كۆرۈش: 10115|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇرلاردا يەر – جاي ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1231
يازما
92
تېما
79
نادىر
0
جۇغلانما
523
تىزىملاتقان
2009-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-4 17:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردا يەر – جاي ناملىرى



يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش مەخسۇس يەرناملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم – توپونومىيىنىڭ ۋەزىپىسى. توپونومىيە يەر ناملىرىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، يەر ناملىرىنىڭ مەنىسىنى، تارىخىي ئۆزگىرىشىنى، يەر ناملىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەر ناملىرىدىكى تۈرلۈك گرامماتىكىلىق (فونېتىكىلىق) ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يورۇتۇپ بېرىدۇ. يەر ناملىرىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى ئېنىقلاش، يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يەر ناملىرى تەتقىقاتى ناھايىتى كەڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېتنوگرافىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرلاردىن باشقا كۆپ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايون. شۇڭا بۇ رايوندىكى يەر ناملىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ياسالغان ناملاردىن باشقا، يەنە قازاقچە، موڭغۇلچە، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى سۆزلەر بىلەن ياسالغان يەر ناملىرى خېلى ئۇچرايدۇ. بىز تۆۋەندە پەقەت فولكلور نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – جاي ناملىرى ئادىتىدىكى ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتىمىز.


بىرىنچى، بەزى يەر جاي ناملىرى شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردىن ياسالغان بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئىسىملارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى تاۋۇشلاردا ئورۇن ئالمىشىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدە ئۇچرايدىغان نورمال ھادىسىدۇر. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى (بۇيرۇق) دېگەن سۆز، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا (بۇريۇق) شەكلىدە ئىدى. بۇ سۆزدە (ر) تاۋۇشى بىلەن (ي) تاۋۇشى ئورۇن ئالماشتۇرغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى (يالپۇز) سۆزى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا (يارپۇز) شەكلىدە ئىدى. بۇ سۆزدىكى (ر) تاۋۇشى (ل) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ خىل فونېتىكلىق ھادىسە بەزى يەر ناملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
(1) ئايغىر بۇلاق – توقسۇن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭغا ماڭىدىغان كونا تاغ يولىدا بىر بۇلاق بار. بۇ يەرنى بەزىلەر (ئايغىر بۇلاق) دەپ ئاتىسا، بەزىلەر (ئارغى بۇلاق) دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۇلاق ئەسلىدە ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغىنى ئۈچۈن (ئارغۇ بولاق) دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولغان بولاتتى (ئارغۇ) سۆزىگە قاراڭ» مەيلى (مەيلى (ئايغىر بۇلاق) بولسۇن، ياكى (ئارغى بۇلاق) بوسۇن، ھەر ئىككىلىسى دەل (ئارغۇ بۇلاق) سۆزىنىڭ بۇزۇلغان شەكلىدۇر.
(2) بۇيلۇق – تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق ئۈزۈمچىلىك رايونى. «تۈركىي تىللار دىۋانى». «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۇرپان تېكىستلىرى» قاتارلىق قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا (بور)، (بورچى)، (بورلۇق) دېگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا (بور) سۆزى (شاراب – ئۈزۈم) مەنىسىنى، (بورچى) سۆزى (باغۋەن) مەنىسىنى، (بورلۇق) سۆزى (ئۈزۈملۈك، مېۋىلىك باغ) مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، (بۇيلۇق) دېگەن سۆز (بورلۇق) سۆزىنىڭ بۇزۇلغان شەكلى بولۇپ، (ر) تاۋۇشى (ي) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.
(3) تاشلىمىلىق – قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى بىريېزا. بۇ سۆز ئەسلدە (تاش) سۆزىبىلەن (بالىق) سۆزى بىرىكىپ ياسالغان(تاشبالىق) شەكلىدىكى سۆز بولۇپ، (تاش قەلئە، تاش قورغان، تاش شەھەر) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىدى. بۇ يەر ئېھتىمال، قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بىر قەلئە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدىكى (تاشبالىق) سۆزىدىكى (ب) تاۋۇشى (م) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ (تاشمىلى) شەكلىگە كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىدا (ب) تاۋۇشىنىڭ (م) تاۋۇشىغا ئالمىشىش ھادىسىسى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
(4) قاراقاش – خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق چوڭ بىر ناھىيە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅲ – توم، 208 – بەت)دا (قاش) سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «قاش: بىر خىل سۈزۈك تاش بولۇپ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈرمامىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىنىدۇ»، «قاش ئۆگۈز. خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئاقىدىغان ئىككى دەريا، بىرى «ئۈرۈڭقاش ئۆگۈز» (يۇرۇڭقاش دەرياسى) دېيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك ئاق تاش چىققاچقا، دەريا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. يەنە بىرى، «قاراقاش ئۆگۈز» (قاراقاش دەرياسى) دېيلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك قارا تاش چىقىدۇ، بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ. پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ). دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن (قاراقاش) ۋە (يۇرۇڭقاش) دېگەن ناملارنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. (يۇرۇڭقاش) سۆزى قەدىمكى (ئۈرۈڭقاش) سۆزىنىڭ بۇزۇلغان شەكلى. بۇنىڭدىن باشقا، سۈيى ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان (قاش دەرياسى) دىكى (قاش) سۆزى يۇقىرىدىكى قاش سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، (سۈيى سۈزۈك دەريا) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
(5) كورلا – ئۇيغۇر تىلىدا – «تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن پۈتۈن چىقىدىغان» دەيدىغان تۇراقلىق ئىبارە بار. (كويلا) سۇ تۈگمەنلىرىدە نو ئارقىلىق يۇقىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇ قۇيۇلىدىغان كۆلچەك. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، (Ⅲ توم، 599 – بەت)دا، (كەۋلى) دېگەن سۆزنى «كويلا، دەريا ئېغىزى» دەپ چۈشەندۈرگەن. باغراش كۆلىدىن ئېقىپ چىققان سۈ، خۇددى سۈ تۈگمەنلىرىدە سۇنىڭ نو (قوش) ئارقىلىق ئېگىزدىن كۆلچەككە ئېقىپ چۈشكىنىگە ئوخشاش، باش ئەگىم ئارقىلىق كورلىغا كىرىدۇ. دېمەك، (كورلا) سۆزى ئوخشىتىش يولى بىلەن كەلگەن نام بولۇپ (كويلا) سۆزىدىكى (ي) تاۋۇشى (ر) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ، (كورلا) شەكلىگە كەلگەن.


ئىككىنچى، تارىخىي ۋەقە – ھادىسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى. بۇلار تارىختايۈز بەرگەن بەزىبىر ۋەقە، ھادىسلەرنىڭ قاچان، قەيەردە ۋە قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.
(1) ئەسكى ھىسار – قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قىزىل دەرياسى بويىدا قاراخانىلارنىڭ (ھىسار) دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەلئە شەھىرى بولغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەردە خان ئەۋلادلىرى ۋە قوغدىغۇچى قوشۇنلار تۇرغانىكەن. Ⅺ ئەسىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە سۇ ئاپىتىدە بۇ يەر خاراب بولغان. قەشقەر خەلقى ھازىرغىچە (ئەسكى ھىسار)نىڭ قەدىمكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى قوشۇپ (ئەسكىسا) دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
(2) يېڭى ھىسار – رىۋايەتلەرگە قارىغاندا «ئەسكى ھىسار» (قەدىمكى قەلئە) خاراب بولغاندىن كېيىن، خوتەن يولىدا مۇنتىزىم «يېڭى ھىسار» (يېڭى قەلئە) قۇرۇلۇپ، بۇ يەرگە «ئەسكى ھىسار» خەلقى كۆچۈرۈلگەنىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھازىرقى يېڭىسار خەلقى، ئېتنىك ئالامەتلەردىن قارىغاندا ئۇلار قاراخانىلارنىڭ تايانىچ قوشۇنى خان ئەۋلادى ئىكەنلىكى ئېنىقلانماقتا.
(3) ئۇچ – مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى » (Ⅰ توم، 49 –بەت) دا: ئۇچ – مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى» دەپ يازىدۇ «ئۇچ» ھازىرقى ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى. «ئۇچتۇرپان» دېگەن بۇ نام (ئۇچ) سۆزى بىلەن (تۇرپان) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان خاس ئىسىم. (ئۇچتۇرپان) دېگەنلىك «ئۇچتىكى تۇرپانلىقلار» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇنداق: ئۇچتا يۈز بەرگەن «جىگدە يېغىلىقى» دىن كېيىن، ئۇچ خەلقى قىرغىن قىلىنغان ۋە تاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى قاتارلىق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىپ، تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپاندىن ئاھالە كۆچۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر (ئۇچتۇرپان) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى (پىاچان كەنتى، تۇيۇق كەنتى، خاندۇ كەنتى، قاراخوجا كەنتى، ياڭخېي كەنتى) دېگەن يەر ناملىرى تۇرپان، پىچانلاردىكى يەر ناملىرىغا ئوخشاش بولۇشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
(4) ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق (تاھىريۈزى، تۇردىيۈزى، جېلىليۈزى، خۇدىياريۈزى، روزىمەتيۈزى، ساقىيۈزى، سامىيۈزى، كېپەكيۈزى، ھاسانيۈزى، ئىسلاميۈزى) دېگەندەك يۈز سۆزى بىلەن ياسالغان بىر مۇنچە يۈرت – مەھەللە ناملىرى بار. بۇ يۇرتلارنىڭ نامى مۇنداق بارلىققا كەلگەن: مەنچىڭ دەۋرىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق قىلىپ، ئىلى رايونىدىكى مانجۇ ئەسكەرلىرىنى بېقىش ئۈچۈن، ئالتە شەھەر ۋە تۇرپاندىن (يۈز ئۆيلۈك)تىن قىلىپ، ئىلىغا بىر قانچە قېتىم دېھقان كۆچۈرۈلگەندى. بۇلار كېيىن «تارانچى» (تېرىقچى) دەپ ئاتالغان. يۇقىرىدىكى بىر – قانچە (يۈز)بىلەن كەلگەن يۇرت ناملىرى، كۆچەۈرۈپ كېلىنگەن يۈز ئۆيلۈك دېھقانغا باش بولغان (تاھىر، تۇردى، جېلىل، خۇدىيار، روزىمەت، ساقى، سامى، كېپەك، ھاسان، ئىسلام) دېگەن ئادەملەرنىڭ نامىغا قويۇلغان.
(5) مەشەت – ئاتۇش شەھىرىگە قاراشلىق بىر كەنتنىڭ نامى. ھازىر (مەشەت، مەشەت) دەپ يېزىلىۋاتقان ۋە تەلەپپۇز قىلنىۋاتقان بۇ سۆز ئەسلىدە (مەشھەت) بولۇپ، مەنىسى (بىر ئادەمنىڭ شېھىت بولغان يېرى ياكى ېھىتلەر كۆمۈلگەن يەر) دېگەندىن ئىبارەت. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئۇيغۇر بىلەن بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق جەڭلەر بولغانىدى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن جەڭدە شېھىت بولغانلار مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. شۇڭا بۇ يەر (مەشھەت) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ئابدۇلكېرىم سۇتۇق بۇغراخانمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ يەردە. شۇڭا بۇ جاي مۇھىم زىيارەتگاھ بولۇپ قالغان.


ئۈچىنچى، قەبىلە ۋە مىللەت نامىغا قويۇلغان يەر – جاي ناملىرى:
(1) قارلۇق – تۈركىي قەبىلىلەر ئىچىدىكى مەشھۇر بىر ئۇرۇقنىڭ نامى. بۇ نام بىلەن ئاتالغان جايلار شىنجاڭ رايونىدا خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، «قارلۇق ئۆستەڭ» (كېرىيىدە)، قارلۇق غول، قارلۇق كارىز، قارلۇقلار مەھەللىسى، قارلۇق تۈگمەن (بۇ جايلار قۇمۇلدا) قاتارلىقلار.
(2) ئارغۇ – تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅰ توم، 172 – بەت)دا: «ئارغۇ، ئىككى تاغ ئارىسى، بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ ‹ئارغۇ› دېيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ يەرلەر ئىككى تاغ ئارىسىدا» دەپ ئىزاھلايدۇ. ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىگە قارايدىغان «ئاغۇ» (بۇ سۆزدە (ر) تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان) يېزىسىمۇ ئىككى تاغ ئارىسىدا. دېمەك، بۇ نامنىڭ مەنبەسىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز.
(3) قاڭقا – تۇرپان، تۇقسۇنلاردا «قاڭقا» دەپ ئاتىلىدىغان يۇرتلار بار. بۇ نام تارىختا تۇرپان ئويمانلىقىدا خانلىق قۇرغان «قاڭقا ياكى قاڭقىل» قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن. «قاڭقا»نىڭ قانداق بارلىققاكەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تارىخىي داستان «ئوغۇزنامە» گە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. داستاندا مۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ: ئوغۇزىان بىر قېتىملىق جەڭدە، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەت ئالىدۇ. بۇ غەنىيمەتلەرنى توشۇپ كېتىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئوغۇزخاننىڭ قوشۇنىدىكى بارماق يوسۇن بىلىگ دېگەن ئەقىللىق بىر ئادەم بىر ھارۋا ياسايدۇ. باشقىلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپ، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غەنىيمەتلەرنى ھارۋىغا بېسىپ توشۇپ كېتىدۇ. ھارۋا ماڭغاندا (قاڭق، قاڭق) دەپ ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن ھارۋىغا «قانقا» دەپ نام بېرىشىدۇ. ھارۋىنى ياسىغان ئادەمنى «قاڭقىلى» دەپ ئاتايدۇ. پۈتۈن قاڭقىللىقلار دەل شۇ كىشىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. «قاڭقا» سۆزى ماتېرىياللاردا «قاڭقا»، «قانقا»، «قاڭلى» ۋە «قاڭقىلى» دېگەندەك شەكىللەردە ئۇچرايدۇ.
(4) تاۋغاچ – توقسۇن ناھىيىسىدە «تاۋغاچلار مەھەللىسى» دەيدىغان بىر مەھەللە بار. «تاۋغاچ» سۆزى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅰ توم، 38 – بەت)دا: «تاۋغاچ، بۇ – ماچىن دېمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ» دەپ ئىزاھلايدۇ. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تۈركچە «ئىندىكىس» (429  بەت)تە:«تاۋغاچ – تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى» دەپ ئىزاھلايدۇ. تۈرك تارىخچىسى باھائىددىن ئۆگەلنىڭ «تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا كىرىش» دېگەن ئەسىرىدە «تاۋغاچ» سۆزىنى «جۇڭگولۇق» دېگەن مەنىدە قوللانغان. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تاۋغاچلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىق.
(5) يوپۇرغا – ھازىرقى ناھيىسىنىڭ قەدىمكى ئورنى «ياباقۇ» چېگرىسى بولغىنى ئۈچۈن، خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان جەڭدە شېھىت بولغان ئارسلان تېكىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، كىشىلەر بۇ يەرنى «يوپۇرغا» دەپ ئاتاشقا بولۇشى مۇمكىن. دەپ قارىغۇچىلار بار. خەنزۇ تىلىدا بۇ يەر ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «兵普湖» دېيىلىدۇ. ياباقۇ – تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى.
(6) توققۇزاق (قەشقەر كونا شەھەرنىڭ نامى)، ئىكىساق (ئاتۇشقا قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى). بۇ ناملار ئەسلىدە (توققۇزساق)، (ئىككى ساق) بولۇپ، قەدىمكى ساك قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان يۇرت ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
(7) يەر – جاي ناملىرى ئىچىدە مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئۇيغۇر شەھىرى، ئۇيغۇر غول، ئۇيغۇر چوققا (قۇمۇل تاغلىرىدا)، تاتار مەھەللىسى (يەكەندە)، تۇڭگانمازار(مارالبېشىدا)، تۇڭگان مەھەللە (نىلقىدا)، قازاق مەھەللە (ئاقسۇ شەھىرىدە)، سالار كەنتى (غۇلجىدا)، مۇڭغۇل كەنتى (چاپچالدا) قاتارلىقلار. بۇ ناملارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە يۇرتتا ئۇچرايدۇ. بۇ ناملار بۇنداق بارلىققا كەلگەن: بىرەر مىللەت ئادەملىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بىرەر يۇرتقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقتىن شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان. لېكىن ھازىر شۇ يۇرتتا شۇ مىللەت ئادەملىرىنىڭ بولۇشى ناتايىن.


تۆتىنچى، يۇرت نامى بىلە ئاتالغان يەر ناملىرى. مەسىلەن، ئالمۇتا كەنتى (غۇلجا شەھىرىدە)، ئاۋات كەنتى (قاراقاشتا)، ئەنجان كارىزى (تۇرپاندا)، ئەنجان ئېرىقى (پەيزىۋاتتا)، بارچۇق كەنتى (قاراقاشتا)، پەيزىۋات كەنتى (كۇچادا)، پوسكام كەنتى (مەكىتتە)، تاشكەنت كەنتى (غۇلجىدا)، توقسۇن كەنتى (بايدا)، تۇرپانيۈزى (غۇلجىدا)، تۇرپان كەنتى (چارقىلىقتا)، چارقىلىق كەنتى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)، خوتەن مەھەللىسى (قاغىلىقتا)، دولان مەھەللىسى (گۇمىدا)، قاراقاش كەنتى (پەيزاۋاتتا)، قاغىلىق كەنتى (كېرىيىدە)، قەشقەر مەھەللىسى (مارالبېشىدا)، قوقان كەنتى (قاراقاشتا)، قۇمۇل كەنتى (گۇمىدا)، كەلپىن كەنتى (يېڭىساردا)، لوپ كەنتى (چارقىلىقتا)، مەكىت كەنتى (ئۇچتۇرپاندا)، ئۇچ كەنتى (ئاقچىدا)، يەكەن مەھەللىسى (خوتەندە)، يېڭىسار كەنتى (ئۇچتۇرپاندا)... قاتارلىقلار.

بەشىنچى، كىشى ئىسىملىرى ۋە لەقەملىرىگە قويۇلغان يەر ناملىرى. مەسىلەن، ئابلاخۇن كارىزى، ئاقئايلاساي، ئارسلانخان كەنتى، بارات مەھەللىسى، جالالباغ، مامۇتلەڭگەر، مىرسالى مەھەللىسى، سەلەيچوڭ ئېرىق، نۇراخۇنبۇلاق، ھېلىمھاجى مەھەللىسى، تورغايلار مەھەللىسى، جۈجەكلەر مەھەللىسى، خورازلار مەھەللىسى، قوچقارلار مەھەللىسى، چەكمەنكارىزى، قودايلار مەھەللىسى... قاتارلىقلار. شىنجاڭدا كىشى ئىسمى ۋە لەقىمى بىلەن ياسالغان يەر جاي ناملىرى خېلى نۇرغۇن. كىشى ئىسمى بىلەن كەلگەن يەر – جاي ناملىرى يۇرت ئىچىدە يۈز – ئابرويى بار ئادەملەر نامىغا قويۇلغان.

ئالتىنچى، كەسىپ ناملىرى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى: بۇ خىل يەر – جاي ناملىرى شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ نېمە كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن ئەلگەكچى، بوياقچى مەھەللىسى، تاۋاقچى مەھەللىسى، تاغارچى كەنتى، تەڭلىچى مەھەللىسى، تۈگمەنچى مەھەللىسى، تونۇرچى مەھەللىسى، تۆگىچى مەھەللە، چويۇنچى كەنت، خۇمدان كەنتى، سېۋەتچى مەھەللە، شامچى كوچا، چايچى مەھەللە، قايماقچى كەنت، كۆنچى مەھەللە، ئوۋچى مەھەللە، ياغاچچى كەنت، قەغەزچىلەر مەھەللىسى، يىكچى كەنت، قاسساپ مەھەللىسى... قاتارلىقلار.

يەتتىنچى، ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن، ئاقساقمارال، بۆرىكۆل، بۆرەبۇلاق، پاختەكلە، پاقابۇلاق، توڭگۇزلۇق، قۇشقاچباغ، كەكلىكچۆل، ھوقۇشدۆڭ، جەرەنبۇلاق، ئىلانلىق... قاتارلىقلار.

سەككىزىنچى، دەل – دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن ئازغانبۇلاق، ئالمىلىق، ئەمەنلىك، توغراقلىق، قالغايلىق، تىكەنلىك، ئۈزۈمچىلىك، شوتابۇلاق، جىگدىلىك، چىغلىق، چىغىرتماقلىق، چىلانلىق قۇشتېرەك، زاغۇنلۇق، سۆكسۆكلۈك، ئۆرۈكلۈك، يۇلغۇنلۇق، يانتاقلىق، قۇمۇشچۆل... قاتارلىقلار.

توققۇزىنچى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشىغا قاراپ قويۇلغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن ئويمانتۇر، دۆشتۇر، دۆڭمەھەللە، دۆڭكۆۋرۈك، دۆڭمازار، قاتار چوققا، يالاڭكارىز، ئويبازار، ئاقساي، سەككىز كۆتەل، ئويئېرىق، سايباغ، سايتۈگمەن، سايئۆستەڭ، سايئېرىق، قۇمباغ، قۇمئېرىق، يۇلغۇندۆڭ، شور بۇلاق، بەلساي، يېكەنكۆل، قومۇشكۆل...قاتارلىقلار.

ئونىنچى، دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن ئاخۇنمەھەللە، ئاخۇنئېرىق، ئازنا مەسچىت، ئەۋلىيا كەنتى، باخشى كەنتى، بېھىشباغ، خانىقا مەھەللىسى، خاتىپكارىزى، داخانلار كەنتى، رەمبال مەھەللىسى، سوپىلار مەھەللىسى، كۆھمارىم، شېھىتلىرىم كەنتى، قاىخانا كەنتى، مازار غوجام، شىڭشىڭشيا غوجام، مەدرىس كەنتى، ئوقۇر مازار، ۋەخپە كەنتى، ئىماملىرىم، ئىسلامئاۋات كەنتى دېگەندەك يەر – جاي ناملىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ خىل ناملارغا بەزى ئەپسانىلەر سىڭىپ كەتكەن ۋە بىر خىل سىرلىق تۈسنى ئىپادىلەيدىغان ناملارغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئون بىرىنچى، قەدىمكى ھەربىي ئاتالغۇلار بىلەن باغلانغان يەر – جاي ناملىرى، بۇ خىل يەر ناملىرى بىۋاستە ھالدا پوتەي، تۇر (تۇرا)، تىم، قاراۋۇل، قورغان، قەلئە، ساھار، (ھېسار) دېگەندەك سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بەشقورغان (تاشقورغاندا)، پالۋانتۇر، چۆلتۇر، قۇمتۇر، چوڭتۇ، دۆشتۇر، چوقايتۇر، چاشقانتۇر (بۇ يەرلەر قۇمۇلدا)، پوتەي كەنتى (توقسۇندا)، تۇرا كەنتى(كەلپىندە)، تۇر كارىز (پىچاندا)، تۇركەنت (بايدا)، تىم كەنتى (شاياردا)، چولاقتۇر (توقسۇدا)، قاراۋۇل ( ئاقتۇدا)، قاغىتۇر كەنتى (ئۇچتۇرپاندا)،قورغان كەنت (يەكەندە)، قىزىلتۇر كەنتى، قۇشتۇر كەنتى (تۇرپاندا)، كونا تۇر كەنتى (بايدا)، ھاسار كەنتى (گۇمىدا)، ئويتۇر كەنتى (ئۇچتۇرپاندا) قاتارلىقلار.

ئون ئىككىنچى، قەدىمكى ھاكىمىيەت ناملىرى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن، بەشبەگ (قاغىلىقتا)، خالىق ۋەخپىسى كەنتى (خوتەندە)، خانئېرىق كەنتى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)، خانكۆۋرۈك كەنتى (يوپۇرغىدا)، خانكۆل كەنتى (مەكىتتە)، خانلەڭگەر (پوسكامدا)، ئوردا كارىز، ئوردا قوۋۇق (قۇمۇلدا)، ئېردا ئېرىق (ئاقتۇدا)...قاتارلىقلار.

ئون ئۈچىنچى، ھەپتە ئىچىدىكى ھەرقايسى كۈنلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن، دۈشەنبە بازار، سەيشەنبە بازار، چارشەنبە بازار، پەيشەنبە بازار، ئازنا بازار، شەنبە بازار، يەكشەنبە بازار دېگەن ناملار ئاستىدا ھەرقايسى يۇرتلاردا نۆۋەت بىلەن بازار بولۇپ تۇرغان. بۇ بازار ناملىرى دەسلەپ، سودا – سېتىق ئورنىنى بىلدۈرگەن بولسا، كېيىنچە بىرەر يۇرت ياكى مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

ئون تۆتىنچى، مېتال – مەدەن نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن كۈمۈشبېكىتى، ئالتۇنبۇلاق، ئالتۇنتاغ، تۆمۈرتى، زەگەر كەنتى، مىسبۇلاق، مىسكەنت، قەلەيچى مەھەللىسى قاتارلىقلار.

ئون بەشىنچى، رەڭ بىلەن سۈپەتلەنگەن يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن ئاقساي، ئاقتاغ، ئاقدۆڭ، ئاقئۆستەڭ، ئاقسۇ، ئالاقاغا، بوزدۆڭ، سېرىقبۇيا، قاراتاغ، قارادۆڭ، قاراسۇ، قارا يۇلغۇن، قاراقاش، قىزىلبۇلاق، قىزىلتاغ قىزىلقۇم، قىزىلسۇ، قىزىليار، قىزىليۇلغۇن، كۆكگۈمبەز، كۆكتۇمشۇق، كۆكبۇقچا قاتارلىقلار.

ئون ئالتىنچى، سان بىلەن ياسالغان يەر – جاي ناملىرى. بۇ خىلدىكى يار ناملىرىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئەللىككەتمەن كەنتى، بەشبۇلاق كەنتى، بەشتام كەنتى، بەشتوغراق كەنتى، بەشتۈگمەن، بەشتېرەك، بەشدۆڭ، بەشكارىز، بەشكېرەم، بەشگۈمبەز، بەشئېرىق، توققۇز بۇلاق، توققۇز توما كەنتى، سەككىز كۆتەل، ئۈچدەرۋازا، ئۈچكۆۋرۈك، ئۈچئۆستەڭ، يەتتە قۇدۇق، يەتتە قىزلىرىم، توققۇزئەگىم... قاتارلىقلار.

ئون يەتتىنچى، مۇھىت ئالاھىدىلىكى بىلەن باغلانغان يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن، بوستان كەنتى، چېچەكلىك كەنتى، چىمەن كەنتى، گۈلچى كەنتى، بورانلىق، چىمەنزار، گۈلچىمەن كەنتى، گۈللۈكھويلا، گۈلمەھەللە... قاتارلىقلار. ئۇيغۇر خەلقى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. يۇقىرىقىدەك يۇرت ناملىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. يۇقىرىقىدەك يۇرت ناملىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

بىز يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – جاي ناملىرى ئادىتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، تولۇقسىز ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، شىنجاڭدا تەخمىنەن يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق يەر – جاي ناملىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش ناھايىتى چوڭ تېما. ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تېما كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغۇسى.

بۇ يەرنى چەكسىڭىز سىن ھۆججىتى قويۇلىدۇ


كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ
قەدىمكى ناملىرى

 پائول پېللىئوت



  لېكوك قىزىل ۋە شورچۇقتىن تاپقان قەدىمكى قوليازمىلار ئارىسىدىن ئاتاقلىق ئالىم لۈدېرس كۇچانىڭ يەرلىك تارىخىغا دائىر ئاتالغۇلارنى بايقىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۇچانىڭ سانسكىرتچە ئاتىلىشى بولغان Kua سۆزى بىرنەچچە ئورۇندا ئۇچرايدۇ، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇچرىشى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە شۈەن زاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىكى چۈجى(屈支>Kui<) دېگەن ئاتالغۇنى سالىدۇ، بۇ سانسكىرتچە ئاتالغۇنىڭ نەق ئۆزى، خالاس. بۇنى سانسكىرتچە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سانسىكىرتلاشمىغان يەرلىك نامدۇر. بىز خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ كۇچا نامىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە ھەر خىل يېزىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ خەنزۇچە ناملار ئاساسەن بىرلا خىل كۈسى(Küchi) دېگەن يەرلىك ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىدىنلا ئىبارەت، بۇنى ھەرگىزمۇ كۈچى(Kui)نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دېگىلى بولمايدۇ، لۈدېرس
ھازىرقى كۇچا نامىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغان بولسىمۇ، بۇ ئاتالغۇنىڭ 17 - ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگەن، چۈنكى بېنوئىت دېگويېس بۇ نامنى كۇسيا(Cucia) دەپ يازغانىدى. ئەمەلىيەتتە 1330 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدىكى كلاسسىك ئەسەرلەردە بۇ نام ئاھاڭى شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۇچا(苦叉) دېگەن خەت بىلەن يېزىلغان، بىراق بۇ مەزكۇرئاتالغۇنىڭ موڭغۇلچە تەرجىمىسى ئەمەس، بىز موڭغۇللارنىڭ بۇ سۆزنى نېمە ئۈچۈن «كۈسەن» دەپ يازغانلىقىنى بىلمىدۇق، مانا بۇ «يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى»دىكى كۇچا نامىدۇر. خەنزۇلار مانا بۇنى ئايلاندۇرۇپ چۈشيەن، كۇشيەن دەپ  خاتىرىلىگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خوتەن نامىنىڭ يەنە ئۇدۇن دەپ يېزىلغانلىقىغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا موڭغۇلچە كۈسەن نامىنىڭ «تارىخى رەشىدى»دە دائىم كۆرۈلۈشى نورمال ئىش، بۇ بەلكىم تىبەتچە «دازاڭ تانجۇر» دېگەن نومدا ئۇچرايدىغان Khusen نىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ يەردە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختالماقچىمەن، تەپسىلىي توختىلىش كەلگۈسىگە قالدۇرۇلىدۇ. لۈدېرس تەتقىق قىلغان ھۈججەتلەردە كۈسەن خانلىرىدىن ئىككىسىنىڭ نامى ئۇچرايدۇ. بىرىنىڭ ئىسمى ۋاسۇياساس(Vasuyasas)، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئارتېپ(Artep)، بۇلارنىڭ قايسى زاماندىكى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا لۈدېرس س. لېۋى تەتقىق قىلغان Svarnate) Suvarnadeva) دېگەن نامنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ چوقۇم سۋارناتېپ(Svarnatep)دەپ يېزىلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىغان. مەنمۇ ئىلگىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن سۇفاديې\(苏伐叠)غا ئاساسەن مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم. بۇنى لۈدېرسنىڭ تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ پەرەزنىڭ خاتا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.قەدىمكى كۈسەن تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كۈچلۈك بىر بەگلىك ئىدى. بىراق، ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىردىنبىر بەگلىك ئەمەس ئىدى. كۈسەننىڭ غەربىدىكى مۇھىمراق بەگلىك خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى  مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن 姑墨 بەگلىكىدۇر. شۇەنزاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە بۇ يەر 跋禄迦(بارۇكا) دەپ يېزىلغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاتتېرس(Watters)«بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»دە تىلغا ئېلىنغان يەنجى( بۈگۈنكى قاراشەھەر)نى سانسكرىتچىدىكى ئاگنى(Agni)نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ «ئوت» دېگەن مەنىدە بولۇپ، تۈرك تىلىدا ئوت «يانغى»دېيىلىدۇ، ئاگنى سۆزى مانا مۇشۇ سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دېگەنىدى. ئۇ يەنە 跋禄迦 سانسكرىتچىدىكى بالۇكا«ئەسلىدە ۋالۇكا بولۇشى كېرەك»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى قۇم دېگەنلىكتۇر،  شۇڭا بۇ يەر خەنزۇچە مەنبەلەردە گۇمو(قۇم-姑墨) دەپ يېزىلغان، دەيدۇ. بۇنداق دەلىللەش تەلەپپۇز نۇقتىسىدىن قارىغاندا توغرىدەك قىلىدۇ، ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولغان. كۆپچىلىك غەربىي يۇرتنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردە تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا، بۇنداق چۈشەندۈرۈش ناھايىتى تەبىئىي بولغان بولاتتى. بىراق،  مىلادىيە 10- ئەسىردىن ئىلگىرىكى پۈتكۈل غەربىي يۇرتتا بىر قىسىم ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 姑墨نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى قۇم ئەمەس بەلكى دىماغ تاۋۇشىدىكى ھەرپلەردە«قۇماق» ياكى «قۇماغ» بولۇشى كېرەك. بۇنى تۈركچە يېزىلىشى بويىچە ئەمەس بەلكى موڭغۇلچە يېزىلىشى بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. لۈدېرس ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان كەمتۈك ۋاراقلار ئىچىدىن بارۇكا(Bharuka)دېگەن دۆلەت نامىنى بايقاپ قالغان ۋە بۇنى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 跋禄迦 دۆلىتىنىڭ نەق ئۆزى دەپ قارىغان. ناۋادا ئۇنىڭ تەتقىقاتى خاتا بولمىسا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەردىن خالىي بولغان بولاتتۇق، بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن بۇ مەسىلىنىڭ يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.بۇ نام نارېندراياساس تەرجىمە قىلغان «يۆساڭ نومى»دا婆楼迦 دەپ يېزىلغان، بۇ نامنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. خۇي لىننىڭ «بارچە نوملارنىڭ شەرھى»دېگەن كىتابىدا بارۇكا دۆلىتىدىن  末禄 مولۇ پاختا رەختى چىقىدۇ، شۇەن زاڭنىڭ «ساياھەت خاتىرىسى»دە خۇددى«يېڭى تاڭنامە»نىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىكىگە ئوخشاش «بارۇكا دۆلىتىدىن نەپىس پاختا رەخت، نەپىس كىگىز چىقىدۇ» دېيىلگەن. بۇ يەردىكى 末禄 نى بارۇكانىڭ باشقىچە يېزىلىشى دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىقىلار سانسكرىتلاشقان بەگلىك ناملىرى، بۇ ناملارنىڭ يەنە يەرلىك ئاتىلىشلىرىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇمو، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باخۇەن(拔换)لەردۇر. گۇمو دېگەن بۇ نام «تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى»نىڭ«غەربىي يۇرت»قىسمىدا 12 ئايماق ئىچىدە كەلگەندە خېمو.... دەپ يېزىلغان. بىراق جيا شېننىڭ «يوللار تەزكىرىسى»دە گۇمو دەپ يېزىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى ناملارنىڭ يېڭىچە قوللىنىلىشىدىنلا ئىبارەت. چۈنكى بۇ يەر تاڭ دەۋرىدە يەنە داۋاملىق گۇمو دەپ ئاتالغان ئەمەس. بىراق، مەن بۇ نامنى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ساقلىنىپ كەلگەن دەپ قارايمەن. ئەينى دەۋردە كۇچادا جيەنموۋاڭ(剑慕王) ئىبادەتخانىسى دېگەن بىر ئىبادەتخانا بار ئىدى. مەن بۇ يەردە گۇمونىڭ ھەر خىل خەنزۇچە يېزىلىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلماقچى ئەمەسمەن. بىز جيەنمونىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشىنىڭ كاممو\(Kammo)، كامبو (Kambo) ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. گۇمو دەل مۇشۇ ئىبادەتخانا جايلاشقان كۇچا بىلەن ۋېنسو بەگلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.  كامبو بەلكىم گۇمونىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىن، ياكى  ھىندىستاندىكى كامبوجا دېگەن دۆلەتنىڭ نامى خاتا ھالدا بۇنىڭغا باغلاشتۇرۇپ  قويۇلغان. بۇ خۇددى Kusinagara دىكى Kusi نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى كۇچاغا ئىسىم بولۇپ قالغىنىغا ئوخشاش ئىش. باخۇەن نامىغا كەلسەك، بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەن بۇ ئىسىمنى ئىدرىسىنىڭ جۇغراپىيە تەزكىرىسىدىن كۆرگەنلىكىمنى چۈشەندۈرگەنىدىم. بۇ قارىشىمدىن ھازىرمۇ يانمايمەن. لۈدېرس ئۆزىنىڭ جۇغراپىيە تەتقىقاتىدا مۇنداق بىر كونا كۆزقاراشنى تىلغا ئالمىغان، ئىلگىرى كىشىلەر خاتا ھالدا گۇمونى ئاقسۇ بىلەن كۇچانىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە مۇنداق كۆزقاراشنى دەلىللەشكە ھېچقانداق ئورۇن يوق. چۈنكى گۇمو دېمەك ئاقسۇ دېمەكتۇر. ستەيىن ئۆزىنىڭ »سېرىندىيە«دېگەن كىتابىنىڭ 1297 - بېتىدە بۇ جايغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەتقىقاتلارنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ ئۆتكەن. لۈدېرس تەتقىق قىلغان ھۈججەتتە يەنە ئىككى يەر نامى ياكى دۆلەت نامى بار، بۇنىڭ بىرى ھىپپۇكا(Hippuka)بولۇپ ئورنى مەلۇم ئەمەس. يەنە بىرى H.yuka( باشتىكى ھەرپ تۇتۇق بولۇپ a بولۇشى مۇمكىن ياكىi, e, o بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز uئەمەس)، لۈدېرس\ بۇنى خوچيۇكا\( Hocyuka)دەپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ، بۇ تۇرپان ئەتراپىدا بولۇپ، قەدىمكى قوچۇنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش توغرا بولمىسا كېرەك. 6- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تەرجىمە قىلىنغان «يۆساڭ نومى»غا كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەردىن بولۇكانىڭ كەينىدە شىجۇجيا 溪周迦 دېگەن دۆلەت نامى\  بار. لېۋىي بۇنى ھېجۇكا(Hejuka)دەپ ئەسلىگە ياندۇرغان( يىراق شەرق فرانسىيە مەكتىپىنىڭ ژۇرنىلى، 5- جىلد، 263- بەت). بىراق 周 خېتى قەدىمكى ئوقۇلۇشى بويىچە تىل ئالدى تاۋۇشى بىلەن ھېچۇكا ياكى ھېچيۇكا دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك، لۈدېرس كۆرگەن ئەسلى نامنى مۇشۇنداق تۈزىتىشكە بولىدۇ. بىراق، قوچۇنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلغىلى بولمايدۇ
10.ئۇنداقتا ھېچيۇكا زادى قەيەردە؟ بۇ دۆلەت نامى «يۆساڭ نومى»دابالۇكا دۆلىتى بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغان. بالۇكا دۆلىتى دەل ھازىرقى ئاقسۇ. ئاقسۇنىڭ غەربىدىكى جاينىڭ نامى ئۇچتۇرپاندۇر. تۇرپان نامى كېيىنكى يىللاردا قوشۇلۇپ قالغان. قەدىمكى يۇرت نامى بولغان ئۇچ 1330 - يىلى 倭赤 دەپ، خەن سۇلالىسى\  دەۋرىدە ۋېنسۇ(温宿)دەپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈجۇ(于祝) دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسى  قىلىنغان11. جۇ祝 خېتى قەدىمكى ئوقۇلۇشى بويىچە تىل ئارقا تاۋۇشى بىلەن ئۇچۈك(ucük) دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك. مەن سانسكرىتلاشقان ھېچيۇكا، ھېچۇكا دېگەن ناملارنى دەل مۇشۇ 于祝 نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارايمەن12. ئەمدى ۋېنسۇغا كەلسەك، ۋېنسۇدىكى سۇ تىل ئالدى تاۋۇشىغا تەۋە13.  ۋېنسۇ قەدىمكى تەلەپپۇزى بويىچە ئۇرسۈك ياكى ئۇرچۈك  دەپ ئوقۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇمۇ خەنزۇچە يۈجۇ، شىجۇجيالاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. مانا مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا لۈدېرس بايقىغان بىر نەچچە خىل نام ھەققىدىكى تەتقىقات ئاقسۇ، كۇچا، ئۇچتۇرپان ناملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  
ئىزاھلار:① 1922 - يىلى ئېلان قىلىنغان «پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى خاتىرىلىرى»نىڭ 342 − 162-بەتلىرىدىكى «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىي يەر ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات»دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
  龟  ② خېتى دائىم 归 دەپ ئوقۇلۇپ قالىدۇ، بۇ يەردە جيۇ鸠 دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك. جۇڭگودا يەرلىك تىلدىكى بۇ باش ھەرپنى ئىپادىلەيدىغان تەڭداش يۇنمۇ بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭدىكى يۇنمۇ ياكى U ھەرپىدىن بۇ سۆزنىڭ Küchi ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ سۆزنىڭ بەزى - بەزىدە 归兹دەيدىغان ئالاھىدە يېزىلىشىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بىز u ھەرپىنىڭ براخما يېزىقىدا yu دەپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ui دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. كەينىدىكى 兹 خېتىغا كەلسەك جاراڭلىق ئوقۇلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تەڭدىشى Kuji) j=zh) بولسا كېرەك. بۇ خىل جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن يېزىلىش مەسىلىسىنى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى 拘夷 بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. مانا بۇ جۈيىنىڭ يەرلىك تىلدا ئوقۇلۇشى كۈجى(Kuji) بولسا كېرەك. جۈيى خېتى ئىلگىرى 拘尸那揭罗) kusinagara) دەپمۇ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان، بۇ كىشىلەرگە تونۇشلۇق. ③ پ. كورديېرنىڭ«تىبەت خاتىرىلىرى»ناملىق ئەسىرىنىڭ 3- جىلد 433 - بېتىگە قاراڭ.④ بارۇكا دۆلىتى «بۈيۈك توز نومى»دا بارۇكاچچا(婆卢揭车) نامى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنغان. لېۋى ئۆزىنىڭ«بۈيۈك توز نومى. يېچا ناملىرى»دا بۆتلىڭنىڭ لۇغىتىدە بارۇكا دېگەن بىر پادىشاھنىڭ نامى بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئالاھىدە چۈشەنچە بەرمىگەن.⑤  «يېڭى تاڭنامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە «بارۇكا بىر كىچىك بەگلىك» دېيىلگەن بولسا،«تاجىكلار تەزكىرىسى»دە «شەرقتە مولۇ末禄 دېگەن بىر كىچىك بەگلىك بار» دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە»نى خاتا پايدىلىنىپ قالمىغان بولسام بۇ ئىككىسىنى ھەرگىز بىر نام دەپ قاراشقا بولمايدۇ.⑥ 1913 - يىلىدىكى «ئاسىيائىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2- توم، 338 - بېتىدىكى لېۋىنىڭ ماقالىسىگە قاراڭ.⑦ مەن مىلادىيە 288 - يىلى تەرجىمە قىلىنغان نومدىكى كامبو(剑浮)دۆلىتىنى 姑墨 دۆلىتىنىڭ ئۆزى دەپ قارايمەن.⑧ «تۇڭباۋ»نىڭ 1907 - يىللىق سانىنىڭ 553- بېتىدىن 556 - بېتىگىچە بولغان جايلارغا قاراڭ. ستەيىن ئۆزىنىڭ «سېرىندىيە» دېگەن كىتابىدا باخۇەن 拔换  نامىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنى دەلىللىمىگەن. بىراق بۇ ماقالە 1906 - يىلى مەن قەشقەردىكى چاغدا يېزىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.⑨ «يۆساڭ نامى»دا تىلغا ئېلىنغان 25 بەگلىك ئىچىدە 溪浮迦  بەگلىكى دېگەن بىر نام ئۇچرايدۇ. بۇ بەلكىم Hecyuka نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن.  بىراق بۇ بەگلىكنىڭ ئورنى تېخىچە ئېنىقلانمىدى. 10 مېنىڭچە «يۇ» يۈنمۇسى براخما ۋە تۈرك يېزىقلىرىدا «ئۈ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك، «قوچو» نامىدا مۇنداق ھەرپ يوق. تۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى 288 - يىلى تەرجىمە قىلىنغان نومدا ئالدى قوش بەگلىكى دەپ ئېلىنغان. بۇ دەل ئىلگىرىكى ئالدى قوش بەگلىكىدۇر. قىسقىسى، بۈگۈنكى تۇرپان بىلەن بېشبالىق ئىككىسى ئوخشاش. ئالدى قوش دۆلىتى ھەققىدە «ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1912-يىللىق 1- ساندىكى مېنىڭ  579- بەتتىن 580- بەتكىچە بولغان چۈشەندۈرۈشۈمگە قاراڭ.11 شاۋاننىڭ «غەربىي تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دېگەن كىتابىنىڭ 9- بېتىگە، ستەيىننىڭ «سېرىندىيە» دېگەن كىتابىنىڭ 1299- بېتىگە قاراڭ.12 ھازىرقى خوتەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۈتيەن于阗، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئودون(斡端)  دەپ يېزىلغان، نېمە ئۈچۈن مۇنداق يېزىلغانلىقى\  ئېنىق ئەمەس.\  ھېچيۇكا(溪周迦)دىكى e بىلەن ئۇچ(于祝) تىكى u نى سېلىشتۇرساق بۇ بەلكىم توخرى تىلىدا دائىم كۆرۈلىدىغان تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا كېرەك. لېۋى «ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1913 - يىللىق 2-توم 372- بېتىدە بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرگەن.宿  13  خېتى تىل ئالدى ۋە تىل كەينى تاۋۇشلار بىلەن ئىككى خىل ئوقۇلىدۇ. ۋېنسۇ يەنە جيا شېننىڭ «يوللار تەزكىرىسى»دە 宿肃 دەپمۇ يېزىلغان، بۇ يەردىكى 肃 خېتى تىل كەينى تاۋۇشى بىلەنمۇ ئوقۇلىدۇ.
1995 - يىلى بېيجىڭ سودا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «غەربىي يۇرت ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تارىخ - جۇغراپىيىسىگە ئائىت تەتقىقاتلار» ناملىق توپلامنىڭ 1-تومىدىن تەرجىمە قىلىندى.
 تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىز ئورخۇن تەرجىمە تەھرىرى: دىلمۇرات مۇسا
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2006 - يىل 1 – سان
قۇلۇلىنىڭ يۇمران تېنى ئىچىدىكى ھاياتلىق شامى ئاجىز پىلدىرلىسىمۇ، ئۇنىڭ تۆمۈردەك مەزمۇت قېپى زامان تانابىغا تىزىلىپ مەڭگۈ يالتىرايدۇ.
                                                             - نەسرى ئىلھاملىرىم.
      
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت مەرگىزى بولغان «ئۈرۈمچى»، ئۆزىنىڭ بۇ تارىخى جەڭگىۋار نامىنى، تالاي تارىخى قىسمەتلەردىن ھالقىتىپ يىتىپ كەلگەن رىياللىق پەنجىسىدىكى ئېسەنكىرەشلىرى ۋە ئەسلى ئاتالغۇ ھەقىقىتىدىن يىراقلاشقان ھالدىكى غەيرى، ئۆزگىچە تەبىرىدىن مۇڭلۇنۇپ، تۈركىي ئەۋلاتلىرىنىڭ  تۈركىي ئەجدات تىلى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇقەددىمە ياكى ئەڭ ئاخىرقى ئىھتىماللىقىدا، ئۇنتۇلۇش خەۋپسىرەشلىرى بىلەن جىددى ئېنىقلىما بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.
     «دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەرناملىرى ھەققىدە»دە خېلى كۆپ تەپسىلاتلاردىن كېيىن: « خۇلاسە: "ئۈرۈمچى" سۆزى ئەسلى"رۇمچە"دېگەن تۈركىي سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ... ئەسلى نامى "ياڭىبالىق"ئىدى.»دېگەن ياشمە بىلەن تاماملايدۇ. بۇ ھۆكۈمدىن قانائەتسىزلەنگەن بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر:« ئۆرۈمچى – سودىدا مال ئالماشتۇرۇش، سودا سېتىق رايونى. تاللىق، ئۆرۈلگەن چاچ »قاتارلىق سىمۋوللۇق مەنىلەرگە باغلايدۇ. «تارىخى ھەمىدىي»دە : «ئۈرۈمچى»نىڭ ئەسلى«رۇمچە»دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەنلىنى قۇۋەتلەيدۇ.
     يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھېچقانداق تۈركىي تىل يىلتىز ئاساسى ۋە تارىخى ئىلمى ئاساسى  يوق.  
     «ئۈرۈمچى»ئاتالغۇ يەشمىسىگە تۇتۇنۇشتىن بۇرۇن، ئاۋال «ئۈرۈم» مەسىلىسىنى ھەل قىلماي بولمايدۇ. «ئۈرۈمچى» قەدىمدە «ئورۇمتاي» ۋە «ئورۇمتاي»نىڭ قىسقارتىلمىسى «رومتاي»دەپ ئاتالغان. ھازىرچە، «ئۈرۈمچى»دىكى «چى» بىلەن «ئورۇمتاي»دىكى «تاي»نى نەزەرگە ئالماي تۇرساق، ھەرئىككى ئاتالغۇدىن «ئورۇم»بىلەن «ئۈرۈم» قالىدۇ. سوزۇق تاۋۇش«ئو»،«ئۈ»نىڭ تارىخى ئاتالغۇلار تەكرارىدا بىر-بىرىگە ئورۇن بېرىش ئاددى تىل تەلەپپۇز ھەقىقىتىدىن: «ئورۇم» بىلەن «ئۈرۈم»نىڭ مەنبەداش ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ھەر ئىككىسىگە «ئورۇم»نى ۋەكىل قىلىپ ئېلىشقا بولىدۇ.
     تۆۋەندە، «ئورۇم»ئاتالغۇسىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەۋجۇت ئاتالغۇ ئەمەلىيىتىگە جىپسىلاشتۇرغاندىكى يەشمە ئىھتىمالىنى كۆرۇپ باقايلى:  
     «ئورۇم»نى پۈتۈن ئاتالغۇ ھالىتى بىلەن «دىۋان»دىن ئىزدىسەك ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيمىز. ئەمما، «ئورۇم»نى «ئور» ۋە «ئۇم»غا پارچىلاپ قارىغىنىمىزدا، خۇشاللىقىمىزنى باسالماي قالىمىز: «ئوردۇ- ... يەر ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلار ئۇۋىسى»(«دىۋان»1-قىسىم168-بەت). «ئوردۇ»( ھايۋانلار ئۇۋىسى) يەر ئۈستى تەكشىلىكىدىن تۆۋەن ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. «ئورغاق-(دېھقانلار پىشقان زىرائەتلەرنى ئورۇشتا ئىشلىتىدىغان) ئورغاق»(«دىۋان»1-قىسىم 161-بەت). «ئورغاق» ئەسۋابى يايى سىمان، ئىككى بېشىدىن ئوتتۇرىسى پەس بولىدۇ. بىز ئادەتتە يېڭى چىققان ئاينى ئورغاق ئاي دەيمىز. بۇ خىل يېڭى چىققان ئايغا «ئور» ئاتالغۇسىنى قوشىشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ: ئاينىڭ ئىككى بېشىدىن ئوتتۇرىسى تۆۋەن يايى سىمان ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىستىمالىدا: سەۋزە ۋە چامغۇر كۆمۈپ ساقلايدىغان ئورۇننى «ئورا»، چوڭقۇر كولانغان ئورۇننىمۇ «ئورەك»دەپ « ئور»نى كەڭ تۇردە قوللىنىدۇ. ھەتتا چىشى ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى «ئورغاچى»دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئەركەك ھايۋاندىن كىچىكرەك ھالىتىگە «ئور» ئاتالغۇسىنى قاتقان. «ئورۇم»دىكى «ئۇم»نىڭ تارىختىكى تۈركىي تىل يىلتىزى «ئىم»بولۇپ، «ئۇرئىم» كېيىنچە «ئورۇم»غا ماھىللاشقان.«ئىم» ئاتالغۇسى ھەققىدە «دىۋان»دا: «ئىم – ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە. مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قۇراللارنىڭ ئېتى بىلەن ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر-بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى ئۆز كىشىسى ھىساپلايدۇ، بىلمىسە ھوجۇمغا ئۇچرايدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس»(1-قىسىم54-بەر)دېگەن ئېنىقلىما ئۇچرايدۇ. دېمەك «ئىم» تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ خاس ئالاقە بەلگىسى بولۇپلا قالماي، مۇئەييەن شارائىتتا تۈركىي مىللەتنىڭ ئۆزىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.
     «ئورۇمتاي»نىڭ قىسقارتىلمىسىدىكى «رۇمتاي»نىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى «لۇن تەي» بولۇپ، قەدىمكى تۈركىي مىللەت تارىخچىللىرىمىز ۋە تەرجىمەشۇناسلىرىمىز، خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردىكى «لۇن»نى «رۇم»دەپ، ئەسلى ئۆزىنىڭ تىلىنى قايتا تەرجىمە قىلىپ كۆچىرىش جەريانىدا ئىككىلەمچى ئاتالغۇ(ياتلار ئاتالغۇسى) قىلىپ قويغان. «ئورۇمتاي»قانداقتۇ «رۇمتاي»غا قىسقارغاندا ئەسلى ئاتالغۇ «ئورۇم»(ئورئىم)دىكى  «ئور»نىڭ «ر» ھەرىپى « ئىم»غا ئىختىيارسىز قېتىلىپ « رىم»(رۇم) بولۇپ قالغان. قەتئى ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى «رۇم»ئاتالغۇسى قەدىمكى تۈركىي تىلىدا ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. ئەستايىدىل گۈزەتسەك، بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى «دىۋان» كۈچلۈك ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
     ئاخىرىدا، «ئورۇمتاي»ۋە «رۇمتاي»دىكى «تاي»، «ئۈرۈمچى»دىكى «چى»نى «دىۋان» ئاستىغا ئېلىپ باقايلى: «تاي – ئات بالىسى»(«دىۋان»3-قىسىم 216-بەت). بۇ يەردە «تاي»، يىتىلگەن ئاتقا سېلىشتۇرغاندا كىچىك، پاكار ۋە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ئارقىلىق «ئۈرۈمچى»نى پۈتكۈل چۇڭغار ئويمانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويمانلىق ئىكەنلىكى سىمۋوللاشتۇرۇلغان. ھەتتا ئۇ، تارىمنىڭ شەرقىدىكى ئويمالىق بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ شۇنداق ئاتالغان بولىشىمۇ مومكىن.  «چى – نەم يەر»(«دىۋان»3-قىسىم288-بەت). زىمىننىڭ پەس ۋە ئويمان قىسمىنىڭ نەم ۋە سۇلۇق بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ مۇناسىۋەتتە «ئۈرۈمچى»نىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىكولوگىيىسىنى نەم ۋە سۇلۇق دېسەك تامامەن توغرا بولىدۇ.
     ئومۇمەن ، «ئۈرۈمچى»نىڭ «دىۋان»دىكى تىل يىلتىزى « ئور»، «ئىم» ۋە «چى» بولۇپ: «ئور» - ئويمان، «ئىم» - تۈركلەرنىڭ خاس بەلگىسى، «چى» - نەم يەر  دېگەنلىك بولىدۇ.
    «ئۈرۈمچى»نىڭ بىر جۈملە يەشمە ئىپتىخار جاكاسى شۇكى: «ئۈرۈمچى» - تۈرك ئويمانلىقى دېگەنلىك.


پايدىلانغان ماتىرياللار:
1)    «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى».
2)    «ئۈرۈمچى ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى».
3)    « "ئۇرۇم" توغرىسىدا ئىككى كەلىمە ئىزاھ»
4)    «ئۈرۈمچى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى»
5)             «تۈركىي تىللار دىۋانى»

باي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

خوجانىياز


[align=justify]

[align=justify]
«باي»-ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىنىڭ نامى ، شۇنداقلا قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىمۇ «باي»دەپ ئاتىلىدىغان يەر بار .
باي ناھىيىسى– ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ، شەرىق تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن ،شىمال تەرىپى تەڭرىتېغى ئارقىلىق تېكەس ،مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرى بىلەن ،غەرىپ تەرىپى مۇز ئارت دەرياسى ئارقىلىق ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن ،جەنۇپ تەرىپى چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھىيىسى بىلەن ،شەرىق شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقى بىلەن چېگىرلىنىدۇ.

باي باھىيىسىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 184كىلومېتىر ،جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭىلىكى 105 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 19مىڭ كۋادرات كىلۇمېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 179مىڭ 905نەپەردىن ئارتۇق(-1995)،بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەر 150مىڭ 200نەپەردىن كۆپرەك بولۇپ،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %92ىنى ئىگىلەيدۇ.
باي ناھىيىسى قەدىمكى دەۋىردە غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولغان كۆسەن بەگلىكىنىڭ تەۋەسىدىكى زېمىن ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر»ۋە«خەننامە»دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا،مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر(مودۇن)نىڭ خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋېندىغا يازغان خېتىدە، ھونلارنىڭ غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكىنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،قەدىمكى باي تەۋەسى كۆسەن بەگلىكى تەركىبىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى تەركىبىگە كىرگەن. [1] بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ھۇن قەبىلە،قوۋۇملىرى غەربىي يۇرتتا جۈملىدىن كۇچا،باي تەۋەسىدە يەرلىك كىشلەر بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارغان .
كۈسەن بەگلىكى ھەققىدە،«خاننامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە:«كۈسەن بەگلىكىنىڭ مەركىزىي شەھىرى –يام،ئاھالىسى 6970تۈتۈن ، جان سانى 81مىڭ 317كىشى، ئەسكەرلىككە يارايدىغىنى 21مىڭ 76نەپەر،... مېتال قۇيمىچىلىقىنى بىلىدۇ، قوغۇشۇن چىقىرىدۇ » [2]دېيىلگەن.«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخىي » دا :«كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغقا جايلاشقان، كۆمۈر كانلىرىدا ھەمىشە (كېچە-كۈندۈز)ئوت چاقناپ يېنىپ تۇراتتى،خەلق شۇ كۆمۈر بىلەن پولات تاۋلاپ قورال سايمان ياسايتتى ۋە ھەر قايسى جايلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى» [3] دېيىلگەن.شيانەينىڭ «جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»ناملىق ماقالىسىدە ؛«كۈسەن بەگلىكىنىڭ سودا-سېتىقى شۇنداق تەرەققىي قىلىپ جانلانغانكى ،قوشنا ئەل خەلىقلىرىمىۇ بۇ يەرگە كېلىپ سودا -سېتىق قىلغان. تۇرپان، خوتەن، كۇچا، ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلاردىن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە مەنسۇپ نۇرغۇم كۈمۈش پۇللار ،ۋىزانتىيىگە مەنسۇپ بىر قىسىم ئالتۇن پۇللار(تىللا) تېپىلدى،[4]دەپ يېزىلغان.
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 176-يىلدىن مىلادىيە 592-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا غەربىي يۇرتتا ، جۈملىدىن كۇچا،باي تەۋەسىدە ھۇنلار،ھۇنلارنىڭ تارمىقى بولغان كۇەيخۇ،ياپبانلار،ئېفتالىت(ئاق ھۇن)ۋە توخرى(ياۋچىلار)،جۇرجان (ئاۋارلار) ، قاڭقىڭ(قەدىمكى ئۇيغۇرلار)...قەبىلە،قۇۋۇملار پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
مىلادىيە4-،5-ئەسىرلەردە يەنە كۆپلىگەن تۈرك، ئۇيغۇر قەبىلە،قوۋۇملىرە غەربىي يۇرتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.بۇ ھەقتە«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخي.تېلىلار ھەققىدە قىسسە»دە:«قۇمۇلنىڭ غەربىي ،كىنگىت(قارا شەھەر)نىڭ شىمالىي ۋە ئاقتاغ(تەڭرىتاغ) ئىتەكلىرىدە چۆبە،بۇلاغ،دېسۇباناغ(بۇ نام كېيىن - دولانگىت،تۆلەنغۇ دەپمۇ ئاتالغان)، ئوغۇز (ئۇيغۇر)،خاككاس،ئىكدىر، يۇنىغۇرقاتارلىق قوۋملەربولۇپ،20مىڭ لەشكىرى بار؛ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىداسىر-تاردۇش، دېلىر،زاباندىر،داچى قارارلىق قوۋۇملار بولۇپ،بىر تۈمەندىن ئارتۇق لەشكىرى بار»دىيىلگەن.
«ۋېينامە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 487-يىلى 8-ئايدا مۇڭغۇل چۆللۈكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قاڭقىل دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلانىڭ بورىكلى () قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئاي ئۇجرۇ () ئاۋارخانى تۇلۇنخانىڭ شىمالىي ۋېي (توبا) خانلىقى (مىلادىيە 386-534-يىللىرى)غا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى خالىماي ئېسىيان كۆتۈرۈپ ،بىر نەۋرە ئىنىسى چوڭچى (كۈنچى)بىلەن بىرلىكتە مۇڭغۇل دالاسىدىكى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ 12 ئۇرۇقىدىن 100نەچچە مىڭ تۈتۈن500مىڭ كىشى (بەزى ماتىرىياللاردا12مىڭ تۈتۈن 600مىڭ كىشى دەپمۇ كۆرسىتىلگەن)نى باشلاپ، ماناس، ئۈرۈمچى،بېشبالىق ،تەڭرىخان تاغ (بوغدا) ئەتراپلىرىغا ماكانلاشقان ۋە ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن ئاۋارخانى تۇلۇنخان Ⅱنىڭ نۇرغۇن قۇشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ ،ئۈرۈمچى ئەتراپىدا «ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى»( دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقى)نى قۇرۇپ چىققان.بۇ خانلىق 487-يىلدىن 546-يىلغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ، ئاي ئۇجرۇ خانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ساقلاشقا ، ئىنىسى چوڭچى قارا شەھەردە تۇرۇپ خانلىقنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان.
تارىخي خاتىرىلەدە ئېفتالىتلار«قاڭقىلارنىڭ بىر تۈرى»دېيىلەن، دېمەك ئۇلارمۇ تۇركىي تىللىق مىللەت بۇلۇپ،ئەسلىدە(غەربكە كۆچۇشتىن بۇرۇن) ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.[5]
دېمەك،مىلادىيە 200-يىلىدىن 552-يىلغىچە غەربىي يۇرتتىكى ئاساسىي يۈزلىنىش- مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق تەبىئي چوڭ قۇشۇلۇشقا ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى ئاسمىيلاتسىيىلىشىشقا سەۋەپ بولدى. غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ بۇ مەزگىلدە قۇشۇلۇشى ۋە ئاسمىيلاتسىيىلىشىشى ئېنىق تېلىلىشىش تۈسىنى ئالغان.بۇدەۋردە تېلى (ئۇيغۇرلار)غا يېقىن كېلىدىغان قانداش،تىلداش ۋە ئۆرۇپ –ئادەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان مىللەتلەر ،مەسلەن:ھۇن، جۇرجان، ياپبان، كۇەيخۇ، ئېفتالىتلار ئاساسىي جەھەتتىن تېلىلار (ئۇيغۇرلار)غا سىڭىپ(قوشۇلۇپ) كەتكەن.شۇنداقلا ،سوغدى،ئۇيسۇن،توخرى ۋە قىسمەن خەنزۇلارمۇ پەيدىنپەي تېلىلار (ئۇيغۇرلار)غا ئاسمىيلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.[6]
كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 552-745- يىللىرى)دە، كۇچانىڭ شىمالىدىكى يۇلتۇز ۋادىسى،غەربىي تۈركلەرنىڭ ئوردىسى ئىدى.شۇ چاغدا غەربىي يۇرتتىكى كۇچا،باي ئەتراپلىرىدا غەربىي تۈركلەرنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.«كۆمۈر قېزىپ، پولات تاۋلاپ،ھەر خىل ئەسۋاپ،ئۇرۇش قوراللىرىنى ياساش بىلەن داڭ چىقارغان تۈركلەر»،غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(مىلادىيە 605 -يىلدىن 846-يىلغىچە )دە ئادالەت قۇچقان قاغان() غەربىي يۇرتقا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،بېشبالىق (جىمسار)تا 10مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن،كۇچادا 10مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن ،بارسىغان ۋە بالاساغۇندا 20مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن تۇرغۇزغان. [7] بۇھال،شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئارىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ،غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇر خانلىقى (ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى )گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى غەربىتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئارىسىغا كۆچۈپ كەلدى ۋە ناھايىتى تېز قەد كۆتۈتۈپ ،848-يىلى پان تېكىن باشچىلىقىدىكى قوچۇ(ئىدىقۇت)ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىيە 848-1335-يىللىرى)نى قۇردى.866-يىلغا كەلگەندە بۇقا تېكىن باشچىلىقىدىكى تىبەتلەرنى تارىم ۋادىسىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقاردى .شۇ چاغدا،كۇچا،باي تەۋەسى قۇچۇ(ئىدىقۇت)ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە زېمىن ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ،بۇ زېمىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 1225-1514-يىللىرى )مۇڭغۇللار ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ،خەنزۇ، خۇيزۇ،قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر پائالىيەت ئېلىپ باردى.
1882-يىلى باي ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنسۇ بىۋاستە قاراشلىق ئايمىقى بولدى.شۇ چاغدا باي ناھىيىسىدە 8618تۈتۈن،47639نوپۇس بار ئىدى.
ئۇنداق بولسا باي ناھىيىسى تارىختا قايسى مىللەت تىلىدا قانداق ناملار بىلەن ئاتالغان؟
ھازىرغىچە باي ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى دەۋىردە نېمە دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسدا قولىمىزدا ئىشەنچىلىكرەك بىرەر تارىخىي ماتىرىيال يوق.پەقەت تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن گۇدەن (مىلادىيە785-805-يىللار)نىڭ«ئەتراپتىكى يات قوۋۇملارنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇساپىسى»دېگەن خاتىرىسىدە ؛«ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ غەربكە ماڭغاندا ئاقئات دەرياسى (كۇچادىن 60چاقىرىم يىراقلىقتا )دىن ئۆتىمىز، ئۇنىڭدىن غەربكە 180چاقىرىم ماڭغاندا جۈپىلوچى(-قىزىل؟)غا بارىمىز ،ئاندىن ئاچچىققۇدۇقتىن ئۆتۈپ چاقىرىم ماڭغاندا 120 جۈپىلوچېڭ ( -سايرام؟)غا بارىمىز ،ئۇ يەردىن60 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئاشىيەنچېڭ( -باي؟)غا بارىمىز، ئۇ يەردىن، 600 چاقىرىم يول ماڭغاندا بارخانبالىق ( -قەدىمكى قۇم ئاقسۇ بەگلىكى)غا بارىمىز. بۇ، ۋېيرۇڭ قەلئەسى دەپ ئاتىلىدۇ»[8]دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ يەردە،«باي بازىرى»(بايبالىق ؟)دېگەن يەر نامى خەنزۇچە«ئاشىيەنچېڭ»()دەپ يېزىلغان. بۇ نام غەربىي تۈركلەرنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بەش نۆشۆبېي قەبىلىسى- ئاشقىل( ياكى ،بەزىدە ئىسكىل ياكى ئاسكىل دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ)قەبىلىسىنىڭ نامى ياكى ئاشىيان،ئىشيان() قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا، «باي»دېگەن يەر نامى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ قوللىنىلغان؟ئۇنېمە مەنىنى بىلدۈردۇ؟ بۇھەقتىكى قاراشلار ھەر خىل.
1. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلگەن پالتاخۇن ئەۋلاخۇن بىرلىكتە يازغان «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»ناملىق كىتابتا، «باي (باي)نامى-بۇلاق سۇلىرى مول، يەرلىرى مۇنبەت دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ»دەپ قارالغان.[9]
2.يەنە بەزىلەر :«<باي >نامى موڭغۇل تىلىدىكى <بايانغول >،< بايىنخۇشۇت >، <بايىنبۇلاق > دېگەن سۆزگە يېقىن كېلىدۇ. شۇڭا<باي> دېگەن موڭغۇل تىلىدىن كېلىپ چىققان بولسا كىرەك »دەپ قارايدۇ.
بىزنىڭچە ، بىرىنچى خىل قاراش ، يۈزەكى بولۇپ قالغان ، ئۇنداق ئىزاھلاش توغرا بولمىسا كىرەك .
ئۇيغۇر تىلىدا «باي »سۆزى _ «بۇلاق »، «سۇلىرى مول » ، «يەرلىرى مۇنبەت » دېگەن مەننى بىلدۈرمەيدۇ . ئىككىنىچى قاراشتىكى «باي » نامى موڭغۇل تىلىدىن كېلىپ چىققان ، دېگەن قىياسىي كۆز قاراشنىڭ ھېقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق . كېسىپ ئېيتىمىزكى ، «باي »نامى موڭغۇل تىلىدىكى «بايانغول »، «بايىنبۇلاق » ، «بايىنخۇشۇت» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەردىن كېلىپ چىققان ئەمەس . چۈنكى ، تارىخىمىزغا نەزەر سالساق ، چىڭگىزخان باچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى (تەركىبىدە ئويغۇر ،تۈرك ،تاتارقەبىلىرىمۇ بارئىدى ) 1216-يىلى غەربكە قاراقىتان خانى كۈچلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلانغاندا، دەسلەپكى موڭغۇللار ئاقسۇ تەۋەسىگە كەلگەن. 1514-يىلىدىن 1225 -يىلىغىچە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدەيەنە بىر قىسىم موڭغۇللار غەربىي يۇرت تەۋەسىگە كەلگەن . ئەمما ، چاغاتاي خانلىقى دەۋرى –موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل –يېزىقى ، ئۆرپ –ئادىتى ۋەمەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش دەۋرى ، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئاستا – ئاستا ئۇيغۇرلىشىش دەۋرى بولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ موڭغۇللار شۇ چاغدا سان جەھەتتىن يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئاز بولۇپ ، بىر قىسىم ئەمەلدارلارلاموڭغۇل ئىدى .
تارىخ نۇقتىسىدىن ئالغاندا ،موڭغۇللار بۇ زېمىنغا يېتىپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا ، باي _«باي يىغاچ »دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .شۇڭا ئۆتمۈش تارىخىمىزنى ئوبدان ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، يەڭگللىك بىلەن «باي »نامى موڭغۇل تىلىدىن كېلىپ چىققان دېيىشىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق . چۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئالىمى ، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ :«باي . باي يىغاچ _ كۇچا بىلەن uq-ئۇچ ئارىسىدا، ئۇچقا يېقىن بىر يەرنىڭ ئېتى »[10]دەپ كۆرسەتكەن . دېمەك ، مەھمۇد كاشغەرى ياشىغان دەۋردە «باي »ياكى «باي يىغاچ »دېگەن يەر نامى ئاللىقاچان بار ئىدى . كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ،«يىغاچ »(ياغاچ )سۆزى چۈشۈپ قېلىپ، «باي »دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
دېمەك ، «باي»دېگەن يەر نامى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ،«بايلىقى كۆپ ، يەر بايلىقى مول ، بايلىققا تولغان ، باشايات زېمىن »دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
باي تارىخىغانەزەر سالساق ، 2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتىتىن بۇيان ، بۇ زېمىندىن كۆمۈر ، تۆمۈر ، ئالتۇن ،مىس، قوغۇشۇن ، تۇز ، مانگان ، كالىي چىرىمتالى ، فىتور شىپاتى ، سۈرمە ، ھاك تېشى ، ياقۇت ، قاشتېشى ، سىڭىر تاش قاتارلىقلار چىققان .كان بايلىقلىرىمۇ بەك مول، ئۇنىڭدىن باشقا، نېفىت ،تەبىئىي گاز ۋەكۆمۈر  زاپىسىمۇ بەك مول ،بۇلۇپ دېڭىز بۇيى ئۆلكىلەرنى ،ۋەرايۇنىمىزنىتەمىنلەپكەلمەكتە. ياغلىق دان ۋە چارۋا ماللىرىمۇ كۆپ . دېمەك ، «باي »ھەقىقەتەن ئىسمى –جىسمىغا لايىق بايلىققاتولغان زېمىندۇر.
[align=justify][ئىزاھاتلار]:
[1] «قەدىمكى كۈسەن بەگلىكى تارىخى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1992-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،13-بەت.
[2] بەنگۇ:«خەننامە،غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»96-جىلد،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى،917-بەت.
[3]«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»1-قىسىم،ئۇيغۇرچە نەشىرى،118-بەت.
[4] شىيانەي:«جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»، «ئارخېئولوگىيە خەۋەرلىرى»ژورنىلى1947-يىللىق1-سان .
[5] چىيەن بوچۈەن:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋەئەجداتلىرىنىڭ غەربكەكۆچۈشى»،«شىنجاڭ ئىجتمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلى1996-يىللىق4-سان 62-بەت.
[6] «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى».2001-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،94-بەت.
[7] چىيەن بوچۈەن «شىنجاڭ مىللەتلەر تارىخى»،1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،223-بەت.
[8] «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى»،2-كىتاپ، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى خەنزۇچە نەشىرى، 1149-بەت.«جۇڭگو ئىسلام تارىخغا ئائىت ماتېرىياللار»،نىڭشيا خەلق نەشىرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،4-بەت.
[9] قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى،پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2001-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،23-بەت.
[10] مەھمۇد كاشغەرى:«تۈركى تىللار دىۋانى»،3-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1984-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،216-بەت.

[ئىزاھاتلار]:
[1] «قەدىمكى كۈسەن بەگلىكى تارىخى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1992-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،13-بەت.
[2] بەنگۇ:«خەننامە،غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»96-جىلد،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى،917-بەت.
[3]«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»1-قىسىم،ئۇيغۇرچە نەشىرى،118-بەت.
[4] شىيانەي:«جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»، «ئارخېئولوگىيە خەۋەرلىرى»ژورنىلى1947-يىللىق1-سان .
[5] چىيەن بوچۈەن:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋەئەجداتلىرىنىڭ غەربكەكۆچۈشى»،«شىنجاڭ ئىجتمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلى1996-يىللىق4-سان 62-بەت.
[6] «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى».2001-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،94-بەت.
[7] چىيەن بوچۈەن «شىنجاڭ مىللەتلەر تارىخى»،1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،223-بەت.
[8] «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى»،2-كىتاپ، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى خەنزۇچە نەشىرى، 1149-بەت.«جۇڭگو ئىسلام تارىخغا ئائىت ماتېرىياللار»،نىڭشيا خەلق نەشىرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،4-بەت.
[9] قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى،پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2001-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،23-بەت.
[10] مەھمۇد كاشغەرى:«تۈركى تىللار دىۋانى»،3-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1984-يىلى يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى،216-بەت.

UID
27828
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 18:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
支持~~顶顶~~~












2012最新电视剧排行榜 http://www.modao.net/

UID
37575
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 19:44:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
17664
يازما
206
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
776
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2015-4-18
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ناھايىتى ياخشىكەن، رەھمەت سىزگە،

UID
50606
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
71
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-3
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
我曾来过
كىم بۇ ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

葡京赌场 游戏赌博平台 那个网上娱乐城最好 万达国际tt娱乐城 欧洲杯球衣正品专卖 永利博网上娱乐城 超级大玩家下载 爱博彩社区论坛 云鼎娱乐场 信誉最好的娱乐城 博彩网址导航 苏州国际影视娱乐城 金盛国际娱乐城 九龙国际娱乐城 澳门赌场玩法 五湖四海是什么意思 娱乐城 88娱乐城 盈丰时时彩平台 欧洲杯澳门足球盘 永利博网上娱乐城 水经注软件 澳门威尼斯人 娱乐城哪家好 胜负彩比分 qq欢乐斗地主下载 永利博网上娱乐城 网上娱乐城排行榜 英皇娱乐城英皇国际 永利博网上娱乐城 在线娱乐城天上人间 利澳娱乐城天上人间 欧洲杯决赛专题 哪家网上花店最好 欧洲杯澳门即时盘 澳门新葡京官网 422488 鱼雨大乐透13036 88娱乐城 信誉最好的娱乐城 哪家网上药店最好 澳门威尼斯官网 乾讯网网址 国际十大博彩娱乐城 娱乐城天上人间 百家乐玩法 京城娱乐城 金沙国际娱乐城 血洗唐人街 皇冠假日 高尔夫网球频道 bet365官方网站 网上现金棋牌 菲律宾太阳城娱乐网 银河娱乐场 利来国际娱乐 网上娱乐城排行榜 球探网比分 澳门赌场有那些玩法 喜达博彩真钱娱乐 百利宫影城 娱乐城去澳门 a8娱乐城看天上人间 今晚欧洲杯 红桃k说明书 脉动棋牌 真龙香烟价格英皇国际 网上娱乐城哪家最好 澳门利澳娱乐城 圣淘沙娱乐天上人间 金山海上皇宫 德甲球队队徽 太阳城娱乐城管理网 2012最新电影网址 娱乐城内部管理制度 太阳城集团 鸿运国际娱乐城 竞彩篮球比分直播 百博国际娱乐城 澳门金沙娱乐场 22555官方网 鸿运国际娱乐城 百利宫娱乐城 永利博网上娱乐城 88娱乐城 苏州国际影视娱乐城 中华娱乐城影讯 娱乐城哪家好 娱乐城天上人间 韩国华克山庄赌场 网上娱乐城排行榜 澳门永利 网上娱乐城 必赢国际 鸿利会娱乐城 澳门巴比伦娱乐城 娱乐城 京城国际娱乐城 吟唱新乐园 网上娱乐城排行榜 太阳城娱乐城管理网 菲律宾欢乐谷娱乐城 娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 淘金盈娱乐城 kk娱乐城天上人间 亿博国际娱乐城 新浪娱乐首页 明升娱乐城 88娱乐城 88娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 欧洲篮球比分直播 九龙国际娱乐城 kk娱乐城天上人间 360大乐透胆拖 tt娱乐城官网 苏州国际娱乐城 tt娱乐城 博九网娱乐城 在线娱乐城天上人间 德国比利时 皇冠娱乐城开户 百乐娱乐新澳博 皇冠即时水位 皇冠足球论坛 篮球即时比分 体彩投注站 网上娱乐城哪家最好 博彩通评级 环球娱乐城天上人间 澳门博彩网上投注 博久娱乐城 娱乐城去澳门 88娱乐城代理tlyd 2012欧洲杯pptv直播 皇冠开户网 博坊娱乐城天上人间 五湖四海指什么 博坊娱乐城天上人间 国际十大博彩娱乐城 kk娱乐城天上人间 美国大西洋城 0点直播吧 2012年欧洲杯qq直播 88娱乐城 国际足球新闻 娱乐城天上人间 京城国际娱乐城 皇冠网址 欧洲杯决赛博彩开盘 街拍 微博 澳门星际 美女斗地主 娱乐城内部管理制度 88娱乐城天上人间 永利高平台 至尊国际娱乐城 越豪门之娱乐后宫 利来国际娱乐城 娱乐城去澳门 tt娱乐城 新加坡圣淘沙度假村 威尼斯人赌场 澳门金沙娱乐场网址 尊龙国际娱乐城 e世博官方网站 博e百娱乐 e世博yjsol 足彩网 大乐透那个台开奖 赢钱专家粤语 澳门威尼斯人官方网 娱乐城天上人间 湖北棋牌游戏平台 北京天上人间后台 宝马会国际娱乐会所 红桃k集团 网上最大娱乐城 英国布莱顿天体海滩 博彩通首页 新加坡圣淘沙 网上棋牌室 星际娱乐场 网上娱乐城 网上娱乐城哪家最好 今天有没有欧洲杯 讯盈比分 娱乐城天上人间 大发888娱乐场下载英皇国际 浙江体彩网11选5 优博娱乐城天上人间 乐百家国际娱乐城英皇国际 足球 大西洋城赌场 希尔顿酒店集团 360大乐透杀号定胆 tt娱乐城 百丽宫影城 富国天合基金净值 九龙国际娱乐城 澳门金沙官网 澳门葡京赌侠诗 新豪娱乐城天上人间 足球小将国语版全集 北京太阳城医院 网上娱乐城哪家最好 bet365备用主页器 宝马会全讯网 玩老虎机技巧 利来国际娱乐城 太阳城管理娱乐网 bet365备用网站 京城国际娱乐城 皇冠代理25900 波恩利vs诺丁汉森林 甘肃云鼎集团 利澳娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城哪家最好 皇冠足球 tt威龙电源怎么样英皇国际 88娱乐城天上人间 皇冠开户网址 网上最好药店 九龙国际娱乐城 网上赌城@黄金城 东方太阳城 88娱乐城天上人间 天朝博彩论坛 爱博彩论坛 邯郸市 金赞娱乐到天上人间 新澳门娱乐城 网络赌博 澳门新葡京娱乐城 欧洲最大的博彩公司 棋牌游戏网站 舟山星空棋牌 娱乐城哪家好 博彩论坛bozhidao 金宝博会不要给钱 赛尔号谱尼在哪 圣淘沙娱乐天上人间 娱乐城天上人间 百博娱乐城 娱乐城天上人间 娱乐城 新乐园娱乐城 a8娱乐城看天上人间 网上娱乐城 国际赌场 上海电视台劲爆体育 利澳娱乐城天上人间 福建大乐透开奖结果 2012澳门葡京赌场 大乐透专家预测单注 三国志网页游戏 万达国际tt娱乐城 上海中超地板 博彩网推百拉好吗 太阳城 网上娱乐城 海上皇宫大酒店菜单 百丽宫影城 国贸店 万达国际tt娱乐城 粤海之星 娱乐城 环球娱乐城天上人间 开彩票投注站 网页版足球游戏 tt娱乐城 阳城贴吧 环球娱乐城天上人间 欧冠足球吧 利澳娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 人气最高的棋牌 吧吧在线 欧洲杯决赛亚洲指数 澳门哪个赌场好 澳门赌场娱乐城视频 沙龙国际娱乐城网站 澳门赌场新葡京 皇冠足球论坛 环球娱乐城天上人间 在线娱乐城天上人间 百家博 立即博娱乐城 棋牌游戏注册送10元 尊龙国际娱乐城 葡京国际娱乐城 现金流游戏 球探篮球即时比分 新宝投注 威尼斯人多少钱一晚 bet365去澳门娱乐城 bet007篮球 澳门彩票 皇冠足球投注平台 红9娱乐城 娱乐城注册送体验金 博彩网去澳门 必博娱乐城 宋代足球小将2全集1 御龙在天群英会喝酒 博彩网 网上娱乐城排行榜 苏州国际影视娱乐城 明星斗地主官网 球探篮球即时比分 斯科尔斯告别赛 最新皇冠网址 宜昌海上皇宫 利澳娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 狮威亚洲娱乐城 娱乐城哪家好 百博娱乐城

娱乐城博彩
娱乐城博彩网站排名
娱乐城代理
娱乐城鼎盛
娱乐城管理
娱乐城管理制度
娱乐城金沙国际权威
娱乐城金赞
娱乐城开户
娱乐城开户送
娱乐城开户送彩金
娱乐城开户送钱新澳博
娱乐城开户送钱英皇国际
娱乐城乐放
娱乐城哪家好
娱乐城内部管理制度
娱乐城排行榜
娱乐城棋牌
娱乐城去澳门
娱乐城去澳门
娱乐城去英皇开户吧新澳博
娱乐城去英皇开户吧英皇国际
娱乐城体验金
娱乐城天上人间
娱乐城网址
娱乐城韦德亚洲
娱乐城新澳博
娱乐城新澳博好
娱乐城新锦江6544
娱乐城新锦江xjj665
娱乐城信息资讯网
娱乐城信誉排行榜
娱乐城英皇国际
娱乐城英皇国际在线
娱乐城游戏机
娱乐城云鼎好
娱乐城注册
娱乐城注册送
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
天上人间国际娱乐城
天上人间娱乐城
天天乐娱乐城
天天乐娱乐城新澳博
天天乐娱乐城英皇国际
万博88娱乐城
万博娱乐城
万达国际tt娱乐城
万达娱乐城
万豪娱乐城
万豪娱乐城怎么样
网络娱乐城
网上 娱乐城
网上澳门赌场
网上博彩娱乐城
网上欢乐谷娱乐城
网上信誉最好娱乐城
网上娱乐城
网上娱乐城代理
网上娱乐城老虎机
网上娱乐城老虎机新澳博
网上娱乐城老虎机英皇国际
网上娱乐城哪个好新澳博
网上娱乐城哪个好英皇国际
网上娱乐城哪家最好
网上娱乐城哪家最好新澳博
网上娱乐城哪家最好英皇国际
网上娱乐城那个最好
网上娱乐城排行榜
网上娱乐城排名
网上娱乐城是真的吗
网上娱乐城是真的吗新澳博
网上娱乐城是真的吗英皇国际
网上娱乐城网站
网上娱乐城新澳博
网上娱乐城英皇国际
网上娱乐城注册
网上真钱娱乐城
网上最大娱乐城
百家乐必赢法
百家乐必赢法视频
百家乐彩
百家乐策略
百家乐策略技巧
百家乐大小技巧
百家乐代理
百家乐代理加盟
百家乐代理开户
百家乐代理哪里好
百家乐的玩法
百家乐的下注技巧
百家乐斗地主
百家乐改单
百家乐高手打法
百家乐高手看路
百家乐高手论坛
百家乐合作
百家乐会员开户
百家乐技巧策略
百家乐技巧打法赌博技巧
百家乐技巧大全
百家乐技巧公式论坛
百家乐技巧在那里
百家乐技巧之写路
百家乐交流群
百家乐开户
百家乐开户就送现金
百家乐看路
百家乐路
百家乐路单软件
百家乐路纸
百家乐论坛
百家乐论坛在线
百家乐论坛在线提供
百家乐免费试玩
百家乐免费在线开户
百家乐哪家好
百家乐哪里开户
百家乐牌技群
百家乐平台
百家乐破解
百家乐破解的方法
百家乐破解方法
百家乐破解秘籍
百家乐棋牌
百家乐群
百家乐试玩
百家乐试玩得真钱优惠
百家乐太阳城开户
百家乐投注技巧
百家乐投注开户在哪里比较好
百家乐玩法
百家乐玩法百科
百家乐玩法技巧
百家乐玩法揭秘
百家乐玩法介绍
百家乐玩法秘诀
百家乐玩法与规则
百家乐网
百家乐网上真钱娱乐城
百家乐下注策略
百家乐线上开户
百家乐线上游戏
百家乐赢钱的秘籍
百家乐赢钱技巧
百家乐用品
百家乐游戏的致胜玩法
百家乐游戏攻略
百家乐游戏规则
百家乐游戏规则是怎么样的
百家乐游戏机
百家乐游戏机破解
百家乐游戏技巧
百家乐游戏哪里比较好
百家乐游戏哪里玩好
百家乐游戏哪里有
百家乐游戏平台
百家乐游戏破解-皇冠投注
百家乐游戏软件
百家乐游戏下载
百家乐游戏有技巧吗
百家乐游戏有什么技巧
百家乐游戏真人真娱
百家乐游戏桌租赁
百家乐有什么必赢的绝技
百家乐娱乐城
百家乐娱乐城真钱游戏
百家乐娱乐官方网
百家乐园
百家乐怎么作弊
百家乐真人游戏娱乐城
百家乐注码法
百家乐庄闲必胜打法
百家乐最高概率打法
百家乐作弊
百家乐怎么玩
百家乐怎么玩才能赢钱

چوققىغا قايتىش