كۆرۈش: 4630|ئىنكاس: 8

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6683
يازما
47
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1757
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 12:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققىدە


(سۈرەييە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى)
سۈرەييە يۈسۈپ، گۈلبانۇ ئابدۇۋەلى



      ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا  نىسبەتەن نۆۋەتتىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئەمەلىيەتتە قارشىلىشىش پىسخىكىسى نورمال روھى ھالەت بولسىمۇ، لېكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ياش- ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىدىغان قارشىلىشىش پىسخىكىسىىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ئاتا- ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:
        بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى دېگىنىمىز: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولۇش، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل پىسخىكىلىق ھالەتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. قارشىلىشىش پىسخىكىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا، مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىدىلىك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكى 《ئۆتكۈنچى مەزگىل 》 دە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چوڭلارنىڭ يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ ھەم   ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى《كىچىك بالا》 ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرۇشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىدىكى《خاسلىق》 نى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىشىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ-دە، تۈرلۈك ۋاستە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 《ئۆزى》 بىلەن سىرتقى مۇھىت ئۆزئارا  باراۋەر بولالايدىغان ئورۇننى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ (قارشىلىشىش پىسخىكىسى) نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا بەكلا نورمالسىز بولىدۇ. ئۇ بىنورمال روھىي ھالەتتىن پەرقلەنسىمۇ، بىراق  ئۇنىڭدا  بىنورمال روھىي ھالەتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
         ياشلىق مەزگىلى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالىقىلىق مەزگىل. پىسخىلوگىيەدە 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلنى ياشلىق مەزگىلى، 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى شۇنداقلا قارشىلىشش ۋە سەزگۈرلۈك پىسخىكىسى روشەن ئىپادىلىنىدىغان مەزگىل دەپ قارايدۇ.
     ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ۋە جەمئيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىدا دائىم ئاتا-ئانا بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارشىلىشىش ھالىتى شەكىللىنىپ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىدىيەسى كۈچىيىدۇ شۇنداقلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، پىكىر قىلىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭى ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ ئۆزىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
  ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:
1. ئاتا-ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى 《كىچىك بالا 》 ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، مۇشۇ دەۋردىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
  2. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدىكى خاتالىق. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، بالىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماستىن، ئەكسىچە بالىلىرىغا تەن جازاسى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
  3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىغا نۇرغۇن قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلار ئائىلىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالماي، ئۇلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدە بولىدۇ.
  4. ئوقۇتقۇچىلاردىكى نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار قارشىلىشىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە سەل قارايدۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. قارشىلىشىش پىسىخىكىسى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە گۇمانخور، جاھىل، باشقىلارغا ئارىلاشقۇسى كەلمەسلىكتەك ناچار خارەكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
   1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتلىق جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىماستىن، ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بالىغا كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.
  2. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت  قىلىشى، غورۇرىغا تەگمەسلىكى، ئادىل، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،ئۇلارغا تېخمۇ مېھىر- مۇھەببەت بېرىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.
3. بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۈچلۈك ئىپادىلەنگەندە، مەسىلەن: ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرگە نىسبەتەن ئاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ھەمدە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا يەنە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن.
4. ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئائىلە مۇكەممەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بالىلارنىڭ ئالدا جەڭگە-جىدەل قىلىشماي،ئەكسىچە بالىغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بېرىش، ئۆز كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، پىسخىك قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.
6 . بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياكى يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يات جىنىسلىق(قىز ياكى ئوغۇل)ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بالىنى قورقۇتۇش ياكى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى بالىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بالىغا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روھى ئۇزۇق بەرگىلى بولىدۇ.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
225 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېمنى باشتىن  - ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم . ئۇيلاپ باقسام مېنىڭ بالاممۇ دەل مۇشۇ مەزگىلىگە كېلىپ قالدى . يازمىدا ئېيتىلغاندەك مېنىڭ بالامدىمۇ بەزىبىر جەھەتلەردە  بىلىنەر -بىلىنمەس قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئىدىم .  بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن يازما ئىگىسىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن ! ئۇندىن باشقا بۇ ئەمەلىي قىممىتى بار يازمىنى بالامنىڭ ھەم ئائىلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ ،بالامنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىشىگە ئەينەك قىلىشقا تىرىشىمەن .

UID
4470
يازما
204
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3264
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئوغلۇممۇ دەل شۇ باسقۇچقا كىرىپ قاپتۇ ،تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا دىققەت قىلسام بولغۇدەك.

UID
17957
يازما
139
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1730
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-17
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 19:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلسام بولغۇدەك

UID
17057
يازما
738
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1848
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
156 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 00:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ ئەھۋاللارغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ، ئاتا-ئانىلارغا مۇۋاپىق تەكلىپ بېرەلىگىنىم بىلەن ، ئۆزەمنىڭ بالىسىغا كەلگەندە ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغىنىم قىززىق دېسە!
« نېمە قىلىۋاتىسەن بالام؟» « نېمە قىپتىمەن؟!!!»ئۇف، بۇ پىسخىكىلىق دەۋر قاچانمۇ ئاياقلىشار دەپ تۇرسام، يەنە  بىر ئوغلۇممۇ 15 ياشقا كىرىپ قاپتۇ، مەن دەيمەن:
ئوقۇتقۇچى ياكى نەسىھەتچى بولماق ئاسان، ئانا بولماق تەس ئىكەن.

UID
7638
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
166
تىزىملاتقان
2010-12-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 23:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر ياخشى بىر تېما يوللىغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن .     
      مېنىڭ بىلەن  بالىلىرىم بىلەن ئارىمىزدا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ مەۋجۈدلىقىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەن . ئەمما مەن ئاتا- ئىنىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشى بالىلار بىلەن ئاتا- ئانىلار ئارىسىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ موھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن . بۇلاردىن باشقا ئوخشاش ياشتىكى باشقا كۆپ ئارىلىشىدىغان دوستلىرى ، ساۋاقداشلىرى ،جەمئىيەتتىكى كۆرگەن - بىلگەنلىرى ، تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەسىرىمۇ بار .
     بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى چۈشىنىشى بولۇپمۇ بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىۋاتقانلىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك ...

UID
25388
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-1-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:29:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى  ئۇسۇللار خېلى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. فرانسۇزلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ ، روسلار ،ياپۇنلار...ۋەھاكازالار.يەنە بۇ توغرىسىدىكى پىسسخىكىغا دائىر ئەسەرلەرمۇ كۆپلەپ مەدانغا كېلىۋاتىدۇ.بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە مەۋجۈت پىسخىكشۇناسلار باشقىلارغا خېلى ياخشى مەسلىھەت بېرولىگەن بىلەن ئۆزلىرى دۇچ كېلىپ قالسا باشقىلارغا كۆرسەتكەن يول بىلەن ئۆزلىرى ھەل قىلىپ كىتەلىشى ناتايىن. بىز مۇسۇلمانلاردا بىر توغرا يول بار ئىدى . ئەپسۇس بۇنى قانچىمىز بايقىدۇق؟ ئەجىبا بىز ئىزلەنسەك ئۇنىڭدىن مۇ توغرا يولغا ئېرىشەلەيمىزمۇ؟ ئىزلىنەيلى ئەجدادىمىز قايسى يولدا مېڭىپ شانلىق تارىخ ياراتقان ؟قانداق قىلىپ كەينىدە قالغان ساپاسىز بولۇپ قالدۇق!

UID
26739
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 18:45:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزنى ساقلاپ قويۇپ كەلگۇسىدە پايدىلانغۇچە  يۇتتۇرۇپ قويارمەنمۇ؟  يۇتۇپ كەتسە، كىرەك بولغاندا سىزنى نەدىن تاپارمەن؟ (چاخچاق)

UID
6226
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1715
تىزىملاتقان
2010-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 04:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بالىغا ئىشىنىش،ئائىلە مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ....تەك نۇرغۇن مۇرەككەپ، مۇھىملار بار.
ئەمما ئىشەندىم دەپ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.جەمئىيەتنىڭ تارتىش كۈچىگە سەل قارىماڭ.بۇ 100يىل،1000 يىل ئىلگىرىكى جەمئىيەت ئەمەس.‹‹يامان بولىدۇ›› نى تەربىيەنىڭ باش مىزانى قىلسا بولىدىغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش