كۆرۈش: 3220|ئىنكاس: 9

ئىنسان مەۋجۇتلىقى،ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 20:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]  

ئىنسان مەۋجۇتلىقى،ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك

  

تۇردى توختى

  

  

----------ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق ئېڭى-ئىنسان تەبىيىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ يادىروسى
                                                                                                       -  ئىقبال تۇرسۇن




مەۋجۇتلۇق- ئادەم ۋە باشقا جانلىقلاردا ،بۇلۇپمۇ ئىنسانلاردا ئۆز مەنىسىنى تاپقان ھايات ياشاشنىڭ يەنە بىر نوقتىدىن ئىپادىلىنىشى بۇلۇپ،بۇ يوقلۇقنىڭ ئەكسى بولغان بارلىقنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم ھەم يادۇرۇلۇق بەلگە.ھەرقانداق نەرسە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ۋاقىتتىلا ئۈزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.مەۋجۇت بولمىغان نەرسىدە خۇسۇسىيەتمۇ بولمايدۇ.بۇ نوقتىمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر مەرگىزى-يادۇرلۇق بارلىق(ھاياتلىق)ئەكەنلىگىنى بىزگە ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئادەم تېبىيىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك مەۋجۇتلۇق ياراتقان، ئادەمنىڭ ھەركەت ۋە خارەكتىرىدە ئىپادىلىنىدىغان پىسخىكىلىق جەريان.ئادەم تەبىيىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلەك ئادەم ھايات ياشىۋاتقان،ھاياتلىق مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئۈزىنىڭ ئىختىدارىنى نامايەن قىلالايدۇ.مەۋجۇتلۇق ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن ۋە ئۆلۈمدىن ئىبارەت ھەقىقەت يۈز بەرگەن چاغدا مەۋجۇتلۇقنىڭ تۇرۇتكىسىدە رول ئوينىۋاتقان ئىنسان تېبىيىتىدىكى ئىختىدار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت يۇقىرى چەكتىكى پەزىلەت خارەكتىرى رولىنى يوقىتىدۇ.تەسىرى بولسا خېلى ئۇزاققىچە نامايەن بۇلۇدۇ.ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى چەكتىكى پەزىلەتنى يىتىلدۈرەلىگەن كىشىلەر بولسا مۇشۇ ئالەمدە ئۆلۈمدىن ئىبارەت ۋەھىمدىن ھالقىپ،كىشىلەر ئارىسىدا ئاداققىچە ئۈزىنىڭ روھىنى ساقلاپ قېلىشتەك بىر بۇيۇك نوقتىغا يېقىنلىشىدۇ.ئەمىليەتتە بۇ خىلدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىغا سېلىنغان ،ئىنسان تېبىيىتىدىكى ئىقدىدارلار ئارقىلىق نامايەن بولغان ئىنسانلاردىكى روھى پاكلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
مەۋجۇتلۇق يەنە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتى بولغان ئۆلۈش-تۇغۇلۇش،تۇغۇلۇش-ئۆلۈش قانۇنىيىتىنىڭ  ئاداققىچە دەۋرىلىنىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇلۇدۇ.بۇنداق دەۋرىلىنىش ئەمىليەتتە ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈمنى،ئۆلۈمنىڭ ھاياتلىقنى ئاپىردە قىلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.بۇ دىگەنلىك ھاياتلىق ئۆلۈمگە،ئۆلۈم ھاياتلىققا يۈزلىنىپ،ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئاشكارلايدۇ.بۇ يەردە دىيىلگەن مەڭگۈ مەۋجۇتلۇق-ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش چىكىگىچە(ۋاختىغىچە) داۋاملىشىدۇ.
ئىنسان مەۋجۇتلىقى- ئىنساننىڭ ياشاش،ھاياتلىق كۈچۈرۈش جەريانىدىكى ھەل قىلغۇچ ئاساسى ئامىل بۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانلارنىڭ ياشاش داۋامىدىكى،ھايات كۈچۈرۈش جەريانىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن قىيىچىلىق،مۇشكىلات،ئېتىياج،مۇھتاچلىق،ئىشەنچ ۋە ئۈمۈتسىزلىكىنىڭمۇ ياراتقۇچىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئىنسانلار ياشاش جەريانىدا يۇقارقىدەك مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىپ،ئۈزىنىڭ ياشاش شارايىتىنى ياخشىلاشقا  تىرىشىدۇ.ھەم بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى ئۈزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ،ئۈزىدىكى مەۋجۇتلۇق ئېڭىنى ،مەۋجۇت دۇنيانى بىلىش ئاساسىدا يىتىلدۈرىدۇ.
بۇنداق مۇرەككەپ ياشاش جەريانى ئىنسانلارنى مەۋجۇت دۇنيانى بىلىش ۋە ئۇ ياراتقان مۇشكىلاتلارنى قانداق يىڭىپ، زامانغا ماسلىشىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تۈرۈتكە بولىدۇ.ئىنسانلار  ئۈزىنىڭ ياشىشىغا تۈرۈتكە بولغان بىلىش ئېتىياجى ئاساسىدا ئۈزىدىكى ئەقلى ئىقدىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئاستا-ئاستا زامانغا مالىشىشتىن ئىبارەت ياشاش ئېڭىنى يىتىلدۈردۇ.بۇ يىتىلگەن ئاڭ دەل ئىنسانلارنىڭ سۇبىكتىپ پالىيىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئېتىياجىغا ماسلىشىپ،ئىنسانلانى ئۈزىنى ۋە ئۈزى ياشىۋاتقان دۇنيانى بىلىش ئىختىدارىغا ئىگە قىلىپ،ئۇلاردا مەڭگۈ ياشاش ئىستىگەنى قوزغايدۇ.
ئىنسانلاردا قوزغالغان مەڭگۈ ياشاش ئىستىگى ئۆلۈم-ھاياتلىق چەمبىرىكى ئىچىدە مەڭگۈ دەۋرىلىنىش ھاسىل قىلىپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى،گۈزەللىكلىكىىنى ۋە ھاياتنىڭ تۇلۇمۇ قىممەتلىكلىكىنى يەنى بۇ ھاياتنىڭ تۈلىمۇ قىسقا بولدىغانلىغىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈپ،ئىنسانلادا ياشاش ئۈمىدىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.ئىنسانلاردا پەيدا بولغان ياشاش ئۈمۈدى يەنە ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا قانداق ياشاشتىن ئىبارەت بىر قىيىن سۇئالنى قۇيۇدۇ.
ھەر بىر ئىنسان ئۈزىگە قۇيۇلغان قانداق ياشاش توغرىسىدىكى سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ رىيال دۇنيادىن ئالغان تەسىراتى ئوخشاش بولمىغانلىغى ئۈچۈن،ئىنسانلارنىڭ بۇ سۇئالغا ئىجدىمائى ئەمىليەت جەريانىدا بېردىغان جاۋابى ھەر خىل بۇلۇدۇ.بەزىلەرنىڭ بەرگەن جاۋابىئى ئۈمۈتسىزلىك ئارلىشىپ كەتكەن،بۇشاڭلىق پۇراپ تۇرغان چۈشكۈنلۈكتىن ئىبارەت بولسا،يەنە بەزىلەرنىڭ جاۋابىئى ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قالغان مەن-مەلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،يەنە بەزىلەر بولسا،جاۋابىنى ئەمىليەتنى چىقىش قىلىپ،ياشاشنىڭ يوللىرىنى توغرا ئىگەنلىگەن،ئادىمىلىك خۇسۇسىيىتىنى نامايەن قىلغان ھالدا خۇلاسىلەپ، قانداق ياشاش توغرىسدىكى سۇئالغا بىرىلگەن ھەقىقى جاۋاپنى ئوترىغا چىقاردىى.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى مەۋجۇت دۇنيا ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى سىناق بىرىشكە ۋە شۇ سىناقتىن قانداق قىلىپ ئۈتۈشىگە ھەقىقى سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن دۇنيادۇر.
ياشاش جەريانىدىكى بۇنداق ئېغىر سىناققا بەرداشلىق بىرىپ، سىناقتىن ئۈتۈش جەريانى ئىنسانلاردا تەبىيەت دۇنياسىغا،ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە،باشقىلارغا ،ئۈزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت يەنە بىر ھەم مۇھىم،ھەم تەخىرسىز سۇئالنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ سۇئالغا بىرىلگەن جاۋاپلار قانداق بۇلۇشتىن قەتتئى نەزەر كىشىلەرنىڭ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش جەريانى ئۇلاردىكى خارەكتىرنىڭ(ئىنسان تەبىيىتىنىڭ)شەكىللىنىش جەريانىدىن ئىبارەت بۇلۇدۇ.بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ئىنسان تەبىيىتى ئىنسانلادا ياشاش جەريانىدا شەكىللەن مىجەز-خارەكتىرى،ئادم بۇلۇش پىرىنسىپ ۋە پىزىلەتلىرىنىڭ قانداق بۇلۇشى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.
ئىنسان تەبىيىتى-ئىنسانلادا تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان ھەم ئىجدىمائى ئەمىليەت(ياشاش جەريانى)جەريانىدا شەكىللەنگەن غەزەپ-نەپرەت،ياىشىلىق ۋە يامانلىق،مىھرىۋانلىق ۋە ساختىپەزلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك ھەم ۋەھشىلىك.ئامالسىزلىق ۋە ئاجىزلىق،قەيسەرلىك ھەم باتۇرلۇق ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ بىر ئىچكى(روھى) ئېتىياج ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىنسان خارەكتىرىدىن ئىبارەت.بۇنىڭدىن ئىنسان تەبىيىتىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى يادىرۇ قىلىدىغانلىغىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.چۈنكى يۇقارقى ئالاھىدىكلەر ئالدى بىلەن يەككە ئىنساندا شەكىللىنىدىغان ئالاھىدىلىكلەردۇر.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن ئىنسان تەبىيەتىنىڭ ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خارەكتىر سېسىتمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۈرىۋېلىشقا بولىدۇ.ئېقبال تۇرسۇن ئېيتقاندەك‹‹ئېتىياج بىلەن مۇھتاجلىق ھالىتىدە ياشاش،ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى تەبىيىتى››(‹‹ئۇيغۇرلاردا ھايات ھىكمىتى،ئۆلۈم كۈلپىتى››7-بەتكە قاراڭ)ئەمىليەتتە ئېتىياج بىلەن مۇھتاجلىقنى ھەل قىلىش يۇلىدا ئىزدىنشى جەريانى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىنسان تەبىيىتىدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق،رەزىلىك بىلەن گۈزەللىكنى ئىپادىلەش جەريانىدىن ئىبارەت بۇلۇدۇ.ھەل قىلىش جەريانى ۋە ئۇسۇلى ئادىميلىكنى ئاساس قىلغان بولسا -بۇنداق كىشىلەر ئۆلۈم كۈلپىتىدىن ھالقىپ ئۆتكەن،مەڭگۈ ياشاش ھالىتىگە كىرگەن ،ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتىنى بىلگەن ياخشى تەبىيەتلىك كىشىلەردۇر.غەيرى ئادىمىلىك نوقتىسىدىن چىقىپ ئېتىياج ۋە مۇھتاجلىقنى تۈگۈتۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەن كىشىلەر بۆلسا- ھايات تۈرۈپ،ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن،ئۈزىنىڭ ۋە باشسقىلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنىڭ خاسىيىتىنى بىلمىگەن ئادىمىىي ھايۋان تەبىيەتلىك كىشىلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ياخشى تەبىيەتلىك كىشىلەر بولسا-باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بۇلۇدۇ،باشقىلارنىڭ قايغۇسىدىن قايغۇرۇدۇ.ئۈزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۈڭلۇللۈك تۈرمىشىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ.باشقىلارغا كۈيۈنۈش ئارقىلىق خاتىرجەملىككە ئىرشىدۇ.
يامان تەبىيەتلىك كىشىلەر بولسا -باشقىلانىڭ قايغۇسىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ.خۇشاللىقىدىن قايغۇرۇدۇ.باشقىلار نەتىچىگە ئىرىشسە ئۈنىڭ ئىچى زەھەر بۇلۇدۇ.باشقىلارنى ئازاپلىسا ئالەمچە خۇش بۇلۇدۇ.دائىم باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تېپىپ،كىشىلەرنى خاتىرجەمسىزلىككە ئىرىشتۈرەلىسە ئۇ شۇ چاغدا خاتىرجەم بۇلۇدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئىنسان تەبىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بۇلۇپ،ئۇنى ئۆزگەرتمەك بىر قەدەر قىيىن،شۇنداقتىمۇ ئۇنى يىتەكلاش تامامەن مۈمكىن.بۇنى يىتەكلەشتىكى ئەڭ ئاساسى ھالقا ئىنسانلارنىڭ ئۈزى بۇلۇپ،ئىنسانلار ئۈزىنى يىتەكلەشتە ئۈزىنى بىلىشى،چۈشىنىشى،ئۈزىنى قۇبۇل قىلىشى ئاساسىدا ھەق-ناھەق قارىشى،ياخشى-يامانغا بولغان تۇنۇشى،ۋەقە-ھادىسىلەرگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسى...قاتارلىق مىسىلىلەردە ئۈزىنى ئۈزى يىتەكلەشكە يەنى ئادىمىيلىك پەزىلىتى تەرەپكە يىتەكلەشكە  تىرشىش،شۇ ئاساستا باشقىلارنىڭ يەردىمىنى سەۋرىچانلىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ،ئۈزىنى ئادەمدەك ياشاش يولىغا باشلىشى كېرەك.بۇنداق يىتەكلەش،ئادەمنى باتۇر،قەيسەر،جاپادىن قورقىمايدىغان،باشقىلارغا يەردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان مېھرى-مۇھابەتلىك،مۇھاببەت-نەپرىتى ئېنىق بولغان، ئىنسانلارغا تەئەللۇق بولغان ئىنسانىي خارەكتىرگە ئىگە قىلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن يەنە ئىنسان تەبىيەتىنىڭ ئاجزىلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئىجدىمائى ئادەم بۇلۇشتەك خۇسۇسىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى،مەۋجۇت تۇرۇش-ياشانى داۋاملاشتۇرۇشتا ھامان باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ ياشاشنىڭ زۈرۈر ئىكەنلىگىنى ھىسى قىلىپ يېتىمىز.بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىنسانلارنى بىر-بىرىنى چۈشۈنۇپ،ئۆز-ئارا ئۇيۇشۇپ،ياشاشتىكى قىسمەتلەرگە بىرلىكتە تاقابۇل تۇرۇپ،ھەمكارلىشىپ ياشاشتەك كاپالەتكە ئىگە قىلغان. يەنە بۇ ئالاھىدىلىكلەر ھاياتلىقتىكى بىردىن  بىر  ياشاش يولى ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا ئەسكەرتىپ تۇرۇدۇ.بۇنىڭدىن مەيلى يامان تەبىيەتلىك ئىنسانلار بولسۇن،ياكى ياخشى تەبىيەتلىك ئىنسانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھامان ئىجدىمائى توپ ئىچىدە ياشايدىغانلىغىنى ،ئۇلارنىڭ ئۈزىنىڭ خارەكتىرىنى چىقىشى قىلىپ،دوست تارتىشىدىغانلىغىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.
مەۋجۇتلۇق ئاپىردە قىلغان ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئادەملەرنىڭ بىر-بىرگە ئېتىياجى چۈشۈشتەك ئاجزلىغى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا،يەنە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە زىدىيەتلىك بولدىغانلىغىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇ مۇرەككەپلىكنىڭ ئىچىدە مۇھتاجلىقتىن ئىبارەت بۇ يوقلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك ھالەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرگە ئېتىياجى چۈشۈشتەك ھاياتلىق پەلىسىپىسىنىڭ مىلودىيەسىنى ياڭرىتىدۇ.
يۇقارقىلاردىن ھەر بىر ئىنساننىڭ يەردەمگە،كۈيۈنۈشكە مۇھتاج بولدىغانلىغىنى،بۇنداق مۇھتاجلىقنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھابەتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىغىنى بىلۋېلىش تەس ئەمەس.ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولغان مىھرى-مۇھابەت ئەمىليەتتە ئىنسانپەرۋەرلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ تۈپكى سەۋەپ ھىساپلىنىدۇ.
ئىنسانپەرۋەرلىكنى مۇنداق ئۈچ نوقتا ئاساسىدا چۈشەندۈرۈش تامامەن مۈمكىن.بىرسى ماددى نىمەتلەر جەھەتتىن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك،ئىككىنچىسى بولسا مەنىۋى جەھەتتىن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك،ئۈچۈنچىسى بولسا روھى جەھەتتىن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت.ماددى جەھەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى روھى(ئاڭ) جەھەتتىن قىلىنغان  ئىنسانپەرۋەرلىك -مەۋجۇتلۇق پىسخىكىسى يىتەكلەيدۇ.بۇ دىگەنلىك ئادەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى يىتىلگەندە،شۇنداقلا باشقىلارنىمۇ مىللەت،دىن،ئېرىق،جىنسى ئايرىماي ئۈزەمدەك ئادەم ،ئۇنىڭمۇ مۇشۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياشاش ھەققى بار دەپ قارىيالىغاندىلا ئاندىن كىيىن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ  مىللەت،رايۇن چىگىرىسى بولمايدۇ.ئۇ بىز دەپ كىلىۋاتقان ئادىمىگەرچىلىكتىن تارتىپ،ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قىلىنغان زور يەردەملەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.ئۇ خالىسىز،ئىختىيارى بۇلۇدۇ.مەجبۇرى قىلىنغان خەيرىخالىق بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.ئۇ بولسا مەجبۇرى قىلىنغان ياخشى ئىش،ياكى ئاڭسىز ئاۋاز قۇشۇشتىن ئىبارەت ئاددى ھەركەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئىنسان تەبىيىتىدە، ئادەمنىڭ ئورنى،ياشاش ھۇقۇقى،ھاياتنىڭ-قەدرى قىممىتى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىنسان بېشىغا چۈشكەن ئازاپ-كۈلپەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلىش دېرىجىسى قاتارلىق يۇكسەك دېرىجىدىكى ئادىمىلىك چۈشەنچىسى يىتىلگەن بۇلۇشى كېرەك.بۇنداق ئادىمىيلىك چۈشەنچىسى يىتىلمەي تۈرۈپ،ئىنسانپەرۋەرلىكنى نامايەن قىلىش مۈمكىن ئەمەس.بۇ يۈكسەك ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى بەزىدە ئاددى كىشىلەردە نامايەن بولسا،يەنە بەزىدە ئالىم سۈپەت كىشىلەردە نامايەن بولماسلىغى مۈمكىن.بۇ نوقتىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك،ئادەم تەبىيىتىدىكى ئەخلاقى بىلىشنىڭ ئادەم پىسخىكىسىدا جۇلالالىنىپ،ئادەم ھەركىتىدە نامايان بۇلۇشىدۇر.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن ئەخلاقى بىلىش بىلەن باشقا جەھەتتىكى بىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دىگەن ئۇقۇم شەكىللەنمەيدۇ.ئەخلاقى بىلىش بىلەن باشقا ساھىلەردىكى بىلىش ئۆز-ئارا بىرلەشسسە ئىنسانپەرۋەرلىك تېخىمۇ نۇرلىنىپ،ئىنسانلارنىڭ ھاياتقا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تۇنۇشى شۇنچە يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپ،ئىنسانىيەت دۇنياسى مىھرى-مۇھابەتكە تۇلۇدۇ.ئۈنىڭ ئەكسىچە بىرلىشىش مۈمكىنچىلىكى بولمىسا  باشقا بىلىش جەريانى كىشىلەردە ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغىسىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.
قىسقىسى ياشاش ئىنتايىن قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك جەريان ئىنساننىڭ ھەممە كۈلكىسى ۋە كۈلپىتى ياشاشنىڭ ئىچىدە نامايەن بۇلۇدۇ.ھەر بىر ئىنسان كۈلكە بىلەن كۈلپەتنى كۈتۈشكە مەجبۇردۇر.ئۇلانى قانداق يۇسۇندا كۈتۋېلىش ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق ئېڭىنىڭ قۇماندانلىغىدىن ئايرىلالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىسان تېبىيىتىدىكى پەزىلەتلەرمۇ بەلگۈلۈك رۇلىنى جارى قىلدۈرۈپ،كىشىلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك يۇلىغا باشلاپ،ئىنسانغا ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىگىنى ھىسى قىلدۇرۇدۇ.ئىنسان تەبىيىتىدىكى پەزىلەتسىزلىك بولسا- ئىنساننى مەڭگۈلۈك زۇلمەت قوينىغا باشلايدۇ.

(oz yazmam)


خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18269
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2011-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 23:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلققىنى دەڭسەپ تۇرىشى زۈرۈر.ئىنسانپەرۋەرلىك بولمىسا ئۇنى ئادەم دىگىلى بۇلمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان- ئىنسان مەۋجۇتلىقى.  ئاجىزلىق - ئىنسان تەبىئىيتى.    بىر-بىرىنى چۈشىنىپ يېتىش - ئىنسانپەرۋەرلىك دەپ ئېيتساقمۇ ، بولارمۇ؟

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
136
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4396
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 13:20:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<ياخشى تەبىيەتلىك كىشىلەر بولسا-باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بۇلۇدۇ،باشقىلارنىڭ قايغۇسىدىن قايغۇرۇدۇ.ئۈزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۈڭلۇللۈك تۈرمىشىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ.باشقىلارغا كۈيۈنۈش ئارقىلىق خاتىرجەملىككە ئىرشىدۇ.
يامان تەبىيەتلىك كىشىلەر بولسا -باشقىلانىڭ قايغۇسىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ.خۇشاللىقىدىن قايغۇرۇدۇ.باشقىلار نەتىچىگە ئىرىشسە ئۈنىڭ ئىچى زەھەر بۇلۇدۇ.باشقىلارنى ئازاپلىسا ئالەمچە خۇش بۇلۇدۇ.دائىم باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تېپىپ،كىشىلەرنى خاتىرجەمسىزلىككە ئىرىشتۈرەلىسە ئۇ شۇ چاغدا خاتىرجەم بۇلۇدۇ. >
توغرا ئىنسان تەبئىتىنى چۇشەنمەك قىيىن بولغىندەك ،ياشاشمۇ ئىنتايىن قىيىن بىر جەريان دەپ ئېيتىشقا بۇلدۇ.ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئېلىپ ئېتساق ئادەمدە ئىنساپ ئېتقات سۇسلىغاندا ئىنسان پەرۋەرلىكمۇ يوقايدۇ، ئنساپنى بىلمىگەن ئادەمنى قانداقمۇ ئېتقاتچان ،ئىنسانپەرۋەر دىگىلى بولسۇن. شۇنداقمۇ؟

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 14:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈكجان
ياخشىمىسىز؟
سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكىدە يىغىنچاقلاشقا بولسىمۇ،لىكىن بۇنداق ئابىستىراكىتنى يىغىنچاقلاش بۇ ۇقۇملارنى توغرا،چۈشۈنىشلىك ئىپادىلەپ بىرىشتە بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
سالامەت بۇلۇڭ!يەنە ئورتاقلاشارمىز.

UID
17057
يازما
304
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1414
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 01:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىۋى جەھەت بىلەن روھى جەھەت ئوخشىمامدۇ؟ مەن سەل چۈشىنەلمىدىممۇ قانداق؟ تېما ئىگىسى ئەپەندىم ئىزاھلاپ بەرگەن بولسىڭىز!

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 15:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانپەرۋەرلىكنى مۇنداق ئۈچ نوقتا ئاساسىدا چۈشەندۈرۈش تامامەن مۈمكىن.بىرسى ماددى نىمەتلەر جەھەتتىن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك،ئىككىنچىسى بولسا مەنىۋى جەھەتتىن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك،ئۈچۈنچىسى بولسا روھى جەھەتتىن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت.ماددى جەھەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى روھى(ئاڭ) جەھەتتىن قىلىنغان  ئىنسانپەرۋەرلىك -مەۋجۇتلۇق پىسخىكىسى يىتەكلەيدۇ.بۇ دىگەنلىك ئادەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى يىتىلگەندە،شۇنداقلا باشقىلارنىمۇ مىللەت،دىن،ئېرىق،جىنسى ئايرىماي ئۈزەمدەك ئادەم ،ئۇنىڭمۇ مۇشۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياشاش ھەققى بار دەپ قارىيالىغاندىلا ئاندىن كىيىن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.


altuntarim09
سۇئال سورىخىنىڭىزغا رەھمەت،سىزنىڭ سۇئالىڭىز مۇشۇ ئابزاستىن تۇغۇلغان بولسا كېرەك.
يۇقىردىكى ئۈچ نوقتىنى ئىزاھلىغاندا مەنىۋى جەھەتتىن ۋە روھى(ئاڭ)جەھەتتىن ...دەپ ئېلىنغان.سىز بۇ ئابزاسنى ۋاختىڭىز بولغاندا يەنە بىر ئۇقۇپ باقسىڭىز،مەن ئادەم ئېڭى بىلەن مەنىۋى جەھتتىن يەردەم قىلىش مەسىلىسىنى بىر نەرسە دەپ قارىمايمەن.ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىدىن مەنىۋى يەردەم بىرىش ئەخلاق-پەزىلەت،مەدىنىي-مائارىپ...قاتارلىقلار جەھەتتىن يەردەم بىرىشنى كۆرسەتسە بۇ يەردە دىيىلگەن روھى(ئاڭ)جەھەتتىن يەردەم بىرىش مەسىلىنى شۇ كىشىنىڭ ئېڭىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى ئىنساندا پەيدا بولغان توغرا قاراش،ئادىمىلىك چۈشەنچىسى،باراۋەرلىك چۈشەنچىسى،تەسەللى ئېيتىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئادەم پىسخىسىنىڭ كىشىلەر ھەركىتىگە قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت توغرا پۇزۇتسىيەسىگە قارتىلغان.
سالامەت بۇلۇڭ،يەنىمۇ ئورتاقلىشارمىز!

UID
17057
يازما
304
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1414
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 00:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turditohtiئەپەندىم، چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەن بۇ چۈشەندۈرۈشىڭىز ئارقىلىق ئېنىق بىلىۋالدىم، ماقالىگىمۇ شۇنداق ئەسكەرتىلگەن بولسا  تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، ھېلىمۇ يېتەرلىك بولدى.  

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 01:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altuntarim09
سىزنىڭ سېمىمىلىكڭىزگىمۇ رەھمەت.
ئورتاقلىشىش ئادەمنىڭ بىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئامان بۇلۇڭ!

UID
37575
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 08:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش