرى بۆكە خۇيۇننىڭ قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ،ھەمدە قاغاندىن تارتىپ ۋەزىرگىچە بولغان مەرتىۋىدىكىلەرگە20مىڭ تۇتۈن ئاھالە،ئوڭ ۋە سول شادلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرگىمۇ ھەسسىلەپ ئىنئام بېرىدۇ.كېيىن بۆكە قاغانغا خوتۇنلۇققا بەرگەن ۋەزىرنىڭ قىزى ۋاپات بولغاندا،قايتا يەنە شۇ ۋەزىرىنىڭ كەنجى قىزىنى بۆكە قاغانغا ياتلىق قلىپ بېرىپ،قىز مېلى ھىساۋىدا20مىڭ توپ يىپەك ھەدىيە قىلىدۇ.ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي ئاستانە لوياڭ توپىلاڭچىلاردىن ئازاد قىلىنغاندا تابغاچ خەلقى رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر سانغۇنىغا ئايرىم10مىڭ توپ كىمخاپ ھەدىيە قىلىدۇ، جەڭگە قاتناشقان ئۇيغۇر لەشكەرلېرى كۆپتىن-كۆپ تارتۇقلارغا ئېرىشىدۇ.765-يىلى قىشتا بۆكە قاغاننىڭ ئىنىسى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىلېرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ(سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس)،تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا ناماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ3مىڭ توپ يىپەك بېرىدۇ.ئۇيغۇر سودىگەرلېرى يەنە چاڭئەن ۋە لوياڭلاردا ئالاھىدە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.



ئۇيغۇر قوشۇنلېرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي،يەنى758-يىلى سۆيگۈم يەنە تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى قوزغۇلۇپ چىقىدۇ.تاڭ سۇلالىسى شۇنچىلىك بىر توپىلاڭنىمۇ تاكى 762-يىلىغا قەدەر باستۇرۇپ بولالماي يەنە ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.بۇ قېتىم ئۇيغۇر خانلىقىدىكى بىر بۆلۈك قوشۇنلار ياردەمگە كېلىپ ناھايىتى تېزلا لوياڭ شەھىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىدۇ،ئارقىدىن توپىلاڭچىلارنى سۈر-توقاي قىلىپ ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىۋالىدۇ ۋە 763-يىلى توپىلاڭچىلارنى تەسلىم قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈملەر قوزغىغان توپىلاڭلار تۈپ ئاساسىدىن تىنجىيدۇ.

بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار توپىلاڭنى تىنجىتىش ئۈچۈن كەلگەندە لوياڭدا مانى دىنى مۇخلىسلېرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ،ئۇلارنى ئۆتۈكەن تېغىغا بىللە ئېلىپ كېتىدۇ.شۇندىن كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى مانى دىنى بولۇپ قالىدۇ.ئەسلىدە تۈركلەر شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى،كېيىن غەربىي شىمالدىكى بىر بۆلۈم تۈركلەر يەنە بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى،بۇددا دىنى شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە(مىلادى58-76-يىلىغىچە)تۈركلەردىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارغا تارالدى.762-يىلىدىن كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى تۈركلەر مانى دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،تۈركلەرنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارمۇ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.بۇ توغرىسىدا روسىيەلىك تارىخشۇناس بارتولد ئۆزىنىڭ<<ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە>>ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:<<كۆچمەن ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلېرىدە قارىشى تەرەپنىڭ بۇ ئەھۋالنى نەزەرگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى.جۇڭگولۇقلار باشقا دىندىكىلەرگە قوللانغان سىياسىتىدە ئۇيغۇر قاغانىنىڭ مانى دىنىنى قوغداپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئويلۇشىدىغان بولدى.پەقەت ئۇيغۇر دۆلىتى قىرغىزلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىنلا جۇڭگودا باشقا دىنلارنى،جۈملىدىن مانى دىنىنى چەتكە قېقىشقا باشلاندى.جۇڭگو تۈركۈستانىدىكى ئۇيۇغۇر ھۆكۈمرانلېرىنىڭ دىن مەسىلىلېرى توغرىسىدىكى تەھدىت سۆزلېرى،ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى بۇرۇنقى قۇدرەتلىك قاغان بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدىكىدەك رول ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالدى... جۇڭگو تۈركىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ئەللەردىكى دىنداشلېرىنى قوغداپ كەلگەنلىكىنى،قورال كۈچى ئىشلىتىشتىنمۇ ۋاز كەچمىگەنلىكىنى،ھەربىي جەھەتتىكى باتۇرلىقلېرىنىمۇ...كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. >> دېمەك،يۇقارقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇدىكى،ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر ئەزەلدىن تارتىپ ئىلغار مەدەنىيەت جەھەتتە(شامان،بۇددا ۋە مانى دىنلېرى ئەينى زاماندا ئىلغار ئاڭ ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى)ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك جەمئىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسۈتۈپلا قالماي،بەلكى يەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تاڭ سۇلالىسىنى ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش كۆرۈشكە كۆندۈرگەن ئىدى.

768-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارغۇت(تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي سەركەردىسى) توپىلىڭىنى تىنجىتىپ بەرگەنلىكىگە،ھەمدە تىبەتلەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن،بارغۇتنىڭ كەنجى قىزىنى مەلىكە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ،چۈندې(بەك ئەخلاقلىق)مەلىكە دەپ نام بېرىپ،ئۇنى ئۇيغۇر قاغانىغا ياتلىق قىلىدۇ.ئارىدىن 20يىل ئۆتكەندە تاڭ سۇلالىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ ھەربىي بېسىمىغا قارىشى، ئۇيغۇر خانلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن،مەلىكە شىيەنئەننى ئۇيغۇر قاغانى تۈن باغا قاغانغا ياتلىق قىلىدۇ.789-يىلى بېشبالىق(ھازىرقى جىمسار)چېگرىسىغا يېقىن ياشايدىغان سارت،قارلۇق ۋە ئاق تونلۇق تۈرك دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىلەر تىبەتلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە ھەربىي ياردەم بېرىشى بىلەن  ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىشى توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ،791-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى بۇ توپىلاڭلارنى تەلتۆكۈس تىنجىتىدۇ ۋە تىبەت قوشۇنلېرىنى بۇ جايلاردىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىدۇ.821-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خاقانلىقىغا بولغان يېقىنچىلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن،مەلىكە تەيخېنى ئۇيغۇر قاغانى تەڭرى يارالمىش قۇچ بىلگە قاغانغا تارتۇق قىلىدۇ.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھون ۋە كۆكتۈرك خانلېرىنىڭ قانلىق پاجىئەسىدىن ساۋاق ئالمىدى.ساۋاق بېرىش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاش ئابىدىلەرمۇ كار قىلمىدى.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى بىر تۇغقان قېرىنداشلار، ئۆزى بىلەن بىرگە ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كېتىشكە بولمايدىغان شۇ ھوقوقنى دەپ بىر-بىرىگە يول قويماي،ئۆزئارا تىغ كۆتۈرۈشۈپ خانلىقنى ئۆز قېرىنداشلېرىنىڭ ئىسسىق قانلېرى بەدىلىگە ھاڭغا قاراپ سۆرىدى.خانلىق قۇرۇلغاندا خانلىقنىڭ ھوقوقى ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان كۆل بىلگە قاغان جەمەتىنىڭ قولىدا ئىدى،780-يىلى ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان باغا تارقان جەمەتى كۆل بىلگە جەمەتىدىن بولغان ئېلتېكىن بۇقا قاغان ۋە ئۇنىڭ ئىككى شاھزادىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىقنىڭ تەختىنى تارتىۋالىدۇ.789-يىلى باغا تارقان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى تۆلىش قاغان تەختكە چىقىدۇ،790-يىلى تۆلىش قاغان ئىنىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ئورنىغا تۆلىش قاغاننىڭ ئوغلى ئايچۇرۇ قاغان تەختكە چىقىدۇ.795-يىلى ئايچۇرۇ قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ باش ۋەزىرى ۋە ئادېز ئۇرۇقىنىڭ باشلىقى بولغان قۇتلۇق تارقان قورال كۈچى بىلەن خانلىق تەختىنى تارتىۋالىدۇ.شۇندىن باشلاپ قۇتلۇق تارقان ئەۋلادىمۇ ئەجدادلېرىدىن قالغان ئۇدۇم بويىچە بىر-بىرىدىن تەخت تالىشىپ قانلىق ئۇرۇشلارنى پەقەتلا توختاتمايدۇ.بۇ ھال خانلىقنى ئېغىر ئىچكى سىياسىي بۆھرانغا پاتتۇرۇپ قويىدۇ،ھەرقايسى تۈرك قەبىلىلېرى ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلەشنىڭ كويىغا چۈشۈپ،بۆلۈنمە ھاكىمىيەت تىكلەش ئۈچۈن قۇتراشقا باشلايدۇ.839-يىلى باش ۋەزىر قوزا تېكىن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئوردىنى ئىگەللەيدۇ،قاغان قوغۇ تېكىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ.شۇ يىلى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان توختىماي داۋاملاشقان تەبىئىي ئاپەتلەر ئىنتايىن كۈچۈيۈپ پۈتۈن مەملىكەتكە تارايدۇ،سانسىز چارۋا-مال ھەم ئادەملەر ئاپەت دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئوردىدىكىلەر بىر نىيەتتە بولۇپ،تەبىئىي ئاپەتلەردىن كېلىپ چىقىۋاتقان چىقىمنى ئازايتىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزلەنمەي،ئەكسىچە يەنىلا بىر-بىرىنى يېقىتىپ تەخت ئىگەللەشنىڭ كويىدا بولىدۇ.840-يىلى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىر تۈن باغان تەخت تاماسىدا، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي بۆھراندىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇۋالغان يەنسەي(ئانىساي)دەريا ۋادىسىدىكى قىرغىز خانلىقىغا قېچىپ بېرىپ،قىرغىز قەبىلىسىنىڭ100مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ قاغان قوزا تېكىننى ئۆلتۈرىدۇ،پايتەخت ئوردۇبالىق كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ،ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولىدۇ.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر قەبىلىلېرى ئىككى يول بويىچە،يەنى جەنۇپ ۋە غەرپ يۆلىنىشى بويىچە ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ كۆچۈشكە باشلايدۇ.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سابىق قاغانى قوزا تېكىننىڭ ئىنىسى ئۆگە تېكىن15قەبىلە تەخمىنەن يۈز مىڭ كىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ گوبى چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىغا،يەنى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونى خورېنگىر رايونى(ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا بولۇپ،سەددىچىن بىلەن بىر سىزىق ئايرىلىپ تۇرۇدۇ)غا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ.841-يىلى ئۆگە تېكىن ئۆزىنى قاغان دەپ ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا تىرىلدۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى،تاڭ سۇلالىسى20مىڭ دەن ئاشلىق بىلەن ئۇلاردىن ھال سورايدۇ،چۈنكى ئۇلار ئۆز چېگرىسىنى ئەتىراپىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ ئۆزلېرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى.دېگەندەك،ئۆگە قاغان تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى قوشۇن تارتىپ ھازىرقى بېيجىڭ ئەتىراپى،ھازىرقى داتۇڭ شەھىرى ئەتىراپلېرىنى بېسىۋالىدۇ.846-يىلىغا كەلگەندە ئىچكى ماجىرا تۈپەيلى ئۆگە تېكىن ئۆز ئادەملېرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ،ئۇنىڭ ئىنىسى غانان تېكىن تەختكە چىقىدۇ.848- يىلىغا كەلگەندە جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇر خانلىقى ھازىرقى شەرقىي شىمال رايونىدا ياشايدىغان شىرۋى قەبىلىلېرى(سىبىر ۋە قىتانلار) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدۇ.جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلېرى ئارىسىغا كۆچۈپ كېتىدۇ،ئاز بىر قىسمى تۇرپان ۋە قارلۇق خانلىقىغا كۆچۈپ كېتىدۇ.شۇنداق قىلىپ جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ناھايىتى تېزلا تەرەپ- تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ.

ئىككىنچى بىر تارماق پانتېكىن باشچىلىغىدا غەرپتىكى قېرىنداشلېرىنىڭ يېنىغا قاراپ كۆچۈدۇ.غەرپكە قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلېرى ئەنئەنىۋى يايلاق يولىنى بويلاپ ئالدى بىلەن بېشبالىق(ھازىرقى جىمسار ناھىيەسى)قا يېتىپ كېلىدۇ،يېتەرلىك ئوتلاققا ئېرىشىش ئۈچۈن پانتېكىننىڭ ئەۋلادى(بەزى تارىخ تەتقىقاتچىلېرى سانغۇنى بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ)يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلېرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ داۋاملىق غەرپكە قاراپ ئىلگىرىلەپ كەتكەن.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن جەنۇپقا قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى ئۆگە تېكىن ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن،غەرپكە كۆچكەن پانتېكىن باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلېرىمۇ خۇددى خېشى كارىدورىدا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش،ئۆگە تېكىننى ئۆزلېرىنىڭ خانى دەپ ئېتىراپ قىلغان،چۈنكى شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر قەبىلىلېرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىغا قايتىپ بېرىپ ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا تىكلەشنى بىردەك مەقسەد قىلغان ئىدى.شۇڭا پانتېكىن ئەينى چاغدا ئۆزىنى پەقەت يابغۇ دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.842-يىلى قىرغىزلار بىر مەھەل ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېشبالىق ۋە قۇچۇ(تۇرپان)غا ھۇجۇم قىلىدۇ،پانتېكىن بۇ چاغدا كىنگىت(قارا شەھەر)گە چېكىنگەن.848-يىلى جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار تامامەن ھالاك بولغاندىن كېيىن،بارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ ئۈمۈدى پانتېكىنگە باغلىنىدۇ.856-يىلى پانتېكىن ئۆزىنى ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ قاغان دەپ ئېلان قىلىدۇ ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.تاڭ سۇلالىسى 856-يىلى پانتېكىننىڭ قاغان دەپ ئاتالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،دەرھال ئەلچىلەر ئۆمۈكى تەشكىللەپ پانتېكىنگە ئوتۇغات بېرىشقا ماڭدۇرۇدۇ.لېكىن تاڭ ئەلچىلەر ئۆمۈكى يولدا قۇچۇ(تۇرپان)خانلىقىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەلچىلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ ئۇيغۇر ئەلچىلەر بىلەن كەينىگە يېنىپ كېلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى يەنە857-يىلى تاڭ سۇلالىسى پانتېكىنگە ئوتۇغات بېرىپ ئۆزىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلەر ئۆمۈكىنى غەربىي يۇرتقا ماڭدۇرۇدۇ.بۇ قېتىم تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلەر ئۆمۈكىدىكى ئەزالارنى تاللاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ،ياساۋۇل بەگ ۋاڭ دۈەنجاڭنى خېخۇ ئايمىقىنىڭ ئەمىر لەشكىرى قىلىپ،يانداش ئەلچىلىككە خانلىق قائىدە-يوسۇن كاتىپى لى شۈننى جېنجۇ ئايمىقىنىڭ ئەمىر لەشكىرى قىلىپ،يازغۇچىلىققا خېنەن مەھكىمىسىنىڭ كاتىپى ساۋجىلىننى يۇڭجۇ ئايمىقىنىڭ ئەمىر لەشكىرى قىلىپ ئەۋەتىدۇ.ئۇلار چېگرىدىن چىقىپ بولغاندا قارا ھارۋىلىقلار(شىرۋى قەبىلىلېرى) يولىنى توسىۋېلىپ ماڭالماي قايتىپ كېتىدۇ،مەنشۇرنامىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويۇپ،بۇرچىنى ئادا قىلالمايدۇ.تاڭ سۇلالىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق ئوتۇغات بېرىشكە ئاتلىنىپ چىققان ئەلچىلەر ئۆمۈكىدىكىلەرنىڭ ئەمەللېرىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.(بۇ خاتىرىلەر خۇاتاۋ ئەپەندى تۈزگەن<<Ⅷ-Ⅹئەسىرلەردىكى غەربىي تارىخى ھەققىدە تەتقىقات>>دېگەن كىتاپنىڭ88-،89-،100-بەتلېرىدىن تاللاپ ئېلىندى.)

ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ يەنە بىر تارمىقى چوڭ كۆچۈش مەزگىلىدە خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىدۇ.ئۆز ۋاقتىدا خېشى كارىدورىنى ئاساس قىلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار خېلەنشەن،جىنچۈەن،لىياڭجۇ،قارا دەريا،سۇجۇ،گۇاجۇ،شاجۇ،گەنجۇ(ھازىرقى گەنسۇنىڭ جىياڭيى شەھىرى)قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئىدى.تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا قەدىمكى گەنجۇ رايونى ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ پائالىيەت ماكانى ئىدى.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى3-ئەسىرلەردىلا تارىختا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋۇجېي ياكى خۇجېي(ئوغۇز ياكى ئۇيغۇر)قەبىلىلېرى بۇ جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان،تۆلەس ياكى قاڭقى قەبىلىلېرىمۇ بۇ جايدا بەزى سىياسىي ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان،بۇ رايون يەنە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭمۇ ئاساسلىق پائالىيەت ماكانلېرىدىن بىرى بولغان.يىغىپ ئېيتقاندا گەنجۇ رايونى تۈرك مىللىتىنىڭ ئانا ماكانلېرىدىن بىرى ئىدى.گەنجۇ رايونى قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ ئاساسىي ئۆتكىلى بولغانلىقتىن،ئەگەردە كىمدە-كىم بۇ رايوننى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالىسا،شۇ تەرەپ ئۆز تەسىرىنى تەرەپ-تەرەپكە ئۆتكۈزەلەيتتى.مىلادى696-يىلى تىبەتلەر بۇ جاينى بېسىۋالدى،745-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن تىبەت قوشۇنلېرىنى ھازىرقى بۇغدا تاغلېرىنىڭ ئەتىراپىدا بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ،ئەمما گەنجۇ رايونىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى تەلتۆكۈس تازىلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلېرى گەنجۇدىكى ئۆز قېرىنداشلېرى ئارىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتى،846-يىلى جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى ئۆگە قاغان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،گوبى چۆللۈكىنىڭ ئەتىراپى ۋە سەددىچىننىڭ شىمالى رايونلېرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گەنجۇغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى.850-يىلى خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلېرى بۇ جايدىكى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا خاتىمە بېرىپ،بۇ جايدا مۇستەقىل بولغان ئۆز خانلىقىنى،<< گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى>>(خېشى ئۇيغۇر خانلىقى)نى قۇرۇپ چىقىدۇ.خانلىقنىڭ پايتەختى گەنجۇ(ھازىرقى گەنسۇنىڭ جىياڭيى شەھىرى،چىلەنشەن تېغىنىڭ شىمالىدا بولۇپ،خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا بەلبېغىغا توغرا كېلىدۇ)بولىدۇ،زېمىنى شەرقتە ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىئەنشۈي شەھىرى ۋە مىنشەن تاغلېرى(بىر مەزگىل لەنجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىگىچە بولغان جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان)،غەرپتە قۇمۇلنىڭ شەرقى،شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ ئېجىنا دەريا ۋادىسى ۋە خېلەنشەن تاغلېرى،جەنۇپتا چىلەنشەن تاغلېرىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تاڭ سۇلالىسى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانىغا ئوتۇغات ھەدىيە قىلىپ،ئۆز يېقىنلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەردىن باشقا يەنە تويۇھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ قىسقىچە نەزەر سېلىپ باقايلى:



تويۇھۇنلار200-يىللېرى باشلاپ كۈچۈيۈپ،بارا-بارا ھازىرقى گەنسۇنىڭ غەربى،سىچۈەننىڭ شىمالى ۋە چىڭخەي(كۆكنۇر)ئۆلكىلېرىگە كېڭىيىپ،ئاخىرىدا چىڭخەينى ئاساس قىلپ ئۆز ئالدىغا كىچىك خانلىق قۇرغان، سىيانپىلارنىڭ مۇرۇن قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى.تاڭ سۇلالىسى تۇيۇھۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ غەربىدىكى رايونلېرىغا بولغان ھەربىي ھۇجۇملېرىنى توختۇتۇش ئۈچۈن،ئايرىم-ئايرىم ھالدا622-يىلى خۇڭ خۇا مەلىكىنى تۇيۇھۇن پادىشاھىغا ياتلىق قىلىدۇ،639-يىلى تاڭ تەيزۇڭ مەلىكە شى پىڭنى تۇيۇھۇنلارنىڭ خانىغا ياتلىق قىلىدۇ،652-يىلى تاڭ گاۋزۇ يەنە مەلىكە جىن چېڭنى تۇيۇھۇن خانىنىڭ چوڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسىنىڭ قارىشىچە مەلىكە ياتلىق قىلىپ قۇدۇلۇشۇش ياتلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولۇپ،بىر مەلىكە يۈز مىڭ قوشۇنغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ رولىنى ئوينىيالايدىكەن.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز خان جەمەتىدىن مەلىكە يېتىشمىگەندە،ۋەزىرلەرنىڭ ياكى ئالىي ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قىزلېرىنى مەلىكە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ،ھەم ئۇنىڭغا قىممەتلىك سوۋغا-سالاملارنى قوشۇپ ياتلارغا ياتلىق قلىشى بۇنىڭ بىر جانلىق پاكىتىدۇر.

بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەر بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان.623-يىلى تىبەتلەر فاڭجۇ ئايمىقى(گەنسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)نى بېسىۋالىدۇ،638-يىلى يەنە سۇڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى سىچۈەننىڭ سۇڭپەن ناھىيەسى)نى بېسىۋالىدۇ.دوستلۇق ۋە ئىتپاقلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەرنىڭ <<قايتا-قايتا ئەلچى ئەۋەتىپ،سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىشى>> بىلەن641-يىلى 16ياشلىق مەلىكە ۋېن چىڭنى تىبەت پادىشاھى سۇڭ زەنگەنبۇغا ياتلىق قىلىدۇ.مەلىكە ۋېن چىڭنى تاڭ پادىشاھىنىڭ ئىنىسى ئالتۇن-كۈمۈش،كىمخاپ-دۇردۇن،ھەر خىل كىتاپ قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ ماڭغان زور ئۆزمەككە يېتەكچىلىك قىلىپ،ئىككى ئايدەك يول يۈرگەندىن كېيىن سۇڭ زەنگەنبۇغا ئاپىرىپ بېرىدۇ،شۇندىن كېيىن مەلىكە ۋېن چىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى تىبەتلەرگە تارقىتىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىدۇ.



633-يىلى تىبەتلەر ئۆزلېرىنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئارىلىقتا توسقۇن بولۇۋاتقان تۇيۇھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي بېسىۋالىدۇ،تۇيۇھۇنلارنىڭ پادىشاھى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسىنى ئېلىپ،تاڭ سۇلالىسىدىن پاناھ تىلەپ كېتىدۇ.667-يىلى تىبەتلەر يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىلېرىغا ھۇجۇم قىلىپ 12ئايماقنى بېسىۋالىدۇ. تاڭ سۇلالىسى تۇيۇھۇنلارنى يۆلەپ تىبەتلەرنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن670-يىلى تۇيۇھۇنلارنىڭ 50مىڭ ئادىمىنى قوراللاندۇرۇپ چىڭخەيگە يولغا سالىدۇ،لېكىن بۇ قوشۇن تىبەتلەرنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي قىرىلىپ كېتىدۇ.شۇندىن كېيىن تۇيۇھۇنلار تەركى ماكان بولۇپ گەنسۇ،سىچۈەن ۋە نىڭشىيالارغا چېچىلىپ كېتىدۇ.678-يىلى تاڭ سۇلالىسى غەيرەتكە كېلىپ180مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن چىڭخەيگە يۈرۈش قىلىپ تىبەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ،تىبەتلەر چېكىنگەن بولۇپ چىڭخەي كۆلى ئەتىراپىغا كېلىدۇ،ئاندىن بىراقلا كەينىگە قايرىلىپ ھۇجۇم قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتقان تاڭ قوشۇنلېرىنى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ.696-يىلى تىبەتلەر خېشى كارىدورىنى بېسىۋالىدۇ،تاڭ سۇلالىسى710-يىلى مەلىكە جىن چېڭ(تۇيۇھۇنلارغا بەرگەن مەلىكە بىلەن ئىسىمداش)نى تىبەت خانىغا ياتلىق قىلىدۇ. 756-يىلى ئۆڭلۈك لوياڭنى بېسىۋېلىپ ئۆزىنى خان دەپ ئاتىغان مەزگىللەردە،تىبەتلەر ھازىرقى سىچۈەننىڭ غەربىدىكى كەڭ زېمىننى بېسىۋالىدۇ،ھەمدە داۋاملىق ئىچكىرلەپ كىرىپ پايتەخت چاڭئەننى بېسىۋالىدۇ،تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەر بىلەن مەخپىي سۆھبەتلىشىپ جىڭجۇ ئايمىقى(گەنسۇ ئەندىڭ ناھىيەسى) ۋە لىڭجۇ ئايمىقى(نىڭشىيا لىڭۋۇ ناھىيەسى)قاتارلىق تۆت ئايماقنى تىبەتلەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تىبەتلەر پايتەخت چاڭئەندىن15كۈندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.765 -يىلى3-ئايدا تىبەتلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر سەركەردىسى بۇقا خۈييىڭ بىلەن بىرلىشىپ تاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا،تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەرگە ئۇرۇش چىقىمى ھىساۋىدا،5000توپ يىپەك تەغدىم قىلىدۇ.791-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى تىبەتلەر پىڭ لىياڭ ئايمىقى(گەنسۇنىڭ شەرقىدە بولۇپ،ھازىرقى گەنسۇ،نىڭشيا ۋە شەنشى ئۈچ ئۆلكىنىڭ تۇتۇش بۆلۈكىگە توغرا كېلىدۇ)غا ھۇجۇم قىلىپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ60دىن ئارتۇق ھەربىي سانغۇنلېرىنى ئەسىر ئالىدۇ،500دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈدۇ،نەچچە مىڭلىغان ئەسكەرنى ئەسىر ئالىدۇ.مانا مۇشۇ ئارىلىقلاردا تاڭ سۇلالىسى جەمئىي سەككىز قېتىم(705-821-يىلىغىچە)ئەلچى ئەۋەتىپ تىبەتلەر بىلەن ئىتپاقلىشىپ قېلىش توغۇرلۇق كېڭىشىدۇ.ئاخىرى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى نەتىجىسىدە تىبەتلەرمۇ تاڭغا بولغان ھۇجۇملېرىنى توختۇتۇدۇ.چۈنكى تىبەتلەرمۇ750يىلىدىن كېيىن ئىچكى سىنىپىي زىدىيەتلەر تۈپەيلى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى،بىر پۈتۈن تىبەت خانلىقىمۇ840-يىلىدىن كېيىن ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىدۇ.



840-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئاپەت،ئىچكى ماجىرا ۋە قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زەربىسى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن مۇنقەرز بولۇدۇ.تاڭ سۇلالىسى باشتىن-ئاخىر ئەجدادلېرىمىز تۈركلەرنىڭ قوغدۇشى ۋە ھىمايە قىلىشى بىلەن ئۆز مەۋجۇدلىقىنى خاتىرجەم ھالدا ساقلاپ كەلگەن ئىدى،شەرقىي شىمالدىكى شىرۋىلەر،قىتانلار،غەربتىكى تۈبۈتلەر ۋە تاڭغۇتلار تۈركلەردىن تەپ تارتقاچقىلا تاڭ سۇلالىسىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماي كەلگەن ئىدى؛تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەرمۇ پەقەت تۈركلەردىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈنلا تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئۆكتە قوپۇشقا پېتىنالماي كەلگەن ئىدى.840-يىلىدىن كېيىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچلۈك ھىماتچىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىچكى قىسىمدىكى تەپرىقىچى كۈچلەر،859-يىلى يۈرەكلىك ھالدا تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى ئىچكى ئىسيان كۆتۈرۈدۇ.تاڭ سۇلالىسى ئەنە شۇ يىلدىن باشلاپ پەقەت نامدىلا مەۋجۇد بولۇپ،ئەمىلىيەتتە تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈدۇ.تاڭ سۇلالىسىنىڭ جاي-جايلېرىدىكى ھەرقايسى ھەربىي ھوقوقدارلېرى نامدا تاڭ سۇلالىسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ،ھەدەپ ئۆز ئالدىغا زېمىن بۆلۈشۋېلىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ،ئوردىدىكىلەر بولسا خۇددى قەپەزگە سولانغان توخۇدەك بوسۇغا ئاتلاپ سىرتقا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.جايلاردىكى تەپرىقىچى كۈچلەر يەنە تەسىر دائىرە تالىشىپ ئۆزئارا قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارىدۇ،ئاخىرىدا بۇ خىل قانلىق قىرغىنچىلىق ئوردا ئەھلى ۋە خان جەمەتىنىمۇ ئامان قويمايدۇ.907-يىلى باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بەش سۇلالە،ئون پادىشاھلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇدۇ.

بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى باشتىلا تۈركلەرنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك قوللۇشىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى.تۈركلەر ئەزەلدىن تارتىپلا تاڭ سۇلالىسىنى پۈتۈنلەي مۇنقەرز قىلىۋېلىشتەك ئەمىلىي كۈچىگە ئىگە ئىدى(تۈركلەر سۈي سۇلالىسىنى ئۆزى بىۋاستە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قوشۇۋېلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى،ئەمما ئۇنداق قىلمىدى؛626-يىلى8-ئايدا شەرقىي كۆكتۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىقىدەك ھەركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ،تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ پايتەختى چاڭئەننىڭ بوسۇغۇسىغا كەلدى،ئەمما تاڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭنىڭ شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ كۆۋرىكىدە، ئات ئۆلتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ساداقىتىنى ئىپادىلىشى بىلەن يەنە تېنچ چېكىنىپ چىقىپ كەتتى؛755-يىلى ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈم توپىلاڭ كۆتەرگەندە،758-يىلى سۆيگۈم يەنە قايتا توپىلاڭ كۆتۈرگەندە،765-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر سەركەردىسى بۇقا خۈييىڭ تىبەتلەر بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەندە،تاڭ سۇلالىسى ئاللىقاچان بۇ توپىلاڭلارنى بېسىقتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدى.تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ ئىچكى توپىلاڭلېرىنى باستۇرۇپ بەردى،ھەرگىزمۇ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ تاڭ سۇلالىسىنى يۇتۇۋېلىشنى ئويلىمىدى)،ئەمما ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر تاغنى تالقان قىلغۇدەك جاسارەت ۋە ئەمىلىي كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلېرىنى مۇنقەرز قىلىۋېلىشنى ئويلىمىدى،ھەتتا كېيىنكى كۈنلەردە تىبەتلەر ئەجدادلېرىمىزغا ئەلچى ئەۋەتىپ تاڭ سۇلالىسىغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەندىمۇ،تۈركلەر ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى.چۈنكى ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر ئەزەلدىن تارتىپ ۋىجداننى،مەرتلىكنى ھەممدىن ئەلا بىلىپ كەلدى،ئەكسىچە ئىككى يۈزلىمىلىك،پۇرسەتپەرەسلىك ۋە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشنى باشتىن-ئاخىر ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق دەپ بىلدى.ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان ئىرق،ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئىنسانلار توپىغا قارىتا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ،تەڭلىك ۋە باراۋەرلىكتە ياشاشتەك ئىنسانىي خىسلەتنى ئۆزلېرىنىڭ ياشاش پىرىنسىپى قىلىپ كەلدى.بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئەجدادلېرىمىزنىڭ بۇ خىل ياشاش پىرىنسىپى بىزنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇدۇ!

مەنبە: ئۆز قەلىمەم.


پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:①   <<تۈرك تارىخى>>شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2002-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.

②  <<ئۇرخۇن ئابىدىلېرى>>تالات تەكىن﹝تۈركىيە﹞،مىللەتلەر نەشىرياتى،2009-يىل3-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.

③ <<قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>>،2002-يىلى3-ئاي،ئۇيغۇرچە1-نەشرى.

④ <<Ⅷ-Ⅹئەسىرلەردىكى غەربىي تارىخى ھەققىدە تەتقىقات>>،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،2003-يىلى11-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.

⑤<<شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى>>،مىللەتلەر نەشىرياتى،1999-يىلى3-ئاي ئۇيغۇرچە2-بېسىلىشى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6579
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى

2007 – يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «رۇسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .



پۇرباجىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باش-ئاخىرى زادى قانداق ؟ كىشىلەرنى شۇنچە ھاياجانغا سالغان بۇ قەلئە نېمە سەۋەبتىن ، قاچان ، قانداق سېلىنغان ؟ بۇ ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشمۇ ياكى كونا ئىشمۇ ؟ كىشىلەر بۇ قەلئەگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىقىدۇ ؟ دېگەن سوئاللار كىشىلەرنى قىزىقتۇردى .
پورباجىن رۇسىيە فېدراتسىيسىنىڭ توۋا جۇمھۇريتىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز جايدىكى تېرىخول كۆلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى تۆت گېكتار كېلىدىغان ئارالغا تەمىرقىلىنغان قەلئە.«پۇرباجىن» دېگەن سۆز توۋا تىلىدا لايدىن ياسالغان قەلئە» . دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

توۋا جومھۇرىيتى رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەرمەيدانى 170 مىڭ كوۋادى كېلومىتىر ، نوپۇسى 310 مىڭ بۇنىڭ ئىچىدە تۇۋالارنىڭ نوپۇسى 200 مىڭ ، رۇسلارنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغا يېقىن ، قالغانلىرى خاكاس ، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەردۇر . تۇۋالارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ن . ئا . باسكاكوۋ «تۈركىي تىللار» دېگەن كېتاپتا ئېنىق قىلىپ : «توۋا تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر-ئوغۇز گورپپىسىغا كىرىدۇ ھەمدە بۇگۇرۇپپىدىكى قەدىمكى ئۇغۇز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۇفا(قاراغاس) تىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئايرىم بىر ئۇيغۇر-تۈرۈك تارماق گورپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېگەن تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندىمۇ تۇۋالارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ھەققىدە «گەپنى قىسقارتقاندا ، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى تېللارغا تاقىلىدۇ» ، «ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېتىمىسى تۈركىي تىل ئائىلىسى-شەرقىي ھون تىل تارمىقى-ئۇيغۇر تىل گورپپىسى –ئۇيغۇر-تۈركىي تىللار ئىككىلەمچى تىللار گورۇپپىسغا تەۋە» دەپ يازغان . توۋالارنىڭ كۆپ قىسمى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .
پۇرباجىن قەلئەسى بىر خارابە بولۇپ ، ئۇنى ئەڭ دەسلەپ-1891- يىلى رۇسىيىنىڭ مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىي دېىتۇرىي كېلىمىن ئېنىقلىغان . ئۇ كېيىن قارا بالغاسۇننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پۇرباجىن سېپىل-سارىيىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان . پۇر باجىننى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ يازلىق سارىيى» دېگەن قاراشنى تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋردىكى مەشھۇر ئالىم سېۋىيان ئىزرايلىۋېچ باينېشتېيىن 1957- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ قاراشنى 1960-ۋە 1970 يللاردا ل، ر ، كزلاسوۋ ۋە س . ۋ . كسلېۋلار ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تەكىتلەشكەن . توۋا جومھۇرۇيتىنىڭ ئايال رەھبىرى تامارا ماشالوۋنا نوربىي ئۆزىنىڭ كىتابىدا پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ساراي-سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن . ئەمما باشقىچە قاراشتىكى تەتقىقاتچىلارمۇ بولغان . ئۇلارنىڭ كۆپىپىنچىسى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ قەلئەسى» دەپ بېكىتىشكە پاكىت يېتەرلىك ئەمەس ، دەپ قاراشقان . شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ئالىملىرى بۇ قەلئەنىڭ ئارخېئوگيىلىك قىممىتىگە قىلچە سەل قارىمىغان . 1995- يىلى رۇسىيە فېدىراتسىيسىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بورىس يېلتىسىن پۇر باجىننى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى دەپ قارار چىقارغان . بۇ پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن نەقەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .



قەدىمكىلەرنىڭ ئېگىز تاغدىكى خىلۋەت كۆلنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بۇنداق مۇستەھكەم ۋە چوڭ قەلئەنى سالمىقى ئىنتايىن مۈشكۈل . چۈنكى بۇنداق قەلئەنى سېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا توپا ، كېسەك ۋە ياغاچ – تاش كېتىدۇ . ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش شۇكى ، بۇ جاي ئادەم ناھايىتىمۇ كەمدىن كەم كېلىدىغان تولىمۇ چەت رايون . شۇڭا زادى كىم بۇنداق خالى جايغا بۇنداق چوڭ قۇرغاننى سېلىش كويىغا كىرىپ قالغان ، ئۇنى كىم ئۈچۈن سالدۇرغان ؟ دېگەندەك سىرلىق سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش كېرەك ئىدى .

دېمەك ئەمدىكى ۋەزىپە پۇر باجىننى «سۆزلىتىش» ئىدى .19- ئەسىردە ياشىغان رۇس يازغۇچىسى گوگۇل «ھەرقانداق خەلقنىڭ ئۆتمۈشى توغرىلىق ھېكايە ، ئەپسانە، چۆچەكلىرىمۇ ئۇنتۇلغاندا ، ئۇلار توغرىلىق شۇ خەلىققە تەئەللۇق بىناكارلىق ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار كۆپلەپ ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ» دەپ كۆرسەتكەنىدى . پۇرباجىندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق قەلئە تېپىشماقنى يىشىش ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇيقۇدا ياتقان پۇرباجىن خارابىسىنى «سۆزلىتىش» ئۈچۈن روسيە ھۆكۈمىتى 2007- يىلى ئەتىيازدا مەخسۇس تەربىيىلەنگەن 600 نەپەر ستۇدېنتتىن تەشكىللەنگەن ، نەچچە ئون داڭلىق ئارخېئولوگ ، ئارختېكتور ۋە ئىكسپېدىتسىيچى باش بولغان زور تەكشۈرۈش ئەتىرتىنى توۋا جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . بۇ زور «قوشۇن» مىڭ يىلدىن ئاشقان تارىخىي سىر يوشۇرۇنغان تېرىخول كۆلى بويىغا چېدىر تىكىپ تۆت ئايغا سوزۇلغان ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى باشلىدى .
تەكشۈرۈش ئەتىرىتىدىكىلەر تۆت ئايغا سوزۇلغان ئەتراپلىق ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، تېپىلمىلارنى تەتقىق قىلىش ، سۇنغان ساپاللارنى بىر-بىرىگە زېرىكمەي جىپىسلاش ، قەلئەنىڭ ئۇلىغا ئاساسەن ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى قىياسەن تۇرغۇزۈش ، ماددىي بۇيۇملارنى تۈرگە ئايرىش ، سېلىشتۇرۇش ۋە يىل دەۋرىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى خېلىلا ئىشەنچلىك يەكۈنگە ئېرىشكەن . قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەتىردىكىلەرنىڭ بۇ دەسلەپكى يەكۈنىنى رۇسىيە جىددىي سېرگىي شايگو ئاخبارات ۋاستىللىرىگە جاكارلاپ مۇنداق دېگەن : «ئارخېئولوگلارنىڭ خۇلاسىسىگە قارىغاندا ، پۇرباجىن قەدىمىي قەلئەسىنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار سالغان . ھازىر بۇ قەلئەنىڭ ئاساسى بۆلىكى قېزىپ بولىندى ، قەغەز يۈزىدە يەنە يەنە قەلئەنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بىز ئۇزاققا بارماي بۇ جاينى دۇنياغا ئېچىۋېتىپ ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونىتىمىز!»
تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالىم – مۇتخەسىسلەرنىڭ دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : «بىز تۆت ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېرىخول كۆلىنىڭ بويىدىن چوڭ تىپتىكى قەبرىدىن 100 نەچچىنى تاپتۇق . پۇر باجىن قەلئەسىنىڭ ئارخىتېكتورىيلىك قورلۇشى ، لايىھە پىچىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىپ ، قەلئەنىڭ قەغەز يۈزىدىكى مودېلىنى ياساپ چىقتۇق . بۇ قەلئەنىڭ شەكلى جۇڭگونىڭ تاڭ سولالىسى زامانىسىدىكى پايتەختى چاڭئەن (شىئەن) دىكى ئوردىغا ئوخشايدىكەن . قەلئەنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش بۆلىكى ئادەمگە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى ئەسلىتىدۇ . قەلئەدىن تېپلغان بىر تاش پۈتۈكتىن قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەسپتارى بولۇشنىڭ مۆھىرىنى تاپتۇق . بىز شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخنامىلەر ۋە پۈتۈكلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن بۇ قەلئەنى ئۇيغۇرخانىلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچۇر (مىلادىيە 747- يىدىن 759- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) خوتۇنى نىڭگو مەلىكە ئۈچۈن سالدۇرغان بولۇشى ئېھتىمال ، دەپ قارىدۇق . »

ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇتۇقلۇق بولۇپ ، زور ئۈنۈم قازانغاندىن كېيىن رۇسىيە فېدىراتسىيسنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ۋىلادېمىر پۇتىن 2007- يىل 13 – ئاۋغۇستتا رۇسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن مۇناكۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئالبېرت 2 بىلەن توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قىزىل شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردىن تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئالمىشىپ پورباجىن قەلئەسى خارابىسى قېزىلىۋاتقان تېرىخول كۆلىگە بارغان ھەم خارابە ئىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . پۇتىن مۇخبىرلارغا : «بۇ رۇسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى زور تەكشۈرۈش تۈرى . پورباجىن قەدىمى ئۇيغۇرلار سالغان قەلئە» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى تارتتى .

ئالىملار پورباجىىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلاد قاغانى مۇيۇنچىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەمىر قىلىنغان دەپ قارىشىدۇ ؟ بۇنىڭ سىرى نىڭگو مەلىكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە .

نىڭگۇ مەلىكە كىم ، ئۇ قانداقسىگە مۇيۇنچۇر قاغانىغا خوتۇن بوپ قالغان ؟ بۇ سوئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاب پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدۇ .
مۇيۇنچۇر قاغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلاد قاغانى بولۇپ ، دادىسى قوتلۇق بېلىگە قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 747- يىلى قاغانلىق تەختىگە چىققان .«جەسۇر ھەيۋىسى ئالەمگە تارالغان بىلگە قاغان» مۇيۇنچۇر باتۇر ھەم چېۋەر سەركەردە بولۇپ ، يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «گوبى چۆللۈكى ۋە موڭغۇل يايلاقلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاتلىق قوشۇن» تەشكىللىگەن، ئۇزاققا سوزۇلغان شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ، خانلىقنىڭ تىرتوريىسىنى «ئىلگىرىكى ھون ۋە تۈرۈك ئىمپېرىيىلىرىنىڭ زېمىنى دائىرىسى» گىچە كېڭەيتكەن .
رۇس تارىخىچىسى كېلياشتۇرنىي «مۇيۇنچۇر نۇرغۇن قوۋمنى ئاتاق-دېڭى بىلەن مەغلۇپ قىلغانىدى» دەپ يازغان. قىرغىز تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندى ئۆز كىتابىغا «تاڭنامە.ئۇيغۇرلار» دىن ئالغان نەقىلدە « ئۇلار كەلگەن چاغدا ھەر قانداق ئادەمنى تىترەك باساتتى» دېيىلگەن . بۇنداق بولۇشىدا مۇيۇنچىرنىڭ ئۆزىلا باتۇر ھەم چېۋەر بوپ قالماستىن ئايالى ئېل بىلگە خاتونمۇ باتۇر ھەم پاراسەتلىك ئايال ئىدى . ئوغۇللىرى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ ۋە ئېدىگەن مۇيۇيمۇ تەڭدىشى يوق باتۇرلاردىن ئىدى . شۇڭا ئۇيغۇرلار مۇيۇنچۇرنى «قارا قاغان» دەپ ئۇلۇغلايتتى . ئومۇمەن مۇيۇنچۇر قاغان سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ۋە شان شۆھىرىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.دەل شۇ يىللاردا يەنى 750- يىللاردا تاڭ سولالىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن پاراكەندىچىلىككە دوچ كەلگەن . 751- يىلى تاڭ سولالىسى ئەراپلەر بىلەن تالاشتا بۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئۇرۇشىدا تاڭ سولالىسىنىڭ كورىئان مىللىتىدىن بولغان داڭلىق سەركەردىسى گاۋشەنجى قاتتىق مەغلۈپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنگەن . ئارقىدىنلا يەنى 755- يىلى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن ئىسيانى يۈز بېرىپ ، قالايمىقانچىلىقنى چېكىگە يەتكۈزگەن .

ئۆڭلۈڭ (ئەنلۇشەن) ئەسلىى يىڭجۇ (ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرى) لۇق بولۇپ ، دادىسى غۇز ، ئانىسى تۈرۈك ئىدى . تەيۋەنلىك يازغۇچى ، داڭلىق تارىخىچى باي ياڭ ئەپەندى «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارىخ تېزىسى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنىجى توم «ئۆڭلۈڭ-سۈيگۈن ھەربىي ئۆزگىرىشى» دېگەن بۆلىكىدە ئۆڭلۈكنى «ئۇناھايىتى مەردانە ھەم قابىلىيەتلىك سەركەردە ئىدى» دەپ يازغان . شۇنداق بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك سەركەردە تاڭ سولالىسى پادىشاھى لى لۇڭجى ، يەنى تاڭ شۈەنزۈڭنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان . تاڭ شۈەنزۇڭ پۈتكۈل مەملىكەتنى ئون ھەربىي مەھكىمىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ ، لەشكىرى ھوقۇقنى ھەر قايسى ھەربىي مەھكىمە ھېراۋۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . ئۆڭلۈك سەركەردە پىڭلۇ ، خەنياڭ ، خىدۇڭ ، يەنى ھازىرقى چاۋياڭ ، بېيجىڭ ، تەييۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماقنىڭ ھېراۋۇلى ئىدى . ئۇنىڭ ئىلىكىدە 150 مىڭ كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن بولۇپ ئاساسەن تۈكى قەبىلىلەر ۋە قېتاللاردىن تەشكىللەنگەن باتۇر چەۋاندازلار ئىدى . ئۇ كۆپ قېتىم چاڭئەنگە كېلىپ خان بىلەن كۆرۈشكەن . مۇشۇ جەرياندا ئوردىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ، ۋەزىر باشلىق مەنسەپدارلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان پادىشاھ تاڭ شۈەنزۈڭ ناھايىتى دانا پادىشاھ ئىدى . بىراق سەلتەنەت تەختىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان بولغاچقا بارا-بارا بىخۇتلاشقان . ئۇ 61 ياشقا كىرگەن يىلى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ گۈزۈللىكتە تەڭدىشى يوق ئايالى – 26 ياشلىق ساھىبجامال ياڭيۈخۈەن (ياڭگۈيفىي) نى ئۆز ئەمرىگە ئېلىۋالغان ياشانغان پادىشاھ بۇ ساھىپجامالغا ناھاينتى ئامراق بولۇپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساھىپجامالنىڭ نەۋرە ئاكىسى ياڭگۇجۇڭنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن ، باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىغىمۇ مۇھىم ھوقۇقلارنى بەرگەن . ياڭ گۇجۇڭ ۋەزىرلىككە ناباب ، پاسىق ئادەم بولغاچقا ئوردىدا چىرىكلىكنى يامرىتىۋەتكەن . بىر قېتىم ئۆڭلۈك بېيجىڭدىن چاڭئەنگە خان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە ياڭ گۇجۇڭ ئۇنىڭدىن كۆپ پۇللۇق پارا سورىغان . ئۆڭلۈك بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەتمۇ بىلدۈرمىگەن . ياڭگۇجۇڭ بۇنداق كەمسىتىشكە چىدىماي ئۆڭلۈكنى ئۇجۇقتۇرۇش نىيىتىدە بولغان . شۇنىڭ بىلەن «خانغا قارشى چىقىش سۇيىقەستىدە بولغان» دېگەن بەتنامنى ئويدۇرۇپ چىقىپ پادىشاھقا كۆپ قېتىم چېقىمچىلىق قىلغان . ئەمما پادىشاھ ئىشەنمىگەن . يازغۇچى ، تارىخچى باي ياڭ ئەپەندىنىڭ «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارخ تېزىسى» ناملىق كىىتابىدا يىزىشىچە ياڭ گۇجۇڭ 755- يىلى «مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۆتۈرگۈزۈش» ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەندىكى قەسرىگە ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ قەسىردىكى مۇلازىملار ۋە مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن . ئۇنڭ مەقسىتى ئۆڭلۈكنى تىرىكتۈرۈپ تىغ تارتىشقا قىستاش ئىدى . ئۆڭلۈك دېگەندەكلا بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن قاتتاق چۆچۈگەن ھەم غەزەپلەنگەن . ئۇ پادىشاھقا ئەرز قىلىشنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلەتتى . چۈنكى بارلىق مەلۇماتنامە ياڭگۇجۇڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆڭلۈك ئىسيان كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىپ 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ياڭ گۇجۇڭغا جازا يۈرۈشى قىلىمىز ، دەپ جاكارلىغان . نەتىجىدە 755- يىلى نويابىردا بۇ قول ئاستىدىكى تۈرۈك سانغۇنى سۈيگۈن بىلەن بىرلىكتە ئىسيان كۆتۈرۈپ چاڭئەنگە قاراپ قوشۇن تارتقان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشھال بولغان . چۈنكى ، ئۆكلۈكنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولغان . ئۇ ئەمدى ئۆڭلۈكنى ئۆز يولى بىلەن بابلاپ ئوجۇقتۇرغىلى بولىدىغان بولدى ، دەپ ئويلىغان . بىراق ئۆڭلۈكنىڭ ئارىلاشما قوغۇنى جەنۇبقا قاراپ توسالغۇسىز يۈرۈش قىلىپ ، 700 كىلىومېتىر ئىچكىرىلەپ ، خۇاڭخې ۋادىسىغا گويا كەلكۈندەك بېسىپ كەلگەن . تاڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىلىرىدىن فېڭ چاڭچى ، گاۋ شەنجى لى گۇاڭبى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان . تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن خەۋىپتە قالغان . ئوردىنىڭ ئىچى-تېشى پاتىپاراقچىلىق ۋەھىمىگە چۈشكەن . بىردىنبىر ئامال سەنشى ، شەنشى ۋە خېنەننىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغان تۇڭگۈەننى مەھكەم ساقلاش بوپ قالغان . تۇڭگۈەن ئۆتكىلى قولدىن كەتسە چاڭئەننىڭ قولدىن كېتىشى بىردەملىك ئىدى.پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى مىسلىسىز خەۋپتە قالغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە،چارىسىز قالغان سەركەردە – سانغۇنلىرىغا قاراپ قاتتىق ئۆمۇتسىزلەنگەن ھالدا تۇڭگۈەننى زادى كىممۇ مۇستەھكەم ساقلاپ تۇرالار ؟ دېگەن سوئال ئۇنى قاتتىق قىينىغان.ئاخىرى ئۇ ئۈمىدىنى چاڭئەندىكى قەسىىرىدە كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان «غەرىپنى تىنجىتقۇچى سەركەردە »دەپ نام ئالغان قوشۇخانغا باغلىغان.
قوشۇخان تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىىق سەركەردە بولۇپ،ئۇنىڭ دادسى كۇسەنلىك ،ئانىسى ئۇدۇندىكى كاتتا جەمەت بولغان ۋايجىرا جەمەتىدىن ئىدى .دادىسى كۇسەندىكى قوشۇ قەبىىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.تاڭ سۇلالىسىدىكىلەر ئۇنى قە) بىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ قوشۇخان (哥舒翰) دەپ ئۇلۇغلىغان . ئۇ ناھايىتى قابىل سەركەردە بولغاچقا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھۆزمىتىگە سازاۋەر بولغان . پادىشاھ تاڭشۈەنزۈڭمۇ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن .چىڭخەيدىكى ئۇرۇشتا تۈبۈتلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ لىنتاۋنىڭ ئۇ تەرىپىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ئالەمنى بىر ئالغان .
چىڭخەيدىكى پۇقرالار قوشاق توقۇپ :

شىمال ئاسمىنىدا چاقنار ئۈكەر يۇلتۇزى،
قىلىچ ئېسىپ تۇرار بۇندا قوشۇخان ئۆزى.

تۈبۈتلەر يايلاقتىن ھېچ كېچەلمەيدۇ ،
پېتىنىپ لىنتاۋدىن ھېچ ئۆتەلمەيدۇ .

دەپ ، قوشۇخاننىڭ تەڭداشسىز سەركەردە ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن . ئۇنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك خانلىق بولغان تۈبۈتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن توسۇپ تۇرۇشى تاڭشۈەنزۇڭنى بەك خوش قىلىۋەرتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «غەرىپنى تىقجىتقۇچى سەركەردە» دەپ نام بەرگەن . قىزىق يېرى شۇكى قوشۇخان بىلەن ئۆڭلۈكنىڭ مىجەزى پەقەت كېلىشەلمەيتتى ، ئىككىسى بىر يەرگە كەلسلا گەپ تالىشىپ قالاتتى . پادىشاھ تاڭشۈەنزۇڭ ئۇ ئىككىسىنى «دۆۋلەتنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ قاراپ ، دائىم ئۇلارغا ئاغا ئېنى بوپقېلىڭلار دەپ نەسىھەت قىلاتتى . 752- يىلى بۇ ئىككىسى تەڭلا ئوردىغا كەلگەن . بۇ چاغدا ياڭ شۈەنزۇڭ مەھرەمبېگى ، ئاغۋات گاۋلىشىنى مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن زىياپەت ھازىرلاپ ، ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشنى بۇيرۇغان قوشۇخان ئۈڭلۈكتىن نەچچە ئون ياش چوڭ ئىدى . شاراب زىياپىتىدە ئۆڭلۈك قوشۇخانغا يېقىنچىلىق قىلىپ : «مېنىڭ دادام غۇز ، ئانام تۈرۈك سېنىڭمۇ ئاناڭ غۇز ، داداڭ تۈرۈك ئىككىمىزنىڭ قېنىمىز بىر ، يېقىنراق ئۆتۈشكىنىمىز ياخشى» دېگەن . قوشۇخان بۇنىڭغا جاۋابەن «قەدىمكىلەردە دالادا تۈلدە ئۆز ئىنىگە قاراپ ھۈرىسە ، قوتۇر بولۇر ، دېگەن گەپ بار» دېگەن ئۆڭلۈك بۇنى «قوشۇخان ئۆزىنىڭ غۇز ئىكەنلىكىنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ ، بىگىز بارمىقىنى قوشۇخانغا تەڭلەپ تۇرۇپ : «سەندەك ياۋايى تۈرۈك مۇشۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ ؟!» دەپ تىللىغان . نەتىجىدە ئىككىسى ئەپلەشمەك تۈگۈل جېدەللىشىپ كەتكەن ، كېيىن ئۆڭلۈك ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭ قوشۇخاننىڭ مەنسەپ – دەرىجىلىرىنى ئۈستۈرۈپ ئۆڭلۈك بىلەن روبىرو تۇرالايدىغان قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، 754- يىلى ئۇنىڭ مەنسىپىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن . كۈتمىگەن يەردىن مەي – شارابقا ئامراق قوشۇخان بىر قېتىم لەشكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغاندا ، شاراپتىن زەھەرلەنگەنلىكى تۈپەيلى ھاممامدا يۇيۇنۇۋېتىپ ھوشىدىن كەتكەن . باشقىلار خەۋەرسىز قالغاچقا خېلىغىچە سوغۇقتا قالغان . شۇ سوغۇق تەككەنچە قوشۇخاننىڭ بويۇم ياللۇغى ئېغىرلاپ كەتكەن . ئامالسىزلىقتىن چاڭئەنگە قايتىپ قەسرىدە كېسىلىنى داۋالىتىپ، تالا-تۈزگە چىقماي ياتقان ، دەل شۇ مەزگىلدە پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ ئۇنىغا ئەڭ يۇقىرى ھەربىي مەنسەپنى بېرىپ ، 200 مىڭ لەشكەر بىلەن تۇڭگۈەننى ساقلاشقا بۇيرۇغان ، ئۆزى ئۇنىڭغا كاتتا ئىنئام بەرگەن . بارلىق ئەمەلىي ، قەلىمىي مەنسەپدارنى شەھەر سىرتىغىچە ئوزىتىپ چىقىشقا بۇيرۇغان قوشۇخان چاڭئەندىن چىقىپ تۇڭگۈەنگە بارغىچە تىت-تىت بولغان پادىشاھ ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن يېڭىدىن يېڭى مەنسەپلەرنى بەرگەن . بېرىپ-بېرىپ ئاخىرى ۋەزىر دەرىجىسىگە تەڭ ئالىي مەنسەپ بەرگەن .

قوشۇخان تۇڭگۈەنگە بېرىش بىلەن بىر مۇشاۋىرى ئۇنىڭغا «ئۆلۈكنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى شوئارى ياڭ گۇجىڭنى جازالاش ، دېمەك ئۇ ياڭ گۇجىڭنى يوقىتىشنى باھانە قىلغان . ئەگەر بىزدە 30 مىڭ لەشكەرنى تۈڭگۈەننى ساقلاشقا قويۇپ ، قالغان 170 مىڭ لەشكەر بىلەن چاڭئەنگە بېرىپ ، ياڭگۇجۇڭنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك ، ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەنگە باستۇرۇپ بېرىشقا باھانىسى قالمايدۇ» دەپ مەسلىھەت بەرگەن . قوشۇخان بۇ پىلانغا قايىل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنداق قىلمىغان . لېكىن چېقىمچىلار بۇ مەخپىيەتلىكنى ياڭگۇجۇڭغا يەتكۈزۈپ قويغان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ ، تاڭ شۈەنزۇڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ
توختىماي مەسلىھەت بېرىپ ، قوشۇخاننى تۇڭگۈەننى ساقلاپ يېتىۋەرمەي ئۆڭلۈككە قارشى لەشكەر تارتىشقا دەۋەت قىلغان . قوشۇخان پادىشاھقا «ئۆڭلۈكنىڭ قوشۇنى توختىماي يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلىپ پىشىپ كەتتى . مەن قوماندانلىق قىلىۋاتقان 200 مىڭ لەشكەر كۆپ يىلدىن بېرى بىر ئورۇندا تۇرۇپ مۇداپىئە كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن . شۇڭا بىز مۇداپىئەدە تورۇپ توپىلاڭچىلارنى توسۇپ ، ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش كۆرۈلگەندە ھۇجۇم قىلغىنىمىز ئەۋزەل» دەپ ، ئۆز پىكرىدە تۇرغان . بىراق ياڭ گۇجۇڭ توختىماي كۈشكۈرتۈۋەرگەچكە ئاخىرى پادىشاھ قوشۇخانغا قوشۇننى باشلاپ ئۆڭلۈك قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن . 756-يىلى قوشۇخان ئۆڭلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى ناھايىتى ھىيلىگەر بىر سانغۇننىڭ قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن، ئۆڭلۈكنىڭ بۇ سانغۇنى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، بىر تەرەپتىن قېچىپ قوشۇخاننىڭ 200مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى بىر تارچۇققا باشلاپ كىرىپ، ئۆزى ئالدى تەرەپتىكى ئېگىزلىكنى ئىگىلىۋەلغان . قوشۇخان جەنۇب تەرەپتە چىليەنشەن تېغى ، شىمال تەرەپتە خۇاڭخې دەرياسى ، ئالدىدىكى ئېگىزلىكتە دۈشمەن قوشۇنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەن . قوشۇخان قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ، باشقا يول تۇتۇشقا كېچىككەنلىكىنى بىلىپ ، سالغا ئولتۇرۇپ ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان . ئۇرۇش تولىمۇ دەھشەتلىك بولغان قوشۇخان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ نەچچە يۈز چەۋەنداز بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ قاچقان . يول ئۈستىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا قول ئاستىدىكى بىر سەركەردە ئۇنى باغلاپ ئۆڭلۈككە ئاپىرىپ بەرگەن .

قوشۇخاننىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ لى لۇڭجى ئوردا ئەھلىنى ئېلىپ ئالدىراپ – تېنەپ چاڭئەندىن 60 كىلومېتىر يىراقتىكى ما گۇيپۇ (شەنشىنىڭ شىپىڭ ناھىسىدە) غا قېچىپ بېرىۋالغان . بۇ چاغدا بارلىق بالا-قازانىڭ سەۋەپكارى بولغان ۋەزىر ياڭگۇجۇڭغا قارشى كەيپىيات كۈچۈيىپ كەتكەن . غەزەپلەنگەن ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنى پادىشاھنىڭ ما گۇيپۇدىكى تۇرالغۇسىنى قورشاپ ، ياڭ گۇيفېيڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىغا ئىگە ساھىبجامال ئاچا – سىڭلىسىمۇ بار ئىدى . ئوردا ياساۋۇللار قوشۇندىكىلەر ھەممە چاتاقنى تېرىغان ئوردىنى چىرتىۋەتكەن مۇناپىق ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭنى يوقاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سىڭلىسى ياڭ گۈۇفېينى قىساس ئېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پادىشاھ لى لۇڭجىدىن ياڭ گۈيفېينى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېسىمىغا چارىسىز قالغان پادىشاھ تاڭ شۈۋەنزۇڭ ئامالسىز ھالدا ئامراق خانىشى ياڭ گۈيۈيفېينى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن . ئۆزىنىڭ ئىختىدارسىزلىقى تۈپەيلى ئوردىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مىسىلسىز تەس كۈنگە قالغان مۇشۇنداق ئەھۋالدمۇ ، پادىشاھ لى لۇڭجى – تاڭ شۈەنشۇڭ ، سەلتەنەت تەختىنى بوشىتىشنى خالىمىغان . ئوغلى لى خىڭ ياشانغان دادىسىنىڭ بۇ قەدەر ئۆزىنى بىلمەسلىكىگە چىداپ تۇرالماي ، چاڭئەننىڭ 500 كىلومېتىر غەربىدىكى لىڭۋۇ (نىڭشىيانىڭ لىڭۋۇ ناھىيىسى) غا بېرىپ شىمالى ئايماق لەشكەرلىرىنىڭ ھېراۋۇلى ، سەركەردە گاۋزېيى بىلەن بىرلىكتە قالدۇق قوشۇنلارنى توپلاشقا كىرىشكەن . 756- يىلى نويابىردا ئۇ لىڭۋۇدا ئۆزىنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ سەلتەنەت تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىى جاكارلىغان . لىخىڭنىڭ سەلتەنەتتىكى نامى تاڭ سۈزۈك دەپ ئاتالغان . ئۇ چىڭدۇغا قېچىپ بىرۋالغان دادىسى لىلۇڭجىڭنى شاھنىشاھ دەپ جاكارلىغان . بۇ چاغدا ئۆڭلۈك قوشۇنى غەربىي ئاستانە چاڭئەننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، ئۆڭلۈك ئۆزى پادىشاھ دەپ ئاتىغان . پۇقرالار جىنىنى ئېلىپ قاچ – قاچقا چۈشكەن .

«تەيپىڭ يازمىلىرى» دېگەن كىتابتا «تىيەنباۋنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئەنلۇشەن توپىلاڭ چىقاردى ، ئوتتۇرا ئېقىم داڭقەندەك قاينىدى ، كىشىلەر جەنۇبقا قاراپ قاچتى» دېيىلگەن . ئۇرۇش خانىۋەيرانلىقى ئىچىدە جەنۇبقا قاراپ قاچقان ئاشۇ يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئاۋام – پۇقرا ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى ئىچىدىكى داڭلىق ئۈچ شائىرنىڭ بىرى بولغان دۇفۈ (712-770) مۇ بار ئىدى . ئۇ «يۈرەك سۆزۈم» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق ئىپادىلەنگەن :

ياز كېلىپ باسقاندا يەرنى ئوت – گىياھ
يول ئېلىپ قاچتىم بەدەر مەغرىب تامان.

پۇتتا كەندىر كەش ، ئۇچام جۇل-جۇل ئىدى،
قىلدى قوبۇل مېنى شۇ تۇرقۇمدا خان .

ئوردىدا ھەم دوستلار ئېچىندى ماڭا بەك ،
كەپتۇ دەپ گۆر ئاغزىدىن ئېسەن-ئامان.

شائىر دۇفۇ ئىنتايىن خەلقپەرۋەر روخقا ،ھەم رېئال ، ئەملى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغدان ئىجادىيەت خاھېشىغا ئىگە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆڭلۈك- سۈيگۈن توپىلىڭىنىڭ ئالدى – كەينىدە ، شۇ چادىكى تارىخى رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن شېئىر يازغان . كېيىنكىلەر دۇفۇنىڭ بۇ خلدىكى شىېئىرلىرىنى تەرىپلەپ«شېئىرىي تارىخ» دەپ ئاتاشقان . ئۇ چاڭئەن شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى ئەلىس ئەتتۈرگەن «ماكانسىز قالغاندىكى جۇدالىق» ، «پالاق ئۇرۇپ خەنياڭغا بېرىش» دېگەن شېئىرلىرىدا مۇنداق مىسرالارنى يازغان :

تىيەنباۋ يىلى ئۆڭلۈك – سۈيگۈن غوۋغا پەيتى،
چوڭ – كىچىكلەر پىتىراپ ھەيران قېچىپ كەتتى.

مەلىمىزدە يۈز ئۆيكۈكتىن قالماي بىرى ،
باغۋاراننى خوخا – يانتاق بېسىپ كەتتى .

ھاياتلارنىڭ ئىز – دېرىكى بولماي تۈگەل ،
ئۆلگەنلەرمۇ يەر تەكتىدە چىرىپ كەتتى .

قوشۇنىمىز جەڭدە بولۇپ تىرپىرەن ،
شۇ قاچقانچە قەدىمىم ئۆز يۈرتقا يەتتى .

يىغا – جېدەل قايغاپ كەتتى پۈتۈن ئەلدە ،
نەگە بارساڭ يول – جىلغىلار ئىس – تۇمانلىق .

تەن – جەسەتلەر دۆۋە – دۆۋە ، گىياھ بوسلۇق ،
قان ئاقمىغان يا تۈزلەڭ يوق ، يا توقايلىق .

نە ھاياتلىق قالدى بۇندا ، ھەممىسى كەتتى ئۇچۇپ ،
ئۇزاتقىلى چىقماس بىرەرسى ياتىدۇ قورقۇپ مۈكۈپ .
قالدى كىشىنەپ ئوتتۇرا ئىقلىمدا روڭلانىڭ ئېتى ،
قانچە كۆز تىكسەڭ يىراققا كۆرەنمەس گىياھىي – چۆپ.

بۇ سېرىق باش دېدى قوۋۇمنىڭ پەرزەنتلىرى ،
غەربىي قاسناقتىن كېلىپ قىلدى پاراكەندە ئەجەب .
ئات مىنشسە توپ بولۇپ ، غۇي قىلىپ ئۆتەر ئۇيان ،
ئەگرى يادىن ئوق ئۆزەر ، تۇرار قىلىچلارنى بىلەپ .

قالمىدى بۇ قىشلىقى ئون ئۆيدە بىرمۇ ياش يىگىت ،
ئاقتى قان چىنتاۋ يېرىدە سۇ بولۇپ دولقۇنلىنىپ .
بىپايان ۋادا ياتار تىمتاس ، يوق جەڭدىن دېرەك ،
چۈنكى قېرىق مىڭ لەشكەر بىر كۈن ئىچىدە كەتتى ئۆلۈپ .

تاڭ سولالىسى ئىككى پايتەختتىن ئايرىلىپ ، قوشۇنلىرى تىرىپىرەن بولۇپ ، خەلق خانى ۋەيران كۈنگە قېلىپ ، ئىسيانچىلارنىڭ ئاتامانى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغان مۇشۇنداق شارائىتتا ، تاڭ سولالىسى ئىسمى بارۇ جىسمى يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان . ئۇنڭ ئۈستىگە تاڭ سولالىسى ئېغىر ھالدا قالغان مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ، قوشۇخاندىن قۇتۇلغان تۈبىتلەر پۇرسەت پەرەسلىك قىلىپ گەنسۇ تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ زېمىن ئىگىلىۋېلىش كويىغا كىرگەن . تاڭ سولالىسى قاتمۇ قات قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قالغاندا ، يېڭىدىن خانلىققا چىققان پادىشاھ لى خىڭ ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۆمىدىنى سەددىچىڭننىڭ شىمالىدا دەۋران سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خانلىققا باغلاپ ، نائىلاج ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچوردىن ھەربىي ياردەم سوراپ گوزېي باشلىق ئىككى سەركەردىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن . تارىخچى گومىيلېۋنىڭ «قەدىمكى تۈرۈكلەر» دېگەن كىتابتا يېزىشىچە «مويۇنچۇر قاغان تاڭ سولالىسى سەركەردىسى كوزىينى ئاۋۋال بۆرە باشلىق بايراققا تەزىم قىلدۇرۇپ ، ئۇشبۇ مۇراسىمىنى بېجىرگەندىن كېيىن ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان » دەپ كېلىشىم تۈزۈلگەن ھەم «تاڭ سولالىسى ھەر يىلى ئۇيغۇر خانلىقىغا 20 مىڭ تو يىپەك مال سوۋغا بېرىش ھەم ئۇيغۇر ئاتلىرىنى سېتىۋېلىش » دېگەن مەزمۇندىكى سودا توختامنامىسىمۇ تۈزۈلگەن . كېىلىشىم بويىچە مۇيىنچۇر قاغان چوڭ ئوغلى تايبىلگە تۇتۇق يابغۇ بىلەن ۋەزىر دىدي (دەدە) باشچىلغىدا 4000 كىشىلىك خىللانغان ئاتلىق لەشكەرلەرنى تاڭ سولالىسىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن . ئۇلارنى تاڭ سولالىسىنىڭ يېڭىدىن تەختكە چىققان پادىشاھى تاڭ سۈزۈك ئۆزى كۆتۈۋالغان . تاڭ سۈزۈك شۇ يەردىلا ئوغلى لى يۈنى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقا دالالەت قىلغان . ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنى سەركەردە گوىيىنىڭ قوشۇنى بىلەن 757- يىلى پايىتەخت چاڭئەننىڭ غەربىدىكى فېشۈي دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئۆڭلۈكنىڭ ئىسيانچى قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىشقا ھازىرلانغان . ئۆڭلۈكنىڭ ئىككى سەركەردىسى 100 مىڭ كىشىلىك لەشكىرى بىلەن شىمال تەرەپتە سەپ تارتىپ تۇراتتى . سەركەردە گوزىي باشچىلىقىدىكى تاڭ سولالسى قوشۇنىنىڭ سېپى 30 چاقىرىمغا سوزۇلغان . دەسلەپ ئۆڭلۈك قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى لى گۇيرېن ھەيۋە بىلەن كېلىپ تاڭ سولالىسى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ ، قاتتىق ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان . مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە «ئۇيغۇر قوشۇنى تۇيۇقسىز ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ قاراقچىلار قوشۇنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان . چۈشتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە قاراقچىلاردىن 60 مىڭى ئۆلتۈرۈلگەن» (لىۇزىشاۋ : «ئۇيغۇر تارىخى » 1.قىسىم 1.كىتاب 101-بەت). بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا توپىلاڭچى قوشۇننىڭ شەنشى تەۋەسىدىكى كۈچى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ، شۇنڭ بىلەن تاڭ سولالسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن قايتىدىن تاڭ سولالىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن . بۇ چاغدا چاڭئەندە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغان ئۆڭلۈكنىڭ ئىككى كۆزى قارىغۇ بوپ قالغان بولۇپ ، شۇ سەۋەبتىن جىلىخۇر بوپقالغان . كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ تېرىكىپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان مۇتتەھەم ئادەتكە كۆنىۋالغان ، بىر قېتىم ئوغلى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتىرسىدا تالاش – تارتىش يۈز بېرىپ ئۇ ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئوغلى ئەن چىڭشۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . خېڭشۈي دەرياسى بويىدىكى ئۇرۇشتا ئۆڭلۈك قوشۇنى ئېغىر تالاپەتلە ئۇچرىغاندىن كېيىن ، چاڭئەننى تاشلاپ لوياڭغا قاچقان . توپىلاڭچىلارنىڭ ھەش-پەش دېگۈچە مەغلۇپ بولۇپ چاڭئەننى تاشلاپ قېچىشى تاڭ سولالىسىنىڭ پۇقرالىرىنى قاتتىق شادلاندۇرۇۋەتكەن . شائىر دوفۇ بۇ چاغدا «شىمالغا سەپەر» دېگەن مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا ئاتاپ مۇنداق مىسرالارنى پۈتكەن:

كەپتۇ بەشمىڭ لەشكەرلىرى سەپ-سەپ بولۇپ ،
بىر تۈمەنچە ئارغىماقنى چاپتۇرۇپ .

لەشكىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارئىكەن،
ياۋ سېپىگە ئوقسىمان ئۇچار ئىكەن .

شاھ ئۆمىدىنى باغلىدى ،
باشقىچە گەپكە قولاقمۇ سالمىدى .

بۇ چاغدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى باشقا تۈزۈشكەن كېلىشىمدىكى شەرت بويىچە چاڭئەن شەھىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغاندا ، پادىشاھنىڭ ئۇيغۇر شاھزادىسى بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقا ئوغلى لى يۈ شەرقىي ئاستانە لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىش توغرۇلۇق تەكىپ بەرگەن .

شائىر دوفۇ گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتىرىسىدىكى ئىچكى كېلىشىمدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىغا قاتلىششىنى تازا خالىمىغان . بۇ ئەندىشىلىك ھېسياتىنى تۆۋەندىكى مىسرالارغا پۈتكەن:

بىزگە شېئىرلىككە خان مايىل ئىكەن ،
ئات مىنىشكە لەشكەر قابىل ئىكەن .

بىلسىمۇ ئۇلارنى دەپ مىڭ قەيسىران ،
قانچە ئاز كەلتۈرسە ئەۋزەل بىگۇمان .

ئالغىلى لوياڭنى كۈچ كەتمەس ئىدى،
بەلكى چاڭئەنگە ھوجۇملا بەس ئىدى .

ئەمدىكى ئۇرۇش شەرقى ئاستانە لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى ئىدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مۇھىم ھەرىبىي بازا شىندىيەن قەلئەسىدە بولغان. ئۆڭلۈكنىڭ ئوغلى ئەن چېڭشۈ بۇ يەردە 100 مىڭ كىشىلىك لەشكەر بىلەن تاڭ سولالىسى قوشۇنىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشنى توسىماقچى بولغان تارىخچى ليۇزىشاۋ ئەپەنىدى «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق كىتابىدا «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرى» نامىلىق مەشھۇر كىتابىنىڭ 220- جىلدىدە قالدۇرۇلغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توغرىسىدىكى مۇنۇ خاتىرىنى نەقىل ئالغان : «گوزىيى سەردارلىقىدىكى تاڭ سولالىسى قوشۇنىنى شىندىيەندە باندىتلار بىلەن ئۇچراشقاندا باندىتلار تاغ بويىدا سەپ تۈزگەنىدى . گوزىي دەسلەپكى ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى . باندىتلار تاغدىن چۈشۈپ ھوجۇمغا ئۆتتى . ئۇيغۇرلار تاغنىڭ جەنۇبىدىن باندىتلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ جاھاننى چاڭ – توزان قاپلاپ كەتكەن ئەھۋالدا ، باندىتلارغا قارتىپ يادىن ئون نەچچە تال ئوق ئۈزگەنىدىن كېيىن ، باندىتلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ پادىشاھلىق قوشۇن بىلەن ئۇيغۇرلار باندىتلارنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى . دۈشمەن جەسەتلىرى پۈتكۈل دالانى قاپلاپ كەتتى» بۇ قېتىمقى ئەجەللىك زەربە ئارقىلىق تاڭ سولالىسى لوياڭنى قايتۇرۇۋالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە كەلگەن 4000 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ تەڭداشسىز باتۇرلۇقى نەتىجىسىدە 20 كۈندە تاڭ سولالسىنىڭ ئىككى پايتەختى قايتۇرۇۋېلىنغان . تاڭ سولالىسى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ توپىلاڭنى تىنچىتىش داۋامىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە يۈكسەك ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» نامىلىق كىتابىدا «يېڭى تاڭنامە» ناملىق ئەسەرنىڭ 217-جىلدىدىن ئېلىنغان مۇنداق ئىككى كوپىلېت شېئىر مىسال قىلىنغان

خەۋپ-خەتەر كەلگەندە باشقا بولدى ھەمدەم بىر نىيەت ،
جەڭدە كۆرسەتتى جاسارەت، تۆھپىسى بولدى نىھەد .
گەرچە تۇرساقمۇ يىراقتا كۆڭلىمىز رىشتى تۇتاش ،
تا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس بۇنداق سۈپەت .

بىز ئۈچۈن چەكتى جاپا شەرتسىز كېرىپ كۆكرەنى كەڭ ،
ئالمىدى ئارتۇق نېسىۋە خىزمىتى ئۈچۈن پەقەت .
ئاي بىلەن كۈنگە ئۇلارنى بولىدۇ تەڭلەشتۈرۈپ ،
ياشىغاي پەزىلىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئەبەد

تارىخچى لىن گەن ، گاۋزىخۇ ئەپەندىلەر يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» نامىلىق كىتابىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇر قاغانىنىڭ شاھزادىسى تاي بىلگە تۇتۇق بايغۇنى مەدىھلەپ «تاڭ يارلىقلىرى» توپلىمىغا پۈتۈنلەي تۆۋەندىكى قەسىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن :

قەددى – قامەتتە كېلىشكەن پاراسەتتە تەڭداشسىز ،
ۋەدىسىدىن يانمايدىغان ئۇيغۇر قاغانى يابغۇ .
تۈمەنلىگەن ياۋ ئۈستىدىن كەلدى غالىپ ،
شۇڭا ئۇ بەگلەر سەردارى بولۇشقا لايىق …
ئۇ پەم-پاراسەت بىلەن ئاتلاندى جەڭگە ،
قالدى ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپە يىراقتا، قىلدى شىددەتلىك يۈرۈش.
توختىماي يۈرگەچكە شۇنچە جاسارەت بىلەن ،
ياندى قولغا يىگىرمە كۈندە ئىككى پايىتەختىمىز …
ئاي-كۈن كەبى ئۆچمەس تۆھپىسى شۇنچە نۇرانە ،
ياشىغاي پەزىلىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تائەبەد

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى ئىككى خانلىقنىڭ ھەمكارلىق ، دوستلۇق تارىخىغا زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرىدا يەنە ئەپسۇسلىنارلىق بىر سەھىپىنىمۇ قالدۇرغان . ئۇلار بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكنى پەيدا قىلىشتا باشتا تۈزۈشكەن كېلىشىمدىكى شەرتكە ئېسلىۋېلىشقان ، ئۇلار كېلىشىم بويىچە «شەھەر – يۇرتلار قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن يەر زېمىن بىلەن پۇقرالار تاڭ سولالسىگە قايتۇرۇلىدى ، ئالتۇن – كۆمۈش بىلەن يىپەك – شايىلار ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولىدۇ («ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر » دىن ئېلىندى ) دەپ چاڭئەن بىلەن لوياڭ شەھىرىنى ئۈچ كېچە – كۈندۈز بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان . تاڭ سولالىسىنىڭ قوشۇنلىرى كۆرمەسكە سالغان . بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن شائىر دوفۇ چەكتىن ئاشقان بۇ قىلمىشقا نەپرەتلىنىپ مۇنداق مىسرالارنى يازغان :

«ئۈزۈملۈك ئايۋان سارايلار ئىچىدە
گۆش يېمەكتە ئۇيغۇرلار بەزمە قورۇپ . »

«ئاخىرى نەشتەر سانجىغان زەھەرلىك ھەرە»

«تا قەدىم ئەييام بۇلار ئايەت ئىدى ،
شائىرلارنىڭ يازغىنى نەپرەت ئىدى .»

«غۇز دېگەن بۇ بىر نېمىلەرنى يېقىن تۇتساڭ ئەگەر ،
بول پەخەس ، بېرىش-كېلىشتە چىقار خەتەر .»

«يېنىمىزدا بار ئىكەن ئۇلار ھامان ،
تۈگىمەيدۇ دەد-ئەلەم ، دىلدا يىغان .»

ئۇيغۇر قوشۇنلىرى چاڭئەن ، لوياڭلارنى ھەددى ھېسابسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاچقا «شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر لەشكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ : تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا ، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىزلا بەرسەك ، دەپ نۇرغۇن نەرسىنى سوۋغا قىلغان .» پادىشاھ تاڭ سۈزۈك ئۇيغۇرلارنىڭ لەشكەر چىقىرىپ توپىلاڭنى تىنچىتىپ بەرگىنىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 758 – يىلى پەزىمان چىقىرىپ مويۇنچۇر قاغانغا «تەڭرىدىن بولمىش ئەل ئەتمىش بېلىگە قاغان» (تەڭرى تەرىپىدىن ئولتۇرغۇزۇلغان ، دۆلەتنى تەشكىللىگەن دانىشمەن قاغان) دېگەن ئاتاقنى بەرگەن . كىچىك قىزىغا «نىڭگو مەلىكە – » دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزغۇچى مەلىكە ) دەپ نام بېرىپ ، مۇنچۇر قاغانغا ياتلىق قىلغان . «سۈي – تاڭ سولالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر» نامىلىق كىتابىدا «كونا تەڭنامە» 195- يىلىدا «ئۇيغۇر ھەققىدە قىسسە» دىن ئېلىنغان نەقىلدە مۇنداق دېيىلگەن : «پادىشاھ تاڭ سۈزۈك زىياپەتتە تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇنى يۈز تۇرانە مەدھىيىلەپ : خانلىقىمىزدا مۇشۇنداق زور ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى پۈتۈنلەي سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىدايلارچە كۈچ چىقارغانلىقىڭلاردىن بولدى . ئۇيغۇر يابغۇسى جاپالىق شارائىتتا تۆھپە يارىتىپ قوشنا ئەلنى مەردىلىك بىلەن ساقلاپ قالدى . ئارىمىزدا ھازىرغىچە بۇنداق ئىشنى بىراۋ ئاڭلاپ باققان ئەمەس … ئۇيغۇر يابغۇسى تالانتتا تەڭداشسىز ، مەرتىۋىدە ئەڭ ئۈستۈن تۇرغۇسىدۇر . جاھان بۇزۇلۇپ ، يامانلىق ئەۋج ئالغان ، ئوتتۇرا ئىقلىم قولىمىزدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە خانلىقىمىز قوشۇن تارتىپ چىقىپ ، پەم-پاراسەت بىلەن ياۋۇز دۈشمەنلەرنى جازالىدى . بىرلا غەيرەت بىلەن تۈمەن چاقىرىملاپ جاينى تازىلاپ ، 20 كۈن ئىچىدە ئىككى پايتاختنى قايتۇرۇۋالدى» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن . پادىشاھ تاڭ سۈزۈك ئۇلارغا قوشۇپ نۇرغۇن زىبۇ – زىننەت ، تاۋار – دۇردۇندىن تىكىلگەن ھەرخىل كىيىم – كېچەك سوۋغا قىلغان . نەۋرە ئىنىسى لى يۈ بىلەن جىيەنى لى شۈننى مويۇنچۇر قاغانغا نام بەرگۈچى ئەلچى ، نىڭگو مەلىكىنىڭ توي مۇراسىم بېگى قىلىپ تەيىنلەپ ئۇيغۇر خانلىقىغا خانلىقىغا ئەۋەتكەن . ئەلچىلەر ئۆمىكى سەپەرگە چىققاندا تولىمۇ داغادۇغۇلىق ئۇزىتىلغان . لى يۇ قاتارلىقلار ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ، كېلىنچەك بىلەن تالاي سوۋغا – سالامنى ئېلىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردىبالىققا يېتىپ بارغاندا ، دەسلەپ مۇيىنچۇر قاغان ئۆز تۆھپىسىنى پەش قىلىپ ، تاڭ سولالىسىنىڭ ئەلچەللىرىنى كۆزگە ئىلمىغان . كېيىن ئەلچىلەر تاڭ سۇزۇڭنىڭ مەكتۇبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، مەكتۇپتىكى «ساداقىتىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇلالىمىزنىڭ مەلىكىسنى ياتلىق قىلدۇق. مەن ئۆز قىزىمنى يىراق تامانغا ياتلىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ مېھرىنى ئىزھار قىلدىم. ئۇ چەت يىراق يۇرۇتقا بارىدۇ، ئۇنى قەدىرلىگەيسىز….››دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى كۈنى چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ نىڭگو مەلىكىنى ئەمرىگە ئالغان. سوغدلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن ھۈنەرۋەنلەرگە سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق دېگەن شەھەرنى سېلىشقا بۇيرۇق بەرگەن. مويۇنچۇر قاغان بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى‹‹مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى›› دا مۇنداق خاتىرلەتكەن:‹‹توخۇ يىلى(757-يىل) دا…ئىككى قىزىنى(سوۋغات قىلىپ) بەردى. سۆزىڭىزنى يىرماي دېدى، خاتا ئىش قىلماي دېدى… سوغدلار ۋە تابغاچلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىقنى سالدۇردۇم… ››
‹‹تاڭ دۆلىتىگە ئەمىنلىك ئېلىپ كەلگۈچى مەلىكلەر›› دەپ ئاتالغان چوڭ – كىچىك نىڭگو مەلىكلەر مويۇنچۇر ئاتا – بالىغا ياتلىق بولۇپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل بولار بولمايلا دادا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا ئېغىر زىددىيەت كۆرۈلۈپ، مويۇنچۇر قاغان ئوغلى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇنى نامەلۇم سەۋەب تۈپەيلى جازالاپ ئۆلتۈرگەن. ئۆزىمۇ ئارقىدىنلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان. مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدىگەن مويۇي‹‹بۆگۈ قاغان›› دېگەن نام بىلەن 759-يىلى تەختىكە ئولتۇرۇپ، 779-يىلىغىچە دەۋران سۈرگەن.
ئاجايىپ قىزىقارلىق ھەم مۇرەككەپ سۇژىتقا ئىگە كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەشكە، تراگېدىيىلىك مەزمۇنغا ئىگە رومان – قىسسلەرنى يېزىشقا ماتېرىيال بولىدىغان بۇ ۋەقە ھادىسىلەر دەل پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لاي قەلئەنىڭ سىرى تىخمۇ روشەن ئېچىلغۇسى.

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى2008 -يىللىق 1-سانى

تور مەنبە:http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=40694

باھا سۆز

zulpkar  چارچاپ كەتكەن سېز خە بۇنى يېزپ بولخۇچە  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:06

UID
6579
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قارىسام تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار كۆپ ئىكەن، پايدىلىنار دىگەن مەقسەتتە بۇنى باسۇرۇپ قويدۇم.

UID
11006
يازما
462
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12192
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 13:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامو  ئەلەيكوم:
ئەلقۇد توردىشىمنىڭ  تىما-ئىنكاسلىرىنى  ياقتۇرمەن..
كۆپچىلىك بەھىرلەنگەي..
بۇ مەزمۇن ساقلىنۋاتىدۇ..

UID
2247
يازما
727
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
24829
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-18
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭ شۇئەنزەڭ ھېندىستانغا نوم ئالغىلى بېرىش جەريانىدا بۇددا دىنى گۈللەنگەن تۇرپان(ھازىرقى تۇيۇق غۇجامدا  ئەينى دەۋىردە نوملارنى 20 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلدىغان راھىىپلار ئۆتكەن) ۋە كۈسەن(ھازىرقى كۇچا)دا نەچچە ئايلاپ تۇرۇپ خاتىرىلەر قالدۇرغانلىقى ۋە خەنزۇلارنىڭ ئەسلى ماكانى بولمىش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەزمە تۇقۇش،ناخشا ئېيتىش،ئات مىنىش،كىيىنىش...لەرگە ھەۋەس قىلىپ دورىغانلېرى تارىخى مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان.راستىنى ئېيتسام تارىختىن«تاڭنامە»گە قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا بەكرەك قىزىقىدىكەنمەن.

UID
18641
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 19:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ھەقىقى تارىخ ، ئازىرقى تارىخ دەرىسلىردە نەدىمۇ بۇ ئشلار سۆزلەنسۇن،15يىل ئىلگىرى ئاكامنىڭ ئاغزىدىن بۇ تارىخى سۆزلەرنى ئاڭلىغانتىم ، كىيىن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئاڭلىغان بۇ تارىخى ئشلارنىڭ بىر سىمۇ يوق ، ئازىر يەنە بىر ئوقۇشۇم ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قۇدىرەت تاپقان ۋاقتىدە بۇ ، 4000 كىشلىك قۇشۇن 200000 مىڭ كىشلىك قۇشۇننى مەغلۇپ قىلغان ، مانا بۇ سۆزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر قۇدىرەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ ، قوللۇرىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن قېرىندىشىم ، يەنە مۇشۇنداق ھەقىقى سۆزلەنگەن تارىخى ئشلار بولسا يوللاپ تۇرغايسىز . باشقا تورداشلارنىڭمۇ  بۇيۇك تاڭ سۇلالىسىنى بىر ئۇقۇپ قۇيۇشىنى ئۇمۇت قىلمەن .

UID
21283
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 21:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن كىشى بىلەنلا جايلىنىپ كەپتۇقمۇ نېمە ھە

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 22:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپتە 5 يىل دەرس قىلىپ ئۆتكۈدەك تارىخكەن.....
يېقىنقى زاماندىكى يىڭى تارىخلار يوقمۇ............؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ

UID
11408
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
340
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 17:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى تېما ئىكەن.تېمىنى يوللىغان قوللىرىڭىز ھارمىسىۇن!مەن تاڭ سۇلالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغىنىنى بىلەتتىم. بۇ تېمىنى ئوقۇپ بۇسۇلالىنىڭ ھەقىقەتەن بۈيۈكلىكىنى بىلىۋالدىم.

UID
11394
يازما
108
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2088
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 17:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«گۇزەللەر ھىيلىسى
'گە چۇشكەن بىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش