كۆرۈش: 128525|ئىنكاس: 72

مەۋلۇت ئىبراھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
164
تېما
118
نادىر
11
جۇغلانما
5388
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-18
توردا
1738 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ۋە مۆھتىرەم قوللىغۇچى قېرىنداشلار،ھەممىڭلارنىڭ مول-ھۇسۇلغا تولغان قىشلىق كۈنلىرىڭلارنىڭ مەنىلىك ۋە خۇشال - خوراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز،تورىمىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن ھەربىر مېھنەتكەشنىڭ ئەجرىگە تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن تۈمەنمىڭ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
رىياسەتچىلىككە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان،رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق نەچچە يۈزمىڭلىغان قەلبلەرنى لەززىگە سالغان شۇنداق بىر رىياسەتچىمىز بار،ئۇ ئۆز كەسپىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،قىزغىن سۆيۈپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ماھارىتىگە ،يارقىن ئاۋازى،مول پىكىرىگە تايىنىپ رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلارنىڭ سىرداش،ئايرىلماس دوستىغا ئايلانغان.ئۇ بولسىمۇ  شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ<<ياشلىق مىلودىيەسى >>،<<شادلىق مىنۇتلىرى>>،<<شەھەر ئاۋازى>>،<<تۈن تىۋىشلىرى>>قاتارلىق پروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايرىلغان سۆيۈملۈك رىياسەتچىمىز مەۋلۇت ئىبراھىم.
<<ئەلكۈيى ئېكرانى>>پروگراممىسىنىڭ بۈگۈنكى يېڭى سانىغا بىز مەۋلۇت ئىبراھىمنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ،ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى،رادىيو رىياسەتچىلىكى جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى شۇنداقلا ياخشى بىر رىياسەتچى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشتىكى ئەقەللى تەلەپلەر ۋە نۆۋەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ - كۇشادە زىيارەت ئېلىپ باردۇق.زىيارەت جەريانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار پەستىكى <<مەۋلۇت ئىبراھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت>>نامىدىكى زىيارەت فىلىمىمىزدە بولسۇن!  

كۆرۈش نوقتىسى (Medila player )ئارقىلىق كۆرۈش )

زىيارەت جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر

مەۋلۇت ئىبراھىم ئەلكۈيى زىيارىتىگە جاۋاب بەرمەكتە


مەۋلۇت ئىبراھىم ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن بىرگە

مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم تېكەس ناھىيەسىدە توغۇلغان. باشلانغۇچ،تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملىغاندىن كىيىن ،1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.توختاۋسىز ئىزدىنىش جاسارىتى بولسىلا ھەرقانداق ئارزۇ-ئارمان رىئالىققا ئايلىنىدۇ.1996-يىلى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان مەۋلۇت ئىبراھىم شۇنىڭدىن باشلاپ بالىلىقتىكى ئوتلۇق ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئاخىرى ئىشەندى.ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۇ 250پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر -ماقالە ئېلان قىلىپ،ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن <<مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر>>بولۇپ باھالاندى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر مۇخبىرلار گۇرپىسىنىڭ باشلىقى،مەكتەپ رادىيو ئۇزىلىنىڭ دېكتورى بولدى.2001-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئاخبارات فاكولتېتى بىرلىشىپ باشقۇرغان<<ياشلىق مىلودىيەسى>> پروگراممىسى تەسىس قىلىنغاندا،ئۇ باشقا 3 ساۋاقدېشى بىلەن بۇ پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.شۇ يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاپتونۇم رايون بويىچە <<دوستلۇق لوڭقىسى>>نى تالىشىش رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە ئۇ 300دىن ئارتۇق ماھىر ئىچىدە 1-لىكنى قولغا كەلتۈردى.رىياسەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ساھەگە نىسبەتەن مەۋلۇت ئىبراھىمدا ئالاھىدە بىرخىل قىزغىنلىق بار.2001-يىلى 7-ئايدا ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ  شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي رىياسەتچىسىگە ئايلاندى.ئۇ بۇ جەرياندا <<ياشلىق مىلودىيەسى>>پروگراممىسىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ،مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ،پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى  خادىملارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇ پروگراممىنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كوزور پروگراممىسىغا ئايلاندۇردى.
2007-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى تەسىس قىلغاندا ئۇ بۇ رادىيونىڭ <<شەھەر ئاۋازى>>،<<شاتلىق مىنۇتلىرى>>، <<تۈن تىۋىشلىرى>>قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. نۆۋەتتە مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ پروگراممىلار ئاڭلىغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان قىززىق پروگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى،كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە شان شەرەپلەرگىمۇ نائىل بولدى.
ئۇ ئىشلىگەن ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان 30دىن ئارتۇق پروگرامما مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايون بويىچە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.2006-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن مۇنەۋۋەر دېكتور،رىياسەتچىلەرنى باھالاش پائالىيتىدە <<10 مۇنەۋۋەر دېكتور رىياسەتچى>>نىڭ بىرى شەرىپىگە ئېرىشتى.


ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار ۋە تورىمىز نامىدىن ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئاڭلىغۇچلارنى قايىل قىلىۋاتقان رىياسەتچىمىز مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن،يەنىمۇ ئىزدىنىپ،خەلقىمىزنى تېخىمۇ يېڭى،ئۆزگىچە نومۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز.كەڭ تورداشلارنىڭمۇ زىيارەت ئەھۋالىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىپ،مەۋلۇت ئىبراھىمغا بولغان قەلب ئىزھارىنى دادىل بايان ئىتىشىنى سورايمىز.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى

UID
17362
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-11-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 13:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك زىيارەتنى تورداشلارغا سۇنغىنىغا تەشەككۈر.
تېنىڭلارغا سالامەتلىك ،خىزمىتىڭلارغا نەتىجە تىلەيمەن.

باھا سۆز

mamtiminmahm  مەۋلۇت ئاكا سىزنڭ ئىشلىرىڭىزنڭ ئۇتۇقلۇق ئائىلىڭىزنىڭ بەخىىتلىك بولسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 23:52:36

UID
13303
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2011-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2014-10-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 15:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلۇت ئىبراھىم ئاكىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئاۋازىڭىزغا، ئەخلاقىڭىزغا، ياخشى كۆڭلىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن. باشقىلارنىڭمۇ سىزنى ئۈلگە قىلىپ سىزگە ئوخشاش كەسىپچان، خۇش پىئىل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلكۈيى تورىغىمۇ رەھمەت.
رازىيە تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ.www.razeya.com

تىرىشچان ئەزا

ئادەمنى تاغ پۇتل

UID
2986
يازما
25
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
756
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-19
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 16:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ كەسپىي ئەخلاقى،توغرا تۇرمۇش قارىشىنىڭ، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تولىمۇ خوشال بولدۇم.مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەت ئۇنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ يارقىن،يولىنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلغاي!
ئادەم مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ئەڭ ئالىي ھۆرلىككە ئىرىشەلەيدۇ.

UID
17790
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 16:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلۇت ئاكىمىزنىڭ كەچتە تارقىتىدىغان پىروگىراممىسىنى ،مەن ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ تىڭشايمەن .

UID
15363
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
914
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-20
توردا
113 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 19:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ دىرىكتورلۇق ئىقتىدارىغا  ۋە ئادەتتىكى نۇتۇق قابىليىتىگە قايىلمەن.
بەلكىم مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى مەۋلۇت كۆرۈشى مۇمكىن، مۇشۇ سەنئەت رادىئوسى توغرىسىدىكى پىكرىمنى دەۋالاي.
  سەنئەت رادىيوسى ئۇيغۇر مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىۋاتقان رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، لېكىن ھازىرچۇ ؟ سىلەردە ئېلان نىمانچە كۆپ ؟ تېلۋىزىيە ئىستانسىغۇ پىروگرامما بوشلۇقىنى  تولدۇرۇش ۋە ئىقتىسادى قىممەتنى دەپ ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك ئېلان بەرسۇن، لېكىن سىلەردە نۇمۇر بوشلۇقى يوقتىغۇ،  رادىئو پىروگراملىرىدا تېلۋىزىيە  پىروگراممىللىرىدەك ئىقتىسات، كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىپ كەتمەيدۇ، لېكىن سىلەر تېلۋىزىيەنى دوراپ پىروگرامما ئارىسىغا ھارغىچە ئېلان قىستۇرۋالىسىلەر، سىلەر شۇنچە نامراتلىشىپ كەتتىڭلارمۇ ؟
  مەركىزى رادىئو ئىستانسى 18 سائەتلىك ئاڭلىتىشنى يولغا قويغاندىن بىرى سىلەردەك بىرنەچچە رادىئو ئىستانسىسى نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىلاردىن ئايرىلىپ قالدىڭلار، ھەتتا تۇن تىۋىشلىرىغىمۇ ئېلان قىستۇرىۋالىسىلەر، مەركىزى رادىئو ئىستانسىدىمۇ ئېلان بار، لېكىن ئاڭلىغۇچىلار يەنىلام ئۇ رادىونى ئاڭلاشقا ئامراق.
مەۋلۇت سىزدەك بىر ئىقتىساس ئىگىسى مۇشۇنداق پىس- پاس رادىئو قانىلىدا ئىشلەپ زايا كىتىدىغان بولدىڭىز- دە.
مەسچىت سالدۇق دوقمۇش-دوقمۇشقا ، كۆككە تاقاشتى  بېشىمىز، مەكتەپ بىلەن  نىمە ئىشىمىز.

UID
4211
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
311
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 20:34:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوساق سىلىپ كىتىپتۇ.بۇرۇن مەكتەپتىكى ۋاقىتتا بىزنىڭ ياتاقنىڭ يىنىدىكى ياتاقنىڭ يىنىدا ياتاتتى.
مەكتەپتىمۇ بەك جانلىق ئىدى،مەكتەپنىڭ يىڭى يىللىق ياكى باشقا سەنئەت كىچىلىكى قىلسا رىياسەتچىلىك قىلاتتى. 96 نىڭ باللىرى خىلى كوپى ئىشقىلىق خىلى كوپ نەتىجە قازاندى.
كۆز تەگمىسۇن ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
129
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4331
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-13
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 22:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىپلا بەك ئىسل تىمىدىن بىرنى كۆرگىنىمدىن بەك خۇشھال بولدۇم،ئەمدى تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقاي.
بىز ھەممىمىز ئۆلۈمگە كىتىپ بارغۇچىلاردۇرمىز.

UID
16110
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 23:13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلۇت ئىبراھىم خەلقىمىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلۋاتقان ياش ئوغلانلىرىمىزنىڭ بىرى،مەن ئۇنىڭ تۈن تىۋشلىرى پىروگرىممىسىنى تۇلۇق ئاڭلايمەن.ئۇنىڭ ھەربىر سۆزنىڭ ئەرلەرگە خاس جەزبىدار،يېقىشلىق ،بەرگەن مەسلھەتلىرنىڭ دەل جايىدا،قاراتمىلىقى بار قىلىشى مىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ.تاشچىن ئاداش سىزنىڭ ھەممە ئادەم ئاڭلاشقا ئامراق بۇ سەنئەت رادئوسىنى ۋە ئۇنىڭ پىروگىرامملىرىنى ياختۇرۇپ،ئارسىغا قىستۇرۇلغان ئېلانلارنى ياختۇرمىغنىڭىز تازا ياخشى بولماپتۇ.تۇرمۇش دىگەندە تويمۇ بولىدۇ،ئۆلۈممۇ بولىدۇ.راسمۇ يا............................................
بۇندىن كىيىن زىرىكمەي ئاڭلاڭ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئاسى-جاپى كۆيمىس

UID
7330
يازما
126
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
2371
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-10-22
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 01:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مەۋلۇت،2006-يىلى قىشتا «شىنجاڭ ئاياللىرى »ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان « ئانا ئارىيەت ئېلىشتىن تۇغۇلغان ئويلار»ناملىق ماقالەم ھەققىدە مەن بېلەن تېلېفوندا زىيارەت ئېلىپ بارغانىدىڭىز. بۇ مەن قوبۇل قىلغان شىمال بېلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى تېلېفون زىيارىتى بولغاچقا شۇ قېتىمقى  زىيارەتنىڭ تەمىنى ھازىرغىچە ئۇنۇتمىدىم.

ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

باھا سۆز

ebraim    يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 20:15:02
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش