كۆرۈش: 6750|ئىنكاس: 6

سۈنئىي بۇيۇملارغا ئائىت پەرھىزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12613
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-29 09:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈنئىي بۇيۇملارغا ئائىت پەرھىزلەر

سۈنئىي بۇيۇملار ئادەملەر ياسىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ . كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەبئى نەرسىلەر مۇقەددەس ۋە ئىرىملىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن ، ئاشۇلاردىن ياسالغان سۈنئىي بۇيۇملارمۇ ئوخشاشلا ئىرىمىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇلالايدۇ . كىشىلەر بۇنداق خۇسۇسىيەتلىك شەيئىلەرگە چوقۇنمىسىمۇ ، بىراق ئۇلاردا ئادەتتىكى نەرسىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭراق سىرلىق قۇۋۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ ، ئۇلارغا قارىتا ھاقارەتلىك ھەرىكەت ، سۆزدىن ساقلىنىدۇ .
ئۇيغۇرلار تارىخ مابەينىدە تۆمۈردىن ياسالغان ئۆتكۈر سايمانلارغا قارىتا مەلۇم سىرلىق قاراشلاردا بۇلۇپ كەلگەن .
تۆمۈردىن ياسالغان ئۆتكۈر سايمانلار دىگەندە -پىچاق ، قىلىچ ، پالتا ،كەكە ، نەيزە ...قاتارلىق ئەسۋاپلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
مەھمۇت كاشىغەرىي « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » تە تۈركى تىللىق خەلىقلەرنىڭ تۆمۈرنى ئۇلۇغلاش ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان : « تۆمۈر » بۇ سۆز < كۆك تەمۈر كەرۈ تۇرماس > دىگەن ماقالدىن كەلگەن . بۇ : < كۆك تۆمۈر بىكار تۇرمايدۇ ، تەگكەن يېرنى يارىلايدۇ > دىگەنلىك بۇلىدۇ .بۇنىڭ باشقا بىر مەنىسىمۇ بار .
قىرغىز ، ياباقۇ ، قىپچاق ۋە باشقا خەلقلەر قەسەم ئىچكەندەياكى ۋەدە قىلغاندا ، قىلىچنى يالىڭاچلاپ ئاندىن كۈندىلەڭ قۇيىدۇ-دە ، < بۇ كۆك كىرسۇن ، قىزىل چىقسۇن > دەيدۇ . بۇ ۋە دە بۇزۇلسا قىلىچ قانغا بويالسۇن ، تۆمۈر ئۆچ ئالسۇن -دىگەن بۇلىدۇ .
چۈنكى تۆمۈرگە ھۈرمەت قىلىنىدۇ .( مەھمۇت كاشىغەرىي : « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1980-يىلى 8-ئاي نەشىرى ، 1-توم ، 468-،469-بەتلەر )
ئۇيغۇرلار ئادەتتە پىچاقنى ، قىلىچنى باشقا كىشىلەرگە سۇنغاندا ئۇنىڭ ئۇچىنى ئۇدۇل قىلىپ سۇنۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . شۇڭا كۆپىنچە يانتۇ ھالەتتە ( ئالغۇچى ۋە سۇنغۇچىنىڭ ھېچقايسىسىغا قارىمايدىغان ھالەتتە ) سۇنىدۇ ، يەنە پىچاقنى غىلاپتىن ئايرىمايدۇ ، ئەگەر پىچاق يىتىپ كەتكەن ياكى ئۇنى باشقىلار ئىشلىتىۋاتقان بولسا ، ئۇنداقتا غىلاپنىڭ ئىچىگە بىرەرتال ياغاچ سېلىپ قۇيۇپ ، يامانلىقىتىن ساقلىنىشنى ئويلايدۇ . بەزى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار يەنە تۆشۈكلۈكتە ئىشلىتىدىغان پىچاقلارنى بىلىگەندە ، قازان چۆرىسىگە سۈركەپ بىلەشتىن پەرھىز قىلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەكەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا پىچاقنى پالتا ياكى كەكە قاتارلىق ئەسۋاپلارغا سۈركەپ بىلەشتىن ھەزەر قىلىدىغان ئادەت بار . ئاشۇنداق قىلسا دۈشمىنى بىلەن ئىش تېرىپ قۇيارمىش .
ئۇيغۇرلاردا يەنە قايچىنى قۇرۇق كېسىشتىن پەرھىز قىلىدىغان ئەھۋال بۇلۇپ ، يەكەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قارىشىچە قايچىنى قۇرۇق كەسسە دۈشمىنى كۈپىيىپ قالارمىش . قارىغاندا ، قايچىنى قۇرۇق كېسىش خۇددى ئۇرۇش مەيدانىدا قورال ئوينىتىپ دۈشمەننى چاقىرىشقا ئوخشىتىلغان ھەم ئاشۇ نەتىجە چىقىرىلغان بولسا كېرەك .
ئۇيغۇرلاردا يەنە قۇلۇپ ۋە ئاچقۇچقا ئائىت بىر قىسىم پەرھىزلەر بار . ئۇيغۇرلار بالىلىرىغا ئاچقۇچنى جىرىڭلاتماسلىق ۋە چۆرگىلەتمەسلىك ھەققىدە تەنبىھ بېرىدۇ . كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ئاچقۇچنى جىرىڭلاتسا كەمبەغەللىكنى چىللىغانلىق بۇلىدىكەن . ئاچقۇچنى چۆرگىلەتسە ئۆيگە ئوغرى كىرىدىكەن . ئەمىليەتتە ، يۇقىرىقى ھەر ئىككى چەكلىمىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار .
ئاچقۇچنى چۆرگىلىتىپ ياكى جىرىڭلىتىپ ئوينىسا ، ئۇ يىتىپ كىتىشى مۇمكىن . تېپىۋالغۇچى ئۇنى ئىشلىتىپ ئاچقۇچ ئىگىسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋېلىشى مۇمكىن .
ئۇيغۇرلار يەنە قۇلۇپ ئېتىلىدىغان نەرسە بولغاچقا تۇغۇتلۇق خوتۇن بار ئۆيدە « قۇلۇپ» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سۈتى كېسىلىپ كىتىدۇ ، دەپ قارايدۇ ھەم بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىدۇ .
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە شۇكى ، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇم ۋە نەرسىلەرمۇ ئاساسەن سۈنئىي بۇيۇمدۇر ياكى ھېچبولمىغاندا ئادەمنىڭ ئەمگىكىدىن ئۆتكەن نەرسىلەردۇر .
ئۇلارغا قارىتا پەرھىزلەر بەك كۈچلۈك بۇلۇپ ، بۇ پەرھىزلەر ئاساسەن شۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى ناپاك ھالدا تۇتماسلىق ، ئىشلەتمەسلىك ، ئۇلارغا قارىتا ھاقارەتلىك سۆز-ھەركەتلەردە بولماسلىق قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار « قۇرئان » نى تاھارەتسىز تۇتۇشتىن ۋە ئۇقۇشتىن ، ئېلىپ -سېتىشتىن ، ئۇنى ئاياغ تەرەپكە قۇيۇشتىن ، « قۇرئان » ئايەتلىرى يېزىلغان قەغەزلەرنى دەسسەشتىن ، ھاجەتكە ئىشلىتىش ۋە كۆيدۈرۈشتىن قاتتىق چەكلىنىدۇ .
تۇمارمۇ مۇقەددەسدەپ قارىلىدىغان ياسالما بۇيۇم بۇلۇپ ، ئۇ ھايۋاننىڭ بىرەرتال ئەزاسى ، بىرەر تەبىئەت جىسمى ياكى سۈنئىي نەرسە ( قەغەز...) بۇلۇشى مۇمكىن . ئۇيغۇرلاردا تۇمارنىڭ سىرلىق قۇۋۋىتىگە ئىشىنىدىغانلار ئارىسىدا تۇمارنى باشقىلارغا ئارىيەت بەرمەسلىك ، كۆرسەتمەسلىك ، يۇماسلىق ، تاشلىۋەتمەسلىك ۋە يېنىدىن ئايرىماسلىق قاتارلىق پەرھىزلەر بار .
تۇمارنىڭ سىرلىق قۇۋۋىتىگە ئىشەنمەيدىغانلار ئارىسىدا بولسا تۇمار ئاسماسلىق ، تۇمار پۈتمەسلىك ، ئۇنىڭ كۈچىگە ئىشەنمەسلىك قاتارلىق چەكلىمىلەر بار . بۇ ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئىپتىدائى دەۋىرلەردىن قالغان خۇراپى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر .
مەنبە- « ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر » -ئەنۋەر سەمەد قورغان  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

دائىم ئوچۇق ھاۋا

UID
1122
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
827
تىزىملاتقان
2008-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-30 14:37:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  شەخسەن تۇمار ئېسىشنى بىدئەت دەپ قارايمەن   .

ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا !!!

UID
1586
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2009-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-3 13:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم شۇنداقتۇ ~~~~~~~~~~~~!!!

UID
6971
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
417
تىزىملاتقان
2010-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە تۇمار ئىسىشقا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ، نەقلا جاۋاب كېرەك ماڭا.......

UID
28934
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 12:46:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار « قۇرئان » نى تاھارەتسىز تۇتۇشتىن ۋە ئۇقۇشتىن ، ئېلىپ -سېتىشتىن ، ئۇنى ئاياغ تەرەپكە قۇيۇشتىن ، « قۇرئان » ئايەتلىرى يېزىلغان قەغەزلەرنى دەسسەشتىن ، ھاجەتكە ئىشلىتىش ۋە كۆيدۈرۈشتىن قاتتىق چەكلىنىدۇ .-----ئۇيغۇرلارلا ئەمەس.مۇسۇلمانلار دىيىلىشى كىرەكتۇ؟

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 14:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمارنى ئاسامدۇ ئاسمامدۇ ،كارىم يوق ،لېكىن مېنى ئاس دېسە ئاغزىنى تۈزلىۋېتىمەن!!

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 14:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى پەرھىزلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاساسى بار. ئۇزۇن زامانلاردا شەكىللەنگەن تۇرمۇش تەجرىبىسى ئەمەسمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش