ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تورداشلار،ھەممىزگە مەلۇم قۇرئان-كەرىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كىتابى، قۇرئان كەرىم بىر مۇقەددەس كىتاپ بولغاچقا، تىلى ناھايتى نەپىس،ئاسان ئەستە تۇتقىلى بولۇدۇ،جۈملىدىن ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە تەرجىمىللىرىمۇ باشقائەدەبى تەرجىمىلەردىن پەرىقلىنىپ تۇردۇ.
شۇ ۋەجىدىن ياشلىرىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىشكە تۈرىتكە بولسۇن دىگەن مەقسەتتە ،ئۇيغۇرچە-ئېنگلىزچە قۇرئان كەرىم تىمىنى ئەلكۈيىگە يوللىدىم .
مۇشۇ بىر تىما ئاستىدا ،ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭى مەزمۇن يوللىنىدۇ .مۇنبىرىمىزنىڭ تىنىچلىقى ئۈچۈن دىن ۋە سىياسەت توغرىلىق مۇنازىرە قىلىش چەكلىنىدۇ .
قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە رەت تەرتىۋى بويۇنچەيوللاندى.1-سۈرە فاتىھە7ئايەت بولغاچقا ،بۇنىدىن كىين ھەر جۈمە كۈنى كەچتە7ئايەتتىن مەزمۇن قېتىلدۇ.
بىرىنجى سۈرە فاتىھە1-ئايەتىتىن7-ئايەتقىچە تولۇق.
1: 1
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1:2
Praise be to Allah, the Cherisher and Sustainer of the worlds;
جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
1:3
Most Gracious, Most Merciful;
ئاللاھ ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مھرىباندۇر.
1:4
Master of the Day of Judgment.
قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسدۇر.
1:5
Thee do we worship, and Thine aid we seek.
(رەببىمىز) ساڭلا ئىبادەت قىلىمىز.سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.
1:6
Show us the straight way,
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن،
1:7
The way of those on whom Thou hast bestowed Thy Grace, those whose (portion) is not wrath, and who go not astray.
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلانىڭ يولىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا(باشلىغىن). |