كۆرۈش: 35080|ئىنكاس: 16

قەلبىم ئەبەدىل ئەبەد(ناخشا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

نادان دوستۇڭدىن

UID
108
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2008-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2008-11-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-19 13:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىتانىك فىلىمىنىڭ ناخشىسى ۋە ئىككى خىل نۇسخىدىكى تەرجىمىسى




My heart will go on

Every night in my dreams
I see you. I feel you.
That is how I know you go on.

Far across the distance
And spaces between us
You have come to show you go on.

Near, far, wherever you are
I believe that the heart does go on
Once more you open the door
And you're here in my heart
And my heart will go on and on

Love can touch us one time
And last for a lifetime
And never go till we're one

Love was when I loved you
One true time I hold to
In my life we'll always go on

Near, far, wherever you are
I believe that the heart does go on
Once more you open the door
And you're here in my heart
And my heart will go on and on

There is some love that will not
go away

You're here, there's nothing I fear,
And I know that my heart will go on
We'll stay forever this way
You are safe in my heart
And my heart will go on and on



تەرجىمە(1)

ھەر كېچە چۈشۈمدە كۆرىمەن سېنى،
ۋۇجۇدۇم سېزىدۇ ھاياتلىغىڭنى.
چەكسىز ئارىلىق بولالماس توساق،
سەن ئېلىپ كەلگەندە ئىللىق سۆيگۈڭنى.


ماڭا كېرىگى ئوتلۇق يۈرىگىڭ،
بەرىبىر، قەيەردە بولساڭ مەن ئۈچۈن.
ئاچقاندا سۆيگۈ ئىشىگىنى يەنە بىر قېتىم،
يۈرىگىم سوقىدۇ مەڭگۈ سەن ئۈچۈن.


شۇ چاغدىكى تەسىرلىك سۆيگۈ،
يانىدۇ، ئۆچمەيدۇ ، ئەبىدىل_ئەبەت .
مۇھەببەت دىگەن شۇ _مەندىكى تۇيغۇ،
يۈرىگىم سوقىدۇ سەن ئۈچۈن پەقەت.


بولساڭ سەن بىخەتەر ، قەلب-ھوجرامدا،
بولمايدۇ مېنىڭدە ھەسرەت - نادامەت.
بىلىمەن يۈرىگىم ھازىرقىدەكلا،
سەن ئۈچۈن سوقىدۇ ئەبىدىل- ئەبەت.



تەرجىمە(2)




ھەر كېچە چۈشۇمدە كۆرىمەن سېنى،
خىيالەن ھېس قىلىپ يۈرىمەن سېنى. 
بىلمەن، ئارلىقنى چىنپۈتمەي زىنھار،
مېنى دەپ يىراقتىن كەلگەنلىكىڭنى


مەيلى سەن نەدە بول، ئىشەنچىم كامىل،
يۈرىكىمىز تەڭ سوقار، مەڭگۈ ھەر زامان.
ئوخچىدى يۈرىكىم، سەن كىلىپ قايتا،
قەلبىمنىڭ ئىشكىنى ئاچقان شۇ ھامان. :


مۇھەببەت لەززىتى شام قىلدى تەننى،
لېكىن بۇ شام ئۆچتى شۇنچە بىمەھەل.
بۇ شېرىن دەملەرنى كەتمىسە دەيتىم،
تاكى بىز بۇ يەردىن كەتكەنگە قەدەر.


مۇھەببەت كۈچىدە يايرىدى ۋۇجۇد،
مەن ساڭا كۆڭلۈمنى بەرگەن شۇ مىنۇت.
يېنىپلا ئۆچمىسۇن بۇ كۈلگەن دەقىق،
قەلبلەر ئارا، بىز مەۋجۇتمىز مەۋجۇت.


يېقىن بول، يىراق بول، مەيلى نەدە بول،
ئىشەنچىم بار، يۈرەك تەڭ سوقار مەڭگۇ.
ئوخچىدى يۈرىكىم، كېلىپ قايتىدىن، .
سەن قەلىب خانەمگە تولدۇرساڭ سۆيگۇ.


خاتىرجەم تۇرمەن قورقماي زىنھار،
يېنىمدا بولساڭلا ھەر چاغ سەن ئەگەر.
بىلمەن شۇندىلا ئوخچۇيدۇ يۈرىكىم،
ئېرسە سۆيگۇدىن مەست بوپ شۇ قەدەر.


ئايرىلغان بولساقمۇ گەرچە ئامرىقىم،
قەلبىمىز تەڭ سوقار مۇشۇ يۇسۇندا.
توختماس يۈرىكىم ئوخچۇشتىن ھامان،
ھاياتسەن ۋە مەڭگۈ ئويۇمدا.



سەرۋىناز!!!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

نادان دوستۇڭدىن

UID
108
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2008-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2008-11-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-19 15:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق  ھېچقايسى تەرجىىمىنى مەن ئۆزۈم قىلمىغان ،، لېكىن مۇشۇنداق ياخشى تەرجىمىلەرنى يىغىپ قويىدىغان ئادىتىم بار ...
مەن بىر يەردە جىم ئولتۇراپ بولالمايدىكەنمە  بولمىسا تەرجىمە قىلىدىغان نېمىلەرمۇ جېقتى ...
قىسقىسى گەپلەرنى قۇراشتۇرالمىسام جىلە بوپ يىرتىۋېتىمەن شۇڭا ئادەتتە ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ئوبدان نەرسىلەردىن .... [s:2]  [s:2]  [s:2]
بۇ ناخشىنى بەك ياخشى كۆرىمەنچۇ ، بىر يىل ئىلگىرى ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلىۋالغانتىم، بۈگۈن بۇ يەرگە يوللىدىم مانا ،،،
تورداشلار كىرىپ ئاڭلاۋاتقان ناخشىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلىسە مەن خوش .... [s:2]  [s:2]

سەرۋىناز!!!

UID
20
يازما
180
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6307
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-19 22:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتاقنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ (كىچىدە ) تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ  مۇنۇ ناخشىنى ئاڭلاپ كىتىدىغان بولسام  ..
خىياللىرىمنىڭ قاياقلاردا يۈرىدىغىنىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيتتىم .............


ئايرىلغان بولساقمۇ گەرچە ئامرىقىم،
قەلبىمىز تەڭ سوقار مۇشۇ يۇسۇندا.
توختماس يۈرىكىم ئوخچۇشتىن ھامان،
ھاياتسەن ۋە مەڭگۈ ئويۇمدا.

-------------------------------------------------

UID
20
يازما
180
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6307
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-19 22:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقىڭىزنىڭ ئۆگزىسىگە چىققىلى بۇلامدا ؟  ساقچى مەكتەپنىڭ ياتىقىدا يېتىپ باققان ئىدىم ، ئەجەپ ھازىرغىچە مەن ئۇخمايدىكەنمەن دىسە ....

مۇشۇنداق ئازقىسمىنى نەقىل ئېلىشنى ئۈگۈنۈپ بۇلالمىدىم دىسە  ...نەقىل ئالغاندا ئۈچۈرۋەتسە يا نەقىلگە ئوخشىمىغان  ،،،،نەقىل ئالسا  تېخى قاقشاۋاتقان  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،
چىققىلى بۇلۇپلا قالماي  ...........يامىشىپ چۈشكىلى يەنە توختا دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قاچقىلىمۇ بۇلىدۇ  [s:2]

-------------------------------------------------

ئۈمىدلىك ئەزا

نادان دوستۇڭدىن

UID
108
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2008-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2008-11-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-20 19:24:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر  ۋوي باللا ...... [s:2]  [s:2]  [s:2]

سەرۋىناز!!!

كۆيۈمچان ئەزا

بىسمىللاھىررەھم

UID
85
يازما
124
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
418
تىزىملاتقان
2008-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-20 19:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشىنى بەكمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن.....

~~~~~ اللاھ بىزنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ  ~~~~~
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-20 20:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
11
يازما
87
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
216
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-20 20:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەلىپكار ... ياتىقىڭلارنىڭ ئۆگزىسى پەچەتكەن -ھە ....چىققىلىمۇ چۈشكىلىمۇ بولسا ....
بىزنىڭ ياتاقلارنىڭ ئۆگزىسىمۇ پەچەت ... ئىگىز بولمىسىمۇ سەكرىگەنلىكى ئوقۇغۇچى ئاساسەن ئۈلىدۇ ....

مەنمۇ ئامراقتىم بۇ ناخشىغا .... بىر ئادىشىم پەچەت ئوقۇپ قوياتتىدە ..بىر چاغلاردا ... مۇڭلاندۇرۇپ ئادەمنى ....

ۋاز كىچىش ھەم بولسىمۇ گۈزەل ، سۇنغان كۆڭۈل سۇنۇقتۇر بىراق .

UID
20
يازما
180
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6307
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-20 20:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىچەت  شۇ                       ئۈستى  ھاراق بوتولكىلىرى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ..........

بىراق بىزنىڭ ئۆگزىدىن سەكرىمەيمىز ............ئاستا _ئاستا يامىشىپ چۈشىمىز ،،،، [s:2]

-------------------------------------------------

UID
11
يازما
87
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
216
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-20 21:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ... بىزنىڭ ئۆگزىگە چىققانلار سەكرىمەي چىدالمايدۇ .... چىقسىلا سەكرەيدۇ ....مېڭىپ چۈشكىلى بولمايدىغاندەك ...

ۋاز كىچىش ھەم بولسىمۇ گۈزەل ، سۇنغان كۆڭۈل سۇنۇقتۇر بىراق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش