كۆرۈش: 3042|ئىنكاس: 10

مۇھەممەتجان راشىدىن شىئېرلىرى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21507
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 01:55:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز دوسلار ، ئەلكۈيى مۇنبىرىگە ئەزابولۇپ سىلەربىلەن يۈز كۆرۇشكەنلىگىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن .   سىلەرگە ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ بىرشىئېرىنى بىللە ئېلىپ كەلدىم  قۇبۇل قىلغايسىلەر .......

ئويلاپ سۆزلە تەلۋە ئېغىزلار
1
بۆرە ئاتاپ ئوغۇل بۇۋاقنى ،
قىز تۇغۇلسا دەيدىكەن تۈلكە.
قىز تاپقاننى قوشلاپ، بەزىلەر ،
ھېچ ھىيىقماي قىلاركەن كۈلكە.
2
پۇتۇلگەندەك ئالتۇندىن گويا ،
قىيامەتتە ئوغۇلنىڭ گۆرى.
قىز زاتىغا ئەمەسمىش مەنسۇپ ،
قەلىپلەردە ھۆرمەتنىڭ تۆرى.
3
قىزنى شۇنداق كەمسىتكەنلەرنىڭ ،
قىزئىدىغۇ ئەسلى ئانىسى ؟
ئويلاپ سۆزلە تەلۋە ئېغىزلار،
سەنمۇ ئەسلى قىزنىڭ بالىسى .


بەرمىسەڭمۇ بەرمە قىزىڭنى

1
شەھرىمىزدە بىر توي بۇزۇلدى ،
مۇھەببەتكە ئۈنۈپ شۇم تىكەن.
بەرمەس بوپتۇ قىزنىڭ ئانىسى ،
سەۋەپ يىگىت سەھرالىق ئىكەن .
2
ئىجاد  قىپتۇ  ئۇقسام  شۇنداقلار،
سەھرالىقنى داڭگال دېگەننى .
كەشىپ قىپتۇ يېزا - سەھرانى ،
ئادەم تۇرماس  جاڭگال دىگەننى.
3
تەكتى ئەسلى بۇ شەھەرنىڭمۇ ،
چۆل ئېدىغۇ ، جاڭگال ئىدىغۇ ؟
ئەسلەپ باقسۇن ، ئاشۇ خېنىمنىڭ ،
بوۋىسىمۇ  داڭگال ئېدىغۇ ؟!
4
شەھەر بولاي دەپ قالدى يېزا ،
كۆرمەي تۇرۇپ جاڭگال دېمىگىن.
بەرمىسەڭمۇ بەرمە قىزىڭنى ،
سەھرالىقنى داڭگال دېمىگىن .


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31405
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 20:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىېئر خەقىقەتەن نوچىكەن جۇما

مۇشۇنداق شىېئر بولسا جىقرا يوللاڭلا تورداشلا

UID
31672
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 09:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
31681
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 15:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن مۇھھەممەدكامنىڭ شېرنى، ئۇ  شېر  يەت سىپىدىكى  قەلىمى ھارماس ،ئىلھام تۇلپارلىرى چارچىماس ،شېريەت  سىپىدىكى ئۆچمەس مەشەل دسەك  ئارتۇق كەتمەس ئەلببەتتە

UID
30558
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-15
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 23:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى بەكمۇ مەزمۇنلۇق كىشىنى قىزىقتۆرىدۇ .مەن بەكمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن .      يوللىغۇچىغا تەشەككۆر .

UID
35538
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر دېگەن مۇشۇنداق بولسا ،،،،،،مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرۇمەن،،،،،،،،،،ئاللا بۇ شائىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن

UID
6054
يازما
289
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7403
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،دەب-دەبلەردىن خالى مەزمونلۇق شېئىرلارنى يازىدىغان شائىردە -بۇ،شائىرنىڭ شېرىلىرىدىن كۆپرەك يوللاپ قويسىڭىز تولىمۇ خوش بولاتتۇق!

UID
36249
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ يۇرتى غۇلجىدا بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلېرى شائىر روزى سايىت بىلەن تەڭ ماڭىدۇ، بىراق مۇھەممەتجان ئەپەندى روزى سايىت ئاكىنىڭ روھىنى ئۆزىنىڭ ئىجاد قىبلىنامىسى قىلىپ، ئۆلمەس تېما «دېھقان»نى تاللىغان.
   دۆلىتىمىزدە بىرەرسى ئۆلمىگىچە ئۇنىڭغا قەھرىمان، چولپان دەپ نام بېرىلمەيدۇ، ھەمدە خەلقنىڭ كۆڭلىدىنمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت ئورنى بېرىلمەيدۇ، كېچە كۈندۈز يازسىمۇ ئۇنىڭغا ئوردېن بېرىلمەيدۇ. شۇڭا باقىيغا كەتكەن قەلەم ساھىبلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، پانىيدا بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ھايات يازغۇچىلارنى يوقلاپ، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ قويايلى. مەيلى سىز قايسى شەھەرگە ساياھەتكە ۋە باشقا سەۋەپ بىلەن بېرىپ قىلىڭ ئىمكان بار، شۇ يۇرتتىكى يازغۇچىلارنى ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى يوقلاپ، يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتى بىلەن تونۇشۇپ قويۇڭ.
    مۇھەممەتجان رااشىدىن ئاكا گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياش يىگتتەك، ساھىبقىرانلاردەك كۈچلۈك قوللىرىدىن يېڭى- يېڭى مېۋىلەردىن ئېغىز تېگىپ، شاتلىنىپ يۈرۈشىمىزگە ئىشەنچىم كامىل. ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن، تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.

UID
36359
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 23:07:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ئاكىمىز ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئىرىيىتىدە  كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى . مەن ئۇنىڭ شىئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىسىل مەزمۇنلار ، تەربىيەۋى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار ،مول ساتىرىىك تىمىلار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .....
ئاخىرىدا  ،بۇ ئاكىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ  ئوقۇشلۇق ، ئىجادىىيەتلىرىنىڭ تىخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بۇلۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

UID
45560
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 04:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان  راشىدىن ئاكىنىڭ  ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئىرىيىتىدە  كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى .مەن ئادەملەر ئۇلۇق دىگەن  شىئىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش