كۆرۈش: 18445|ئىنكاس: 46

چاۋشەندىكى ئەركىنلىك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10883
يازما
139
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4701
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 18:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چاۋشەندىكى ئەركىنلىك


(چاۋشەن ساياھەت خاتىرىلىرىدىن)


چاۋشەن ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمىز، بەزىلەر ئۇيەرنىڭ ئەھۋالىنى دۆۋلىتىمىزنىڭ 70-يىللاردىكى ئەھۋالىغا ئوخشىتىدۇ. ئۇيەرگە بارغاندىن كىيىنلا ئاندىن ھەقىقى تۇنۇشقائىگە بۇلىسىز.
چاۋشەن يېزىللىرىدىكى قاتناش قۇرالى ئاساسەن ۋەلسىپىت، يەنە كالا ھارۋىللىرىمۇ بار. چاۋشەندىكى ساياھەتتە سىزنىڭ كومپىيۇتىر ۋە يانفۇن ئېلىپ يۈرىشىڭىز چەكلىنىدۇ، فوتوئاپاراتى ئېلىپ يۈرۈش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشىڭىزكېرەك، تەستىقلانسا ئاندىن بۇلىدۇ، شۇڭا چاۋشەن زىيارىتىدە كۆرگەنلىرىڭىدىن قالدۇرىدىغان خاتىرىڭىز بەك ئاز بۇلىدۇ. چاۋشەنگە بارغاندىن كىيىنلا جۇڭگۇدا يانفۇن، تور، تاللابازىرى، ئالى مېمانخانا، ئىت ۋە سىمىزلەرنىڭ كۆپلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىسىز. چاۋشەن خەلىقىنىڭ يازكۈنلىرى چوكامۇز يەۋاتقىنىنى كۈرۈپ، يۇرتىڭىزدىكى 雪糕نى ئەسلەيسىز. ئۇلاريەۋاتقان ئاشلىقنىمۇ بىلەت بىلەن نۇرمىلىق سېتىۋالىدۇ، چاۋشەن ئاياللىرىنىڭ بىركۈنلۈك ئاشلىق نۇرمىسى 300گىرام ئىكەن. يازكۈنلىرى يول بۇيى مىنىرالنى سۇ دېگەنگە ئىنتىزار بۇلۇپ كېتىسىز، چۈنكى ئۇيەردە ئۇنداق سۇيوق-دە. ساياھەت جەريانىدا قۇنالغۇلارغا چۈشسىڭىز، كەچلىرى سىرىتقاچىقىش چەكلىنىدۇ.
چاۋشەندە مائارىپ ، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي ھەقسىزئىكەن، ئەمما ھەقسىز بولغان بىلەن ئادەتتىكى قېرىنداش قەلەممۇ شۇنداق قىس بۇلۇپ، چاۋشەن باللىرىغا بىرەر سوۋغاتلىق ئېلىپ بېرىشنى ئويلىسىڭىز چۇقۇم قېرىنداش قەلەم ئېلىپ بېرىڭ، شۇندىلا بالىلارنى تازا خوش قىلىۋىتەلەيسىز.
چاۋشەندە سىياسى دېگەن نەرسە شۇنداق سەزگۈر نەرسەكى، ساياھەت يىتەكچىسى بولغانلار سىياسى جەھەتتە قاتتىق تەربىلەنگەنلەردۇر، ئۇلار يىتەكچىلىك جەريانىدا <ئامېرىكا> دېگەن ئاتالغۇنى تىلغائېلىشقا توغراكەلگەندە چۇقۇم <ئامېرىكا جاھانگىرلىرى> دەيدۇ. چاۋشەن خەلىقىنىڭ دۇنياھەققىدە بىلىدىغانلىرى ناھايىتە ئاز. چاۋشەندىكى ئەڭ چىرايلىق جايلار ياكى كىمىرسۇن تۇغۇلغان جاي ياكى شۇكىشى ياشىغان جاي، ئىشقىلىپ شۇلابىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلەردۇر. كىمىرسۇن جەمەتى تىرىك ۋاقتىدا ھۇقۇق ئېلىپ كەلگەن قۇدىرەت بىلەن ياشىسا، ئۆلگەندىن كىيىنمۇ شەرەپ بىلەن ھەربىر چاۋشەنلىكنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ، ھەربىر چاۋشەنلىك كىمىرسۇن ئۈچۈن ياشىدى، ئەمدى بولسا كىمجۇڭئىن ئۈچۈن ياشاۋاتىدۇ. ساياھەت جەريانىدا يول بۇيى كىمىرسۇننىڭ باش سۈرىتى ھەيكىلى، ياكى بۇكىشىنىڭ ئىككى قۇلى بىلەن بىلىنى تۇتۇپ تۇرغان پۈتۈن بەدەن ھەيكىلى ھەممىلا جايدا كۆزگە چېلىقىدۇ، رەسىمگەچۈشمەكچى بولسىڭىز چۇقۇم كىمىرسۇن ۋەشۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردىلا رەسىمگە چۈشەلەيسىز، ئۇندىن باشقا نەرسىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالسىڭىزمۇ بىكار، چۈنكى ساياھەت يىتەكچىلىرى ئەڭ ئاخىرىدا فوتوئاپاراتىڭىزنى بىرقېتىم تەپسىلى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدۇ. ساياھەت يىتەكچىسى يول بۇيى <ئۇلۇق داھىمىز كىمىرسۇن...> دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
چاۋشەندە ھېس قىلىدىغىنىڭىز ئەركىنلىكنىڭ تۇلىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكى. چۈنكى چاۋشەندە  رەسىمگە تارتىش ئەركىنلىكىڭىز يوق، نەرسە سېتىۋېلىش ئەركىنلىكىڭىز يوق، ئۇلارسىزنىڭ يېقىنلىىشىڭىزنى خالىمايدىغان جايلارغا يېقىنلىشىش ئەركىنلىكىڭىز يوق، تورغا چىقالمايسىز، يانفۇن ئېلىپ يۈرەلمەيسىز. چاۋشەن پۇقرالىرىمۇ ئۆزدۆۋلىتىنىڭلا توربىكەتلىرىگە كىرەلەيدۇ، چەتئەلنىڭ ھەرقانداق توربىكەتلىرى چەكلەنگەن.
چاۋشەن كوچىللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بىنالار كونا ھەم پاكار، 1997-يىلىدىن كىيىنكى ئۈچ يىللىق تەبىئى ۋە ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن بولغان ئىقتىسادى قىيىنچىلىق جەريانىدا ھۈكۈمەتنىڭ تەمىنلىشىگە تايىنىدىغان ئاھالىلەر نەچچە ئاي يىمەكلىك ئالالمىغان، بۇجەرياندا زادى نەچچىلىك ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن؟ چاۋشەن ھۈكۈمىتى ھەرقانداق ھەقىقى خەۋەرنى قامال قىلىدىغان بولغاچقا  بۇنامەلۇم.  شۇيەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئېيتىشچە، بەزى جايلاردا يىمەكلىك بولمىغاچقا، كىشىلەر يىيىش ئۈچۈن ھەتتا دەرەخ قوۋزىقىنىمۇ تالاشقان. چاۋشەندە گۆش يىيىش بەك تەس، ھەريىلدىكى <قۇياش بايرىمى> دا، يەنى كىمىرسۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئىككى پارچىدىن دوفۇبىرىلىدۇ، يېقىنى يىللارمابەينىدە، بۇبايرامدا يەنە ئازراقتىن نەق پۇل تارقىتىدىغانمۇ بولدى. چاۋشەن باللىرىمۇ كەمپىت –پىچىنىلەرنى يىيەلمەيدۇ، چاۋشەنلىكلەر ئاساسەن ئۇرۇق كېلىدۇ، بەزىلەر چاقچاق قىلىپ :<چاۋشەندە كىمىرسۇن ئەۋلاتلىرىدىن باشقا سىمىزلەر تېپىلمايدۇ> دىيىشىدۇ.
چاۋشەن پۇقرالىرى بىريەردىن يەنە بىريەرگە بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ساقچىلاردىن تەستىق ئېلىشى لازىم، تەستىقسىز بىريەرلەرگە بارسا قولغا ئېلىنىدۇ.
ۋەھەلەنكى چاۋشەن پۇقرالىرى ھەرگىزمۇ ھۈكۈمەتتىن نارازى بولمايدۇ، ئۇلار يۇقارقى قىيىنچىلىقلارنى ئامېرىكا جاھانگىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپلا چۈشۈنىدۇ، ئامېرىكا جاھانگىرلىرى بىزنى ئىقتىسادى مۇھاسىرىگە ئالغاچقا بىزمانامۇشۇنداق قىيىنچىلىقتاقالدۇق، دەپلا ئويلايدۇ، چۈنكى ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا مەكتەپلەردە ئەنەشۇنداق تەربىيەكۈرۈدۇ. سىزبىرچاشەن پۇقراسىدىن :<تۇرمۇشىڭلار قانداقراق؟> دەپ سورىسڭىز، ئۇلار چۇقۇم :< بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز خۇددى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك بەختلىك، چۈنكى باشقا دۆۋلەتلەردە تېخى رادىئۇ-تېلىۋىزورلار يوق ئىكەن، ئەمما بىزدە بار، باشقادۆۋلەتتىكىلەرئاچلىقتىن يىگۈدەك نەرسىسى يوق ئىكەن، ئەمما بىزدە بار، باشقادۆلەتتىكىلەر كېسەل بولسا بىرمۇنچە پۇلغا داۋالىنىدىكەن، ئەمما بىزدە ھەقسىز، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇق داھىمىزنىڭ شاپائىتى...> دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇلار دۇنيا توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت پىيۇڭياڭ رادئىوئىستانزىسى ۋە تىلىۋىزىيە ئىستانزىسىنىڭ مۇقۇم بولغان بىرنەچچە قانىلىنى بىلىدۇ، بۇقاناللاردا بولسا مەدھىيەلەش ۋەقىزىل ناخشىلاردىن باشقا نەرسەيوق. ئەگەر باردىيىلسە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى سۈكۈش، يەنى بارىلىق قىيىنچىلىقلار ۋە ئاپەتلەرنىڭ مەنبەسى ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت.
نۆۋەتتەكىمجۇڭئىن تەختنى ئىككىنجى ئوغلىغا بىرىشنى پىلانلىماقتا، شۇنداق بولغاندا بۇلار ئۈچ ئەۋلات چاۋشەنگە ھۈكمىران بولغان بۇلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى چاۋشەن ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىش ھادىسىسى كۈرۈلمەكتە.
چاۋشەنگەبارغاندىلا ئاندىن ئەركىنلىكنىڭ شۇقەدەرقىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە چاۋشەندىكى ئاتالمىش ئەركنلىكنىڭ نەقەدەر مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېسقىلىسىز. شۇنداق، ئەركىنلىكنىڭ ئۈزى بىر بەخت، ئەركىنلىك بولمىغان يەردە ھەقىقى بەختمۇ بولمايدۇ، ئەركىنلىك بولمىغان كىشلىك غۇرۇر بىرخىل سۈنئى كىشلىك غۇرۇر ھېساپلىنىدۇ.
چاۋشەن پىيۇڭياڭ شەھەركوچىسى



چاۋشەندىكى ھۈكۈمەت ئورگىنى

چاۋشەن يېزامەكتىۋى

مەنبە: توردۇنياسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18126
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
213
تىزىملاتقان
2011-12-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 03:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋۇي، نىمانداق ئىپتىدائى.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ناھايتى بەخىتلىك ، خۇددىي جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك.. دىگەن سۆزلەر بەلكىم ھەر تەرەپلىمە سۇئالغا جاۋاپ بولىشى مۇمكىن.
بىرى، چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمە پىسخىك تەربىيىسى ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
يەنە بىرى، ئۇلار  سىرتقى دۇنيا (خەلىقئارا ۋەزىيەت) دىن قىلچىلىك خەۋەرسىز بولسىمۇ،
ياتلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى توغۇرسىدىكى سەلبى سەپسەتلەرنى ئاشكارلاپ يۈرشىنى خالىمىغانلىقىدا.

ئىشقىلىپ، نىمىلا دىسەك چۈشۈۋېرىدۇ -دە.

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئاسى-جاپى كۆيمىس

UID
7330
يازما
118
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
2363
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:42:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يولداش دېڭ شىياۋپىڭغا رەھمەت ئېيىتساق بولغۇدەك.

UID
11425
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
790
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 14:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشىيەن=朝鲜=شىمالىي كورىيە.
كورىيە=韩国= جەنۇبىي كورىيە.
كورىيان مىللىتى=朝鲜族=چاۋشىيەن مىللىتى.
ئەمەلىيەتتە ھەممىسى كورىيان مىللىتى.

UID
11425
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
790
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 14:14:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى ئۇيغۇر ئىكەن دېگەن خەۋەرنى تاپالمىدىمغۇ؟

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 14:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئادەمنىڭ ڭچى سىرىلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
318
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
708
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 14:49:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىdurus يوللىغان 2011-12-14 14:14 غا قارتىلغان  :
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى ئۇيغۇر ئىكەن دېگەن خەۋەرنى تاپالمىدىمغۇ؟
توردىن ئالىمجان توختاخۇنۇۋ دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ. ئەلكۈيىدىمۇ بار. رەسىمى بىلەن تېخى.

UID
5242
يازما
89
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1889
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 16:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشىيەنگە چىقمايلى بولدى;ئىسلاھات،ئچىۋېتىش. نىمە دېگەن ياخشى!

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 21:43:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكلى ئۆزگەرگەن  پادىشالىق تۈزۈم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش