كۆرۈش: 4437|ئىنكاس: 22

ئۇيغۇرلار دا پەرھىزلەر -سۇپرا     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18057
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 17:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر-سۇپرا
مەن توي قىلىپ، ئوي تۇتۇپ ئون يىلدىن ئاشقاندا ئاندىن دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر سۇپرا ئالدىم. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆيدە چۆچۈرە، ياكى چۆپ ئەتسەم داستىخاندىن بىرنى سىلىپلا خېمىرنى شۇنىڭ ئۇستىدە ياياتتىم . لىكىن شۇنداق ئېنىق ئېىسىمدە كىچىكىمدە قەشقەرگە بارغاندا بىر تۇققىنىمىز ئاپامغا ئاتايىن ئوز قولى بىلەن ،ئىككى تەرىپىنى قىزىل يوللۇق قىلىپ ،پاختىدا يىپ ئىشىپ ،سۇپرا توقۇپ بەرگەن ئىدى . بەلكىم 5-6ياشلار ۋاقتىم بولسا كېرەك رەخىت توقۇيدىغان موكىنىڭ نىمىلىكىنى شۇ چاغدا بىلگەن ئىدىم. ئاپاممۇ ئۇ سۇپرىنى شۇنداق ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى، ئەمما شۇ سۇپرىنى قانداق تۇتۇش ،نىمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا بىر نەرسىنى ئۇگەنگىچە ياتاقلىق مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم، ھەپتىدە بىر ئۆيگە قايتقان ئەتىۋالىق  خىنىم قازان بىشىغا كىلەمدۇ دەيسىز....شۇنداق قىلىپ چوڭ بولۇپ ئۆيلۇك -ئوچاقلىق بۇلۇپ ، بىشىمىزغا كەلگەندە ھەممىنى بىرمۇ -بىر شۇنداق تەبىئى ئۇگىنىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر  چوڭلارياشلارنى ئاش يايالمايدۇ. ھەم ئۇنىڭغا ۋاقتى يەتمەيدۇ، ھەممە نەرسە قۇلايلىشىپ كەتتى دەپ قاراپ قىزلار چوقۇم  ئۇگىنىشكە تىگىشلىك ئەنئەنىۋى قائىدىلىرىمىزنى ئۇگىتىشكە سەل قارايدىكەن .
  ..شۇنداق قىلىپ بىر سۇپرا ئالدىم. ئانچە -مۇنچە ئىشلەتتىم . بىر كۇنى شىنخۇا كىتاپخانىسىدىن ماتىريال ئىزدەۋىتىپ،ئەنۋەر سەمەت قورغان يازغان (ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر )دىگەن كىتاپتا شۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۇپ بىرنى سىتىۋالدىم. ھەقىقەتەن چوقۇم بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاپكەن. دوستلارنىڭ كىتاپ كۆرۇشكە ۋاقتى يەتمىگەن بىلەن تورغا چىقىشقا ۋاقتى يىتەلىك بولغاچقا ،ھەممىز بىرلىكتە ئۇگىنەيلى دەپ ئويلاپ مۇشۇ سۇپرا توغرىلىق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان پەرھىزلەرنى سىزلەرگە سۇندۇم . چۇنكى مەن سۇپرىنى سىتىۋالغاندا ماڭا ئوخشاش ئون نەچچە ساۋاقداش بىللە ئالغان ئىدۇق. چوقۇم ئۇلارمۇ  مەندەك بۇ سۇپرا توغرىلىق يا بىلىدۇ يا بىلمەيدۇ.
قېنى ئەمىسە كىتاپتىكى مەزمۇننى كۆرەيلى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھور تاماقلىرىنىڭ بىرى چۆپتۇر.چۆپ خېمىرنى يېيىپ ئېتىدىغان سىڭىشلىك ، پايدىسى كۆپ غىزا. مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە چۆپنىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىدا ئىجاد بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇيغۇرلار چۆپنى يايغاندا سۈپرا ، ئاشتاختاۋە نوغۇچ ئىشىلىتىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ بىر قىسىم ئىرىملىك قاراش بار، جۈملىدىن ئاشتاختا، نوغۇچ ، سۇپرىلار مەخسۇس تىكىلگەن خالتىغا سېلىنىپ، ئېگىز جايغا قويۇپ قويىلىدۇ. ئۇلار ئايرىۋېتىلمەيدۇ. ناۋادا ئاشتاختا بىلەن نوغۇچىنى ئايرىۋەتسە، بەرىكەت قاچىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاشتاختا بىلەن نوغۇچىنى ئالغاندا ۋە قويغاندا قوپاللىق بىلەن ئالمايدۇ ، بەلكى سىلىق ئىلىپ ، سىلىق قويىدۇ. ئاشتاختا بىلەن نوغۇچنى تىكلەپ قويسا كەمبەغەللىشىپ كېتىدۇ دەپ ، يانتۇ قويىدۇ. نوغۇچ يەنە ئەرلىككە ئوخشىتىلغان  ئەھۋاللارمۇ بار. مەسىلەن ئۇيغۇرلار قىزلارنى نوغۇچ بىلەن ئۇرۇش ياكى نوقۇشنى يامان كۆرىدۇ. شۇنداق قىلسا قىز بالا بىتەلەي بولىدۇ، ئەر چىقماي ئولتۇرۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدا نوغۇچ يۇشۇرۇن ھالدا ئەرلىككە سىموۋۇل قىلىنغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن قىزلارنى ئۇرۇش ھامان يامانلىقنىڭ ئالامىتى دەپ تونۇلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىككى يېيىم ئاشنى جۈپلەپ يېيىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. بۇنداق قىلىشنى ئەشمىس پاتىمەمنىڭ سۈننىتىگە يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. خەلق رىۋايەتلىرىدە ئەشمىس پاتىمەمنىڭ قۇرداشلىرى يۇقىرىقىدەك  قىلىقىلىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن پاتىمەمدىن رەشىك قىلار ئىكەن . ئۇيغۇرلار ئاش يايىدىغان سۇپرىنىمۇ ئىرىملىك نەرسە دەپ قارايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سۇپرىنى يۇيماسلىقمۇ پاتىمەمدىن قالغان سۇننەت بۇلوپ ،ناۋادا سۈپرىنى يۇيۇپ  سالسا شۇ ئۆيدە بەرىكەت بولمايدىكەن . شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى سۇپرىنى پاكىز تۇتىدۇ، يۇيمايدۇ. يۇيۇشقا توغرا كەلسە ، پەقەت رامزان ئېيىدىلا يۇيىدۇ. ئۇيغۇرلار سۇپرىنى قورۇق قويماي، ئىمكانقەدەر ئاز-تولا ئۇن بىلەن قويىدۇ.بولمىسا، سۇپرا قورۇق بولۇپ قالاركەن. يەنە سۇپرىنى قېقىشتىنمۇ پەرھىز قىلىدۇ، مۇشۇنداق قىلسا بەرىكەت سۇپرىدىن ۋە ئۆيدىن توزۇپ كېتەر ئىكەن. ئۇيغۇرلار سۇپرىنى ئېلىپ قويۇشتا ، سىلىق ئېلىپ، سىلىق قويىدۇ. تاشلىۋىتىشىتىن ياكى يەرگە تاشلاپ قويۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قارىشىچە ،سۇپرىنى تاشلىسا، شۇ كىشى ۋاپات بولغاندا ، ئۇ سېلىنغان تاۋۇت ئۇنى كۆتۇرۇپ ماڭغۇچىلارنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتەر ئىكەن . ئاياللار سۇپرىنى ئىشىلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر ئۆزى يىغىپ، ئۆز جايىغا قويىدۇ. ناۋادا ئىككىنچى ئادەم ئۇنى يىغىۋېتىشكە توغرا كەلسە، «سۇپرىنىڭ ئېگىسى تويغا كېتىپتۇمىش» دەۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن يېغىدۇ. بۇنىڭدا ، سۇپرا بىر ئۆيدىكى بەرىكەت نىشانى بولغانلىقتىن ،ئۇنىڭ ئىگىسىنىڭ ئالمىشىپ كېتىشى بەرىكەتنىڭ ئالمىشىپ كېتىشىدىن بىشارەت بولغانلىقتىن ،«تويغا كېتىپتۇمىش»دىيىش ئارقىلىق  سۇپرا ئىگىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، ھايات بولغاندىمۇ تويلاردا خۇشال -خورام يۈرۈۋاتقانلىقى، تەسەۋۋۇردىكى يامانلىققا قارشى سەۋەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان .
بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن ....قالغىنى ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشىتىھايىغا باغلىق .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 18:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم قىزلار بەكرەك كۆرۈڭلار

UID
15099
يازما
34
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
574
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 18:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن بۇلارنى، ئەمدى ئاڭلىشىم

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 21:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يېقىن ئۆتىدىغان دوستلۇرۇمغا بىردىن سۇپۇرا سوغا قىلغانتىم،ئەمما سۇپۇرىدا بۇنچىلاۋا كۆپ بىلىملەرنىڭ بارلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن ، بەزىلىرىدىن خەۋىرىم بار ئىكەن.

UID
18468
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 21:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تىمىڭزىغا ،مەن كىچگمىدە ئاپام سۇپۇر ساسا مەن يىغاي دەپ تۇرۋالاتىم ،شۇ ۋاقتا ئاپام بۇسۇزلەرنى دەپ بىرەتى شۇنداق ئسمدە تۇرپتۇ ،بۇگۇن قايىتا ئاڭلغنمدىن بەك خۇشال بۇلدۇم ئاللا ئگەم قۇلڭىزغا دەت بەمسۇن

تىرىشچان ئەزا

بۈگۈن-ئەڭ مۇھىم.

UID
11300
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1237
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپام ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىدۇ، بىراق مەن بۇ ھەقتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتىم، ئەمدى بىلىۋالدىم،رەھمەت سىزگە!

UID
18628
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 16:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ ! قىزلىرىمىز ئەنئەنىللىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالاي دىگەندە خۇيمۇ ئوبدان تەۋسىيە بوپتۇ.  

UID
18057
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 17:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نەرسىنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ يېزىپ قوياي،ئۇيغۇرلار چۆچۈرىنى تۇگۇپ تېزغاندا رەتلىك ۋە زىچ تىزىلىشنى ئەۋزەل بىلىدۇ. قالايمىقان تىزىشتىن ،شالاڭ تىزىشتىن پەرھىز قىلىدۇ.ناۋادا شۇنداق قىلسا، شۇ كىشى ئۆلگەندە نامىزىغا ئادەم ئاز كېلىپ قالارمىش. ئۆلۈم نامىزىغا ئادەمنىڭ ئاز كېلىشى خەلق نەزىرىدە ياخشى ئەھۋال ھىساپلانمايدىغان بولۇپ،بۇنىڭدا چۆچۈرىنى شالاڭ تىزىش گوياكى ئۆلۈم نامىزىغا ئاز ئادەم كىلىشىگە ئوخشىتىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان. يەركەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا،چۆچۈرىنى تۈگۈپ بولۇپ،قازانغا سالغاندا تاق سالمايدىغان ، بەلىكى جۈپ-جۈپتىن سالىدىغان ئادەت بار. يەنە شۇ قاراش بويىچە ناۋادا تۈگۈلۈپ بولغان چۆچۈرىلەرنى قازانغا جۈپ-جۈپتىن سېلىپ،سۇپرا ياكى تاختىدا ئېشىپ قالغان  چۆچۈرە جۈپ بولسا خاسىيەتكە،تاق بولسا يامانلىققا جورۈلىدۇ. بۇ خەلقنىڭ توي-تۆكۈن، ئەر -خوتۇنچىلىق ۋە ئائىلىۋى ئىشلاردا جۈپ ساننى قەدىرلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا پىشقان ئاشنىڭ تۇز-تەمىنى تېتىشتا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنىڭ تېتىشى يامان كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ،بۇ كىشىلەرنىڭ تېتىش تۇيغۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ، ئاشنىڭ تۇز -تەمى ھەققىدە كېلىپ چىقىدىغان تالاش -تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان بىر خىل ئادەت بولسا كېرەك. ...... مەن ئاش ئەتسەم تاس قالاتتىم ئۆيدىكى ھەممىسىگە تېتتقىلى. ئەمدى دىققەت قىلسام بولغىدەك....

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 17:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەن بۇ كىتابنى خېلى بۇرۇنلا سېتىۋىلىش ئارزۇيۇم بارئىدى. شۇكۈنى كىتاپخانىغا كىرگەندە مۇشۇ كىتاب بىلەن بىرنەچچە كىتابنى تەڭ ئېلىشقا توغرا كەلدى . ئەپسۇس چۆنتەككە قاراپ بېقىپ ئامالسىز جايىغا قويۇپ قويغانتىم . شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىش نىسىپ بولماپتۇ . ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب ئىدى . مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ، مىللىي روھىنى چۈشىنىشتە بىزگە ياردىمى مول . سۇپرا توغرىسىدىكى مۇشۇ بايانلارمۇ شۇتاپتا مېنى بۇ ئەزىز مىللىتىمدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ ، بىر خىل مەستخۇشلۇق ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى . ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن پەخىرلىنىش نېمىدىگەن سۆيۈملۈك  ھە ؟ ئاۋۇ، چۆچۈرە توغرىسىدىكى بايانلاردا مىللىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ھېس -تۇيغۇسى نامايان قىلىنىش بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدىكى ئاز-تولا خۇراپاتلىقتىنمۇ ئۇچۇر بېرىلىپتۇ . (مەسىلەن يەكەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ چۆچۈرىنىڭ سانىنىڭ تاق-جۈپلىكىگە قاراپ ياخشى -يامانلىقنى بەلگىلەش ئادىتى .) شۇڭا بۇ كىتاب بىزگە ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بىلەن ياخشىراق تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەلىشىمۇ مۇمكىن . بولسا سېتىۋىلىپ ئوقۇيلى ، بولمىسا ، ئەگەرنەشرىيات قارشى تۇرمىسىلا ، دوستىمىز نەفىسە، قېنى بۇ كىتابدىن كۆپرەك مەزمۇنلارنى بۇيەرگە يوللاپ قويسىڭىز سىزدىن خۇرسەن بولاتتۇق .

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 18:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر-سۇپرا ››.توغرىسىدا خېلى ياخشى چۇشندۇرۇشلەر بوپتۇ،،،يەنە بىر گەپ بولىدىغان مەنمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا  ئانام سۇپرا سېلىپ ئاش يايسا  ،مەن يېغىۋېتەي  دەپ تۇرىۋالاتتىم ،،،شۇ چاغلاردا ئانام ماڭا :  سۇپرا سالغان كىشى  تويغا كېتىپتۇ ،،،دەپ يېغ  دەيتى،،،،نىمىشقا مۇنداق دەيمەن دېسەم  ،،،سۇپرا بىر ۋاخلىق تاماقتا  ئىككى ئادەمنىڭ قولىدىن چىقسا  بەركەت قاچىدۇ  دەيتى،،،،،ئەمدە  ھازىر مەن بۇ گەپلەرنى قىزلىرىمغا  دەپ بېرىمەن ،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش