كۆرۈش: 11350|ئىنكاس: 47

يېڭى ئۇيغۇرچە رومان «كەچمىش »نەشىردىن چىقتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17804
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
105
تىزىملاتقان
2011-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 14:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۇلتۇز-خالىدە ئىسرائىلنىڭ يېڭى رومانى«كەچمىش »نەشىردىن چىقتى
خالىدە ئىسرائىل 1985 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ گويا بىردىنلا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىگەن باھار گۈلىدەك ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئاز، ئەمما ساز بولغان، كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىز مۇنبىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالدى.
ئۇ 1985 - يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى ھېكايىسى - « ئىھ ھايات»تىن باشلاپ ھازىرغىچە «ئانا»، «ئويغىنىش»، «ئەڭ گۈزەل خاتىرە»، «يىلتىز»، «ھاڭگىرت كۆلى»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «ئۇ كۆزلەر»، «رەڭدار قۇيۇن»، «باھاردا ياغقان قار»، «ئوربىتا»قاتارلىق ساناقلىقلا ھېكايە، پوۋېستلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا تەسىرى زور يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم ھېكايە، پوۋېستلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. مۇھىم ئەسەرلىرى «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دېگەن نام ئاستىدا توپلام قىلىنىپ قايتا نەشر قىلىندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاپتورلار قوشۇنى كۈنسايىن زورايغان، ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابخانلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ئەسەرلىرى زور غۇلغۇلا قوزغىغان يازغۇچىلار ناھايىتى ئاز، خالىدە ئىسرائىل دەل مۇشۇ تىپتىكى ساناقلىقلا يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ ماقالىسىدىكى بۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋېتىپ يازغۇچى خالىيدە ئىسرايىلدىن چەكسىز پەخىرلەندىم.




قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
16345
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
342
تىزىملاتقان
2011-10-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 19:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  ئۇچۇرىڭىزغا  چوقۇم  سېتىۋالىمەن .باھاسى  گۆش  بىلەن  تەڭكەن

UID
15099
يازما
34
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
574
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 22:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت

UID
21427
يازما
32
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 23:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، سەلتەنەت!
يېڭى يىلدا ئارامدا ئوقۇۋالاي.

UID
7818
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
498
تىزىملاتقان
2010-12-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 23:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىدە ھەدەم ئۇيغۇر يازغۇچىلېرى ئىچىدىكى ساناقلىق«ئەركەك»يازغۇچىلارنىڭ بىرى.ھۇرمىتى زىيادە خانىمنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت،تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

UID
10400
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
105
تىزىملاتقان
2011-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 23:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىدە  ھەدەم  راس  ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن چېققان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى ،مەن تولۇقسىزدا بۇ ھەدىمىزنىڭ ‹نان› دىگەن ئەسىرىنى تونۇغاندىن بۇيان  ،ھەدىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم.

UID
21494
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 00:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ياخشى كۆرەتتىم خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرنى . تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

UID
17644
يازما
175
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 00:47:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ مەن ئۈچۈن بىر خوشخەۋەر، ئەتىلا بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىم كىتاپخانىغا قاتراش بولۇپ قالىدۇ.

UID
16845
يازما
43
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
313
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 01:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت قۇرۇلغاندىن بېرى بىر  ياخشى كىتاپلارنىڭ باھاسى بىر كېلوگىرام گۆشنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ قىلىۋاتقىنى قىززىق دېسە . خالىدە ئىسرائىلنىڭ «رەڭدار قۇيۇن » دېگەن پوۋىستىنى ئوقۇغان ئىدىم .ئەينى چاغدا ماڭا بەك تەسىر قىلغان .بۇ خانىم ئايال يازغۇچىلارنىڭ سەردارى .

UID
14498
يازما
153
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
843
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-29
توردا
222 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 01:46:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىىڭ ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ،‹‹رۇبائىيات1››ۋە ‹‹رۇبائىيات2››دېگەن كىتابلىرىنى 1كىتاب قىپ نەشىر قىلماقچى بوپتىكەن،بۇ ئىش جىم تۇرىدا؟
مەن كېلەر يىلىنىڭ بىرىنجى كۈنى سېتىۋىلاي ئۇ كىتابنى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش