كۆرۈش: 6182|ئىنكاس: 25

گاگاۋۇز مىللىتىنىڭ تارىخى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 01:16:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


گاگاۋۇز مىللىتىنىڭ تارىخى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى
مىللەت تارىخى
   گاگاۋۇزلار يەنە كۆك ئوغۇزلار ( gok oguz)   دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىللەت نامى كۆك تۈركتىن كەلگەن بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تارمىقى(پولەكلەر ئۇلارنى سەلجۇقلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ). گاگاۋۇز مىللىتى دۇبرۇجادا مىڭ يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى. ئوغۇز تۈركلىرىگە مەنسۇپ بۇ گاگاۋۇزلار ئاسىيادىن غەربكە قاراپ ماڭغاندا شىمالدىن كېلىپ، تونا دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۇبرۇجانىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر مىللەتتۇر. تۈرك قەۋملىرى شەرقتىن غەربكە كۆچكەندە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دۇبرۇجاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. تاتارلار ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسى دۇبرۇجانى 100 يىل ئىشغال قىلىۋالغاچقا بۇ يەر تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى، دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 18- ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ 200 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان تۈرك - رۇس ئۇرۇشلىرى تۈركىي خەلقلەرنى ۋەيران قىلغانغا ئوخشاش، دۇبرۇجانىمۇ ۋەيران قىلىۋەتكەچكە ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ كەتكەن. دۇبرۇجا قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى ئەكرەنە ناھىيىسىدىن تونا دەرياسىنىڭ تورتوكا ناھىيىسىگىچە بولغان ئارىلىق بىلەن تونا دەرياسىنىڭ قارا دېڭىز غا قويۇلىدىغان جاي ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، دۇبرۇجا 100 مىڭ يىللار ئىلگىرى دېڭىز بىلەن قاپلانغان يەر ئىكەن. بۇ چاغلاردا قارا دېڭىز بوغۇزى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، ئەسىرلەر داۋامىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش قاتارلىق ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىچىك ئاراللار پەيدا بولغان. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئاراللار بىرلىشىپ «دۇبرۇجا» دېگەن بۇ زېمىننى پەيدا قىلغان. «دۇبرۇجا» دېگەن بۇ ئىسىم ئەسلىدە قارا دېڭىز ئەتراپىدا ياشىغان ئوغۇز تۈركلىرى بېگىنىڭ ئىسمى ئىكەن. گاگاۋۇزلار 13 - ئەسىردە شىمال ۋە شەرقتىكى بالقاندا (يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، گرېتسىيە ۋە باشقىلار) ئولتۇراقلىشىپ قالغان، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر خەلقتۇر. ھازىر دۇنيا بويىچە 250 مىڭ نوپۇسى بار. بۇنىڭ 152 مىڭى ھازىر گاگاۋۇزىيە دەپ ئاتىلىدىغان جەنۇبىي مولداۋىيىدە، 40 مىڭدىن كۆپرەكى ئوكرائىنادا، قالغانلىرى قازاقىستان، تۈركىيە، گرتسىيە، رۇمىنىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا«گاگاۋۇز» دېگەن بۇ سۆز «ئوغۇز» دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى، دەيدىغانلارمۇ بار. چېچىنىڭ سېرىق، كۆزىنىڭ كۆك بولۇشىغا قاراپ كۆك ئوغۇزلار، دەيدىغانلارمۇ بار. گاگاۋۇزلارنىڭ بىر قىسمى مۇسۇلمان. 1770 -يىلى مولداۋىيىدە تۇنجى قېتىم چىدىر، ئورغاق دېگەن ئىككى يېزىنى قۇرۇپ چىققان گاگاۋۇزلار 1812-يىلىغا كەلگەندە بۇخارىست كېلىشىمىگە ئاساسەن تاتارلار بۇجاك ناھىيىسىدىن قوغلانغاندىن كېيىن، بۇجاك ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان. 1818-يىلىغا كەلگەندە چىدىرلىق گاگاۋۇزلار «چاتىر»، ئورغاقلىق گاگاۋۇزلار بولسا «ئاۋدارما» دېگەن يېزىلارنى قۇرۇپ چىققان. 1263-يىلىدىن 1383-يىلىغىچە 120 يىل مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان گاگاۋۇزلارنىڭ بايرىقىمۇ تېپىلغان.
گاگاۋۇزلارنىڭ بىر بۆلىكى 1909-ۋە 1910-يىللىرى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ تورغاي رايونىغا، 1925-يىللىرى تاشكەنت تەۋەسىگە جايلىشىپ قالغان. گاگاۋۇزلار قۇربانلىق قىلىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئىزاھاتتا تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ مۇقەددەس سىمۋولى، دەپ قوبۇل قىلىنغان بۆرىنى خاتىرىلەپ بۆرە بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھازىرغىچە كۆك تۈركلەرنىڭ بايرىقىنى ئۆزلىرىنىڭ بايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئوغۇزنامە داستانىنىڭ قەھرىمانى ئوغۇزخان«كۆك بۆرە بىزنىڭ سىمۋولىمىز بولسۇن» دېگەن. ھازىر گاگاۋۇزلار بۆرىنىڭ بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنى تۈرك قەۋملىرىنىڭ مۇقەددەس سىمۋولى دەپ تونۇيدۇ.
گاگاۋۇزلار 11-ئەسىردە بىزانىس دىنچىلىرىنىڭ زورى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1768-يىلىدىن 1774-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك -رۇس ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن گاگاۋۇزلار ئورتودوكۇس مەزھىپىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن رۇسلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تاتارلار تاشلاپ كەتكەن باسارابىيىگە(ئوكرائىنانىڭ ئىلگىرىكى ئىسمى) 1806 - يىلىدىن 1812 - يىلىغىچە كۆچۈپ كەلگەن. گاگاۋۇزلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن 13- ئەسىردە تۇنجى قېتىم دۆلەت قۇرغان. بۇ دۆلەت 15- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بۇ ئارىلىقتىكى ئىسلاھات ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات يوق. دۇبرۇجادا ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا گاگاۋۇزلار تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇشىغا قارىماي خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتلاردا مىللەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرماي، دىن ۋە مەزھەپ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەچكە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى گاگاۋۇزلارنى ئېتىبارغا ئالمىغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇبرۇجادىن باسارابىيىگە، يەنى ئوكرائىناغا كۆچۈپ بارغان گاگاۋۇزلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان. باسارابىيىدە گاگاۋۇزلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مىخائىل چاكىر گاگاۋۇزلار ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپ يازغان. ئۇ كىتاپلىرىدا «گاگاۋۇزلار دىندار، ئەخلاقلىق، دۇرۇس، ئوچۇق - يورۇق، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست خەلق» دەپ يازغان. ھەج تاۋاپ قىلىش، قۇربانلىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدۇر. بۇ ئادەت گاگاۋۇزلارغا تۈركىي مىللەتلەردىن سىڭگەن. گاگاۋۇزلار قارىماققا تىپىك مۇسۇلمانغا ئوخشايدۇ. ئاغزىدىن «ئاللاھ، پەيغەمبەر، جەننەت، جەھەننەم، گۇناھ » دېگەن سۆزلەر چۈشمەيدۇ. سىز بەلكى ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس تۇرۇپ نېمىشقا بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالغاندۇ، دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار : «بۇ سۆزلەر بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىزدىن قالغان. بىز بۇ سۆزلەرنى شۇلاردىن ئۆگەنگەن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلار ئۆتمۈشتە تارقاق ياشىغاچقا قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسا شۇ دۆلەتنىڭ ئاسسىمىلاتسىيىسىگە ئۇچراپ، يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تىلىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. گاگاۋۇزلار دېھقانچىلىق،باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گاگاۋۇزلارنىڭ تەلەپپۇزى قىپچاقلارنىڭ تەلاپپۇزىغا ئوخشاپ قالىدۇ. مەسىلەن: گەلەيەر، گىدىيەر (كەلدى -دە، كەتتى) دەيدۇ. كوللىكتىپ ئۇسۇل ئوينىغاندا «بولە بالام، بولە»، بەزىلەر «بىر قىلدات بالام، بىرقىلدات» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. 1986 - يىلىدىن بۇرۇن بېسىم ئېغىر بولغاچقا گاگاۋۇز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوللايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغان. 1986 - يىلدىن ئېتىبارەن يېزىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى، كۈندە 15 مىنۇتلۇق رادىئو، «گاگاۋۇز ئاۋازى» ۋە «ئانا سۆزى» ناملىق گېزىتلەرنى تەسىس قىلىشقا باشلىغان.
                                   

گاگائۇز تىلى

    گاگائۇز تىلى رۇسىيە دائىرسىدە ئۇكرائىنا جۇمھۇريىتىنىڭ ئودىسا رايونى ۋە مولداۋىيەنىڭ بېندېروۋ ۋە ئىزمايىل رايونلىرى،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندا ياشىغۇچى گاگائۇزلارنىڭ، شۇنداقلا شەرقىي بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيىدە ياشىغۇچى گاگائۇزلارنىڭ تىلىدۇر. بۇرۇنقى تۈر ئايرىمىسىدا ھەممە گاگائۇزلار بېسارابىيە گاگائۇزلىرى(رۇسىيە دائىرسىدە) ۋە دوناي گاگائۇزلىرىغا بۆلۈنگەن. دوناي گاگائۇزلىرى ئۆز نۆۋىتىدە شەرقىي ياكى بۇلغارىيە گاگائۇزلىرى ۋە غەربىي ياكى گرېتسىيە گاگائۇزلىرىغا بۆلۈنگەن.
  گاگائۇزلارنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەردىن ئايرىلىپ تۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ سىياسىي ھەم تېرىتورىيە جەھەتتىن بىرنەچچە يىگانە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى گاگائۇز تىلىنىڭ خاراكتېرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. گاگائۇز تىلى بىر مۇنچە شىۋىلەرگە بۆلۈنسىمۇ، لېكىن ئورتاق ئوغۇزچە خۇسۇسىيەتلىرى بار. بۇ شىۋىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن پەرقى ئاساسەن لېكسىكا تەركىۋىدە كۆرۈلىدۇ. گاگاۋۇز تىلى ئوغۇز تىلىنىڭ ئايرىم بىر خىل شەكلى. گاگاۋۇز تىلىنىڭ قىپچاق تىلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەرلىرى ناھايىتى كۆپ. ھەتتا تەمسىللىرىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: «ئانىسىغا قاراپ قىزىنى ئال» ، «ئىككى تاۋۇز بىر قولتۇققا سىغماپتۇ» قاتارلىقلار. گاگاۋۇزلارنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادىتى، يۈز قۇرۇلۇشى، ھەرخىل سەھنە ئەسەرلىرى، ناخشىلىرى، چۆچەكلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايىلىرىدىن قارىغاندا، گاگاۋۇزلارنىڭ ئەسلى تىلىنىڭ تۈركىي تىللارغا كىرىدىغانلىقى شۈبھىسىز. ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە قارىغاندا گاگاۋۇزلار بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيدىكەن. گاگاۋۇزلار ئاي - كۈن ۋە دۆلەت ناملىرىنى بىز ئۇيغۇرلاردەكلا ئاتايدىكەن.
گاگائۇز تىلىنىڭ دىيالىكتلىرى ئىنتايى ئاز تەكشۈرۈلگەن. شۇنداقتىمۇ، گاگائۇز تىلىنىڭ دىيالىكتلىرى ئاساسەن لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقى مەلۇم. شەرقىي ياكى بۇلغارىيە گاگائۇزلىرىدا سلاۋيان ياكى رومان تىللىرىدىن قوبۇل قىنلىنغان سۆزلەر كۆپ. غەربىي ياكى خاسىل، يەنى «ساپ گاگائۇزلار» دەپ ئاتالغان گرېتسىيە گاگائۇزلىرىدا گرېك تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر كۆپ.
بالقاندىكى تۈركىي قەبىلىلەردىن غاجالى، توزلۇق، گېرلوۋ، قىزىلباش، يۇرۇك، كارامانلى، سۇرگۇچ قاتارلىقلارمۇ گاگائۇز تىلىنىڭ شىۋىلىرىدە ياكى گاگائۇز تىلى بىلەن تۈرك تىلىغا ئىنتايىن يېقىن بولغان شىۋىلەردە سۆزلىشىدۇ.
گاگائۇزلار ۋە بالقاندىكى باشقا تۈركىي خەلقلەر تارىخىي جەھەتتىن تۈرلۈك قەبىلىلەرنىڭ ئەۋلاردلىرى بولۇپ، بۇلغارلار، ئوغۇزلار (ئۇز، پەچەنەك ياكى «قاركلوبۇكلار»)، بېرىندېي، كاسپىچ، تۈرپەي، كوۋۇي، بوئۇت قاتارلىقلار ( بۇلار قىپچاقلار بىلەن قىسمەن ئارىلاش خاراكتېرگە ئىگە) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىپچاقلاردەك قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ۋە قەبىلىۋى تۈركۈملەرنىڭ تەركۋىگە كىرگەن. ئۇلار تۈرك ئوسمانىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇپ، ئۆز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز تىلىنىڭ بەزى قەدىمكى خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. بۇ خۇسۇسىيەتلەر قىپچاق-ئوغۇز-پولوۋ تىللىرىغا ئورتاق.
شۇنداق قىلىپ، گاگائۇزلار تارىخىي جەھەتتىن جەنۇبىي رۇس دالالىرىدا ماكانلاشقان قەبىلىلەر ئىتىپاقىغا مەنسۇپ. بۇ دېگەنلىك ئۇلار تۈركلەرنىڭ كىچىك ئاسىياغا كەلگىنىدەك جەنۇبىي يول بىلەن ئەمەس، بەلكى شەرقىي ياۋرۇپاغا كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى يول ئارقىلىق كەلگەن ئوغۇزلارنىڭ(ئۇزلارنىڭ) ئەۋلادلىرى دېگەنلىكتۇر. گاگائۇزلار شەرقىي ئاسىياغا تۈركلەر كېلىشتىن بۇرۇن بۇلغار ۋە قىپچاقلارنىڭ  خېلى كۈچلۈك تەسىرىگە يولۇققان. كېيىن يەنە ئوغۇز تىلى دائىرسىگە، لېكىن ئەمدى سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىچە بولغان تۈرك-ئوسمانىلارنىڭ  ئوغۇز-سالچۇق تىلى دائىرسىگە كىردى ھەمدە تۈرك-ئوسمانىلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ، زور دەرىجىدە ئاسمىلاتسىيە قىلىندى.
دېمەك، گاگائۇز تىلىنى ئوغۇز تىللىرى قاتارىغا كېرىدۇ دېيىش بىلەن بىللە، يەنە بۇ تىلنىڭ بۇلغار تىللىرى بىلەن، بولۇپمۇ قىپچاق تىللىرى بىلەن، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان قارايىم تىلى بىلەن بولغان بەزى ئوخشاشلىقلىرى ۋە باغلىنىشلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، گاگائۇز تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە رومان تىللىرى (رۇمىن ۋە مولداۋيان تىللىرى ) ۋە بولۇپمۇ سلاۋيان تىللىرى (رۇس ۋە بۇلغار تىللىرى) چوڭ رول ئوينىدى. بۇ تىللار گاگائۇز تىلىنىڭ لېكسىكىغىسىلا ئەمەس، بەلكى سىنتاكسىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. گاگائۇز تىلىدا جۈملىنىڭ سۆز تەركىبى رۇس تىلىنىڭ سۆز تەركىبىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
گاگائۇز تىلى بارلىق ئوغۇز تىللىرىغا ئورتاق بولغان ئالامەتلەر بىلەن، شۇنداقلا بۇ تىلنى ئوغۇز تىللىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار يۇمششاقلىشىدۇ، بۇ خىل ئالامەت قارايىم ۋە چۇۋاش تىللىرىدىمۇ بار، بۇنىڭدىن چۇۋاش، قارايىم ۋە گاگائۇز تىللىرىدا بۇلغارچە ئېلمىنىتلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ خەلقلەرنىڭ تەركېۋىدە ئولارغا ئوخشاش بولغان بۇلغار ئۇرۇق-قەبىلە تۈركۈملىرى بار دېگەنلىكتۇر. گاگائۇز تىلىدا (قارايىم تىللىرىمۇ شۇنداق) تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار يۇمشاقلاشقاندا، ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان يىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزگىرىدۇ ۋە يۇمشاق ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئارقىسىدىكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشقا ئايلىنىدۇ
ھازىرقى زامان گاگائۇز تىلىدا ئىككى دىئالېكت بار: بىرى، مەركىزى دىئالېكت، بۇنىڭغ ا موداۋىيەنىڭ چادىر-لوكسىك ناھىيىسى ۋە كوملاتسىكىي ناھىيىسىدىكى گاگائۇز تىلى كىرىدۇ؛ يەنە بىرى، جەنۇبىي دىئالېكت، بۇنىڭغا موداۋېيەنىڭ بروكەنشىجىت ناھىيىسىدىكى گاگائۇزتىلى كىرىدۇ. دىئالېكتلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئاساسەن فونتىكا ۋە لېكسىكىدا ئىپادىلىنىدۇ، گىرامماتىكا جەھەتتىكى پەرق ئاساسەن ھازىرقى زامان قوشۇمچىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ
دىئالېكتلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئاساسەن فونتىكا ۋە لېكسىكىدا ئىپادىلىنىدۇ، گىرامماتىكا جەھەتتىكى پەرق ئاساسەن ھازىرقى زامان قوشۇمچىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەركىزى دىئالېكتتا  ۋە بولىدۇ، جەنۇبىي دىئالېكتتا ۋە بولىدۇ.
گاگاۋۇز تىلىدا توققۇز قىسقا سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ توققۇز ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بار. لېكىن ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىككىلەمچى، يەنى ئۇلار ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. مەسىلەن،   aɣatʃ﹥aatʃ(دەرەخ)، r﹥aarəaɣ ( ئېغىر)، قاتارلىقلار. گاگاۋۇز تىلىدا تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بىر قەدەر كۈچلۈك ساقلانغان، تىل ئالدى ۋە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار، بۇ تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئەينى بىر سۆزدە كۆرۈلمەيدۇ، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى پەقەت سۆز يىلتىزىدا ئىپادىلىنىدۇ. قوشۇمچىلاردا پەقەت تار لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، پىئىللارنىڭ ئۆتكەن زامان قوشۇمچىسى də\-di- ۋە du\-dy – شەخىس قوشۇمچىلىرى im\-əm, -um\-ym – قاتارلىقلار.
گاگاۋۇز تىلىدا 22 ئۈزۈك تاۋۇش بار، ئۇنىڭ بەشى ئاھاڭدار ئۈزۈك تاۋۇش، يەتتىسى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش، ئونى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش. مەملىكىتىمىزدىكى قازاق تىلىدىكىگە ئوخشاش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىر- بىرىگە ماس كېلىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئىشلىتىشتە گاگاۋۇز تىلى بىلەن قازاق تىلى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر بار. مەسىلەن، ئۈزۈك تاۋۇش «g» سۆز بېشى ۋە سۆز ئوتتۇرىسىدا كېلىۋېرىدۇ. قازاق تىلىدا kبىلەن باشلانغان سۆزلەر  گاگاۋۇز تىلىدا  g بىلەن كېلىدۇ. لېكىن گاگاۋۇز تىلىدىمۇ kبىلەن باشلانغان سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، kir, (كىر)kirpik  (كىرپىك) قاتارلىقلار.
گاگاۋۇز تىلىدىكى ئىسىملاردا 6 كېلىش بار، باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرى، nun\- nyn, -nən\-nin, -yn\-un, -ən\-in-؛ يۆنىلىش كېلىش، ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرى، je\-ja, -e\-a  -؛ چۈشۈم كېلىش، ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرى u\-y, -ə\-i-؛ چىقىش كېلىش، ئۇنىڭ قوشۇمچىلىرى، ten\-tan, -den\-dan؛ گاگاۋۇز تىلىدا تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ كەينىگە كېلىش قوشۇمچىسىنى ئۇلىغاندا، ئاۋال –nئۇلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىش قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ، بۇ ئالاھىدىلىك تۈركىي تىللار گۇرۇپىسىدىكى باشقا تۈركىي تىللاردىن زور پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، دوستى،  dostu, dostu-n-un(ئىگىلىك كېلىش)، dostu-n-a  (يۆنىلىش كېلىش، دوستىغا)، dostu-n-da (ئورۇن كېلىش، دوستىدا) دېگەندەك.
گاگاۋۇز تىلى سۈپەت دەرىجىلىرىنى ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا خېلىلا باي، ئۇنىڭدا a\-čaʤ- ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتى msə\-msi- قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، kəsaʤa( خېلىلا قىسقا)، azarak( ئازراق) قاتارلىقلار. سۈپەتنىڭ دەرىجىلىرىنى ياساشتا قوشۇمچىلارنى قوشقاندىن تاشقىرى، بەزى رەۋىشلەرنى قوشۇش ئۇسۇلى بىلەنمۇ ياسىلىدۇ. مەسلەن، taa gozol( بىر قەدەر گۈزەل)، taa islaa( بىر قەدەر ياخشى) xensinden gozol (ئىنتايىن گۈزەل) دېگەندەك.
ئۇنىڭدىن باشقا بەزى سۆزلىرى بىزنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مەسىلەن: بوران، جۇۋاپ، مەخسۇس، كۈز، چەينەك، ئەجەل، ھال ( ھال رەڭ ) ، ھالۋا، دوست، مالاي، مايىل، ناماز، سېمىز ( تۈركىيە تۈركلىرى بولسا سېمىز سۆزىنى ھايۋانلارغا ئىشلىتىدۇ ) ، توي، جانابىڭىز، ئۈزۈك، يىراق، زال، زىندان، زۇلۇم، قاراكۆز، قاراقاش، قىرىق نەزىر، قالاق، شان - شەرەپ، تالانت......قاتارلىقلار. ھەرىپلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقىدەك شاپكىلىق ھەرپ ( ^ ) بىلەن يۇمشاق ( g ) ھەرپى يوق. ئادەم ئىسىملىرىدا دىلبەر، ئابدۇللا، ئارىپ، قەمبەر، قاسىم، نەزەر، ئوسمان، سالامەت، سۇلتان، ئايگۈل، ئايدىن، گۈلپاتىمە، زۇمرەت، ھەيدەر قاتارلىق ئىسىملار بار.

پايدىلانمىلار:
1. «بۇلاق» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 2-سانى، ئاپتورى : جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تۈرك تىلى ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىن، دىكتور يېتەكچىسى رۇقىيە ھاجى
2. بەيدۇ قامۇسى http://baike.baidu.com/view/1845393.htm
3. ۋېيجى قامۇسى http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5 ... E.E5.AD.97.E6.AF.8D
ئاپتور ئۆزۈم

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18475
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 12:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كۆرگەن رەسىملەردىن بىر نەچچە پارچە بەرگەن بولسىڭىز، تېمىنى كۆرگۈچىلەر تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولاتتى...

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 14:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر دۇنيادا 2000دەك مىللەت بار ،ئەمما بىز  ئوقۇش تارىحمىزنىڭ يۇقۇرلىقىدىن مۇشۇنداق تۇركى تىللار سىستىمىسىدىكى نۇر عۇن مىللەتلەرنى  بىلمەيدىكەنمىز . يۇرتىمىزدا ئالى -ئوتتۇرا تىحنىكۇمنى پۇتتۇرگەنلەر نوپۇسنىڭ %6نى ئىگىلەيدۇ . مەندەك ئوزىنى زىيا ھىساپلاپ يۇرگەن مەنمۇ ،ئەتراپىمىزدا شۇنداق مىللەتنىڭ بارلىقىنى ئەمدى بىلدىم . قارىعاندا بىزنىمۇ باشقىلارنىڭ بىلمەسلىگىدىن ھەيران قالمىساق بولعۇدەك . ئىشىك سىرتقا ئىچىتىلمىگەن  بولسا ،يەرشارىنىڭ يۇملاقلىقىنىمۇ بىلمەي ئوتۇپ كىتەر كەنمىز .

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
130
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3100
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« يۇرتىمىزدا ئالى -ئوتتۇرا تىحنىكۇمنى پۇتتۇرگەنلەر نوپۇسنىڭ %6نى ئىگىلەيدۇ . »
  ماۋۇ گەپ ئىشەنچلىكمۇ يا ؟  بۇنچىۋالا تۆۋەن ئەمەستۇ ؟

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 12:06
بىز كۆرگەن رەسىملەردىن بىر نەچچە پارچە بەرگەن بولسىڭى ...

قانداق يوللاشنى بىلمىدىم، يوللاي دېسەم

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 15:33
« يۇرتىمىزدا ئالى -ئوتتۇرا تىحنىكۇمنى پۇتتۇرگەنلەر نو ...

بۇنى abm165 دىن سوراپ بېقىڭە ! مەنمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن بۇ سانلىق مەلۇماتنى

UID
18475
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abm165 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 14:23
ھازىر دۇنيادا 2000دەك مىللەت بار ،ئەمما بىز  ئوقۇش تارىح ...

بەك ئۇنداقمۇ ئەمەس، يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىز مىڭ يىل بۇرۇن بىلىپ بولغان، پەقەت شۇ بىزنىڭ ئۆگەنمىگەن يېرىمىزلا بار...

UID
21373
يازما
72
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 16:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، بىلمىگەن بىر مىللەتنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 21:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12613
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 12:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن ~ مەن بۇ مىللەتنىڭ نامىنى ئىلگىرى تور يۈزىدىن كۆرگەن ئىدىم . ئەمما بۇ تېما ئارقىلىق خېلى يۇقىرى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش