كۆرۈش: 3201|ئىنكاس: 13

ئېغىر تېنىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17981
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2011-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 19:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزلارئۈچۈن بەزىدە يىگىتلەرنىڭ پۇلىنى قارىغۇلارچە خەجلەشنىڭ ئۆزى خەتەرلىك !!! 

 
شۇنداق ، بۇ دۇنيادا مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ، شادلىق بىلەن ئازاب ئەزەلدىن ئارلىشىپ دەۋىر سۈرىدۇ . ئىنسان پەقەت ۋە پەقەتلا ئاددى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ، سۈنئى كۆرۈنۈشلەرنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن . بىراق چىن ھېسسىياتتىكى ئەڭ نازۇك تىترەشلەرنى ئەرىشتە بىر ئىلاھ ، زىمىندا شۇ ئىنساندىن ئۆزگە ھېچكىم ، ھېچنىمە ھەر قانداق ۋاستە بىلەن تەسۋېرلەپ بېرىشكە بىقۇۋەتتۇر . يۈرەك تىنچلانسۇن ! بىغۇبار ،نازۇك يۈرەكلەر تىنچلانسۇن ! شۈبھىسىزكى ، ئىنسان ئۆمرىنى ئوغرىلايدىغان قاباھەتلىك ئەسلىمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئاجىز ، ناتىۋان يۈرەكلەر قانداقمۇ ئۆرتەنمەي تىنچ سوقالىسۇن ؟!.... 

ھايات نىمانچە رەھىمسىز ھە ؟ ئۇ كۆز يېشى دېگەنلەرگە قىلچىمۇ پەرۋا قىلىپ قويمايدىكەن .تۈنۈگۈنكى ئاچچىق يىغا ئەتە ئۇنىڭغا بەخت ئېلىپ كېلەلەرمۇ ؟بۇنى بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ . ئامال قانچە ، ئامال قانچە ؟يەنىلا ھايات قىممەتتە ،ئۇنىڭدىن قانداقمۇ ۋاز كەچكىلى بولسۇن ؟! ئەمما ئۇ توختام سۇدەك بىر ئىزدا كېتىۋەرسە بولمايدۇ– دە ؟ دېڭىز كەبى مەۋج ئۇرالمىسىمۇ ، دولقۇن ياسىيالىشى كېرەك . ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ قىسمىتىنى بىلمىگىنى ئۈچۈنلا ئازاب ۋە ئۈمىتسىزلىك تۈپەيلى بەزىدە ،ئۆز تەقدىرىنىڭ جەۋرى –جاپاسىنىڭ سەۋەبكارى بولۇپ قالىدۇ . ئەرەبلەردە بىر ھېكمەت سۆزى بار :

‹‹بەندە سۆزلەيدۇ ،تەقدىر كۈلىدۇ .››شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ مۇشۇ كۈنلەرنى كىم ئويلىدى ؟بەلكىم تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى باشقىچە بولسا كېرەك .تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدە نۇرغۇن سىرلىك ھېكمەتلەر بار ...سەۋرى قىل ئەي ئىنسان بالىسى ... 

  
  
ئۆزىگە مەسئۇل بولالمايدىغان ئادەمنىڭ كۈنلىرى تۇرمۇشتىن خاتىرجەملىك تاپالمايدۇ .مەن ئۆزۈمگە خىتاپ قىلدىم : –سەن ئۆزەڭنىڭ قانداق ياشاۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن ؟!

ۋۇجۇدۇمدىن سادا كەلدى :

–ئۆزەڭنىڭ تەقدىرى –ئۆزەڭنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى .

خۇددى بۇ قىسمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن قالغان مىراستەكلا . 

  
ھەئە ، ھەممىلا ئادەمنىڭ ھال –مۇڭى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئالەم بۇ .سەن قانداقتۇر كاج قىسمەتلىرىڭدىن بىقسىنىپ ، ئۈنسىز يىغلاۋاتقىنىڭدا ،يېنىڭدىكى قوشناڭنىڭمۇ كۆزىدىن ئەمەس ،يۈرىكىدىن تىترەپ يىغلاۋاتقىنىنى ھېس قىلالىدىڭمۇ ؟...ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن تىمتاس بىر ماكاندا تەنھا قالغاندەك يالغۇز ھېس قىلدىم .بۇ خىل ھېسسىياتقا چۆمۈلگەن مىنۇتلىرىمنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمايمەن .

  
ھايات بىر ئالدامچى ،ئۆمرۈڭنى ئوغرىلاپلا قاچىدۇ . سەن ھۇشيار تۇرمىساڭ ئۇ سېنى كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە قىپيالىڭاچ قىلىپ قويىدۇ . ئۇ چاغدا سەن سەن ئوڭ– سولغا مېڭىشنى بىلمەي نومۇستىن جايىڭدىن قوپالمايلا قالىسەن .ئۆلۈم ساڭا ئارتۇقلۇق ، ھايات يۈرۈش ساڭا ئېغىر كېلىدۇ . نېرۋا تومۇرلىرىڭ قېتىپ ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ . سەن ئىككى ئوتتۇرىدا قىينىلىسەن ، ئۆمىلەيسەن ، ئۆمتۈلىسەن ، بىراق كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ،ئەقلىڭ بىلەن ئىش كۆرمىسەڭ ، نىشاندىن ئازغىشىپ قىلىشقا قىل قالىسەن ،ئېھتىيات قىل ،ئەركە ئىنسان !

سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆزۈمنى يىڭىلگەندەك ھېس قىلدىم ، ئۆزەمنى تۆۋەن تۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇم . ياق! ۋىجدانىم بۇنى رەت قىلىۋەتتى . قەلبىم ، قۇربى يەتمەي ھال تارتاتتى . كۆزلەرنى نەمدىگەن ئاشۇ قىسمەتلەردىن ئۆسۈپ–ئۆكسۈپ يىغلىغۇم كەلدى . ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئۈنۈمنى قۇيىۋىتىپ ۋارقىرىغۇم كەلدى . نىمە ئامال ؟ھەممە مېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېنى خۇشال دەپ ئويلايدۇ .ياق ،ئۇلار خاتالاشقان .بىلەمسىلەر ؟مەن يۈرىكىمدىن يىغلايمەن .مېنىڭ ياشلىرىم كۆزلىرىمدىن ئەمەس ، يۈرىكىمدىن تامچىلايدۇ . ئادەم ئۈچۈن كۆز يېشى نىمانچە تۈگىمەيدىغاندۇ ؟!...

كۆز ياشلاردىن ھورداشقان ،قارچۇقۇمدا بىر قىزچاق ،چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا ھارغىن كېتىپ بارماقتا .مەن بەك قورقۇپ كەتتىم .ئۇ مەن ئىدىم . مەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ،كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ ، دېڭىز بويىغا ئۇپۇقنى ،يىڭى چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرسەتكىلى ئاپارماقچى بولدۇم ، خىيالىمدا . لېكىن مېنىڭ ماغدۇرۇم يوق . يۈرىكىم سوغاق ئىدى .ئۇنىڭ بارماقلىرىنى سىقىمدىۋالغان قوللىرىم سوغاق ئىدى . سەن بۇ ھاياتىڭدا راستىنلا ئاجىزلىق قىلدىڭ .ئىرادىسىزلىكىڭ ساڭا جەۋرى –جاپا ئېلىپ كەلدى . كەل ! ئۆزۈڭنى بىسىۋال ! ياشلىرىڭنى توختىتىۋال ! يۈرىكىڭگە ئېيت ،ئۇ ئازابلىرىڭنى مۇشۇ كۆز ياشلىرىڭغا قۇشۇپ يۇيىۋەتسۇن . چۈنكى سەن بىغۇبارسەن ،پاكسەن ،مەرۋايىتتەك ئاقسەن ، سەن ھېچقانداق ئىۋەن –كەمچىلىككە سەۋەبكار ئەمەسسەن . ئادەملەرنىڭ قىلمىشى تەڭرىگە ناھايىتى چۈشىنىشلىك .سەۋرى –تاقەت بىلەن ئاقىۋىتىڭنىڭ خەيرى –ئېھسانىنى كۈتكىن .

مەنبەسى - كاۋكاز قىزى يازمىلىرى

2011-12.1 



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6226
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1715
تىزىملاتقان
2010-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 18:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<ھاياتقا  بەرداشلىق بەرمەك ھەقىقەتەن قىيىن.شۇڭا بىچارىلىك قىلماڭلار. ھەممىمىز ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىمىزگە ئالغان ھاڭگا ۋە مېدە ئېشەكلەرمىز.>>
        نېتزى---گېرمانىيە پەيلاسوپى.

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 20:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسىركەن

UID
17930
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 17:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسل ئەسەر ئىكەن،ئوقۇپ بولغۇچە كوپ ئويلارنى كەزدىم.ئېغىر تىنىقلار ھەمرا بولغان ماڭىمۇ،خۇددى ئوخشاش تۇيغۇ ئاتا قىلدى.رەھمەت سىزگە،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئىلاھىم!!!

UID
17909
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
484
تىزىملاتقان
2011-12-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-2
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 17:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قسىم ئادەملەر   ، پۇل تاپقان ياشلار ساختا مۇھەبەتنى كۇپ تۇتدۇ ،.
پۇل تاپقان چوڭلار بولسا نەچچە يل جاپا مۇشاققەتتە بىرگە  بولغان ئايالنى تاشلاپ نايناق-مايماقلارنى يىغدۇ   

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 22:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

UID
17348
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
708
تىزىملاتقان
2011-11-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 03:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

كۆيۈمچان ئەزا

سالام سىلەرگە مۇ

UID
2804
يازما
157
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
5625
تىزىملاتقان
2010-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 02:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، بولسا مۇشۇنىڭدەك ئۆز يازمىلىرىڭىزنى تورداشلاردىن ئايىمىغايسىز .

UID
17664
يازما
146
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
716
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 16:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،.

ئادەم

UID
18224
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 22:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش