- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 586
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3796
- تىزىملاتقان
- 2011-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- UID
- 10525
- يازما
- 586
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3796
- تىزىملاتقان
- 2011-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- توردا
- 323 سائەت
|
بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرىشىدىن ئۈمۈت يوق . تەيۋەننىڭ ئايال يازغۇچىسى لوڭ يىڭ تەي يازغان « جوڭگولۇقلار ، سىلەر نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلانمايسىلار » دىگەن كىتاۋىدا جوڭگونىڭ مائارىپىغا «ئېمىتىپ بېقىش »شەكلىدىكى مائارىپ ، دەپ باھا بېرىلگەن . بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى كۈلكىلىكتەك تۇيۇلسىمۇ ئەمما ئاساسى بار .ھازىر « قوش تىل » مائارىپى ھەم مەكتەپلەرنى قوشىۋېتىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە بىزنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئەسلىدىلا « كېسىلى خىلى ئېغىر » بۇ مائارىپنىڭ تەسىرىگە ئۈچراپ ، ھاتتا ئۇنى ئۈلگە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ بىزنىڭ ئەسلىدىكى مائارىپىمىزدا بار بولغان نۇرغۇن ئىجابىي ئېلمىنىتلارنى يوققا چىقاردى ھەم ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى يوققا چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ .مەكتەپلەرنى قوشىۋېتىش دولقۇنىدا بىز نىمىلەرنى يوقاتقىنىمزنى، بۇندىن كېيىن نىمىلەرنى يوقىتىدىغانلىقىمىزنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلدۇق ھەم ھېس قىلىۋاتىمىز .ئەنە شۇ يوقاتقانلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيىسىمۇ بار ئىدى . ئەمما بۇنى بىز ۋاقتىدا ھېس قىلالمىدۇق . بىز ئۈلگە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋاتقان مائارىپ ھازىرقى يۆلىنىشى بويىچە ماڭىدىغان بولسا بالىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ماھىيىتىدىن ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ ، مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە بۇ باشقا گەپ . ئەمما مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان كېتىدۇ . ئەمدى بىزگە بالىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئىشەنچلىك بازا ئائىلە قالدى ، ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەر ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ ، كىتاۋى بىلىملەر ئارقىلىق ئالىم قىلىشقىلا كۈچىمەي ئادەم بولۇشنىڭ ئەقەللى قائىدە مىزانلىرىنى ئاز - ئازدىن بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سىڭدۈرۈپ ماڭسا ، بالىنىڭ مۇستەقىللىقى ئادىمىيلىكنى ئۈگىنىش جەريانىدا يېتىلىدۇ .
ئۇندىن باشقا ھازىرقى مائارىپ مۇھىتىمىز بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىدىغان ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى . خەنزۇ مائارىپى بىلەن مىللى مائارىپىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خەنزۇ مائارىپىغا قارىغاندا ،بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە قانداق ئەۋزەللىكى بارلىقىنى ، بۇنى قايسى تەربىيەلەش ھالقىلىرى ئارقىلىق ھېس قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى تەربىيەلەش مۇھىتىدا قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق بولىدۇ ......... |
|