تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3557|ئىنكاس: 23

مەن چۈشەيمەن گۈزەل ھاياتنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9583
يازما
36
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1086
تىزىملاتقان
2011-2-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 22:18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن چۈشەيمەن گۈزەل ھاياتنى
(ياۋۇزبەگ)

سۈزۈك بىر غەم،
تومۇرۇمدا ئاقار تېنىمسىز.
مەن شۇڭلاشقا لەززەتلىك تىنىپ،
بۇ ھاياتتا ياشايمەن غەمسىز.

سۈزۈك بىر ياش،
كىرپىكىمگە تۇرار ئېسىلىپ.
تەسۋى سېيرىپ كۆز ياشلىرىمدا،
قىزىلگۈلدەك كەتتىم ئېچىلىپ.

مېھرى ئىللىق ئوماق بىر ئايال،
شىرىك بولدى ھەۋەسلىرىمگە.
پۈتۈن بولدى شۇ چاغ ئىمانىم،
جەننەت ھىدى نەپەسلىرىمدە.

بۇدرۇق بىر بالا،
ئويناپ يۈرەر بوينۇمغا مىنىپ.
ئۈمىدىم چوڭ ئوماق بالامدىن،
ھەرنەپەسكە ھېساب بىرىشنى،
ئۇنتۇپ قالماي ياشىسا تىرىك...

كۈز پەسلىدە تۆكۈلگەن غازاڭ،
چۈشىگەندەك گۈزەل باھارنى،
مەن چۈشەيمەن گۈزەل ھاياتنى.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1381
يازما
499
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15901
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىققىنە شېئىر.چۈشلەر ،ئارزۇ-ئارمانلار ھامان شۇنداق گۈزەل!

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
967
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42690
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
274 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشاللىق ئىزدەيدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تەبىئىي كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بولىدۇ. بىز تەبىئىيلىككە بويسۇنۇپ، چىنلىق ئۈستىدە مەۋقە تىكلەپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ پارلاقلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.
                                                                        ـ لى داجاۋ

مۇكەممەللىك ئىچىدىكى بەخىتلىك بىر ئائىلە كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئوماق بوۋاقنىڭ ئىسمى «مىسران» مىدۇ...

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:46:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا خۇددى ھاياتقا بىر سىزما بەرگەندەكلا ھېس  قىپ قالدىم...

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 13:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگىمۇ مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن.

UID
7148
يازما
81
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2695
تىزىملاتقان
2010-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 16:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بەك ئىسىل شئېر ئىكەن،

UID
14708
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2011-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 16:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىياللار شۇنداق تاتلىق بولىدىكەن . بىراق رېئاللىق راستلا شۇڭا باقامدۇ ؟ كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىشىنى بىر ۋاقىت بەلگىلەيدۇ . بىراق شېرىن خىيال ھەم چۈشلەر سۈرۈش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز .

بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىمىزنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار!

UID
18136
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-12-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 21:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشەيمەن گۈزەل ھاياتنى
[s:3]

كۆيۈمچان ئەزا

سالام سىلەرگە مۇ

UID
2804
يازما
157
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
5625
تىزىملاتقان
2010-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 04:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېىر  بەكلا ياخشى چىقىپتۇ    .

UID
6284
يازما
263
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7665
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:13:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ بىر تىز سىزمىسى. مىسرالار بەك تاتلىق ۋە سۈزۈك.
ئەلكۈيىدە مۇشۇنداق  ياخشى ئەسەرلەر ئۈزۈلمىسىكەن دەيمەن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش