- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 25
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 796
- تىزىملاتقان
- 2008-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
- UID
- 610
- يازما
- 25
- تېما
- 20
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 796
- تىزىملاتقان
- 2008-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
- توردا
- 0 سائەت
|
مۇھەببەت توغرۇلۇق_ توغرىلىقىدىن سىزنى يىغلىتىدىغان سىناق
ئۆزىڭىز بىلەن مۇھەببىتىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆز ئارا ئىلىۋىتىڭ . ئاي بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ،ئىككىڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە چوڭىدىن كىچىكىنى ئالىسىلە .بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان پەرىقنى ئىسىڭلاردا تۇتىۋالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى شۇ سانغا ماس تەبىرنى ئوقۇڭلار توغرىمۇ ئەمەسمۇ .
بۇنىڭ مىسالى مۇنداق مەسىلەن سىز 24.چىسلا تۇغۇلدىڭىز ، قىز دوستىڭىز 8چىسلا تۇغۇلغان بولسا سىز 24-8=16 يەنى 16دىگەن سانغا ماس كىلىدىغىنىنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ .
0.ئەڭ ياخشى ھەمرالار . بىرىلگەن نۇمۇر 80
سىلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەڭلار ھە كۆز قارىشىڭلار تامامەن ئوخشاش ، خارەكتىرڭلار ئوخشاش بولغانلىقتىن بەزىدە ئاراڭلاردا بۇرۇقتۇرمىلىق پەيدە بولۇپ قالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كۆپرەك پاراڭلىشى ،مۇھەببەتلىك پاراڭلار بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .
1. بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش . بىرىلگەن نۇمۇر 85
سىلەر بىر-بىرىڭلارنى كۆرگەندە پەقەت ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ ، نىمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ يوشۇرۇن ئاشىق بولغانلىق يەنىلا ھەركەت قىلغانغا يەتمەيدۇ ،دەرھال قارشى تەرەپكە كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈڭ .
2.ئۆز ئارا پايدىلىنىش بىرىلگەن نۇمۇر 35
بىرسىنى ياخشى كۆرگەندە قارشى تەرەپتىن قىلىدىغان پايدا ۋە زىياننى ئويلايدۇ ،زىيان پايدىنى بىسىپ كەتكەن ھامان ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .
3.ئۆز ئارا گۇمانلىنىش بىرىلگەن نۇمۇر 25
ئىككى تەرەپتىن بىرسى ناھايىتى گۇمانخور ،قارشى تەرەپ كىچىككىنە ئىش قىلىپ بولغىچە ئۇنى يامىنىغا بۇراپ قالايمىقان گۇمانلاردا بولىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپ چۈشەندۈرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ ،بۇنداق كىتىۋەرسە ئاخىرقى نەتىجىسى ھامان ئايرىلىش بولىدۇ .
4.گۈزەل ئۇچرىشىش بىرىلگەن نۇمۇر 70
ئىككى تەرەپ تاسادىبى پۇرسەتتە ئۇچرىشىدۇ ،قانچە كۆپ سىرداشسا شۇنچە ئاسان مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ كىتىدۇ ،سىردىشىش قانچە كۆپ بولغانسىرى مۇھەببەت رىشتى شۇنچە چىڭ بولىدۇ .
5.ئۆز ئارا تولۇقلىما مۇناسىۋەت بىرىلگەن نۇمۇر 60
ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا يۆلىنىۋىلىش تەرەپدەرى ،بۇلار ئۆز ئارا -ئىشەنىچكە مۇھتاج ،پەقەت ئۆز ئارا ئىشەنىچنى يوقاتمىسىلا كۆڭۈلدىكىدەك بىر جۈپ بولالايدۇ .
6.تەلەيلىك بىر جۈپلەر بىرىلگەن نۇمۇر 90
ئۇلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەت باغلىغاندىن باشلاپلا بىر-بىرىگە ئامەت ئىلىپ كىلىدۇ ،پەقەت ئۆز ئارا كۆيۈنۈش يىتەرلىك بولسىلا بۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك بىر جۈپلەر بولۇپ قالغۇسى .
7. ئۆز ئارا كۆزىگە سىغمايدۇ . بىرىلگەن نۇمۇر 45
ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلىرى بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ ،بەزىدە چاقچاق قىلغان بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئىشلىرىنى مازاق قىلىدۇ . بۇلاردا پەقەت سەۋېر تاقەتلا بولسا بىرگە ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ .
8.ئاۋۋال شىرىن ئارقىدىن قىرتاق . بىرىلگەن نۇمۇر 45
ئوغۇل تەرەپ قىزغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ،ئۇنىڭغا كۆينىدۇ ،قىزنىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان كۈنلەر ئىنتايىن شىرىن بىلىنىدۇ . لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قىز كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھىچ ئەھمىيتى يوقتەك ئويلاپ قالىدۇ .
9.ئامەت قاچقانلار بىرىلگەن نۇمۇر 60
ئىككى تەرەپنىڭ خاراكتىرى ۋە كۆز قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ ،بىراق ئىككى تەرەپ يەنىلا بەخىتلىك بىر جۈپلەر بولالايدۇ ،بۇلارغا كىرىكى سەۋېرچانلىق بىلەن قارشى تەرەپى چۈشىنىپ بىقىش ،ئامال بار پىكىر بىردەكلىكىگە كىلىش شۇندىلا بۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرىدۇ .
10.ئوت بىلەن سۇ بىرىلگەن نۇمۇر 25
ئىككى تەرەپ ئىغىز جىڭىنىڭ پىشۋاسى ،پىكىر ئوخشىمايدىكەن جەڭ باشلىنىدۇ ،بۇلارنىڭ ئۇزۇن بىرگە بولغىنىنىڭ ئۆزى مۆجىزە
11.مەيىن شامالدىكى مۇھەببەت بىرىلگەن نۇمۇر 80
ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ ،ئەمما پۇرسەت بولسىلا بۇلار چىقشىپ قالسا يەنىلا بەختلىك بىر جۈپلەر بولالايدۇ .
12.ئازاپ خالتىسى بىرلگەن نۇمۇر 15
بىر تەرەپ مۇھەببەتكە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدۇ ،قارشى تەرەپكە ئىتىبار بەرمەيدۇ ، بۇنداق مۇھەببەتنى ساقلاپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى قارشى تەرەپنىڭ ئىغىر بىسىقلىقى ۋە سەۋىرچانلىقى .
13.بۇنداق مۇھەببەت بولمايدۇ . بىرىلگەن نۇمۇر 50
ئىككى تەرەپنىڭ قىممەت قارشى ئوخشىمايدۇ ،بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى ،بۇ تەرىپى ئۇلارغا نىسبەتەن بىر يىڭىلىق بولۇپ تۇيىلىدۇ،بىراق ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىققا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ .
14.كىلىشەلمەيدىغانلار بىرىلگەن نۇمۇر 10
ئىككى تەرەپ ئوت بىلەن سۇدەك بىر-بىرى بىلەن كىلىشەلمەيدۇ ،بۇلارنىڭ قانداق بولۇپ بىرگە بولۇپ قالغىنىغا ئادەمنىڭ ئەقىلى ھەيران .
15.قىرىنداشلىق مۇھەببەت . بىرىلگەن نۇمۇر 70
قىز تەرەپنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق ،ھەممە ئىشتا ئوغۇلغا تايىنىدۇ ،ئىشلاردا ئوغۇلنىڭ قارارىغا بويسۇنىدۇ ،قىزنىڭ بۇ خاراكتىرى بەزىدە قارشى تەرەپنى زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ .
16.كۈچلۈك ۋە ئاجىزلارنىڭ بىرىكمىسى بىرىلگەن نۇمۇر 45
ئەر تەرەپ رەھبەرلىك خاراكتىرىگەئىگە، قىز تەرەپ بولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى خالايدىغان ئائىلە ئاياللىرى تىپىدىن .
17.ئايرىلىش مەيدانى بىرىلگەن نۇمۇر 20
ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ ،بۇلارنىڭ ئايرىلىشى ۋاقىت مەسىلىسى ،مۇھەببەتنى ساقلاپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى قارشى تەرەپكە بولغان ئىشەنىچ .
18.بىرجۈپ ھاماقەتلار . بىرىلگەن نۇمۇر 30
ئەگەرئوغۇل كۈن شەرىقتىن چىقىدۇ دىسە قىز ئىككىلەنمەيلا باش لىڭىشتىدۇ ،ئىنىقكى دۇنيادىكى ئەڭ ھاماقەت بىر جۈپلەر ،ئەمما بۇلار بەك بەخىتلىك .
19.خۇدا قوشقانلار بىرلگەن نۇمۇر 95
پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىلھام بىرىپ ،بىر-بىرىنىڭ قەلبىگە كىرىپ تۇرمۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىلا بەخت بۇلارنىڭ بىشىدا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشتىن ئىبارەت .
20.ئالا كۆڭۈللەر بىرىلگەن نۇمۇر 45
مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ ،ئەمما بىر تەرەپنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرسىلا بۇ مۇھەببەتنى قۇتۇلدۇرۇش مومكىن ئەمەس.
21.رەقىپلەربىرىلگەن نۇمۇر 15
ئىككى تەرەپنىڭ بىرگە بولىشى ئالمىنىڭ ئىچىگە چۈشكەن قۇرتقا ئوخشايدۇ ،بۇلارنىڭ بىرگە بولغىنىنىڭ ئۆزى مۆجىزە
22.مۇكەممەل ئاشىقلار بىرىلگەن نۇمۇر 85
قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىپلا قالسا ئۇنىڭ مول بىلىمى ۋە ئەتراپلىق تۇرمۇش قارىشى تەرىپىدىن ئەسىرقىلىنىدۇ،شەرتسىزلا قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ .
23. قانچە بۇرۇن ئايرىلساڭلار شۇنچە ياخشى بىرىلگەن نۇمۇر 5
ئىككىڭلارنىڭ بىرگە بولىشى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ،ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتىن نەتىجە چىقىشى بەك تەس
24.ساختىپەزلەر بىرىلگەن نۇمۇر 65
ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە راس سۆزلىمەيدۇ ، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ يالغان سۆزلىگىنىنى بىلىپ قالغان ھامان مۇھەببەت شۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ .
25.سىرداش دوسلار بىرىلگەن نۇمۇر 15
ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇھەببەت دىيىشكە بولمايدۇ ،ئۇلار پەقەت ياخشى دوسلا بولالايدۇ ،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىر ئىستاكان قايناقسۇغا ئوخشايدۇ ،ھىچقانداق تەم ۋە ھىچقانداق رەڭ يوق.
26.ئىلىشمىغىچە تىپىشماس بىرىلگەن نۇمۇر 65
ئىككى تەرەپ كۆرۈشسىلا ئۇرۇشىدۇ ،قانچە ئۇرۇشقانسىرى بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى شۇنچە چوڭقۇرلايدۇ ،ئەمما ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىشى كىرەك .
27.ماسلاشقانلار بىرىلگەن نۇمۇر 85
ئىككى تەرەپ مۇھەببەتتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ھەمرالار ،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ،ئۇلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۇقىدۇ،بىر-بىرىنىڭ مۇۋاپپىقىيتىدىن خۇشال بولىدۇ .
28.بىر جۈپ سەپرالار . بىرىلگەن نۇمۇر 30
ئىككى تەرەپ بىرگە بولسىلا ئۇرىشىدۇ ،بەزىدە ئۇرۇشقاندا ئىغىزى يىتىشمىسە مۇش،پەشۋالىرىنىمۇ ئىشقا سالىدۇ،كەيپىياتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ.
29. كىلىشىش تىپىدىكى مۇھەببەت بىرىلگەن نۇمۇر 60
مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە يول قويىدۇ ،ئۆزئارا كىلىشىشنى ئۇقىدۇ ،لىكىن دىققەت قىلمىسا ئۈچ بۈرجەكلىك مۇھەببەت شەكىللىنىپ قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.
30.ئامراق بىر جۈپلەر بىرىلگەن نۇمۇر 80
سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارغا باشقىلارنىڭ پىكىرى بولىشى مومكىن،ئەمما سىز شىرىن مىنۇتلاردا مىنۇت -سىكۇنىتنى تۇتۇپ مۇھەببەتتىىن بەھىرلىنىڭ . |
|