لاتا كەلدى ئەلكۈيىگە ...........
لاتا كەلدى ئەلكۈيىگە ، ئەلكۈيىنى تاقاي دەپ ، 
ۋىجدانى بار ئۇيغۇرنىڭ ، بېشىغا مىق قاقاي دەپ ، 
لەيلەپ يۈرۈپ ئانا تىل ، يۇمۇر كوم ، قاش تېشىدا ، 
مەغلۇپ بۇلۇپ گۈلۈستان ، ئىزدىنىشنى ساتاي دەپ ، 
ئاخىر تاپتى ، ئەلكۈيىنى ، لاتا شىئېر يېزىشقا ، 
ئەلكۈيى ، ئۈمۈتۋار ، پاكزات ... نى ، قۇشىقىغا قاتاي دەپ ، 
يېزىپ قۇيار لاتاخۇن ، لاتىدەكلا قۇشاقنى ، 
ئېچىپ قۇيار يېغىرنى ، ئويلاپ يۈرمەس ياپاي دەپ . 
چىدىغانغا چىقارغان ، چىدىغانلار ئوقىسۇن ، 
چىدىماسلار يۈرمىسۇن ، لاتىنى بىرتاپاي دەپ . 
بولسا ئەگەر لاتىلىق ، مەندە ،سەندە ، ئۇنىڭدا ، 
يېزىۋەردى ئۇچۇقلا ، بەشىىرىنى ئاچاي دەپ . 
قېنى لاتا ، لاتىپەز ، لاتا پۇرۇش مەرھەمەت ، 
ئۈلگۈرەلمەس لاتىلار ، لاتىلىقتى قاچاي دەپ .