مەن
سەۋەپسىزلا ئېچىلغان تىرناق،
بىلەلمىگەن يىپىلار قايۋاق.
غايىپتىنلا ئۈنگەن تەتۈر پەش،
بىئىختىيار قويۇلغان سىزىق.
مەن يېزىلىشى ئۇنتۇلغان ھەرپ،
شەكلى مەلۇم، مەنىسى ئاپئاق،
شۇندىمۇ !؟
ئۇنتۇلمىغان شەرتلىك بەلگىمەن،
چەمبەرگىلا مەھكۇم ئىتىلگەن.
مەن تىپىشماقتەك نامسىز بىر بوشلۇق،
نۆل ئەمەسمەن، لېكىن مەن توققۇز.
يالاڭ تىرناق كەينىدە قالغان.
مەن
ئايلىنالماي نامدار چېكىتكە،
ئۇيۇلىمەن پەشنىڭ ئالدىدا.
ھەي
مەن، يەنىلا مەن،
بىلەلمىگەن كىتەرىن قاچان.
32ھەرپ ئىچىدە ئۈنسىز،
سوغۇق تامغا يۆلەنگەن يالغۇز...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 11:14