كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 17

ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە تەۋپىقنى ئەسلىدىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2274
يازما
33
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 18:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە تەۋپىقنى ئەسلىدىم


ساداقەتجان ھاجى




ۋەتەنپەرۋەر مائارىپچى، مەرىپەتپەرۋەر شائىر، پىداكار يولباشچى مۇھەممەدئەلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا بۇ يىل 110 يىل بوپتۇ. بىخۇدلۇقىمدىم بۇ يىل كىرگەندىن بېرى بۇ پىداكارىمىزنى ياد ئېتىپ، روھىغا دۇئا قىلماپتىمەن ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە، شەرىپىگە بېغىشلاپ بىرەر پارچە شېئىرمۇ يازماپتىمەن؟
ئۆزۈمگە مىڭ لەنەتلەر بولسۇنمۇ؟ ياق!
ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى زىيادە بولسۇن!
بۈگۈن، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە بولسىمۇ بۇ بۈيۈك شەھىدىمىزنى ئەسلايمەن!
ئاللاھتىن ئۇنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە كۆپ ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىشىنى تىلەيمەن.

بىز-مۇئەللىم، ئوقۇيلى ھەم ئوقۇتايلى ئەۋلاتنى دەپ
مىللەت ئۈچۈن مۇنبەردە نىدا قىلدىڭ ئەي تەۋپىق.
سادىق بولۇپ ئەقىدەڭگە، قەلەم تۇتۇپ كىرىپ جەڭگە،
ۋەتەن ئۈچۈن جانىڭنى پىدا قىلدىڭ ئەي تەۋپىق.
ئىشقى بىدار روھىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ
ئەلگە بەرگەن قەسىمىڭنى ئادا قىلدىڭ ئەي تەۋپىق!

ئەي ئاللاھىم، مىللەت ۋە ئۈممەت ئۈچۈن جانانىدىن ھەم جانىدىن جۇدا بولغان پىداكارلارغا جەننەتۇل فىردەۋستىن ئورۇن بەرگەيسەن!
ئەي ئاللاھىم! جاھالەت بىلەن، زالالەت بىلەن، قاباھەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، مىللەت ۋە ئۈممەت ئۈچۈن ھىدايەت ۋە دىيانەت، ئادالەت ۋە سائادەت ئىستىگەن شەھىدلەرنىڭ شانىنى ھەرئىككى ئالەمدە يۈكسەك قىلغايسەن!
ئەي ئاللاھىم، مىللەتكە مۇھەببەت، ئۈممەتكە ئۈمىت ئاتا قىلغان يولباشچىلارنىڭ يولىنى ئوچۇق، يۈزىنى يورۇق قىلغايسەن!
ئەي ئاللاھىم، ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ، ئىمانىدىن ئېزىپ كەتمىگەن ئالىملارنىڭ ئىستىقبالىنى پارلاق قىلغايسەن!
ئەي ئاللاھىم، زۇلمەتتە قالغان قەلبىمىزنى تەۋپىق نۇرلىرى بىلەن يورۇتقايسەن!
ئەي ئاللاھىم، مۇھەممەدئەلى تەۋپىق ئەپەندىدەك تەۋپىق ساھىبلىرىنىڭ سۆيگۈسى بىلەن ۋىجدانىمىزنى كۈچلەندۈرگەيسەن!
ئەي ئاللاھىم، ھەقىقى قۇدرەت ساھىبى سەن-سەن! ساڭا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلىمىز! ساڭا تايانغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى توق تۇتىمىز!
ئەي ئاللاھىم، بىزنى ئۇنۇتمىغايسەن ۋە پىداكارلىرىمىزنى بىزگە ئۇنۇتتۇرمىغايسەن!
ئەي ئاللاھىم، تەۋپىقنىڭ روھىنى غېرىپسىندۇرمىغايسەن ۋە ئىزىنى ئۆچۈرمىگەيسەن!
ئەي ئاللاھىم، دۇئالىرىمىزنىڭ دىلى سۇنۇپ قالمىسۇن. ئامىن!

★★★★★
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى. قەشقەر
★★★★★

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 13:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋپىق ئەپەندى قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات ،  تەۋپىق ئەۋلاتلىرى ئەژدات ئىزىدىن تايعىنى يوق ،  كوز ئالدىمىزدىكى دۇنيا تەۋپىق روھىنى بىزگە  ھىس قىلدۇرماقتا . 2012-يىلى تەۋپق يىلى بۇلىدۇ .

UID
1173
يازما
459
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14965
تىزىملاتقان
2008-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 14:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋپىق روھى نۇر چاچسۇن !

UID
2274
يازما
33
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 17:56:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 21:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

ئۈمىدلىك ئەزا

ۋەتەننىڭ قەدرىن

UID
2483
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2010-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 02:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ئامىن

UID
10687
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
97
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 15:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ئامىن

تىرىشچان ئەزا

ئۈمۈدسىزلىك - شە

UID
4757
يازما
35
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
966
تىزىملاتقان
2010-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 08:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ياتقان يىرىنى ئاللا ئىگەم جەننەتتە قىلسۇن. ئامىن !!

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 09:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، كەتمەنباي!

UID
17005
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
907
تىزىملاتقان
2011-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ياتقان يىرىنى ئاللا ئىگەم جەننەتتە قىلسۇن. ئامىن !!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش