كۆرۈش: 7631|ئىنكاس: 31

ئۆز يېزىقىنى بىلمەسلىك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
195
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
128 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 10:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇ قول كومپىيۇتېرى بار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، قاچانلا قارىسا  كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. ئەمما، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىغىنى— ئۇيغۇر يېزىغىنى  كومپىيۇتېردا يېزىشنى بىلمەيدۇ.       خەنزۇ تىلىدىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتېردا ئۆگىنىش قىلىۋاتامدىكىن    ئۆز يېزىغىنى بىلمەسلىك دىسە، يېزىق، ئاۋاز، كۆرۈنۈشنى تەڭ          ئىشلىتىپ كومپىيۇتېردا    باشقىلار بىلەن  مۇڭدىشىۋاتقان.
     شىركەتتە نەچچە ئونلىغان  ئۇيغۇر خىزمەتچى بىردىن  كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىرەيلەن: كىم ئۇيغۇرچىنى كومپىيۇتېردا يازالايدىغاندۇ، قايسى كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە يېزىق    كىرگۈزۈش سىستېمىسى قاچىلانغاندۇ  دەپ ئىزدەپ يۈرۈيدۇ.                  ئىدارىدىكى خىزمىتىنى كومپىيۇتېردا قىلىدىغان، ئىشلەپ يۈرگىلى ئون يىلدىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر خىزمەتچى  كومپىيۇتېردا مال سېتىۋالالايدۇ، پايچەك ئوينىيالايدۇ، كومپىيۇتېردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى  تاپالايدۇ. ئەمما، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىغىنى كومپىيۇتېردا يازالمايدۇ.    ئەمما، ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىش-ئوقۇشنى ئۆگەنگەن، ھازىرمۇ قەلەم بىلەن  ئۆز يېزىغىدا يازالايدۇ، خاتىرە قالدۇرالايدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب، گېزىت-ژورناللارنى كۆرەلەيدۇ.                          كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە يېزىشنى ناھايىتى ئاسان ئۆگۈنىۋالغىلى بۇلۇدۇ. خۇددى ئوتتۇز ئىككى چىشىمىزدەك پەقەت ئوتتۇز ئىككىلا      ھەرپ بار، بىۋاستىلا يېزىشقا چۈشۈپ كىتەلەيمىز. ھەرگىزمۇ خەنزۇچىدەك ئاۋۋال پىنيىنچىلاپ يېزىپ،  ئارقىدىن خەت ئىزدەپ يازمايمىز.           ئاتا-ئانىلار كومپىيۇتېردا ئانا تىل-يېزىغىنى ئىشلىتىشتە،          قوللىنىشتا  پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بۇلۇشى،  ئالى  مەكتەپ    ئوقۇغۇچىلىرى كومپىيۇتېردا ئانا تىل-يېزىغىنى قوللىنىشنى تەرەققى  قىلدۇرۇشى، باشقىلار ئالدىدا ئۆز يېزىغىنى كومپىيۇتېردا يازالماسلىغىدىن      خىجىل بۇلىشى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپمۇ  ئانا  تىل-يېزىغىنى كومپىيۇتېردا يازالماسلىغىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك.                     جەمىيەتتە،  جۈملىدىن كومپىيۇتېردا  كەڭ قوللىنىۋاتقان باشقا    بىر تىل-يېزىقنى بىلىمەن دەپ ئۆز يېزىغىنى ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك ئۆگۈنۈشنى خالىماسلىق، ئۆز تىل-يېزىقىغا مۇھەببەت   باغلىماسلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇ تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ھورۇنلۇق قىلمىشىدۇر.   ئەمما، ئاشۇ كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى  يازالمايدىغانلار   ئاتا-ئانىلىرىغا ئانا تىلدا سۆزلەپ، ئانا تىلىدا تەپەككۇر  قىلىدۇ. دىمەك،  ئانا تىلنىڭ رولى، قىممىتى بولغان ئىكەن شۇ تىلنىڭ يېزىغىنىڭمۇ     رولى، قىممىتى بولىدۇ.                                                                   كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە يازالمايدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور   بەتلىرىگە ئاساسەن  كىرمەيدىغانلار بولۇپ، ئۇلار  ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىكى مىللى پۇراقتىن، مىللى مەدەنىيەت ھاۋاسىدىن بەھرىمەن      بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ھەرخىل خەۋەرنى، ئېھتىياجلىق    بىلىمنى، نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرنى باشقا تىل سېستىمىسىدىكى تور  دۇنياسىدىن تاپقىلى بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىن  مىللى مەدەنىيەت— مىللى    تۇرمۇش، مىللى ئۆرۈپ-ئادەت، مىللى  ئىقتىساد-تەرەققىيات، مىللى    پىسخىكا يۈزلىنىشى، ئۆزى تەۋە مەدىنىيەتتىكىلەرنىڭ تەپەككۇر-قىممەت ئېڭى، قىسقىسى، ئۆز مىللىتىدىكى ئۆزگىرىش-يېڭىلىقلار ۋە ئىدىيە-قاراش ھەم ئىللەت-ئادەت خارەكتىرلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەھلىل-مۇھاكىمە، ئەدەبىيات-سەنئەت، باھا-ئوبزور قاتارلىقلار بىلەن  ئۇچرىشالماسلىغى مۇمكىن.            توغرا، تور دۇنياسىنىڭ سىرتىدىنمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئاڭلىغىلى بىلگىلى، ھېس قىلىپ  ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ. گېزىت-ژورنال، رادىيۇتىلىۋىزور، كىشىلىك ئالاقە، ئىجتىمائىي سورۇن قاتارلىقلار ئادەمنى      ئوراپ تۇرۇدۇ.  ئەمما، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يازالمايدىغىنلارنىڭ كىتاب-ژورنال كۆرمەيدىغان قىلمىشى بولىدۇ. يەنى، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بولسا كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى  ئاللىقاچان ئۈگۈنىۋالغان بۇلاتتى. بۇنداقلار ئۆز تىل-يېزىغىدىن پەخىرلىنىشنى بىلىدۇ، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يازالماسلىقنى ساۋاتسىزلىق،   بىلىمسىزلىك دەپ قارايدۇ. دىمىسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بىلمىسە بالىلارمۇ بىلمەيدۇ، ئۈگەنمەيدۇ.  ئۈگەنمەسلىك تاشلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ.  ئەمىلىيەتتە، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى  يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىگى، مەجبۇرىيىتى   ئىدى.                   دىمەك، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى بىلمەيدىغانلار         كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرسىمۇ، ئەمما كۆپ ۋاختىنى ئويۇنچۇق  ئويناشقا، باشقىلار بىلەن قۇرۇق گەپ قىلىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن.            نەتىجىدە، كومپىيۇتېردىن ھەقىقى، ئەڭ مۇھىم ھالەتتە پايدىلىنىش   ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋالنى   ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قول كومپىيۇتېرى بار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەس ئىش بولمىغاچقا، كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى   ئۈگۈنىۋېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈگۈنۈش نىشان-پىلانلىرىنى، ئارزۇ-ئۈمىتلىرىنى،   كۈندىلىك بىلىم خاتىرىلىرىنى، ئۈگۈنۈش تەسىراتلىرىنى، ئىرىشكەن    خوشاللىقلىرىنى،  يۇلۇققان  قىيىنچىلىقلىرىنى، ئىنتىلگەن ھېس-     تۇيغۇلىرىنى، قۇتۇلغان ئازاب-ھەسرەتلىرىنى كومپيۇتېر كۈندىلىك     خاتىرىسى ھالىتىدە يېزىپ ماڭسا، ئۆزلىرىنى تەربىيىلەشكە، پىشىپ- يىتىلدۈرۈشكە نىسبەتەن بىر ياخشى ئۇسۇلنى قوللانغان بۇلاتتى.        شۇنداقلا، كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق كىشى خىزمىتىگە،       ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىپ كومپيۇتېر كۈندىلىك  خاتىرىسى ھالىتىدە  يېزىپ ماڭسا،         ياخشى ئادەت-ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بۇلاتتى. بالىلارمۇ كومپىيۇتېرنىڭ  ئالدىدا ئۇيۇنچۇق ئويناشقا مەستانە بولغاننىڭ ئورنىغا،       ئانا تىل-يېزىغى بىلەن كومپيۇتېر كۈندىلىك خاتىرىسى يېزىشقا   ئادەتلەندۈرۈلسە ، تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ- يىتىلىشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلىغا    ئۈگەنگەن بۇلاتتى.                                                              
    خەلقىمىزدە « بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۈگەنمەسلىك ئەيىب »  دەيدىغان ماقال بار. دىگەندەك ئۈگەنمىسە بىلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.  ئۈگۈنىمەنلا دىسە، كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغانلارغا            كومپىيۇتېردا ئۆز يېزىغىنى يېزىشنى ئۈگۈنىۋېلىشقا بىر سائەتمۇ       ۋاقىت كەتمەيدۇ. مەسىلە، ئويلىنىشنى بىلمەيدۇ.


تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-20 10:47):
بىرىنچى ئابزاستا كۆچۈرۈش جەريانىدا بەزى سۆزلەر چۈشۈپ قېلىپ، بەزى سۆزلەر ئ

تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-20 10:49):
تولۇقلىما يازسام ھەرىپ يىتىشتۈرەلمىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-20 13:28  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز تىل يېزىقىنى بىلمەسلىك نۇمۇس

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:27:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدېشىم شۇ خىلدىكىلەرنىڭ تىپىك مىسالى .بۇنىڭغا مەنمۇ سەل قاراپتىمەن .ئۇنىڭغا ئۈگىتىپ قوياي

كۆيۈمچان ئەزا

جاپانىڭ تېگى راھ

UID
2029
يازما
459
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14710
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندېشىم ئەلكاتىپ  ئۇيغۇرچە  كىرگۈزۈش دېتالىنى كومپىيوتىرىڭىزغا قاچىلىۋېلىڭ.بۇ دېتالنى توردىن ئىزدىسىڭىز تاپقىلى بولىدۇ.

UID
17606
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2011-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             
                                                     ئۇيغۇرنىڭ ئۇزلۇقى

           ئۇز ،ئۇرغۇلۇق ئۇيغۇرچىمىزنى ئۇلۇغلاپ ،ئۇزاقلاردىن ئۇزاقلارغا ئۇلاشقان ئۇدۇمىمىزنى ئۇلاپ ،ئۇۋىمىزدىن ئۇزاقلارغا ئۇچقان ئۇرۇقداشلارنىڭ،ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئۇتۇقلاپ،ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئۇزىرىغان ئۇيقىمىزنى ئۇزاقلارغا ئۇزىتىپ،ئۇلاردىن ئۇرۇقىمىزنىڭ ،ئۇدۇمىمىزنىڭ ئۇزاقلىقىنى ئۇنۇتماي، ئۇسسۇزلارغا ئۇسسۇزلۇق ئۇزىتىپ ،ئۇكىلىرىمىزغا ئۇيۇشۇش ئۇقۇمىنى ئۇقتۇرۇپ،ئۇلىمىزغا ئۇلتاش ئۇلداپ ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشساقلا ،ئۇرۇنۇشلاردا ئۇتۇش ،ئۇپۇقلاردا ئۇچۇشىمىزمۇ ئۇنچىۋالا ئۇزاققا ئۇزىرىمايدۇ  !

ماڭغاچ -تۇرغاچ يېزىپ باققانتىم .

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئەمدى ئۇگەندىم . بۇنىڭعا ھىچقانچە  كۇچ كەتمەيدۇ .بەزىلەر  پولونىڭ ئاۋال گوشىنى ئاندىن كىيىن ئىشىنى يىگەندەك ،حەتنىڭمۇ ئاۋال تەسنى ،كىيىن ئاساننى ئوگەنمەكچى ئوحشايدۇ  . ۋاحتى كەلگەندە  نەچچە كۇندىلا ئوگىنىۋالىدۇ .  داڭلق   شائىرى ،ئاتاقلق  ئەدەبى تەرجىمان  ئابدۇكىرىم حۇجايىپمۇ  ،ئانا تىلىنى كىيىن  ئوگەنگەن . ئوتكۇر ئەپەندى بولسا حەنزۇ  تىلىنى 48تىن ئاشقاندا ئوگەنگەن .  مۇھىمى مۇشۇنداق نىيەتنىڭ بار- يوقلىقى . دۇنياعا داڭلق ئۇيعۇر ئالىملىرىمىز نىڭ كوپ قىسمى ئانا تىلىمىزدا  ئوقۇعانلار ئەمەسمۇ ؟ . شۇڭا بۇلار ۋاقىتلق مەسىلە .

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۆلگە بولۇپ، ئۆز تىل يېزىقىنى بىلمىسە تەبىيلا نومۇس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرسەك، ئۈنۈمى بەك ياخشى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

UID
11425
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
790
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 20:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ دىمۇ ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتال بار. شۇنى ئىشلەتسەڭلار QQ دا خەت يازغاندىمۇ، مۇشۇ مۇنبەردە خەت يازغاندەك ئەرەب ھەرىپدە خەت يازالايسىلەر. چۈشۈرۈش ئادرېسىنى مەنمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بىلىدىغانلار يوللاپ قويساڭلار! تېخىمۇ كۆپ تورداشلار شۇنى ئىشلەتسە بولاتتى.

تىرىشچان ئەزا

ھەخگەپ ئاچچق

UID
14546
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
438
تىزىملاتقان
2011-8-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 20:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزيېزقنى بلمىگەن  ئادەم  دۇنيادا  ياشمىسمۇ بۇلدۇ

UID
18590
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 22:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆپ خىل تىلنى بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت.   ___ چىڭگىز ئايماتۇۋ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش