كۆرۈش: 4890|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىمىز تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخسلەر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18331
يازما
29
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 03:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[1]غازىباي_مىلادىدىن بۇرۇنقى 350-يىللىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىۋىپ بولۇپ،ئۇنىڭ 312 ماددىلىق دورىلار قامۇسى ۋە تېبابەت نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان‹‹غازىباي ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى ››ناملىق مەشھۇركىتابىنى ئورخۇن -يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كارۇشتى يېزىقىدا يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار.مىلادى1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىرقىلىنغان ‹‹ھەدىقەتۇل ئەقالىم››(ئىقلىملار تەزكىرىسى)دېگەن قامۇس خارەكتىرلىك ئەسەردە ‹‹تېرىم(تارىم)يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى  دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ  312  ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان غازىباينىڭ مەشھۇر ئەسىرىنى ئەپلاتون ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن غازىباينىڭ تېببېي ئىلمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھابەرگەن ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى غازىباينىڭ ئوغلى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن›› دېيىلگەن.
[2]جىۋا_ كۇچا خانى  بەگ چۇڭنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇلۇغ ئالىم،شائىر،تەرجىمان كومىراجىۋانىڭ(334-413)نىڭ ئانىسى بولۇپ،ئۇئەقىللىق،زېرەك،بىلىمدە كامالەتكەيەتكەن مەشھۇر ئايال تىۋىپتۇر،ئۇ‹‹جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا››ناملىق ئەسەرنى يازغان.بۇئەسەر 383-يىللىرى ئەتىراپىدا جىۋانىڭ ئوغلى كومىراجىۋا تەرپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمەقىلىنغان.بۇئەسەر قىلىن ئىككى كىتاپ بۇلۇپ ،كەمتۈك ھالەتتە تۇرپاندىن قېزىۋىلىنغان .ئۇ گىرمانىيەلىك ئالبېرىت ۋون لىكوك ۋە ئالبېرىت گىرون ۋېدىللار 1902-1903-يىللىرى تۇرپاندىن ئېلېپ كەتكەن تۆت كىتابنىڭ بىرى بولۇپ ،ھازىر گىرمانىيە پىروسى باكلاۋۇرلار ئىنىستىتوتىدا ساقلانماقتا.
[3]كومىراجىۋا_ئۇمىلادى 344 يىلى قەدىمكى غەربى دىيار كۈسەن(كۇچا)خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى كومرايان مۇھىم دۆۋلەت ئەربابى ،ئانىسى جىۋا بولسا مەشھۇر ئايال تىۋىپ ئىدى.
كومىراجىۋا توققوز ياشقا كىرگەندە ئانىسى بىلەن كەشمىرگەبېرىپ ،بۇددادىنى بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن  ھەم كۈنىگە 1000 مىسرادىن ئارتۇق نۇم تېكستلىرىنى يادلىغان 13 يېشىدا يۇرتىغا قايىتقاندا ۆۈسەن خانى قىزغىن قارشى ئېلىپ ،دۆۋلەت ئۇستازى دەپ نام بەرگەن .بىر مەزگىل مۇدەررىس بولغان،ئۇنقڭ داڭقىنى ئاڭلىغان چىن پادىشاھى 383-يىلىئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇنى ئەكىلىپ گۇزۇڭ شەھرى (ھازىرقى گەنسۇ ۋۇشى)دا 15 يىل تۇرۇپ قېلىپ ،خەنزۇچىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن .401 -ئۇنى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن)گە ئالدۇرۇپ كېلىپ ،دۆۋلەت ئۇستازى دەپ ئىززەتلەپ ئىشلەتكەن.
كومىراجىۋا 800 دىن ئارتۇق شاگىرىتقا دەرىس بەرگەن ۋە تارىختا ئەڭزور كۆلەمدە نوم تەرجىمەقىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ،74 پارچە 384 جىلىد نوم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان .ئۇ  شۇقاتاردا ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەردىن‹‹جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا››،‹‹جىۋا كاپوستاكا›› ۋە 33 جىلد لىق ‹‹غەربى دىيار تىۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رىتسىپلار›› ،3 جىلىد لىق ‹‹غەربى دىيار ئەۋلىيالىرى رىتسىپلىرى›› ،4جلدىلىق ‹‹غەربى دىيار مەشھۇر تىۋىپلىرى توپلىغان مۇھىم رىتسىپلار››،  4 جىلىدلىق ‹‹بۇتساتۋا ناگار جونانىڭ دورا رىتسىپ لىرى››، 2 جىلىدلىق ‹‹بۇتساتۋا ناگار جونانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇلى ››، 2600 جىلىدلىق ‹‹ھەر يەرلەردىن توپلانغان رىتسىپلا›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان .بۇ ئۇيغۇر تىبابىتى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يوقاپ كەتكەن بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ‹‹جىۋابەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسدا›› ۋە ‹‹جىۋا كاپوستاكا ›› دېگەن ئەسەرلەر ھازىر گىر مانىيىدىكى بورس ماگىستىرلار ئىنىستوتىدا  ۋە لوندۇندىكى ھىندىستانغا دائىر ئىشلار كۈتۈپخانىسىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
[4]گەنجۇ قاغىن _غەربى دىيار ئۇدۇن (خوتەن)دە تۇغۇلغان ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاتاقلىق تەرجىمانى ۋە مەشھۇر تىۋىپى بولۇپ،تاڭ سۇلالىسى مەلىكىسى ۋېن چىڭ مەلىكە شىزاڭدىكى شىزاڭدىكى توبۇتلار سۇلالىسىنىڭ تۇنجى ئەۋلات پادىشاھى جىدې زۇزەن(مىلادى 704-754 يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان)گە ياتلىق قىلىنغاندا ،ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان زور بىر تۈركۈم تىببى ئەسەرلەر گەنجۇ قاغىن يىتەكچىلىكىدە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە تىبەت خەلىقىنى داۋالاپ ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان .ئۇنۇرغۇن يىللىق داۋالاش تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ تىبەت خەلىقىنىڭ تەجىرىبىلىرىنى توپلاپ  ئۇلارغا ‹‹يۆجى ياۋجىن››(ئاي كەبى دورىلار بىلەن كېسەللىك داۋالاش)دېگەن داڭلىق ئەسەرنى تۈزۈپ بەرگەن .
[5]جان باشلاق شىراخان _ چەرچەندە تۇغۇلغان ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى بولۇپ،كىچىكىدىن بۇددا راھىپلىرى ۋە ئەمچى ،ئاتاچى،قام قاتارلىقلارنىڭ تىببى داۋالاش تىپلىرىنى توپلاپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك داۋالاش تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا كۆپ خىل دورىلارنى ياساپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق شۇدەۋىر دىكى ئاتاقلىق ھۆكۈما بولۇپ تونۇلغاندىن كېيىن ،توبۇتلار پادىشاھى ئۇنى تىبەتكە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ،ئوردا تىۋىپى قىلغان.ئۇ ئۇيەردە نۇرغۇنلىغان شاگىرىتلارنى تەربىلەپ يىتىشتۈرۈش بىلەن بىر گە ‹‹خوتەنلىكلەرنىڭ بويۇن زەخمىسىنى داۋالىشى ››قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك كىتاپلىرىنى يېزىپ بەرگەن .ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى شىزاڭنىڭ مەشھۇر تۆت توملۇق تېببې قامۇسىغا كىر گۈزۈلگەن.
[6]ئەبۇ نەسىر فارابى _10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاسىيا،ئىران،ئىراق،سۈرىيە ۋە مىسىر لاردا شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ،پەيلاسوپى بولۇپ،مىلادى 870-يىلى قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە تەۋە فاراب ۋىلايىتىدە ‹‹تارخان››دەپ ھەربىلەر ئائىلىسىگە بېرىلىدىغان كەچۈرۈم ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن مۇھەممەد بىننى ئوزلۇغ ئائىلىسىدە دۇناغا كەلگن بۇلۇپ،ياش ۋاقتىدا قەشقەردىن مەرۋە (خۇراسان ) گە يۆتكىلىپ ئوقۇپ،ئەرەپچە،پارىسچە تىل ئەدەبىياتنى ئۆگەنگەن ھەمدە پۈتۈن ئۆمىرىنى پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە قەدىمكى يۇنان ئالىم لىرىدىن ئارىستوتىل،ئەپلاتون قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ،ئۇنى ئىسلام دىنى پەلسەپىسى بىلەن بىر لەشتۈرۈپ ئىسلام دۇنياسىدا يېڭى بىر پەلسەپىۋى ئېقىم ئېچىپ چىقىشقا سەرىپ قىلىپ ،دەسلەپكى ئىسلام ۋە تۈرك پەلسەپىسى ئېنىسكىلوپىدىيىسىدىن ئىبارەت بولغان ‹‹ئەتتەئلىماتى سانىي››(ئىككىنچى تەلىمات)دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق پۈتۈن ئەرەپ ۋە ئىسلام دۇنياسىدا زىلزىلە قوز غىغان .شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ‹‹مۇئەللىم سانىي››(ئىككىنچى ئۇستاز)دېگەن ئۇنىۋان بېرىگەن(بىرىنچى ئۇستاز ئارىستوتل كۆزدە تۇتىلىدۇ). فارابى مىلادى 950-يىلى 80 يېشىدا ھەلەپ شەھرىدە ۋاپات بولغان.
ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ ئۆمىرىدە ھەرخىل تىللاردا يازغان كىتاپلىرى جەمئي 133 پارچە بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىدە تىبابەتكە ئائىتلىرى؛(1) ماقالەتەينى نەفىس (روھ ۋە پىسخولوگىيە).
(2) ئەلمەۋ جۇداتىل مۇتەغەييىرە(ئۆزگىرىپ تۇرغان شەيئىلەر).
(3)ئەلئەقلۇل كەبىر (چوڭ ئەقىل).
(4)پەسىل ۋە ھاۋاكىلىماتى ھەققىدە.
(5)ئۇخلىغاندا چۈش كۆرۈش ھەققىدە.  
(6)كالامى فى بايان ئەئزائل ھەيۋان(ھايۋان جنملىدىن ئىنسان ئەزالىرى ھەققىدە).
(7)كىتابۇل جۇنۇن (ساراڭلىق كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ).
(8)كىتابۇل ھېس ۋە ئىدىراك.
(9)لىمازا يەختىئۇل ئىنسان(ئادەم نېمە ئۈچۈن خاتالىشىدۇ).
(10)ئۆمىرى تەبىئىيە ھەققىدە قاتارلىق ئەسەرلەردىن ئىبارەت.
[7]ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا _بۇخارا ۋىلايىتىنىڭ ئەفشانە ناھيىسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇللا ئائىلىسىدەمىلادى 980-يىلى(فارابى ۋاپاتىدىن توپتوغرا 30 يىل كېيىن )دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ ئىلىم-پەنگە ھېرىسمەن بۇلغاچقا،پەلسەپە ۋە تىبابەتچىلىككە ئائىت نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغان ۋە يېزىش ئىشلىرىغا كىرىشكەن . 16 ياشقا كىرگەندە بۇخارا ئەمىرى نۇھ بىننى مەنسۇرنىڭ ھاكىمىيىتىدە ۋەزىر لىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ ،بۇخارانىڭ دۇنياغاداڭلىق خانلىق كۈتۈپخانىسىنى باشقۇرغان .ئىبىنسىنا كۈتۈپخانىدا تۇرغان مەزگىلىدە بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىپ مەلۇماتىنى ئاشۇرغان .بولۇپمۇ فارابى يېزىپ قالدۇرغان ‹‹ئەتتەئلىماتى سانى ››دېگەن كىتاپ ئىبىنسىنانىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇمەتقا ئىگە بولىشىغا سەۋەپ بۇلغان.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلم ئىزدەپ بۇخاراغا كەلگەن ئالىملار ،تالىپلار،چوڭ ئەمىرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ھەم ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ شۆھرەت قازانغان.ئۇ 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ يېزىپ نۇر غۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايىتقان ۋە شاگىرىتلارنى يىتىشتۈرگەن .ئاخىرى ھەمدان شەھرىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا پەلسەپە كىتابى ‹‹ئەششىپا››،‹‹كىتابۇل ھەيران››،‹‹كىتابۇل ھېكمەت›› دېگەن كىتاپلارنى يېزىپ چىققان.تۈرمىدىن چىققان دىن كېيىن ،ئىسپىھانغا كېلىپ ئولتۇراق لىشىپ 1037 -يىلى 57 يېشىدا قۇلۇنجى كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ ‹‹ئەلقانۇن››،‹‹ئەششىپا››،‹‹مەنتىق››،‹‹ئەقىل ئىدىراك ۋە قۇۋۋەت››دېگەن كىتاپلىرى بىر قانچە قېتىم ئىتالىيانتىلى ،ئېنگىلىز تىلى،لاتىن تىلى ،نېمىس تىلى ،فىرانسوز تىلى قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ،18-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پۈتۈن ياۋروپا تىببىي ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا تېببىي دەرىسلىك ۋە پەلسەپە دەرىسلىكى قىلىپ ئوقولغان.
[8]مەھمۇد قەشقىرى _قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.ئۇيازغان بۈيۈك ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى ››دا ئۇيغۇرلار قەدىمقى زاماندا ئىشلەتكەن 150 خىلدىن ئارتۇق دورا،50 خىلدىن ئارتۇق پىششىق دورىنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە نامى ۋە بىر مۇنچە رىتسىپلار ۋە مال دوختۇرلۇققا ئائىت مەزمۇنلارمۇ يېزىلغان.
[9] يۈسۈپ خاس ھاجىپ _11-ئەسىردە قەشقەردە قارا خنىلارنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ياشىغان داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى ،پەيلاسوپى،شائىر،دۆۋلەت ئەرببابى ھەم تىبابەت بىلەن چوڭقۇر تۇنۇشلىقى بار بۈيۈك ئالىم بولۇپ،ئۇنىڭ ئالەم شۇمۇل نادىر ئەسىرى ‹‹قۇتاد غۇبىلىك ››كە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەريىسى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قانۇنلىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگن.
[10] ئىمادۇدەدىن قەشقىرى _ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر ئالىمى ئىمادىدىن قەشقەرى مىلادى 10- ئەسىردە ئاتۇشتاتۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇلۇپ ،شۇ چاغدىكى بىلىم يۇرتى ‹‹مەدىرىس ساجىيە››دە مۇددەرىسلىك قىلىپ ،تىبابەتچىلىك ئىلمىدىن دەرىس ئۆتۈپ نۇرغۇن شاگىرىتلارنى يېتىشتۈرگەن.سۇتۇق بۇغراخاننىڭ جەڭدە يارلانغغانلارنى ئۇنىڭغا داۋالاتقانلىقى تارىخىي ماتىرىياللاردا خاتىرىلەنگەن.ئىمادىدىن قەشقەرىنىڭ ‹‹شەرھى ئەلقانۇن››،‹‹شەرھى شىپا››،قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتگە قوشقان تۆھپىلىرىگە شۇچاغدىكى سۇتۇق بۇغراخانمۇ ئالاھىدە ئىنئام بەرگەن.
[11]ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى _12-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خوتەننىڭ شۇچاغدىكى مەركىزىي شەھرى يوتقاندا غوجى مۇھەممەد ئىسىملىك بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇقەشقەر ساجىيە مەدىرىسىدە ئوقۇپ ،خوتەنگە قايتىپ تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ھەم نۇرغۇن شاگىرىت يىتىشتۈرگەن.ئۇ شۇمەزگىلدە ئىسلام دىنى مەسىللىرىگە مۇۋاپىق ‹‹ئەلفىقھۇتتىبىيە››(تىببىي قانۇن)دېگەن كىتابىنى يېزىپ ئۇنى شۇچاغدىكى تېببىي خادىملارنىڭ سادىر قىلغان خاتالىق لىرىنى شەرىئەت ھۆكىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشقا ئاساس قىلغان.ئۇنىڭ يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا كۆيدۈر ۋېتىلگەن .
[12]تارىم _ ئىدىقۇد ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،يۈۋەن سۇلالىسى دەۋىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پايتەخىت خانبالىق (بېيجىڭ)تا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازەۋەر بولغان مەشھۇر ئويغۇر تىبابىتى ئالىمى.ئۇ ‹‹يۈۋەن سۇلالىسى يېڭى تارىخى››نىڭ 29 جىلىدى يەنى ‹‹ئۇرۇق نەسەپ جەدىۋىلى ››گە كىر گىزۈلگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
تارىم يۈۋەن سۇلالىسىنىڭ خانى يۈۋەن چىڭ زۇڭ (مىلادى 1294-1307 يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) ۋە يۈۋەن شۈندى(1333-1368 يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان)نىڭ يېنىدا توققۇز يىل تىۋىپلىق قىلغان.
[13] جامال قەرشى _ مىلادى 1300-ئىلى ۋىلايىتى ئالمىلىق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ ،قەشقەردىكى ساجىيە مەدىرىسىدى ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.كېيىن بۇخارا،باغدات،سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان.ئۇقەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئەرەپچە يازغان ‹‹سۇراھ››دېگەنكىتابىدا نۇرغۇنلىغان دورا،كېسەل ۋە تىبابەت ئاتالغۇلىرى شەرھىلەنگەن .ئۇنىڭ بۇئەسىرى مىلادى 1626-يىلى ھىندىستاننىڭ لەكنو شىركىتىدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان.
[14]سادىر مىش _ يۈۋەن سۇلالىسى (مىلادى 1279-1368)دەۋرىدە تىبابەتچىلىك ساھەسىدە مۇڭغۇل ئېمپىرىيىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ بىرىدۇر.سادىر مىش بېشبا(ھازىرقى جىمسار ئەتراپى)لىق ئۇيغۇر تىۋىپى بولۇپ،مۇڭغۇل ھۆكۈمىرانىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بېيجڭ.سېچۈۋەن قاتارلىق جايلاردا ھەربى ئەمەلدار ھەم دوختۇرلۇق قىلغان.ئۇ 15 جىلىدلىق چوڭ ھەجىمىلىك ‹‹بامبۇك زارلىق سارايدىكى مۇجەررەپ نۇسخىلار››دېگەن ئەسەرنى يازغان.مىڭ سۇلالىسى (مىلادى 1368-164)دەۋىرىدە ئۆتكەن ياڭ شىچى قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹ۋىنيەن قەسىرىدىكى كىتاپلار كاتولىكى›› بىلەن ياۋلى تۈزگەن ‹‹بۇۋىنتاڭ سارىيىدىكى كىتاپلار كاتولىكى››دا سادىر مىشنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەسلىسى 15 جىلىد ئىكەنلىكى ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان رىتسىپلارنىڭ  ۋە دورىلارنىڭ نەچچە مىڭ خلغا يىتىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.بۇ كىتاپنىڭ ساقلىنىپ يۈرگەن نۇسقىسى بارغانچە ئازىيىپ چىڭ دەۋرى (مىلادى 1644-1911)گە كەلگەندە تامامەن يوقالغان.
[15]سۇلتان ئەلى _ يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ھۆكۈماسى بولۇپ،تەخمىنەن 1480-يىلى دۇنياغا كەلگەن.سۇلتان ئەلى مىلادى تەخمىنەن 1520-يىلى يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى سۇلتان سەئىد خاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن مەشھۇر كىتاپ ‹‹دەستۇرۇل ئىلاج››نى يېزىپ چىقىپ يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كۈتۈپخانى سىغا تەقدىم قىلغان .‹‹دەستۇرۇل ئىلاج››ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزىرىيىلىرى،ئەزالار تۈزىلىشى ئىلمى ،ئەزالار خىزمىتى ئىلمى ،تەشخىس ئىلمى،دورىگەرلىك ئىلمى جەھەتلەردە ئۆزۋاقتىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ يېزىلغان ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.
[16]ئەللامەنەجمىدىن سەمەرقەندى _مىلادى 118-يىلى سەمەرقەنىد شەھرىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر تىۋىپى بولۇپ ،نۇرغۇن شاگىرىتلارنى تەربىلىگەن .ئۇنىڭ ‹‹ئەغزىيەتۇل مەرەز››،‹‹ئەسباب ۋە ئالامەت››،‹‹قارابادىن كەبىر››،‹‹قارابادىن سەغىر›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.
[17] موللا ئارىپ خوتەنى _ مىلادى 1564-يىلى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاسكۇي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ ،قەشقەر،يەركەنلەردە ئوقۇپ،خوتەن خەلىقىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىدا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ھەم نۇرغۇن شاگىرىت تەربىلىگەن .ئۇنىڭ ،پارىس ،چاغاتاي ،ئەرەپ تىللىرىدا يازغان ‹‹گۈلدەستەئى ئافىيەت››،‹‹تۈركى دەستۇرۇل ئىلاج››،‹‹مۇجەررىباتى ئارىف››،‹‹ئەسرارۇننەبزى ۋەلبەۋلى ۋەلبىرازى››،‹‹مۇئالىجاتىل پوقرائى ۋە ئەھلىل سەھرائى››،‹‹رىسالى ئى فەسەد ۋە ھىجامەد››قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بار.
[18] ئوسمان بەگ _18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەننىڭ كېرىيە ناھيىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ،قەشقەر ۋە تۈركىيەلەردە ئوقۇغان.كېيىن خوتەنگە قايتىپ كېلىپ ئويغۇر تىبابەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىنىسى مۇرات بەگ بىلەن داۋالاش ئەمەلىي تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ‹‹شارائىتى سېھھەت››(ساقلىق شارائىتلىرى)ۋە ‹‹تەجىرىباتى تىببى››(تىبابەت تەجىرىبىلىرى)دېگەن كىتابلارنى يېزىپ قازاندا باستۇرۇلغان.
[19]قىسۇرى _مىلادى 1717-يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن رايونىدا موللا ئەخمەت باقى غوجامنىياز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇقەشقەردىكى خانلىق مەدىرىسىدە ئوقۇپ ،يۇرتىدا مۇددەرىسلىك ھەم تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇ يازغان ‹‹رەۋزەتۇل زوھرا ››3000مىڭ مىسىرالىق داستان بۇلۇپ پەند-نەسىھەت،ئىبرەتلىك مەسەل ۋە ھىكايىلەر ،چوڭقۇر پەلسەپىۋى ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ.
[20] قۇتبىدىنشاھ _ مىلادى 1760-يىلى يەكەن ناھىيىسىنىڭ ساپال كوچىسىدا ھۆسەيىنجان تەجەللى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇ تىبابەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرىت مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆۋلەتلەردە ئوقۇپ ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتى يەكەندە خەلىقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن بىرگە شېئىر يېزىشكە كىرىشكەن.كېيىن تەكلىپ بىلەن پاكىستان،ھىندىستان،ئافغانىستان،ئىران ،ئىراق،ھىندىنوزىيە،بۇلغارىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ كېسەل داۋالىغان.
قۇتبىدىنشاھنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىدىن ‹‹رىسالە ئىرشادوس سالىھىن››،‹‹سەپەرنامە››،‹‹شېرىكنامە پەلەك›› قاتارلىق قۇل يازما ئەسەرلىرى بار.
[21] زورىخان _ مىلادى 1780-يىلى قەشقەر كوناشەھەر بەشكېرەم يېزىسىدا ئىمىن ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئانىسى پاتەمخان سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەلگە گىرىپتاربۇلغانلىقتىن ،12 ئانىسىنى داڭلىق تىۋىپلار كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ داۋالاش،دورا تەييارلاش ئەمەلىي ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنۈپ ئاخىرى ئانىسىنىڭ كېسىلىنى ئۆزى داۋالاپ،يۇرىت مەھەللە ئىچىدە ئۇستا ئايال تىۋىپ دەپ تونۇلۇپ،50 يىل ئەتىراپىدا خەلىقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ،خەلىقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.ئۇنىڭ‹‹مۇئالىجاتىن نىسا››دېگەن قۇل يازما ئەسىرى بار.
[22] جامالىدىن مەۋلىۋ داموللا ھاجى _ مىلادى 1817-يىلى كۇچا ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ،كۇچا ساقىيە،قەشقەر خانلىق مەدىرىسلەردە،كېيىن ھىندىستاننىڭ دىيۇبەندە سەككىز يىل ئوقۇغان مەشھۇر ئالىم ۋە ھۆكۈما بولۇپ،ئۇزۇن يىل كېسەل داۋالىغان.نۇرغۇن شاگىرىتلارنى تەربىلىگەن .ئۇنىڭ‹‹ئەل ئىلاجى ئاب ۋە ئاتەش ››دېگەن قۇل يازما ئەسىرى خلىق ئىچىگە كەڭ تارقالغان.
[23] گۈلجەمىلىخان _ قەشقەر بەشكېرەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن .شۇ يېزىدىكى داڭلىق ئاياللارتىۋىپى قەمەرخاندىن تىبابەتچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈپ ئۇزۇنيىل ئۆز خەلىقىنى كېسەل ئازابىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ .نۇرغۇن شاگىرىت تەربىلىگەن .ئۇنىڭ ‹‹شىپائى خاۋاتۇن››دېگەن رىسالىسى خەلىق ئىچىگە كەڭ تارقالغان.
[24] جامالىدىن ئاق ساراي _تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا جامالىدىن ئاق ساراي 17 ئەسىرنىڭ ئاخىرى،18-ئەسىرنىڭ بېشىدا خوتەن قاراقاشنىڭ ئاقساراي كەنتىدە تىۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ،قەشقەردە ئوقۇغان.كېيىن ھىندىستانغا چىقىپ 3 جىلىد 494 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ئەرەپچە يېزىپ ،ئەسەرگە ئۆز يۇرتىنىڭ كەنىت نامى ‹‹ئاق ساراي ››دەپ نام بەرگەن.بۇ ئەسەردە تىبابەتچىلىك نەزەر يىسى ،ساقلىقنى ساقلاش،دىئاگىنوز قويۇش،داۋالاش،دورىگەرلىك،ئاستىرىنومىيە،خېمىيە،فىزىكا،بىئولوگىيە،ماتىماتىكا،پىسخولوگىيە قاتارلىق مەزمۇنلار ئەتراپلىق، تولۇق ،مۇكەممەل بولغانلىقتىن 1899-يىلى ھىندىستاننىڭ لەكنودا نەشىرقىلىنىپ دېھلى ئۇنىۋېرسىتىدا 1939-يىلىغىچە تىببىي دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن.شۇ مەكتەپتە ئۇقىغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللا داموللام،مەتنىياز مەۋلىۋى،زەينۇل مەۋلىۋى قاتارلىقلار ئۇستازىنىڭ ‹‹ئاقساراي››دېگەن كىتابنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ خوتەنلىك جامالىدىن يازغان ‹‹ئاق ساراي››دېگن مۇشۇ دېگىنىنى ئاڭلىغان.
[25] مۇھەممەد ئەزەمخان _ مۇھەممەد ئەزەمخان 19 -ئەسىردە ھىندىستاندا ئۆتكەن تۈركى(ئۇيغۇر)ئەۋلادىدىن بولغان ئاتاقلىق ھۆكۈما بولۇپ ،تۆت توم 1000 خلدىن ئارتۇق كېسەل،30 مىڭدىن ئارتۇق رىتسپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ھەجىملىك ‹‹ئېكسىر ئەزەم›› دېگەن كىتاپنى يازغان.ئۇنىڭدىن باشقا‹‹مۇھىتى ئەزەم››،‹‹رومۇزى ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
[26]سامساق ئۇستام _ مەشھۇر ئۇيغۇر تېڭىقچىسى سامساق ئۇستام مىلادى 1878-يىلى ئاتۇش ناھىيەسىنىڭ مۇنتاغ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن .ئۇكىچىكىدىن باشلاپ ئاتاقلىق تېڭىقچى توختى ئاخۇندىن تېڭىقچىلىق بىلملىرىنى قېتىر قېنىپ ئۆگۈنۈپ،بىر ئۆمۈر خەلىقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان.يەنە نۇرغۇن تېڭىقچى شاگىرەتلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ ،ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
[27].............................................
[28].................................................
[29].......................................................
[30]........................................................
[31]...........................................................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 11:15  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
27326
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 00:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
4964
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1177
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 20:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
4964
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1177
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 20:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 04:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 04:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 23:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 18:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2222
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 17:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
匿名
匿名  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:54:39
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش