- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 196
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4638
- تىزىملاتقان
- 2010-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- UID
- 613
- يازما
- 196
- تېما
- 86
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4638
- تىزىملاتقان
- 2010-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- توردا
- 48 سائەت
|
نىمە دەڭ دىمەڭ مەن ئىنگىلىزچە ئۈگىنىمەن ،سىز مىنى ئىلھاملاندۇرۇڭ ياكى قىزغىنلىقىمغا سۇغۇق سۇ چېچىڭ مەن پەرۋا قىلمايمەن ،زادى ئىگىلىزچىنى ئۈگەنگىنىم ئۈگەنگەن . كەچۈرۈڭ ، مەندىن نىمىشقا دەپ سورىماڭ ، سىزگە جاۋاب بەرگىم يوق ، دۇنيادىكى ھەممە ئىشقا سەۋەپ كىتىشى ناتايىن ، زادى سەۋەپسىز ئىش يوق دىسىڭىز مەن سىزدىن قايتۇرۇپ سۇراي ، مۇھەببىتىڭىزنى نىمىشقا ياخشى كۈرۈپ قالغان ؟ مۇشۇ سىزگە ئەڭ ياخشى جاۋاب .
مەن ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش ئارقىلىق دۇنيادا ئۈگىنىشنىڭمۇ بەك راھەت ئىش ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم ، مەن ئىنگىلىزچە ئۈگىنىش ئارقىلىق دەم ئالىمەن ، بۇنىڭ راھىتىنى جەنۇبى ئافرىقا قەھۋەسىنى دەملەپ قۇيۇپ دېڭىز بويىدا قاتلىما ئۇرۇندۇقتا ئاپتاپقا قاقلىنىشقا تەڭ قىلىمەن (چۈنكى جەنۇبى ئافرىقا قەھۋەسى مەن ئەڭ ياخشى كۈردىغان قەھۋە ) .
ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش مىنى ياۋروپانىڭ ياپيېشىل ئورمانلىقلىرىغا باشلاپ باردى ، ئىنگىلىز تىلى مىنى ئافرىقىدىكى قەدىمىي ئىپتىدايى قەبىلىلەر بىلەن مۇڭداشتۇردى ، ئىنگىلىز تىلى مىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقاملىرى بىلەن ھۇزۇرلاندۇردى ، ئىنگىلىز تىلى ئامىرىكا مەيخانىللىرىنىڭ رومانتىكلىقىدىن مىنى مەست قىلدى . كەچۈرۈڭ ، شۇڭا مىنى توسىماڭ ، نىمە دىسىڭىز مەيلى ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگىنىم ئۈگەنگەن .
شۇنى ئىتراپ قىلشىڭىز كىرەككى دۇنيادا 1,500,000,000 ئادەم ئىنگىلىز تىلى بىلەن سۆزلشىدۇ ،1,000,000,000 ئادەم ئىنگىلىز تىلى ئۈگنىۋاتىدۇ ، پۈتۈن دۇنيادىكى 75% تىن ئۇشۇق پوچتا يوللانمىسى (سالام خەت ، تەبرىكنامە ، ئاتكىرىتكا ) ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلىدۇ ، سىزنىڭ چۈشىڭىزدىكى گۈزەل دۆلەت ئامىرىكا ، ئەنگىليە ، كانادا ، ئاۋىستىرالىيە ...قاتارلىقلار ئىنگىلىز تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىدۇ ، ب د ت نىڭ يېغىنلىرىدىن باشلاپ ئولىمپىك يېغىنىچە ئىنگىلىز تىلىدا ئېچىلىدۇ . كەچۈرۈڭ ، مىنى يەنە توسقىڭىز كىلىۋاتامدۇ ؟
بىز بىلىم ئېلىش مۇسۇلمانلارغا پەرىز دەپ قارايمىزغۇ ؟ ئۇنداق بولسا مىنى ئىنگىلىزچە ئۈگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇڭ ، نىمىشقا دەمسىز ؟ ئىنتېرنىتتىكى 1,000,000,000 تور بىكىتى ئىنگىلىز تىلى بىلەن يېزىلىدۇ ، دۇنيادى ئەڭ يېڭى بايقاش ئەڭ يېڭى كىتاپ ماتىرياللار ئا ق ش ۋە بىرىتانىيدىكى ئىنگىلىز تىلىدىكى نەشرىياتلاردا ئىلان قىلىنىپ ئارقىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ . ئىلىم -پەن ۋە يېڭى تېخنىكا ماتىرياللىرىنىڭ 95% ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلىدۇ (97 يىلدىكى ئىستاستىكا) . ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەرلەر ، ئەڭ ئىشەنچىلىڭ ئۇچۇرلار ئاساسەن ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلىدۇ.
كەچۈرۈڭ ، سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ، مىنى ئىنگىلىزچە ئۈگىنىشتىن توسماڭ ، مىنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا كىشىلەردەك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىززەت -ھۆرمىتىم بىلەن ياشىغىم بار ، مىنىڭمۇ ئۆز غايەم ۋە ئارمانلىرىم ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇم بار ، مىنىڭمۇ خارۋارد ، كامبىرىج قاتارلىق ئۈنۋېرسىتلىرىنىڭ كۈتۈپخانىلرىىدا ئۈزەم ۋە تەقدىرىم ھەققىدە ئويلانغىم بار ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئاق ، قارا ، سېرىق تەنلىك ، قىزىل ، سېرىق ، قارا چاچلىق كىشىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئەركىنلىك ئىلاھىي ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشكىم بار ، شىكىسپىرنىڭ دىراممىلىرىدىن ھۇزۇرلانغىم بار ، بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدىن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدىگىم بار .............شۇڭا مەيلى نىمە دىسىڭىز دەڭ ئىنگىلىزچە ئۈگەنگىنىم ئۈگەنگەن .
ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىپ مەن ئەدەبىياتنىڭ نەقەدەر ھۇزۇرلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم (ئىشەنمىسىڭىز قەيسەر يۈرەك فىلىمى بىلەن لاڭياشەندىكى بەش قەھرىمان فىلىمىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ)، ماتىماتكىنىڭ كىشىنى نەقەدەر مەپتۇن قىلدىغانلىقىنى ،فىزىكىنىڭ شۇنچە ھىكمەت سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ھىس قىلدىم . تارىخنى بىر دىمەڭ ، تارىخ تارىخىي كىتاپلارغا يېزىلغان بولسىلا تارىخ ئەمەسكەن ، ئەڭ مۇھىمى مەن ئۈزەمنىڭ پۈتۈن كائىنات ئىقلىمدا بىر قېتىملا ئاپرىدە بۇلدىغانلىقىمنى ، ئۈزەمنى قانداق قەدىرلەش كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم . ياۋروپا كوچىسىدا قارا كۆزەينەك تاقاپ ماڭغان ئەما بۇۋاينىڭ ، ئافرىقىدىكى يالىڭاچ پادىچى بالىنىڭ ، تەكلىماكان قۇملىقىدىكى نامرات دىھقان بىلەن ئاي شارىغا قەدەم قويغان ئالەم ئۇچقىسىنىڭ ئوخشاشلا خۇدا ياراتقان ئەڭ نادىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ، خۇدا ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باپ -باراۋەر ئىكەنلىكىنى ، ئادەملەرنىڭ بىر -بىرسىنى قەدىرلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم . شۇڭا سىزدىن ئۈتىنەي ، مىنىڭ قىزغىنلىقىمغا سۇغۇق سۇ چاچماڭ ........مەن ئىنگىلىزچە ئۈگىنەي ..............
كەچۈرۈڭ ، مىنىڭمۇ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەردە خىزمەت قىلغۇم بار ، مىنى كەمسىتىپ ، مەڭسىتمەي خەنزۇچە بىلەمسەن دىگەنلەردىن سۇغۇق كۈلۈپ مازاق قىلغان ئاھاڭدا ئىنگىلىز تىلى بىلەمسەن ok, i can speak english, can you ...? دەپ سۇراپ قويغىم بار ، كوچىلاردا قېرىندېشى تۈگەپ كەتكەن قەرزىداردەك بېشىمنى ساڭگىلتىپ ئەمەس كۆكرىكىمنى كېرىپ ئۇغۇل قىزلارنىڭ كۈزدىن ئوت چىقرىپ ماڭغىم بار . دېڭىزدەك زەڭگەر كۆزلۈك ، ئالتۇن چاچ قىز -ئۇغۇللارغا مەھمۇت قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىن باشلاپ شۆھرەت مۇتەللىپ خالمۇرات غۇپۇرلارغىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلار ئۇيغۇر ، مەن بىلەن بىر قېرىنداش دىگىم بار . پۈتۈن دۇنياغا كۆڭلۈمدىكى سىرلىرىمنى تۆكۈپ ئۇلار بىلەن قول تۇتۇشقۇم بار ، مىنى توسماڭلار ، ئىنگىلىزچە زادى ئۈگەنگىم بار .............
مىنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرىتكىم بار ، سەھرالاردىن داچا سېتۋالغىم بار ، بىنىز ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ بالام بىلەن ئايالىمنى ئېلىپ ياپيېشىل يايلاقلاردىكى ئەگرى -تۇقاي يوللاردا ئۇچقاندەك مېڭىپ مەيداننانىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلىغىم بار ، تاپقان پۇلۇمنى ئۇرۇنلۇق خەجلەپ تۇرمۇشتىن ھەقىقى ھۇزۇرلانغىم بار ............................................نىمە دىسىڭىز دەڭ ، ئىنگىلىزچىنى شۇنداق ئۈگەنگىم بار ..............
مىنىڭ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزگۈم بار ، يالغۇز كىچىلەرنى ، قاراڭغۇ تۈنلەردىن قىلچە زارلانماي ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش بىلەن ئۈزەمگە تەسەللىي بەرگىم بار ، ھاياتىمدا يۈرىكىمگە داغ قالدۇرغان تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئازاپلىشىنى ئىنگىلىز تىلى ئۈگنىش بىلەن ئۇنتۇپ كەتكىم ، ئۈزەمگە تەسەللىي بەرگىم بار ، يالغۇز زىرىكىشلىك كۈنلەردە ئىنىگلىز تىلى بىلەن مۇڭداشكىم بار، مىنى قەتئىي توسماڭلار ، بەكلا ، دەھشەت ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگىم بار .................
"بىرنەچچە پارچە ماقالىلاردىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى " |
|