تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 20926|ئىنكاس: 13

تار ئىشتانلىق قىزلارغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
56
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2008-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-17 13:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تار ئىشتانلىق قىزلارغا

ئاپتورى:نۇرمەمەتجان

    نىۇزەيكۇنى كىيگەن قىز يىرتىۋاپتۇ تىزىنى،
    پىنھاندىكى ئەۋرەتنىڭ كۆرسۈتىپتۇ ئىزىنى.

    ساغرىسىمۇ سۈزۈلگەن،ئاقارتىپتۇ يوتىنى،
  قوزغاپ شۇئان ئەركەكنىڭ،شەھۋەت ھەۋەس ئوتىنى.

  بەكمۇ تۆۋەن باغلاپتۇ ئىشتىنىنىڭ بېغىنى،
  تاماس قاپتۇ كىيىشكە يىرتىۋېتىپ ئېغىنى.

  دىگەنلىرىم لاپ ئەمەس،كۈزەتسىڭىز بىلىسىز،
شۇ قىزلارنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا كۈلىسىز.

  ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە بولماسمۇ ؟
  ئۆز مىللىتى_ ئەسلىنى بىلىپ يۈرسە بولماسمۇ؟

  ئەنئەنىنى ساقلىسا،بولماس ھەرگىز قالاقلىق،
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن قىز شەھرىمىزدە ساناقلىق.

  نەدە قالدى پەردىشەپ،بىلمەس توۋا دىيىشنى،
  كىم ئۈگەتتى ئۇلارغا،بۇنداق ئىشتان كىيىشنى؟

  سەت ئەمەسمۇ كوچىدا ماڭسا شۇنداق چىقىرىپ،
ئەل-جامائەت كۆرسە ھەم ياقا تۇتار ئىشقىلىپ.

  بۇنداق يۈرۈش قىزلارغا تۇيۇلماسمۇ سەتچىلىك؟
  ئويلاپباقساق ئەسلى بۇ _ ئوغۇللارغا نەسچىلىك!

  ھېچ بىلمىدىم ئۇلارنىڭ يوقمۇ دۇرۇس ئاپىسى؟
  ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ،تۈزەيدىغان ئاكىسى؟

  يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا مەستانە،مەس بوپكەتتى،
  ئەركەكلىكنىڭ سېھرىنى بىھايالىق يەپكەتتى.

  بۇ تېمىدا سۆزلىسەم ياقامدىكىن بىلمەيمەن،
تار ئىشتانلىق قىزلارغا شەرمى - ھايا تىلەيمەن

مەنبە:   http://xaxballa.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=65

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
20
يازما
179
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6307
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-17 21:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاشنى تەۋىسسىيە قىلىمەن .  
بۇ تىمىنى ئۇقىۋېتىپ نەرگىزنىڭ ئەتلەس كۆينەك كىيگەن سۈرىتىنى ئەسلەپ قالدىم دىسە !

-------------------------------------------------

UID
84
يازما
5
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2008-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2008-10-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-18 05:13:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناھايتى ياخشى يىزلىپتۇ .دىمىسمۇ  ھازىرقى قىزلار  شۇنداق بولۇپ كەتتى .ئۈزدىن چوڭلار دىنمۇ  خىجىل بولمايدۇ.تىخى!!!!!!!

ئسل ياشا

UID
4703
يازما
68
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2474
تىزىملاتقان
2010-8-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 23:57:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىر ئىكەن، تېمىنىڭزغا رەخمەت

UID
2091
يازما
1546
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50500
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 09:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىملىرىڭلارنى تەنلىرىڭلارغا چىپ ھالەتتە كەيمەي كەڭ ھالاتتە كىيىڭلار  ، بەدەننىڭ ئەينى ئەھۋالى شەكىللىنىپ قالمىسۇن ! مانا بۇ مەن بىر ھەدىستە ئوقۇغان دەلىل . شۇڭا بىز بۇ ھۆكۈملەرگە ئىتائەت قىلايلى .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
4275
يازما
152
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
5213
تىزىملاتقان
2010-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 14:11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تار ئىشتانلىق قىزلار ئىزا تارتىپ جىملا بولۇپ كەتتىغۇ؟

ئادەم بولماق تەس.

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
487
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15069
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 15:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىرنىڭ  ئىگىسىگە  كۆپ  رەھمەت، بىر  ساۋاب  ئالار بولدىڭىز، مۇشۇنداق قىزلارنىڭ  كۆڭلىگە  اللە  ئىنساب  بەرسۇن. شۇلار  بىر  ئوقۇپ  باقسا، تۈزۈلىدىغان  يولدا  ماڭارمۇ، ياكى  "ئىشىڭنى  قىلە!"  دەپ قويۇپ  يەنىلا  كونا  مۇقامغا  توۋلاپ يۈرىۋېرەرمۇ؟!
ئەگەر  ئۇلارنىڭ  قەلبىي  شۇنچىلىكنى  سەزگۈدەك  ئويغاق  بولغان  بولسىدى بۇنچە  چاكىنىلىشىپ  مىللىتىمىزنى  يەرگە  قارىتىپ  يۈرمەس بولغىيدى    ھە؟!
قالتىس  سۆكۈلمە  بوپتۇ.
شۇنداق  قىزلارغا  دەيدىغىنىم:
شۇنداق  كىيىنگەن  چېغىڭىزدا   ئەتراپىڭىزغا   ئولاشقان  بېزەڭ  چىۋىنلەرگە  قاراپ  بېقىڭ،ئەتراپىڭىزدىكىلەر  پەقەت  سىزنى  كۆڭۈل خوشى  ئورنىدا  كۆرىدىغانلاردۇر؛
"ئۇيغۇرلىرىمىزچە"  كىيىنپ  يەنە  كوچىغا  چىقىپ  سىناپ  بېقىڭ.....
  قايسىسى   بەكرەك  كۆڭلىڭىزگە  ياقتى؟ دۇرۇس  يىگىت  دىگەن   ھەرگىز   سىزنىڭ  ئۇنداق   چاكىنا  كىيىنىشلىرىڭىز  ئۈچۈن  سىزگە  ھەقىقىي كۆڭلىنى  بېرىپ  يۈرمەيدۇ!ئۇيغۇر  قىزى  دىگەن  ئۇيغۇر  قىزىدەك   ياشىغۇلۇق!
ئاشۇنداق  ھايالىق  كىيىملەر   بىلەن  ئورىنىپ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى   چېكىپ ،  تاللاپ  تۇرۇپ ۋاپادارىڭىزنى  تاللاڭ،  شۇندىلا   ئەڭ  ئىشەنچلىك  "كۆڭۈل" گە ئېرىشەلەيسىز!  ئاندىن  ھاياتىڭىز  ئۆز قىممىتىنى  تاپىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5314
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 17:28:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  كۈنى  كېتىۋاتسام،بۇ  شېئېرنى  دۆڭ  كۆۋرۈك  ئەتراپىدا  بىر  ياشانغان  ئادەم  ئۈنلۈك  ئاۋازدا  ، پۈتۈن  ۋۇجۇدى  بىلەن  بېرىلىپ  دىكلاماتسىيە  قىلىۋاتقان  ئىكەن،مەنمۇ  بىردەم  تىڭشاپ  باققان  ئىدىم،ھەم  ھازىرقى بەزى   قىزلارنىڭ  كىيىنىش  ئەھۋالىنى   ھەجەپ  ئەينەن  يېزىۋېتىپتىغۇ، دەپ  ئويلاپ  قالغان  ئىدىم.ئۇنىڭدىن  كېيىنمۇ  بىر  قانچە  قېتىم  بۇ  ئادەمنى  ئاشۇ  جايدا  ئۇچراتتىم،يەنىلا  شۇنداق  تەنقىدى  شېئېرلارنى  ئۇقۇۋاتقان  ھالەتتە.
شېئېر  ھەقىقەتەن  ياخشى  يېزىلىپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5314
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 17:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شئېرنى  ئۇقۇۋېتىپ،قەشقەرلىك  شەمشەر  ئىسىملىك  بىر  ساۋاقدىشىمنىڭ
  مۇنداق  بىر  گېپى  ئىسىمگە  كېلىپ  قالدى:
بۇرۇن  قىز-ئاياللار كەڭرى ، ئازادە كىيىملەرنى  كىيەتتى،ئەرلەرمۇ
  ئاشۇ  كىيىمنىڭ  ئىچىگە  زادى  قانداق  گۈزەللىك  يۇشۇرۇنغاندۇ،دەپ
  بىلىشكە ئىنتىلەتتى،بىراق  ھازىر قىز-ئاياللار  پۈتۈن  بەدەن  شەكلى
مانا مەن  دەپلا  بىلىنىپ  تۇرىدىغان  تار  كىيىملەرنى كىيىۋالغاچقا،بۇ
يات جىنىسلار  ئۈچۈن  ھېچقانداق  تەلپۈنۈش،ئىنتىلىش،قىزىقىش  پەيدا
قىلمايدىغان  بولۇپ  قالدى،قىز -ئاياللارنىڭ  بۇ  خىل  كىيىنىشى ،
ئۆزلىرىدىكى جەلىپكارلىقنى  يوقىتىش  بىلەنلا  قالماي،يەنە
ئەرلەردىكى  ئەرلىك  قىزغىنلىقنى  سۇسلاشتۇرىۋەتتى........

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5314
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 17:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  مۇشۇنداق  كىيىنىدىغانلار  ئەۋج  ئېلىپ  كەتتى،
ئەمما ئۆزىنىڭ  خاسلىقىنى  ساقلاپ،ھەقىقى  ئۇيغۇر  خانىم
  قىزلىرىغا  ماس  كىيىنىۋاتقانلارمۇ  ئاز  ئەمەس  ئەلۋەتتە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش