«ئېرەمباغ» قا قايتىش
چۈشلىرىمدەك يىراق بىر جايدا، غۇبارسىز بالىلىقىمنىڭ ئەدناسى بولغان مۇقەددەس بىر ماكان بار. سەبىي كۈلكىلىرىم، شوخ قىلىقلىرىم، جاراڭلىق ئاۋازلىرىم، يىغۇ-زارلىرىم ھەممە، غۇبارسىز بالىلىقىمغا مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئۇ جاينى چۈچۈك تىللىرىم بىلەن«ئېرەمباغ» دەپ ئاتايىتتىم. قاناتلىرىم يېتىلىپ ئۇچۇرما بولغاندىن بىرى سەرگەردان ئاتالدىم. مانا بۈگۈن يۈرۈكۈمنىڭ قاتلىرىدا خىرىستال كەبىي ساقلاپ كەلگەن پاك مۇھەببىتىمنى ئېلىپ، «ئېرەمباغ» قا قايتىپ ماڭماقتىمەن.
...
كۆك قەرىدىن تۆكىلىۋاتقان ئاپئاق چىچەكلەرگە ئەگىشىپ يەنە بىر قىش يېتىپ كەلدى.يول بويلىرىدىكى كاتاڭلاردا مۇز قېتىشقا باشلىغان شۇ كۈنلەردە، يۈرۈكۈمدىكى مۇز پارچىلىرى ئاستا-ئاستا ئېرىپ كېتىپ باراتتى. دۇنيانى جۇت-شىۋېرغان قاپلىسىمۇ مۇھەببەت يالقۇنلىرىغا قاقلانغان يۈرەك مەڭگۈ ئىللىق تۇرىدۇ ئەمەسمۇ!؟ چۈنكى بۇخىل مۇھەببەت ئىنساننىلا ئوبيكىت قىلغان بولماستىن، مەۋجۇدىيىتىمىزنىڭ بۆشۈكى بولغان ئانا يۇرت، ئانا زېمىنغا بېغىشلانغان...قار ئۇچقۇنلىرى چاچلىرىمغا، كۆكىرىپ كەتكەن يۈزلىرىمگە، كىرپىكىمگە ئاستا قوناتتى-دە، تىزلا ئېرىپ كېتەتتى.
«ئېرەمباغ» نىڭ ئاق پەرەنجىسىنى ئارتقان گۈزەل ھۆسنىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپتوغرا تۆت يىل كۈتكەن ئىدىم. تۆت يىل ۋاقىت بىر قارىساڭ تۆت ئەسىردەك ئۇزۇن، بىر قارىساڭ بىر كىچىدەك قىسقا بىلىنەتتى. ھەرقېتىم يات ئەلنىڭ قار باسقان كوچىلىرىدا كېتىپ بارغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ سەرگەردان ئىكەنلىكىمنى تامامەن ئۇنتۇپ، كىچىك بالىلاردەك تاقلاپ كېتەتتىم.
شۇنداق بىر چاغلار بولغان ئىدى. يۇرتىمىزنىڭ قىش پەسلىدە قار توختىمايىتتى. ئانىمىزنىڭ «سوغۇق ئۆتكۈزىۋالىسەن، ئۈششۈپ قالىسەن...» دەپ ئەنسىرەشلىرىگە قارىماي، توپ-توپ بولۇپ ئېتىز-قېرلاردا چانا ئوينايىتتۇق. مامۇقتەك قار ئۈستىدە پومداقلىشىپ ھالىمىز قالمايىتتى. ئېرىق -ئۆستەڭ بويلىرىدا كاچكۇللاردىن كىچىك مۇز پارچىلرىنى سۈزۈپ يەيمىز دەپ ، سۇغا چۈشۈپمۇ كېتەتتۇق. مەكتەپتىن قايىتقۇچە يول بويلىرىغا قار بوۋايلارنى ياساپ، شارپىلىرىمىزنى تاقاپ، تۇماقلىرىمىزنى كەيدۈرۈپ قوياتتۇق. پاكىزە مۇز ئۈستىگە چۈشكەن ئاپئاق قارلارنى ئۇچۇمداپ ئېلىپ، شىكەر يىگەندەك بەسلىشىپ يەيىتتۇق. رەگەتكە ۋە قاپقانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ قۇشقاچ «ئوۋلاش» لىرىمىزچۇ تېخى. قىش پەسلىدە بىز بالىلار ئەنە شۇنداق سوغۇقتىن قورۇقمايدىغان «پىنگىۋېن»لارغا ئوخشاپ قالاتتۇق.
تۆت قېتىملىق قىش پەسلىنى ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. مانا ئەمدى بالىلىقتىكى شۇ چۆچەكلەر دۇنياسىغا قاراپ كېتىپ بارىمەن. يۈرۈكۈمدىكى يوشۇرۇن بىر ئوت پۈتۈن جىسمىمنى چوغدەك قىزدۇرىۋاتاتتى. يۈرۈكۈم كۆكرەك قەپىسىمگە سىغمايۋاتاتتى...
كىچىككىنە دېرىزىدىن قاراپ ئۇچقۇنداپ چۈشىۋاتقان قارلارنى تاماشا قىلىۋاتىمەن. تەپەككۇر خانەمدە ئاللىقانداق ئىشلار غېل-پال قىلىپ پەيدا بولۇپ قالاتتى. «ئېرەمباغ» قا قانداق قايتىش كېرەك؟ ئۇنىڭ مېھرى ئىللىق قوينى مەن ئۈچۈن كەڭرى ئېچىلامۇ؟ بالىلىقىمدىكى شۇ گۈزەل تۇيغۇلارنى يەنە بىر قېتىم نىسىپ ئىتەرمۇ؟ تۆت يىلنىڭ چەكسىزلىككە تۇتاشقان تەرىپىدە تۇرۇپ ئويلاپ باقسام، كۈنلىرىمنىڭ چۈشكۈنلۈك قوينىدىلا كېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. بالىلىقىمدىكى جەسۇر ھالىتىمنى سەرگەردان تۇيغۇلارغا تېگىشىۋەتكەن ئىدىم. تۆت يىلنىڭ چۈش كەبى قىسقا تەرىپىدە تۇرۇپ ئويلىسام، نورغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. خۇددى ئىگىز ئاسماندىن لەرزان تۆكۈلگەن قار ئۇچقۇنلىرى كۆز ئالدىمدا ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك، تۆت يىل ۋاقىتمۇ ئۆتمۈش قوينىغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.
ئۇزۇندىن بىرى تۇنجى قېتىم «ئېرەمباغ» نىڭ قىش پەسلىنى كۆرۈش خىيالى يۈرۈكۈمنى ئويناتسا، بالىلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن، يىگىتلەرگە خاس تۇيغۇلىرىم مېنى توختىماستىن سوراققا تارتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىر خىل قورقۇنچ بىسىۋالدى، «ئېرەمباغ»قا بارساملا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئۈچۈن«ئۆلۈم» گە بۇيرۇلىدىغاندەك قىلاتتىم. ئىختىيارسىز ھالدا دېرىزە ئالدىدا تېزلىنىپ قالدىم. ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزۈم خاتا قىلدىم، دەپ قارىغان ئىشلارنى ئىقرار قىلىشقا باشلىدىم.
ۋەدەمگە ۋاپا قىلمىدىم. سېنىڭ قوينۇڭدىكى قەدىمىي چىنار تۈۋىدە ئولتۇرۇپ «چوقۇم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزدىنىمەن، جىق نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈپ كېلىمەن» دېگەن گەپلىرىمنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇنتۇپ قالدىم. تەكەببۇرلۇق قىلدىم. ئۆزۈمچە مۇرادىمغا يەتتىم دەپ ئويلاپ، كۆرەڭلەپ كەتتىم. تارتقان جاپالىرىمنى، ئەسلىمنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ،ئۆتمۈشتىكى ئۆزۈمنى ئىنكار قىلدىم.تالاي ۋاقىتلارنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزىۋەتتىم، ئاتا-ئانامنىڭ پۇلىنى خالىغانچە بۇزۇپ چاچتىم...يەنە... يەنە تىخى رەڭگارەڭ دۇنياغا مەپتۇن بولدۇم. بۇلار مېنىڭ خاتالىقىم، بىراق بىر نەرسىنى ئامان -ئېسەن ساقلاپ كەلدىم. ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىگەم گۇۋاھ، سەن شەربەتلىرىڭ بىلەن روھىمغا سىڭدۈرىۋەتكەن پاكلىقنى، ئىتقاد-ئەقىدىنى ھەرگىز يوقاتمىدىم. سەن قەلبىمگە ئاپىرىدە قىلغان ھەقىقىي مۇھەببەتنى ،كۈچلۈك نەپرەتنى دىلىمدا مەھكەم ساقلىدىم... ماڭا قۇچاق ئاچارسەنمۇ، ئىھ، جەننىتىم «ئېرەمباغ»!؟
قار تېخىچە توختىغىنى يوق. سىرتتىكى دەرەخلەر سەللە كېيىۋالغاندەك تۇراتتى، مەن چوغ بولۇپ يانغان يۈرىكىمنى ئۇچلاپ كۆتۈرۈپ«ئېرەمباغ» قا قايىتماقتىمەن.ماڭا قۇچاق ئاچ ، پاك دىيار! رېئاللىقنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى ئالدىدا مۇڭلىنىپ قالغان روھىم سېنىڭ قوينۇڭدىن ئۆزىنى تاپماقچى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 15:00