كەپتەرۋازنىڭ ھېكايىسى
(ئۆرۈكجان)
(ئىلاۋە: مۇشۇ يېقىندا «ئادەم ۋە تەبىئەت» پىروگراممىسىنى تولا كۆرۈۋېرىپ ، شەخسەن ئۇچار -قۇش ھايۋاناتلارغا قىزىقىپ قالدىم.
بەلكىم توردىمۇ شۇلار توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەككە قىزىقىپ قالدىغانلارمۇ چىقىپ قالار... )
يەھ، يەھ، كەپتىرىم، يەھ، يەھ...
رىزقىم تار دېمەي، يەك يەھ.
دېنىڭنى بەرگىنىم ھەققۇ،
غېمىمنى ئاز ئەمەس بەك يەھ.
[align=justify] ئېسىمنى بىلسەم بوۋاملار چامدىسا ئالتە چامدام ئاران كېلىدىغان تارچۇق ھويلىسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىمۇ ئالا قويماي ئېگىز-پەس كاتەكلەرنى سېلىپ،كەپتەرلەرگە دان چېچىپ يۈردىكەنتۇق.ھەر قېتىم يوقلاپ بارغىنىمىزدىمۇ بوۋامنى خېلى بەك ئېڭىشمىسە شەللەڭگە ئۈسۋالغۇدەك پاكار كاتەكتىن تېپىۋالاتتۇق-دە ،«كەپتەرۋاز! كەپتىرى ئاز!»دەپ توۋلاپ ئەتەي چىشىغا تېگەتتۇق. بوۋامنىڭ ئەكىسچە ،دادام كەپتەر بىلەن پەقەتلا خوشى يوق ئىدى. ھە دېسىلا بوۋامنى مەسخىرە قىلاتتى.
-ۋايجان !،-دەيتتى دادام ئۆگزىدە كەپتەر ئۇچۇرۋاتقان بوۋامغا قاراپ ،- كەپتىرىڭنىڭ پىتى چاقتى!
مۇنداق چاغدا بوۋاممۇ بوش كەلمەيتتى-دە ،ياندۇرۇپ:
-بىر تال كەپتەرنى بېقىشتىن قوققان سەندەك ئۇششۇقنى بىلىپ-بىلمەي چېقىپ قويغان پىتنىڭ جېنىغا ۋاي!،-دەپ تويغۇزۇپ قوياتتى. شۇ سەۋەپمىكىن، بوۋام دادامنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى. ھەمىشە مېنى ئۆز يېنىغا تارتتاتتى -دە قۇلىقىمغا ئېغىزىنى يېقىپ تۇرۇپ:
-كادىر دىگەندە بىر نىمە كام ، ئۇ نىمە؟،- دەپ سورايتتى. بۇنداق چاغدا نىمە دىيشىمنى بىلمەي ئەركىلەپ تۇرۇپ:
-نىمە كامدۇ؟،-دەپ يېنىشلاپ سورايتتم. بوۋام-زە ھاسسىسىنى سىلكىپ تۇرۇپ :
-ئىنساپ كام ،ئىنساپ! ،- دىگىنىچە بىر مۇنچە قايناپ كېتەتتى.
ئادەتتە، چىرايىم ،بوي تۇرقۇم بوۋامغا ئوخشىغاچقىمۇ، كۆرگەن-بىلگەنلەر«ھوي، سەن ھېلىقى ھۈسەن كۆكنىڭ بالسىمۇ؟!»دەپ سورىشىپ كېتەتتى. ئەمما راسىتنى-راسىت دەپ كۆنۈپ قالغان مىجەزىم بىلەن «ياق،مەن نەۋرىسى» دەپ جاۋاپ بېرەتتىم-دە ،غىپلا قاچاتتىم. ئۇلارزە ئارقامدىن «ھە، قاسىم قۇرۇقنىڭ ئوغلىكەندە....»دىيشىپ قالاتتى.
دادامنىڭ دىيىشچە بوۋام ئالتە ياش چېغىدىلا كەپتەر باققانمىش. باققاندىمۇ كېچە -كۈندۈز دىمەي مېھرى -مۇھەببىتىنى ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان كاتەكلەرگە ۋە بازارغا ئېپ چىقسا ئۈچ سومغىمۇ يارىمايدىغان كەپتەرلەرگە ياققانمىش. مەكتەپ يېشىغا توشقاندا «كۆكتىكى كەپتەرلىرىمنى سانايمەن »دەپ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ،يەتتە يېرىگە دەز كېتىپ ئوقۇشتىنمۇ قاپتىكەنمىش. شۇ تەرىقىدە كەپتەر بېقىۋېرىپ يېشى خېلى چوڭ بىر بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ ئەل-ئاغىنە بوپتىكەنمىش. بېرىش-كېلىش راسا ئاينىغان چاغدا ،ئۈچ جۈپ كەپتەر بەدىلىگە ئاشۇ ئاغىنىسىنىڭ چوڭ قىزىنى نىكاھىغا ئاپتىكەنمىش. (يەنى ھازىرقى مومام بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپتىكەنمىش)
كىچىكىدىن تارتىپ كۆك كەپتەرنىلا بېقىپ ئادەتلەنگەچكىمۇ ياكى ئاچچىقى يامان تەرساراق مىجەزىگىمۇ قانداق، خەقلەر ئۇنى «ھۈسەن كۆك» دەپ چاقىردىكەنمىش.
ئەمما دادام، كىچىكىدىنلا بوۋامنىڭ كەپتەرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە سېتىپ خەجلىگەننى ئاز دەپ، شۇنچە چوڭ ھويلىمىزغا بىرەر تال قوي ،ياكى بىر تال توخۇ سولىمىغاچقا خەقلەر ئۇنىڭ ئارقىدىن «قاسىم قۇرۇق»دەپ لەقەم قويۋاپتىكەنتۇق.
(1)
[align=justify] -كەپتەر دىگەن بەرىكەت!،-دەيتتى بوۋام ئۈستى بېشى كەپتەر تۈكىگە مىلانغان ھالدا كاتەكتىن چىقىپ،-كەپتەر ئاينىسا،ئۆي خاتىرجەم بولىدۇ. توزۇپلا كېتىدىكەن ...ئائىلىگە بالايى -ئاپەت ياغىدۇ. شۇڭلاشقا،كەپتەر باققان ئادەم ياخشى بېقىش؛ باقالمىسا ۋاقتىدا قول ئۈزۈش كېرەك.
بىز ئۇنىڭ گەپلىرىگە مېيغىدا كۈلۈپلا قوياتتۇق. بۇنداق چاغدىزە بوۋام يەنە چۈشەندۈرەتتى:
-سىلەر بىلمەيسىلەر، ھازىر خەقنىڭ ھەممىسى ئۆز كەپتەرلىرىنى ماختىشىدۇ. ئالا-قاغا دەمدۇ، كۇلى كەپتىرى دەمدۇ...ئىشقىلىپ تولا چاڭلىشىپ ئۆز نەسلىنى بىلەلمەي يۈرۈشكەن كوچىدىكى شور-پېشانىلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالا -بۇلماچ بىر نىمىلەرنى كۆككە كۆتۈرشۈپ كېتىشىدۇ. ھىم، ئاتا-بوۋىمىزدىن تارتىپ كۆك كەپتەرنى بېقىپ كېلۋاتىمىز مانا. ھازىرقى بەڭۋاشلار قەدرىنى بىلمەيدۇ-دە ،-دىگىنىچە ئاسمانغا بوينىنى سوزۇپ قوياتتى. گاھىدا ھەممە نەۋرىلەرنى يېتىلەپ كاتەككە باشلاپ ئەپكىرەتتى -دە، ئۇچۇرتما بولاي دىگەن ۋىچ-ۋىچ باچكىلارنى كۆرسىتىپ ،باشلىرىغا قوندۇرۇپ چاچلىرىنى ،پاكىزە كىيىملىرىنى كەپتەر مايىقىغا مىلەپ ئەپچىقاتتى. ئۇلارنى كەپتەر بېقىشقا قىزىقتۇراتتى. ئوغۇللىرىنىڭ كەپتەر باقمىغىنىغا ئاغرىنىپ بىزگە چېقىشتۇراتتى-دە ،«ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئەقلى بولغىنى بىلەن، يەنە بىر نىمىسى كەممىكىن دەيمەن»دىگەن گېپىنى دائىما تەكرارلايتتى.
بىراق،بوۋامنىڭ بۇ قىلىقلىرى مومامغا پەقەتلا ياقمايتتى.ھەر قېتىم يوقلاپ بارغىنىمىزدا «بوۋاڭلارغا تەربىيە قىلىڭلار، قېرىغاندا ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشسە قانداق قىلغۇلۇق؟ ھەي...»دەپ ئاھ ئۇراتتى.چېڭىغا چىققاندا ئۇرۇشۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغدىزە بوۋام،مومامغا قېيداپ يەكشەنبە بازىرىدا ھەممە كەپتىرىنى سېتىۋاتاتتى. ئاچچىغى يانغاندا بولسا ...قايتا سېتىۋالاتتى.
بوۋامنىڭ يەنە كەپتەر بېقىۋالغىنىنى كۆرگەن مومام زەردە بىلەن:
-ئېيتسىلا قېنى؟! بۇ بىر نىمىنىڭ ئارزۇلاپ كەتكۈدەك قانچىلىك مېھرى بار زادى؟،- دەپ بوۋامغا دوق قىلاتتى. بوۋام ئەپچىللىك بىلەن :
-ئويلاپ باقسام سېنىڭ بىلەن توي قىلغىلى يېرىم ئەسىردەك بوپتۇ. ئاشۇ 50 يىلدىن ياقى بىرەر قېتىم ئاسماندا ئۇچۇپ باقتىڭمۇ؟،- دىگىنىچە مومامنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قوياتتى.
(2)
[align=justify] ھېلىمۇ ئېسىمدە، بوۋامنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ كېسەلخانا تورۇسىغا قادالغان نۇرسىز كۆزلىرىدىن سىرغىغان ياشلىرىدىن ھاياتقا ...ياق،ياق... بىزگە تارتىشۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. چوڭلار سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئۇ ماڭا قاراپ ئاچچىق كۈلۈمسىردى ۋە خىرقىراپ تۇرۇپ:
-ئەقىللىق بالام،بىلىمەن، مەن ئەمدى يىراققا كېتىمەن، ئەمما ئىچىم ئاغرىيدۇ...ئىچىم ئاغرىيدۇ...،- بوۋام شۇنداق دىگىنىچە تۆت ئەتراپقا تەكشى قارىۋېتىپ ،- كەپتەرلىرىمنى ساڭا تاپشۇراي، سېتىۋەتمىگىن. ئۇلارنى ئاسرا... ئىشقىلىپ مۆشۈكلا يەپ كەتمىسە، داداڭ بىلەن ئاپاڭنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قۇتۇلالايسەن...خۇددى مەندەك...
بۇ بوۋامنىڭ ماڭا قىلغان ئاخىرقى سۆزى بوپ قالدى. .. ئۇزاق ئۆتمەيلا چوڭ ئۆيدە كەپتەر توغۇرلۇق دەتالاشلار يېغىپ كەتتى.
-سېتىۋېتەيلى !،-دەيتتى مومام رەھىمسىزلەرچە .
-توغرا، بۇنداق جانغا ئەز قاتمايدىغان بىر تۇتام تۈكنى يوقاتساقمۇ يوقىتايلى ،-دەيتتى داداممۇ مومامغا ئەگىشىپ. ئەمما بوۋامنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى كاللامدىن ھېچ كەتمەيتتى. كەتمىگەنچە داداملارغا قارشى ئوتتۇرغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم.
-ياق! سېتشقا بولمايدۇ! بوۋام ھايات بولغان بولسا ئۇلارنى چوقۇم باقاتتى. سىلەرچە كەپتەرنى سېتىۋەتسەڭلار، بوۋامنىڭ روھى خوش بولارمۇ؟ ھېلىمۇ ئۆيدە پاكىزە جانىۋارلارنى پۈتۈنلەي سېتىپ تۈگىتىپ، يا قەدرىنى بىلمەي؛ بەتبەشرىلىككە تولۇپ كەتكەن ،تەييارتاپ پىستىلەرنى؛ ئوغرى مۆشۈكلەرنى گۆش بېرىپ ،ئەتىۋارلاپ بېقىپ يۈردىكەنسىلەر، ئەمما ...ئاشۇ ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك كىچىككىنە قورسىقى بار قۇشلارغا چاچقان بىر چاڭگال قوناققا شۇنچىلىك ئاغرىندىكەنسىلەر. ئىشقىلىپ بۇ كەپتەرلەرنى ئۆزۈم باقىمەن!
-باققىڭ بولسا قوناققا چۇشلۇق پۇل تېپىپ ئاندىن باق!
-ماقۇل، مەن سىلەردەك ئايلىقچى بولمىساممۇ ، يوللاردىن بوتۇلكا تېرىپ سېتىپ بولسىمۇ چوقۇم باقىمەن!
-ئوغال بالا! بولسا مەكتەپكە بارماي باق! يوتقىنىڭغا سولاپ باق! ئاغزىڭ بىلەن دان بېرىپ باق! ...
ھەش-پەش دىگۈچە ھويلىنىڭ بىر بۇلىڭىغا ئەپچىل بىر كاتەك ياساپ چوڭ ئۆيدىكى كەپتەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەكىلۋالدىم. ئۇزاققا قالماي بۇ كەپتەرلەر باچكا چىقارغىلى تۇردى. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى نىمىشقىكىن، مەنمۇ بوۋامغا ئوخشاش ئۇلارغا خۇمار بوپ قالغاندەك، مەكتەپكە ماڭساممۇ، كەلسەممۇ كاتەككە كىرىپ كەپتەرلەر بىلەن مۇڭدىشىدىغان بوپ قالدىم.
- ھە، سەنمۇ تۇخۇم قويۇپسەندە ،-دەيتتم سېۋەت ئىچىدە تۇخۇم باسقان بىر كەپتەرنى تۇتۇپ،- سەنغۇ بىلەن كەپتەر، ئەمما باچكىلىرىڭ بەك ئورۇق. ئىشقىلىپ داننى قەيەردىن تاپارمەن دەپ ئەنسىرمە، خەقنىڭ ئۆگزىسىگىمۇ دەسسمە. خۇدايىم بار ھەممىگە.
گەپلىرىمنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالغان دادام قۇلىقىمدىن تۇتقىنىچە ئۆيگە ئەكىرىپ كېتەتتى -دە، باياقى گەپلىرىمنى ئاپامغا ئېيتقاچ راسا مەسخىرە قىلاتتى. توۋا دىگىنىچە ياقىلىرىنى چىشلەيتتى.
(3)
[align=justify] يىللار ئۆتۈپ يېشىممۇ خېلى چوڭىيىپ قالدى. تىزىلىپ كەتكەن بىر قاتار دېپلوملىرىمغا يارىشا خىزمەتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. زېرىكىشلىك كۈنلەردە يەنىلا كەپتەرلىرىم ئەزقاتاتتى. گاھىدا كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى بويلاۋاتقاندەك چەكسىز سامالاردا ئەركىن ...ناھايتى ئەركىن ئۇچۇپ بەرسە؛ گاھىدا بوۋامنىڭ تىلىدا سۆزلەۋتقاندەك ئۈنلەپ بېرەتتى. ھويلىمىزغا كىرگەن ئادەم ،ئۆگزىدىكى، باراڭ ئۈستىدىكى ، پېشايۋاننىڭ گىرۋىكىدىكى، يەردىكى دانلاپ يۈرگەن نۇرغۇنلىغان كەپتەرلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالاتتى -دە ، ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ ئۇزاق-ئۇزاق قاراپ كېتەتتى. گاھىدا «مەنمۇ بېقىپ قويايچۇ» دىگىنىچە دادام-ئاپاملارغا يالۋۇراتتى.
قېرىشقاندەك، يانچۇقۇمنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقانچە مەنمۇ ئۇلارغا دان ئۈلگۈرتۈپ بولالماي بىر قىسىملىرىنى سېتىش نىيىتىدە كەپتەر باھاسىنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن يەكشەنبە بازىرىغا چىقتىم.
كەپتەر بازىرى رەستىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، كەڭرى كوچا لىققىدە ئادەم بىلەن تولغانىدى. كىچىك ماشىنا ئېگىلىرىمۇ، موتۇسىكىلىت مىنۋالغانلىرىمۇ ھەتتا ئېشەك يېتلىۋالغانلارنىڭمۇ قوللىرىدا كەپتەر تۇراتتى. چوڭ كىچىك قەپەز، سېۋەت ۋە قەغەز يېشىكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولىشىپ تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدا قېرى مويسىپىتلەردىن تارتىپ ،كىچىك گۆدەكلەرگىچە بار ئىدى.
مەن كاستىيۇم بۇرۇلكا كىيۋالغان بىر توپ كىشلەرنىڭ ئارىسىغا قېتىلدىم. بۇدۇر چاچ ،قويۇق بۇرتلۇق بىر يىگىتنىڭ قولىدا قاپقارا بىر كەپتەر ئىككى يانغا تىركىشىپ تۇراتتى. ئۇ كەپتەرنىڭ بوينىنى سىقاتتى -دە، كۆزىگە سىنچىلاپ قارايتتى. (بەلكىم ئۇ ، كەپتەرنىڭ چىشى -ياكى ئەركەكلىكىنى ئۇقماقچى بولسا كېرەك) شۇ ئارلىقتا قالپاق كىيۋالغان بىر كىشى ئۇنىڭغا قاراپ:
- راۋرۇس كەپتەرنى تۇتتۇڭ جۇمۇ ئۇكا، بۇ كەپتەرنى ئىچكىردىن كەلتۈرگەن. ئىشقىلىپ، يىگەن دانغا چۇشلۇق ياشايدۇ ئۇ. يىگىت بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
-قانچە پۇل؟،-دەپ سورىۋېدى، كەپتەرنىڭ ئېگىسى قوقماي تۇرۇپ:
-200 سوم !،-دەپ باھا قويدى. يىگىت ئىچ-يانچۇقىدىن 150 يۈەننى تەڭلىۋىدى كەپتەر ئېگىسى غىڭشىپ تۇرۇپ ئاران بەردى.
كىشلەر توپىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، يوغان بىر قەپەستە نۇرغۇنلىغان كۆك كەپتەرلەرنى كۆرۈپ قالدىم-دە، قەپەز تۈۋىدە موخۇركىغا ئوت تۇتاشتۇرۋاتقان بىر كىشىدىن سورىدىم.
-كەپتەرنى قانچە پۇلدىن ئېلۋاتىسىلەر؟
-10 سوم.
قۇلىقىمنى بىر كوچىلۋېتىپ يەنە سورىدىم.
-قانچە؟!
ئۇ سەل ئاچچىقى كەلدىمۇ كۆزۈمگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
-ئون سوم دېدىم!، -دېدى قوپاللىق بىلەن.
ھەيرانلىقتا يەنە سورىدىم:
-ئاۋۇ يەردە بىر تال كەپتەرنى 150 سومغا ئالغانلىقىنى كۆردۈم، ئەمما سىز 10 سومنىڭ گېپىنى قىلۋاتىسىز.
ئۇ تېخىمۇ تېرىكىپ:
-كەپتىرىڭ پوچتا كەپتىرى بولسا؛ ئىچكىردىن كەلتۈرۈلگەن بولسا؛ قانات-قويرۇقتا تامغىسى؛ پۇتىدا ھالقىسى بولسا ...قىممەت ئالدىغان گەپ. سېنىڭدىكىسى ھەقاچان رېستۇراندا ئارانلا بىر تەخسە سەيگە يارايدىغان كۆك كەپتەردۇ شۇ.
بۇ گەپ جېنىمغا تەگدى. ئەجابا بوۋام «بۇ كەپتەر بەك ئەتىۋار پوچتا كەپتىرى. خېلى يەرلەردىن قېچىپ كېلەلەيدۇ..»دىگەن سۆز يالغانمىدۇ؟ چۈشنىكسىز خىيال بىلەن ئۆيگە قايتتىم. كېلەركى يەكشەنبە تەۋەككۇل قىلىپ 50 تالچە كەپتەرنى بازارغا ئېلىپ چىقتىم. ئەمما ،كەپتەرلىرىمدە ھېلىقى كىشى ئېيتقاندەك ھالقا دەمدۇ، تامغا دەمدۇ ھېچ قانداق رەسمىيىتى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ كەپتەر بازىردىكىلەر قەپەز تۈۋىگە گۈررىدە ئولاشتى-دە، بەس مۇنازىرىگە كىرىشىپلا كەتتى.
-ھۈسەن كۆكنىڭ شىنگىرلىرىكەن بۇ،-دېدى بىر ساقاللىق بوۋاي كەپتەردىن بىرنى قولىغا ئېلىپ،- ئىشقىلىپ رەھمەتلىكنىڭ كەپتەرلىرىنىڭ ئۆرىسى ياخشى جۇمۇ.
بوۋاينىڭ سۆزى تۈگىشىگە، چېچىنى يېڭىلا بوياپ ،قۇلاق ئارقىنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالغان؛ ئاق پىشماق ،خۇرۇم چاپان بىر يىگىت مەغرۇر قىياپەتتە:
-ھىم! ھۈسەن كۆكنىڭ شىنگىرى دەڭ، تېخى ھەممىسلا كۆك! تۇرقىدىن كۆك رەڭگە مىلىۋەتكەن پاختەككىلا ئوخشايدىغان نىمىلەركەن بۇ!
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپ ئەتراپتىكىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەمدى سۆزلەش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندەك تۇراتتى.
-سېنىڭ كەپتىرىڭ قانداق كەپتەر؟ ھەقاچان قورسىقى ئاچسا ھوردا پۇشۇرغان گۈرۈچ يەپ ، ئۇسساپ كەتسە چوشقا سۈتى ئىچىپ ئەي بولغان ماڭنۇر كەپتەردۇ شۇ!
خەقلەر كۈلۈپ بولالماي يىقىلىپ قېلىشتى. بايىقى يىگىت ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى -دە ، ئۆزىنى سەل-پەل ئوڭشىۋېلىپ:
-تولا يوغان سۆزلىمەي ، مۇسابىقىگە سېپ باقايلى ئۇ پاختەكلىرىڭنى! مەنمۇ سالىمەن. مۇساپىسى 300 كېلومېىتىر بولسۇن. قېنى ئەكەك، جۈرئەت قىلالامسەن؟!
كىشلەرنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى. خىيالىم چاقماق تىزلىكىدە بوۋامنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلىدىم.« كۆك كەپتەرنىڭ تارېخى بەك ئۇزۇن. مەن چوڭ بولسام مېنىڭ بوۋاممۇ مۇشۇنداق كۆك كەپتەر باقىدىكەنتۇق. ئىشقىلىپ ئۆز يۇرتىدىن چىققان جانىۋار ئۆز ئېگىسىگە چوقۇم يۈز كېلەلەيدۇ...» ھېلىقى يىگىت خىيالىمنى بۆلۋەتتى.
-ھە، گەپ قىلمايمىزغۇ؟! ئەۋال مۇشۇنچىلىكمىتى؟
-ھىم! كىم شۇنداق دەيدۇ؟ قېنى قانداق مۇسابىقىلىشىمىز؟
ئۇ قوينىدىن بىر تال چار كەپتەرنى ئالدى-دە، ئەتراپتىكى كىشلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-قېنى خالايىق قاراڭلار! مەن چەتئەلدىن كەلتۈرۈلگەن ماۋۇ پوچتا كەپتىرىمنى مۇسابىقىگە سالىمەن. بۇياق بولسا ئۆزىنىڭ ئېشىكىدە چىققان ئىپتىدائىي كۆك...نىمىسى..؟ ھە، كۆك بۈركۈتىنى قاتناشتۇردۇ.ئايھاي، ئەگەر قايسىمىزنىڭ كەپتىرى بالدۇر كەلسە ،شۇ ئۇتقان بولدۇ. جازاسى قولىغا بىر تال ئاياق سۈرتكۈچ ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئايىقىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ 50 كەپتەر تاپشۇردۇ ۋە «ئاكا، مېنى كەچۈرۈڭ. مەن ئالدىڭىزدا ئاتىكارچىلىق قىلىپ قويۇپتىمەن »دەپ كەچۈرۈم سورايدۇ. قېنى كېلىشتۇقمۇ؟!
ئەتراپتىكىلەر ئالا-سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ ھېجايغىنىچە باشلىرىنى ماڭا بۇرىدى. ئەمەليەتتە بۇنداق شەرتنى ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. بۇ قىلمىش قىمارۋازلىققىمۇ يېتىپ قالاتتى. مۇبادا يېڭىلىپ قالسام 50 كەپتەرنىغۇ بېرەرمەن، ئەمما، بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئوقۇغۇچى؛ كوچىلاردا لەيلەپ يۈرگەن بىرىگە يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئايقىنى سۈرتۈپ قويۇش ئەرزىمدۇ؟ ئەمما ... ئۆزىنى، قەلبىنى غەرىبلەشتۈرۋەتكەن بىر روھنىڭ، ئاشۇ روھنى ماڭىلا ئەمەس ، باشقىلارغىمۇ تاڭماقچى بولۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالمايتتىم.
قەپەز ئارسىدىن قېنىق كۆك رەڭلىك بىر كەپتەرنى تۇتۇپ بەردىم-دە، يۇقارقى شەرتكە كۆندۈم. قەرەلى 10 كۈنگە توختالدى.
(4)
[align=justify] كەپتەر ئاقسۇدىن قويۇپ بېرىلدى. نىمىشقىدۇر يۈرۈكۈم ئەنسىز دۈپۈلدەيتتى. ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ، قورسىقىممۇ ئاچمايتتى. خۇددى ئاشۇ ئاسماندا كەپتەر ئەمەس، ئۆزۈم ئۇچۋاتقاندەكلا...
چۈشلىرىمدە ...ھېلىقى كەپتىرىم قاپقارا بۇلۇتلۇق ئاسماندا ناھايتى ئېگىز ئۇچاتتى... غۇر-غۇر چىققان شامالغا قاناتلىرىنى زەردە بىلەن ئۇراتتى. چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئالدىغا قاراپ شۇڭغۇيتتى.
ئۇنى لاچىنلارمۇ ئۈركىتەلمەيتتى. ئۇ شۇنداق ئۇچاتتىكى سىم -سىم ياغقان يامغۇرلار ئۇنى توختىتىپ قويمايتتى...
بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ھېچ قانداق خەۋەر يوق ئىدى. بەلكىم كەپتىرىم باققان ئېگىسىنىڭ رەھىمسىزلەرچە يىراق بىر يەرگە تاشلاپ قويغانلىقىغا كۈرمىڭ لەنەت ئوقۇۋاتقاندۇ. ۋەياكى غورۇر بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ئەقىدە ئۈچۈن ھارغان قاناتلىرىنى ئالدىغا تاشلاۋاتقاندۇ...
يەنە بىر كۈنمۇ ئۆتتى. قارشى تەرەپتىنمۇ ھېچ قانداق خەۋەر يوق ئىدى. شۇ كېچە يەنە چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە كەپتىرىم كەچ كىرگىچە ئۇچۇپ چەت ياقىدىكى بىر ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چۈشكۈدەك. تۆت ئەتراپقا تەكشى قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتكۈدەك...شوتىغا يامىشىپ چىققان بىر قانچە مۆشۈك كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىقىنىچە، تۆت تەرەپتىن شەپىسىز كەپتىرىمگە قاراپ يېقىنلىىشىپ كېلۋېتىپتۇدەك. ... كەپتەر پەقەتلا كۆزىنى ئاچمىغۇدەك...بىر تاغىل مۆشۈك پايلاپ تۇرۇپ بىر ئېتىلىشىغا «پەش!!!»دىگىنىمچە ئويغىنىپ كەتتىم.
يا رەببىم، مەن نىمانچە ئەخمەق ۋە رەھىمسىز؟
بىر ئىنسان ئۆز غورۇرى ئۈچۈن بىر قۇشنى قۇربان قىلش ۋە پۈتكۈل ئىناۋىتىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرى تېڭىش...
كەپتەر كەلمىگەنچە ئەل-ئاغىنە، تونۇش-بىلىشلەر بېشىمنى ئاغرىتقىلى تۇردى.
- 300 كېلومېتىر دىگەن ئاز گەپما؟،- دەيتتى ئۇدۇلدىكى خوشنام،- سىز بەك قارامكەنسىز ئۇكام. ئۇنىڭ كەپتىرى دىگەن ئىچكىرنىڭ دەمدۇ، چەتئەلنىڭ دەمدۇ ، ئىشقىلىپ داڭلىق بىر كەپتەرمىش. ھازىر دىگەن قايسى دەۋىر؟ ھەممە نەرسە كۈنسىرى يېڭىلىنىپ تۇردىغان گەپ. مەدەنيەت ئالمىشىپ تۇردىغان گەپ. خۇددى باچكىسى بار كەپتەر دانلاققا كۆپ ماڭغانغا ئوخشاش.
بېشىم ئاغرىغانچە ئۇلارنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى.
-ياخشى گەپ قىلدىڭىز ئاكا. سىز باچكىنى خوتۇن -باللىرىڭىزغا ئوخشاتسىڭىز، ئۆزىڭىزنى باچكا باقىدىغان كەپتەر دېسىڭىز. ئۇلارنى بېقىش ئۈچۈن...قەشقەردە بولسىڭىز ھىندىستانغا؛ ئالتايدا بولسىڭىز روسىيەگە؛ چەرچەندە بولسىڭىز بېنگالغا چىقىپ دانلاپ كەلسىڭىز بولغۇدەكتە؟!
خوشنام گېپىمنى بىر چۈشىنىپ-بىر چۈشەنمەي ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر غودۇرغىنىچە چىقىپ كەتتى.
3-كۈنى تاڭ سەھەر.
كۆزۈمنى ئېچىپ ھېلىقى كەپتەرنى خىيال قىلىپ ياتاتتىم. كۆڭلۈم نىمىشقىدۇر ھويلىغا تېزراق چىقىپ بېقىشقا ئالدىرتتاتتى. ساپما كەشنى سۆرەپ ھويلىغا چىقىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئوڭ پۇتىغا قىزىل لاتا بىلەن بەلگە قىلىپ قويغان كۆك كەپتەر ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى. تۈكلىرى سەل-پەل پاخپىيىپ كەتكەن بولۇپ ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئورۇقلاپ قالغاندەك تۇراتتى. تۇرۇپلا ھاياجىنىمنى باسالماي ۋارقىرۋەتتىم:
-كەپتۇ!!! قارا دۇنيا ، مېنىڭ كەپتىرىم كەپتۇ!!! خەق نەزىرىنى سالمايدىغان كۆك كەپتىرىم كەپتۇ! خۇدايىم كەپتىرىمنى ئېۋەتىپتۇ!!!
دادام-ئاپاملار ھاپلا-شاپلا كېلىپ ئېغىزىمنى ئېتىۋالدى.
-ساراڭ بولدۇڭمۇ؟! نىمە ئالچوقا توۋلايسەن؟!
-ھا...ھا...ھا....سىلەر چۈشەنمەيسىلەر! كەپتۇ...مېنىڭ غورۇرۇم مېنى ئىزدەپ كەپتۇ... ئۇ... ئۆز ئانا زىمىنغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن كەپتۇ...
(5)
[align=justify] كەپتەرنى كۆتۈرۈپ گۇۋاھچىلارنىڭ قېشىغا يۈگۈردۈم. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن بىر -بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ يەكشەنبە كۈنىنى كۈتۈپ تۇردۇم.
كەپتەر بازىرى بۈگۈن تولىمۇ يېقىشلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. كىشىلەر ،كەپتەرلەر ...ئاۋۇپ قالغاندەكلا.
كىشىلەر قەپەزگە سولاپ قويۇلغان ھېلىقى كەپتىرىمنى قولىغا بىر -بىرلەپ ئېلىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشى بىلەن تەڭ ،باھاسىمۇ تەڭ ئۆسۈپ بىر دەمدە ئۇمۇ 150سومغا يېتىپ قالدى. ئەمما ھېلىقى خۇرۇم چاپان ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.
-نامەرت!،-دېدى تونۇشراق بىر بوۋاي،- توۋا دەيمەن، كەپتەرنىڭ ئۆرىسى ياخشى چىققاندەك ، ئادەمنىڭ ئۆرىسىمۇ ياخشى چىقىدىكەن. رەھمەتلىك ھۈسەن كۆك مەرت ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ باللىرىمۇ ئۇنى دوراپتۇ.
ئىشتان بېغى ئارقىغا ئۆتۈپ قالغان بىر قىسىم سولتەكلەرلا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتنى... بىر ئەمەس، پۈتكۈل خالايىقلار ئالدىدا ئاشكارلاپ مانا مۇشۇنداق رەسۋا بولىدۇ...تۈفىي!
كەپتەرنى سېتىشقا كۆزۈم قىيماي يۈزلۈرۈمگە يېنىش-يېنىشلاپ سۈرۋەتكەندىن كىيىن، كۆككە قاراپ ئاتتىم:
-ئۇچە كەپتىرىم ئۇچ! بار كۈچۈڭ بىلەن ئۇچ! مانا بۇ چەكسىز ساما پەقەت ساڭىلا مەنسۈپ!