- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 164
- نادىر
- 11
- جۇغلانما
- 5388
- تىزىملاتقان
- 2006-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
  
- UID
- 1
- يازما
- 164
- تېما
- 118
- نادىر
- 11
- جۇغلانما
- 5388
- تىزىملاتقان
- 2006-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 1753 سائەت
|
Microsoft شىركىتى يېڭى ئىزدەش ماتورى ياساپ چىقتى
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىزدەش تور بېكەتلىرى ئىچىدە، Google شىركىتىنىڭ پايدا نىسبىتى ئەڭ زور بولۇپ، 60 نەچچە پىرسەنىتتىن ئاشىدۇ. Yahoo شىركىتى بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا Microsoft شىركىتىنى Live Search ئىزدەش ماتورى بولۇپ، پايدا نىسبىتى %10 غىمۇ يەتمەيدۇ. توردىكى ئىزدەش ساھەسىدىن پايدا ئېلىش ھەمدە Google شىركىتى ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن، Microsoft شىركىتى Yahoo نى قوشىۋېلىشنى ئويلاشقان ھەم باھا قويغان بولسىمۇ، لېكىن سېتىۋېلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولماي قالدى.
Microsoft شىركىتى Yahoo نى سېتىۋېلىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزى قول تىقىپ يېڭى ئىزدەش ماتورى ياساش ئۈچۈن كىرىشتى ھەمدە Live Search نى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭىدىن ئىزدەش ماتورى ياساپ چىقتى. بۇ ئىزدەش ماتورى تور بېكىتىگە Live دىگەن ئىسىمنى قويماي، يېڭىدىن Kumo دىگەن ئىسىمنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. Kumo دىگەن ياپونچە سۆز بولۇپ، ئۇ «ئۆمۈچۈك»، «بۇلۇت» دىگەندەك مەنىلەرگە ئېگە ئىكەن. Microsoft شىركىتى يېڭى ئىزدەش ماتورىنىڭ تور نامىغا Kumo.com نى سېتىۋالغان، ھەمدە بۇ يېڭى ئىزدەش ماتورىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، ئېلان سودا شىركىتى JWT بىلەن ھەمكارلىشىپ 100 مېلىيون ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا پۇل خەجلىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل 6- ئاي ئەتىراپىدا بۇ تور بېكەتنىڭ ئېلانلىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. ئېلان تۈرى تېلېۋوزۇر ئېلانى، تور ئېلانى، يول بويى ۋە سودا سارايلىرىغا چاپلايدىغان رەسىملىك ئېلان.... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
Microsoft شىركىتىنىڭ يېڭى خەرىتە مۇلازىمېتى ئېچىلماقچى
Microsoft شىركىتى Google Map كە رىقابەت ئېلان قىلىش ئۈچۈن Live Search Maps نى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن بۇ مۇلازىمەت ھازىرغىچە ئۇنچە كۆپ ئىشلىتىلىشكە ئېرىشەلمىدى. Microsoft شىركىتى خەرىتە ئىزدەش مۇلازىمېتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، بۇنىڭغا باشقا تور نامىدا يېڭى بېكەت ئاچماقچى بولغان. يېڭى تور بېكەتنىڭ ئىسمىنى Bing دەپ قويماقچى ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇلار Bing.com ۋە Bing.net دىگەن ئىسىملارنى تىزىملىتىپ بولغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندا Microsoft شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن تور ساھاسىدىن پايدا ئېلىشقا ھۇجۇم قىلغاندەك قىلىدۇ. |
|