كۆرۈش: 5148|ئىنكاس: 15

تۈركىي مىللەتلەردىن قارايىملار     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18475
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 22:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايلار


ئالپ تەييارلىغان

قارايىم تىلى قارايىملارنىڭ (قارايلارنىڭ) تىلى بولۇپ، ئۇلار لىتىۋانىڭ ۋىلنۇس شەھىرى رايونىدا، بولۇپمۇ تىروكى ۋە پونېۋېژساشەھەرلىرىدە، شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ لۇتسىك ۋە گالىچ شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدا ۋە قىرىمدىكى يېۋپاتورىيىگە يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 1950-يىللىرى ئەتراپىدا 5 مىڭ 9 يۇز ئادەم. ھازىر تەخمىنەن 2 مىڭچە نوپۇسى بار.

      قارايلارنىڭ تارىخى

        

      قارايلارنىڭ تارىختا يازغانلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، قارايلارنىڭ يىلتىزىنى قەدىمكى تارىختا خازار ئىمپېراتورلىقىغا قەدەر سۇرۇشكە بولىدۇ. مىلادىيە 350-يىللىرى ئەسىلىدە، ئورال تاغلىرىدىن غەربكە يۈرۈش قىلغان ھونلار ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا بۈيۈك بىرئمپېرىيە قۇرغان ئىدى. 450-يىللىرى ئەتراپىدا، ئاتىللا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھون ئىمپېراتورلىقى يىمىرىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئورال تاغلىرى بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە تۈركىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى. 6-ئەسىردە، بۈگۈنكى كاسپى دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كاپكاس ئەتراپلىرىدا قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولغان خارازىم ئىمپېراتورلىقى قۇرۇلدى. خازار تۈركلىرىنىڭ قاغانى بۇيان 740-يىلى يەھۇدىي دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىدى. پەقەت قاغان جەمەتى ۋە تۆرىلەر يەھۇدىي دىنىغا ئىتىقاد قىلغان ۋاقىتتا، خەلق ھەرخىل دىنلارغا ئىتىقاد قىلاتتى.

        بۇلار خىرىستىئانلار، مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار، ۋە تارىختىكى تۈرك دىنى بولغان كۆك تەڭرىچىلەر، شامانىزىم خەلق ئارىسىدا ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى. خازار دۆلىتىنىڭ11-ئەسرنىڭ باشلىرىدا پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يەھۇدىي دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان خارازلارنىڭ چوڭ بىر قىسىمى قىرىمدا قالغان، بىر قىسىمى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كۆچكەن. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە تارقالغان تۈرك ئۇرۇقىدىن كەلگەن 2 مىڭچە نوپۇسقا ئىگە قارايلار بار. بۇ 2 مىڭ تۈرك قارايلىرى لىتىۋانىڭ ۋىلنۇس شەھىرى رايونىدا، بولۇپمۇ تىروكى ۋە پونېۋېژسا شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ لۇتسىك ۋە گالىچ شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدا ۋە قىرىمدىكىيېۋپاتورىيىگە يېقىن جايلاردا، روسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ئامېرىكا، ھەتتا ئاۋىستىرالىيەدە ياشايدۇ.

       قارايىم تىلى مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى نىسبەتەن قەدىمكى تۈركىي تىللار قۇرۇلمىسىغا كىرىدۇ. ۋ. رادلوف ۋە ت. كوۋالىسكىيىنىڭ پىكىرىچە، قارايىم تىلى پولۇۋ تىلىغا ئەڭ يېقىن، قارايىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىپ ولوۋلارنىڭ (كۇمارلارنىڭ) ئەۋاتلىرىدۇر.

      بىراق، قارايىم تىلىغا دائىر مەلۇماتلارغاقارىغاندا، قارايىملار، ئۇنىڭدىنمۇ قەدىمكى ۋە كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولمىغان تۈركىي قەبىلە تۈركۈملىرى بىلەن قوشىلىشنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىر مىللەتتۇر. بۇ قەبىلە تۈركۈملىرى تەدىرىجىي ھالدا، ئالدى بىلەن بۇلغار، خازار، ئوغۇز ياكى ئۇز-پەچەنەك قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىرىغا، كېيىنچە قىپچاق-پولوۋ ئىتتىپاقىغا كىرگەن. دەرۋەقە، قىپچاق-پولوۋ ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مۇڭغۇل-تاتار قوشۇنلىرىغا سىڭىشىپ كەتكەندىن كېيىن، پولوۋلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قەدىمكى بولغان قارايىملارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شەرقىي ياۋروپالىقلار پولوۋلاردىن بۇرۇنقى ئاھالىسى بولغان خازارلارنىڭ قارايىملار بىلەن دىن ۋە ئېتنىك مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتە بىرلىكى بار.

      قارايىم تىلى تۈركىي خەلقلەرنىڭ غەربىي تارمىقىغا تەئەللۇق بولغان قىپچاق تىللىرىنىڭ قىپچاق-پولوۋ تارماق گۇرۇپىسىغاكىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ھازىرقى زامان قارايىم ئېغىز تىلى قارايىملارنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايىغا قاراپ ئىككى ئاساسلىق دىيالېكىتقا بۆلىنىدۇ. 1)شىمالىي دىيالېكىت، بۇ دىيالېكىتتا لىتىۋانىڭ قارايىم ئاھالىسى، ئاساسىي جەھەتتىن ۋىلنۇس ۋە تروكدىكى قارايىملار (لىتىۋالىق قارايىملار) سۆزلىشىدۇ؛ 2) جەنۇبىي دىيالېكىت، بۇ دىيالېكىتتا لۇتىسىلىق ۋە گالىچلىق قارايىملار سۆزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي دىيالېكىتلار لېكسىكىدىمۇ بىر-بىرىدىن خېلى پەرقلىنىدۇ.




           قارايلار ئېغىز ئەدەبىياتىدىن پارچە:

     ئاۋۋالدە تەڭرى كۆكلەرنى ۋە يەرنى ياراتتى.ۋە يەر شەكىلسىز بوش ئىدى ۋە بوش ئىدى ۋە لەھچەنىڭ  يۈزلىرى ئۈستىدە تەڭرىنىڭ روھىي قابىلدانۇرئىدى. ۋە تەڭرى ياراق بولسۇن دەپ ئايتدى ۋە يارۇق بولدى. تەڭرى ئول يارۇقنىكۆردىكى ياخشى ئىدى ۋە تەڭرى يارۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى. ۋە تەڭرى يارۇقغا كۈنۋە قاراڭغۇلۇقغا كىچە دەپ ئات قويدى ۋە ئىنگىر ۋە ئەرتە بولغانچە بىرىنچى كۈنبولدى. ۋە تەڭرى ئايتدى سۇلارنىڭ ئورتاسىندا بىر رەقىيئ بولسۇن ۋە سۇلارنىسۇلاردان ئايرىسۇن. ۋە تەڭرى ئول رەقىيئنى قىلدى ۋە رەقىيئنىڭ ئاستىندا بولغانسۇلارنى رەقىيئنىڭ ئۈستۈندە بولغان سۇلاردىن ئايرىدى ۋە ئالاي بولدى.



      قارايلار قوللانغان ئېلىپبە


قارايىملاردا 13 ئاي


     قارايىملارنىڭ قەدىمكى يەھۇدىي ئېلىپبەسىئ اساسىدىكى يېزىقى يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن پەيدا بولغان. لېكىن بۇ يېزىق ئىنتايىن تار دىننىي مەقسەتلەر، يەنى دىننىي كىتابلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. پەقەت 20-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندىلا، قەدىمكى يەھۇدىي يېزىقى ئاساسىدىكى قارايىم ئېلىپبەسىنى قەرەللىك مەتبۇئاتقا، يەنى گېزىت-ژورناللارغاھەمدە قارايىم تىلىدىكى بەزى كىتابلارنى (ئاساسەن تەرجىمە ئەسەرلەرنى)، شۇنداقلا قارايىم ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ توپلاملىرىنى ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى قارايىم مۇئەللىپلىرىنىڭ نەسىرى ۋە نەزمىي ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئۇرۇنۇپ كۆرۈشلەر بولدى. لېكىن، قارايىملارنىڭ بۇ يېزىق تىلى كەڭ تارقالالمىدى. ھازىر لىتىۋانىڭ تەركىبىدىكى قارايىملار لىتىۋا ۋە روس ئەدەبىي تىللىرىدىن پايدىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئاغزاكىي ئانا تىلىنىمۇساقلاپ كەلمەكتە. 100 گە يېقىن ئادەم ئانا تىلىنى قوللىنىدۇ ۋە ئالاقە ئېلىپ بارالايدۇ. ب د ت تەرىپىدىن يوقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغان ۋە قۇتقۇزىۋىلىنىشى مۇراجەت قىلىنغان مىللەت تىلى.

قارايچە سۆزلەر


مەنبە: ئۆزۈم
پايدىلانمىلار: بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي قىسىمى تۈركىيەنىڭ «ت ر ت»سىدىن ۋە باسكاكوفنىڭ «تۈركىي تىللار» دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان.

تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-20 20:07):
بۇنى يوللاشتىكى مەقسەت ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن.

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:03:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭلار تۇگىسە ،ئوتتۇرا ياشلىق بىزلەرمۇ يوق بولساق بىزنىڭ ئانا تىلىمىز باللىرىمىزغا قالغاندا قارايلاردەك كۇنگە قالارمىزمۇ ؟

UID
17606
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2011-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدۋار بولايلى ،تىرىشايلى

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 17:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنچە مۇشۇ كۈنلەر كىم كىمگە كېلەر

UID
12484
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 19:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومىتۋار بولايلى .كەلگۇسى نىمە ئىشلار يۇز بىرىدۇ بۇنڭغا ئالدىدىن بىر نىمە دىيىش قىيىن ..................................

UID
18475
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 20:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begana يوللىغان ۋاقتى  2011-12-20 14:03
چوڭلار تۇگىسە ،ئوتتۇرا ياشلىق بىزلەرمۇ يوق بولساق بىز ...

بۇنداق ئويلاردا بولماڭ، ئىشىنىڭكى ئەتە تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

UID
18468
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 21:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا ئۇمتۋار بۇلايلى چۇشكۇلۆك ئادەمىنى ئاجزلاشترۇپ قۇيدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 16:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قېرىنداشلاردىكى ئەندىشىمۇ ئورۇنلۇق . ھازىرقى قوش تىللىق مائارىپتا تەربىيلىنىۋاتقان بەزى ئۆسمۈرلەردىكى مىللەتتىن ياتلىشىش كەيپىياتىنىڭ بارا-بارا ئومۇملىشىپ قېلىۋاتقىنىغا قاراپ كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان بۇ بىر ئەۋلادتنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەۋجۇدلۇققا ۋارىسلىق قىلالالىشىدىن كىشى ئەندىشە قىلماي تۇرالمايدۇ . بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلارمۇ ، پىكىرلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە . بۇ ھەممىدىن ئاۋۋال مىللەتنىڭ روھىي تۈۋرۈكلىرى بولغان زىيالىلار قوشۇنىنىڭ دىققەت- ئېتىبارىدا تۇرۇشلۇق تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلىنىشى كېرەك . كەسكىن تاللاش ۋە كەسكىن شاللاشقا تولغان بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە ھەربىر ئىجتىمائىي توپ ئۆز مەۋجۇدلىقىنى قانداق ساقلاش توغرىسدا ئەڭ ئاۋۋال ئىزدىنىش زۆرۈرىيىتى يەنە تەكىتلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى . شەرقتىكى ھىنگان تاغلىرىدىن تاكى  قارا دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان شۇنچە كەڭ تېرىتورىيىدە ئاتلىرىنىڭ ئالتۇن تۇياقلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ جاھاننى لەرزىگە سالالىغان جەسۇر مىللەتنىڭ ئەۋدلاتلىرى بولمىش بىز ئۇيغۇرلار ھالبۇكى بۈگۈنگە كەلگەندە تارىخ سەھنىسىدىن رىۋايەتلەردىكى ئالتۇن ئۈزۈكتەك تۇيۇقسىز غايىپ بولۇشنى ياكى قانداقتۇر بىر سىرلىق ئۆڭكۈرلەرگە قامىلىپ پالاندى بولۇشنى ھەرگىز خالىمايمىز ئەلۋەتتە . بىزنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەرنى مۇبالىغە قىلغۇدەك قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئەمەس ، دەپ ئويلىساقمۇ ئەمما رىقابەتكە تولغان دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن كاللىمىزنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ ، بىزنى يەلكىمىزدىن باسقان قىينچىلىقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان ، ئۆزىمىزنى جۈملىدىن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتەلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرمىسەك دۇنيانىڭ رەھىمسىز تاسقاشلىرى بىزنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ ، قىزىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنى تونىمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھېيىقىپ ئولتۇرمايدۇ _ خاننىڭ نەسەبىدىن بولغان ئەتىۋارلىق پەرزەنت بولساقمۇ كاللىمىزغا رىقابەت قىلىچىنى ئۇرۇشتىن ئۇ خىجىل بولمايدۇ ، تارتىنمايدۇ . شۇڭا ئۈمىدۋارلىقنىڭ ياخشى خىسلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۈمىدكە تولغان جاسارەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى ئۆگېنىۋىلىشنىمۇ بىلىش كېرەك .  گەپنى ئۇزۇن قىلىشتىنمۇ زىرىكىدۇ كىشى ، ھەمىشە ئۇزۇن سۆزلەشكە مەجبۇر بولۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مەڭگۈ تەپەككۇر قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكتىن كېلىدىغانلىقىنى قېرىنداشلارغا تەكىتلەپ قويسام ، ئىنكاسىممۇ ئاياقلاشقۇسى ، دۇنيانىڭ تەپەككۇردىن يارالغانلىقىنى ھېس قىلالىساقلا بىزنى ئەندىشىگە سالغان كىرزىس ۋە بوھرانلارمۇ تەپەككۇرگە قارشى تەپەككۈر بىلەن گۇمران بولغۇسى .

UID
18210
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
224
تىزىملاتقان
2011-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 22:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئەھۋالدىن  قارىغاندا بىز ئۇيغۇرلارمۇ  بۇنداق كۈننىڭ بېشىمىزغا كېلىشىدىن ئەنسىرىسەك بولىدۇ.

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:15:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز، ھەر بىرىمىز ئانا تىلىمىزنى سۆيىشىمىز جاندىن كەچسەكمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز لازىم. بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش