كوللىكتىۋىزىم ۋە مۇستەقىل ياشاش
ئاپتورى: تاشقىنجان
تۇرمۇشنىڭ ئۆزى يەككە يېگانە ئۆتكۈزگىلى بولدىغان نەرسە ئەمەس. بىز تۇغۇلغاندىلا كوللىكتىپقا تەۋە بولغان.ئائىلنىڭ ئۆزىمۇ بىرئاددى كوللىكتىپتىن ئىبارەت. ناۋادا سىز جاھىللىق قىلىپ يەككە يېگانە ياشايمەن دېسىڭىز ئۇ ھالدا ئىپتىدائى ئادەملەردەك ئورمانلىقلاردىن ئورۇن ئېلىشڭىز ياكى قۇتادغۇبلىكتىكى ئودغورمىشتەك پىنھان بىر جايدا ئىستى قامەتتە ئولتۇرشىڭىز كېرەك. ناۋادا سىز بەك ئىقتىدارلىق بولسڭىز ئۇنداقتا يوغان سۇ ئاستىى پاراخوتتىن بىرنى مەخىپى ياساپ دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ يالغۇز ياشاڭ!
يالغۇز ياشاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پائالىيەت بولغاچقا ھەم كىشلەر ئۇنى ئېڭىغا سىغدۇرالمىغاچقا قوبۇل قىلمايدۇ . ئادەملەر ياشلىق مەزگىلگە قەدەم قويغاندىن باشلاپلا كەلگۈسى تۇرمۇشى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ. بىرەر جۆرىسى بولۇشنى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مۇھەببەت ئەنە شۇ خىل ئىستەكنىڭ تۇرتكىسدە پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئىستەك ھەر بىر نورمال قىز -ئوغۇلدا بولىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ بىر خىل بېقىندلىققا مۇھتاجلىقمىزنى ئاشكارلايدۇ. ماھىيەتتە بۇ كوللىكىتىپلىقنىڭ يەككە يېگانلىقنى بېسپ چۈشدىغانلىقى بولسا كېرەك.لىكىن بىز بۇيەردە دەۋاتقان ھەم ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان نەرسە ھەرگىزمۇ "يالغۇز ياشاش" ئەمەس قانداقتۇر نىكاھ مۇناسىۋتى ،ساداقەت،مۇھەببەت دېگەنلەر ئەمەس بەلكى ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىدىكى تىرىكچلىكتە يولۇقىدىغان مۇستەقىل ياشاشقا بولغان ئارزۇ ۋە شۇ ئاساستا ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇشتەك ياشاش ئۇسسۇلىنى كۆرسىتدۇ. ئادەملەرنىڭ بۇ خىل مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسنى تامامەن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق مۇستەقىللىقتا بىراۋ مىخ –مىخ ئادەملەر ئارىسدا تۇرسىمۇ لىكىن باشقىلار ئۇنى سەن نېرى تۇر،بېرى تۇر دەپ باشقۇرماسلىقى ، ھە دېسلا كۆزىگە كىرۋالماسلىقى،ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى باشقىلارنىڭ مەنستمەسلىكىدىن قەتئىنەزەر قىلۋرىىشى. خەقنىڭ يۈگۈر يېتىم ئىشلىرى ئۈچۈن پاي- پىېتەك بولماسلىقى كېرەك!
بىز پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تەۋە دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشقا تامان ھەقىلىقمىز.بۇنداق دۇنيادا ئۆز-ئۆزىمىزگە خوجايىن بولالايمىز .بۇ يەردە بېھۇدە ۋە تۈپتىن خاتا بولغان كۆز قاراشلار، ئويلار سۈپۈرلۈپ تازلانغان بولىدۇ.ئۇنىڭدا بىز ئۆزىمىزنى بايقشىمىز ئاندىن ھەقىقى ياشىشىمىز كېرەك.بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى بىلمگەچكە ئۆزىمىزنى سەل چاغلايمىز، بەزىلەر تېخى ئۆزىنى كەمستىشتىن يانمايدۇ. "قىلالمايمەن،مۇمكىن ئەمەس،تەقدىرىم كاج" دېگەن سۆزلەر شۇ سەۋەبتىن بىزنى مەغلۇبىيەتكە ئىتتىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ دادىللىقىنى ھەقىقى تونۇپ يەتمەيمىز. بىزنىڭ بىلگىنمىز ۋە دەڭسەپ باققىنمىز ھەقىقى ئۆزىمىزنىڭ يېرىمىغمۇ يەتمەيدۇ. قايسى بىر ئالىم"سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك سىز ئەمەس بەلكى ئىدىيەرىڭىزدىكدەك سىز"دەيدۇ. ئىدىيەرىمىز بىلەن ئوي خىيالمىز ۋە بىز پەرەز قىلغان ئۆزىمىز ھەققىدىكى سەپسەتلەر ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئەمەس. كېينكىسى پۈتۈنلەي پاسسىپ ئاڭدىن ئىبارەت.
ئەمسە نېمشقا ئادەملەر دائىم بۇ خىل تۇيغۇغا ئاۋۋال ئادەتلنىپ قالىدۇ ؟ نېمشقا ھە دېگەنلا ئۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇپ يېتەلمەيمىز؟ ئىنسانلاردىكى روھى غالبىيەتچلىكنىڭ مەنبەسى نەدە؟ ئۇنىڭ پەيدا بولۇشتىكى تۈپ سەۋەب زادى نېمە؟
بۇنى بىز تۇغۇلغان مېنۇتتىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل تۇيغۇلارنى پۈتۈنلەي سىرتقى ئامىللار كەلتۇرۇپ چىقارغان. ناۋادا ئىنسانلار تۇغۇلۇشدىنلا ئاجىز يارىتلغان بولسا، ناۋادا ئىنسانلاردا بۇ بىر خىل ئىرىسيەت خاراكتىرلىك ئاجىزلىق بولسا ھەم بۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولساق ئۇ ھالدا ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك تەرەققى قىلمىغان،ھەم ھازىرقىدەك مول تەنىجلەرنى قولغا كەلتۇرەلمىگەن بولاتتى.
ئادەملەر تۇغۇلۇپ ئاستا-ئاستا چوڭ بولغاندەك، بىزنىڭ ئىدىيەرمىزمۇ چوڭ مېڭىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پەيدا بولىدۇ. ئاڭ بىلەن ھەرىكەت سەۋەب –نەتىجلىك مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئاڭنىڭ قايسى رەۋشتە تەرەققى قىلىشى ھەرىكەت يۆنلىشمىزنى ئۇنىڭ خۇسۇسيتىنى بەلگىلەيدۇ.دەسلەپكى تەربىيەنىڭ ئۆزىلا بىزگە "مەن ئاجىز "دېگەن ئاڭنى بەخشەندە ئەتكەن. لىكىن ھايۋانلار شەپقەتسىزلىك بىلەن بالىلىرنى ،ھايات ماماتلىق تەبىئەتنىڭ قوينىغا تاشلاپ مۇستەقىللككە،باتۇرلۇققا يېتەكلەيدۇ .ئىنسانلار ئارسىدىكى ئايرىلغىلى بولمايدىغان مېھرى –مۇھەببەت ۋە ئائىلە تەربىيسى ۋە ئادەم بولۇش توغرىسدىكى ھەقىقى ئۆزىمىز بولۇشقا ئەمەس،بەلكى جەمئىيەتنىڭ قاملاشمىغان تەرتىپ –تۈزۈملىرىگە،قېلىپلارغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۇلگەن پرىنسپلار بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى كوللىكتىپقا ،ئادەت كۈچىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرغان. بۇنى ھەممەيلەن باشتىن كەچۈردۇق. بۇمۇ بىزنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرىمىزنى كۈچەيتىۋەتكەن. تەبئىيلىك دەرىجسدە ئىڭىمىزغا سىڭدۇرۋەتكەن .شۇڭلاشقا بىز چوڭ بولۇپ مۇستەقىل ئادەم بولغاندىمۇ بۇلار ھەققىدە ئويلاپ باقمايمىز دە ھەممىنى ئۆزىمىزنىڭ تەقدىر پىشانسىدىن كۆردىغان،ئادىل بولمىغان قاراشلارغا ئىگە بولۇپ قالىمىز. بۇلار خۇددى يۇقۇملۇق ۋېرۇستەك بىزنىڭ ئىڭىمىزدا ھامان ساقلىنىپ ھەر قاچان ئىپادسىنى كۆرسىتپ تۇرىدۇ.
بىزنى ئاجىزلاشتۇرغان نەرسە دەل بىز قوبۇل قىلغان تەربىيە بولغان ئىكەن.بىزنى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىپ، مۇستەقىل كۆز-قاراشقا ،ئۆزىمىزگە كەسكىن ھالدا ئىشندىغان ،دادىل ياشايدىغان ھەقىقى ساغلام روھى ھالەتنىمۇ ئوخشاشلا تەربىيە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۇرگلى بولىدۇ. چۈنكى كىشلەرنىڭ ئېڭى ھامان ئىلغارلىققا مايىل،ئۆزگىرىشچان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. كىشلەر ھامان نېمىنىڭ توغرا،نېمنىڭ خاتا ئىكەنلكىنى ، پاسسىپ تۇرمۇش بىلەن توغرا ياشاش يولىنى پەرقلەندۇرەلەيدۇ.
بۇ زەھەرگە خۇمار بولغانلارنىڭ زەھەر تاشلىغىندەكلا تەس بىر ئىش.چۈنكى ئادەت كۈچى بىزگە نېسبەتەن بىر خىل بېسىم،كونا كۆز قاراشلىرىمىز ۋە بىز ئادەتلەنگەن قورقۇنچاقلىق،ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار سەلىبى تەرەپلەر بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش،باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ يولنى باسقانلار ھامان نۇرغۇنلىغان قارشلىقلارغا ئۇچرايدۇ.
تاشقىنجان يازمىسى: 2011.11.18 يېزلدى