كۆرۈش: 7214|ئىنكاس: 1

بىلگايتىستىن سۇرالغان 10 سۇئال ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
118
تېما
76
نادىر
8
جۇغلانما
5327
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
721 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-9 12:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىندوۋس ۋىستا مىكروسوفتنىڭ 5 يىل ئىچىدە يېڭىدىن بازارغا سالغان مەشغۇلات سىستىمىسى.
مىكروسوفتنىڭ رەئىسى يەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي بىل گەيتىس (51 ياش)  ھازىر مىكروسوفتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئۈزىنىڭ فوندىسى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ .
توۋەندىكى سوئال جاۋاپلار تىمەس ژورنىلىنىڭ مۇخبىرى رىچارد ستەڭەل بىلەن لەۋ گروسسمان ئىككىسىنىڭ بېل گەيتىس بىلەن دۇنيا پەن-تەتقىقات،كومپىيۇتىر ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بولغان سوھبەتىنىڭ بىرقىسىمى.مەن كەڭ ئەلكۈيىدىكى دوستلارنىڭ پايدىلىنىشغا ياردەم بوپ قالسا دىگەن ئۈمىدتە بۇيەرگە ئەكەلدىم .
س: ۋىستا ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ كومپىيۇتىر ئىشىلىتىشىنى چەكلەش توغرىسىدا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەردى.
سىز بىر ئاتا سۇپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
ج: مەن ئوغلۇمنىڭ كومپىيۇتىر ئىشلىتىدىغان ۋاختىنى چەكلەيمەن. ئۇ بۇنىڭدىن بەك نارازى بولدى. ئۇ مەندىن:
"دادا، پۇتۇن ھاياتىم مۇشۇنداق ئۈتەمدۇ؟" دەپ سورىدى. ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، يېشى چوڭراق بولغاندا بەلكىم ئۇزى بىرەر
كومپىيۇتىرنى سېتىۋالار.
س:
بۇ يىل سۋىتزەرلاندىيە نىڭ داۋوس شەھرىدە ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىساد يىغىنىدا سوزلىگىنىڭىزدە تېلىۋىزورنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا سوزلىگەنىدىڭىز. ؟
ج: كەلگۇسىد تۋ ئىنتىرنىت ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ. ئۇ چاغدا تىلىۋۇزۇر قاناللىرىنى زىدەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەيسىز.
. خەۋەرلەر بىرىلۋاتقان ۋاقىتتا، ئەگەر سىز پۇتبول مۇسابىقىسى كۈرۇشنى خالىسىڭىز، سىزگە پۇتبول مۇسابىقىسى كورسىتىلىدۇ.
ئەگەر بىرەر جاينىڭ ھاۋارايىئىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، خەۋەرلەردە ھاۋارايى توغۇرلۇق مەلۇمات بىرىلىدۇ.

س:
ئۇنداقتا باسما مەتبۇئاتلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىدۇ؟
ج: بىز دەرسلىك كىتاپلارنى ئوزگەرتىش ئالدىدا تۇرىمىز. دەرسلىك كىتاپلار ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇللارنى كومپىيۇتىر
ئەسۋاپلىرىنى سېتىۋېلىش ئۇچۇن ئىشلىتىلسە، بالىلار ئېئىغىر كىتاپلارنى كۈتۈرۈپ يۇرۇشكە مەجبۇر بولمايدۇ.
ئىشلىتىشكە ئاسان، پىكىر ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئاسان توختايدىغان بولىدۇ.
س:
يېقىن كەلگۈسىدە تېخنىكا ساھاسىدە يەنە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولىدۇ؟

ج: مىكروسوفتنىڭ ئىنتايىن ئىلغار تەتقىقات گۇرۇپپىسى بار. ئۇلار ھازىر ماشىنا ئادەم ، ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش
ۋە پارالىل ھېساپلاش تېخنىكىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە ئەسىردىن
تارتىپ قىلىۋاتقان چۈشى ئىدى. مەسىلەن، كومپىيۇتىرغا سوزلەش ياكى كومپىيۇتىرغا كىشىلەرنى تونالايدىغان رەسىم تارتىش
ئەسۋاپنى بىكىتىپ قۇيۇش قاتارلىقلار . يەنە دىگىتال ئەينەك پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدا سىز كىيىملەرنى سىنىغاندا، ئەينەك كىيىمنىڭ
سىزگە ياراشقان ياراشمىغانلىغى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرىپ: "ھوي، بۇگۇنكى كىيىمىڭىز سىزگە ياراشمىدى." دەيدىغان بولىدۇ.
كومپىيۇتىر ئىكرانىنى ھەممە يەرگە ئورۇنلاشتۇرغاننىڭ زور ئەھمىيىتى بولىدۇ.

س:
ئوز ئۈيىڭىزگە شۇ ئىكرانلارنى بىكىتىپ قويدىڭىزغۇ دەيمەن؟
ج: ھەئە، شۇنداق. ئۈيىمگە 4-5 يىلدىن بۇرۇنلا چوڭ ئىكرانلار بىكىتىلىپ بولغان. چوڭ ئىكرانلارنى ئۈيۈمنىڭ ھەممە يەرىگە ئىسىۋەتتىم.
بىز بىر يەرگە ساياھەتكە چىقىپ كىتىپ قايتىپ كەلگەندە تارتقان رەسىملەر بىز سىرتتىن يىنىپ كەلگەندە ئويدە تەييار
بولۇپ تۇرىدۇ. بەش يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ خاتىرىلىرى ناھايتى ئاسانلا ساقلىنىپ قالىدىغان بولىدۇ.
ساندۇق ياكى يەشىكلەردە ساقلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

س:
بىراق نۇرغۇن كىشىلەر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بەزى خاتىرىلىرىنى ئۇنتۇپ كىتىشنى خالامدىكىن؟
ج: ئۇغۇ شۇنداق. ئۇ چاغدا بىرەر ئىشنى بىلمەسكە سېلىۋېلىش تەس توختايدىغان بولىدۇ. ( بىر ھازاغىچە كۈلكە)
س:
سىز ئۇزۇندىن بەرى مائارىپقا كۈڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىسىز. سىزنىڭ كوز قارشىڭىزچە، سىزنىڭ ھەركەتلىرىڭىز تېخنولوگىيە
ئۈگۈنۈشنى تىزلىتىش ئۈچۈن پايدىسى بولدىمۇ؟


ج: مائارىپ توغۇرلۇق سوز ئاچقاندا كەمتەربولۇشىمىز لازىم. تىلىۋىزور مائارىپنى ئوزگەرتىدۇ، ۋىدەئو چاسەت مائارىپنى ئوزگەرتىدۇ،كومپىيۇتىر ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش مائارىپنى ئۆزگەرتىدۇ دىگەن گەپلەر بولۇپ كەلدى، بىراق تا 10 يىلدىن بۇرۇن، يەنى ئىنتىرنىتنىڭ كەڭ دائىردە تارقىلىشى ۋۇجۇتقا كىلىشىدىن بۇرۇن، تېخنولوگىيە مائارىپقا ھىچقانداق چوڭ
تەسىر كورسەتكىنى يوق. ئۈگىنىش دىگەنلىك بەلكىم يەڭىلىققا بولغان ئارزۇنى پەيدا قىلىش دىگەنلا گەپ.
نىمە ئۈچۈن بىرەر يېڭىلىقنى ئۈگىنىسىز دىگەنلا گەپ. تېخنولوگىيە مەلۇم رول ئوينايدۇ، بىراق ئانچە چوڭ رول ئەمەس.

س:
تېخنولوگىيە كەمبەغەللەرگە ياردەم بىرىش يوللىرىنى ئوزگەرتەمدۇ؟

ج: ئوزگۇرۇش پەيدا قىلىدۇ. بىراق تېخنولوگىيە ئالدى بىلەن ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى چۈشىنىشى لازىم. كومپىيۇتىر شىلىرى تەرەققى
قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ سىستىمىسىنى ئوزگەرتەلەمدۇ؟ نۇرغۇن دۆلەتلەردە كومپىيۇتىرلاشتۇرۇش بىر مەسىلە ئەمەس،
بەلكى سىنىپلارنىڭ يوقلىغى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەملىكى ۋە ئېلىكتىرنىڭ قىسلىغى قاتارلىقلار ھەل قىلىشقا تىگىشلىك زۈرۈر مەسىلىلەردۇر.
يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەجبۇرلاش ئالجىغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى.

س:
ئوزىڭىزنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا سوزلىشەيلى. سىز مىكروسوفتا ئوينايدىغان رولىڭىزنى يىنىكلەشتۇرمەكچى بولۇۋاتىسىز.ج: 2008-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ فوند ئۇچۇن تولۇق ئىشلەپ، مىكروسوفتتا ۋاكالىتەن ئىشلەيدىغان بولىمەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن ناھايتى چوڭ
بىر ئوزگۇرۇش. نەتىجىسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.
س:
ئۇنداقتا، بۇ سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋىندوۋس سىستىمنى بازارغا سالغانلىقىڭىز بولىدىكەندە؟

ج: شۇنداق، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولىدۇ. بىراق ئالدىمىزدىكى 9 ئاي ئىچىدە كىلەچەكتە بازارغا سالىدىغان ۋىندوۋس
ۋە ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئاساسىي تىمىللىرى تاللىنىلىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ مەن يەنە بىر قېتىم رول ئوينايمەن.
ئۇنى بازارغا سالغاندا بەلكىم مىنى تەكلىپ قىلىدۇ .

ئىنگىلىزچە توربەتتىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىندى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
1453
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2009-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-9 20:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭزغا  رەھمەت!!!!
       شۇنى سوراپ  باقسام  بۇلارنى ئۆزىڭز تەرجىمە قىلغانمۇ؟   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش