كۆرۈش: 2795|ئىنكاس: 5

مېنى ئەدەبىياد كوچىسىغا باشلاپ كىرگەن ئادەم(ئەسلىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21960
يازما
3
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 23:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۇردى ئىسرائىل
مەن باشلانغۇچ مەكتەبنىڭ 1- سىنىپىغا  ئوقۇشقا كىرگەن يىللاردا  ، مەن  ئوقۇۋاتقان مەكتەب دەرۋازىسىنىڭ سول يېقىغا     ناھيىلىك  شىنخىۋا كىتابخانىسى  ئورۇنلاشقان  بولۇپ،مەن كۆيۈمچان  ئۇستازلارنىڭ    يېتەكلىشى  ئارقىسىدا ،10-ئايلارنىڭ  ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە  ئېلىپبە كىتابىمدىكى     ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇش ۋە يېزىلىش  شەكىللىرى       بىلەن ئاساسەن   تونۇشۇپ چىقتىم  .
بىزنى ھەر كۈنى كەچتە   مەكتەبتىن قويۇپ بەرگەندە  مەن  ئۆيگە كەتمەي ئۇدۇللاپ  شىنخىۋا كىتابخانىسىغا كىرەتتىم-دە ،مەكتەبتە ئۈگەنگەنلىرىم بۇيىچە ،كىتابلاردىكى سۈرەتلەرنى كۆرگەچ ، خەتلەرنى  ھەجىلەپ ئوقۇيتۇم . شۇ تەرىقىدە 11-ئايلارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئانا تىلىمىزدىكى   ھەر خىل  ئوقۇشلۇقلارنىڭ      سۆز- جۈملىلىرىنى  راۋان ئوقۇپ ۋە  يازالايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم ۋە  بۇ خىل  كىتاب  كۆرۈش   قىزغىنلىقىمنى  ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ ، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئېلىپبەدىن تولۇق   ساۋاد چىقىرىپ،   ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىققانىدىن باشقا  ، ئاخشاملىرى  ئۆيدە  ئاتا-ئانىلىرىمغا ئېلىپبە كىتابىمدىكى خەتلەرنى  راۋان ئوقۇپ بەرسەم،ئانام :-جېنىم بالام،نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن،چوڭ بولغاندا بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى چىقارغىدەك ئادەم بولۇپ چىققۇدەكسەن -دېگىنىچە،پىشانىلىرىمگە سۆيۈپ كېتەتتى..… .
مۇئەللىم دەرىسخانىدا  سوئال سورىسا كىچىكلىكتە   ئۆزۈمنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈنمىكىن ياكى ، مۇئەللىم مېنىڭ ساۋادىم  چىقىپ بولغانلىقىدىن  خەۋەر تاپسا، مېنى بالىلار ئارىسىدا ماقتاپ قويارمۇ - دەپ ئويلىدىممۇ بۇ تەرەپلىرىنى  ئۆزۈممۇ  ئانچە    بىلىپ كەتمەيتىم.ئوقۇتقۇچى سۇرىغان  سوئاللارغا 1-بولۇپ قول كۆتۈرۈپ ، تولۇق جاۋاب بىرىپ،  5  نومىر ئېلىپ، (ئۇ چاغلاردا مەكتەبلەردە بەشلىك نومىر سېستىمىسى  قوللىنىلاتتى) بىزنىڭ   سىنىپقا دەرس بېرىدىغان  موئەللىملەرنىڭ   ماقتىشىغا  سازاۋەر بولدۇم. ئۇستازلارنىڭ   ئىلىھامى ماڭا تاغدەك يۈلەك بولدى  .ئەندى مەن  شىنخىۋا كىتابخانىسىغا  بۇرۇنقىدىنمۇ   كۆپ كىرىدىغان  ، دەرستىن  سىرت   كىتاب  ئوقۇشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىدىغان  بولدۇم......
شىنخۇا كىتابخانىسىنى باشقۇرىدىغان ۋاڭ  x  x ئىسىملىك   بىر خەنزۇ    ئايال بولىدىغان،مەن ھەر كۈنى چۈشلۈك ئارام ۋە كەچتە  كىتاپخانىغا  تولا كىرىۋەرگەچكە  ئۇ ئايال  مېنى  تونۇپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر مەن   ھەر كۈنى   كىتاب سېتىۋالماي ،ساتىدىغان كىتابنى ھەقسىز  ئۇقۇۋەرسەممۇ    ئاچچىقلىنىپمۇ كەتمەيتى.ئۇ ئايال  ھەي بالا،كىتابلارنى مەينەت قىلىۋەتمەي  ئوقۇ ،بولمىسا كىتاب ئوقۇغىلى  قويمايمەن-دەپ قوياتتى.مەنمۇ كىتابلارنى پاكىز كۆرۈش  ئۈچۈن قول تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرەتتىم .مەن  ھەقسىز كىتاب كۆرىۋالغىنىم بەدىلىگە ھەر كۈنى  ئۇنىڭ  ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىغا ئۆلگۈرتۈپ   كىتابخانىنى پاكىز تازىلاپ ، ئەخلەتنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تۈكەتتىم.بۇ ئىشىمدىن كىتابخانا بشقۇرىدىغان ئۇ ئايالمۇ رازى ئىدى.نەتىجىدە   ئوقۇشتىن سىرت كىتاب ئوقۇش  مەشغۇلاتىم      ھەر كۈنى مەكتەبتىن قويۇپ بېرىلگەندە  چوقۇم قىلمىسام بولمايدىغان  مۇھىم   ئادەتلىرىمنىڭ بىرىگە ئايلاندى   .
9-10-ئايلاردىغۇ  كۈن خىلى ئۇزۇن لېكىن  ،11-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ كۈن قىسقىرايدىغان  بولغاچقا مەن  كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ،كىتابخانا باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولغانلىقىنى تۇيماي  قالاتتىم.مەن ئۆيگە ماڭغان چاغدا ئاللىمىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنمۇ بولاتتى. مەن    كىتابخانىنى باشقۇرىدىغان ئايالنىڭ  ئىشتىن چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىنلا ئوقۇۋاتقان  كىتابىمنىڭ ئوقۇپ كەلگەن   بېتىنى قاتلاپ قويۇپ ئۆيۈمگە چاپاتتىم. باشقا  بالىلار  ئاللىمىقاچان ئۆيلىرىگە  بىېرىپ بولۇپ   مېنىڭ   قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسىمۇ  ئۆيگە كېپ  بولالمىغىنىمنى بىلگەن  ئاتا- ئانىلىرىم  مېنى ئىزدەپ  بەزىدە  مەكتەبنىڭ ئالدىدىن، بەزىدە  ئۆيگە يېقىن يول ئۈستىدىن  تېپىۋالاتتى. بۇ خىل كىچىكىش ئىشلىرىم  داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىن، ئانام گەپ ئاڭلىتالماي، بەزىدە  قۇينىغا تېقىۋالغان يۇلغۇن چېۋىقىنىڭ تەمىنى ئۇبدانلا    تېتىتاتتى .شۇنداق قىلىپمۇ  ئاتا-ئاناممۇ   مېنىڭ مەكتەبتىن قويۇپ بەرگەندەئۆيگە قايتماي،   كىتاب ئوقۇش  ئادىتىمنى پەقەتلا ئۆزگەرتەلمىدى. ئويلىسام كىچىك ۋاقتىمدىلا يېتىلدۈرگەن   بۇ خىل كىتاب ئوقۇش ئادىتىم مېنىڭ ھەر قايسى پەنلەرنى  تىرىشىپ ئۈگۈنۈشىمدە  بىر ياخشى باشلىنىش  بولغانكەن  -دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
ئۆسمۈرلۈك يېشىمغا يەتكەنسىرى ئىشتىن سىرت  كىتاب ئوقۇش   ئادىتىمنى    تاشلىماي، بولۇپمۇ  ئۇيغۇر ئەدەبىيادى،  جۇڭگو ۋە چەتئەل ئەدەبىيادىغا دائىر كىتابلارنى  ئوقۇشنى ئىزچىل  داۋاملاشتۇردۇم.
مەن كىتاب   ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئادىتىم  بىلەن،باشلانغۇچ -ئوتتۇرا مەكتەبلەردە ئوقۇۋاتقان  مەزگىللىرىمدە  قولۇمغا ياخشىراق بىرەر كىتاب ياكى ژۇرنال چىقىپ قالسا مەكتەبتىن قايتىپ كېلىپلا   كۆلبەمگە بىكىنىۋىلىپ،كىتابنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بېرىلىپ   ئوقۇغانلىقىمدىن كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتىم. ئانامنىڭ :- ئوغلۇم، كىتابنى بولدى قىل،كىتابتىكى  قۇرۇق  گەپ  بىلەن قۇرساق تويمايدۇ. كىتابىڭنى  قۇرساقنى  تويغۇزۇپ ئوقۇساڭمۇ  ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ،بۇ بالىنىزە    ...- دېگەندەك ۋايساشلىرىغىمۇ   پەرۋا قىلماستىن، كىتاب ئوقۇشنى داۋانلاشتۇرىۋىرەتتىم.ئانام مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئامىراق  بۇ مىجەزىمنى بىلگەچكە قايتىلاپ بىر نەرسە دېمەيلا ئۆيۈمگە  تاماقنى ئەكىرىپ بېرىپ:-ھو پاڭ قولاق ! سۆزۈمگە ئېرەنمۇ قىلماي ،ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنىڭنى قىلدىڭ-ھە!؟ دەپ كايىپلا قوياتتى.
مەن شۇ ۋاقىتلاردا جۈمە كۈنىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىمنى(ئۇ چاغلاردا ھەر جۈمە كۈنى بىر كۈن  ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلەتتى)  كىتاب ئوقۇش بىلەن  ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنىپ تەربىيچىمدىن ۋە ئائىلىسىدە   ئەدەبىيادقا ئائىت  كىتابلارنى ساقلايدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن         كىتاب ئارىيەت ئېلىپ  تەييارلاپ قوياتتىمدە ،جۈمە كۈنىدىكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ باقىدىغان  قويلىرىمنى مەھەللە سىرتىدىكى   ئوتلاققا قويۇۋىتىپ ، پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن كىتاب ئوقۇشقاكىرىشىپ  كېتەتتىم .بەزىدە  دېھققىتىم كىتاب بىلەن بولۇپ كېتىپ،قويلىرىم ئەتىرەدنىڭ  زىرائەتلىرىگە كىرىپ كېتىپ، ئەتىرەد باشلىقىدىن تىل ئېشتىتكەن ئىشلارمۇ  خىلى كۆپ  سادىر بولغان ئىدى ....
مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى تۈگۈتۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبكە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ،  بىر يىل ئوقۇ-ئوقۇمايلا  ،جۇڭڭگو تارىخىدىكى  فاشىستىك ھەرىكەت -«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » باشلىنىپ،مەكتەبلەردە ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى توختاپ، بىز مەكتەپ ئاشخانىسى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان   تەييار تاماقنى يەپ ،كۈنلىرىمىز چوڭ خەتلىك گېزىت يېزىش،چاپلاش،ئىككى تەرەپ ئاممىۋى تەشكىلاتار ئۆز – ئارا بىر –بىرىنىڭ  كۈندۈزلىرى چاپلىغان  چوڭ خەتلىك گېزىتلىرىنى كېچىلىرى يىرتىش … ۋە«4 كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ  «قەلەم بىلەن قۇغدۇنۇپ،ئەلەم بىلەن  ھۇجۇمغا ئۆتۈش »دېگەن ئەكسىيەتچىل شۇئارىغا داپ چېلىپ ،ئانا مەكتەبتە  بىلىم ئالىدىغان قىممەتلىك  ئوقۇغۇچىلىق ھايادىمىزنىڭ 3يىلنى(1966-يىلى 6-ئايدىن 1969-يىلى3-ئايغىچە)   ئەرىزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىۋىتىپ،  نامدا تولۇق ئوتتۇرىنى  تۈگەتكەن ھېسابلانساقمۇ  ،ئەمەلىيەتتە تولۇق ئوتتۇرىدا بىر يىللا ئوقۇپ،1966-يىلى 6-ئايدىن 1969- يىلى 3-ئايغىچە مەكتەبتە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا قاتنىشىپ، 1969-يىلى 3-ئايدا  يۇرتلىرىمىزغا كەمبەغەل دېھخان  ،تۈۋەن ئوتتۇرا دېھخانلارنىڭ «قايتا تەربىيە»سىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن چاغلىرىمدابولسۇن ،ئۆزۈمنىڭ ئىشتىن سىرت   كىتاب ئوقۇشەك ياخشى ئادىتىمنى   بىر كۈنمۇ تاشلاپ قويمۇدۇم.(مەن 1965-يىلى7- تۇلۇقسىزئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ،9-ئايدابايىنغۇلىن ئوبلاستىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەبكە تولۇق ئوتتۇرىغا  ئۆرلەپ  ئوقۇش ئۈچۈن  بارغان)  ،مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم 60-يىلدىكى  ئاچارچىلىق ئاپتى يۈز بەرگەن  يىللارغا  توغرا كەلگەچكە، ئاتا-ئانامنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ،ئۆيۈمدىن  ئوغۇرلاپ چىققان بەزىدە پۈتۈن،بەزىدە پارچە نانلارنى  ئائىلىسىدە  كىتابى بار بالىلارنىڭ   كىتابنى ئوقۇۋېلىش ھېسابىغا  بېرىپ ،    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى «  يېڭى ھاياد» ۋە   «شەرق ھەقىقىتى» نەشىريادلىرى بېسىپ تارقاتقان  ل.تولسىتۇينىڭ  «ئۇرۇش ۋە تېچلىق »،«ئاننا ۋە كارىننا»، ئاتاغلىق روس مەسەلچىسى كىرىلۇفنىڭ «كىرىلۇف مەسەللىرى»،ئابدۇللا قادىرىنىڭ «مېھرابتىن چايان»،«ئۆتكەن كۈنلەر »،پۇشكىننىڭ « كاپتان قىزى»،«بېلىقچى بىلەن ئالتۈن بېلىق ھەققىدە چۆچەك»،لېرمۇنتۇفنىڭ «زامانىمىزنىڭ قەھىرىمانلىرى»،«كاپكاز تۇتقۇنى»،چېخوفنىڭ «ئالىتجى پالاتا»،«غىلاپ بەندىسى»،گوركىينىڭ«ئانا»«كىشىلەرئىشىكىدە»، «مېنىڭ دارىلفۇنلىرىم»،ۋ.ئى.لېنىننىڭ«بوران قۇش قۇشىقى».........قاتارلىق توپلاملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ،چۈشلۈك ئارام،كەچلىك ئىختىيارى ھەركەت ۋاقىتلىرى ۋە ئاخشىمى چىراق ئۈچۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ، قول چىراقنى يوتقىنىمنىڭ ئىچىگە يۇرۇتۇپ كىتاب   ئوقۇپ،ئۆزۈمنىڭ مەنىۋي تەشنالىقىمنى قاندۇراتتىم.مەن  « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى »مەزگىللىرىدىكى   تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان  چاغلىرىمدا بولسۇن ،     ئەسەرلىرىگە چەتئەلچە ئىسىملارنى قوللۇنۇپ   يېزىلغان ،شۇ مەزگىللەردە ئوقۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىپ توسۇلىدىغان شۇ كىتاب ۋە يازمىلارنى     ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ قوللىرىدا خاتىرىدىن-خاتىرىگە  كۆچۈرۈلۈپ يۈرگەن،«پۇل» «سۆيگۈ خەتلىرى»،«ئاخىرقى سىناق»،«كاككۇك قۇنغان تال»،«خىيانەت».... قاتارلىق ھېكايىلارنى  ئالاھەزەل 5- 6 ئايغىچە  كېچىلىرى ئۇخلىماي  خاتىرەمگە كۆچۈرىۋىلىپ  ئوقۇپ يۈردۈم.
«مەدەنىيەت زورئىنقىلابى »مەزگىلىدە   مەكتەبلەردە نورمال ئوقۇ – ئوقۇتۇش،زاۋۇدلاردا ئىشلەپچىقىرىش    توختاپ، ئوقۇغۇچىلار  ئەتتىگەندىن كەچكىچە چوڭ خەتلىك گېزىت يېزىپ تاملارغا چاپلاش،  گورۇھ تەشىكىللىشىپ،  مىلتىق ،گىرانات،پېلمىيۇت….لار بىلەن قۇراللىنىپ ، ئەلەم كۆرىشى پەيدا  قىلىش   بىلەن  بەند بولسا ،مەن بىرەر ئەپلىك جاينى تېپىپ ، خاتىرەمگە  كۆچۈرىۋالغان ھېكايىلارنى    ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتىم....
كۈن چىقىپ ،قۇياش پارلاپ،   «مەدەنىيەت زورئىنقىلابى » ئۇزۇل – كېسىل ئاياقلىشىپ، 3-ئومۇمى يىغىننىڭ  تۈرتكىسى  ئارقىسىدا سىياسى،ئىقتىساد، مەدەنىيەد   ئىشلىرىمىز  نورمال ئىزىغا  سېلىنىپ ، ئىلىمىزنىڭ نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىمۇ  يېڭى تەرەققىياد يۈزلىنىشىنى كۈتىۋالدى.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى نەشىرىياتلارمۇ   ،ئىلىمىز خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ  كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن لۇ گىۋەنجۇڭ،شى نەيئەنلەرنىڭ «سۇ بۇيىدا» ،ساۋشۈېچىننىڭ  «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ….قاتارلىقلار ۋە ئىلىمىز  ھازىرقى زامان رىئالىسىتىك ئەسەرلىرىدىن  خاۋرەننىڭ «پارلاق يول »، …..ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزدىن مەرھۇم يازغۇچى قېيۇم تۇردىنىڭ«قىزىل تاغ باتۇرلىرى» ،ئاتاغلىق شائىرىمىز مەرھۇم تېيىپجان ئىلىيۇفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»،«تۈگىمەس ناخشا» قاتارلىق  نادىر غەزەل ۋە لىرىكىلىرنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان  شېئىرلار توپلىمى ، مەرھۇم   شاھىرىمىز ئابدىكېرىم خۇجايۇفنىڭ «جەننەت نەدە دېسەڭلار »ناملىق مەشھۇر رىئالىسىتىك داستانى،ئاتاغلىق  ھاياد  شائىرىمىزمۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بىر نەچچە  شېئىرلار توپلاملىرى   «مۇھەرىرلەرگە بىر چاقچاق»  ناملىق نادىر ساتىراسى ،«يادلاشتۇق»ناملىق شىئېرى «تارىم »ژۇرنىلىغا بېسىلغان«ئانا تاغلار »،«ھەممە جايدا جاراڭلار يېڭى يىللىق قەدەھ-جام»  تېمىسىدىكى شىئېرلىرى،«مۇكاپات» ناملىق ساتىراسى ، تۇردى سامساقنىڭ «تىيانشان باغرىدا »،ئابدۇللا ساۋۇدنىڭ «تاش بوران» تالانتلىق يازغۇچى ۋە شائىرىمىز مەرھۇم ئابدىرېھم ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى»،مەرھۇم تالانتلىق  شائىرىمىز  ئارسلاننىڭ «يۇلتۇزلار يۇرتى»،مەرھۇم «دېھخان شائىرى» رۇزى سايىتنىڭ، دېھخانلار تېمىسىدا  يازغان بىرتۈركۈم  نادىر شېئرلىرى  بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ،ئۆزۈمنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ يۈرگەن  چاغلىرىمدا، ئۈزۈمنى خۇددى يازغۇچىلار   ئەشۇ كىتابلىرىدا قەلەمگە ئالغان  ئەسەر قەھىرمانلىرى بىلەن غايىبانە سۈھبەت ئەنجۈمەنى تۈزىۋاتقاندەك، ئەسەردە تەسىۋىرلىنىۋاتقان ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان  ئاجايىپ ۋاقەلەرنىڭ خۇددى   كۆز ئالدىمدىلا يۈز بىرىۋاتقاندەك  شېرىن تۇيغۇلارغا   ئەسىر بولاتتىم.....
   1999-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە  :- شۇنچە جىق  كىتابلارنى ئوقۇپتىمەن ، تىل  بايلىقممۇ  خىلىلا ئېشىپ بېرىپتۇ  ،مەنمۇ  ئەشۇ  يازغۇچى-شائىرلاردەك   بىر نەرسىلەرنى  يېزىپ باقسام بولمامدۇ،،ناۋادا يازغانلىرىم   مەتبۇئاتلارنىڭ  ئىشلىتىش تەلىبىگە ئۇيغۇن كېلىپ ، ئېلان قىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس،  تىرىشسلا چىققىلى بولمايدىغان تاغ  يوق –دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكەزدىم-دە، مەھەللىمىزدىكى   ئىش-ئوقىتى خىلى جايىداكېتىۋاتقان  ياش تامچى ئۇستامنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز كونا ئۆيىنى چېقىپ، ئورنىغا ئاجايىپ ياسىداق، ھەشەمەدلىك ئۆي سالغانلىقى  ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ،ئۇ يېشىنىڭ ئاللىمقاچان 40لاردىن ئاشقانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايلا  ،ئۆزىدىن يېشى  20ياشلارچە پاق قىلىدىغان ياش قىز بىلەن   توي قىلىپ،پەقەت توي  كۈنىلا 30-20مىڭ يۈۋەنچە  چىقىم قىلىپ، بىر ماشىنا كالۇنىنىڭ توي يۈتكىشى بىلەن، تولىمۇ ھەشەم-دەرەملىك توي قىلىپ ،ئارىدىن   7-6ئاي ئۆتكەندە بۇ ئەر-ئايالنىڭ     سود ھۆكۈمى ئارقىلىق ئاجىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بويتاق ھەم تۇللۇق تۇرمۇشىنى يەنە   باشلىۋانغانلىقىنى ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ «قېرى يىگىت»نىڭ  ھەشەمەدلىك ئۆيىنى ،بانكا تەرەپ مال باھا تارماقلىرىغا باھالىتىپ  سود مەھكىمىسىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن ،بانكىدىن ئالغان قەرزىگە  قارىتا  كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ ، بانكا قەرىزىنى تۆلىتىۋالغانلىقىنى  ئاڭلىدىم ۋە كۆردۈم.   ئاڭلىشىمچە  ئۇلار «مىجەز»لىرى كېلىشمەي  ئاجىرىشىپ كېتىپتىمىش.مەن ئۆزۈم كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئەشۇ تىپنى پىرۇتىپ  قىلىپ،بىرەر –ئىككى ئايچە ۋاقىت  سەرپ قىلىپ، «پۇت سۇنغۇلۇقكەن يوتقانغا بېقىپ... » دېگەن تېمىدا  بىر پارچە ھەجۋى  شېئىر يېزىپ چىقتىم .ئەپسۇس، يېزىپ بولدۇم –دەپ ھېسابلىغان بۇ «ئەسەر»ىمنىڭ  بىر يەرلىرى ئۆزۈمگە پەقەتلا يارىمىدى.ناھيىمىزدە  شىنجاڭ ئونۋېرىسىتېت ئەدەبىياد كەسپىدە ھۆكۈمەتنىڭ   بەش يىل  ھور نېنىنى   يەپ كېلىپ، ناھيىمىزنىڭ بىر كەسپى ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان بۇرادىرىم بار ئىدى.«ئەسەر»نى سۈپەتلىك  چىقىرىش مەقسىدىدە يازمامنى  ئۇنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم .ئۇ بۇرادەرگە   يازمىغا   ئىشلەش خۇش ياقمىدىمۇ  ياكى ئۆزگەرتىدىغان  جايلىرىنى ھېس قىلمىدىمۇ  ، يازمامنى  بىرەر - ئىككى ھەپتىچە ساقلاپ ،«ئەسەر»نى قانداق ئالغان بولسا ،يەنە   شۇ پېتىچە قولۇمغا  قايتۇرۇپ بەردى.
مەن يېشىم چوڭۇيۇپ، كۆزلىرىمنىڭ كۆرۈش قوۋىتى تۈۋەنلەپ  ھازىرقى چاغلىرىمدىمۇ  ، بالىلىق چاغلىرىمدا   يېتىشتۈرگەن  بېرىلىپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىمنى  يەنىلا  ئۆزگەرتكىنىم يوق. «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«ئىلى دەرياسى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»،«كرۇران»،«قەشقەر ئەدەبىيادى »،«يېڭى قاشتېشى»،«ئاقسۇ ئەدەبىيادى»،«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»....قاتارلىق گېزىت –ژۇرناللارنى يىللىق مۇشتەرى بولۇپ ياكى  پارچە سېتىۋىلىپ  داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.
مەن ئۇيغۇر يازغۇچى – شائىرلىرىدىن تېيىپجان ئىلىيۇف، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر ،زوردۇن سابىر ،مۇھەممەتجان راشىدىن….  قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى  بەكمۇ سۆيۈنۈش ئىلكىدەئوقۇيتۇم .«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم سانىدىن  ئەل سۆيگەن شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ بىر يازغۇچى – شائىرىدا بولۇشقا تېگىشىلىك ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ،   ھەۋەسكار ئاپتۇرلارغا   قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدەك ئىش- ئىزلىرى بىلەن خەۋەردار بولدۇم- دە،  بۇ « كېسەلچان شېئىر»ىمنى ئاققا كۆچۈرۈپ ،يۇرت ئارلىقىمىز شۇنچە يىراق  بولسىمۇ  ،  ئەدەبىياد  ساھەسىدە  ئۆزۈم  چۇقۇنۇدىغان شائىرىمىز-  مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەردىم.ئەينى چاغدا مەن سىرت ناھيىگە كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ئىدىم .بىر ھەپتىلىك  كاماندىرۇپكىدىن قايتىپ كەلسەم ئايالىم- سىزگە  غۇلجىدىن خەت كەپتۇ –دېگىنىچە  بىر كۇنۋېرىتنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. كونۋېرىتتىكى  مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ كۆركەم فۇچۇركىسىغا كۆزۈم چۈشتى-دە ، ئۈستى-بېشىمدىكى  تۇپا –چاڭلارنى  قېقىۋىتىشكىمۇ  ئۆلگۈرمەيلا ، كونۋېرىتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ  ،مېنىڭ« قول- پۇتى مېيىپ ،كېسەلچان شېئىر»ىمنى ،شائىر ئۆزىنىڭ 60ياشلارغا تولغان خاسىيەتلىك  كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش ۋە  ئىجادىيەت ئىشلىرى  بىلەن شۇغۇللۇنۇشتەك قىممەتلىك   ۋاقىتلىرىنى   قۇربان قىلىپ تۈزۈتۈپ ئەۋەتكەنلىكىگە  چىن دىلىمدىن خۇرسەند  بولدۇم ۋە ئايالىمنىڭ:- ئوسسىدىڭىزمۇ، چاي ئىچىۋالامسىز  ،قۇرسىقىڭىزچۇ…، دېگەن مەزمۇنلاردىكى سۆزلىرىگىمۇ   پەرۋاسىز ھالدا  كونۋېرتنى ئېچىپ،پۈتۈن دېھققىتىم بىلەن  شېئىرىنى ئوقۇشقا  كىرىشتىم....
ئۇستازغا ئەۋەتكەن شىئېرىمنىڭ تېمىسى «پۇت سۇنغۇلۇقكەن يوتقانغا بېقىپ...» ئىدى .ئۇستازنىڭ تۈزۈتۈپ ئەۋەتكەن شىېئىرىدا ، تېما «ھەشەمەدتە  ھەسىرەد  جىق  ئىكەن... »دەپ ئۆزگەرتىلىپ، تېما ئارقىلىق ئەسەر باش تېمىسىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىنى  ئاشۇرۇپ، تېمىنىڭ باش تېما مەزمۇنلىرى بىلەن  بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۈلۈپتۇ. مېنىڭ ئەسلىدىكى  يازمام 25 كوبلىت ئىدى. ئۇستاز  ھەجىۋىنىڭ «كېلەڭسىز پۇت- قول»لىرىنى  كېسىپ تاشلاپ،   21كوبلىتقا  ئىخچاملاپ،  مەزمۇنىنى تېخمۇ  بېيىتىپ،   مەركىزى ئىدىيىسىنىڭ   پاساھەتلىك چىقىشىغا قان-تەر سىڭدۈرۈپتۇ. شېئىرنى   ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ،ئۇستاز شائىرغا رەھمەد-تەشەككۈر   ياشلىرىنىڭ  كۆزلۈرۈمدىن  ئىختىيارسىز  سىرغىپ چۈشكەنلىكىنىمۇ   سەزمەپتىمەن.
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ  تۈزۈتۈپ ئەۋەتكەن شىئېرىدا ،مېنىڭ مەزمۇنسىز، پۈچەك، ئوي-پىكىرى تېيىز بولغان« مېيىپ»  يازمىلىرىم ئەخلەت سېۋىتىگە نەزەر-بەند قىلىۋىتىلىپ،شائىر  ئۆزىنىڭ  پىشقان سۆز ماھارىتىنى  ئىشقا سېلىپ ،«ئەسەر»نى  ئۇيغۇر  ئەدەبىيادىنىڭ ساتىرا ژانىرى تەلىپىگە ھەقىقى  يەتكۈزۈپ،بىرەر مەتبۇئاتقا ئەۋەتسە،   گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئشلىتىش  تەلىبىگە ئۇيغۇن كەلگىدەك  ھالەتكە كەلتۈرۈپتۇ.بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ  مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ،  ھەجىۋىنىڭ  تولۇق نوسخىسىنى   قۇشۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق- دەپ قارىدىم.
تونۇشقانىدىم بىر «پەرى»بىلەن،
تۈگىگەندە يىگىتلىك  تاقەت.
ئامەت قاچسا ئوغۇل بالىدىن،
پۇتلايدىكەن تۈز يولدا ئاپەت.

كالتە چاپان ئىدىم ئەسلىدە ،
تىتىرەپ يۈرگەن تۈشۈم ئېچىلىپ.
پۇلسىز مۈشۈك ئامىراقتەك بەزگە ،
يۈرۈپتىمەن ئايغا ئېسىلىپ.

راست گەپ ئىكەن :«قۇل ئاتقا مېنىسە،
چىقمايدىغان دۆڭى  يوق دېگەن.
ھەشەمەدكە ھېرىس بوپ ئاخىر ،
مەن بوپتىمەن دۆڭدە ئوق يېگەن .

باينىڭ قىزى –لەۋەن مەلىكە،
قۇل – مەھلىيا قىلدى مېنىمۇ.
باشتا ماختاپ «تۇلپارىم!»دېدى،
ئاخىرىدا مېنىدى مېنىمۇ.

تەۋەككۈلغا ئات سالدىم «چۇھ »دەپ،
باشلىۋەتتىم تويغا تەرەددۇت.
قۇرقماي ئالدىم قەرزنى ئەلدىن،
قەرز دېگەن بولسىمۇ بىر ئود.

تەبىركلىشىپ كەلدى دۇستلىرىم،
تويدىن ئاۋال چېلىندى دومباق .
چىللاپ تۇرغان بىر خوراز بولدۇم،
چىققان جايىم ئېگىز بىر قونداق .

يەرنى ئالدىم،ئۆينىمۇ سالدىم،
تويدىن ئاۋۋال تەل بولدى ماكان .
ئۈستى باشقا كۆمۈلدى «پەرى »،
ئۆز ئۇچامدا ئەمما يوق چاپان.

ئۆتكۈزۈلدى  ھەشەم بىرلە  توي،
ھاڭ-تاڭ قالدى پۈتۈن بىر شەھەر .
گۇگۇمغىچە ئىچىلدى ھاراق ،
ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ سەھەر.

ئىككىمىزگە راسلىنىپ تازا،
ئەڭ ئالىنقى پىكاپتىن ئورۇن.
ئوتتۇز پىكاپ ئايلاندى كوچا،
كۆرمىگەندەك شەھەرنى بۇرۇن.
بېشى تاتلىق ،ئاخىرى ئاچچىق،
بولدى ئەپسۇس بۇ شېرىن توينىڭ.
ئىشەنمىدىم ئۇقۇپ سانىنى،
ئىچكەن ھاراق،سويۇلغان قوينىڭ.

«تەزىم»لەرگە كېتىپتۇ تۈمەن،
ئاز بولماپتۇ نىكاھ ھەققىمۇ.
بىلىپ قالدىم دەردىم  ئىچىمدە .
ئېغىز ئېچىپ بولماس خەققىمۇ.

«شېرىن ئاي»لار ئۆتتى قايغۇدا،
قەرز ئويلاپ قالدىم گاڭگىراپ.
بولۇپ قالدىم ئاختا  ئاتلاردەك،
يولدا ماڭسام بېشىم ساڭگىلاپ.

ئىلغىماي يەپ ،تويۇپ كېكىرىپ،
«پەرى» يۈرەر دۇنيادىن غەمسىز.
ئۇ ئېگىز شاخ كويىدا يۈرسە ،
دەردلىرىمدىن غەم يەيدۇ دەمسىز؟!

غەيرەت قىلاي دېسەم غەملەرگە،
غەم ئۇلغىيىپ جېدەلنى تۇغدى.
سۈپۈرگىچى ئىكەن ئەۋلادى
پۇل ئىگىسى گېلىمنى بوغدى .

بىرى كەلسە  توۋلاپ سەھەردە،
كەچتە بىرى سۆرەر تالاغا.
ھەشەم  يۈرەر پەرۋايى پەلەك،
تېقىپ قويۇپ مېنى بالاغا.

بانكا كەلدى ئۆلچىدى ئۆينى،
تۇتۇۋالماق بولۇپ قەرزگە.
ئۆزۈم تۇرسام  ھەشەم قىلغىنى،
قۇلۇم بارسۇن قانداق ئەرزگە.

ۋېچىركىدا نەچچە يۈزقۇشقاچ ،
ۋېچىرلىسا :دۇستلىرىڭ بىز!دەپ،
تۆككەنلىرىم ئازمۇ ئۇلارغا ،
كەلگىنى يوق بىرىمۇ ئىزدەپ.

ھەشەمەدكە «ھە-ھو!»دېگەنلەر
بەدەر قاچتى جىندىن قاچقاندەك.
سورۇندىكى ساقىيلار قېنى؟
ماراپ يۈرەر خۇددى  ئاسلاندەك.

بىلىپ يەتتىم ئەللەر ئېيتقاندەك:
ھەشەمەدتە ھەسىرەد جىق ئىكەن.
قەرزىنىڭمۇ ئۆسۈمى بىللە ،
بىرى بېگىز بىرى مىق ئىكەن.

ئۆلۈۋالماق بولدۇم بىر كۈنى،
جاندىن كېچىپ ،ئۆزۈمنى ئېسىپ.
قوتۇلدۇرۇپ ئالدى نە ئېتەي؟
ئۆسۈمخورلار ئارقاننى كېسىپ.

يا ئۆلمىدىم ۋە ياكى تېرىك ،
ئەجەل كەلمەس دېرىزەم قېقىپ.
ئەي خالايىق  مەندىن ساۋاق  بۇ،
پۇت سۇنغۇلۇقكەن يوتقانغا بېقىپ....

ئارىدىن 20-15كۈن ئۆتكىچە شىئېرىنى ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇيمەن. ئوقۇغانسىرى ئۇستاز  شائىرنىڭ ئەدەبىياد قۇشۇنىدا  سەركە بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت زېمىنىدا  بىر تۈركۈم ئىز باسار ئىجادىيەتچىلەر قۇشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان  ئانىلارچە كۈيۈمچان، دادىلارچە مەسئۇلىياتچان  روھى مېنى قولۇمدىن يېتىلەۋاتقاندەك،باشلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ:-ئىنىم  تۇردى ، ئەدەبىي ئىجادىيەت  كوچىسى راھىتىدىن جاپاسى كۆپ،  يازغۇچىنىڭ  يۈكسەك غەيرەت-شىجائىتىنى سىنايدىغان  داۋانلىق يول.بۇ   كوچىدا مەڭگۇ ئۇستاز ۋە  شاگىرىتلىق مۇناسىۋىتى  مەۋجۇت ئەمەس.ئۆزلۈكۈكسىز  ئۈگۈنۈش ،كۆپ ئوقۇش،كۆپ يېزىش،كۆپ مەشق قىلىش  بۇ  كوچىغا كىرگەن ھەر بىر ئادەمنى سىنايدىغان بىردىن-بىر ئۇل تېشى.ئەدەبىي     ئىجادىيەت زېمىنىدا مەڭگۇ  چىچەكلەپ ،ئاۋامغا  شېرىن –سوخەن مېۋىلەرنى سۇنىمەن دېسەڭ، ئىجادىيەت    كوچىسىنىڭ چاتقاللىق يوللىرىدا بەل قويىۋەتمەي ئۆزلۈكسىز قان –تەر ئاققۇزۇپ،ئەدەبىياد زېمىنىمىزدىكى   «ئېچىلمىغان بوزلۇق»لارغا دادىل بۇسۇپ كىرىپ،ئاۋامغا گۈلدەستىلەرنى  سۇنۇشۇڭ لازىم –دەۋاتقاندەكلا  قىلاتتى....
مەن بۇ ئەسەرنى  ئۇستاز شائىرنىڭ تۈزۈتۈپ بېرىشى بىلەن ،«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتتىم . ئەپسۇس، ھەر يىلى  ئۈزۈلدۈرمەي  مۇشتىرى بولۇۋاتقان « جۇڭگو مىللەتلىرى »ژۇرنىلىنىڭ ھەر  قېتىم كەلگەن يېڭى سانلىرىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ كەتسەممۇ  لېكىن،  «شېئىرىم»نىڭ چىققانلىقىدىن  بىرەر ئۇچۇر يوق.ئارىدىن بىرەر يىل  ئۆتكەندە پۇچتالىيۇن قولۇمغا   بىر پارچە قەلەم ھەققى چىكىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. قەلەم ھەققىنى«شىنجاڭ پۇل –مۇئامىلىسى »ژۇرنىلى ئەۋەتكەن ئىكەن . مەن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ يېزا  ئامانەت –قەرز   بىرلەشمە كوپىراتىپىدىكى  تونۇشلارنىڭ ياردىمى بىلەن   ژۇرنالغا چىققان  بۇ شېئىرىمنى تېپىۋالدىم.      
مەن  ئۇستازشائىرنىڭ يېتەكلىشى ۋە قىزغىن ياردىمى  بىلەن ،ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا قەدەم باسقان بۇ  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، «شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە »ژۇرنىلى ،«شىنجاڭ خەلق ئەسكەرلىرى گېزىتى »،«بايىنغۇلىن گېزىتى»،«كىرۇران» ژۇرنىلى ( بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ  ئەسلىدىكى نەشىر ئەپكارى «بوستان »ژۇرنىلى) قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 300پارچىدىن  كۆپىرەك شىئېر، ھېكايە،ئەدەبىي ئاخباراد ۋە  ئوچېرىكلارنى ئېلان قىلدىم .ئەل قەلبىدىكى   يازغۇچى – شائىرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقالايمەنمۇ –يوق،«ئاممە ھەقىقى قەھىرىمان» بۇنى  ئاخىرىدا يەنىلا ئاممە باھايدۇ.
   يازمامنىڭ ئاخىرىدا ئۇستازشائىر - مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ 70ياشقا كىرگەنلىكىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن.تېنىگە تارىم توغراقلىرىدەك ئۇزۇن ئۆمۈر،  ئىجادىيىتىگەمول-  ھوسۇل،تۇرمۇشىغا ئاسايىشلىق   تىلەپ يازمامنى ئاخىرلاشتۇراي.
ساغلام ھاياد  سىزگە يار بولغاي.ئۇستاز ،ئۆمۈرىڭىز  تارىم  توغراقلىرىدەك ئۈزۈن بولسۇن !

                                بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىبىدىن :
                                               تۇردى ئىسرائىل

                                        2011-يىل دېكابىر.بۈگۈر


                           تېلېفۇن:13345454541  . 4695125-0996  (  ئۆ ي)



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
26151
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 10:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:                        ئىنكاس -تېمىنىڭ جېنى

تېمامنى نەق 141نەپەر تورداش كۆرۈپتۇ لېكىن،شۇنچە كۆپ كۆرگەنلەر ئارىسىدىن بىرەرسىمۇ تېمىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى سىزەلمىگەندىمۇ ؟بولسا بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۆز-ئارا  ئىنكاس يېزىشىپ،قوللۇشۇپ،بىرلىكتە قەلىمىمىزنى  پۇشۇرايلى.بۇ دېمەكچى بولغىنىم ،ئۆزۈمنى ماقتىغىنىم ئەمەس.بىلىشىڭىز كېرەككى -ئىنكاس تېمىنىڭ جېنى.
        

                                             تۇردى ئىسرائىل

                                              2012.1.14

UID
15686
يازما
50
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
590
تىزىملاتقان
2011-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-15
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 14:38:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىن سىزنى بىرەر كىمنىڭ ئەدەبىيات كوچىسىغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى ھېس قىلمىدۇق.

UID
26048
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 18:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى داۋاملىق تىرشىڭ

UID
26224
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 19:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى تورداش ،گېپىڭىز نېمانچە قوپال؟سىزچە  ئەدەبىياد كوچىسى   تويى بولغان بىرەر ياشنىڭ  توي موراسىمىغا  بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ بارىدىغان  سورۇن دەپ قالغانمىدىڭىز؟!بىلىشىڭىز كېرەككى ، ئەدەبىي ئىجادىيەت سورۇنى ئاددىلىقتىن مورەككەپلىككە، تېيىزدىن چۇڭقۇرلۇققا ، تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئىچكى ماھىيىتىگە قاراپ چۆكىدىغان ،راھىتىدىن جاپاسى كۆپ، ئۇستاز ،شاگىرىت موناسىبىتى مەۋجۇت بولمىغان  قەلەمكەشلەر جەڭگاھى!

UID
11306
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
632
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياد  ساھەسىدە  ئۆزۈم  چۇقۇنۇدىغان شائىرىمىز-  مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەردىم.

        ‹‹چوقۇنۇش››سۆزىنى مۇناسىپ ئورۇنلىرىدا ئىشلەتكەن تۈزۈكمىكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش