قايرىلىپ قارىمىغىن
تۇنجى ئەمەس كېتىشىڭ سېنىڭ،
يالغۇزلۇقتا قالدۇرۇپ مېنى.
جىجىتقىنە يۈتكىنىڭ نۇرغۇن،
ئۈمتۈلدۈرۈپ ھەر نۆۋەت مېنى.
كۈتۈش كەسپىم كېلەلمىسەڭمۇ،
بولسىمۇ گەر بەك تېز كېتىشىڭ.
چۈنكى مەندە ئۈمىد تۇغىدۇ،
ھەر قېتىملا كۈلۈپ كېلىشىڭ.
دېيەلمەيمەن يا سېنى ئەسكى،
يا بەك ئېسىل «زەر چىن» ئاشىقىم.
يامان دەپمۇ بولالمايمەن ھېچ،
پەقەت ماڭا ئاشكارا قەلبىم.
يۈرىكىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ،
دەيدۇ ئېسىت، ئاق كۆڭۈل دوستۇم،
مەن خەۋەرسىز يۈرىمەن يەنە،
مەسخىرىدە تونۇش دۈشمىنىم.
دۈشمەنلىرىم توستىمۇ يولدىن،
ئۇزۇن بولدى، بولدى بۇ نۆۋەت.
شام چىراقتەك قالدىم پىرىلداپ.
كۆرۇنمىدى قاراڭمۇ پەقەت.
كېلەلمىدىڭ، كېلەلمىدىڭ،
كۈتۈشتىنمۇ يالتايدىم ئاخىر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 11:18