قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم
(ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى)
قىرىق ياشقا كىرگەندە سوئال تولا جاۋاب كەم،
تەدبىرىنى ھەر ئىشنىڭ ئويلاشمىساڭ تېخى غەم.
يېگەن ئېشىڭ بەزىدە ئاچچىق-چۈچۈك قىرتاق تەم،
سەن نېمىنى قوغلاشساڭ شۇ قاچىدۇ سەندىن ھەم،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم.
قىرىق ياشقا كىرگەندە چار ساقالغا ئايلىنىپ،
تەمتىرەيسەن تۇرمۇشنىڭ باشلىقىغا سايلىنىپ،
تۇرمۇش دېگەن مۇھتاجلىق ئاڭا يىپسىز باغلىنىپ،
كەتمىنىڭنى چاپىسەن قالماس ئۈچۈن ساغىرىپ،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم .
قىرىق ياشتا بىلىنەر ئاتا-ئاناڭ سۆيۈملۈك،
ئۇلار دانا پەيلاسوپ جاپا بىلەن بىر ئۆيلۈك،
نېچۈن بەڭباش بالىلىق،ياشلىق ھەمدە ئۆسمۈرلۈك،
ئېڭەك تۇتۇپ قالىسەن يوقاتقاندا سەن ئۆملۈك،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم.
سەن بالاڭغا كۆيىسەن،بالاڭ كۆيەر ئۆزىگە،
ئوت-چۆپ باسار يولنىمۇ بارماي ئاناڭ ئۆيىگە.
كىچىك-چوڭنىڭ ئىشىغا يېتىشەلمەي بەزىدە،
تەلپۈنىسەن ئەقىلنىڭ چىقماق بولۇپ تۆرىگە،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم.
قىرىق ياشقا كىرگەندە گاھى ھېرىپ قالىسەن،
قېرىنداشنى يا دوستنى گاھى چېكىپ باقىسەن،
كاج تەغدىرنىڭ چېچىنى يۇلماق بولۇپ تارتىسەن،
رېئاللىقنىڭ سازىنى ئاقىبەتتە چالىسەن،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم.
ئات ئۈستىدە ساقاللىق قاراقچىدەك قىرىق ئەر،
سەنەم،لەيلى شېرىننى ئەيمەندۈرگەن قىرىق ئەر،
سېغىنىدۇ چۆل دالا،كەپە ئۆيلەر قىرىق ئەر،
ئارىمىزدا مىڭ ئارمان ئەلگە ياققان قىرىق ئەر،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم.
ئۆز غېمىدىن ھالقىغان ئاتا سىياق مەغرۇر ئەر،
ئەل قەلبىدىن جاي ئالار ئەلگە تۆكۈپ ھالال تەر،
ئۇيغۇر دەيدۇ روھتىمۇ نامرات بولسا يۈز كېتەر،
ئارمىنى كۆپ ئۇيغۇرۇم بۇ دەردىڭگە كىم يېتەر،
قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ قىرىق غەم.
2008-يىل 30-سىنتەبر قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 10:47
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-20 00:26):
باشقۇرغۇچى! شائىرنىڭ ئىسمىدىكى ئىسكوپكىنى يەنى تىرناقنى چىقىرىۋېتىڭ